مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2377|ئىنكاس: 14

گۈلپەرى (ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دەقيانوس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4803
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 757 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-20 02:57:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

گۈلپەرى

(ھېكايە)

بۇ ھېكايىنى بىر دۇستۇمنىڭ ئۆزىنىڭ بالىلىقى ھەققىدە سۆزلىگەنلىرىدىن ئېلھام ئىلىپ يىزىپ چىقتىم، ھېكايە دەپ يازدىم بەلكىم ھېكايە دىگۈدەكمۇ يازالمىغاندىمەن.


    گۈلپەرى بەش -ئالتە ياشلاردىكى ئۇماق، شوخ قىز ئىدى، بۇلۇپمۇ شوخلۇقى بەكمىۇ ئالاھىدە ئىدى، دائىم ئاجايىپ گەپلەرنى قىلاتتى ۋە قىلغان ئىشلىرى بىلەن باشقىلارنى ھەيران قالدۇراتتى. ئۇ تا بۈگۈنگىچە بۇۋا -مۇمىسى بىلەن يېزىدا تۇراتتى، بۈگۈن ئاپسى كىلىپ ئۇنى شەھەردىكى ئۆيگە ئىلىپ كىتىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا يۇغان كۆزلىرىنى مۇمىسىغا تىكىپ:
-مۇما سىزمۇ بارامسىز؟- دەپ سورىدى.
-بارىمەن قوزام -دىدى مۇمىسى.
-ئەمسە بۇۋامچۇ؟ يەنە بىز باققان قويلار، كۈچۈكۈمچۇ ئۇلارمۇ بارامدۇ؟- دەپ سۇئاللارنى ياغدۇرۋەتتى.
مۇماي بولسا كۆزلىرىگە ياش ئىلىپ، ھەممىسىنىڭ بارىدىغانلىقىنى، لىكىن ھازىر بارسا بولمايدىغانلىقىنى بىر قانچە كۈندىن كىيىن بارىدىغانلىقنى ئېيتتى.
-ئەجەپ ياخشى - دىدى گۈلپەرى خۇشال تاقلاپ- سەكرەپ - ئەركىن دىگەن ماڭقىمۇ بارسا بۇلاتتى بوزەك ئىتىپ ئوينايتتىم- بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئاپسى ھەيران بۇلۇپ گۈلپەرىنىڭ مۇمىسىغا- ئاپسىغا قاراپ قويدى. مۇماي بولسا كۆز ياشلىرىنى چاندۇرماي سۈرتۇپ زوقمەنلىك بىلەن كۈلۈۋاتاتتى.
ئۇلار ئاپتۇبۇسقا ئەمدىلا چىقىشىغا بىلەت يىغقۇچى "بىلەت ئىلۋىلىڭلار" دەپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلدى، گۈلپەرى ئۇنىڭ قولىدىكى جىق كىچىك بىلەتكە، پۇللارغا قاراپ ھەۋەس قىلىپ قالدى. بىلەتچى ئۇلارنىڭ قېىشغا كىلىپ گۈلپەرىنىڭ ئاپىسغا ھەۋەس بىلەن قاراپ:

- قىزىڭىز بەك ئۇماقكەن- دەپ قۇيۇپ ئاندىن گۈلپەرىنى ئەركىلىتىپ قويدى. گۈلپەرىنىڭ ئاپىسى خۇشاللىقتىن ئەمەس پەقەت بىر رەسمىيەت يۈزسىدىن ئۇنىڭغا قاراپ بوشقىنا كۈلۈپ قويدى. بىلەتچى ئايال كەتكەندىن كىيىن ئاپىسى ئۇنىڭ بىلەتكە ھەۋەس بىلەن قاراپ كەتكىننى كۆرۈپ قولىدىكى بىلەتنى گۈلپەرىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويدى،ئۇ كۆك رەڭلىك، ئۇستىگە بىر مۇنچە ئۇششاق خەتلەر ۋە سانلار يىزىلغان كىچىك قەغەزنى ئۇيان ئورۇپ بۇ يان ئورۇپ بىر پەس قارىغاندىن كىيىن  ئاپىسغا ئاستا پىچىرلاپ:
- مەن چوڭ بولسام چۇقۇم بىلەتچى بۇلىمەن- دىدى
-ھە شۇنداقمۇ- دەپ قويدى ئاپىسى خۇشياقمىغاندەك.
-بۇرۇن ئۇچقۇچى بولغۇم بار ئىدى. ئاسماندا ئۇچقان ئايرۇپىلانغا قاراپ شۇنداق ئويلايتتىم. بىلەتچى بولسىمۇ كۆڭۈللۈك ئىكەنغۇ-دىدى ئۇ ئاپسىنىڭ سۇغۇق مۇئامىلسىگە پەرۋا قىلماي.
  ئاپسى بۇ قېتىم گەپ قىلمىدى، دېرىزىدىن سىرىتقا قاراپ بارغانچە يىراقلاۋاتقان دېھقان ئۆيلىرى، دەل -دەرەخلەرنى كۆرۈپ ئولتۇراتتى، ئەمما كۆڭلىدە بولسا كىچىككىنە قىزنىڭ شۇ گەپلەرنى قىلغىنىغا ئىشەنمەسلىك ئويلىرى بىلەن بەنىت ئىدى. بىلەتچى بولغاننىڭ نەرى ياخشى، بەرىبىر ئۇ پۇللا ئۆزىنىڭ يانچۇقىغا چۈشمىسە. كىچىكتە ئۇ دەپ ئىچىدە كۈلۈپ قۇيۇپ بۇ خىياللىرىنى يىغدى.
     ئۇلارنىڭ شەھەردىكى ئۆيى بىر كونا بىنانىڭ 3-قەۋىتىدە ئىدى. بىنانىڭ ئالدىدا كىچىك چىملىق بولغاننى ھىساپقا ئالمىغاندا بىر خىل تارچىلىق تۇيغۇسى بېرەتتى. گۈلپەرىگە بۇ يەر تازا ياقمىغانىدى، كۆڭلىدە " يېزىدىكى ئۆيىمىز ياخشى ئىكەنتۇق. بۇ يەردە قانغۇدەك ئوينىغىلى بولمىغۇدەك" ئويلاپمۇ ئۈلگۈردى پەلەمپەيدىن چىققۇچە. ئۇلار 3-قەۋەتكە چىققاندىن كىيىن ئاپىسى ئىشكنى ئىچىپ "كىرىڭ قىزىم"دەپ قۇيۇپ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. گۈلپەرى بولسا ئىشىكتىن ئۆي ئىچىگە قاراپ ياتسىراپ تۇرۇپ قالدى. ئۆي ئىچى پاكىز بۇلۇپ پارقىراپ تۇراتتى، سەككىز ياشلاردىكى كۆزەينەك تاقىغان بىر ئۇغۇل بالا  كىتاپ -دەپتەرلىرىنى يىيىپ قۇيۇپ ئولتۇراتتى. ئۇ گۈلپەرىگە لەپپىدە بىرلا قاراپ قۇيۇپ گەپمۇ قىلماستىن يەنە كىتاپلىرىغا قارىۋالدى. ئاپسى ساپما كەشنى كىيىپ يەنە پەيدا بولدى، گۈلپەرىنىڭ قىمىرلىماي ياتسىراپ تۇرغىننى كۆرۈپ قولىدىن يىتلەپ ئۆز ئىچىگە ئىلىپ كىردى، قىسقا چىچىنى ئۇششاق قىلىپ قىزىل يىپتا بۇغۇپ قويغان گۈلپەرى ئاپسى بايا يېزىدا چاغدا كىيگۈزۈپ قويغان شاپتول چىچىكى رەڭلىك كۆينىكىنى ئۇچۇرۇپ، قىزىل تاسما ئاياغ كىيگەن پۇتىنى ئالدىراپ دەسسەپ ئۇنىڭغا ئەگەشتى. بۇ يەردە ھەممە نەرسە پاكىز ئىدى، ئەمما يەنىلا يات بىلىنەتتى.ئۇ ھەممىگە قىزىقسىنىپ قارايتتى. ئاپسىنىڭ دىيىشچە بايىقى بالا ئاكىسى ئىكەن.گۈلپەرىدىن ئاران ئىككى ياش چوڭمىش. گۈلپەرىنىڭ ئەمدى بۇ يەردە يىڭى ھاياتى باشلىندىغاندەك قىلاتتى.

    گۈلپەرى تۇنجى كۈنى كەچتىلا  ئاتا -ئانىسغا باش ئاغرىقى تاپتى. بۇنداق بۇلارنى ھىچكىم ئويلاپ باقمىغانىدى. ھەممە ئۇخلاشقا تەييارلانغان شۇ پەيىتتە گۈلپەرى يېشىل تاۋار قاپلىق ياستۇقىنى قۇچاقلىغىنىچە ئاتا -ئانىسىنىڭ ھۇجرىسغا كىرىپ كەلدى. ئۇخلاش كىيىمى بىلەن ئولتۇرغان ئاپىسى ئەجەپلىنىپ دەسلەپ نىمە دىيىشنى ئۇقماي قالدى. ئاندىن ئېرىنىڭ قولىدىكى كىتاپنى تاشلاپ« نىمە ئىش بۇپتۇ؟» دىگەندەك ئۆزىگە قارىغىننى كۆرۈپ، گۈلپەرىنىڭ قىشىغا ئالدىراپ كىلىپ:
-قىزىم، ئۇخلىماپسىزغۇ؟ بىرەر نەرسىدىن قورقۇپ كەتتىڭىزمۇ يا؟- دەپ سورىدى.
-ياق -دىدى گۈلپەرى يۇغان كۆزلىرى بىر ئاپىسغا بىر دادىسىغا تىكىپ. ئۇنىڭ چاقناپ تۇرغان قوي كۆزلىرىگە قاراپ ئاپىسى ھىچنىمنى چۈشەنمىدى. شۇنداقتىمۇ:
-بىز بىلەن ئۇخلىغىڭىز كەپتۇ دە - دىدى ئاپىسى .
-بىز بىلەن ئۇخلىسۇن ئەمسە- دىدى دادىسى- كىلىڭ ئاپپاق قىزىم.
- ياق، بۇۋام، مۇمام ماڭا ھىكايە ئېيتىپ بېرەتتى.مەن ھىكايە ئاڭلايتتىم. چىن تۆمۈر باتۇر، قۇڭغۇز خېنىم، يېرىل تاش، يەنە ئۇچار گىلەم يەنە بۇلبۇلگويا يەنە.... ئىشقىلىپ جىق ھىكايىلەرنى ئېيتىپ بېرەتتى. شۇ ھىكايىلەرنى ئاڭلاپ -ئاڭلاپ ئۇخلاپ قالاتتىم. سىلەر ئاڭلاپ باققانمۇ، بەك قىزىقارلىق، چىن تۆمۈر باتۇر بەك يامان، سېڭلىسىنى قۇتقۇزىمەن دەپ ئەسكلەر بىلەن ئۇرۇشىدۇ، قۇڭغۇز خېنىمنىڭمۇ قىززىق، يېرىل تاشم يېرىل مەن ئىچىڭگە كىرۋالاي دىگەن يەرلىرىمۇ بار.سىلەر ئاڭلاپ باقماپسىلەردە، ئۇچار گىلەم بولسا مەن ئۇستىگە چىقىپلا ئۆيىمىزگە كىتەتتىم، بۇۋام- مۇمامنىڭ يېنىغا باراتتىم.-گۈلپەرى سۆزلەپ -سۆزلەپ ئۇلارنىڭ تۇرقىغا قاراپ ئاۋازى بارغانچە پەسلەپ تۇختاپ قالدى.
-ئاپاڭ ئېيتىپ بەرسۇن قىزىم ھە- دىدى دادىسى بىردەم تۇرىۋىتىپ.ۋە ئايالىنى ئىتتىرىپ دىگۈدەك گۈلپەرى بىلەن يولغا سالدى.«مەن يا ھىكايە بىلمىسەم»دەپ غۇدۇرىغىنىچە ماڭدى ئاپىسى.
    ئارىدىن خېلى ۋاقىتتىن كىيىن گۈلپەرىنىڭ ئاپىسى ھۇجرىغا قايتىپ كەلدى،بۇ چاغدا ئېرى خورەكنى تارتىپ ئۇخلاپ بولغانىدى.چىراغنى ياندۇرايمۇ، ياندۇرمايمۇ دەپ ئىككىلىنىپ بىر پەس تۇرغاندىن كىيىن ئاندىن بولدىلا ياندۇرمايچۇ دەپ ئويلىدى. كارۋاتقا كىلىپ بىر پەس ئولتۇردى،ئاندىن دېرىزىدىن چۈشكەن ئاي نۇرىدا يورۇپ تۇرغان ئېرىنىڭ بۇدرە چىچىنى سىيلاپ قويدى. ۋە ئۇنىڭغا قاراپ «ئۇ ھىكايىنى ماڭا سۆزلەپ بېرىپ ئۇخلاپ قالدى، ئۇنىڭ ھىكايىلىرى راس قىزىقارلىق ئىكەن ھى ھى ھى! كىتاپخانىغا بېرىپ  ھىكايە كىتاپ ئىلىپ كىلىپ ئۇقۇپ بەرسەم بولغۇدەك ئەمدى. قىزىمىزنىڭ ھكايىسىنى ئاڭلاپ كىچىك ۋاقىتلىرىم يادىمغا يىتىپ قالدى، شۇ چاغلاردا ماڭىمۇ ھىكايە ئېيتىپ بېرىپ ئۇخلىتاتتى. كۆڭۈللۈك ئىدى ئاددى بولسىمۇ. قىزىمىز ئەقىللىق ئۇماق چوڭ بۇپتۇ ئەمدى كۆپرەك كۆڭۈل بۆلەيلى ماقۇلمۇ؟!»دىدى. ئېرى بولسا يەنىلا بۇرۇنقى خورىكىنى تارتىپ شېرىن ئۇيقۇسىدا ئىدى.

   ئەتىسى ئاپسى ئىشتىن ھېرىپ -ئىچىپ قايتىپ كىلىپ ئىشكتىن كىرىشىگە ئالدىغا گۈلپەرى يىغلامسىراپ كەلدى،ئۇنىڭ بۇ بىچارە، مىسكىن  ھالىتىنى كۆرگەن ئاپسىنىڭ چاقماق تىزلىكىدە كاللىسدىدىن يالغۇز قورقۇپ كەتكەنمىدۇ، يا قۇرسىقى ئىچىپ كەتكەنمىدۇ زادى نىمە بولغاندۇ دىگەندەك تۈرلۈك خىياللار لاپ قىلىپ ئۈتتى. گۈلپەرى تۇلىمۇ مىسكىن ھەم ئۇيالغان قىياپەتتە:
-ئاپا، مەن خاتا قىلدىم، ماڭا خاپا بۇلامسىز ، مەن ئاكامنىڭ كۆزەينىكىنى چىقىپ قويدۇم. ماڭا تېرىكمىسىڭىز بۇلامدۇ؟- دىدى. گۈلپەرىنىڭ ئاپىسى بۇنى پەقەت ئويلاپ باقمىغانىدى. ئۇنىڭ ئاغزىدىن بۇ گەپلەرنى چىقىشىنى كۈتمىگەنىدى. ئۇ قولىدىكى نەرسىلەرنى ئاشخانا ئۆيگە تاشلاپ قويۇپ،ئالدىراپ ئوغلىنىڭ قىشىغا كىردى. يەردە كۆزەينەكنىڭ ئەينىكى چىچىلىپ تۇراتتى جازىسىنى تاقىۋالغان ئوغلى بولسا گويا ھىچ ئىش بولمىغاندەك سافادا بەخىرامان ئۇخلاپ ياتاتتى.
   بۇنى كۆرۈپ ئانا ئاچچىقلانماي قالمىدى، يەردە چىچىلىپ كەتكەن ئەينەك پارچىلرىنى تەرگەچ گۈلپەرىگە نىمە دىيىش ھەققىدە ئويلاندى. ئۇنى ئەيىپلەي دىسە تىخى ئەمدىلا كەلگەن، ئەزەلدىن بۇ ئائىلنىڭ مېھرىنى ھىس قىلمىغان  بالىنىڭ مۇشۇ ئىش سەۋەبىدىن ياتسىراپ قىلىشىدىن ئەندىشە قىلدى. لىكىن مۇۋاپىق تەربىيە بولمىغىنىدا يامان ئۆگىنىپ قىلىش ئېھتىماللىقىمۇ بار ئىدى. ئازراق قاتتىق قوللۇق قىلىش كېرەكمۇ-قانداق؟ قولىغا سانجىلغان بىر كىچىك ھەم ئۈتكۈر ئەينەك پارچىسىدىن تارالغان ئاغرىق تىزلىكتە بېشىغا چىقتى-دە دەرھال قولىنى چىشلەپ كەينىگە قارىدى. گۈلپەرى ئىشىكتە ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى. گۇناھكارلاچە تۇرغان بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ ئانا ھاڭ تاڭ بولدى ۋە ئۇنىڭغا بولغان رەنجىشلىرىمۇ توزۇپ كەتتى.
-ئاپا،نىمە بولدىڭىز؟- دىدى گۈلپەرى ئانىسنىڭ كۆزدىن ئاققان ياشقا، چىشلىۋالغان قولىغا قاراپ.
-ھىچ ئىش بولمىدى، قۇرسىقىڭىز ئاچتىمۇ مەن تاماق ئىتىپ بېرەي- دىدى ئاپىسى ۋە بېرىپ گۈلپەرىنىڭ يۈزىنى سىيلاپ قۇيۇپ ئاشخانا ئۆيگە چىقىپ كەتتى.
    گۈلپەرى تىنىم تاپماس بىر قىز ئىدى، سورىغان سۇئاللىرى ئاپىسىنى ھاردۇرۋىتەتتى. ئاكىسىنىڭ كىتاپلىرىنى يىرتىپ، بۇيىقىدا قالايمىقان نەرسىلەرنى سىزىپ ئوينايتتى. بۇنىڭغا چىدىمىغان ئاكىسى كۈندە دىگۈدەك ئاپىسىغا ئەرىز قىلاتتى.كەچلىرى ھىكايە ئۇقۇپ  بەرمىسە ئۇخلىمايتتى.بۇلارغا ئانا يەنىلا تاقەت كەمىرىنى چىڭ باغلىغانىدى.كۆۈنۈۋالسۇن دەيتتى.لىكىن سەۋىرنىڭ ھامان چېكى بۇلىدۇ دە. ئاخىرى ئانا چىداپ تۇرالمىدى. ئۇ كۈنى ئاپسى گۈلپەرىنى ئۆيدە زېرىكىپ كەتتى دەپ بىر تويغا ئىلىپ بارغانىدى. تويغا بېرىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ پاكىز، چىرايلىق تۇرقىدىن رازى بولغان ئاپىسى ئۇنىڭغا قايتا- قايتا «شوخلۇق قىلماڭ ، ئەدەبلىك بۇلۇپ، مەن ئىپ بەرگەننى يەڭ جۇمۇ قىزىم»دەپ قولقىغا سىڭدۇرۋەتكەن ئىدى. دەسلەپ ئۇ ناھايتتى ئەدەب بىلەن ئولتۇردى. جىق گەپمۇ قىلماي ئاپسى بەرگەننى يەپ ئولتۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئاپسى خاتىرجەم بۇلۇپ، دوسىتلىرى بىلەن يەنە تۇگىمەس پاراڭلىرىغا چۈشۈپ كەتتى.پاراڭ تازا قىزىغان چاغدا تۇيۇقسىز بىر بالىنىڭ يىغا ئاۋازى ئاڭلىنىپ ئاندىن ياندىكى دۇستى ۋاي بالام دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ يىغا ئاڭلانغان تەرەپكە ماڭدى. گۈلپەرىنى ئاپىسى دەرھال ئىسىگە كىلىپ قارىغان چېغىدا بۇ قىز يوق تۇراتتى. ئەندىكىش ئىچىدە ئورنىدىن تۇرۇپ ئىزدەشكە باشلىغىنىدا كۆك رەڭلىك ئەتلەس كۆينەك كىيگەن قىزىنى كۆرۈپ بېشىدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. ئۇ بارغان چېغىدا گۈلپەرى دۇستىنىڭ ئوغلىنى بىسىۋىلىپ قولقىنى چىشلىۋالغان ئىدى. ئۇ بالا بولسا ئاۋازىنى قۇيۇۋىتىپ يىغلاپ كەتكەن ئىدى بۇنىڭدىن ئۇ ئۆلگىدەك نۇمۇستا قالدى.توۋا، بۇنىمە قىلىق ئەمدى؟ خەق نىمە دەپ قالار، يۈزۈمنى قويمىدىغۇ بۇ جۇۋەينىمەك دەپ ئويلاپ يۈزى قىزاردى.
     بۇ قىتىم گۈلپەرىنىڭ ئاپىسى ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قالدى. ئۆيگە قايتىپ كىلىپلا گۈلپەرىنى ئەدەپلەپ قويماقچى بۇلۇپ، يانپىشىغا ئۇردى، بىر ياقتىن ئۇرۇپ بىر ياقتىن ئۇنى تىللىغان چاغدا گۈلپەرى يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى  يامغۇردەك تۈكۈلەتتى، بىر ياقتىن ئاپا ئەمدى ئۇنداق قىلمايمەن دەيتتى. ئاپىسى بىر ھازا ئۇرغاندىن كىيىن ئاچچىقى يانغاندەك بۇلۇپ تۇختىدى. خەپ ئىككىنچى بىر يەرگە ئاپىردىغان بولسام دەپ كەتتى ئۆز -ئۆزىگە. شۇنىڭدىن كىيىن گۈلپەرى شۈكلەپ قالغاندەك بولدى. كەچتە ھىكايە ئېيتىپ بېرىڭ دىمىدى. ئاپىسى بۇنىڭدىن سەل غەيرىلىك ھىس قىلغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۇنىڭغا ئازراق ئاچچىقى بولغاچقا قىزغا گەپ قىلغۇسى كەلمىدى. لىكىن كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرىدە قىزىغا ئىچى ئاغرىغاندەك تۇيغۇ بار ئىدى.
     بۇ چاغدا گۈلپەرىنىڭ كۆڭلىدە يېزىدىكى ئۆيىگە كىتىش ئوتى غەليان كۆتۈرگەن ئىدى. ئۇ ئاتىسى ۋە ئاپىسى بەرگەن پارچە پۇللىرىنى ساقلاپ قويغان يېرىدىن ئىلىپ يانچۇقىغا سالدى. ئاندىن كارۋىتىغا چىقىپ، بۇۋا- مۇمىسىنى، يېزىدىكى ئۆيىنى، دوستلىرىنى ئويلاپ يىتىپ ئۇخلاپ قالدى. ئەتىسى ئۇ ھىچكىمگە  بىلىندۇرمەي مۇمىسىنىڭ ئۆيىگە كەتمەكچى بولدى. ھېلقى بىكەتكە بېرىپ ئاپتۇبۇسقا چىقسىلا بۇلاتتى. گۈلپەرى ئۆيدىن چىقىپ ئۆزى ئېسىدە قالغىنىچە بىكەتكە ماڭدى، بىكەت ئانچە يىراق بولمىغان يەردە بۇلۇپ ئۇ تىزلا يىتىپ باردى. بىكەتتە ئادەم كۆپ ئەمەس ئىدى، بەلكىم تىخى ئەتىگەن بولغاچقا شۇنداقتۇ، بىر چاغدا قىيسىيىپ كەتكەن ئاپتۇبۇس كىلىپ تۇختىدى. ئۇ خۇشال بۇلۇپ ئاپتۇبۇسقا چىقىپلا ئۈتكەن قېتىم ئۇچىرىغان ھېلقى بىلەتچى ئايالنى كۆرۈپ تىخمۇ خۇش بۇپ كەتتى.
-مەن بىلەت ئالاتتىم -دەپ يانچۇقىدىكى پۇللارنى چىقاردى ئۇ.
-قەيەرگە بارسىز؟- دەپ سورىدى بىلەتچى ئۇنىڭغا زوقلىنىپ قاراپ.
- مەن مۇمامنىڭ ئۆيىگە بارىمەن.- دىدى گۈلپەرى.
-مۇمىڭىزنىڭ ئۆيى قەيەردە؟
-يېزىدا. مەن شۇ يەردە چوڭ بولغان. سىز يېزىنى بىلمەمسىز؟
-قايسى يېزائۇ ئۇماق قىز؟
-ئاق تۆپە، غاز بۇيۇن بىزنىڭ مەھەللىدىن-دەپ ئاۋاز ئاڭلاندى ئاپتۇبۇسنىڭ كەينى تەرىپىدىن. گۈلپەرى بىلەن بىلەتچى ئايال تەڭلا ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدى.
-ئەركىن ماڭقا!-دەپ توۋلىدى گۈلپەرى خۇشال بۇلۇپ. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئاپتۇبۇستا ئەركىن ماڭقىنى ئۇچرىتىپ قالدى. پاراڭلىشىپ بىردەمدىلا مەھەللىسگە كىلىپ قالدى.
گۈلپەرى "مۇما"دەپ ئۆيگە كىرگىنىدە مۇمىسى كونا سۇپۇرىسىنى يىيىۋىلىپ چۆچۈرە قىلۋاتاتتى. ئۇ گۈلپەرى كۆرۈپ خۇش بۇپ كەتتى.
-مېنىڭ ئۇماق قىزىم كەپتۇغۇ، سېغىنىپ كەتكەنتىم سىنى قوزام، كىم بىلەن كەلدىڭ، ئاپاڭ قىنى؟-دىدى مۇمىسى ئۇنىڭ باش -كۆزلىرىنى سىيلاپ.
-يالغۇز كەلدىم- دىدى گۈلپەرى ئۈمىچىيىپ ۋە بىر پەس دەردىنى تۈكتى.ۋە ئاخىرىدا - مۇما مەن قايتىپ كىلەيچۇ- دىدى.
مۇمىسى گەپ قىلماي يەنە ئىشىنى قىلىۋەردى. گۈلپەرى مۇمىسىغا بىردەم ئەركىلەپ بىقىپ بۇۋىسىنى ئىزدەپ ماڭدى، بۇۋىسىنى بەك كۆرگۈسى كەلگەن ئىدى. ئاپپاق ساقاللىرى قۇيۇق، ھەم ئۇزۇن بۇ بۇۋاي ئۇنىڭغا قەۋەتلا ئامراق ئىدى. گۈلپەرىنىڭ دىگىننى قىلىپ بېرەتتى. شۇڭىمۇ گۈلپەرى بۇۋا دەپ ھارمايتتى. ئۇ بۇۋىسىنى كەينىدىكى كۆكتاتلىقتىن تاپتى. بوۋىسى شۇ يەردە بىر نىملەرنى قىلىپ يۈرەتتى. بۇۋاي ئۇنى خۇشچىراي قارىشى ئالدى، تىخى قىزىرىپ كەتكەن پەمىدۇرنى ئۈزۇپ بەردى. گۈلپەرى پەمىدۇرنى ئىشتىياق بىلەن يىگەندە ئۇنىڭدىن ئاققان قىپقىزىل سۈيى ئېقىپ بۇۋاينىڭ كىيىمگە تىمىپ مەينەت قىلۋەتتى.گۈلپەرى بۇۋا مۇمىسى بىلەن ئولتۇرۇپ چۆچۈرە يەۋاتقاندا ئاپىسى كەلدى.
-سىز بۇ يەردە ئىكەنسىزغۇ قانداق كىلۋالدىڭىز؟ سىزنى يېرىم كۈن ئىزدىدۇق. -دىدى ئاپىسى ئۇنى كۆرۈپلا.
-بالىغا ياخشى قارىساڭ كىلۋالمايتتى -دىدى مۇماي قىزىغا تېرىكىپ.- ئۇنىڭغا كۆيۈنگىن. مېھرىڭنى بەرگىن.قىزىڭ ئەمدى بولسىمۇ ئانا مېھرىگە ، دادا مېھرىگە قانسۇن، دادىسىغىمۇ ئېيتىپ قوي.
-ماقۇل -دىدى ئاپىسى. ئۇ جىق گەپ قىلىشنى راۋا كۆرمىگەن چېغى ياكى ھاجەتسىز دەپ بىلگەندۇ.مەيلى نىملا بولمىسۇن ئۇ باشقا گەپ قىلماي ئولتۇرۇپ ئۇلار بىلەن چۆچۈرە يىيىشە باشلىدى. بۇ ئائىلدە بەزى ئىشلار مۇشۇنداق ئۈن -تىنسىز ھەل قىلىنسا كېرەك. گەپ قىلىنمىسىمۇ مەلۇم مەنىلەرنى بىلدۇرۇپ ئىشلار ئۆز يۇلى بىلەن داۋام ئىتىۋېرەتتى.
      ئەتىسى ناشتىدىن كىيىن گۈلپەرى ئاپىسى بىلەن شەھەرگە قاراپ يولغا چىقتى. گۈلپەرى بۇۋا -مۇمىسى بىلەن يىغلاپ خۇشلاشتى.    ئالدىنقى قېتمدا بولسا ئىنتايىن خۇشال ئىدى. ئەمما بۇ قېتىم ئۇ ئۇخشىمايدىغان تۇيغۇدا ئىدى. بۇۋا -مۇمىسىنىڭ شەھەرگە بارمايدىغىننى بىلگەن ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ شەھەرگە كۈنۈشى كېرەكلىكىنى ھىس قىلدى. چوڭ بولسا ياخشىكەن ھە. چوڭلارنىڭ گىپى ھىساپكەن، ئەمما نېمىشقا مەن بۇۋاملارنىڭ قىشىدا قالالمايمەن .ئۇلار مېنى ئىلىپ قالمايدۇ. مەنمۇ تىزراق چوڭ بولسام بۇلغۇدەك. ئۇ چاغدا مەن خالىغان جايدا تۇرالايمەن ھەقىچان  دەپ ئويلىدى گۈلپەرى ئىچىدە. ئەمما ئۇ چوڭ بولغاندا بولسا مۇشۇ بالىلىقىنى، بۇۋا -مۇمىسىنى، ئاپىسىنى سېغىنىپ ھەسرەتلىنىدىغىننى، يىغلايدىغىننى پەقەتلا بىلمەيتتى.


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
پەرى + 500 رەھمەت سىزگە

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 500   باھا خاتىرىسى

سەن ۋەتەن، مىللەت دىسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسور، ئالىي نىشان ،كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل!

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20124
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-20 09:41:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ئوقۇۋىتىپ ئۈزۈمنىڭ شۇ بالىلىق ۋاقىتلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم،...راسلا تەسىرلىك ئىكەن

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79735
يازما سانى: 494
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4067
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 229 سائەت
تىزىم: 2012-5-4
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-20 09:42:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turpani004 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-20 09:42 PM  


ئى رەببىم!ماڭا كۆڭۈل-خاھىشىمنىڭ تومشۇقىغا سېلىنغان يۇگەننىڭ چۇلۋۇرىنى ئەقىل-ئىدراكىمنىڭ قولىغا تۇتقازغۇدەك جۇرئەت ۋە ئىقتىدارنى مەندىن ئايىمىغىن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 854
يازما سانى: 761
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11744
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 5312 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-20 09:47:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە دىمەكچى  بۇ ھىكايىدە ؟گۇلپەرى  ئۆگەي قىزىمىدۇ ياكى كىچىكىدىن تارتىپ  چوڭلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ  چوڭ بولۇپ ئاندىن  ياندۇرۇپ ئەكەلگەن قىزمىدۇ ؟

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12389
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32435
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-20 10:19:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلىقتىكى ھېس -تۇيغۇلار ياخشى ئىپادىلىنىپتۇ...
بىراقزە ئوي -پىكىر تازا ئېنىق ئەمەس...(گۈلپەرىنىڭ  ئاتا -ئانىسىندىن ئايرىم تۇرۇشى،ئاكىسىنىمۇ تۈزۈك تونۇمىغانلىقى....)

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73477
يازما سانى: 686
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4903
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 352 سائەت
تىزىم: 2012-1-19
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-20 10:56:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قىز شۇ ياشقىچە ئۇزىنىڭ ئاكىسىنىمۇ كۇرۇپ باقمىغانمىدۇ؟

يۇزۇڭنى قايىسى تەرەپكە قاراتساڭ ئاللاھ شۇ يەردۇر.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84762
يازما سانى: 993
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 694 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2015-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-21 12:46:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭا ئاخىرىسى كام يىزىلىپ قالغاندەك بىلىندى

ئىنساپ يوق ئادەمدە ئىمان -ۋىجدان بولمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87149
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 114
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2012-11-13
ئاخىرقى: 2014-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-21 04:37:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى قاچان يوللايسىز؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97662
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 202
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2013-9-7
ئاخىرقى: 2014-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-21 12:26:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلىپتىكەنتۇق،ئاخىرى قاچان چىقا ئەمدى؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85230
يازما سانى: 165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 703
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 280 سائەت
تىزىم: 2012-9-19
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-21 06:17:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەقەتلا  چۇشەنمىدىم .   

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش