مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3406|ئىنكاس: 13

بەختسىز قىزنىڭ كەچۈرمىشلىرى(6-7-8-بابلىرى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96454
يازما سانى: 380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1337
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 307 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-18 10:39:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                         خەنجىرى

ئالتىنجى باپ

قىزنىڭ بىرىنجى كەچۈرمىشى-

مەن بەختسىزمۇ؟




مەن قىز بىلەن ئاشخانىدا كۈرۈشتۈم. قىزنىڭ چىرايى يەنە شۇنداق سۇلغۇن ئىدى. تاماق كەلتۈرۈلگۈچە قىز بىلەن بىر ئېىغزمۇ پاراڭلاشمىدىم تاماق يىيىلىپ بولغاندا قىز دىدى:

-ئاكا، مىنىڭ سىزگە دەيدىغان گەپلىرىم كۆپ ئىدى. بىراق ئاشخانا سۆزلەشكە ماس كەلمەيدۇ. شۇڭا باغچىدا سۆزلەشكەن بولساق.

بۇ بەشىنجى ئاينىڭ باشلىرى بولۇپ، ھاۋا ئانچە بەك سوغوقمۇ ئەمەس ئىدى. بىز باغچىنىڭ چەترەك بىر يىرىگە ئورۇنلاشتۇق. قىز ئازراق يىمەكلىك بىلەن سوغوق قىز:

- مەن بىر ئوتتۇرا ھال ئائىلىدە تۇغۇلدۇم. دادام كۈنلۈك ئىشلەيتتى. ئاپام بولسا ئائىلىدە ئىدى. ھال-ئەھۋالىمىز شۇ چاغدا يامان ئەمەس بۇلۇپ، دادام بىلەن ئاپامنىڭ تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە باشقىلارنىڭ ئالدىدا بويۇن قىسىپ قالمايدىغان ھالغا كەلگەن ئىدۇق.


كۈندۈز جاپالىق ئىشلەيتتى. مەن بەش ياشقا كىرگەن يىلى ئاپام بىر ئوغۇل تۇغدى. نىمىشقىدۇر تاڭ، شۇ چاغدا ھال-ئەھۋالىمىز  تۇيۇقسىزخارابلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى .دادام


يۈزلەندى. دادام بىچارىمۇ  بولسا تۆت جاننى بېقىش  ئئۈچۈن تېخىمۇ جاپالىق ئىشلەشكە باشلىدى. ئاپاممۇ،لۋەتتە بىكار ئىشلىرى بىلەن


شۇغۇللىنىپ، ئائىلىنى قامداشقا باشلىدى. شۇنداقتىمۇ ئائىلە ئەھۋالىمىزدا ياخشىلىنىش بولمىدى

(قىز بۇ گەپنى دەۋاتقاندا كۆزى تارام-تارام ياشقا تولدى). دادام تۆت جاننى بېقىپ بولالمىغاچقا ھە دېسىلا بىزگە بىكاردىن بىكار ئاچچىقلىنىدىغان بولدى. ھېچقانداق چوڭ ئىش بولماي، كىچىككىنە خاتالىق بولسىمۇ ئاپامنى، مىنى، ئۇكامنىمۇ ئۇرىدىغان بولىۋالدى. كىيىن شۇ خاپىلىقتا ھاراق بىلەن قىمارغا ئۆگەندى. بىكار قالسىلا قىمار ئوينايتتى، ئىچە
ئىچەتتى. ھازىرغىچە قانچە پۇللۇق ھاراق ئىچكىنى، قانچە پۇلنى ئۇتتۇرغىنى غۇۋا ئىسىمدە تۇرۇپتۇ. ھاراق ئىچىپ بولسا ئۇدۇل ئۆيگە كىرەتتى دە، كىچىككىنە ئىۋەن تاپسىلا بىزنى قاتتىق دۇمبالايتتى. قىمار ئويناپ ئۇتتۇرۋەتكەندىمۇ ئەھۋال قايتا تەكرارلىناتتى. ئۇتىۋالسا ئانچە-مۇنچە نەرسىلەرنى ئەكىرەتتى. بۇنداق ئەھۋال بىر مەزگىل داۋاملاشقاندا، دادام بىر قېتىملىق قىمارغا چۈشتى. يېنىدا شۇ چاغدا يىغىپ قويغان پۇللىرىدىن خېلى بولسا كېرەك، دەسلەپ ئاز-ئازدىن تىكىپتۇ. بىراق ئۇتتۇرۇۋېتىپتۇ. ئۇتتۇرغانسىرى قىزىپتۇ، ئاندىن خاپىلىقتا چىقىپ يەنە ھاراق قىمارغا چۈشۈپتۇ. بۇ قېتىم دادامنىڭ قېنى قىزىغان چېغى، ئۆينىمۇ دوغا تىكىپ ئۇتتۇرۇپتۇ. ئاچچىقىدا ئۆيگە كەلگەندە ئاپام قاتتىق تاپا-تەنە قىلىپ ئاجرىشىپ كەتمەكچى بولدى. بىراق ئاخىرىقى ھىساپتا ئىككىبالىنى يىتىم قىلماسلىقن


خۇيىدىن قالماپتۇ›› دىگەندەك ئۇ يەنە قىمارغا ئۆگەندى. ئۆيدىكى بىر قىسىم نەرسىلەرنى ساتتى، يەتكۈچە قەرزگە بۇغۇلدى. قەرزنى تۈلەپ بۇلالماي، باشقا يۇرتقا ئىشلەشكە كەتتى. جېنىم ئاكا، دادام باشقا يۇرتقا ئىشلەشكە كەتكەندە قەرز ئىگىلىرى قەرز سۈيلەپ كىلىپ، دادامنى تاپالماي بىزگە قاتتىق ھاقارەتلەرنى قىلدى. ئادەم بالىسى تىلغا ئالمايدىغان گەپلەر بىلەن بىزنى تىللاپ، ئۆزى ياسىغان پۇل – گاھىدا ئادەمنى قۇتقۇزىدىغان، گاھىدا بولسا خار قىلىدىغان قەغەز پۇل ئۈچۈن بىزنى خار قىلدى. شۇ چاغدا ‹‹پۇل›› دىگەن نامى ھەر تىللارغا يادلىنىدىغان بۈيۈك قەغەزنىڭ قانچىلىك قەدرى ئۆتۈلدى، بۇنى ئۆزۈم بىلىمەن. كىيىن دادام بۇ قىلغانلىرىنىڭ قاتتىق خاتا ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى. بىراق ئەمدى پۇشايمانغا ئۇرۇن يوق بۇلۇپ، ئاللىقاچان كىچىككەن ئىدى. ئۇ بىر كۈنى ئۇتتۇرغان ھەم بىلىپ –بىلمەي قىلىپ سالغانلىرىغا قاتتىق ئىچى ئېچىشىپ، يەنە ھاراق ئىچىپ ئۆيگە قايتىۋاتقاندا بىر يۈك ماشىنىسى سۇقۇپ ئۆلۈپ كەتتى.( ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنداق ئۆلۈپ كىتىشىنى بىلگەندەكلا بىر پارچە قەغەزگە بۇ قىلغانلىقلىرىنىڭ ھەممىنى يېزىپ بىزدىن ئەپۇ سورىغان ئىدى)گەرچە شوپۇر تۆلەم بەرگەن بولسىمۇ، دادامنىڭ ئىچ قاينىقى يۈرىگىمىزگە ئورناپ كەتكەن ئىدى. ئەمدىلىكتە ئاپام بىچارىگە  ھەممە ئىش يۈكلەندى. بۇ چاغدا مەن ئون ئالتە


ياشقاتۇلۇقسىزنى پۈتكۈزدۈم. ئىنىم بولسا تۇلۇقسىزغا چىقتى. جېنىم ئاكا، ئاپام بىزلەرنى بېقىپ، ئۇقۇتۇش ئۈچۈن نىمىلەرنى كۆرمىدى؟! نىمىلەرنى قىلمىدى؟! قانچىلىك جاپالارنى تارتمىدى-ھە؟! بۇنى ئويلىسام كۈزۈمدىن ياش قۇرۇمايدۇ. ئۇنىڭ شۇنچە خاپىلىق تارتقىنىغا قانچە قىلساممۇ ئەرزىيدۇ. بىز ئىككىمىز باشقىلاردىن دادامنىڭ قىلغان ئىشلىرى سەۋەبىدىن ئاڭلاپ باقمىغان ھاقارەتلەرنى، تىل-ئاھانەتلەرنى ئاڭلاپ ئۇقۇدۇق. شۇ گەپلەرنى ئاڭلىغىنىمدا، ئانىمىزنىڭ بىزنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغانلىقىغا ئاچچىقىمىز كىلەتتى. ھەتتا شۇ سەۋەپلىك ئانىمىزنى ھاقارەتلەشنىمۇ ئويلىدۇق. بىزنىڭ ھەرگىز ئۇنداق قىلغۇمىز يوق. ئەمەلىيەتتە شۇ چاغدىكى ھاقارەت، سېىسىق گەپ، كۆتۈرەلمىگۇدەك ئاھانەت بىزنى شۇنداق ئويغا كەلتۈرۈپ قويغانىدى. شۇ چاغدىكى ئاشۇنداق تىل-ئاھانەت، گەپلەرنىڭ قانداق چىققانلىقىغا ھەيران قالىمەن. توۋا! ئاشۇنداق گەپلەرنى قىلىدىغانلارمۇ ئىنسانلارمىدۇ؟! شۇنداق گەپلەرنى قىلىدىغانلار ئىنساننىڭ بالىلىرىمىدۇ ياكى دىۋىنىڭ بالىلىرىمىدۇ؟ بالىلىرى بولسا زادى كىمنىڭ بالىلىرىدۇ؟ ھايۋاننىڭ ئاغزىدىن چىقمىغان گەپ ئىنساننىڭ ئاغزىدىن زادى قانداق چىقىۋاتقاندۇ؟! دەپ ئويلىدىم. مەن گەرچە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقىۋاتقان بولساممۇ، يۇرتۇمدىكى، بىزنىڭ ئائىلىدىكى سېسىق گەپلەر خۇددى سايىدەكلا ئەگىشىپ كەلدى. تۇلۇق ئوتتۇرىدىمۇ باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ باقمىغان گەپلەرنى ئاڭلىدىم. ئىنىمنىڭ قانداق قىلغانلىقىنى ئېنىق بىلمەيمەن. بىزنىڭ شۇ چاغدا ئەھۋالىمىز بىزنىياشىيالمايدىغان ھەم ئۆلەلمەيدىغان ەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى. مەن شۇنداق بىر ناچار شارائىتتا ئوقۇۋاتقان چاغدا، ئىنىم تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئۇقۇشتىن توختىدى. ھەمدە ئىشلەپ مىنىڭ ئۇقۇشۇمغا كىتەرلىك پۇلنى ۋاختى-ۋاختىدا يەتكۈزۈپ بەردى. شۇنداق بۇيۇ


ئىچىدە ئاخىرى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ئالى مەكتەپتە ئىمتىھان بەردىم. بىر ئايغىچە ئۆتكەن-ئۆتمىگەنلىك توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر كەلمىدى. كىيىن ئۆتكەنلىك توغرىسىدا باشقىلاردىن خەۋەر ئاڭلىدىم. بۇ خەۋەرنى تۇلۇق ئوتتۇرىدا بىللە ئۇقۇغان ساۋاقدىشىم يەتكۈزگەن ئىدى. بىراق چاقىرىق قەغىزى كەلمەيۋاتاتتى. مەن باشقا ساۋاقداشلىرىمدىن سۈرۈشتۈردۈم. نەتىجىدە مەن قاتارلىق ئون نەچچە بالىنىڭ ئالى مەكتەپكە ئۆتكەنلىكى، ئۇلارنىڭ قولىغا چاقىرىق قەغىزى تىگىپ، ماڭىلا تەگمىگەنلىكى مەلۇم بولدى. مەكتەپكە بېرىش ۋاقتى يېقىنلاپ قالدى. بىراق تېخىچە خەۋەر يوق. مەن پوچتىخانىغا كىرىپ سۈرۈشتۈردۈم. پوچتىخانا خادىملىرىنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ كەينىمگە ئۇچۇپ چۈشكىلى تاسلا قالدىم. ئەسلىدە ماڭا چاقىرىق قەغىزى ئون بەش كۈن بۇرۇنلا كەلگەن بۇلۇپ، باشقا بىر ‹‹خانقىز›› ئىسىملىك قىز ئېلىپ چىقىپ كىتىپتۇ.

-       نىمە، نىمە، دىدىممەن ئۇنىڭ گىپىگە ھەيران  قېلىپ- يەنە بىر خانقىز!؟ توۋا، ئىلگىرى تىلىۋىزىيە تىياتىرلىرىدىن، كىتابلاردىن بىر شەخسىنىڭ يەنە بىر شەخسنىڭ سىياقىغا كىرىۋالغانلىقىنى كۆرگەن، ئوقۇغان ئىدىم. ھازىر بولسا رىئاللىقتىمۇ يەنە بىر ئوخشاش ئىسىملىك بىر شەخسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ چاقىرىق قەغىزىنى تالاشقانلىقى مىنى ھەقىقەتەن گەڭگىرىتىپ قويغان، ئەقلىم قاتتىق ھەيران بولغاب ئىدى. قىز گىپىنى داۋاملاشتۇردى:- خانقىز ئىسىملىك قىز بولسا مىنىڭ قوشنامنىڭ قىزى بولۇپ، بىز ئىككىمىز كىچىكىمىزدىن تارتىپ بىللە ئويناپ چوڭ بولغان، باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى بىللە ئوقۇپ تۈگەتكەن يېقىن دوستلار ئىدۇق. تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەندە ئۇ بىر يىراق تۇغقىنىنىڭ قېشىغا ھۈنەر ئۆگەنگىلى كەتتى. ئىسىمدە غۇۋا قېلىشىچە ، بىز تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈشكە ئازلا قالغاندا بىز بىر نەچچە قىز ساۋاقداش خوشلىشىش چېيى سۈپىتىدە ئاشخانىغا كىرىپ غىزالاندۇق.تاماقتىن كىيىن ئۆيلىرىمىزگە قايتىشتۇق. شۇ قايتىشىمىزدا

تاساددىپى ئۇنىڭ دىلىغا قاتتىق ئازار بىرىپ قويدۇم.  ئەلۋەتتە بۇ ئىشنى ھەرگىزمۇ قەستەن قىلمىغان ئىدىم. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئارىمىزدىكى دوستلۇق پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتى. مەن چاقىرىق قەغىزىنى سۈرۈشتۈرۈپ كىرگەندە خانقىز ئۇنى ئون بەش كۈن ئىلگىرىلا ئېلىپ چىقىپ كىتىپتۇ. ھەر ئىككىمىزنىڭ ئىسمىمىز ئوخشاش بولۇپ ، دادىلىرىمىزنىڭمۇ ئىسمى ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاش ئىدى. يەنى ، مىنىڭ دادامنىڭ ئىسمى ئابدۇكىرىم، ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى ئابدۇلكىرىم ئىدى. پوچتىخانا خادىمىمۇ يېڭى كەلگەن بولسا كىرەك، كونۋىرتتىكى ئىسىمغا مۇنداقلا قاراپ قويۇپ ماڭا كەلگەن خەتنى(چاقىرىق قەغىزىنى) خانقىز ئابدۇلكىرىمگە بىرىۋىتىپتۇ. مەن ئۇ خانقىزنى دەسلەپ تونۇيالمىدىم. ئۇنىڭ كىملىكىنى ئۇقالماي يول ئىزدەپ يۈرگەندە تۇيۇقسىز بىر مەھەللە ئىش بىجىرىش ئورنىنىڭ بىر خادىمىغا يولۇقۇپ قالدىم. قارىسام ئۇ بالا خېلى تۈزۈكتەك كۆرۈندى. شۇڭا ھەقىقى ئەھۋالنى يوشۇرماي ئېيتتىم. ئۇ مىنىڭ ئەھۋالىمنى ئۇققاندىن كىيىن يول كۆرسەتتى. قەرز ئېلىپ ساۋاقداشلىرىم ھەم مۇئەللىمىم تەمىنلەپ بەرگەن بارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ ئەرز قىلدىم. بۇ جەرياندا كۆرمىگەن كۈنلەرنى كۆردۈم.ئۆلۈۋالغۇممۇ كەلدى. بىراق چىشىمنى چىشلەپ چىداپ ئاخىرىقى ھىسابتا دەۋادا ئۇتۇپ چىقتىم. ئەمما چاقىرىق قەغىزىنى ئېلىۋالغان كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ ھەيران بولغىنىمدىن يىقىلىپ چۈشكىلى تاسلا قالدىم. ھالبۇكى، چاقىرىق قەغىزىنى ئېلىۋالغان كىشى باشقا ئادەم ئەمەس، دەل مىنىڭ قوشنامنىڭ قىزى، مىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇم-‹‹خانقىز›› ئىدى. ئۇ ھېلىقى خوشلىشىش تامىقىدىن كىيىنكى ئىشنى تا شۇ چاغقىچە ئۇنتۇماي، ئاشۇنداق ئادەمنىڭ پۈتۈن تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان نەرسىگە شۇنداق بىر ھالقىلىق ۋاقىتتا زەھەرلىك قولىنى سالغان ئىدى. ئۇ گەرچە باشقا يەردە تۇرسىمۇ، مىنىڭ ئەھۋالىمنى ئىگەللەپ تۇرغان ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن مىنىڭ چاقىرىق قەغىزىمنىڭ كىلىش ۋاقىتىنى ئالدىن مۆلچەرلەپ مەندىن بۇرۇن ئېلىپ چىقىپ كەتكىنىمۇ تاسادىپىلىق ئەمەسكەن. دەل ئەكسىچە ئەتراپلىق پىلانلىنىپ يولۇقتۇرغان  بالا- قازا ئىكەن.  شۇ چاغدىغۇ ئۇنىڭدىن چىن كۆڭلۈمدىن ئەپۇ سورىغان ئىدىم. بۇ ئىشقا ئەقلىم يەتمىدى. بىراق بۇ بىر رىئاللىق ئىدى. مىنىڭ تاسادىپى ئۆتكۈزۈپ قويغان ئاشۇ بىر قېتىملىق سەۋەنلىكىم ئۈچۈن ئەڭ يېقىن دوستۇم ماڭا تاكى ئۈچ يېرىم يىلدىن بۇيان ئاداۋەت ساقلاپ، مىنى بالا-قازاغا يولۇقتۇرۇشنىڭ كويىدا بولغان يەردە، باشقا دوستلىرىمدىن قانداقمۇ ۋاپا كىلەر؟ ئۇلاردىن ئۈمىد كۈتكىلى، ئەقىدە قىلغىلى ،ئۇلارغا ئىشەنگىلى بولامدۇ؟ دوست دىگەن شۇنداق بولسا ئىنسان بۇ دۇنيادا قانداق ياشايدۇ؟








يەتتىنچى باب

قىزنىڭ ئىككىنچى كەچۈرمىشى-                                                                     

قىزنىڭ دەۋادا ئۇتۇپ چىقىپ بىر ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەنلىكى، ئاندىن بىر ئىدارىغا ئورۇنلىشىپ كۆرگەن ۋە ھىس قىلغانلىرى

قىز ئىككىنچى كەچۈرمىشىنى باشلىدى:                                       

-مەن بىر ئاماللارنى قىلىپ يۈرۈپ مىڭ تەستە داۋادا ئۇتۇپ چىققاندىن كىيىن بىر ئالىي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇدۇم. بۇ جەرياندا ئاساسى جەھەتتىن ھېلىقى ئادەمنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگۈدەك گپ- سۆزلەرنى ئاڭلىمىدىم. بىراق مەن تىرىشىپ ئوقۇدۇم. چۈنكى قانچە ۋاقىتتىن بۇيان تارتقان خاپىلىقلىرىم ماڭا بارچە بەختنىڭ پەقەت بىلىمدىنلا كىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. باشقىلار كۈندە ئون يۈەن خەجلىسە، مەن ئۈچ يۈەن خەجلىدىم؛ باشقىلار ئويۇن ئوينىغاندا مەن ئويۇننى تەرك ئىتىپ يەنىلا تىرىشىپ ئۆگەندىم. شۇنداق تىرىشىپ ئۆگىنىشىمنىڭ نەتىجىسى كۆرۈلۈپھ، مىنى ۋە ئۆيدىكىلەرنى قاتتىق خۇش قىلدى. تۈزۈك تاماقمۇ يىمەي دەرس ئۆگىنىۋاتقان چاغلاردا ئىلگىرىكى ئاشۇ جاپالىق ھەم ھاقارەتلىك كۈنلەر كۆز ئالدىمغا كىلىپ، ماڭا كۈچ ھەم غەيرەت قوشۇلۇپ نەچچە ھەسسە ئارتۇق تىرىشىپ ئۆگىنەتتىم. ئالىي مەكتەپتىكى ئۈچ يىل ۋاقىت ئەنە شۇنداق ئۆتتى. مەكتەپتىن بىرىلگەن ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ۋە ئىنىمدىن كەلگەن پۇل بىلەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ئۆيگە قايتىپ كىلىپ ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۈتتۈم. ئۈچ ئاي ۋاقىت ئۆتكەندە ھۆكۈمەت مىنى بىر ئىدارىغا ئۈچ يىللىق توختام بىلەن تەقسىم قىلدى. ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەختلىك ھىس قىلدىم. ئۆيدىكىلەر ئۇقۇپ خۇشاللىقىدىن كۆز يېشى قىلىشتى. مەن ئىدارىغا ئورۇنلاشقاندىن كىيىن خىزمەتداشلىرىم بىلەن چىقىشىپ كەتتىم. جېنىم ئاكا! يېڭى كەلگەنلەرنى ياتلاش ھەممە ئىدارىدە بار ئىش ئوخشايدۇ. مەنمۇ ئىدارىغا يېڭى كىرگەندە قاتتىق يەكلەندىم. خېلى بىر ئۇزۇنغىچە باشلىقمۇ ماڭا بىرەر ئىش تاپشۇرمىدى.قالغان كادىرلار بولسا مىنى ھىلى ئۇ ئىشقا، ھىلى بۇ ئىشقا بۇيرۇيتتى.ماڭماي دىسەم مەن ‹‹ يېڭى كەلداخۇن›› بولغاچقا تېخى بولمايتتى. شۇنداق پارچە-پۇرات ئىشلارنى قىلىش جەريانىدا گوياكى ئىگىسى يوق ئادەمدەك قېقىلىپ- سوقۇلۇپ خارلىق تارتتىم.ھەتتا شۇ سەۋەبلىك خىزمەتتىن ئىستىپا بەرمەكچى بولغان ئىدىم، بىراق ئۆيدىكىلەر قوشۇلمىدى. ئاخىرىقى ھىسابتا مىنىڭ بىلىمىم ھەم قابىلىيىتىمنىڭ باشقا خىزمەتداشلىرىمدىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقىغان باشلىق مىنى ئۆزى بىۋاستە ئىشقا بۇيرۇيدىغان بولغان ئىدى. بۇنىڭدىن چەكسىز خۇشال بولغان ئىدىم.كىيىنكى كۈنلىرىم شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ خۇشال ئۆتۈشكە باشلىدى. ئىسىمدە قېلىشىچە، مەن ئىدارىگە كىرگەن شۇ ۋاقىتلاردا ئىدارىدە مەندىن باشقا تۆت ئايال كادىر بار بولۇپ، ئالدىغا ئۈچ يىل، كەينىگە بىر يىل بولغان ئىدى.مەن قاتارلىق بىرنەچچەيلەننى قوشقاندا(ئايرىم ساندىكى دۆلەت كادىرىنى ھىسابقا ئالمىغاندا) ھەممىمىز ئادەتتىكى كادىر ئىدۇق. مائاش ئاز، ئىش جىق، خىزمەت بېسىمى بولسا ئېغىر ئىدى.ئەلۋەتتە شۇ چاغلاردا ھەممە كىشىنى ئۆزۈمگە ئوخشاش ئاقكۆڭۈل، دەپ ئويلايتىم. بىراق كىيىن ئىدارىدە يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق ئىشتىن كىيىن بۇ ئويلىغانلىرىمنىڭ تامامەن خاتا ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم، ئىچىم قاتتىق ئېچىشتى. قىز ئالدىدىكى ئىچىملىكتىن بىرنى ئوتلاپ بولۇپ گېپىنى داۋاملاشتۇردى- ئىلگىرى بىزنىڭ ئىدارىدە غەيۋەت-شىكايەت دىگەنلەر ئاساسى جەھەتتىن يوق ئىدى. بىراق بىزنىڭ ئىداردىكى ئىككى ئادەتتىكى ئايال كادىر سەل غەيۋەتخور ئىدى.ئۇلارنىڭ بىرسىنىڭ ئىسمى گۈلخۇمار بولۇپ، ئىلگىرى بىر ئەر بىلەن توي قىلىپ ئاجراشقان ھەم ئۈچ ياشلىق  قىزى بار چوكان ئىدى. يەنە بىرى بولسا تېخى ئەرگە تەگمىگەن، سەل سىمىز ھەم قارامتۇل كەلگەن قىز بولۇپ، ئىسمى پاتىگۇل ئىدى. بۇ ئىككىسى تولا ۋاقىتلاردا بىكار بولۇپ قالسىلا  باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ ئولتۇراتتى. يەنە بىر ئايال خىزمەتدىشىم ماڭا:- بۇ ئىككىسى سەل غەيۋەتخور، چېقىمچى،  ئاگاھ بولۇڭ. ئامال بار بۇ ئىككىسىنىڭ  ئالدىدا سەۋەنلىك ، خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىڭ! بۇ ئىككىسىنىڭ  قورسىقىدا بىلىمى كۆپ بولمىغان  بىلەن باشقىلارنىڭ بىرەر ئەيىۋىنى تۇتۇۋالسا باشقىلارغا چېقشتۇرۇپ يەرگە قاراتماي قالمايدۇ، دىگەندە مەن ئانچە ئىرەنشىمىگەن ئىدىم. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلارنىڭ غەيۋەتخورلۇق، چېقىمچىلىق ئىللەتلىرى ماڭا ئوچۇق-ئاشكارە بىلىنىشكە باشلىدى. ئەنە شۇ چاغدىلا ھېلىقى ئايال خىزمەتدىشىمنىڭ توغرا دىگەنلىكىنى ھىس قىلدىم. ئىھتىمال، ئۇلار مىنىڭمۇ غەيۋىتىمنى قىلىپ، سۆڭەكلىرىمنى تالاي قېتىم غاجاپ بولغاندۇ؟ ئۇلارنىڭ غەيۋەت قىلىشتىكى ئۇسۇلى شۇ ئىدىكى، ئىدارىدىكى قانداقلا بىرى خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويسا ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلغىنى قىلغان، سۆڭىكىنى غاجىغىنى غاجىغان ئىدى. بەلكىم شۇ چاغلاردا باشلىقنىڭمۇ نەچچە قېتىم غەيۋىتىنى قىلىپ، سۆڭىكىنى غاجاپ بولغاندۇ؟  بۇ ئىككىسى بىرسىنى ھىلى ئۇنداقكەن دىسە، يەنە بىرسىنى مۇنداقكەن، دەيتتى. چېقىمچى چاقىمەن دىسە ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ چىشى ساق قالمايدىغان، غەيۋەتخور غەيۋە ت قىلىمەن دىسە ئاتا- ئانىسىمۇ چەتتە قالمايدىغان ئوخشايدۇ. شۇ تەرىقىدە بىر مەزگىل ئۆتكەندە ئىدارىمىزغا يېڭىدىن ئىككى ئايال دۆلەت كادىرى يۆتكىلىپ كەلدى. دىمەك، بىز ئەمدى ئالتە ئايال كادىر بولغان ئىدۇق. ئۇلار بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈش جەريانىدا ئۇلاردا ئازراق كىبىر بارلىقىنى سەزدۇق. بىراق ئۇلار ئەدەبلىك ئىدى. جېنىم ئاكا! مائاشى بىزدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بىر دۆلەت كادىرىدا ئازراق كىبىر بولۇش بۇ بىر نورمال ئىشقۇ!؟ مانا ئۇلارنىڭ ئاشۇ ئازغىنا كىبىرى ئاشۇ ئىككەيلەننىڭ غەيۋەت قىلىشىغا پىلتە بوپ بەردى. ئۇ دۆلەت كادىرلىرى ئىدارىدىن بىر ئىش بىلەن بىردەم يوقىلىپلا قالسا غەيۋىتى بولۇنماي قالمايتتى. ئايال دۆلەت كادىرلىرى بولسا ئۇلارنى تولا ۋاقىتلاردا ئاياپ ئولتۇراتتى.چۈنكى، ئۇ ئىككىسى نىمىلا قىلغان بىلەن بۇ يۇرتقا مۇساپىردە! يەنە بىر  سەۋەب شۇ ئىدىكى،  ئايال دۆلەت كادىرلىرى مەيلى بىلىم جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى ياش جەھەتتىن بولسۇن، ئۇلاردىن چوڭ ئىدى. ئايال دۆلەت كادىرلىرى ئىدارىدە بولسا ئانچە بەك غەيۋىتى قىلىنىپ كەتمەيتتى. بىر كۈنى ئۇ ئىككى ئايال دۆلەت كادىرىغا ۋىلايەتتە جىددى يىغىن بارلىقى ئۇقتۇرۇلۇپ، ئۇ ئىككىسى شۇ قېتىملىق سەپەردە تۇيۇقسىز قازاغا ئۇچرىدى. ئەمدى بولسا ھېلىقى ئىككى ئايال كادىرىمىزغا كەلسەك، ئۇلار بىردىنلا قوي يەيدىغان بۆرىدىن ياۋاش ئاپئاق پاقلانغا ئايلاندى. يەنى باشتا ئۇلارنىڭ غەيۋىتىنى، يامان گىپىنى قىلغان بۇ ئايال كادىرلار بولسا ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ ياخشى گىپىنى قىلىشقا باشلىدى. توۋا، دىدىم ئىچىمدە. مەن زادى كىمنى كۆرۈۋاتىمەن؟ باشتىكى غەيۋەتخور، چېقىمچى ئاياللار ئەمدى بىر ئۆرۈلۈپلا باشقا سىياققا كىردىغۇ؟  ئۇلارنىڭ كىيىۋالغان كىيىملىرى زادى قانداق سىرلىق كىيىمدۇ؟ ساختىپەزلىك كىيىمىىمدۇر ياكى راستچىللىق كىيىمىمىدۇر ۋە ياكى ‹‹ خامىلىئون›› نىڭ تىرىسىدە تىكىلگەن، قەيەرگە بارسا شۇ يەرنىڭ مۇھىتىغا ماسلىشالايدىغان كىيىممىدۇر؟ ئىنسانلارنىڭ ئەنە شۇنداق ساختىپەز، ئىككى يۈزلىمىچىلىكىگە قاتتىق غەزىپىم كەلدى. قىز بۇ گەپلەرنى دەپ بولغاندا قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىغان بولۇپ، ئەتە كۆرۈشۈپ كەچۈرمىشىنىڭ ئاخىرىنى سۆزلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن قىز بىلەن خوشلىشىپ ياتاققا قايتىپ ئەتىنىڭ تىزرەك بولۇشىنى كۈتتۈم. چۈنكى، قىزنىڭ بۇ كەچۈرمىشلىرى مىنى قاتتىق ئويغا سېلىپ ئاخىرىنى ئاڭلاشقا ، يەنە قانداق ئىشلارنىڭ  سۆزلىنىدىغانلىقىغا قىزىقتۇرماقتا ئىدى

سەككىزىنچى باب

ئىككىنچى كەچۈرمىشىنىڭ داۋامى- قىزنىڭ ئازابى

تاڭ تەستە ئاتتى. دىمەك ، مەن ئەمدى قىزنىڭ ئاغزىدىن  تۈنۈگۈنكى ئېچىنىشلىق ھەم ھەيران قالارلىق كەچۈرمىشىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلايتتىم. شۇ سەۋەبتىن بالدۇرلا ناشتا قىلىپ بىر كىلو كاۋاپ، گازىر – پۇرچاق، ۋە ئازراق سوغوق ئىچىملىكلارنى ئېلىپ تۈنۈگۈن قىز بىلەن كۆرۈشكەن ئورۇنغا كىلىپ، قىزنى ساقلاپ تۇردۇم.ھايال ئۆتمەي قىزمۇ يىتىپ كىلىپ سالام- سائەت قىلىشقاندىن كىيىن گىپىنى باشلىدى:

- مەن ئەنە شۇنداق خىزمەتكە پۈتۈن زىھنىم بىلەن بىرىلىپ تازا ئىشلەۋاتقاندا توختام ۋاقتىمىز توشۇپ مەن بىكار بولدۇم. شۇ تاپتا كۆڭلۈم قاتتىق يېرىم بولغان بولۇپ ، بۇ ئىشنى ئۆيدىكىلەرگە دىيەلدىم. چۈنكى بۇ ئىشلارنى ئۆيدىكىلەرگە دىسەم ئۇلارنىڭ كۆڭلى مەندىنمۇ بەكرەك يېرىم بولاتتى. شۇڭا مۇقىمراق خىزمەتكە تىزدىن ئورۇنلاشمىسام بولمايتتى. بىراق ماڭا ئىش نەدە تۇرۇپتۇ؟ ئىش بولسىمۇ شەخسىينىڭ دۇكانلىرىدىن ئىش چىقىشى، مائاشى بولسا تۆۋەن بولۇشىمۇ مۇمكىن بولۇپ، مەندەك بىر قىزنىڭ ئىشلىشىشىگە ماس كەلمەيتتى. شۇڭا بۇ ئىشنى ۋاقتىنچە ئۆيدىكىلەرگە ئۇقتۇرماي تۇردۇم. شۇ چاغدا ئۆيگە ئەلچى كىلىشكە باشلىدى. بىر يەردىن كەلگەن ئەلچى باي ئائىلىنىڭ ئەلچىسى بولسا، يەنە بىر كەلگەن ئەلچى بولسا نامراتراق ئائىلىدىن كەلگەن ئەلچى ئىدى. بىز بىر مەزگىل ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدۇق. چۈنكى مەن باي ئائىلىنىڭ پەرزەنتىگە ياتلىق بولسام، گەرچە تۇرمۇشۇم ياخشىلانغاندەك قىلسىمۇ، لىكىن باي ئائىلىنىڭ ئالدىدا ئوتتۇرىمىزدىكى پەرق سەۋەبىدىن خارلىنىپ قېلىشىمنى ھىس قىلدىم. ئۇ چاغدا باي- كەمبەغەللىكنىڭ پەرقى بەك چوڭ ئىدى. نامراتراق يەرگە تىگەي دىسەم تېخى بولمايتتى. كىيىن كەلگەن ئەلچى ئوتتۇرھال ئائىلىنىڭ ئەلچىسى بولۇپ، سۆزلىشىش ئارقىلىق توي ۋاقتىنى بىكىتىپ ئاخىرى توينى قىلدۇق. دەسلەپكى مەزگىللەردە ياخشى ئۆتتۇق، بويۇمدىمۇ قالدى. بىراق ياخشى كۈنلەر ئۇزۇنغا بارمىدى. دەل شۇ ۋاقىتتا تىنىم ئاجىزلاشقا باشلىدى. باشتا بالىنىڭ ئىشى بولسا كىرەك، دەپ ئانچە ئىرەن قىلماپتىمەن.بار-بارا تىنىمنىڭ سالامەتلىكى قاتتىق ناچارلىشىپ تۇيۇقسىزلا يىقىلىپ چۈشىدىغان، كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىدىغان، يول ماڭسام ئۇزۇنغا بارمايلا ھېرىپ قالىدىغان بوپ قالدىم. بۇ ئىلشار داۋاملاشقانسىرى ئۆزۈمدىن قاتتىق ئەنسىرەپ، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ ، ماڭا قويۇلغان دىئاگنوزغا ئىشەنمەيلا قالدىم. چۈنكى دوختۇر ماڭا-‹‹ئاق قان كىسىلى›› دەپ دىئاگنوز قويغان ئىدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ قورققىنىمدىن يىقىلىپ چۈشتۈم.

- ‹‹ مەن زادى نىمە بولغان ئادەم؟ نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان تارتقان خاپىلىقلىرىم، ئۇچرىغان خورلىقلىرىم ئازمىدى؟!››. شۇمۇ يەتمىگەندەك ئەمدىلىكتە بولسا بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولدۇم، بۇ كىسەلنى داۋالىتىشقا ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ يۈزمىڭ يۈەن كىتەتتى. ئامالسىىز بۇ خەۋەرنى ئىرىمگە يەتكۈزدۈم. ھىلىمۇ ياخشى قېيناتام بىلەن قېينىئانام ئۇقۇمۇشلۇق، ئوڭلۇق كىشىلەر ئىكەن، ئۇلار بىر ئاماللارنى قىلىپ مىڭ بىر جاپادا قىرىق مىڭ يۈەن غەملىدى. ئىنىممۇ مەن ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان ۋاقىتتا ھۈنەر ئۆگىنىپ بولۇپ، بىر قۇرۇلۇشنى كۆتۈرىگە ئېلىپ، ئاپام بىلەن ماڭا دىمەي- كىيىنچە ئەسقېتىپ قالار، دەپ تۈزۈك يەپ- ئىچمەي قىرىق مىڭ يۈەن يىغىپ، ئۇنىڭ ئون مىڭ يۈەنىنى ئۆينىڭ ھەم ئۆزىنىڭ ئىشلىرىغا ئىشلىتىپ، قالغان ئوتتۇز مىڭ يۈەننى بانكىغا سېلىپ قويغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن يىغىلغان بۇ پۇل يەتمىش مىڭ يۈەندىن ئاشتى. بىراق بىر خوشلۇقنىڭ ئارقىسىدا بىر خاپىلىقنىڭ بولغىنىدەك، ئىرىم مەندىن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلىپ سوتقا ئەرز سۇنۇپتۇ. سوت بولسا مىنىڭ بويۇمدا بارلىقىنى بىلىپ، ئاجراشتۇرماي كىيىنچە ئاجىرىشىشىمىزنى ئېيتىپ يولغا ساپتۇ. ئۇنىڭ مەن بىلەن ئۆي تۇتقۇسى بولمىغاچقا ئايرىلىپ تۇرۇشنى قارار قىپتۇ .ئەمما ئۇ ھازىرچە قىرىق مىڭ يۈەننى ئالماي، كىيىنچە بىرىشىمىزنى ئېيتتى. ئۇنىڭ زادى نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقىنى ئۇقمىدۇق.كىيىن  باشقىلاردىن ئاڭلىشىمىزچە – ئۇ، مەن بىر كىسەل كۆرپسىنى ئاپتىمەن، دەپ مىنىڭ ساقىيىشىمغا كۆزى يەتمەي سوتقا ئەزر سۇنۇپتۇ. بىز بۇ گەپنى ئاڭلاپ قاتتىق غەزەپلەندۇق. بىراق بىزدە نىمە ئامال؟( ئەمەلىيەتتە بۇ بىر قۇرۇق تۆھمەت بولۇپ، ئۇنىڭ مەن بىلەن ئۆي تۇتقۇسى بولمىغاچقا ھەم بىزنى نامرات كۆرگەچكە مىنىڭ كىسەل بولۇشۇم ئۇنىڭغا ياخشى باھانە بولغان ئىدى). ئارىدىن بىر يېرىم ئاي ئۆتكەندە مەن بالىنى چۈشۈرۋەتتىم. شۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىپ كەتتۇق.ئىنىم بولسا داۋاملىق قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلەۋەردى. شۇ چاغلاردا ئىنىم كەسپتە پىشقان بولۇپ، مائاشى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا بىر ھەسسە ئاشتى. مەن ئىنىمغا دەپ قالغان پۇللارنى مىدىرلاتماي تۇرۇشىنى، ھازىرچە ئۇنىڭ ئالغان مائاشىنىڭ بىر قىسمىنى ئارىيەت تەرىقىسىدە ئۆيگە ئىشلىتىپ تۇرۇشقا كۆندۈردۈم. شۇنىڭ بىلەن ئىنىمنىڭ تاپقان پۇلىنىڭ بىر قىسمىنى داۋاملىق بانكىغا قويۇپ، يەنە بىر قىسمىنى ئۆينىڭ ئىشلىرىغا ئىشلەتتۇق. ھال- ئەھۋالىمىز بولسا ئىلگىرىكىگە قارىغاندا سەل ياخشىلانغان بولۇپ، ئىنىمنى ئۆيلەيدىغان ۋاقىتمۇ يىتىپ كەلگەن ئىدى.

(داۋامى بار)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-19 03:24 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32154
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3364 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-18 11:29:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر خوشلۇقنىڭ ئارقىسىدا بىر خاپىلىقنىڭ بولغىنىدەك، بۇ ھايات سەيناسىنىڭ ھەقىقىتەن مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى چۈشۈنىۋالدىم.رەھمەت سىزگە،داۋامىنى يەنە كۆرۈمەن.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32154
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3364 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-18 11:30:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر خوشلۇقنىڭ ئارقىسىدا بىر خاپىلىقنىڭ بولغىنىدەك، بۇ ھايات سەيناسىنىڭ ھەقىقىتەن مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى چۈشۈنىۋالدىم.رەھمەت سىزگە،داۋامىنى يەنە كۆرۈمەن.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73763
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3192
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2012-1-23
ئاخىرقى: 2013-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-19 05:11:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى قاچان يوللايسىز ماڭا تەسىر قىلغىنى شۇكى مەن يالغۇز بولغاچقىمۇ ئىچىمسىقىلىدۇ  مۇشۇنداق سىرداش لار بولسا مەن بىلەن دوست بولشىنى ئۈمىدقىلمەن  


كۈڭلى-كۈكسى كەڭ مۇلايىم ،ئۈچۈق يورۇق دوسلار مەن دىن سىلەرگە ئىلتىماس



                              !!!!!!!!!!!




داۋامىنى  كۈتىمەن  تەقەززار قىلمىغايسىز~!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98236
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1283
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 307 سائەت
تىزىم: 2013-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-19 04:39:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامنى كۈتىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1094
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4438
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1079 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-19 05:16:44 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Dawamiqu

باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2769
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11025
تۆھپە نۇمۇرى: 445
توردا: 3220 سائەت
تىزىم: 2010-6-15
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-19 09:15:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73000
يازما سانى: 1053
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 124
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2637 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-19 11:31:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  داۋامى دەيدىغاندىن يەنە بىرسى كۆپەيدى ...مەنمۇ قىزىقىپ قالدىم بۇ ئەسەرگە داۋامىنى كۈتمەن ..

پىلدىن بۈيۈك پىل ئوۋچىسى بار . ـــــــــــــــــــ بۆرىلەر ۋادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37230
يازما سانى: 756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6706
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 1075 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-20 12:44:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى غا تەشنا

بىر ئانا ئون پەرزەنتىنى باقالايدۇ. بىراق ئون پەرزەنت بىر ئاتا-ئانىنى باقال

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77596
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3071
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2012-3-18
ئاخىرقى: 2014-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-21 07:28:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى قاچان چىقار ،خەۋەر بېرىۋەتسىڭىز بولاتتى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش