مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 10839|ئىنكاس: 71

شائىر ئوسمانجان ساۋۇت ۋاپات بولدى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96127
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2013-7-20
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-19 12:06:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

       خەلىقىمىزنىڭ پەخىرلىك قەلەمكەش پەرزەنتى،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان قەلەم ساھىبىلىرىنىڭ كۆيۈمچان پەرۋىشكارى، ئاتاقلىق شائىر، ئىقتىدارلىق ئەدەبىي تەرجىمان، پىشقان ئەدەبىي مۇھەررىر، ئوسمانجان ساۋۇت 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى بەختكە قارشى ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى.


      ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ تەرجىمھالى:

2_120329145404_1[1].jpg

      ئاتاقلىق شائىر ئوسمانجان ساۋۇت 1945-يىلى ماناس ناھيىسدە تۇغۇلغان. 1966-يىلى شنجاڭ ئۇنىۋىرستېتىنىڭ تىل ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن.1981-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە بېيجىڭدىكى لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتوتىدا ئوقۇغان. كۆپ يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، «تارىم» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىرلىك خىزمەتلىرىدە بولغان.

مەرھۇم شائىر ئوسمانجان ساۋۇت 1961-يىلى تۇنجى شېئىرىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان ، ھەرقايسى گېزىت-ژۇرناللاردا كۆپلىگەن شېئىرلارنى ۋە تەرجىمە شېئىرلىرىنى يورۇقلۇققا چىقارغاندىن سىرت  «ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ» ، «تاڭ لىرىكىلىرى»،تەڭرىتاغ شاماللىرى» ، «تۈن تىۋىشلىرى»، «تاڭلار بىلەن سۆزلىشىش»، «گۈللەر سۆزلەيدۇ»قاتارلىق شېئىر توپلاملىرىنى نەشر قىلدۇرۇپ ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى.

      ئۇنىڭ «ياڭرا ئەجەم»، «ۋەتىنىم سۈت بەرگەن ھالال ۋە ئاپئاق»، «يۈرىكىمنى تۇتىمەن ساڭا»، «توزان قەسىدىسى » قاتارلىق شېئىرلرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە 1-دەرىجىلىك موكاپاتقا ئىرىشكەن.

ئۇ تالانتلىق شائىرلا بولۇپ قالماي يەنە ئىقتىدارلىق ئەدەبىي تەرجىمان ئىدى. 1979- يىلى قۇرمانغالى ئوسمانوۋنىڭ قازاق تىلىدىكى «ئۇنىڭ ئوڭى ۋە چۈشى» ناملىق داستانىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش بىلەن ئەدەبىي تەرجىمە ساھەسىگە كىرىپ كەلگەن. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك شائىر- يازغۇچىلارنىڭ، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئىگىدارى پابلو نىرودا قاتارلىقلارنىڭ «يۈرەك»، «سۆيگۈ»، «ئادەم» دېگەندەك شېئىرلىرىنى، «مەڭگۈلۈك قانۇنىيەت»، «كۈلگۈلۈكمۇ، يىغلىغۇلۇقمۇ؟» دېگەن رومانلىرىنى، «ئاھ، ياراتقان ئىگەم»، «ساھىبجامال ئالۋاستى»، «رەنا قىز كۆلى»، «قىزىل شالداما» دېگەن پوۋېستلىرى، داستانلىرى، ھېكايىلىرى، ئىلمىي ماقالىلىرىنى ھەمدە «يۇغۇرلار كەلمەكتە غەربىي جەنۇبتىن» دېگەن داستانىنى ۋە «رەقىبلەر ۋە ئىتتىپاقداشلار» دېگەن تارىخىي كىتابلارنى، «ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى» نى تەرجىمە قىلغان ئىدى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-19 04:19 AM  


ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4234
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20195
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1680 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-19 12:23:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن!! ئۇنىڭ ئۆلىمى ئۇيغۇر شېئىرىيىتى جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن چوڭ بىر يوقىتىش

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32266
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3415 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-19 12:25:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن!

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28765
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-19 12:29:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇمنىڭ روھى ئەمىن تاپقاي !
مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا سەبىرلەر يار بولغاي !
بۇ خەۋەر ئىشەنچىلىكتۇ ھە ؟! ھىسام قۇربان بوۋا ، ئابدۇكىرىم ئابلىز قاتارلىقلارغا ئوخشاش بىردەم ۋاپات بولدى دەپ بىردەم ھايات دەپ تىمىلار يوللىنىپ قالمىسا دىمەكچىمەن .

مۇھتاجىلىق بەك يامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97760
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2168
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 403 سائەت
تىزىم: 2013-9-11
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-19 12:30:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇم ئۇيغۇر شىېىريىتىنىڭ بىرسەركىسى ، مەن ئۇنىڭ بىلەن بىرقىتىملا كۈرۈشكەن ئىدىم، ئۇ ناھايىتى كەمتەر، كىچىك پىل ئاەەم ئىدى. ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي!

چىراقپاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64123
يازما سانى: 555
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8782
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1272 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-19 12:31:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    مەرھۇم كۆزگە كۈرۈنگەن شائىرلارنىڭ بىرى ئىدى،بىز كۆپلىگەن  شىېرلىرىنى ئوقۇپ،
بەدىئى زوق ئالغان...مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن!    _ئامىن!....

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4309
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-19 12:54:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2929
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16724
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2595 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-19 12:57:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇمنىڭ يازمىلىرى شېئىرىيتىمىزنىڭ بىر ئەسىرلىك مۇساپىسىغا يول ئېچىپ بېرەلىگەن ئىدى ،ئۇ ئۆزگىچە ئۇسلۇپتا شېئىر يازىدىغان تىلغا باي ، ئىستىرولۇق تەسەۋۋۇر ئەھلى ئىدى ،ئۇنىڭ ‹‹گۈللەر سۆزلەيدۇ ››ناملىق توپلىمى ھەققىدە يېزىلغان ئوبزورۇمنى تارىم ژورنىلىغا بەرگەن ئىدىم،بۇ ھەقتە ھازىرغىچە بىرەر ئۇچۇر ئالالمىدىم...ئەپسۇس ئۇنىڭ قىزىغىمۇ بىر نۇسخا بەرگەن ئىدىم ،ئۇمۇ بۇ ئەسەر ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرمەي ھازىرغا كەلدى ،مەن مەرھۇمغا 2012-يىلى 4-ئاي ئەتىراپىدا تون كىيگۈزۈش مۇراسىمىدا ئۇرۇمچىدە ئىدىم،پائالىيەتكە قاتناشمىغان ئەمما سىرتىدىن بۇ ماقالىنى بىر تەھرىرگە تور ئارقىلىق يوللاپ بەرگەن  ئىسمى مۇھەممەت ئەيسا بولسا كېرەك،شۇ چاغدا قىزى ئۇچراپ قېلىپ ئۇنىڭغىمۇ بىر نۇسخا بەرگەندىم...ھەي ئۇلاردىن بىر ئېغىز سادا چىقمىغىنىغا ھەيرانمەن، بۇ يەردە تورداشلارغا ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ كۆرەي،ئۆزۈمگە يارىغاچقا سىلەرگە يوللىدىم،مەرھۇمنىڭ روھىمۇ خوش بولۇپ قالسۇن......!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2929
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16724
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2595 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-19 01:00:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹ گۈللەر›› سېنىڭ نامىڭدىن سۆزلەر  
                   (ئوبزور)               
  قاراخان

         پاساھەتلىك شائىر ،پاراسەتلىك تەرجىمان ،ماھارەتلىك مۇھەررىر ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ‹‹گۈللەر سۆزلەيدۇ››  ناملىق    توپلىمىدىكى    قانتېپەر شېئىر-بىېيتقا بولغان ئامراقلىقتىن شېئىر مىللىتىنڭ  ھېرىسمەن -ھەۋەسكارى بولۇشتىن چەتتە تۇرالمىدىم .شۇڭا ئۆزۇم خوپراق شئىر -نەزمە پۈتەلمىسەممۇ پۈتكەنلەردىن كۈتكەنلىرىم ئەلگە ئورتاق  بولسۇن دىگەچكە يەككە  تۇرالمىدىم ... 1500يىلنىڭ ئالدىدىكى جەزىبىدار كۈي ‹‹تۇرا ناخشىسى››دىن ھازىرقى ‹‹تۈگىمەس ناخشىا ››غىچە،تەنلىرىمىز ياپراق بولغۇدەك قانچىلىغان ئىزتىراپلىق شېئىرلاردىن بەھىرلىنىپ گوياكى تويۇنغان ئېرىتمە ھالىتىگە كېلىپ قالساقمۇ تىلىمىزدا دىلىمىزدا ،ئويىمىزدا ، بويىمىزدا يەنىلا شېئىرنىڭ غەلۋە ،پۇراقلىرىدىن خالى بولالمايدىكەنمىز. بىزگەشۇنداق شېئىر كېرەككى - قۇلىقى پۈتۈكنى ، دىلى ئۈزۈكنى،ياكى ‹ئۆلۈمتۈك› نى ،ئۇسۇلغا سالالايدىغان،بىزگە شۇنداق شېئىر كېرەككى:ئىللىق مېھرىدىن مېھرىمىزگە مېھىر ئاتا قىلالىغان مېھرىۋان ئانىلارغا ئوخشاش، بىزگە شۇنداق شېئىر كېرەككى :‹دۆلەت ›ۋە ‹سۆلەت›لىرى بىلەن ‹دۆلەت ›ۋە ‹سۆلەت › لىرىمىزنى ،زىيادە ئەتكەن غەمگۇزار ئاتىلارغا ئوخشاش، بىزگە شۇنداق شېئىر كېرەككى: سۆيگۈ دېڭىزىدىن  سۆيدۇرگۇ ئىلتىپات ئېتىپ تەشنالىقىمىزنى بويسۇندۇرغان  ۋاپادار گۈلنىگارىمىزغا ئوخشاش، بىزگە ھەتتا شۇنداق شېئىر كېرەككى ، تەڭرىنىڭ دەرگاھىدىن ھەر بىرىمىزگە نېسىپ بولۇپ ئەكس سىياقىمىزنى ئىزھارئېتىپ تۇرغان ھالال پەرزەنتىمىزگە ئوخشاش!
        مەن دەل شۇنداق شېئىرلار  بىلەن  ئېلىم ئەلدەك ،مۈشكۇللىرىم ھەلدەك ، ئاتقان ئوقلىرىم دەلدەك ئولجا ھېسلارغا  ئەسىر  بولىمەن . قاچانلاردا ئا.س.پوشكىننىڭ ‹‹گۈل›› دىگەن شېئىرىنى ئوقۇپ ئۇنى غايىۋانە ھالدا ئۆزۈمنىڭ قىسمەتلىرىگە تەققاسلاپ كەتكەنلىگىمنى : يەنە قاچانلاردا  مۇھەببەتكە تۇتقۇن شائىر ئابدۇللا ئارىپوۋنىڭ ‹‹سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ ››دىگەن شېئىرلىرىغا جاۋابەن  بوينۇمنى قىسقانلىغىمنى:‹‹مەرھابا ئىنسانغا زوق بەرگەن باھار››-دىگەن  شېئىرنىڭ مۇئەللىپى ئەي  چىڭنىڭ ‹‹دايەنخې -سەن  مېنىڭ ئانام››-دىگەن شېئىرلىرىنى تەكرار-تەكرار ئوقۇپ  ،ئۆزۈمنىڭ كىمنىڭ پەرزەنتى ئىكەنلىگىمنى كۆز ياشلىرىم بىلەن ئەسلەپ  يەنە نە  ئۈچۈندۇر سەۋەپسىزلا پەسلەپ قالغانلىغىمنى قىياسىمغا ئېلىپ مىجەزىم يىرىكلىشىپ قالغانىدى. ئاقىۋەت ‹‹ئالمىدەك  يۈرەككە ئالەمچە سۆيگۈ،، تارتۇق ئەتكەن‹‹تۇپراق››-دىگەن شېئىردىن كۆڭلۇم تەسكىن تېپىپ ئەسلىمگە  قايتقاندەك بولدۇم . ئۇنىڭدا شۇنداق دىيىلگەن ئىكەن:
        ..........
  ‹بىر يەردىن بىر تال چۆپ يۇلۇپ كۆرگىنە
  باغرىمدىن  سۆكۈلەر  ئۇنىڭ   يىلتىزى ...›

       مانا بۇ  قەلىمى چاپقۇر ، زېھنى تاپقۇر  شائىرنىڭ ئانا تۇپراق ۋە يېشىل گىياھقا قوشۇلۇپ چىقارغان ساداقەت كۈيىنىڭ  ‹13-مۇقامى›!؟ ‹‹گۈللەر سۆزلەيدۇ›› 34-بەتكە قارالسۇن.... مەسلەكداش ۋە ئوقۇلداش  ئابلىكىم خېۋىرنىڭ ‹‹مەۋجۇدىيەت ۋە 21-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى››-دىگەن ماقالىسىدا :‹‹.....شۇنداق قىلىپ  ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مۇكەممەل يېزىلىپ بولغاندەك قىلىدۇ ،بۇنىڭ ئۆگزىسىنى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ياپتى ››-دىيىلگەن بولسا ‹‹تۇپراق›› -دىگەن شېئىر دا ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ئۆگزىسىدىن دەل تۈڭلۈك ئېچىلدى دىيىشكە بولىدۇ.ئەگەر ئۇنداق ئەمەس دىيىلسە شائىرنىڭ ‹‹ئۇۋا››-دىگەن شئىرىدىكى ئېزگۈ ھېسلاردىن  ھۆپۈپنىڭمۇ نىمىشقا ئۆز ماكانىنى ئەزىزلەيدىغانلىغىنىڭ تەكتىگە تېخىمۇ چوڭقۇر يېتەلمىگەن بولاتتۇق .ئەلۋەتتە.
       بىز شائىرنىڭ  دەريا -كۆللەرنى ،دېڭىز- ئوكيانلارنى، ماكان تۇتقان مەخلۇقلار بىلەن بىرلا يەر شارى ياكى ئاۋات شەھەرلەرنى ماكان ئەتكەن ئالى مەخلۇقلار نىڭ نەپسى خاھىش،ئەيش-ئىشرەت ئۈچۈن تۆلىگەن قۇربانلىقلىرىغا  دارىتمىلاپ ،سېلىشتۇرما قىلماق بولغان   ئىبرەت -ئشارىسنى ،قەلبىمىزگە تاقىماق بولغان ئىنساپ ئىزنىگى  دەپ ئېتىبارىمىزغا ئالالايمىز.
    - ‹‹ ئانا بېلىقنىڭ بېلىجانغا قىلغان ئۈگۈت››-لىرىدە:
      ........
   ‹‹باغرىمىز ئاق ،بۇژغۇن ئاپپاق ،تاڭ ئاپپاق.
  تامچە ئاپپاق ،ئېقىن ئاپپاق ،يەر ئارا.
  ئويلاپ باقسام ھەممە ئاپپاق ،ھەي بىراق ،
  ئادەملەرنىڭ نىيەتلىرى قاپقارا.››--

      دىمەك،شائىرنىڭ قەلىمى بىردە قۇرۇقلۇق بوستاننى ،بىردە ئەرش -ئەلا ئاسماننى ،بىردە دەريا  -ئوكياننى تىلغاپ ،ئاسماندىن- يەرگىچە، يوقلىقتىن- بارلىققىچە،ھەممىنى سۆزلەپ بىزنىڭ دىلىستانىمىزنى بىردەك ئىلكىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ توسۇن  قەلىمى تەبئەتتىكى ھەر بىر شەيئىنىڭ يۈرىگىدە بىمالال يورغىلايدۇ. شورپا يۈزىدىن ،شائىر سۆزىدىن مەلۇم دىگەن شۇ بولسا كېرەك ،بىز توپلامنىڭ قوينىدىكى ھەر بىر سۆزدىن تارتىپ تىنىش بەلگىلەرگىچە، ئۇنىڭ بىزگە، بىزنىڭ ئۇنىڭغا  دەپ كېتەلمىگەن ھېسلىرىغا ھەمنەپەس بولۇپ قايسى بىر شائىرنىڭ :‹‹سەپىرىمدە سەن ھامان مېنىڭ ،نىگاھىڭدا مەن ھامان سېنىڭ››-دىگەن مۇڭلۇق  كۈيىگە ئازاپلىق ئازاپتا شۇڭغۇپ كىرىمىز . شائىرنىڭ ئانا تەبئەت بىلەن بىر  تەن، بىر گەۋدە بولغان يەنە قانداقتۇر بىر خىل ھېسلىرىنى -بالايى -ئاپەتنىڭ يىلتىزى بولغان ئاچكۆزلۈك،  ،رەزىللىك ھەم بىر توغرام گۆش ئۈچۈن بۇلبۇلنى سويۇپ يەيدىغان ۋەھشىلىكىگە قارىتىلغان  مۇنۇ دىلئازارىدىنمۇ  كۆرۈۋالماق تەس ئەمەس !
      .............
   ‹‹كىيىك ئەمەس ئاتقىنىڭ ،بالاڭ ئىنسان ،
   بالاڭ ئەمەس ۋە بەلكى ئاناڭ ئىنسان .
   ئاڭدىن ئۆتۈپ تەگدى ئوق تەبئەتكە ،
   نەپسى مىنگەن ئەقلىگە ساراڭ ئىنسان.

      ‹‹كىيىك مەرسىيەسى››نىڭ يۇقۇرقى بىر پارچىسى بىزگە ئانا تەبئەتكە بولغان ۋىجدانى مەسۇلىيەتنى ئەسلەتسە ،‹‹شۇڭقارلىرىم ئىگىز ئۇچ››بىزگە ئۇچار -قاناتلارغا  ئۇچالماي قالغان ئارمانلىرىمىزنى قانداق تېڭىشنىڭ نازۇك ھالقىلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بولۇپمۇ بىزنى كېچىسى جۆيلۇگەك ،كۈندۈزى سۆزلۇگەك قىلىپ قويىدىغان ‹‹تۇن تىۋىشلىرى›› گە  تېگىش قىلىپ باقساق  يۈرۈكىمىز باشقىچە دۈپۈلدەيدۇ...
    ........
‹‹تومۇرىمىز تۇتاشتۇر كۈلكىسىگە دائىما،
مىڭ ئەسىرگە تەڭ بەلكى مېنىڭ مۇشۇ بىر كۈنۈم،
قاچماق بولغان ۋاقىتنىڭ مەن بارمايمەن رايىغا ،
ئۇچار مىڭ يىل بوشلۇقتا بىر كۈندىكى مىڭ ئۈنۈم ......

