Alip28 يوللىغان ۋاقتى 2013-10-19 12:52 AM 
تېما يوللىغۇچىنىڭ كۆڭلىگە كەلمىسىكەن ، تېما يوللىغۇ ...
توغرا بۇ فىلىم ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل بىلەن كىرىشتۈرگەن. سىز كەسپ ئەھلى بولۇشىڭىز مۇمكىن، لېكىن مەن كەسپىي خادىم ئەمەس.
سىز دېگەندەك، ئالاھىيدە كىرىشتۈرۈلگەن فىلىمنى بېشىدىلا يوللىغىلى تۇرسام، ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغانلار بىر كۆرۈپلا بەك تەس كۆرۈپ قېلىشى مۇمكىن، ھەر ئىش ئاستا -ئاستا، ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە قاراپ يۈزلىنىدۇ. بىلىم تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلىشىدۇ. ئەگەر سىز شۇنداق مۇرەككەپ كىرىشتۈرۈلگەن فىلىملەر بولسا سىزمۇ يوللىسىڭىز بولىدۇ. مەن ۋە باشقىلار ئۆرنەك ئېلىپ پايدىلانساق ئەلۋەتتە ياخشى.
ئىزىمىز دەپ بىر تور بېكەت بار شۇ يەردىكى قېرىنداشلار كەسپىي خادىملاركەن، بىراق ئەپسۇس، باشقىلارنىڭ ئىشلىگەن نەرسىلىرىنى ھەرگىزمۇ ياراتمايدىكەن، ياكى ئۆزى بىلىدىغان تېخنىكىلارنى باشقىلارغا دەپ بەرمەيدىكەن. يەنە قىزىق يېرى، خەنزۇچە تور بېكەتلەردە ھەقسىز تارقاتقان بىر قىسىم پايدىلىنىش قىممىتى بار سېستىمىلارنى ئۇلار مۇنبەر پۇلىغا ياكى ئىنكاس يوللىسا ئاندىن كۆرگىلى، چۈشۈرگىىلى بولىدىغان قىلىپ يوللايدىكەن. بۇ قانداقمۇ قېرىنداشلارچە ياردەم بولىدۇ؟! يەنە خەنزۇچە تور بېكەتلەردا ھەقسىز تارقاتقان قېلىپلاردىن پايدىلىنىپ ئىشلىگەن فىلىملىرىنىمۇ شۇنداق قىلىدىكەن. مەن شۇنى ھېس قىلدىمكى: ئارىمىزدا بىر بىرىمىزگە ياردەملىشىدىغان ئىسىل خىسلەتتىن شەخسىي مەنپەئەت، بىر بىزىمىزگە ھەسەت بىر قەدەر ئېغىر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. كەڭ قوساق بولايلى، بىر بىرىمىزنى قوللايلى، بىر بىرىمىزگە ئۈگىتەيلى ياردەملىشەيلى.
بۇ ئىنكاسنى يوللىغىچۇدىن رەنجىىپ قالغانلىقىم ئەمەس. سىزمۇ توغرا چۈشىنىڭ. (ئىككى ئىنكاس يېزىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزغا مۇناسىۋەتسىز كۆز قارىشىمنى يوللاپ قويدۇم)
سىز دېگەندەك ئالاھىيدە ئۈنۈم بىرىلگەن، كۆزنى ئالاچەكمەن قىلىدىغان فىلىملەرنى كېيىنچە يوللاپ قوياي. ھازىرچە يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە مۇشۇنداق ئاددىيلىقتىن باشلاشنى توغرا دەپ قارايمەن. سىزمۇ بەلكىم دەسلەپتىلا تېلىۋىزىيە ئستانسىسىدا تارقىتىۋاتقان ئېلانلاردەك ئالاھىيدە كۈرۈنۈشنى ئۆگىنىپ كەتمىگەنسىز.
خالىسىڭزى سىزمۇ يوللاڭ. باشقىلارمۇ ئۆگىنىۋالسۇن. بىر بىرىمىزگە ياردەمدە بولايلى. بۇمۇ نۆۋەتتە بازارلىق بىر كەسپ بولۇپ قالدى. مۇشۇ ئىش بىلەن پۇل تېپىپ، ئۆزىنىڭ چىقىش يولىنى تېپىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەسقۇ.
سىزگە رەخمەت. سىزنىڭ تەكلىپىڭىزنى قىزغىنلىق بىلەن قوبۇل قىلىمەن.