مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3320|ئىنكاس: 28

بۇ رۇمانلارنى ئۇقۇغانمۇ؟ 2-قىسىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4225
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20135
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1660 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-19 09:25:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ رۇمانلارنى ئۇقۇغانمۇ؟ 2-قىسىم
ۋاقىت نېمە دېگەن تىز ئۆتكەن ھە، مانا بىر دەمدە 21-ئەسىرگە قەدەم قۇيۇپ 13 يىلنى ئۆتكۈزۋالدۇق. مانا قۇلۇمدا قەلەم، ئۆتمۈشۈم كاللامدا لىنتا دەك تىزىلىپ تۇرماقتا ئىدى. بۇنى يېزىپ بىر داستان پۈتۈش تۇيۇقسىز كاللامغا كىلىپ قالدى. قۇلۇمغا قەلەم ئالدىم ۋە ئۈزۈمنىڭ «ئۆمۈر داستانى» نىمنى يېزىشقا باشلىدىم.
باش تېمامنى يەنە شۇ «قاراخانىيلار خاندانلىقى» توغرىسىدىكى بايانلار بىلەن باشلىماقچى بولدۇم. «قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى» ھەقىقەتەن مۇستەھكەم ئىدى. «سۇتۇق بۇغراخان» دەك باھادىر شاھلار مانا مۇشۇ دەۋىردە يېتىشىپ چىققان. بۇۋام «مەھمۇد قەشقىرى» ۋە «يۈسۈپ خاس ھاجىپ» لار مۇشۇ دەۋىرنىڭ ئالىملىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» «قۇتادغۇبىلىك» قاتارلىق جاھانشىمۇل شۆھرەتكە ئىگە كىتابلارنى يېزىپ قالدۇرۇپ بىز «ئۇيغۇرلار» نى دۇنياغا تۇنۇتقان ئىدى.15-ئەسىردە بولسا بوۋام ئەلشىر نەۋائى ئۆزىنىڭ «خەمىسە» داستانى ناملىق كىتابى ئارقىلىق ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى يەنە بىر دەرىجە يۇقىرىغا كۈتۈرگەن ئىدى. شۇنداق قىلىپ داستانىمنىڭ باش تېمىسىنى مۇشۇ قۇرلار بىلەن بىلەن ئاخىرلاشتۇردۇم.
داستانىمنىڭ ئىككىنچى بابىغا « سەئىديە خانلىقىغا دائىر ماتىرىياللار » دىن بىر ئىككى كەلىمە سۆزلەشنى لايىق تاپتىم. سۇلتان «سەئىدىخان» قۇرغان تارىختا 168 يىل ھۈكۈم سۈرگەن يەركەن سەئىدىيە خاندانلىقى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى گۈللەنگەن ئىككىنچى چوڭ خاندانىق بولۇپ قالدى. «سولتان ئابدۇرەشىدخان » خەلىققە ئادىل پادىشاھ بولۇپ يۇرۇتنى ئادىل سورىغان ئىدى. ئۇنىڭ رەپىقىسى «مەلىكە ئاماننىساخان» ئۆز ئەقىل پاراسىتىغا تايىنىپ جاپالىق ئىزدىنىپ «ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى» نى تۇنجى قېتىم مۇكەممەل رەتلەپ چىققان ئىدى. تولىمۇ ئەپسۇس ئۇ ئاخىرى «بەخىتسىز سەئىدىيە» بولۇپ قالدى. «بەدۆلەت»،«مەخدۇم ئەدەم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى» بولغان ھىدايىتۇللا «ئاپاف خوجا»،«ۋە تورغاق خوجىلار» دەل «بەخىتسىز سەئىدىيە» نىڭ «قاباھەتلىك قىسمەتلىرى» گە سەۋەپچى بولغانلار ئىدى.ئۇلار ئاخىرى «جاللات خېنىم» قىلىچى ئاستىدا جەھەننەمگە سەپەر قىلدى. بۇ دەۋىرلەر ئۇيغۇرلار نادانلىق،خۇراپاتلىق پاتقاقلىرىغا چوڭقۇر پاتقان يىللار بولدى. تاكى 20 –ئەسىنىڭ باشلىرىغا قەدەر بۇ خىل زەئىپ روھ كىشىلەر تەرىپىدىن ئاستا-ئاستا كۈتۈرلۈپ ئىلىم-پەنگە ئىنتىلدىغان بىرخىل توپ مەيدانغا كەلدى. بۇ دەۋىردىكى مەشھۇرلاردىن قالغان « موللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە»، «ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە قىسسە» لەرنى خەلقىمىز تا ھازىرغىچە ياقتۇرۇپ ئوقۇيدۇ.
شۇنداق قىلىپ داستانىم ئۈچىنچى بابقا قەدەم قويدى. بۇ باب مەن ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك بابلار ئىدى. چۈنكى مەن بۇ بابىمدا «ئانا يۇرت» ۇمدا يۈزبەرگەن تالاي ئىشلەرنى سۆزلەيمەن. گەپنى يەنە شۇ «تاش ئاخۇنۇم ۋە ئۇنىڭ تۆھپىكار ئەۋلاتلىرى» دىن باشلاي. بۇ دەۋىرلەر زۇلۇم ۋە غەزەپكە تولغان بىر دەۋىر بولدى. ياڭ زىڭشىڭ ۋە «جاللات شىڭسىسەي» دىن ئىبارەت ئىككى مىللىي تارىسىت ئۇيغۇر خەلقىنى قاتتىق ئىزىۋاتقان شۇ مەزگىللەردە بىر قىسىم زىيالىلار بارلىققا كەلدى. «بالدۇر ئويغانغان ئادەم» ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە «قاينام ئۆركىشى» لوتپۇللا مۇتەللىپ ،«مەمتىلى ئەپەندى»لەر دەل مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاۋانگارىتلىرى ئىدى. ئۇلار بالدۇر «ئويغان زېمىن» دا تالاي «ئىز»لارنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇلارنىڭ«ئۆچمەس ئىز»لىرى تا بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ھەر بىر ئۇيغۇر تەرىپىدىن يات ئىتىلىپ كىلىنمەكتە. بۇ دەۋىرلەردە «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى »، ۋە «ل.مۇتەللىپ شېئىرلىرى» دەك بىر تۈركۈم نادىر ،ئاۋانگارىت شېئىرلار بارلىققا كىلىپ كىشىلەرنى ئالغا ئىنتىلىشكە، ئادىللىققا ئىرىشىشكە ئۇندىدى.  يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن «يىگانە ئارال»غا چىقىۋېلىپ  «كۆرەشچان يىللار»غا نەزەر سالدىم، ئويلىسام ھەممىمىز  «گۆردىن قايتقانلار» «ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر»ئىكەنمىز،«قۇم باسقان شەھەر»لەرگە قارىسام «ئانا يۇرت» «لېيىغان بۇلاق»لار بىلەن تولۇپ يېتىپتۇ. «كۆڭۈل»ۈم«ئاشۇ كۈنلەر»دىكى »ھايات سىرلىرى توغرىسىدا«ئىزدىنىش»كە باشلىدى. ئەسلىدە بىز«ئۆز تەقدىرىنىڭ خوجايىنلىرى» ئىكەنمىز. «ئاشۇ جىمجىت جۇڭغارىيە» بۇرۇن «شاۋقۇن»لۇق «قاينام ئۆركىشى» ئىكەن. «سۈزۈك ئاسمان»دا «ئۈمۈد يۇلتۇزلىرى» چاقناپ تۇراتتىكەن. «دوقمۇش پاراڭلىرى»دىن شۇنى ئۇقتۇمكى «سۇتۇق بۇغراخان» «كۆكتىن چۈشكەن پەرىشتە» سۈپەت «ئاتا» بولۇپ «تەڭرىنىڭ ھۆكىمى» بىلەن «تۇمانلىق ئۇپۇق»تا «چاقماق» چېقىپ كۆمۈلمەس «ئىز»لارنى قالدۇرغان ئىكەن. ئۇ «ھەسرەتلىك مۇھەببەت» دەردىدە «ئۆلۈۋېلىش سەنئىتى»نى ئىزلەپ يۈرگەن «بوز ئەر»لەرنى «ئاۋات شەھەرنىڭ يېڭى پۇقراسى»غا ئايلاندۇرۇپتۇ . «ھايات شاماللىرى» «نۇرلۇق قەبرىلەر»نى سەپەرگە ئاتلاندۇرۇپ «ئۆچمەس ئىزلار»نى قالدۇرۇپتۇ، «مەھمۇد قەشقەرىي»گە ئوخشاش «بۆرە ئانا»لار «قۇتادغۇبىلىك»تەك «پۈتمەس سەتىرلەر» ئارقىلىق «ھايات سىرلىرى»نى ئېچىپ «سەئىدخان» «سۇلتان ئابدۇرەشىدخان» «مەلىكە ئاماننىسا خېنىم»لارنى تەقدىرىنى «ئاي يامغۇرى» بىلەن سۇغۇرۇپتۇ. كېيىنكى يىللاردا «بە دۆلەت» «قىساسكار»لىققا سەۋەپچى بولۇپ «پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر»نى «ھايات زەنجىرى» بىلەن باغلاپتۇ، بۇنى كۆرۈپ «قانغا بويالغان سايرام» بويىدا «تاڭ ئالدىدا تۇغۇلغانلار»دىن «لالە قۇربان» «گۈل ئايىم»لار «داۋان»لار ئېشىپ «زۇلپىقار»نى كۆتۈرۈپ «ئەجدادلار» ئىزىدىن مېڭىپتۇ. كېيىن «ئۇنتۇلغان كىشىلەر» «ئانا نەسىھەتى»گە قۇلاق سېلىپ «قىزىل تاغ چىراغلىرى»نى ياندۇرۇپتۇ، «ئاۋرال شاماللىرى» «ئىلى دولقۇنلىرى» «قارا ئېقىن» ياساپ «سادىر پالۋان» ۋە «ھېزىم شاھ پالۋان»نى «مۇھەممەد بىشىر چىڭۋاڭ»غا قارشى ئاتلاندۇرۇپتۇ. ئۇلارنى «تۈندىكى چاقماق»تا تاۋلاپ «سەرسان روھ»قا ئايلاندۇرۇپتۇ. «نۇرلۇق قەلىبلەر» «ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە قىسسە»لەردەك «يۇلتۇزلار ئەپسانىلىرى»نى سىزىپتۇ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرىغا ئوخشاش «بالدۇر ئويغانغان ئادەم»لەر «رۇم ئەزەم ئەۋلادلىرى»دىن بولمىش «ئاپپاق خوجا» ۋە «تورغاق خوجىلار»نىڭ چاۋىسىنى چىتقا يېيىپتۇ. «كۆڭۈل»لەر «جۇدالىق» دەردىدە «داغ»لىنىپتۇ، ھاياتتا «شۇنداق كۈنلەرمۇ ئۆتكەن» ئىكەن «سەرسان روھ»لار ئاتقان «قىساس» ئوقلىرى «چالا تەگكەن ئوق» بولۇپ قاپتۇ. «ئاشۇ كۈنلەردە» «ئويغانغان زىمىن»دىكى «باش ئەگىم»دە «ئەجدادلار ئىزى»دىن «مىھرىگىياھ» ئۈنۈپ كېتىپتۇ. «قۇرىماس دەرەخلەر» كۆكلەپ چىقىپتۇ، «قالدى مۇھەببەت يىراقتا» دەمسىز؟ ئەنە قاراڭ «ئويغانغان زىمىن»نىڭ «كۆزى ئېچىلغان بۇلاق»لىرىدىن «ئۇنتۇلغان كىشىلەر» بۇلدۇقلاپ چىقىپتۇ، «قانلىق يەر» توغرىسىدا «ئۇرخۇن شەجەرىسى» ۋە «باش ئەگىمدىكى رىۋايەت»لەر توقۇلۇپتۇ، ئېھ «كۆكتىن چۈشكەن پەرىشتىلەر» بىلەمسىلەركى «ھايات شۇنداق» لېكىن ھامان «كۈن شەرىقتىن چىقىدۇ» «يىغلىما ئىنسان» «تۆشۈك مۇنچاق» يەردە قالمايدۇ.


بۇنىڭ بىر قىسمىنى ئۈزۈم يېزىپ چىقتىم قېنى ھۇزۇرلانغايسىلەر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-19 10:08 PM  


ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87112
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 988
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 381 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-20 12:25:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ رومانلارنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ بولغانمۇ سىز...
بەك ياخشى ماسلاشتۇرۇپ يىزىپسىز...
ھەقىقەتەن ئوقۇپ قويغۇچىلىكى بار رومانلار بۇلار...

قىزىڭنى نۇمۇسچان قىل،                           ئوغلۇڭنى تېرىشچان قىل.

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4225
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20135
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1660 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-20 12:55:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تورداشلارغا ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن بۇ نى قۇشۇپ قوياي، پايدىلناسىلەر!!

ئۇيغۇر رومانلىرىنىڭ تىزىملىكى

(1974-يىلىدىن 2007- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە)


1 قىزىلتاغ ئېتىگىدە- قەييۇم تۇردى 1974-يىلى
2 كۈرەشچان يىللار(3 قىسىم) -قەييۇم تۇردى 1979-،1982-يىللار
3 ئاۋرال شاماللىرى- زوردۇن سابىر 1980- يىلى
4 موللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە(2قىسىم) -خېۋىر تۆمۈر 1981-،1982-يىللىرى
5 قاينام ئۆركىشى- ئابدۇللا تالىپ 1982-يىلى
6 ئىلى دولقۇنلىرى(2قىسىم) -ئابدۇراخمان قاھار 1982-،1986- يىللىرى
7 ئۆچمەس ئىزلار -ئايشەم ئەخمەت 1983- يىلى
8 ئىزدىنىش ( 2قىسىم) -زوردۇن سابىر 1983-، 1989- يىللىرى
9 نۇرلۇق قەلبلەر -سەمەت دۇگايلى 1985- يىلى
10 سۈزۈك ئاسمان- قەييۇم تۇردى 1985- يلى
11 چالا تەككەن ئوق- ئابدۇللا تالىپ 1985- يىلى
12 ئىز -ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1985-يىلى
13 ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر -تۇردى سامساق 1985-يىلى
14 چاقماق -ئابدۇللا ساۋۇت 1986-يىلى
15 بالدۇر ئويغانغان- ئادەم خېۋىر تۆمۈر 1987- يلى
16 سۇتۇق بۇغراخان- سەيپىدىن ئەزىزى 1987- يىلى
17 ئاقسۇدا 1945-يىل- ئېيسا يۈسۈپ 1987- يىلى
18 تۈندىكى چاقماق -ئەبەيدۇللا ئىبراھىم 1988- يىلى
19 ئۇيغانغان زىمىن (2 قىسىم) -ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1988-يىلى
20 ئۇنتۇلغان كىشىلەر -ئەخەت تۇردى 1988-يىلى
21 كۈن شەرقتىن چىقىدۇ -مالىك كېۋىر 1988-يىلى
22 ئەشۇ كۈنلەر- ئابدۇساتتار ھامىدىن 1988-يىلى
23 ئۈمىد يۇلتۇزلىرى- ئابلىكىم سابېر 1988-يىلى
24 ئەجدادلار ئىزىدىن- تۇرسۇن لىتىپ 1989-يىلى
25 مېھرىگىياھ- جالالىدىن بەھرام 1989-يىلى
26 ئۆز تەقدىرىنىڭ خوجايىنلىرى -غەيرەت ئابدۇللا 1990-يىلى
27 ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە -خېۋىر تۆمۈر 1990-يىلى
28 جۇدالىق(2قىسىم) -مىرزاھىد كېرىمى 1990-يىلى
29 گۈلئايىم -سەمەت دۇگايلى 1990-يىلى
30 ھايات شۇنداق- ئەخەت تۇردى 1991-يىلى
31 ھايات سىرى -ئابدۇراخمان قاھار 1993-يىلى
32 قانلىق يەر- مۇھەممەتئىمىن توختايوۋ 1993-يىلى
33 جىمجىت جۇڭغارىيە( 2 قىسىم) -قەييۇم تۇردى 1993-،1999-يىللىرى
34 تەڭرىنىڭ ھۆكمى( 2قىسىم) -توختى ئايوپ 1993-،1999- يىللىرى
35 ئاتا -زوردۇن سابېر 1994- يىلى
36 ئاي يامغۇرى- ئەخەت تۇردى 1994-يىلى
37 قىساس- قاھار جىلىل 1994-يىلى
38 مەھمۇد قەشقىرى- پەرھات جىلان 1994-يىلى
39 ھەسرەتلىك مۇھەببەت -مەمتىمىن شىپە 1995-يىلى
40 كۆڭۈل- ئابدۇراخمان قاھار 1995-يىلى
41 داغ -ئەبەيدۇللا ئىبراھىم 1996-يىلى
42 ھايات شاماللىرى(4 قىسىم)- سەمەت دۇگايلى 1996-2000-يىللىرى
43 قۇم باسقان شەھەر- مەمتىمىن ھوشۇر 1996-يىلى
44 شۇنداق كۈنلەرمۇ ئۆتكەن -ماخمۇت مۇھەممەت 1996-يىلى
45 مەلىكە ئاماننىسا خېنىم- تۇرسۇن يۇنۇس 1996-يىلى
46 يىللار- ئابلا ئەخمىدى 1996-يىلى
47 سەئىدخان -مىرزاھىد كېرىمى 1997-يىلى
48 بەدۆلەت ( 3قىسىم) -ئابدۇۋەلى ئەلى 1997-يىلى
49 لالە- قۇربان ئابدۇللا تالىپ 1997-يىلى
50 يىراقتا قالغان مۇھەببەت- ئەخەت تۇردى 1997-يىلى
51 گۆر ئېغىزىدىن قايتقانلار- سۇلايمان ئابدۇرېھىم 1997-يىلى
52 لېيىغان بولاق( 6 قىسىم)- جالالىدىن بەھرام 1997-2000-يىللار
53 سەرسان روھ- ئەخەت تۇردى 1998-يىلى
54 ئاۋات شەھەرنىڭ پۇقراسى- ئابدۇراخمان قاھار 1998-يىلى
55 سەپەر- تۇرسۇن لىتىپ 1998-يىلى
56 شاۋقۇن- مۆمىن مۇھەممىدى 1998-يىلى
57 تاڭ ئالدىدا تۇغۇلغانلار- ئاماننۇرى ئابدۇرۇسۇل 1998-يىلى
58 مۇھەممەد بېشىرۋاڭ -ئايشەم ئەخمەت 1999-يىلى
59 يىراقتىكى كىشىلەر- ئابدۇراخمان قاھار 1999-يىلى
60 يۇلتۇز ئەپسانىسى- ئابدۇللا ساۋۇت 1999-يىلى
61 بۆرە ئانا -توختى ئايوپ 1999-يىلى
62 تۇمانلىق ئۇپۇق -ئالىمجان ئىسمائىل 1999-يىلى
63 ئۆلىۋېلىش سەنتى -پەرھات تۇرسۇن 1999-يىلى
64 پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر -باتۇر روزى 1999-يىلى
65 تەقدىر -تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم 1999-يىلى
66 قۇتادغۇ بىلىك- يارمۇھەممەت تاھىر 2000-يىلى
67 قۇرۇماس دەرەخ -تورسۇن قادىر 2000-يىلى
68 قانغا بويالغان سايرام مەمتىلى ھېلىم 2000-يىلى
69 داۋان- ياسىنجان سادىق چوغلان 2000-يىلى
70 كۆكتىن چۈشكەن پەرىشتە -سۇلايمان ئابدۇرېھىم 2000-يىلى
71 يىگانە ئارال- ئەختەم ئۆمەر 2000-يىلى
72 بوز ئەر (2 قىسىم) -مەمەتجان سادىق 2000-يىلى
73 زۇلپىقار (3 قىسىم) -مەمەتجان سادىق 2000-يىلى
74 سۇلتان ئابدۇرېشىتخان( 2 قىسىم) -مىرزاھىد كېرىمى 2000-يىلى
75 تۆشۈك مۇنچاق -ئابلا ئەخمىدى 2000-يىلى
76 ئۇرخۇن شەجەرىسى- پەرھاد جىلان 2000-يىلى
77 باشئەگىم -پەخرىدىن مۇسا 2000-يىلى
78 دۇقمۇش پاراڭلىرى- توختى سابېر 2000-يىلى
79 مەخدۇم ئەزەم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى(2 قىسىم) -ئابدۇۋەلى ئەلى 2000-يىلى
80 ئاپاق خوجا( 2 قىسىم) -ئابدۇۋەلى ئەلى 2000-يىلى
81 تورغاق خوجىلار(2 قىسىم)- ئابدۇۋەلى ئەلى 2000-يىلى
82 ھاياتلىق زەنجىرى- ئابدۇللا ساۋۇت 2000-يىلى
83 پۈتمەس سەترىلەر- ئابدۇللا ساۋۇت 2000-يىلى
84 يىغلىما ئىنسان- غەيرەت ئاسىم 2000-يىلى
85 باش ئەگىمدىكى رىۋايەت- پەخرىدىن مۇسا 2000-يىلى
86 ھالاكەت گىردابىدا- پەخرىدىن مۇس 2000-يىلى
87 قارا ئېقىن- ئەركىن سابېر 2000-يىلى
88 كۆزى ئېچىلغان بولاق -تۇرسۇن روزى 2000-يىلى
89 ئانىنىڭ نەسىھىتى- مۇھەممەت لىتىپ 2000-يىلى
90 يۈسۈپ خاس ھاجىپ(2 قىسىم) -مىرزاھىد كېرىمى 2000-يىلى
91 ئانا يۇرت( 3 قىسىم) -زوردۇن سابېر 2000-يىلى
92 رېھىمشاھ پالۋان- تۇرسۇن لىتىپ 2001-يىلى
93 ئاخىرقى ئاقسۆڭەك -غەيرەت ئاسىم 2001-يىلى
94 سادىر پەلۋان- تۇرسۇن ياسىن 2001-يىلى
95 سادىر يولى- تۇرسۇن ياسىن 2001-يىلى
96 ھايات قايناملىرىدا- ماخمۇتجان ئىسلام 2001-يىلى
97 باياۋاننىڭ سىرى -ئەختەم ئۆمەر 2001-يىلى
98 كروران ھەققىدە يېڭى رىۋايات -ئارسلان تالىپ 2001-يىلى
99 نۇزۇگۇم تۇرغان- توختەم 2001-يىلى
100 خىزىرغا يولۇققان ئاتا -ئارسلان تالىپ 2001-يىلى
101 ئاخىرقى ئوۋ -ئابباس مونىياز 2001-يىلى
102 كۆزگە ئايلانغان كۆڭۈل- ھەسەنجان ئابدۇۋېلى 2001-يىلى
103 ئۆگەن يېشى- پاتەم ناسىر 2001-يىلى
104 ياغاچ مېدال- چوپانى 2001-يىلى
105 پاكلىق مۇنارى- ۋەلى كېرىم 2002-يىلى
106 ئارمان- مەمتىلى ھېلىم 2002-يىلى
107 تاشقا ئايلانغان كۆز يېشى -ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت 2002-يىلى
108 بۇ شۇنداق جاھان -مەتتۇرسۇن ئۇبۇلقاسىم 2002-يىلى
109 بەختسىز سەئىدىيە -ئەخەت تۇردى 2002-يىلى
110 يات كۆلەڭگۈلەر -غەيرەت ئاسىم 2002-يىلى
111 سەرسان ھېسياتلار- غەيرەت ئاسىم 2002-يىلى
112 ھالاكەت گىردابىدا -پەخرىدىن مۇسا 2002-يىلى
113 يۆتكىلىپ ئاقىدىغان دەريا- ئابلىز ھەسەن 2002- يىلى
114 جاللات خېنىم(2 قىسىم) -ياسىنجان سادىق چوغلان 2003- يىلى
115 شۇڭقار- توختى سابېر 2003- يىلى
116 ھېسام ھەققىدە قىسسە- ماخمۇت مۇھەممەت 2003- يىلى
117 خام سۈت ئەمگەن بەندىلەر- غەيرەت ئاسىم 2003- يىلى
118 قاباھەتلىك قىسمەتلەر- پەخرىدىن مۇسا 2003- يىلى
119 ئەنجانباي -نۇر روزى 2003- يىلى
120 جەننەتنىڭ مەنزىلى ئۇزۇن- ئابدۇكېرىم ساۋۇت 2003- يىلى
121 قانلىق ئېدىر -مۇھەممەت ئوسمان 2003- يىلى
122 سىرلىق مىراس- مەمتىمىن نۇردۇن 2003- يىلى
123 زامانداشلار -ئالىمجان ئىسمائىل 2003- يىلى
124 باياۋاندىكى گۈلخان (3 قىسىم) -غۇلام ئۆمەر 2003- يىلى
125 سۆيگۈ ۋە قىساس ئابلەت- ئابدۇرېشىت بەرقى 2004- يىلى
126 ياۋا كۆز -ئارسلان تالىپ 2004- يىلى
127 گۈللالە- غەيرەت ئاسىم 2004- يىلى
128 قانلىق ئىز -مەمتىلى ھېلىم 2004- يىلى
129 كارۋان ئىزى -تۇرسۇنئاي يۇنۇس 2004- يىلى
130 بورانلىق كېچە- ئەئىمەت ۋاھىدى 2004- يىلى
131 شاڭيۇ قىزى- ئىلھام ھىلالىدىن 2004- يىلى
132 ھېسام ھەققىدە قىسسە -ماخمۇت مۇھەممەت 2004- يىلى
133 ئەنسىز يىللاردىكى ئوغرى- توختى سابېر 2004- يىلى
134 كۈنلەر غەنىمەت- ئەركىن سابېر 2004- يىلى
135 تۇمانلىق كېچە -مۇھەممەت بارات تەشنائى 2005- يىلى
136 پەزىلەت- ئابلىكىم سابېر 2005- يىلى
137 داۋالغۇش (2 قىسىم) -ئابلا ئەخمىدى 2005- يىلى
138 ئاخىرقى كۈنلەر -ئابلىمىت تۇردى 2005- يىلى
139 توققۇز قەۋەتلىك مۇنارنىڭ سىرى -مەمەتجان سادىق 2005- يىلى
140 ناتىۋانلار- جالالىدىن بەھرام 2005- يىلى
141 كۆمۈرچى بالا -جالالىدىن بەھرام 2005- يىلى
142 زىمىن مۇھەببىتى- تۇرسۇن لىتىپ 2005- يىلى
143 مۇھەببەت ئۆزى سۆزلەيدۇ -غەيرەت ئاسىم 2005- يىلى
144 ئىدىقۇت يۇلتۇزى- پەرھات جىلان 2005- يىلى
145 ۋىسال- يۈسۈپجان ئېيسا 2005- يىلى
146 سۈبھىدىكى گۈلخان- تۇرسۇن ئۆمەر 2005- يىلى
`147 لالە -تۇرسۇنمۇھەممەت ئىمىن 2005- يىلى
148 بوز دالا -ئەبەيدۇللا ئىبراھىم 2005- يىلى
148 ۋېسال دەقىقىلىرى- جالالىدىن بەھرام 2006-يىلى
150 ئامەت ۋە ئاپەت ( 2 قىسىم)- جالالىدىن بەھرام 2006-يىلى
151 ئۇ دۇنيادىن كەلگەن ئادەم ( 2 قىسىم) -ھەسەن روزى تىرىك 2006-يىلى
152 ئاخىرقى مەكتۇپ- ئەركىن سابېر 2006-يىلى
153 تەڭرىتاغ پالۋانلىرى- تۇرسۇن لىتىپ 2006-يىلى
154 كۆك ئۆستەڭ- ئەخمەتجان قۇربان سابېرى 2006-يىلى
155 سەسكىنىش- ياسىن نىياز 2006-يىلى
156 ھىجران (2 قىسىم)- تۇرسۇنجان مۇھەممەت 2007- يلى
157 قىسمەت- ئالىمجان ئىسمائىل 2007- يلى
158 توغراق قىزنىڭ ئاشىقى- ئابدۇراخمان قاھار 2007- يلى
159 تۇمان تارقىغان سەھەر- ماھىنۇر ئابدىلىم 2007- يلى
160 كرورانلىق بالىلار (3 قىسىم) -پەرھات ئىلياس 2007- يلى
161 ياغاچ قۇلان- جاسارەر جاپپار 2007- يلى
162 قەلب ئەركىسى- نەۋبەتى ئەنۋەر تاشتۆمۈر 2007- يلى
163 كەلگۈسىنىڭ شائىرى- مۇھەممەت شاھنىياز 2007- يلى
164 نەمەت خەلپەت- ياقۇپ ئىسمائىل 2007- يلى
165 باتۇر تەڭرىقۇت -ئادىل ئابدۇللا بەگيار 2007- يلى
166.كروراندىكى ئىزچىلار -مويدىن سايىت 2008
-يىل


ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئۈمىد ئەتىنى يار

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39957
يازما سانى: 492
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5022
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 228 سائەت
تىزىم: 2011-5-7
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-20 01:03:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر كۈنلەر كېلەرمۇ كىتابقا بىر كىرىشىۋالىدىغان... ھەي...... ئوقۇغۇچىلىق

دۇنيا مەڭگۈلۈك ئەمەس، شۇنىڭدەك دەۋر ھەم مەڭگۈلۈك ئەمەس، ئۇ ھامان ئالمىشىدۇ! شاھ گاداي، پۇقرا بايمۇ بولىدۇ... بۇ دۇنيانىڭ ئويۇنلىرىغا ئاھ ئۇرمىغىن! ئۈمىدۋار بول!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87112
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 988
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 381 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-20 01:06:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uyol يوللىغان ۋاقتى  2013-10-20 12:55 AM
تورداشلارغا ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن بۇ نى قۇشۇپ قوياي، پ ...

كۆپ رەھمەت سىزگە...

قىزىڭنى نۇمۇسچان قىل،                           ئوغلۇڭنى تېرىشچان قىل.

چىراقپاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64123
يازما سانى: 552
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8751
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1272 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-20 01:07:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
          ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ...بۈگۈنىمىزگىچە بولغان نامايەندىلىرىنى...ئەسەرلەر ئىسمىنى
  سىتات قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆزگىچە  كامپازىسسىيە بىلەن،چوقۇم ئوقۇشقا تىگىشلىك
  كىتاپلىرىمىزنى ھەمدە سەلتەنەتلىك...ۋە ئىبرەتلىك...تارىخىمىزنى نامايەن  قىلىپ بەرگىنىڭىزگە
  رەخمەت!   ئەپسۇسكى  بۇ تېمىنىڭ 1-قىسمىنى مەن كۈرەلمەي قالغان ئوخشايمەن...

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87112
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 988
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 381 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-20 01:09:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
honzade يوللىغان ۋاقتى  2013-10-20 01:03 AM
يەنە بىر كۈنلەر كېلەرمۇ كىتابقا بىر كىرىشىۋالىدىغان...  ...

شۇنى بىر دىمەمسىز ... ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرغىلى ئۈچ ئاي بولا بولمايلا بەك سېغىنىپ كىتىپ بارىمەن دىسە... ياندا بار نەرسىنىڭ  قەدرىنى راستىنلا بىلمەيدىكەن كىشى

قىزىڭنى نۇمۇسچان قىل،                           ئوغلۇڭنى تېرىشچان قىل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98236
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1283
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 307 سائەت
تىزىم: 2013-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-20 01:15:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئۇقۇمىغان رومانلار نىمانداق كۆپ ھەيييييييييييييييييييييييييي!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28592
يازما سانى: 701
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13082
تۆھپە نۇمۇرى: 890
توردا: 1127 سائەت
تىزىم: 2011-1-31
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-20 10:18:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شاۋقۇننى ئوقۇپ باقسام بولاتتى. تاڭ ئالدىدا تۇغۇلغانلارنى تاپالمايۋاتىمەن.

بۇ رومانلارنىڭ 80 پىرسەنىتتىن كۆپرەكىنى ئوقۇپ بوپتىمەن. خۇدا خالىسا قالغانلىرىنىمۇ ئوقۇشقا نىسىپ بولسىكەن دەيمەن. رەھمەت سىزگە! شۇنداق ياخشى ماسلاشتۇرۇلۇپتۇ.

ئالىمجان توختىمەت (جانبەر)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37230
يازما سانى: 758
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6716
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 1078 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-20 12:13:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆمۈر داستانى
سۇتۇق بۇغراخان
بەخىتسىز سەئىدىيە
بەدۆلەت

جاللات خېنىم
موللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە
ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە قىسس
ئانا يۇرت
بالدۇر ئويغانغان ئادەم
قاينام ئۆركىشى
ئويغان زېمىن
ئىز

...قاتارلىق كىتابلارنى ئوقۇپتىمەن. بۇ كىتابلاردىن پەقەت 10 پارچىمۇ كىتابىنى ئوقۇماپتىمەن.

بىر ئانا ئون پەرزەنتىنى باقالايدۇ. بىراق ئون پەرزەنت بىر ئاتا-ئانىنى باقال
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش