مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1716|ئىنكاس: 14

مىھىر مۇھەببەت يوقالمىسۇن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86678
يازما سانى: 292
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1156
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 203 سائەت
تىزىم: 2012-11-1
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-17 12:42:22 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىھىر -مۇھەببەت يوقالمىسۇن …
      ئابدۇغاپپار ئابدۇكىرىم
قىززىق ئىش …
ھارپا كۈنىدىن تاكى بۈگۈنگچە دوسلار چەمبىرىكىدە ئايەملىك سالاملار ئۈزۈلمىدى…
مەن تونۇيدىغان ،تونۇمايدىغان ،ئۇنتۇپ قالغان ، تورداشلىرىم …يىقىن دوسىت -بۇرادەر ئەل-ئاغىنىلىرىم … ھەممىسى شۇنداق ، شۇ قاتاردا مەنمۇ بار…
يەنە توپ ئوچۇر… توپلاردىمۇ يىغىپ كەتكەن ئايەملىك سالاملاردىن ، ھىيىتلىق داستىخان بىكار قالسۇن … شۇنچە مول …شۇنچە قىزغىن …بىر  بىرى بىلەن بەسلىشىپ يوللانغان ھەيىتلىق تىلەكلەر…سالاملار ئادەمنى سۆيۈندۈردۇ …
لىكىن ئۆزۈمگە ئايرىم ئۇچۇر قىلىپ ، ھەيتىمنى مۇبارەكلىگەنلەر  ساناقلىقلا …
مەنمۇ ھەر ھىيىتتا ئۆزۈم باش بولۇپ ، ھەممە تورداشلىرىم ،  دوسلىرىمغا ئايەملىك سالام يوللايتىم …بەزىلىرگە رەسمىيەت سۈپتىدە ، يەنە بەزىسىگە چىن كۆڭلۈمدىن خۇشاللىق ئامانلىق تىلەپ …
بىر ۋاقىتلاردا  كۆرشۈپ ،ھىچ بولمىسا تىلفۇن قىلىشىپ ، ئەھۋال سورىشىپ تەبرىكلىشەتتۇق، بىراق ئۈندىدار چىققاندىن بىرى ئۇنداق دىدارلىشىشلار ئازىيىپ كەتتى …شەخسەن مەندىمۇ شۇنداق …
تىلفۇن قىلسا ئالدىراشتىم …ئالدىراشتىم …دەۋاتقان ، بەزىلەرنىڭ نىمە ئىش قىلىپ ئالدىراشلىقى ئۆزىگە يەنە بىرى ئاللاھقا ئايان  …
بىرسى ھەقچان ئۈندىدار  توپتا گەپ سىتىپ، ئويۇن ئويناپ ئولتۇرغان بولسا …يەنە بىرسى توردىكى ئەسلى ئىسمىنىمۇ ئۇقمايدىغان ،چىرايىنى ئۆزگىچە ئادەمگە ئوخشىمايدىغان جۇاڭشيۇ قىلىپ ،«چولپانلار» دەك ياسىنىپ يۈردىغان ،كىملەرنى ئەخمەق قىلىپ كىملەرنى ئالداپ يۈرگىننى بىلگىلى بولمايدىغان …شەرەپسىزلەرنىڭ شىرىن شىكەر سۆزىنى ئاڭلاش بىلەن ئالدىراش …
ئەخمەق…ئۇنداق ئەقىلسىز  ئەخمەقلەردىن دوستۇم يوق مىنىڭ …
تولىمۇ ئەپسۇس …مەنمۇ بۇ قىتىم يوللىمىدىم …ھىچكىمگە… توپ ئۇچۇرمۇ  يوللىمىدىم…تىلفۇنمۇ قىلمىدىم …يەنە كىلىپ ماڭمۇ ھىچكىم تىلفۇن قىلمىدى …ئويلاپ باقسام كۆڭلۈم يىرىم بولمىغاندەكلا قىلدۇ …چۈنكى
مۇشۇ ئاددىغىنە سالاملار بىلەن بەزىلەرنىڭ كۆڭلىدە قانداق ئورۇندا ئىكەنلىكىمنىمۇ  بىلۋالدىم …ھەم خۇشاللىق ئىشلار مىنى ئىتىبارغا ئالمايدىغان ،خىيالەن، تورداش سۈپتىدە رەسمىيەت يۈزسىدىن يوللاپ قويۇلغان ئايەملىك سالاملارسىز يوق بولارمۇ ؟ياق ، بىز پۈتۈن بىر ئائىلە كىشلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ ئىنتايىن خۇشال ھىيىت ئۆتكۈزۋالدۇق …يەنە كىلىپ ھىيىت كۈنى ئەتگەندە بىر چوڭ ئانمىزنىڭ بىر بەت توشقۇدەك دۇئاسىنى ئىلۋالدىم ئەمەسمۇ!
ھىيىت كۈنى ئەتگەندە چوڭ ئانامنىڭ گىپى بىلەن بىز قوينىمۇ سويماي ناشتىسىزلا چوڭ ئاناملارنىڭ ئۆيىگە يۈرۈپ كەتتۇق …
مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ دەلدەڭچىسىنى مىنىپ يولغا چىقتىم …چوڭ  ئانامنىڭ ئۆيگە ئازلا قالغاندا يولدا بىر قىرى ئايالنى (70ئەتراپىدا )ئۇچراتتىم …ئۇ ئىغىر بىر خالتىنى يۈدىگەنچە يىڭىلا ماڭغان كىچىك بالىدەك تەمتىلەپ  كىتۋاتاتتى…
كاللامدىن ، بۇ ئايال ئۆيسىدە باللىرى سويۇپ بەرگەن قوي گۆشىنى يەپ ئولتۇرماي ، بۇ يەردە نىمە قىلى يۈردىغاندۇ؟ …يا باللىرى يوقمىدۇ …دىگەن خىياللار كەچتى…
ئاڭغىچە مەنمۇ قىشىغا يىقىن بىرىپ قاپتىمەن …ئۇ خىياللار بىلەن توختاش ئىسىمدە يوق… ئۇ ئايالغا قاراپ ئاستا كىتۋاتسام  ئۇ ئايال توۋلاپ قالدى …
بالام مىنى ئىۋۇ مەھەللە ئىچگىچە ئالغاچ كىتەلەسىزمۇ ؟
ئۆزۈمچە ئاچچىغىم كىلىپ قالدى …نىمىشقا ئۆزۈم توختىماي ،ئۇ ئايال توۋلاپ توختاتتى …
مىنىڭ نەزىرىمدە بىر كىشى يالۋۇرۇپ ،ئاندىن قىلغان چوڭ ياردەمدىن ، ئۆزلىكدىن بىلىپ قىلغان كىچىىككىنە ياردەم ، مىھىر مۇھەببەتنى چوڭقۇر ھىس قىلدۇرالايدۇ …دەپ ئويلايتىم …
ھە ماقۇل …خالتىنى ئالدىغا قويۇپ قوياملا …دەپ خالتىغا قول ئۇزاتتىم…ماقۇل رەھمەت بالام…ئاۋارە قىلدىم ھە دەپ قويۇپ خالتىنى بەردى …تاس قالدىم بىر قولۇمدا كۆتۈرۈپ ، سىمنۇت يولغا دۈملا چۈشكىلى …خىلىلا ئىغىركەن …چاندۇرماي  موتۇرىمنىڭ ئالدىغا قويۋالدىم…باللىرى يوقما …
ئۇ ئايال جىمىپ كەتتى …
يا ئۆيدە يوقتۇ …ياكى ئۆلۈپ كەتكەن بولشىمۇ مۇمكىن …بۇ ئەجەل ھەمىمىز بىشدا بار ئەمەسمۇ …كىم بالدۇر كىم كىيىن …نەدە ،قاچان،قانداق ھالەتتە كىتشىمىزنى  بىر ئاللاھ ئۆزى بىلدۇ ئەمەسمۇ…
ياكى……
ھاۋا خىلى سوغۇق بوپ قاپتۇ ھە … دەپ قويۇپ ئوڭايسىز ئەھۋالدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتىۋالدىم …
ھەئە …10، ئاي ئوتتۇرلىشىپ قالدى ئەمەسمۇ…ھە دەپ قويۇپ مىڭۋاتسام
ئالدىمىزدىكى ئۆي شۇ بالام …
قايسى ؟…
ئى كۆك دەرۋازىلىق ئۆي…
قۇلۇپلاقلىق تۇردىغۇ …ئادەم يوقتەك قىلامدۇ نىمە …شۇنداق دىگەچ ئاستا توختىدىم …ھەم سورمىسامچۇ دەپمۇ قالدىم …
ئۇ ئايالنىڭ كۆزلىرىدە ياش لىغىرلاپ تۇراتتى … نىمە ئىشلىقنى چۈشەنگەندەك بولۇپ ئاستا مەن ماڭاي ئەمسە دەپ … ئۆيگە كىرىپ مىڭىڭ بالام دەپ زورلىغىنغا ئۇنىماي ، نۇرغۇن دۇئالىرىنى ئىلىپ يولۇمغا ماڭدىم …