     گەرچە بۇ شېئىردىكى مۇبالىغىدىن بىز سەل شەكلەنسەكمۇ ئۇنىڭدىكى چىن ھېسسىياتنىڭ تەبئى تەپتىدىن يەكلەنمەيمىز . شائىرنىڭ مىللەتنىڭ قەلبى ھېساپلانغان ئانا تىلىمىزغا  زىننەت ، ،نەقىش ئەتكەن شېئىرى تىللىرى  پاساھەت ،بالاغىتى بىلەن بىزنىڭ ھامىلىق قىلىشىمىزغا مۇھتاج بولىۋاتقان  تىل مەدەنىيىتىزگە ، روھىمىزغا جاسارەت تېنىمىزغا قان،ھارارەت  بەخش ئەتكەچكە يۈرەكلىرىمىز  زەم -زەم بۇلاققا ئەركىن چىلاشقاندەك گوياكى ئادەمدەك ياشاش كۈيلىرى ، قۇلاق تۈۋىمىزدە ياڭراۋاتقاندەك ، بىر خىل سېزىمگە نائىل بولۇپ، مەجھۇل بەختنىڭ مېغىزىنى  بىرلىكتە چاققاندەك ھوزۇرلىنىمىز .
    بىز ئارقىدىنلا يەنە چىنلىق ،ياخشىلىق ،گۈزەللىك  كۈشەندىسى بولمىش ‹‹ئۆسەكچى››نىڭ ،قېنىغا سىڭىپ كەتكەن‹ھەسەت›،‹پىتنە -پاسات›قىيانلىرىغا نەزەر سالساق  يۇلتۇزدەك چاقنىغان قاپقارا كۆزلەر ئالدىدا تۈندەك ،ئۆڭكۈردەك ، قاپقارىغا بەنلەنگەن سۆيگۈسىز كۆڭۈللەرنىڭ قان تۆكمەي جان ئالىدىغان دەججال پەيلىنى كۆرگەندەك بولىمىز...
     ‹‹قىلىچ يەپ تۇرىدۇ سۈپ-سۈزۈك ئاسمان،
     يامغۇرچى بۇلۇتلار قان قۇسار يەرگە .
     تېگىدۇ بۇ قىلىچ  مىلتىقلار ئاسقان،
    باغرى ئوت پىداكار ،ۋىجدانلىق ئەرگە.

           بىز قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يەيدىغان بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ رەسۋا قىياپىتىنى يۇقۇرقى قۇرلاردىن سەزگەن ۋاقتىمىزدا  شائىر دەرھال شۇنداق سۇئال قويىدۇ :
         ‹‹كىمدۇر  بۇ قىلىچلىق بىگانە بىزگە ،
          دوستلىرىم ،
         سەن ماڭا شۇنداق دىمەكچى ،
         باياتىن خۇنخور دەپ يازغىنىم سىزگە ،
         ئىزىدىن چۆپ ئۈنمەس  جاللات ئۆسەكچى››

      بۇ ئۈزۈك قۇرلاردىن ئاغزىدا كۈلكە -چاخچاق ،قوينىدا پالتا-پىچاق كۆتىرىپ يۈرگەن گېپى تولا ،يۈزى يوق ، دىلى جىن ،تىلى ئالۋاستى  ئۆسەكچىلەرگە قانداقمۇ زەردە قىلماي تۇرالايمىز؟ چۇنكى ،     ‹‹تۈندىكى شىۋىرلاشلار››-دىمۇ:
         ‹‹ئەجەللەرگە ئوخىشاپ كېتەر پىتنە -ئىغۋالار،
         نەشتىرىدە كېتەر دائىم دىلنى يارىلاپ››-دىيىلگەن ئەمەسمىدى؟

ئىنسان تەبئىتىدىكى قىزغىنىشمۇ  بىر خىل كېسەل، شۇڭا بىزدە ئالا  بولغاندىن  ‹‹ئالا››  بولغان يامان دىگەن ھېكمەت بار . بىز شائىر بىلەن بىرگە ‹‹ھەسەت›› -ئوقلىرىنىڭ دەردىگە بىرلىكتە دەرمان بولۇپ كۆرەيلى:
    ..........
      ‹‹پارلاپ تۇرغان چېقىن سۆزۈڭ  بۆلۈنگەن ماڭا ،
     ئەجەپ بۈگۈن ئۇندىن كۈلدى  باشقا  قۇلاقلار .
     قانداق بېسىپ بەرسەم بولار كۆڭلۈمنى ئاڭا ،
     ئۇنى يۇيۇپ تازىلاركىن قايسى بۇلاقلار؟

   قىزغانچۇق خۇدانىڭ مەرتلىكىدىنمۇ قىزغىنىدۇ -دىگەندەك بىر مەنزىرە بۇ شېئىردىن تەپچىپ تۇرىدۇ. شائىر  يارىنىڭ ھەر بىر تىنىقلىرىنىمۇ ئۆزگىلەرنىڭ ياۋا قۇلاقلىرىدىن قاچۇرۇشتەك ئىنسان تەبئىيىتىدىكى ئىچكى تۇيغۇلارنى قېزىپ بىز بىلەن تەڭداش پەللىدە تۇرۇپ ئوچۇق ئىپادە قىلغان بولسا،‹‹ھەسەت››تە؛
       ‹‹شاتلىقىنىڭ  يىلتىزى رەشىكتىن سولار ،
       سولدۇرما گۈللەرنى يا قادىر مەۋلان؟!››-

-دەپ رەھمانغا ئىلتىجا قىلىدۇ. ئۈچ پەرزەنتىگە ھەم ئانا ھەم ئاتا بولالىغان بىر ناتىۋان مەزلۇمنىڭ ۋاپا، ۋىجدان ،ئەقىدە ئىخلاسىغا پايغان بولغان  يۈرىگىنى شائىر يىڭنە بولۇپ كىرىپ بىگىز بولۇپ چىقىدىغان لەرزىدە ‹‹قۇياش ئانا ھەققىدە داستان››-دىگەن شېئىرى ئارقىلىق  مۇنداق يورۇتىدۇ ؛
.........
دۆڭ كۆۋرۈك تەرەپتە تار بىر ھويلىدا ،
  بىر قۇياش ئانا  بار مەن تونۇيدىغان.
  ئاجايىپ خىسلەت بار ئۇنىڭ بويىدا ،
  دىللارنى بالقىتىپ تىغ يونۇيدىغان ››-

  بىز شائىرنىڭ تىلغا  توشاق  تىنىقلىرىنى تەسىتىقلاپ  تۇرغان ئاخىرقى مىسرالاردىكى ‹دىللارنى بالقىتىپ تىغ يونۇيدىغان ›-دىگەن مىسرالىرىنىڭ مېڭىمىىزگە قانداق قۇيۇلۇپ كەتكەنلىگىنى سەزمەيلا قالىمىز .ئەقىلگە سىغقۇدەك سۆزىنى قىلالىغان ئاقىلنىڭ سۆزىگە ھەركىمنىڭ چىن پۈتكۈسى كېلىدۇ،بىز شائىرنىڭ؛
    ‹‹ئۈرۈمچىگە كەلدى يەنە يېڭى بىر يىل››-دىگەن شېئىرىدىكى:
     ‹‹بىر رەنايىم ھەزىللەشتى (ياشىسۇن ھەزىل)
     ئۇيقۇ بىلمەس مونيىقىمغا تىلىدى ئۇيقۇ.
     ئاشىق ئۈچۈن قەلب دىگەن ئۇلۇغ بىر مەنزىل ،
     يېنىپ تۇرغان تۇيغۇ دىگەن ئاجايىپ تۇيغۇ..›،-

دىگەن مىسرالىرىغا قارىساق  شائىرنىڭ شېئىرى تىلدىن كۆنەلگۈ ئۇيۇتۇپ ،شېئىرى پىكىردىن قېتىق ياساپ ئۇنى بىزنىڭ مەنىۋى ئۇسسۇزلۇقىمىزغا خۇش كەتتى قىلغانلىقىنى  سېزىمىز .
........
تومۇرۇڭدا ئاققان<>تىپ قان،
ۋۇجۇدۇمدا چىچەكلىدى جان .
ئايدىن ئاققان، قۇياشتىن ئاققان ،
دىلغا ئۆچمەس ئالەم ئوت ياققان .
سېنى پۈتمەس ئىپتىخارىمدىن -
ئىبارەت دەپ بىلدىم ئايسۇلۇ››.

-دىگەن شېئىرنىڭ  دىلىمغا سۈزۈكلۈك  بەخش ئەتكەن ئېسىل دۇردانىلىرىدىن  پاكلىق ۋە سۆيگۈ مىسالى  بولمىش ئايسۇلۇنىڭ شىكەستىلەنگەن يۈرىكىمگە خۇددى گۆشكە سېپىلگەن تۇزدەك كارامىتى بىلەن سىڭىپ كىرىپ بۇزۇلۇش ئالدىدا تۇرغان يۈرۈگۈمنى ساقلاپ قېلىشى ، سۈلكۈتۈمنى تەڭشىگەندەك تەسىراتقا چۆمۈلدۈردى. بولۇپمۇ  ئۇنىڭ ‹‹قۇياش روھى››دىكى  ‹زەررە›،‹جەننەت›،   ‹قورغان› ‹ئايەت›،‹ھېكمەت› ‹تەڭرى›دەك -دىگەنگە ئوخشاش ئسىتىئارە ،ئىبارىلەر ،گۈزەل ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر  بىلەن پۈتكەن مىسرالىرى ئۇلۇغلۇقنىڭ ،ئېسىل پەزىلەت نۇرانە خىسلەتنىڭ  چەشمىلىرىنى قەلبىمىزگە تەكشى پۈركىگەنلىگىنى تولۇق ھېس قىلغان ۋاقتىمىزدا باشقىلار بىلەن بۇ شېئىردا ئورتاقلىققا باش قوشالمىساقمۇ  توماس ئېللىيوتنىڭ ‹‹ئۆز مىللىتىنىڭ ئالاھىدىلىگىنى جاھىللىق بىلەن ساقلايدىغان شېئىردىن باشقا سەنئەت بولمىسا كېرەك ››-دىگەن سۆزى بىلەن خەستە كۆڭلۇمنى   بەزلەشكە مۇۋەپپەق بولالىدىم. چۇنكى بۇ شېئىرلار
شائىرنى ماڭا ، ماڭا بولسا ئۆزۈمنى تونۇتتى . بىز توپلامنىڭ ھەر بىر سەھىپىلىرىدە  يەردىن قېلىن ،دېڭىزدىن تېرەن ،تاغدىن ئىگىز  پىكىر تەسەۋۋۇرلارنى  ئۇچرىتىپ تۇرىمىز .مەسىلەن:
          ‹‹يېڭىلگەنلەر ئەرۋاھ بولسا ،   يەڭگەنلەر تەڭرى›› -دىگەن ئەقلى يەكۇندە ئاخىرلاشقان ‹‹پەرياد چېكەر كېزىپ يۈرگەن ساياق بىر ئەرۋاھ››-دىگەن شېئىرنىڭ ؛

       -  ‹‹ئاتامنىمۇ ،ئانامنىمۇ چېكىپ تۈگەتتىم ،
           ئۇزلۇقىنى سويۇۋالدى كۆزۈمدىن دۇنيا .
           ئادەملىكتىن چىقتىم ،يىراق يەرلەرگە كەتتىم ،
           مىللىتىنى ساتقان يۈزسىز ساتقۇندەك گويا .

-دىگەن‹‹سەپرا ›› قۇرلىرىدا شائىرنىڭ ئىچى تۇتۇن ،تېشى پۈتۈن ھالدا مەيدانغا چىقىپ ، بىر قىسىم تۇيۇق يول، ئەيش-ئىشرەت كوچىسىدا خۇدىنى يوقاتقان ئوغۇل-قىزلىرىمىزنىڭ  بىرى بەڭگە خۇمار بىرى رەڭگە خۇمار بولغان  پاجىئەلىك قىسمەتلىرىگە شەھىدانە قىسمەتداشلىقىنى تەڭكەش ئەتكەنلىكتىن بىز خۇددى قىشتىمۇ  ھاۋا گۈلدۈرلىگەندەك ئىسسىق -سوغۇق ئېقىمنىڭ پاسىلىدا تېڭىرقايمىز. جۈملىدىن مەن قاينامنىڭ تېگىدە  قاينام بارلىغىنى ‹‹دىل  ئەمرى ›› دىن بىلگەن چېغىمدا ‹‹دەرەخ ۋە يىلتىز ،نۇر ۋە سايىلەر››گە،قاراپ  قايسى بىر ئەزىم دەريادا تەنھا ئۈزۈپ كېتىۋاتقان نۇسرەتلىك غەۋۋاسقا ئوخشاش  ھېسلارغا  ئەسرا بولدۇم.
          زەبەردەست شائىر ئۆمەر ھەييام ھەم ‹‹ئزدىنىش ئىچىدە ئىلگىرلەش››كە نەمۇنە تىكلىگەن مەرھۇم ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىننىڭ رۇبائىلىرى بىزگە تىل يەتمەيدىغان  يەر يوقلىقىنى دەلىللەپ بەرگەن بولسا شائىرنىڭ بىر قىسىم رۇبائىلىرى بىزگە ھەممە گەپنى مۇپەسسەل دىيەلمىگەن بولسىمۇ ئەمما كۆڭلىمىزدىكى گەپنىڭ تۈگۈنىنى يېشىم تاپقۇزغاچقا  كۆيۈككە كۆيۈك داۋاكەن دىگەنلەر كۆڭلۈمدىن تولۇق كەچتى  .‹‹سۈتتەك ئاق
دىدىڭىز  قارامنى ئانا،نۇردەك ساق دىدىڭىز يارامنى ئانا . ئالەمنىڭ چىرايى ئېسىڭىزدە يوق ،كۈلكەمدىن ئالدىڭىز ئارامنى ئانا››  ‹‹ھەممە ئۈن بار ئالەم ئارا پەقەت بىر ئۈن يوق ،ھەممە بۇي بار  ئاڭقىپ تۇرار پەقەت بىر بۇي يوق .  جېنىم ئانا ئىزدەپ كەتتىم سىزنى باغلاردىن ، يۈرۇكىمنى تەشتى گۈللەر ئېتىپ ھەسرەت، ئوق.››  49-.(گۈللەر سۆزلەيدۇ) بەت،270-بەتلەرگە قارالسۇن؟          قەدىمى‹‹كرورەن گۈزىلى››،جەسىدىنىڭ ياپونىيەدە كۆرگەزمە قىلىنىشى بىلەن تەڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى ئارىسىدا  كرورەن قىزغىنلىقى كۆتىرىلىپ تارىخ بىلەن بۈگۈننىڭ ئارىسىدا  بوراندىن كۈچلۈك داۋراڭ كۆتىرىلگەندە شائىر خەنجەردىن ئىتتىك قەلىمىنى ئالقاندا ئوينىتىپ تۇرۇپ ‹‹ئاھ ،كرورەن››-دىگەن شېئىرىنى يېزىپ كۆڭلىمىزدىكى ھاياجانغا ھاياجىنىنى  قوشتى. بۇشېئىردىكى پىكىرنىڭ سالمىقى ماڭا نېللى ساكسنىڭ(گېرمانىيە) ‹‹ئاھ،جېنىم ئانا››-دىگەن لىرىك شېئىرىنىڭ ھەسرىتىدىن يەڭگىل تۇيۇلمىدى ، ماڭا شۇندىلا بارنى قەدىرسىز چاغلاپ،يوقنى قەدىرلىمەككە كۆنگەن قاششاق كۆڭلىمىزنىڭ بىر بۇلىڭىغا چىراق يېغىلغاندەك بولدى:
      ‹‹ئەقلىمىزنىڭ قايسى بەتلىرى
      سېنىڭ بىلەن بولغاندۇر پىنھان؟
      زامانلارنىڭ قايسى خەتلىرى،
       سېنىڭ بىلەن تاپشۇرغاندۇر جان.

   بۇشېئىردىكى ئىدىيىۋى ،بەدئىى مەنزىل شائىرنىڭ ھېسسىياتى بىلەن ئىچكى تۇيغۇسىنى خۇددى دېڭىزغا مەنسۇپ بولغان زۇمرەت تامچىدەك ئايرىلماس مۇئەييەنلىككە  قوشىۋەتكەن . ئۇنىڭدىن يۈكسەكلىك بىلەن تىرەنلىك يىراقتىكى يالقۇن بىلەن يېقىندىكى ئۇچقۇن  باغدىكى بۇلبۇل بىلەن تاغدىكى زاغ ،گۈلسۇرۇخ بىلەن ئەمەن بىر بىرىدىن رۇشەن ئايرىلىپ تۇرغانلىقتىن تەقدىرىمنى قولۇمغا ئالغاندەك خۇرسەن  بولدۇم. يۈرۈكىدىكى ئۆز  قايغۇسىنى ئەمەس ئەل قايغۇسىنى ،ئەل دەردىنى  كۆتىرىپ چىقىپ بىزگە ئەسلى جاراھەتنىڭ نىمىلىكنى ھېس قىلدۇرالىغان شائىرىمىزنىڭ دېڭىزدىكى يەلكىنىنى گوياكى شامال چىققان ھالقىلىق پەيتتە كۆتۈرۈشۈپ بەرگەندەك خۇرسەن بولدۇم.ياپراقنىڭ چۆكۈپ تاشنىڭ لەيلەپ قالىدىغان ئاداققى مەنزىرىسىگە شاھىد بولالايدىغان ئالدانماس يۈرەكنىڭ  تىمتاس قۇدرىتىدىن تېخىمۇ خۇرسەن بولدۇم!
      شائىرنىڭ مەن بىلەن ئۆزگە ئوتتۇرىسىدىكى  مۇۋازىنەت -تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ  قېلىش ئۈچۈن  بوغىزىغا كېلىپ قالغان گەپلىرىنى دېدىل ئىپادە  قىلالىشى سۈكۈتنىڭ خېرىدارى بولغىنىدىن ئەۋزەل ئۈنۈم  ياراتقان . ئۇنىڭ ئۇسلۇپ جەھەتتە ئەنئەنىۋى شەكىلنى ئانچە  ئىززەتلەپ كېتەلمىگەندەك ھالەتتە يېزىلغان بىر قىسىم شېئىرلىرى بىز گە يەنىلا بىر قىسىم ئەنئەنىۋى ئۇسلۇپتا يېزىلغان شېئرلاردىنمۇ بەكرەك  ھوزۇر بېرەلەيدۇ . بىز ئۇنىڭ زىمىستان بىلەن  باھارغا قىلغان شائىرانە  مۇئامىلىسىدىن ئۇنىڭ ئۆزىدىن ۋە تەبئەتتىن  ھالقىپ كەتكەن  مەغرۇر‹‹كۆرەڭلىكى ››ىنى كۆرۈپ ،ئىلگىرى ئېرىشىپ  باقمىغان شېئىرى ئىشرەتكە  ئاياغ باسىمىز.
        ئۆزى يېڭىلىق يارىتىشقا ،ھەم باشقىلارنىمۇ ئاشۇ يېڭىلىققا قارىتىشقا  ئىستىتىك تىل بىلەن پىچىرلىيالىغان شائىر ئۆزىنىڭ قۇياش بىلەن ئاينىڭ بۇرچىنى ئادا قىلىۋاتقانلىغىنى بىزگە  تەكىتلەپ كەتمىسىمۇ بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سېزىمىمىزدە  ھەممە نەرسە ئايدىڭ ئاشكارە بولىدۇ.شائىرنىڭ تىل نۇقتىسىدىن  پەن بىلەن دىننىڭ ئسىتىھكامىغا تەڭ بۆسۈپ كىرەلىگەن‹‹جەننەت كۆڭۈل دىلدارىم ،باشلا مېنى جەننەتكە ››دىگەن لىرىك قىيانى ھەم ‹‹ئېچىنىش ››-دىگەن  شېئىرىدىكى پىراق-پىغانى گوياكى كۆزۈمنى ئويۇپلا  قولۇمغا ھاسا تۇتقۇزۇپ قويغاندەك شېرىن ئازاپنىڭ تەمىنى تېتىت قانلىقتىن  خاھىشىمدىكى ئەگرىلىكتىن خالاس قىلىندىم .
    شائىر گۈل قولىدا گۈل ئاچقان  قىسمەتلىرىنى ئۆزىنىڭ كۆڭۈل ئاتلىسىدىكى  ۋەتەنپەرۋەرلىك ئوربىتىسىدا ئارمانسىز ئىپادە قىلىپ توپلامنى قولىغا ئالغان ھەرقانداق بىر ئىشتىياق ئەھلىنى نائۇمىدتە قويمىغان.
    ئۇنىڭ‹‹ دوستۇمغا ››،‹‹ياشلىقنى يىگۈزدۈم يىللارغا ››‹‹تاغ ناخشىلىرى››دىكى 22 شېئىرى بۆلەك (ستروفا)غا قارايدىغان بولساق ھەر گۈلنىڭ پۇرىقى باشقا-باشقا ئىكەنلىگىدىن ‹‹سەندىكى ھەر گىياھ ماڭا بىر مەككە ،تالمايمەن تېۋىنىپ شامۇ-سەھەردە ››-دەپ،چاچراپ قوپىمىز . قىسقىسى، شائىر تەسۋىرگە ئالغان ‹‹گۈللەر...››ئانا تۇپرىقىمىزنىڭ قوينىدا باراقسان بولۇپ ئۆسكەن ، ئۇنىڭ قوينىدا تارام-تارام يىلتىز تارتقان ھاياتى كۈچنىڭ سىمۋولى
بولۇپ بىز  بۇ ‹‹گۈللەر..››نىڭ يۈرەك سۆزلىرىدىن ئانا تىلىمىزنىڭ ، سولغۇن دىلىمىزنىڭ گۇڭۇر- مۇڭۇرلىرىنى ، مىللىتىمىز روھىيىتىنىڭ ئاددى ۋە مۇرەككەپ بولغان بايانلىرىنى تىڭشايمىز . بۇگۇللەر يەنە مىڭ يىللاردىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق ئەقىدە ۋە يوسۇندا   سۆزلەيدۇ ، بۇ گۈللەر سولسىمۇ خۇشبۇي ھىدى دىماغلاردا مەڭگۈ   قالىدىغان  ،  توزىماس گۈللەردۇر . شائىرنىڭ تىل ھۈجەيرىسى ،  تەبىئەت بىلەن بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدىكى مۇساپىنى ‹‹چىمەن ياپراقلىرى››دىكى،  ۋالت ۋىتمان(ئامېرىكا)نىڭ* ،ئىجتىمائىيەت بىلەن بولغان مۇساپىسىدىن مىڭ ھەسسە  ئارتۇق يېقنلاشتۇرالىغان .
      ئەپسۇسكى جانغا پاتقان مىڭ سۆز ،قاندا ئاققان بىر سۆز دەپ ئالەمچە   سۆيۈنۈش ئىلكىدە تۇرغان  دەقىقىلەردە  قادىلىپ قارىسا سۈتتىنمۇ‹ قارا ›كۆرۈنگەندەك بىر ھال بىزنى تەشۋىشكە سالىدۇ .ئۇ بولسىمۇ پۈتۈن توپلامنىڭ 91 يېرىدە تەكرارلانغان ‹‹مىڭ ››سۆزىنىڭ  ئالۋۇنى  ، بىراق بۇ سۆز  بىزنى تېرىكتۈرمەيدۇ ،زېرىكتۈرمەيدۇ.   شائىر بۇ سۆزنىڭ  تاناۋىنى خېلى تارتقان. شائىرنىڭ ئاشۇ ‹‹مىڭ››- سۆزى خۇددى ئۆزى تەسۋىرلەپ ئۆتكىنىدەك بىر خىل ئويىمىزغا مىڭ خىل ئوينى ئۈندۈرمە  قىلىپ بېرەلىگەن . مەسىلەن:
       ‹‹مىڭ نەشتەر››،‹‹مىڭ ئۈن ››،‹‹مىڭ دوللار››، ‹‹مىڭ تازىم›› ،‹‹مىڭ پەرياد ››،‹‹مىڭ چىگىش››، ‹‹مىڭ كۈندۈز ››،‹‹مىڭ تومۇز››.دىن ئىبارەت ‹‹مىڭ››لار ئالدىمىزدا  سانسىز  نۇر زەررىلىرىدەك جۇلالىنىپ تۇرىدۇ.
بۇ ئاپتورنىڭ بىر خىل بىشارەتنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان   خاسىيەتلىك يېشىل  سان  تىپىمۇ ؟ياكى مىڭغا چاپلاشقان    شەرتسىز رېفلىكىسلىك سۆز ئويۇنىنىڭ نۇقسان تىپىمۇ؟  ئەمما مەن بۇ ساننى   تارىخىمىزنىڭ مىڭ ئەسىرلىك ئونۋېرسال   چۈشىگە ھەم مىڭ يىل بۇرۇنقى مەھمۇت بوۋىمىزدىن ھازىرغىچە بولغان پۈتۈن ۋە كەسىر قىسمەتلىرىمىزنى  يادىمىزغا ئېلىشقا  ئۇچۇر يەتكۈزىدىغان  مەخپى سېپىرغا ئوخشىتىپ باقتىم.   
      يەنە بىر تەرەپتىن :      ئەشئاردىكى ‹‹ئوتۇغات››،‹‹مازۇزمەن››‹‹بودۇن››،‹‹تەۋەز››،‹‹گۇگۇسۇن››‹‹ۋاھان››‹‹جوسۇن››، ‹‹چىرتەر››،‹‹چىڭكىرىش››...دىگەندەك بىر يۈرۈش   تىل، تېئىرمىن ،ئاتالغۇ  ۋارىيانتلار  پارس ،قازاق ،نېمىس، ئېنگىلىز ،ئۇيغۇر ،تۇركچە  سۆزلەرنىڭ  تەركىپلىرىدەك تۇيۇلۇپ  مېنىڭ شېئىرلارنى ئەقىللىق كىتاپخانلىرىمغا  داڭلاپ چىقىشىمغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزۈمنىڭ شېئىرلارنى خىيالەن چۈشىنىپ  مۆلچەرگە يەتمىگەننى مۈمكىنچىلىككە يەتكۈزۈشۈمگە  قىيىنچىلىق تۇغدۇرالمىدى. شۇڭا بۇ توپلامنى شېئىرى ئاتالغۇلارنىڭ  مىڭ يىللىق لۇغىتى ياكى تىلىمىزنىڭ ،دىلىمىزنىڭ  مىسلىسىز ئىپادىگە تولغان قامۇس دەستۇرى  دىيىشكە  ھەركىم ئالدىدا ئىشەنچىم بارلىغىدىن شۈبھىلەنمىدىم. چۈنكى شائىر بۇ  تارتمىلىق  ھەم تېتىملىق شېئىرلىرىنى  بىر قىسىم  شائىرلاردەك ‹‹مەيلى ئۈگەت  مەيلى باق ، مەيلى سەتلە چەتكە قاق ،ئۆرلىمەيمەن بىر بالداق  دەيدىغىنىم ۋىتۋالداق››*- دەپ يېزىپ كېتىشكە تامامەن چامى يېتىپ ئاشسىمۇ ئەمما شائىر ئۇيغۇر تىلىنىڭ  كامالەت قۇدرىتىنى  ئۆزىگە خاس رەۋىشتە بىر تونۇتۇپ قويۇشقا ئۇتۇقلۈق تەۋەككۇل قىلغان .ئۇنىڭ شېئىرىيەت مەنزىلىدىكى بەدئى تىل كارامىتى ئۆز ھوسۇلىنىڭ ئەجىرسىز قولغا كەلمىگەنلىگىنى تەستىقلىيالايدۇ .مەن بۇ توپلامنى ھازىرقى زامان ئاتاقلىق شائىرلىرىنىڭ  بىر قىسىم ئىجادىيەت سەمەرىلىرىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويسام، ئۇ مېنىڭ  نىل دەرياسىنى كۆرمەي بۇلاققا ھەيران قالغانلىغىمنى ئەمەس  بەلكى ئۇنىڭغا  بېرىلگەن  باھايىمنىڭ  ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت ئىكەنلىگىنى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا  ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇشۇم خالاس.
     بىزنىڭ نامرات كاللىمىز  ئانا تىلىمىزنىڭ  يىگانە نوپۇزىغا  خىرىس بولىدىغان ھەرقانداق ئەپسانىۋى چۆكۈرۈشنى  قوبۇل قىلالمايدىغان پاكىز ئىدراكنى مانا مۇشۇ توپلامنىڭ قوينىدىن تاپالايدۇ. خۇلاسە شۇكى بۇ توپلام تىل بىلەن دىلنىڭ مۇكەممەل شېئىرى- شەرھى ،رئىال ئىستەك بىلەن ئىدئىال يۈرەكنىڭ -  رامكا سۈرئىتى ،ئانا تەبئىەت ۋە ئانا ۋەتەن قوينىدىكى  تىلسىم شەيئىلەر بىلەن ئۈنسىز پىچىرلىشىشنىڭ - سەھنىسى ، تەبئى ۋە سۈنئى كۈلكىمىزنىڭ - سىنئالغۇ لېنتىىسدۇر.
     شۇڭا مېنىڭ زەكى شائىرغا شۇنداق دىگۈم بار :‹‹ ئەي ئاۋام خەلقىمنىڭ  ئىستىداتلىق شائىرى ! سىز ئالدىمغا بىر دەستە گۈلنى ۋە گۈل ھەققىدە يېزىلغان بىر پارچە شېئىرنى قويدىڭىز ،ماڭا پەقەت بىرىنىلا تاللاش ھوقۇقى بەردىڭىز ، مەن بىر دەستە گۈلنى تاللىدىم. چۈنكى ئۆز قولىڭىز بىلەن تىزغان بۇ بىر دەستە گۈل-مەن ئۈچۈن ‹‹گۈل›› ۋە گۈل ھەققىدە يېزىلغان  ۋە يېزىلىدىغان  بارلىق شېئىرلارنىڭ ئىلھام مەنبەسى ئەمەسمۇ؟!*
      تامام.
ئىلاۋە:   
  *ئاخىرقى بۇ بىر ئابزاست نەسرى بۆلەك  بەگمەت يۈسۈپنىڭ ‹‹ئاق بوز ئات ››ناملىق نەسىرلەر  توپلىمىدىكى  ‹‹ۋاقىتنامە››نىڭ ، 33-بۆلكىدىن  ئېلىندى.
  * ئابلىز ھېزىموۋنىڭ                ‹‹تەتۈر  كىرپىك›› تىن ،ئۈزۈندە.
* چەتئەل ئەدەبىياتى  2-قىسىم ۋالت ۋىتمان بۆلىگى.

        2008-يىلى8-ئۆكتەبىر.  بورتالا...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67136
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4356
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 153 سائەت
تىزىم: 2011-11-27
ئاخىرقى: 2014-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-19 01:12:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئوسمانجان ساۋۇت قومۇلدا خىزمەت قىلغان مەزگىللىرىدە دادام بىلەن تونۇشۇپ قىېلىپ ناھايىتمۇ يېقىن ئۈتكەن ، نەچچە يىل ئىلگىرى دادام رەھمەتلىك ھايات ۋاقتىدا ئۇ قومۇلغا كەلگەندە ئۈيىىمىزگە كىلىپ دادامنى ئالاھىدە يوقلاپ ئۈتكەن ، ۋە مېنىڭ ئەھۋالىمنى سورىغان ، دادام بىلەن ئەينى يىللاردىكى ئەسلىمىلىرنى قانغۇچە مۇڭدۇشۇپ  2كۈن مھېمان بولۇپ قايتىپ كەتكەن ، دادام ۋاپات بولۇپ 3كۈن ئۈتۈپ ئۈزى ئۈرۈمچىدە بولسىمۇ دادامنىڭ ۋاپاتىدىن خەۋەر تېپىپ ئۈيمىزگە تېلىفون قىلىپ ئاپامدىن ھال سورىغان ، سالامەتلىك ئەھۋالنىڭ يار بەرمەي قومۇلغا كېلەلمەيدىغانلقنى ئېيتىپ كۈڭلى بۇزۇلۇپ يىغلاپ كەتكەن ،
ئەلۋىدا ئوسمانجان تاغا  ،ياتقان يېرىڭىز جەننەت بولسۇن!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش