|
|
|
|
چىمبۇلاق تورى تەنتەربىيە خەۋىرى : "گۇاڭجۇ خىڭدا خان مادىرىت خەلقئارا پۇتبۇل مەكتىپى" بۇ يىل ئالاھىدە بىر قېتىملىق قۇربان ھېيتنى ئۆتكۈزدى ، دۇنيادا 2- ، ئاسىيادا 1- ئورۇندا تۇرىدىغان بۇ پۇتبۇل مەكتىپىدە ئۇيغۇر ، قازاق ، تۇڭگان قاتارلىق 140 نەپەر مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى شىنجاڭ ئالىمپىيە يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرىكتورى ، پۇتبۇل مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى "ئاتىسى" ئوسمانجان ئەپەندىنىڭ كۆڭۈل سوۋغىلىرى بىلەن بۇ مەكتەپتىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك ۋە ئەڭ كۆڭۈللۈك بىر قېتىملىق قۇربان ھېيتنى ئۆتكۈزدى .
ھېيت نامىزىدىن كېيىن پۈتۈن مەكتەپتىكى 23 مىللەتتىن تەركىب تاپقان 2350 ئوقۇغۇچى ۋە 150 ئوقۇتقۇچى ، تېرنىرلار ئوسمانجان ئەپەندىنىڭ ئېلىپ بارغان كۆڭۈل سوۋغىسى 2500 دانە نانغا ئېغىز تەگدى ، ھەمدە شۇ كۈنى كەچتە ھېيتلىق مەشرەپ ئۆتكۈزۈلدى . مەشرەپ جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار ئوسمانجان ئەپەندى ۋە خانىمى ئېلىپ بارغان تاتلىقلار ، پىچىنە - پرەنىكلەر ، يەل - يىمىش قاتارلىقلارغا ئېغىز تېگىپ كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالدى ھەمدە ، كەينى - كەينىدىن " تاغا ، دادا ، مۇئەللىم ..." دەپ ھەر خىل ئاتاقلار بىلەن چاقىرىشىپ رەھمەتلىرىنى يەتكۈزدى .
ئايرىلىدىغان چاغداھەمدە نەچچە رەت " بىز ئۈچۈن كۆپ جاپا چەكتىڭىز ، ئائىلىمىزنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزدىڭىز ..." دەپ چۇرقۇرىشىپ كۆزلىرى نەم ھالدا بۇ مېھرىبان ئاتىسى بىلەن خۇشلاشتى . خىڭدا پۇتبۇل مەكتىپىدىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلار ئوسمانجان ئەپەندىگە ئوخشاش مېھرىبان ئاتا - ئانىلارنىڭ ۋە ساخاۋەتچى كارخانىچىلارنىڭ قىلغان ئىش ئىزلىرىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ ، ئۇلار خەلقىمىزنىڭ پۇتبۇل سۆيەر مىللەت ئىكەنلىكىنى ، شۇنداق كۆپلىگەن كىشىلىرىمىزنىڭ ئۇلاردىن ئالەمچە ئۈمىدلەرنى كۈتىۋاتقانلىقىنى ھەر دائىم ئېسىدە چىڭ ساقلايدۇ .
بىز ئاخىرىدا چىمبۇلاق تورىمىزغا ۋاكالەتەن دىيارىمىزنىڭ ساخاۋەت ئىشلىرى ۋە پۇتبۇل تەرەققىياتى جۈملىدىن خەلقىمىزنى ھالال ، ئىشەنچىلىك مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن تىرىشىپ كېلىۋاتقان ، يېزا مەكتەپ پىدائىلىرى ئەزاسى ،" مىسران قېزىلىرى " نى ئىشلەپ چىقىرىپ بازارغا سېلىۋاتقان شىنجاڭ ئالىمپىيە يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرىكتورى ئوسمانجان ئەپەندىنىڭ بۇ خالس ئىشىغا ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز ، ياخشى ئىشلىرىڭىز مەڭگۈ داۋاملاشقاي !
ھۆرمەت بىلەن : چىبۇلاق تورى تەنتەربىيە دۇنياسى سەھىپىسى
http://www.qimbulak.cn
|
|
|
|
|
|