ئاۋال روھلان تور بېكىتىنى ئۇزۇندىن بۇيان ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان، تور بېكەتلەر سەركىسى مىسرانىمغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.
تولۇق نامى: روھلان مۇنبىرى
ئاندىرويىد (
android) يانفۇن تېرمىنالى
سىغىمى: 2.12 MB
يېڭىلانغان ۋاقتى: 2013-يىل 10-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىلى: ئۇيغۇرچە
نەشىر ھوقۇقى: ھەقسىز (روھلان تورى)
قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى:
روھلان مۇنبىرى ئاندىرويىد (Android) يانفۇن تېرمىنالىنى 2013-يىل 5-ئايدا ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەر ئارىسىدا تۇنجى بولۇپ، ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇلمىغان يانفۇنلاردىمۇ ئۇيغۇرچە نورمال چىقىدىغان ، كۆرۈنمە يۈزى كۆركەم، ئىقتىدارى كۈچلۈك قىلىپ تارقاتقاندىن كېيىن ناھايىتى كۆپ تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە ئېرىشكەن ۋە
بىر قىسىم ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەرنىڭ رۇخسەتسىز ھالدا روھلاننىڭ يانفۇن تېرمىنالىنى ئۆزىنىڭ مۇنبىرىگە ئۆزگەرتىپ ئىشلىشىنەتىجىسىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەر يانفۇن نۇسخىسى قىزغىنلىق دولقۇنىنى كۆتۈرگەن ئىدى.
گەرچە ئالدىنقى قېتىملىق
ئەپ ئاساسىي جەھەتتىن ياخشى چىققان بولسىمۇ بىر قىسىم خاتالىقلار ساقلانغان ئىدى، بۇ قېتىم خاتالىقلار تۈزىتىلدى.
بۇ قېتىملىق نەشرى ئايرىم ھاسىل قىلىنىپ قايتا ئىشلەنگەچكە ئاۋال ئالدىنقى كونا نۇسخىسىنى ئۆچۈرۋېتىپ، ئاندىن بۇ يېڭى نۇسخىسىنى قاچىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز، كونا نۇسخىسى ھازىر نورمال ئىشلىمەيدۇ.
بۇنىڭدىن كېيىن تارقىتىلغان باشقا ئۇيغۇرچە يانفۇن مۇنبەر تېرمىناللىرىنى ئۇچرىتىپ قاچىلاشقا توغرا كەلگەندە قاچىلاشتىن بۇرۇن يانفۇنىڭىزدا روھلان مۇنبىرى تېرمىنالىنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلىپ، قاچىلىغاندىن كېيىنمۇ روھلان مۇنبىرى تېرمىنالىنىڭ يانفۇنىڭىزدا بار يوقلۇقىغا دىققەت قىلىشىڭلارنى، ئەگەر باشقا بېكەتلەرنىڭكىنى قاچىلىغاندا روھلان يانفۇن تېرمىنالى ئۆچۈپ كېتىدىغان، باستۇرلۇپ كېتىدىغان ئەھۋاللارنى بايقىساڭلار مۇنبىرىمىزگە ئىنكاس قىلپ قۇيۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز، بىر قىسىم مۇنبەرلەر روھلان مۇنبىرىنىڭ يانفۇن تېرمىنالىنى ئۆز ئالدىغا رۇخسەتسىز بۇزۇپ ئىشلىتىدىغان ئەھۋاللاردا دەل مۇشۇنىڭدەك خاتالىقنى سادىر قىلىپ، روھلان تور بېكىتىنىڭ ھوقۇق-مەنپەتىگە دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلىدۇ، بىز بۇنىڭدىن كېيىن سىلەردەك روھلان تور بېكىتىنىڭ قوللىغۇچىلرىنىڭ ئىسپاتلىرى ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەتىمىزنى قوغدايمىز.
بۇ قېتىملىق روھلان مۇنبىرى ئاندىرويىد (Android) يانفۇن تېرمىنالى 1.2 نۇسخىسىدا تۈزىتىلگەن ۋە ئەلالاشتۇرۇلغان يارقىن نۇقتىلار تۆۋەندىكىچە:
1. ئەپ قوزغىلىش كۆرۈنمە يۈزىدىكى ئىككى دانە قارا چېكىت يوقىتىلدى .(كىچىككىنە خاتالىققىمۇ يول قويمىدۇق undefined)
2. ئىلگىرىكى ئەپ قوزغالغاندا يانفۇننىڭ پۈتۈن ئىكرانىنى ئېگەللەپ، ئۈستىدىكى سائەت، سىگنال بەلگىسى، باتارىيە توك قالدۇقى،... قاتارلىقلارمۇ كۆرۈنمەيدىغان ئەھۋاللار تۈزىتىلىپ، باشقا يانفۇن ئەپلىرىگە ئوخشاش قولايلىقلاشتۇرۇلدى.
3. ئۇيغۇرچە ئىسىمدا تىزىملاتقانلارنىڭ يانفۇن نۇسخىسىدا ئىسىم يېزىپ كىرەلمەسلىك مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ، تىزىملىتىش، كىرىش كۆزنىكىگە بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
4. تېما، ئىنكاس يوللىغاندا ئۇيغۇرچە ۋە ULY ئوتتۇرسىدا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغاندا مەزمۇن رامكىسىنى بىر قېتىم تاللاشتىن ئىبارەت ئاۋارىچىلىق تۈزىتىلىپ، ئۆز ئارا ئالماشتۇرغاندىن كېيىنمۇ بىۋاستە يازغىلى بولىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈلدى.
5. يانفۇندا
چۈشۈرۈش ئادرىسى قاتارلىق تور ئادرىسلىرىنى قوشقاندا ئۇلانماي ئادەتتىكىدەك چىقىۋالىدىغان، كومپيۇتېردا تورغا چىقىپ بىر قېتىم تەھرىرلىۋەتمىسە ئۇلانما ئىشلىمەيدىغان ئەھۋال تۈزىتىلپ، يانفۇندىمۇ بىۋاستە ئۇلانما قوشقىلى بولىدىغان، يوللىغان ئادرىس ئۆزلىكىدىن كۈچكە ئېگە بولىدىغان قىلىندى.
6. يانفۇندا يوللىنىدىغان تېما ، ئىنكاس چەكلىمىسى ئىلگىرىكى 1000 ھەرىپتىن 3000 ھەرىپكە كۆتۈرۈلدى، يانفۇندىمۇ كۆپ مەزمۇننى يوللاش ئەمەلگە ئاشتى.
7.
سۇئال بەلگىسى تەتۈر كۆرۈنىدىغان مەسىلە ھەل قىلىنىپ، ئۇيغۇرچىغا ماسلاشتۇرۇلدى.
ئىلگىرىكى ياخشى ئىقتىدارلار داۋاملىق ساقلاپ قېلىندى:
1. android سىستېمىلىق ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇلغان ۋە تۇنۇتۇلمىغان بارلىق نەشىردىكى يانفۇندا ئۇيغۇرچە خەتلەر نورمال كۆرۈنىدۇ.
2. يانفۇنغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلانمىغان بولسىمۇ يانفۇندىكى بەيدۇ، سوگو كىرگۈزگۈچلەردە كومپيۇتېردىكىگە ئوخشاشلا ئۇيغۇرچە تېما، ئىنكاس يازغىلى بولىدۇ.
(4.0 دىن تۆۋەن ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇلمىغانلىرىدا ئىنكاس يازغاندا خەتلەر تەتۈر ھالەتە يېزىلىدۇ، ئەمما يوللانغاندا نورمال يوللىنىدۇ)
3. تىزىملىتىپ كىرگەندىن كېيىن تېمىدىكى رەسىم ۋە ئەزالارنىڭ باش سۈرىتىنىڭ كۆرۈنۈش-كۆرۈنمەسلكىنى يانفۇننىڭ ئېقىم مىقدارىغا ئاساسەن ئىشلەتكۈچى خالىغانچە تەڭشىۋالالايدۇ.
5. بېكەتتىمۇ يېڭى ئەزالار نورمال تىزىملىتىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارالايدۇ.
6. باشقۇرغۇچىلار يانفۇندىمۇ ئوخشاشلا ئىنكاسلارنى ئۆچۈرەلەيدۇ.
7. يانفۇن ئېقىم مىقدارىنى ئىنتايىن ئاز خورىتىدۇ.
8. روھلاندىكى تېمىلارنى تېڭشۈن، شىنلاڭدىكى مىكروبلوگلارغا ھەمبەھىرلەشكە بولىدۇ.
9. يانفۇن نۇسخىدىمۇ كۆرۈپ يارىغان تېمىلارنى ساقلىغۇچقا قوشىۋالغىلى بولىدۇ.
10. دوست قوشقىلى، ئۆز ئارا مۇنبەر قىسقا
ئۇچۇرى يوللىغىلى، مەزمۇن ئىزدىگىلى بولىدۇ.
11. دوستلار، مۇنبەردىكى ئەزالار، ۋە يېقىن ئەتراپتىكى (30 كىلومېتىر ئەتراپتىكىلەر) نى كۆرگىلى بولىدۇ (خۇددى
ئۈندىدارغا ئوخشاش) .
12. سەھىپىلەرنى تاللاپ تېما كۆرگىلى، ئۆزى يوللىغان تېمىلارنى ئايرىم كۆرگىلى بولىدۇ.
13. يانفۇن قىسقا ئۇچۇرى ئارقىلىق روھلان يانفۇن ئەپ
دېتالىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى دوستلىرىغا تەشۋىق قىلالايدۇ (ئەلۋەتتە ئۆزىڭىز خالىسىڭىز) .
كۆرۈنمە يۈزلىرىدىن كەسمە رەسىملەر:
رەسىىملىرىنىڭ ھەممىسى يوللانمىدى، تېمىنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مۇشۇ بىر پارچە رەسىملا يوللاندى، قالغان رەسىمنى روھلاندىكى ئەسلى تېمىغا كىرىپ كۆرەەيسىزلەر.
چۈشۈرۈش ئادرىسى:
360 تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش:
http://yunpan.cn/QbDuzW4Hj3xK6
تېڭشۈن تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش:
http://url.cn/NL1VHJ
خۇاۋېي تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش:
http://dl.vmall.com/c0zjvvgkrg
روھلان تور بېكىتىدىن چۈشۈرۈش:
http://rohlan.com/rohlan.apk
بۇ يانفۇن تېرمىنالىنى ئىشلەشكە ئالاھىدە كۈچ چىقارغان
ئادۇۋكات تورىغا ۋە ئاريان ئەپەندىگە كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
روھلان تور بېكىتى
2013-يىل 10-ئاينىڭ 19-كۈنى
ئەسلىدىكى تېما ئادرىسى: http://bbs.rohlan.com/thread-25618-1-1.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rohlanbiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-19 08:49 PM