يەنە شۇ خىيال …  بەلكى باللىرى يوقتۇ …ياكى بۇ شەھەردە ئەمەستۇ … ياكى ئۆلۈپ كەتكەندۇ …؟؟؟؟ بۇ ئەجەل ھەممىمىزنىڭ بىشدا بار  ئەمەسمۇ…ياش قىرى دىمەي ئىلىپ كىتىۋېردۇ …قاچان ،قەيەردە،قانداق ھالەتتە ئۆلۈپ كىيشىنى ھىچ ئىنسان بىلمەيدۇ …
ئەي غىرىپلىق … ئاتا -ئانسى يوقلىرى تىخى غىرىپسىنىپ قىلۋاتقان … يوللاردا ، بازارلاردا ،تاماقخانلاردا …ئانام بولسىچۇ …ماڭا كۆيىنىپ ھىيىتلىق بىرەتتى  ھىيىتلىق ئىتىپ بىرەتتى …ھىچ بولمىسا بىرە تال ئاياغ ياكى كۆڭلەك …ياكى چاپان …………دادام بولغان بولسا ……،،دىگەندەك خىياللار بىلەن …
بالسى يوقلار … ئۆزى يالغۇز گىلدىن تاماق ئۆتمەي ، باشقىلار بىلەن يىسەتىخى …باللىرىم بولغان بولسا … باللىرىمنىڭ بالسى …نەۋرىلىرىم بىلەن خۇشال خۇرام ھىيىت ئۆتكۈزەتىم دەپ …
بۇ قۇربان ھىيىتتا بايقى ئايالدەك يالغۇزلار …ئۆزى بىر قوي سويالماي ، يا بازاردىن ئىلىپ يىيەلمەي … چامغۇردىن بىرە خالتا ئەكىلىپ چامغۇر قاينىتىپ ئىچىپ ئولتۇردىغان گەپ …
ھەممىسى تەل بىزدەكلەر …ھىچ نەرسىنىڭ قەدرىگە يەتمەي ، ئاددىراق كىيىم كىچەك ئىپ بەرسە … خەخنىڭكىدەك ياخشى ئىتىپ بەمىدىڭ دەۋاتقان …ئاتا -ئانام ئۆزى ھىيىتلىق نىمە ئىلىپ كەيدى …ئويلىمايۋاتقان ، ئاتا ئانسى  يوق …ياكى يوقسۇلراق ئاتا ئانىلار باللىرغا ھىيىتلىق ئىلىپ بىرەلمىگىنىدىن ئۆكۈنۋاتقان(ھازىرغۇ ئينداق نامرات ئادەملەر ساناقلىقلا …لىكىن ھەممە ئادەم باللىرغا چوڭ چوڭ خەجلەپ بىرەلمەيدۇ) …باللىرى يىغلاپ تىخمۇ بىئارام قىلۋاتقان ، يا پۇلى كۆپ بايلار ئاشۇنداق نامراتراق باللارغا ياردەم قىلمايۋاتقان …………بالىلار يا ئاتا ئانا كۆڭلىنى چۈشەنمەيۋاتقان …
ياكى ھىيىتلىق كىيگەن كىچىك بالىلار بارىغا سەۋېر قىلىپ ،شۈكرى قىلىپ ئۆتمەي يەنە ئاتا ئانسىنى قاخشىتۋاتقان …
ھەي …  ھەممىسى شۇ مىھىر مۇھەببەتنىڭ كەمچىللىكى ،شۈكرى قانائەتنىڭ يوقلىقى …
دوسلۇرۇم … بارىغا شۈكرى قانائەت قىلىپ ئۆتەيلى …ئۆزىمىزنى ئۆزىمىزدىن يۇقىرلارغا سىلىشتۇرغاندا ، ئۆزىمىزدىن تۆۋەنلەرنى ئويلاشنىشۇلارغا  سىلىشتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالمايلى …
ئاللاھ بۇ دۇنيادا تارىتقان جاپالىرنىڭ بەدىلگە  قىيامەت كۈنى جەننەتنى ھەدىيە قىلدۇ …ئۇ پەقەت كامىل مۆئمىن مۇسۇلمان بولسىلا …
يەنە مۇشۇ تىلفۇن بىلەن ئۆزىگە نىكاھ ئوقۇتىۋالغان ، تىلفۇندىن مىنۇت ئايرىلسا تۇراممايدىغان قىرىنداشلار …ئەتراپىمىزدىكىلەرنى ئويلاپ قويايلى …تىلفۇندا نا تونۇش ئادەملەر بىلەن پاراڭلىشىپ كۆڭلىمىزنى خۇش قىلغاندىن ئەتراپىمىزدىكى يىقىن دوسىت بۇرادەرلىرمىز بىلەن گەپلىشىپ كۆڭلىمىزنى خۇش قىلايلى …ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئالداپ ، باشقىلارنى تىخى ئالداپ چۈپەيلىشىپ ، چاكىنا لاۋزىلىشپ يۈرمەيلى…ھەر بىر تىنىقنىڭ سورىقى بار …بۇ مۇنداقلا دەېالغان گەپ ئەمەس … ئاساسى بار گەپ …
چۈنكى بىز ياشاۋاتقىنى مەۋھۇم دۇنيا ئەمەس …بۇ بىر رىئال دۇنيا …ھەم باقى ئەمەس پانى دۇنيا … ۋاقىتلىق …ھەممىمىز ئۆلىمىز ………ھەم بايقىدەك ئەتراپىمىزدا شۇنداق قىيىنچىلقى بارلار بولسا ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن شۇلارغا قولىمىزدىن كىلشىچە غەمخورلۇق قىلىپ قويايلى …ئازراق مىھىر مۇھەببىتمىزنى يەتكۈزەيلى…
دۇنيا مىھىر مۇھەببەت بىلەن گۈزەل…مىھىر مۇھەببەت يوقالمىسۇن …
بۇنى يانفۇندا يوللىغان ئىدىم خاتالىقلار بولسا ئەپۇ قىلغايسىلەر … قۇربان ھىيتىڭلارنى كىچىكىپ بولسىمۇ تەبرىكلەيمەن …قۇربان ھىيتىڭلارغۇ مۇبارەك …كۈنۈڭلار خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتكەي
2013-10-16-       xukri314

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zulayha + 500 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 500   باھا خاتىرىسى

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-17 09:56:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممەيلەن ئويلىنىپ بېقىشقا تىگىشلىك مەسىلىكەن بۇ . كىچىك ئىشلاردىنمۇ بىزنىڭ ئىنسابىمىزنىڭ ، مىھىر مۇھاببىتىمىزنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى بىلىۋالغىلى بۇلىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97058
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1505
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 680 سائەت
تىزىم: 2013-8-18
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-17 11:12:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئاشۇ نەرسىنى پەقەت ياقتۇرمىدىم، شۇڭا ھازىرغىچە ئىشلەتمىدىم.
ئۇنى نەرسە نەشىرى كۆتۈرۈلگەن، چاپىنى يېڭىلانغا، شەكلى ئۆزگەرگەن چاقىرغۇدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەينى ۋاقىتتىكى چاقىرغۇدا ئادەم مۇلازىمەت قىلغان بولسا، ھازىر ماشىنا مۇلازىمەت قىلىدۇ. شۇڭا خالىغان نەرسىنى يوللىغىلى بولىدۇ. پەقەت ھازىر ئۇچۇرلارنى ئارىلاش بىرتەرەپ قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىلگىرىكى چاقىرغۇ بىلەن ئاساسەن پەرقى يوق دېيىشكە بولىدۇ. مەيلى نېمىلا بولسۇن ئۇ نەرسىنىڭ توغرا يولغا قوشقان تۆھپىسىدىن، خاتا يولغا قوشقان تۆھپىسى كۆپ.

چوڭ بازارغا مەرھەممەت. http://chongbazar.com
kvndiz-kiche بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-17 11:20:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

غەيرەت قىل!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4599
يازما سانى: 683
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10438
تۆھپە نۇمۇرى: 891
توردا: 2462 سائەت
تىزىم: 2010-7-23
ئاخىرقى: 2014-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-17 01:11:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېھىر مۇھەببە ت ئىنسان ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم،مېھىر مۇھەببەتسىز دۇنيا ئۆز قىممىتىنى يوقىتىدۇ
ئۇلۇغ ئايەم كۈنلىرىدە ھەممىمىزنىڭ ئەتراپى مېھىر مۇھەببەت بىلەن بۇر چاچسۇن!

http://user.qzone.qq.com/275899228/infocenter

سۇلايمان ئابلىمىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8391
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580139
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12303 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-17 03:31:51 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە تاڭ ئاتىدۇ
«ھېكايە»
كۆلچى
تۇربىدىن ئېقىۋاتقان سۇنىڭ تامچىلىشى ماڭا ھېكايە سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى.
ـ ھايات ماڭا ئوخشايدۇ. ئۆلمەيمەن دىسەڭ ھەركەت قىل، مىدىرا، ئەڭ قاتتىق تاشلارنى تەش، ئەڭ مۇستەھكەم قورغانلارنى بۇزۇپ، بۆسۈپ چىق. ھايات، بەخىت، شاتلىق ۋە لەززەت ئەنە شۇ يەردە. سۆزۈمگە كۆنمىسەڭ ئۆلىسەن. سەن تۇرغۇن سۇنى كۆرگەنمۇ؟ تۇرغۇنلۇقتا روھىڭ بولغىنىدۇ، تەپەككۇرۇڭ داتلىشىدۇ، ھۇجۇدۇڭ چىرىشقا باشلايدۇ. تۇرغۇنلۇق ئۆلۈم دىمەكتۇر...
كومپىيۇتىرنى قوزغۇتۇپ ئۆلۈم ھەققىدە ئويلاندىم. قۇلاق تۈۋۈمدە بىرسىنىڭ بوش ئىڭرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. چۆچۈپ يېنىمغا قارىدىم. ئاۋاز ياڭراتقۇدىن چىقىۋېتىپتۇ. كۆڭلۈمنى غەشلىك قاپلىۋالدى.
ئوغۇل بالا تۇرۇپ ((سەن بولمىساڭ قانداق ياشايمەن)) دىگىنى نىمىسى؟
ئوغۇل بالىنىڭ دەردى نىمە؟ ئويلايدىغىنى، ۋاز كېچىدىغىنى، قوغداپ جان تەسلىم قىلىدىغىنى نىمە؟
سۆيگۈ ئەھدىگە ئاسىيلىق قىلىپ تاشلاپ كەتكەن مۇناپىق روھقا ئاتاپ ناخشا توقۇغان قايسى تۇرغۇن سۇ ئىچىپ قالغان ئەبلەختۇ؟
بىز مۇناپىقنى، ۋاپاسىزنى، خىيانەتكارنى قانداق جازالاشنى بىلىشىمىز كېرەك...
ئۇيقۇم ئېچىلىۋاتاتتى. قورساقنىڭ ئېچىشىنى بىرسىگە دىگىلى بولمايدۇ.
مېنىڭ يېرىلغان باشقا چىرايلىق بۆك كىيدۈرگۈم يوق. سۇنغان قول يەڭ ئىچىدىن چىقىشى كېرەك. بۇ تام قوشنامنىڭ خوتۇنىغا ئوخشىمايدىغان ئىش. ئۇ خوتۇن ئېرىدىن باشقا نۇرغۇن ئەرلەرگە ئامراق. ئەسلىدە مەنمۇ شۇ ئەرلەرنىڭ بىرسى بولۇشۇم تامامەن مۇمكىن ئىدى. قاش كۆزىنى ئوينۇتۇپ بىلىكىمنى چىمداشلىرىغا پەرۋا قىلمىغانلىقىم ئۈچۈنلا ئۇ ماڭا ئۆچ بوپ قالدى. مەيلى دىدىم. بىز قىيامەتلىك قوشنا، مۇناپىققا شىرىك بولۇپ بىر ئەرنىڭ كۆزىدىن ياش چىقىرىشنى خالىمىدىم. گەپ دەل مۇشۇ يەردە.
ھەي... مۇشۇ قوشنام مېنى ھاقارەت قىلدى.
ـ خوتۇن ئېلىپ قويۇپ بېرىپلا يۈرەمسە، ئۆيدە تۇرىدىغاندىن بىرنى ئالمامسە؟ نىكاھ پۇلىنى نىسى قىلمىغان بولغۇيتتۇڭ؟...
ئۇنىڭغا قاراپ كۈلدۈم. كۈلىيۋەردىم. ئاچچىقتىن كۈلىۋاتاتتىم.
ـ يالغۇز يۇرۇپ ئىلىشىپ قالدىمۇ بۇ گاداي
راستىمنى دىسەم مەن ھەقىقەتەن بىنورمال. چۈنكى مەن مەھەللەمدىكىلەردىن ئۆزگىچە ئويدا ياشايمەن.
تۇرمۇش بىر تەخسە لەغمەن يىيىش ياكى ئۇماچ ئىچىش ئەمەس. تۇرمۇشتا ھەممە بولۇشى كېرەك. قايغۇمۇ شاتلىقمۇ بولۇشى كېرەك. مەن ئويلىغان غەم باشقىچە، كۈتكەن كۈتىۋاتقان شاتلىقىممۇ باشقىچە. ھاراق ئىچمىگىنىم ئۈچۈن ھاراقكەشلەرنىڭ ئارىسىغا كىرمەيمەن. تاماكا چەكمىگىنىم ئۈچۈ بەڭگى قوشنام ئىشىكىمنى چەكمەيدۇ. ئاچچىقىم كېلىدىغىنى ئۇنىڭ خوتۇنى ئۆچ بولسا بولسا ئاۋۇ يۇمشاق ئەرمۇ ئۆچ بولامدۇ؟ مېنى خوتۇن ئالدىڭ دەپ ھاقارەت قىلامدۇ دەيمەن.
كۆڭۈلگە شەك چۈشۈرگەن خوتۇننى كۆزۈمدىن يوقال دىيەلمەي خوتۇنۇمنىڭ تەرەت سۈيىدە پاتىڭىمنى مايلاپ يۈرۈشۈم دۇرۇس بولامتىكى؟
بولدىلا...
سىرتقا چىقىپ ئىشىمنى قىلاي. ئەتە ھېيىت. قوچقار بولمىسىمۇ پاقلاندىن بىرنى ئالاي. ئۆلۈپ كېتىمىز. تىرىكلىكتە تىرىكلىكنى نامايان قىلمىسا ئۆلۈكتىن نە پەرقى؟
كوچا تېخى يورۇماپتۇ. يول چىرىقىنىڭ نۇرى قۇياش نۇرىغا ئوخشىمايدۇ. يولنىڭ ئالدى يورۇق بولغىنى بىلەن كەينى قاراڭغۇ...
ئىككى ئۈچ سىۋەت كۆكتات بېسىۋېلىپ كۆكتات بازىرىغا كېتىۋاتقان ھارۋىكەشلەرگە قاراپ ئاتام بىلەن ئاپام كۆز ئالدىمغا كەلدى.
ئۇلارغا ھېيىتلىق پۇل سالماپتىمەن. ئاۋال بانكىغا ئاندىن مال بازىرىغا بېرىشنى پەملەپ ئايىغىمنى ئازراق تىزلەتتىم  
قاسساپ بۇرادىرىم مېنى ئويلىغان چېغى.
ـ مانا مۇشۇ قوينى سىلىگىلا ئەپ قويغانتىم. ـ  دەپ قارا باش قويدىن بىرنى ئالدىمغا ئەكەلدى.
قويغا قاراپلا باغرىمدا بىر نەرسە ئاققاندەك بولدى.
نېمىشقا بۇ قوينىڭ كۆزىگە قارىغان بولغۇيتتۇم؟
ھېكايە يەنە باشلاندى.
قوينىڭ كۆزىدە مۇڭ ئوينايتتى. بىزدە قويدەك يۇۋاش، قويدىنمۇ يۇۋاش، دىگەندەك گەپلەر بار. شۇ تاپتا مەن ئۆزۈمنى قويدىنمۇ يۇۋاشتەك، بىچارىدەك ھېس قىلدىم. سەل تۇرۇپ قولۇمدىكى قوينى بوغۇزلايمەن. ئۇ ئۆلىدۇ. قەلبىمدە بىر روھ، بىرخىل تۇيغۇ قانائەت تەرەپكە قاراپ ئازراق سىلجىيدۇ. قوي گۆشىنى چامغۇر، سەۋزە بىلەن قاينىتىمەن. بىراق بۇ گۆشنى، ئۆزۈمنىڭ ئورنىدا بوغۇزلىغان بۇ قۇربانلىق قوينىڭ گۆشىنى كىم يەيدۇ؟
سەرسان سەرگەردان بوپ يۈرگەن تۇيغۇم مېنى پاراكەندە قىلىشقا باشلىدى. ئاتامغا سالغان مىڭ سوم ھىچنىمىگە يەتمەيدۇ. يېنىدا ئولتۇرۇپ ھېيىت نامىزى ئوقۇيالمىدىم. مەدىنيەت، ئۆرۈپ ئادەت دىگىنى بىلەن ماۋۇ نەس باسقۇر رىئاللىقىم ئەزەلەلدىن ماس كەپ باقمىدى. مەن دوست بىلگەنلىرىمنىڭ ماڭا دۈشمەنلىك نەزىرىدە قاراۋاتقانلىقىنى كۆرۈشتىنمۇ ئارتۇق ئازاپ بارمۇ؟ مەن ئازاپ ئىچىگە قاپسىلىپ قالدىم. ھاياتىمنىڭ ھاياتلىق بەلگىلىرى ئۆلدى. ئەمىليەتتە قۇربانلىق بولۇنغىنى مەن بولغاندىكىن قان قوينىڭ ئەمەس، مېنىڭ بوينۇمدىن ئاقسا بولاتتى...
مېنى ئويلايدىغانلارنىڭ تولىمۇ ئازلاۋاتقىنى ئېنىق.
بۇ قېتىم توي قىلىش قىلماسلىق ھەققىدە ئويلانغۇم يوق. شۇ تاپتا مەن ھازىرغىچە بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ باقمىدىم دىسەم كىم ئىشىنىدۇ؟ ئەمىليەتتە شۇنداق. مۇھەببەت نىكاھ تۇرمۇش مېنى خوراتتى. مۇھەببەتنى ھىس قىلماي تۇرۇپ نىكاھلىنىپ تۇرمۇشنىڭ قازىنىدا ئۇزۇندىن ئۇزۇن قاينىدىم. گۆشۈمنى يەپ سۈيۈمنى ئىچكەنلەر كۈلكە چاقچاقتا ياشاۋاتىدۇ. مەن بولسام تېخىچە غەمدە. غەم ئۆلگەندە تۈگەيدۇ دەيدىكەن. شۇنىڭغا قارىغاندا مەن ھاياتقا تەۋە بولسام كېرەك.
دوستلۇرۇمنىڭ ھېيىتلىق يوللىغان سالاملىرىنى كۆرۈپ كۆزۈمگە ياش كەلدى. مەن كىمگە سالام يوللايمەن؟ كىمگە ھېيىتىڭغا مۇبارەك بولسۇن دەيمەن؟ ئالدىغا بېرىپ، قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ« ئاداش ھېيىتىڭغا مۇبارەك بولسۇن » دىيەلىسەم ھېساپ بولمامدۇ؟
بىراۋنىڭ يېزىپ تەييار قىپ قويغان گېپىنى يېقىنىم دەپ يەنە بىرىگە يوللاشتىنمۇ بىچارىلىك بولامدۇ؟ دوستۇڭغا، يېقىنىڭغا ئىككى ئېغىز يۈرەك سۆزۈڭنى دىگۈدەك ۋاقتىڭ يوق بولسا ئۆلۈپلا كەت...
مېھرىمنى ئوغۇرلاۋاتقان قىزدىن خەۋەر يوق. بەلكىم ئالدىراشتۇ. ئىشلىرى تۈگىمىگەندۇ. ياكى مەندىن باشقىچە بىرسىگە ئۈمۈد باغلاپ يۈرگەندۇ. مەيلى. ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش كېرەكقۇ ئاخىر؟
مەھەللەمدىكى مومايغا ئاتىغىنىمنى بېرىپ ئۆيگە كىردىم. ئۆي ئىچى قىلبىمدەكلا سوغوق. بىر پۇت گۆشنى قازانغا سېلىپ قويۇپ ياتتىم. ماڭا ھەقىقەتەن يېقىن تۇرىدىغان بىرسىنىڭ ھېيىتىڭغا مۇبارەك بولسۇن دەپ كېلىشىنى كۈتۈپ ياتتىم. ھىچكىم يوق. تېلىفۇنمۇ جىمجىت. ئۈندىداردا ئاندا ساندا بىرلىرىنىڭ دوراپ ئېيتقان ناخشىلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى...  

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zulayha + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشلار بولسا QQغا  قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ، نۇمۇرۇم:295997753

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 10179
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 64056
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 8016 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-17 05:29:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىنى ئوقۇپ ھەقىقەتەنمۇ يىغلىدىم.مىسكىنلىكتىنمۇ ياكى ئىچ ئىچىمدىن يىغلىدىم. ئاللاھىم،بارلىق كىشىلەرنىڭ بېشىدىكى غەملىرىنى كۆتۈرۋەتكەيلا...امىن!
تېما ئىگىسىنىڭ ئويغاق تەپەككۈرلىرىدىن خۇش بولدۇم ھەم تەۋرەنمەس ئىمان تىلىدىم.
كىيىن يەنە داۋاملىق بۇ موماينى سىز ئاپىرىپ قويغان شۇ ئۆيگە بېرىپ يوقلاپ تۇرۇڭ قېرىندشىم. ئاللاھ ئەجرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن!

ﺳﯘ، ﺋﯘﺯ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﺎﯕﻘﺎﻕ ﺗﻮﭘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ...!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96859
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 691
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 124 سائەت
تىزىم: 2013-8-9
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-17 07:02:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4664
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 802 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-17 08:14:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يالغۇزلۇق،جاندىن ئۆتىدىغان يالغۇزلۇق...............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86678
يازما سانى: 292
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1156
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 203 سائەت
تىزىم: 2012-11-1
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-17 08:36:05 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zulayha يوللىغان ۋاقتى  2013-10-17 05:29 PM
تېمىنى ئوقۇپ ھەقىقەتەنمۇ يىغلىدىم.مىسكىنلىكتىنمۇ ياك ...

رەھمەت …ئاللاھ خالىسا شۇنداق قىلىمەن  

كىلىۋاتدۇ دەپ ساقلاپ تۇرسام ، كىتىپ بولدۇم دەپ ئۆتەپ كىتىپتۇ  دىسە  ......
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش