مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 10311|ئىنكاس: 107

دوخـتۇرخانىمۇ ياكى قۇشخانىمۇ؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98343
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 63
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2013-9-30
ئاخىرقى: 2013-11-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-18 03:27:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۆرمەتلىك تورداشلار، ھەممىڭلارنىڭ ھىيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن . ئاللاھ ھەممىڭلارنىڭ تىنىگە سالامەتلىك،تۇرمۇشۇڭلارغا خاتىرجەملىك ئاتا قىلسۇن.
     يوللىماقچى بولغان تىمامنىڭ ماۋزۇسى  تىما مەزمۇنىغا تولۇق ماس كەلدىمۇ ،كەلمىدىمۇ بىلەلمىدىم. لىكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى راست ئىشلار. ئوقۇپ بىقىپ بىر نەسە دەرسىلە.
نەبىجان 17ياش، بويى ئىگىز ،چىرايىدىن ئەقىل پاراسەت ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇرىدىغان بالا. لىكىن بۇيىل 4-ئاينى مەلۇم بىر كۇنى نەبىجانغا بىر كىلىشمەسلىك كەلدى. ئۇ يىقىلىپ كىتىپ مىڭىسىگە قان چۈشۈپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشى ئەمدىلا ئىزىغا چۈشكەن  بۇ ئائىلىدە يەنە پاراكەندىچىلىك باشلاندى. چۇنكى نەبىجاننىڭ ئانىسى ۋە دادىسى  تىخى ئالدىنقى يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئۆسمە كىسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىدا  داۋالىنىپ ئىقتىسادى جەھەتتە بىرمۇنچە سورۇقچىلىقلارنى تارىتقان ئىدى. ئەر-ئايال ئىككەيلەن ئەمدىلا ئۇھ! دەيدىگەندە بۇ كىلىشمەسلىكنىڭ  كەلگىنى..............
شۇنداق قىلىپ نەبىجان ناھىيلىك دوختۇرخاننىڭ icu  غا ئىلىندى. دوختۇرلار مىڭىسىنى دەرھال ئوپىراتسىيە قىلمىساق بولمايدۇ دەپ،ئوپىراتسىيە قىلىندى. بۇ جەرياندا دوختۇرلار بىمارنىڭ ئۇرۇق -تۇققانلىرىغا؛<< ئوپىراتسىيە ناھايتى ئوڭۇشلۇق بولدى، بىمارنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىىڭ بىمارنىڭ ياتىقىغا كىرىشىگە بولمايدۇ. پەقەت چۈشتىن كىيىن سائەت4:30دىن 5:00كىچە يىرىم سائەت ئىچىدە بىر ئادەم كۆرۈشسەڭلا بولىدۇ .) دىدى. نەبىجاننىڭ ئاتا-ئانىسى بولسا كۈندە كىسەلخانىنىڭ كارىدورىدا تىت -تىتلىق،ۋەھىمە ،ئارزۇ ئۈمىتلەر ئىچىدە ساقلايىتتى. نەبىجاننىڭ مىھرىبان ئانىسى بولسا ،كۈندە دىگۈدەك  بىمارغا لايىق دەپ قارىغان تاماقلارنى ئىتىپ ،دوختۇرخانىغا ئەكىلىپ مەسئۇل سىستىراغا ؛<<مۇشۇ تاماقنى نەبىجانغا يىگۈزۈپ قويغان بولسىڭىز>> دەپ يىلىناتتى. 4-كۈنى نەبىجاننىڭ ئانىسى تاماق ئىلىپ كەلگەندە، شۇ دوختۇرخانىدا ئىشلەيدىغان بىر تونۇشى ئۇچىراپ؛ <<بۇ يەرگە تاماق ئىلىپ كەلگىنىڭىزنىڭ پايدىسى يوق، بەرىبىر ئۇنى سىستىرالار بىمارغا يىگۈزمەي تۆكۋىتىدۇ.>> -نىمە؟ ھەيران بولۇپ سورىدى ئانا؛_نىمىشقا،نىمىشقا تۆكىۋىتىدۇ؟ <<نىمىشقا تۆكۈۋىتىتتى، بىمار تاماقنى يىسە تەرەت قىلىدۇ ،تەرەت قىلسا تەرىتىنى بىز تازلايمىز دەپ تۆكۋىتىدۇ.>>دىدى ھىلىقى ئايال. شۇ چاغدا  كىسەل يوقلاپ كىرگەن يەنە بىرەيلەن گەپ قاتتى:-<< ۋاي بۇ icuنىڭ سىستىرالىرى ئادەم ئەمەس. ئۆتكەن يىل دادامنىڭ مىڭىسىگە قان چۈشۈپ مۇشۇ بۆلۈمدە ياتقان. كىيىن بىر مەزگىلدىن كىيىن دادامنى يوقلاپ كىرگەندە(ھىلىقى يىرىم سائەت يوقلاش ۋاختى) سىستىرا قىشىغا كەلسە دادام قورققاندەك قىلىپ، سىستىرانى شەرەتلەپ ئۆزىنىڭ ئىڭەكلىرىنى ئۇغاندەك بىر خىل ئىپادە، ھەركەتلىنى قىلىپ كىتەتتى.(ئۇ چاغدا ئۇ ئادەم گەپ قىلالمايدىكەنتۇق) دەسلەپتە بۇنى چۈشەنمەپتىمىز.كىين ئۇقسام بۇ نائەھلى،ھايۋانلار دادام تەرەت قىلىپ سالسا دادامنى ئۇرۇپتىكەن ئەمەسمۇ. شۇڭا بۇلارنى كۆرسەملا نىرۋام ئۆلەيدۇ. بۇ دوختۇرخاننىڭ icuسىغا چىگەن ئادەم ساق چىقمايدۇ.شۇنداقلىقىغا قارىماي داۋالاش ھەققى زەھەردىنمۇ قىممەت، ھەرقانداق دوختۇرخانىدىن يۇقۇرى>> دىدى. بۇ گەپ نەبىجاننىڭ ئانىسىنىڭ كۆڭلىگە قانداقتۇر بىر سايە تاشلاپ ئۆتتى. شۇنداق قىلىپ ئوپىراتسىيە قىلغىلى يەتتە كۈن بولدى. بۇ جەرياندا ھەركۈنى دوختۇرخانىغا 10،000يۇەندىن ئارتۇق پۇل كىتىپ تۇردى. لىكىن نەبىجاننىڭ ئەھۋالى بارغانچە يامانلاپ كەتتى. نەبىجاننىڭ بىشىنىڭ ئوپىراتسىيە قىلغان يىرى ياللۇغلىنىپ،يىرىڭداپ ئىششىپ كەتكەن ئىدى. نەبىجاننىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ تىخىمۇ ئەنسىرەشكە باشلىدى. نەبىجاننىڭ ئانىسىنىڭ قۇلاق تۈۋىدە بولسا ھىلىقى تونۇشىنىڭ گىپى جاراڭلايىتتى. بولدى ،بالىنى ئۈرۈمچىدىكى بىرە  دوختۇرخانىغا يۆتكەيلى ،دىدى نەبىجاننىڭ دادىسى. لىكىن دوختۇر قوشۇلامۇ، دىدى ئانىسى.
جۈرۈڭلا دوختۇر بىلەن كۆرۈشۈپ باقىلى..... لىكىن دوختۇر قوشۇلمىدى،  راسىت،ئۇ قانداقمۇ قوشۇلسۇن؟ چۈنكى نەبىجان شۇ بۆلۈمدىلا بولسا ،بۆلۈمگە كۈندە10،000لاپ كىرىم بولىدىغان تۇرسا. شۇ سەۋەپتىن نەبىجاننىڭ دادىسى دوختۇر بىلەن تاكاللشىپ قالدى: -يا كىسەلنى داۋالىيالمىساڭلا!..
-مانا دۋالاۋاتىمىزغۇ.
_سىللەر قاچانغىچە داۋالىماقچى؟

-ساقايغۇچە.
-بالىنىڭ بىشى ساقايماقتا يوق يىرىڭداپ ،ئىششىپ كەتسە، مۇشۇنداق داۋالامسىلە؟
-نىمە ئالدىرايسىلە ئالدىرماي تۇرمامسىلە......
   نەبىجاننىڭ دادىسى بۇلار بىلەن  تالىشىشنىڭ ئارتۇقچە ئىش ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى دە، قەشقەر بىلەن ئالاقىلىشىپ بىر قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىنى 10،000يۈئەنگە دىيىشىپ  نەبىجاننى ئاپتونوم رايۇنلۇق 2-دوختۇرخانىغا يۆتكىدى.
2- دوختۇرخانىدىكى ۋاڭ دوختۇر نەبىجاننىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ قايناپ، سەكرەپ كەتتى .  -قانداق دوختۇرخانا ئۇ!؟ مۇشۇنداقمۇ مەسۇليەتسىزلىك قىلغان بامۇ؟ دوختۇرخانىدا تۇرۇپ ئوپىراتسىيە قىلغان يەر يىرىڭداپ كەتتى دىگەن قانداق گەپ؟ جاھاندا شۇنداقمۇ دوختۇر بولامدۇ؟  بولدى، مەن بۇ بىمارنى ئالالمايمەن، سىللە ئەڭ ياخشىسى  ئاشۇ دوختۇرخانا ئۈسىتىدىن ئەرىز قىلىڭلا... ئىنىقكى ۋاڭ دوختۇر باشقىلارنىڭ شالتىقىغا كىيىلىپ قىلىشتىن قورۇققان ئىدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ نەبىجاننىڭ ئاتا-ئانىسى دوختۇرغا يالۋۇرۇشقا باشلىدى. دىمىسىمۇ يالۋۇرماي نىمە ئامال، ئاران تۇرغان بالىنى يەنە نەلەردە سۆرەپ يۈرسۇن ئۇ بىچا رىلەر. ئاخىرى تونۇش بىلىشلەرنى ئىزدەش ،ئارىغا ئادەم  سىلىش ئارقىلىق ۋاڭ دوختۇر نەبىجاننى داۋالاشقا قوشۇلدى. توۋا بىر ناھيىلىك دوختۇرخانىنىڭ icuدا كۈنىگە10،000يۈەندىن كەتكەن بولسا، ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك دوختۇرخانىنڭ icuدا 4،000يۈەن كەتتى. لىكىن شۇ  يالۇغنى قايتۇرۇپ ،يىرىڭنى يوقۇتۇشقا ئۈچ ئايغا يىقىن ۋاقىت كەتتى.
مانا ، نەبىجان ھازىرمۇ داۋالىنۋاتىدۇ،ئالتە ئايدىن ئىشىپتۇ . تىخچە يا گەپ قىلالمايدۇ يا ماڭالمايدۇ. نەبىجاندىنمۇ ئىغىر نەچچە ئونلىغان بىمارلار 30-40كۈن يىتىپلا ساقىيشىپ چىكەتتى.....   ۋاڭ دوختۇر دەيدۇ: << ھەي، دەسلەپتە نەبىجاننىڭ مىڭىسى ياللۇغلىنىپ قالمىغان بولسا ئاللىقاچان...........>>
  ھەي !ناھىلىك دوختۇرخانىنىڭ دوختۇر،سىستىرالىرى...............................................................
ھازىر ناھىيىمىزدە مۇنداق بىر گەپ تارقالدى؛-ناھىلىك دوختۇرخانىنىڭ icuدا ياتقۇچە،ئۆيدە ئەزىرائىلنىڭ كىلىشىنى ساقلاپ ياتقان ياخشى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74486
يازما سانى: 166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4038
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 513 سائەت
تىزىم: 2012-2-1
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-18 08:26:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ ياخشىسى بۇ ئىشنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا ئىنكاس قىلىش كىرەك

بۇ جاھان شۇنداق جاھان ، ھۇناق ھۇناققا كەلمەي - چۇناق توكۇرغا تەگمەي ئۆتۈپ كىتىدىغان!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5290
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7886
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2028 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-18 08:29:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەشقەرنىڭ   دوختۇرخانىللىرى   ئوخشىمامدۇ  ؟
بۇ   دۇنيادا   تالاي  مەسئۇلىيەتسىز   كىشىلەر   ئۆزىگە   ماس  كەلمەيدىغان  كەسىپ
بىلەن  شوغۇللىنىپ    ،  ئىنسانلارغا  ئاۋارىچىلىق  كەلتۈرمەكتە .
قېنى   بىزنىڭ  نەزىرىمىزدىكى   ئاق  خالاتلىق  پەرىشتىلەر  ؟   

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-18 08:33 PM  


ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...

ئۈمىد ئەتىنى يار

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39957
يازما سانى: 492
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5022
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 228 سائەت
تىزىم: 2011-5-7
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-18 09:03:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەنىڭ دوختۇرخانىسىكەن بۇ؟

دۇنيا مەڭگۈلۈك ئەمەس، شۇنىڭدەك دەۋر ھەم مەڭگۈلۈك ئەمەس، ئۇ ھامان ئالمىشىدۇ! شاھ گاداي، پۇقرا بايمۇ بولىدۇ... بۇ دۇنيانىڭ ئويۇنلىرىغا ئاھ ئۇرمىغىن! ئۈمىدۋار بول!

نېمىلەرنى ئويلا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 1901
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10861
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 1509 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-18 09:04:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىمۇ  بىزنىڭ ناھىيلىك  دوختۇر خانىدا  بالاڭ ئۆلىدىكەن ،داۋالىيالمايمىز  ئۈيەڭگە  ئلىپ چىقىپ كەت دەپ،يا يۇقرى دەرجىلىك دوختۇرخانىغا ئېلىپ با  ،كۆڭلىڭ ئۇنىمىسا دەپتىكەن

جاھان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15527
يازما سانى: 1242
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13446
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 5938 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-18 09:14:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مىنىڭچە چۇقۇم قەشقەر ‹‹خەلق››1-دوختۇرخانىسى،ئۇ بولمىسا 2-دوختۇرخانا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95433
يازما سانى: 727
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2044
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 379 سائەت
تىزىم: 2013-5-28
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-18 09:19:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايسى ناھىينىڭ دوختۇرخانىسى ئۇ؟  شۇنداقمۇ قىلغان بارمۇ؟

ئاجىزلارنىڭ ھەتتا قانداق چۈش كۆرۈشىمۇ باشقىلارنىڭ ئىنژېنىرلىقىدا لاھىيەلەنمەكتە چىڭغىز ئايتىماتوف ‹ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن›
مۇنبەردە خەق بىلەن گەپ تالاشقانلىق قانجۇق ئىت بىلەن سۆڭەك تالاشقانلىق دەپ يازغانمەن ھېكمەت خاتىرەمگەhttps://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (20).gif

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1095
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4449
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1082 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-18 09:27:23 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
icu قانداق  يەر مەن چۈشىنەلمىدىم. ياكى سېستىرالار ئايرىم كۈتىدىغان يەرمۇ؟

باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19369
يازما سانى: 478
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8697
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2006 سائەت
تىزىم: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-18 09:48:38 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىسەلگە ئائىلە تاۋابائاتلىرى قارىمىسىمۇ بولىدىكەن ،  مۇلازىمىتى ياخشىكەن  دەپ ماختىلىدىغان دوختۇرخانىلاردا بۇنداق ئىشلارمۇ يۈز بىرەرمۇ  ئەمدى ؟
بىمار تەرەپ ئۈچۈن جان قايغۇسى ، دوختۇر سىستىرالار ئۈچۈن كۈندىلىك نورمال خىزمەت مەزمۇنى  ،  بۇغۇ  شۇنداق  . لىكىن ئۇنچىۋالامۇ ئەمەستۇ  ؟

         بىلىم يوق يەردە نادانلىق ئۆزىنى بىلىم دەپ ئاتايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91034
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2013-2-2
ئاخىرقى: 2014-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-18 10:24:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mercury يوللىغان ۋاقتى  2013-10-18 09:48 PM
كىسەلگە ئائىلە تاۋابائاتلىرى قارىمىسىمۇ بولىدىكەن ،   ...

ھەقىقەتەن شۇنداق، مىنىڭ چوڭدادام مۇ  دېۋەڭلىك بىلەن قاغىلىق ناھىيەلىك خەلىق دوختۇر خانىسىدا ياتقان، دوختىرخانىغا ئەكىرگەندە مەجبۇرى icu بۆلىمىگە ئەكىرىۋاپتىكەن(چوڭئاپامغا سېستىرالار ئاچا ئەنسىرمىسىلە قىزلىرىدىنمۇ ئوبدان قارايمىز دەپ ئەكىرىپتىكەن ، چوڭ ئاپاممۇ خاتىرجەم قوشلۇپ تىكەن(قوشۇلمىسا دوختۇرغا ئالمايدىكەن ھەم))  ئەھۋالى ئانچە يامان ئەمەس چوڭ دادام ئۇيەردە ئۈچ كۈن يېتىپ ئۇرۇقلاپ ، كىچىكلەپ ، ھەم سېستىرالار ھاۋا تەڭشىگۈچنى قەتتى ئەتمەيدىغانلىقى ، ھەم دېرىزىنىمۇ ئەتمەيدىغانلىقى سەۋەپلىك ئۆپكىسىگە سوغۇق ئۆتۈپ ياللۇغلۇنۇپ قاپتۇ ، تونۇش ئىزدەپ كۆرىشىدىغان ۋاقىتنى كۆپەيتىپ بەسىكەن دېسەك تونۇشىمىز ۋاي دەرھال يۆتكەپ ئەچىكىتىڭلا ، مەن ئىلگىرى ئۇيەردە تۇرغان چىدىماي يۆتكىلىپ كەتكەن ھەم يۇقىرىنىڭ ئۇلار بىلەن كارى يوق ھەم ھۆججەت بار دەپ بەرگەن. يۆتكەپ ئېلىپ چىقىپ كېتىمىز دىسەك باشقا بۆلۈمدىن ئالغىلى ئۇنمىدى  چوقۇم مەلۇم مۇددەت يېتىشى كېرەك دەپ، تونۇش ئىزدەپ يۈرۇپ ئاخىرى يۆتكەپ ئەچىقتۇق، ھەرھالدا يامان ئەمەس بوپ قالدى، ئۆپكە ياللۇغى داۋالاش جەريانىدا كۆپ جاپا سالدى..... ( ئۇيەرگە كىرگەن ئادەم نىڭ تېنى شۈركۈنىدۇ، ھەممەئادەملەرنى يالىڭاچ لىۋەتكەن، يوتقانلىرى ساڭگىلاپ قالغان، بىمارلامۇ مايماق سىيماق ياتقان ، ئاياللانىڭ چاچلىرى چۇۋۇلۇپ كۆپۈپ كەتكەن ھەم ئەكىرىپ بەرگەن تاماقنى يىگۈزىشى ناتايىنكەن  ...   كۆگەن كىشىنى يىغا تۇتىدۇ...  .  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش