|
|
|
|
پۇل
تور ئارلاۋىتىپ تۇيۇقسىز بۇ فىلىمنى كۈرۈپ قالدىم، ئۇيغۇر ياشلىرى ئىشلىگەن فىلىم ئىكەن. راسلا ياخشى ئىشلەپتۇ. قېنى سىزمۇ كۈرۈپ ئويلىنىپ بېقىڭ.
پۇل ئىكەن
بايۋەتچىنى ،نوچىنى سەكرەتكىنى پۇل ئىكەن،
كەمبەغەلنى ،يوقسۇلنى يەكلەتكىنى پۇل ئىكەن،
تىلەمچىنى خەقكە قول تەڭلەتكىنى پۇل ئىكەن،
ياخشىلىقنى يامانغا دەۋرەتكىنى پۇل ئىكەن،
بوۋاينىمۇ بۆشۈكتە تەۋرەتكىنى پۇل ئىكەن .
پۇل دىگەنلىك ئەسلىدە ساخاۋەتنىڭ ئۆزىغۇ،
ھالال ئوقەت - ئىش يولى تاپاۋەتنىڭ ئۆزىغۇ
كۆرسە ئەمدى بەئەينى تالاپەتنىڭ ئۆزىغۇ،
پاخاللىقتىن بىر دىرەك ئالامەتنىڭ ئۆزىغۇ،
ئىتىبارنى يۇتقىنى،تۈگەتكىنى پۇل ئىكەن.
نىمىلەرنى قىلدۇق ھەي مۇشۇ سۇلتان پۇلنى دەپ
نىمىلەرنى قىلمىدۇق ئوتى گۈلخان پۇلنى دەپ،
بولمىدۇقمۇ ھەتتاكى خانىۋەيران، پۇلنى دەپ،
سىلىپ غەليان، يىراقتا بولۇپ سەرسان پۇلنى دەپ،
سىلىپ ھەر كوي ،ھەر ياققا ئەۋەتكىنى پۇل ئىكەن.
قىمارۋازغا بىر بىقىڭ،سودىگەرگە بىر بىقىڭ،
ئوغرىلارغا بىر بىقىڭ ، ھۆپىگەرگە بىر بىقىڭ
تاپانلاردا ئىت بولۇپ لاي سۆيەرگە بىر بىقىڭ،
يۈزلىرىگە يالغاندىن «رەڭ»سۈركەرگە بىر بىقىڭ،
تالاي جانغا تالاي خۇي سەپلەتكىنى پۇل ئىكەن.
توي- تۆكۈنلەر قاتار چاي دەرىجىسى نە بولدى،
قىلىقى سەت خانلارنىڭ پەرىجىسى نە بولدى
ئۆيلەر تالاڭ،قازناقنىڭ دەرىزىسى نە بولدى،
يۇتۇۋالماي ئچىڭگە،ھەممىسىنى دە، بولدى،
بىر چىرايلىق «قىز»نىمۇ سەتلەتكىنى پۇل ئىكەن.
ئالاي دىسەڭ گەر خوتۇن يۈگرەپ چىپىپ ئالسەن ،
بەلكى قەرىز ئالىسەن،قىرىغاندا ئالىسەن
بىلەلمەستىن تەكتىنى راسا ھەيران قالىسەن،
غىجىكىڭنى چالغۇڭ يوق زورىغا بىر چالىسەن،
ئاچكۆزلۈكنىڭ ئۆزىنى كۆرسەتكىنى پۇل ئىكەن .
سۆزلەپ كەلسەم گەپ تولا يەنە يۈز بەت كىمىسىز،
دىمىسەممۇ تۇرمۇشتا سىزمۇ كۆرگەن، بىلىسىز
ياۋۇزلۇققا كىم خۇشتار، شەپقەت ئىزدەپ كىلىمىز،
«رىقابەتلىك دۇنيا»دا چەتتە قايسى بىرىمىز،
گەر شۇندىمۇ ئەسلىڭنى ئەسلەتكىنى پۇل ئىكەن.
مەنبەسى: ئالىمجان توختىمەت جانبەر شېئىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-20 11:53 AM
|
|
|
|
|
|