مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 10728|ئىنكاس: 76

تـوردىـكـى «ئـۇكـاش»   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580071
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12297 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-16 05:25:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسكەرتىش: بۇ ئەسەرنى مېنىڭ ھەدە سۈپەت دوستۇم يازغان ئەسەر بولۇپ،بۇرۇن سابىق مۇنبەرنىڭ بىرسىدە ئېلان قىلىنغان، شۇ چاغلاردا بۇ ئەسەرنى ساقلىۋالغىنىم ئۈچۈن بۈگۈن مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئەزىزلىرىمىزنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم.(تارىمدىن)


توردىكى «ئۇكاش»


ھېكايە

ئاپتورى:مىھراي نەجمىدىن(گۇلزىبا)



تۇنجى خەت


ئەسسالامۇئەلەيكۇم سىڭلىم، تۇيۇقسىزلا يازغان خېتىمنى كۆرۈپ ھەيران قالدىڭىز ھە قاچان، تېمىلىرىڭىز، ئىنكاسلىرىڭىز دىققىتىمنى تارتقىلى خېلى بولغان، مەنمۇ بىر چاغلاردا توردا، مۇنبەردە سىزگە ئوخشاش ئەسەر يوللاپ يۈرەتتىم، نۇرغۇن دوستلىرىممۇ بولغان ... ھاياتىمدىكى بۇرۇلۇشنى، توغرا يولنى ماڭا مۇشۇ تور كۆرسەتكەن دېسەممۇ بولىدۇ... شۇڭا سىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى، ھېچ بولمىسا سىزگە بېشىمدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلەرنى سۆزلەپ بېرىپ ئىچىمنى بىر بوشىتىۋېلىشنى ئويلاپ يۈرەتتىم ... يېقىندا يوللىغان بىر تېمىڭىزدا يولدىن چىقىپ كەتكەن بىر قىزنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن تەسۋىرلەپسىز... شۇ تېمىڭىزنى ئوقۇغاندىن كىيىن كاللامغا باشقىچە بىر ئوي كەلدى، ئويلىساممۇ بەدەنلىرىم تىكەنلىشىدىغان ئاشۇ كەچۈرمىشلىرىم، قىسقىغىنە كۈلكە ئاتا قىلغان، ئەمما ئۆمۈرلۈك پۇشايماندا قويغان ئالىي مەكتەپ ھاياتىم، چىراقلىرى كۆزلىرىمنى چاقناتقان، ئويۇنلىرى قەلبىمنى ئۆزىگە تارتقان ئاشۇ كۈنلەر... دېمەكچى بولغانلىقىمنى چوقۇم چۈشەندىڭىز، يېزىڭ، قانچىلىك يازالىسڭىز شۇنچىلىك يېزىڭ، ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى ئۆمرىدە بىر كېلىدىغان پۇرسەت دەپ بىلىدىغان، ناتونۇش شەھەر ناتونۇش كىشىلەر قاينىمىدا ئەركىنلىكنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان ئاشۇ قىز-يىگىتلىرىمىزگە ئازراق ئەسكەرتىش ياكى تەربىيە بېرەلىسەك ئەنە شۇ بىزنىڭ غەلىبىمىز،،، بەلكىم مۇشۇ ئىدىيە مەن ئويلاشتىنمۇ يىرگىنىدىغان ئاشۇ كەچۈرمىشلىرىمنى سىزگە بىرمۇ بىر بايان قىلىپ بېرىشكە كۈچ ئاتا قىلىۋاتسا كېرەك ... ئاللا قەلىمىڭىزگە كۈچ بەرسۇن.
سىزدىن ئۆتىنىدىغىنىم. ئەسەر ئىسمىنى «توردىكى ئۇكاش» دەپ قويسىڭىز، بۇنداق قۇيۇشنىڭ تازا مۇۋاپىق ياكى ئەمەسلىكىنى بىلمەيمەن، ئەمما مۇشۇنداق قۇيۇش ئارقىلىق توردا تونۇشقان، بىر تۇغقان قېرىنداشلاردىن چارە ئۆتكەن، ماڭا قىزلىقنىڭ قەدىر-قىممىتىنى، قىزلارنىڭ ھۆرمىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تۇنۇتقان، مېنى ناتوغرا يولدىن قۇتقۇزۇپ چىققان ئۇكام، ئىنىم __ئېرشاتقا بولغان رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن ... يەنە دوستۇم ئايگۈزەلمۇ بار ... ئۇلار بۇ دۇنيادىكى پەرىشتىلەر، ئاجايىپ ئاقكۆڭۈل، سەمىمىي كىشىلەر ... ئاللا ئۇلارنىڭ يولىنى ئۇچۇق، كۈنلىرىنى خۇشال قىلسۇن ئىلاھىم ...
ئەمىسە كەچۈرمىشلىرىم سىزگە قالدى، قالدى ئىشلار قەلىمىڭىزگە ئامانەت ... ماڭا خەت قايتۇرماڭ، مەن بىر ئۆلۈپ بولغان ئىنسان، پەقەت كىچىكلەرگە ئىبرەت بولسۇن ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى سىزگە دەپ ئولتۇرىمەن ... سىزگە ۋە قەلىمىڭىزگە ئىشىنىمەن.
سىزنى سىڭلىسى ئورنىدا كۆرۈپ، سالاھىيىتى بولمىغان ھەدىڭىز گۈزەلئايدىن...

جاۋاب خەت

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھەدە، قايتا -قايتا خەت قايتۇرۇپمۇ سىزدىن ئۇچۇر ئالالمىغاندىن كىيىن مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشنى مۇۋاپىق تاپتىم، خەتلىرىڭىزنى ئوقۇدۇم ... ئىچىمدىكى ھاياجاننى، ئىچ ئاغرىتىشنى، كاللامدا يېڭىدىن يېڭىغا پەيدا بۇلىۋاتقان سوئاللارنى، ئوي-خىياللارنى، ھەر قانچە قىلىپمۇ نېمە دەپ ئىپادىلەپ بېرىشنى بىلمىدىم، قەلەم بەزىدە ھەقىقەتەن ئاجىزلىق قىلىدىكەن ...
ناتوغرا يولدا مېڭىۋاتقانلار، بىلىپ تۇرۇپ گۇناھ ئۆتكۈزۈۋاتقانلار نۇرغۇن، ئەمما ئۇلارغا سېلىشتۇرغاندا سىز بىر پەرىشتە ھەدە! توغرا يولدا ماڭدىڭىز، توغرا يولدا مېڭىش ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلىدىڭىز، ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىڭىز ئۈچۈن چىن ئەقىدىڭىز بىلەن ئاللاھدىن گۇناھىڭىزنى تىلىدىڭىز! يەنە بىزدەك ئىنى-سىڭىللىرىڭىز ئۈچۈن كۆزىڭىزدىن قان-ياش ئاققۇزۇپ، ھېكايىڭىزنى سۆزلىدىڭىز ...
ئاللا گۇناھلىرىڭىزنى مەغپىرەت قىلسۇن، ھەممە قىزلىرىمىزنىڭ توغرا يولدا مېڭىشىغا مەدەت بولسۇن!
قەلىمىم ئاجىزلىق قىلىۋاتىدۇ ھەدە، شۇنداقتىمۇ يازدىم، ئۆزۈمنى خۇددى سىزدك، خۇددى ئايگۈزەل بىلەن بىرگە ياشاۋااتقان گۈزەلئايدەك ھېس قىلىپ تۇرۇپ يازدىم ...


ئىككى« گۈزەل»

ئۈرۈمچى. 7-ئاي.
تىلفۇنۇمنىڭ توختىماي جىرىڭلىشى ئۇيقۇمنى بۇزۇۋەتتى، كۆزلىرىمنى ئاچماي تۇرۇپ قۇلۇمدا سىلاشتۇرۇپ يۈرۈپ تىلفۇنۇمنى ئالدىم.
__ ۋەي!
__ئەسسالامۇئەلەيكۇم !،__ما گەپنى ئاڭلاپلا چوقۇم خاتا كەلدى ما تېلېفون دەپ ئويلىدىم.
__كىمنى ئىزدەيسىز؟
__ مەن ئۆي ئىجارە ئالاي دېگەن، ئېلاننى كۆرۈپ تېلېفون قىلىشىم.
__ھە، بىلدىم،__ئۇيقۇم خېلى ئېچىلغاندەك بولۇپ قالدى.
__سىز ئۆيدىمۇ، مەن مەكتەپنىڭ ئىچىدىلا، چىقىپ ئۆينى كۆرۈپ باقاي دېگەن.
__مەنغۇ ئۆيدە، لېكىن ئۆينى ئىجارىگە ئالسىڭىز ھەممە گەپ ئېلاندا دېيىلگەندەك بولىدۇ، ئەگەر بىرەر -يېرىم ماددىدا سۈلھى قىلىشنى ئويلاشقان بولسىڭىز بولدى مۇشۇ يەردىلا توختاپ قېلىڭ.
__ئەمىسە ھازىر چىقاي.
__ھە ماقۇل.
باشلىرىم ئاغرىپ تۇراتتى، تەسلىكتە ئورنۇمدىن تۇردۇم، تۇنۇگۈن كەچتە قانداق بولۇپ ئۆيگە كەلگەنلىكىمنى ئەسلىدىم، ئاخشام بىر سورۇندا ئولتۇردۇق، ئۇنىڭدىن باشقا ھىچكىمنى تونۇمايمەن، «دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى» دېگەنلىكى ئېسىمدە! كىيىن مەست بوپ قالدىم ... كىيىن ،،، ھە ئېسىمگە كەلدى ... نېمە دېگەن ئەقىللىق ھە مەن. ئۇ مېنى ئۆزى خالىغان يەرگە ئاپارماقچى بۇلىۋېدى مەن ئۇنىمىدىم، قارىسام سەل پەيلى يامان، شۇنىڭ بىلەن «بولدى بىزنىڭ ئۆيگىلا بارايلى، ئۆيدە بۈگۈن ئاپام يوق» دېدىم، ئۇنىڭغىمۇ ئوبدانلا خۇش ياقتى بۇ گەپ، لېكىن بىنانىڭ ئالدىغا كەلگەندە قوشنامنىڭ دېرىزىسىنى كۆرسىتىپ «ۋاي ئۆيدىكىلەر كېلىپ بوپتۇ، ئەمدى كىرىپ كەتمىسەم قەتئىي بولمايدۇ» دەپ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتىم... ھى ھى ھى ... ئەجەب ئەقىللىق ھە مەن...
شۇلارنى ئويلاپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ يۈز-كۆزلىرىمنى يۇيۇشقا باشلىدىم، تۇرۇپلا خىيالىمغا يېڭى قوشنام، بايام تېلېفون قىلغان قىز كىرىپ قالدى.« چوقۇم ئاتا-ئانىسىنىڭ پۇلى بىقىنىغا ئۈسۈپ كەتكەن ئەركە-نايناقتىن بىرى، سىرتتىن ئۆي ئېلىپ يېتىپ باققۇسى كەلگەندۇ، باشقىلارنى دوراپ... يا بولمىسا مۇھەببىتى بىلەن خەقنىڭ كۆزىدىن خالى ئۆتكۈسى كەلگەندۇ، ئۇنداق بولسا شەرتىمنى كۆرسە بۇ ئۆينى ئىجارىە ئېلىش ئويىدىن يالتىيۋالاتتى ... يا بولمىسا ياتاقداشلىرى بىلەن چىقىشالمايدىغان تازا مىجەزى ئەسكى بىرىمىكىن ...»
خىياللىرىمنىڭ ئاخىرى چىقىپ بولغۇچە ئىشىك قوڭغۇرىقى جىرىڭلاپ كەتتى.
__ئەسسالامۇئەلەيكۇم.
نېمە دېسەم بۇلا، ئالدىمدىكى ياغلىق چىگىۋالغان، مەدەنىي كىيىنىۋالغان بۇ قىزغا قاراپ بايامقى خىياللار كاللامغا قانداق تىز كەلگەن بولسا يەنە شۇنداق تىز غايىب بولدى.
__بايا تېلېفون قىلغان قىز سىزمۇ؟
__ھەئە.
__قېنى كىرىڭ.
ئۇنىڭغا شەرتلەرنى يەنە بىر قېتىم دېگەچ ئۆينى كۆرسەتتىم.
__ شارائىتلىرى ئويلىغىنىمدىن ياخشىكەن، يەنە تېخى شۇنداق پاكىزكەن، بۈگۈنلا كۈچۈپ كىرسەم بۇلامدۇ، نەرسە-كېرەكلىرىم دوستۇمنىڭ ياتىقىدا قالغان.
__نېمە؟ سىز بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەمەسما؟
__ياق، مەن شەرقى شىمال پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن.
قارىغاندا ئوغۇل دوستى بولسا كېرەك، بىرىگە تېلېفون قىلىپ ئۆينىڭ ئورنى، شارائىتى ھەتتا ھەربىر شەرتلىرىدىن تارتىپ تۇلۇق چۈشەندۈردى، ئۇ قارشى تەرەپنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كىيىن رەسمىيەتنى ئۆتىدۇق، شۇنداق قىلىپ سودام ئۈزۈممۇ ئويلاپ باقمىغان ئاساستا تىزلا پۈتۈپ قالدى. رەسمىيەتلەرمۇ ئاددىي تەرتىپلىك پۈتتى.
__ ئىسمىڭىزنى تېخى بىلمەيمەندە قوشنام،__دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.
__گۈزەلئاي.
__ھا ھا ھا...
__نېمىگە كۈلىسىز، كۈلگىدەك ئىسىم ئەمەسقۇ بۇ؟
__مىنىڭ ئىسمىم ئايگۈزەل.
__ھە ،،، راسلا قىزىق ئىش بوپتۇ. ئىككى گۈزەل بىر بوپتۇ، قۇيرۇقى تەڭ بوپتۇ دېگەنلەر ئىسىڭىزگە كەپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟
__ئۇمۇ ھەم شۇ ... ھەم* ئەلانىڭ گۇزەلئايسى يادىمغا يىتىپ قالدى، ھەم مەغرۇر ھەم گۈزەل...
__ئاشۇرۇۋەتتىڭىز،  رەھمەت.(راستىنى دېسەم قىزلارنىڭ ماختىغىنىنى ئاڭلىسا ئەجەب تۇرىدىكەن)
مۇشۇ گەپتىنلا ئۇ قىزنىڭمۇ كىتاب ئوقۇيدىغان ئادىتى بارلىقىنى ھېس قىلدىم، ئايگۈزەل نەرسە-كېرەكلىرىنى ئالغىلى چىقىپ كەتتى، سائەتكە قارىسام چۈش بۇلاي دەپ قاپتۇ، نېمە تاماق يېيىشنى ئويلاپ بايا ئۇ قىزنىڭ ئاشخانىنى كۆرۈپ خوش بوپ كەتكەنلىكى يادىمغا كەلدى،
__ ھەممە نەرسىلەر تۇلۇقكەن ھە؟ تاماق ئەتسەكمۇ بۇلامدۇ؟
__ گاز پۇلىنى ئۆزىڭىز چىقارسىڭىز بولىدۇ.
__ئەجەب ياخشى بولدى ...
شۇنداق قىلىپ يېڭى قوشنىلىق بولۇپ قالدىم، نېمىشقىدۇر بۇ قىز تۇنجى قېتىمدىلا مەندە ئىللىق تەسىرلەرنى قالدۇردى.


يېڭى قوشنام بىلەن تىزلا چىقىشىپ قالدىم، لېكىن تولا گەپ سورايدىغان قىزكەن، ئېلاندىكى «بىر-بىرىنىڭ شەخسى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق» دېگەن ماددىنى تازا چۈشەنمىسە كېرەك.
ئۇيەنە سەل غەلىتىرەك، ئىشەنمىسىڭىز قاراڭ ھە!
ئىشتىن كېلىپلا، ئاشخانا ئۆيدە چىقىۋاتقان تاراق-تۇرۇق ئاۋازلاردىن ۋە ئۆي ئىچىنى بىر ئالغان پۇراقتىن ئۇنىڭ تاماق ئېتىۋاتقانلىقىنى بىلدىم.
ــ تاماقنى كۆيدۈرۈۋەتتىڭىزمۇ نېمە ؟،ــدەپ سورىدىم مەن.
ــ ھەئە. ــ كىيىۋالغان ئۇزۇن كۆينىكى، تارتىۋالغان پەشتامىسى، ياغلىقى دىگەندەكلەر قوشۇلۇپ ئۇنى بەئەينى ئائىلە ئايالىغىلا ئوخشىتىپ قويغانىدى. ئەمما لاتاپەتلىك، چىرايلىق ئىدى. ئۇنىڭغا قاراپ تۇيۇقسىز ئاپام يادىمغا يىتىپ قالدى ۋە كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ قالدى.
ــ تۇنجى قېتىم تاماق ئېتىشىم، شۇڭا...
ــ تامان ئەتكىلى بولىدىكەن، دەپ خوش بوپ كەتكىنىڭىزگە قاراپ، ئۇستا ئاشپەزمىكىن دەپتىمەن سىزنى! پىيازنى سېلىشتىن بۇرۇن ياغنى بەك قىزىتىۋېتىپسىز، خېلىلا كۆيدۇرۇپسىزغۇ،ــ دېدىم مەن ئاشخانىغا كىرگەندىن كىيىن،ــگازنى ئۆزىڭىز ئەكەلدىڭىزما؟
ــ ئۇدۇل قوشنىمىزدىن سورىسام بىر تېلېفون نومۇرىنى دەپ بەرگەن، تېلېفون بەرسەم ئۆزلىرى ئەكەپ بەردى.
قىزىق، مۇشۇ كەمگىچە ئۇدۇل قوشنامنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەيمەن مەن.
ئۇنىڭ كۆيۈپ كەتكەن تامىقىنى بىرگە ئولتۇرۇپ يېدۇق، لېكىن ئۆزۈمنى ھەرقانچە زورلاپمۇ تۇلۇق يەپ بولالمىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە تولا سوئال سوراپ مېنى بىزار قىلىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇخلايمەن دېگەننى باھانە قىلىپ ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتىم.
ئەمدى ئۇخلاي دەپ تۇرسام، «كەچۈرۈڭ، ناماز ئۇقۇيتتۇم، سىزگە ئالدىم بولۇپ قالىدىكەن، تاشقىرىقى ئۆيدە تاملاردا رەسىم باركەن» دىۋىدى، دەسلىپىدە تازا چۈشىنەلمىگەندەك بولۇپ تۇرۇپ قالدىم، ئاندىن ئازراق بىر نەرسىلەرنى چۈشەنگۇدەك بولدۇمدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ تاشقارقى ئۆيگە چىقىپ كەتتىم. شۇنىڭ بىلەن چۈشلۈك ئۇيقۇمدىنمۇ ۋاز كەچتىم. نېمىشقىدۇر بىئارام بولۇپ قالدىم، قىزغا قاراپ نىمىنىدۇر ھېس قىلغاندەك بولدۇميۇ ئەمما نېمىلەرنى ھېس قىلغانلىقىمنى ئۆزۈممۇ ئېيتىپ بېرەلمەي ئىچىم سىقىلدى.
ــ بۈگۈن چۈشتىن كىيىن ئىشقا بارمامسىز،ــ سوراپ قالدى ئۇ ساپاغا چۆكۈپ ئولتۇرۇپ خىيالغا كەتكىنىمنى كۆرۈپ.
ــ ياق.
ــ دەم ئالىدىغان ۋاقتىڭلار ئەجەب كۆپكەن ھە!
ــ ھە!
ــ بۇ ئۆينىڭ ئىجارىسىمۇ ئانچە ئەرزان ئەمەس ھەرقاچان، مائاشىڭىز قانچىلىك، ئۆي پۇلى، تۇرمۇش پۇلى دىگەندەكلەر يىتەمدىكەن.
ــ ھەئە يىتىدۇ.
ــ بىر كۆپەيتىش ئورگىنىدا شۇنچە كۆپ مائاش بىرەمدا؟
ــ سودىمىز ياخشى.
ــ شۇنداق بولسىمۇ؟
ــسىز ساقچىما ئايگۈزەل؟
ــ ساقچى بولسام سىزنىڭ بۇ ئىشلىرىڭىزنى سوراپ نېمە قىلاتتىم گۈزەلئاي،،، ھى ھى ھى ... سىزگە ئامراقلىقىم كېلىپ شۇ!
ئۇنىڭ ساددا گەپ-سۆزلىرىگە كۈلۈپ قويدۇم خالاس. كۆڭلۈمدە بولسا « ھازىر ئادەمنىڭ تېشىغا قاراپ باھا بەرگىلى بۇلاتتىمۇ، ئەينى ۋاقىتتا مىنىڭ ئىشەنچىمگە ئېرىشىپ ھەممە سىرلىرىمنى بىلىۋېلىپ، كىيىن ماڭا ئورا كولىغان ئاشۇ قىزمۇ دەسلىپىدە ماڭا مۇشۇنداق ئامراق ئىدى، مانا مۇشۇنداق ساددا ئىدى ... كىيىن قانداق بولدى ئەنە! ياغلىق ئارتىپ، ناماز ئۇقۇپ يۈرگىنىگە قاراپلا ياخشى قىز دەپ ھۆكۈم چىقىرىۋەتسەم بولماس...» دېگەنلەرنى ئويلىدىم، ئۇنى دېمىگەن تەقدىردىمۇ، بۇ ئۆينى ئاشۇنداق بىرسىنىڭ، ئايالى بىر بىرىنىڭ ماڭا بىراقلا بىر يىللىق ئىجارىگە ئېلىپ بەرگىنىنى ئۇنىڭغا دىيەلمەيمەندە!
、 ئۇنىڭ كىتابلىرى كۆپكەن، ئەدەبىي كىتابلارمۇ، «ساھابىلەر ھاياتىدىن تاللانما»،«سالىھلار گۈلىستانى»،«يول بۇ يەردە»... قاتارلىق دىنى كىتابلارمۇ باركەن، قالايمىقان تۇرغان كىتاب جاسىنى يىغىشتۇرۇپ، كىتابلىرىنى بىر چىرايلىق تىزىپ قۇيىۋىدى، ئۆيمۇ باشقىچە بولۇپ قالدى، مەنمۇ جۇشقۇن، تىرىشچان ئوقۇغۇچى ۋاقىتلىرىمغا قايتقاندەك بولۇپ قالدىم.
كەچلىكى ئۇ مىفەن ئېتىپتۇ، «قورسىقىم بەك توق» دېگىنىمگە ئۇنىماي، «ئازراق بولسىمۇ تېتىپ باقىسىز» دەپ بىر پىيالە تاماقنى ئالدىمغا قويدى، سەينىغۇ كۆيدۈرۈۋەتمەپتۇ، ئەمما تاماقتا تەم دېگەن نەرسە يوق، ئۇنىڭغا قارىسام ئوخشاپتۇ دەپ ماختاپ ئولتۇرۇپ يەپ كېتىپتۇ، قاراپ كۈلگۈم كېلىپ كەتتى، خۇددى كىچىك بالىدەك...

بۈگۈن ئىشقا بېرىش پەقەت خۇش ياقمىدى، خوجايىنىمغا تېلېفون بېرىپ «مىجەزىم يوقلۇقىنى» دەپ بولغۇچە ئارام ئېلىشقا رۇخسەت قىلىۋەتتى. ئۆيدە بىكار كىتاب كۆرۈپ ياتسام ئايگۈزەل خۇشال كىرىپ كەلدى.
ــ تېپىڭە بىر خوش خەۋەر بار، توغرا تاپالىسىڭىز سۈيۈنچىسىمۇ بار...
ــ تاڭ!
ــ تېپىپ بېقىڭە!
ــ تاڭ!
ــ ساراڭ قىز! مەن خىزمەت تاپتىم.
ــ سىز ئاسپىرانىتلىققا تەييارلىق قىلىمەن دىگەنىدىڭىزغۇ؟
ــ شۇنداق! ئۇنىمۇ قىلىمەن، بۇنىمۇ قىلىمەن، ئۆيدىكىلەرگە ئېغىرىمنى سېلىۋەرسەم بولمايدۇ-دە!
ــ نېمە خىزمەت تاپتىڭىز؟
ــ بىر دورا دۇكىنىدا، دورا ساتقۇچى بولىدىغان بولدۇم...
ــ نېمە ؟! ھا،،، ھا،،، ھا... سىزنىڭ ئوقۇغان كەسپىڭىز نېمىتى، ھېلىقى جۇغراپىيە، ئەمدى كېلىپ دوختۇرلۇق قىلىمەن دەڭ...
ــ ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ،ــدېدى ئۇ ئاغزىلىرىنى شۇنچىلىك ئوماق ئۈمچەيتىپ تۇرۇپ،ــ مىنىڭ ئاپام دوختۇر، كىچىكىمدىن باشلاپ دورا-ئۇكۇل بىلەن ھەپىلىشىپ چوڭ بولغانمەن، دورا-ئۇكۇل  دېگەندەك نەرسىلەر ماڭا ئانچە ناتونۇش ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارغا خەنزۇتىلىنى پىششىق بىلىپ بەرسىلا بولىدىكەن،
ــ ئاپام دوختۇر دەڭ، دادىڭىزچۇ؟
ــ ئوقۇتقۇچى.
ــ نەچچە بالا سىلەر؟
ــ ئىككى، ھەدەم ئالدىنقى يىلى ياتلىق بولغان.
ــ ئۆيىڭىز؟
ــ غۇلجا شەھەر ئىچى.
ما قىزنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ «توۋا» دېگۈم كەلدى... ياغنىڭ ئىچىدىكى بۆرەكتەك چوڭ بولغان قىزكەنغۇ بۇ، ئاپا-دادىسى مائاشلىق، كادىر ئائىلىسى، شۇنداق تۇرۇپ بۇ يەردە جاپا تارتىپ نېمە قىلە؟
ــ مىنىڭ ئائىلە شارائىتىم سىزنىڭكىدەك ياخشى بولغان بولسا ئۇدۇل يۇرتۇمغا قايتاتتىم،
ــ سىز نەدىن؟
ــ قاراڭ ئايگۈزەل، بىز بىرگە تۇرغىلى بۈگۈن نەق تۆت كۈن بولدى، تېخىچە مىنىڭ قەيەرلىك ئىكەنلىكىمنى بايقىمىدىڭىزمۇ؟
ــ راستىنى دېسەم پەقەت بىلمىدىم، ئىشقىلىپ شىماللىق سىز.
ــ خوتەندىن.
ــ ۋاي مېڭە!
ــ نەگە ماڭىمەن، ھېچنېمە ئېسىمدە قالمىسىمۇ تۇغۇلغان يۇرتۇم ئېسىمدە بار مىنىڭ.
ــ پەقەت ئوخشىمايسىزكەن.
گەپنىڭ ئاخىرى ئۈزۈلۈپ قالدى. تۇرۇپلا كۆڭۈلسىزگىنە كەيپىياتتا بولۇپ قالدىم. ئاپامنى، يۇرتنى سېغىنغانىدىم، ئەمما قايتىپ كەتسەم بولمايتتى ... قايتىپ كېتەلمەيتتىم ... قۇلۇمدىن نېمە ئىش كېلەر ؟! ئاپامنىڭ يەنە دادامنىڭ ئالدىدا قىزىرىپ تاتىرىپ تۇرغىنىنى كۆرگۈم يوق! يەنە شۇنداق بىر سىما بار ... ئۇ توغرىسىدا ھېچقانداق گەپلەرنى ئاڭلىغۇم، ھەتتا ئۇنىڭ قارىسىنى كۆرۈپ قالغۇممۇ يوق!
ئىچىمنى پۇشۇرۇپ كۆڭۈلسىز ئولتۇرغۇچە چىقىپ بازار ئايلىنىپ كېلىشنى لايىق تاپتىم.
ــ ئايگۈزەل، چۈشتىن كىيىن باشقا ئىشىڭىز بولمىسا بازارغا چىقىپ كىرەيلىمۇ، كىيىم ـ كېچەك كۆرۈپ كىلەيلى.
ــ چۈشتىن كىيىن كومپيۇتېر ئالغىلى چىقىمەن،
ئەسلىدىنلا ئۇنىڭدىن بۇنداق ئىشلاردىن ئۈمىد كۈتمەسلىكىم كېرەك ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر يېقىنىمغا تېلېفون قىلدىم.
ــ ئالو تاتلىق قىز!
ــ ھە، تېخى ھاياتمۇسىز؟
ــ ئۇنداق ئۆلۈمۈمنى تىلىمەڭە، سىزگە ھېچ يامانلىق قىلمىسام ... سىزنى سېغىنىپ تۇراتتىم شۇ تاپتا!
ئۇنىڭ يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ لېكىن يەنىلا خۇش بولۇپ قالدىم، مەنمۇ چاندۇرماي يالغان سۆزلەشكە باشلىدىم:
ــ شۇ مەنمۇ سىزنى سېغىنىپ... ... چۈشتىن كىيىن بازارغا چىقاي دېگەن، ھەمراھ بولۇپ بېرىشىپ بېرەمسىز ؟!
ــ سىز دەپقاپسىز ئاپئاق قىز، ھېلىغۇ بازاركەن، مازار بولسىمۇ تەييارغۇ بىز! ھازىر بىرسى بىلەن كۆرىشىدىغان ئىشىم بار، بىرەر سائەتلەردىن كىيىن سىزگە تېلېفون قىلاي، تەييار بولۇپ تۇرۇڭ، ئاندىن ماشىنام بىلەن ئۆيىڭىزنىڭ ئالدىغىلا باراي، چۈشتىن كىيىن بازار ئايلىنايلى، كەچتە مىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشۇمغا بويسۇنىسىز، قانداق چاتاق يوقتۇ!
ــ چاتاق يوققۇ! چاتاق بار يەردە بىز يوققۇ!
ــ شاشقۇ باللا ھە! مۇشۇنداق يەلىرىڭىزنى دەيمىزدە! ئەمىسە داۋاي ... ھېلى كۈرۈشەيلى تاتلىق قىز.
شۇنداق قىلىپ بۈگۈن بىر كۈنۈم خېلى كۆڭۈللۈك ئۆتىدىغان بولدى-دە!
ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە بىر كۈن چۈشتىن كىيىن ئەكپەر بىلەن بىرگە بولدۇم، بىز بارمىغان شىياۋ شىمېر، داشىمېر، سەنشىخاڭزا، دا بازا، ئادىل، سۇبھىلەرمۇ قالمىدى، كەچلىكى خوڭسەنچىغا بېرىپ ئولتۇردۇق.

سورىنىمىز شۇنداق قىزىۋاتاتتى، ئارىلىقتا ئايگۈل بىلەن تازىلىق ئۈيىگە بىرلا چىقىپ كىرىپ، جىلە بولۇپلا قالدىم.
ــ ئاڭلىدىڭمۇ، ئەكبەر توي قىلىدىكەن.
ــ ئۇنداق ئەمەستۇ ؟!،ــئايگۈلدىن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم.
ــ سەن تېخى بىلمەيسەن دېگىنە... چايمۇ ئىچۈرۈلۈپ بوپتۇ. ئۇ قىزنى سېسترا دەيدۇ، بەك چىرايلىقمىش.
ــ ھە،،،
ئۆز – ئۈزۈمگە ھەيران قالدىم. ئۇ توي قىلسا مىنىڭ تۇتۇلۇپ قالغىنىم نېمىسى، ياكى مۇشۇنداق ئوينىتىپ، كىيىم-كېچەك ئېلىپ بېرىدىغان، قاچانلا ھايت دېسەم ھۇيت دەپ تۇرىدىغان بىرىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىمغا ئىچىم ئېچىشىۋاتامدىكىن... كىم بىلىدۇ، ئۇ كۆڭلىدە نېمە چوتلارنى سۇقۇۋاتىدۇ تېخى! بۇمۇ ئۇنىڭدەك «ئايالىم ئۆيدىكى خۇتۇنۇم، سىز سىرتتىكى خۇتۇنۇم جېنىم ... يەنە مۇشۇنداق ئارىلىشىپ ئۆتۈۋېرەيلى» دەپ قالسىچۇ ؟! ئۇنداق بۇلىشىغا مەن ئۇنىمايمەن ئەلۋەتتە !... ھەرقانچە يولدىن چىقىپ كەتسەممۇ خەقنىڭ ئاشنىسى بولۇپ ياشايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالمىدىم مەن!
ــ قوپۇڭە، نېمە خىيال سۈرۈپ ئولتۇرىسىز ؟! ئوينايمىز دەپ كەلدۇق بۇ يەرگە.
ئۇنىڭ بىلەن يىغلاڭغۇ مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ تانسا ئويناۋاتىمەن. مۇزىكا قۇلۇقۇمغا بەك يېقىمسىز ئاڭلىنىپ كەتتى. ئۇ بۇرۇنقىدەك قوللىرىمنى چىڭ –چىڭ سىقىپ، مېنى ئۆزىگە تارتىپ –تارتىپ ئوينايتتى. بۇرۇنقىدەك كۈلۈپ قۇيۇپ جاۋاب قايتۇرالمىدىم. تانسا تۈگىشى بىلەنلا ئۇ مېنى سىرتقا ئېلىپ چىقتى.
ــ ۋۇي، سەت تۇرىدۇ، كوچىدا ئادەملەر ئۈتۈشۈپ تۇرسا،ــ دېدىم ئۇنى ئىتتىرگەچ.
ــ ئوخخو... گۈزەلئاي خانقىز بۈگۈن باشقىچىلىغۇ. مىجەزىڭىز يوقمۇ نېمە ...
ــ بىلمىدىم، كەيپىياتىم تازا ياخشى ئەمەس كەچۈرۈڭ.
ــ ئەمىسە كەيپىياتىڭىز ياخشىلىنىدىغان جايغا بارامدۇق.
ــ بولدىلا... بۈگۈنچە ئۆيگە قايتىپ كېتەيمىكىن ...
ــ بۈگۈن ئەڭ ئاخىرقى كۈنى بولۇپ قالاتتى دەيمەن.
ــ نېمىشقا ؟!،ــ ئۇنىڭ ئاغزىدىن راست گەپ چىقىشىنى شۇنچىلىك ئۈمىد قىلاتتىم.
ــ مەن يېقىندا توي قىلىمەن.
«ئۇھ...» دېدىم ئىچىمدە، ھەنىم بولسا بىرەر قېتىم بولسىمۇ راست گەپ قىلىپ باقىدىكەن بۇ!
ماڭغاچ پاراڭلاشتۇق، ۋاراڭ -چۇرۇڭدىن بىراقلا خالى جايغا چىققاچقىمىكىن كاللام خېلى ئارام تېپىپ قالدى.
ــ شۇنداقمۇ ؟،ــمەنمۇ بىلمىگەن قىياپەتكە كىرىۋالدىم.
ــ ھەئە، ئۇ قىز بەك ياخشى، ئاقكۆڭۈل، پەرىشتىدەكلا قىز دەڭە، جەمئىيەتمۇ كۆرۈپ باقمىغان، مېنىمۇ بەك ياخشى دەپ ئويلايدۇ، يېقىندا بىر قانچە دوستى مېنى «ئانداق ئۇيۇنچى، مانداق ئۇيۇنچى» دەپ چېقىپتىكەن قاراڭ، ئۇلارنىڭ تازا ئوبدان دەككىسىنى بېرىپتۇ ... قىسقىسى ماڭا بەك ئىشىنىدۇ، شۇڭا تويدىن كىيىن ھەممىدىن بىراقلا قول ئۆزەيمىكىن دەيمەن... ھېلىمۇ بەك ئويناپ كەتتىم، قىلمىغان ئىشلىرىم ئاز قالدى. خۇدايىم جاجامنى بەرمەستە ئاستا ئۆزۈمنى تۇتۇۋالمىسام بولمىدى.
ئۇنىڭ گەپلىرىدىن تەسىرلىنىپ كەتتىممۇ ياكى بولغۇسى كىلىنچەككە ئىچىم تارلىقىم كېلىپ قالدىمۇ بىلمىدىم، كۆزلىرىمگە يىغا ئولاشقىلى تۇردى.
ــ مېنى ئۆيگە ئاپىرىپ قۇيالامسىز؟
ــ راستلا كېتەمسىز؟
ــ ھەئە. كۆڭلۈم ئۆينى تارتىپلا تۇرىدۇ.
ــ ماڭا قاراڭە، يىغلاپسىزغۇ، نېمە بولدى سىزگە ... بۈگۈن زادى بىر ئىش بار...
ــ ھېچنېمە، سىز ئۈچۈن خۇشال بۇلىۋاتىمەن، ئويلاپ باقسام بىز تونۇشقاندىن بىرى بىرەر قېتىممۇ مۇنداق سەمىمىيلىك بىلەن پاراڭلىشىپ باقماپتىمىز.
ــ مەنمۇ ئالدىڭىزدا خىجىل. جىق ئىشلارنى كىيىن چۈشەندىم، ئەسلى قىزلار بۇزۇق ئەمەس بىز ئوغۇللار ئەسكىكەنمىز، سىلەرنى تۇيدۇرماستىن ھەرخىل يوللارغا باشلاپ ئەكىرىپ كېتىدىكەنمىز ...
ئۇنىڭ گېپى تۈگىمەستىنلا ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتتىم، تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ قۇچاقلىشىدىن دوستلۇقنى، تەسەللىنى ھېس قىلدىم،
ــ توۋا، سىزمۇ يىغلايدىكەنسىز ھە ؟! تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم، گۈزەللەرنىڭ يىغلىشىمۇ باشقىچە گۈزەل بولىدىغان گەپكەن...
نىمىشقىكىن ئۇنىڭ ماختىشىمۇ شۇنچىلىك تەبىئىي ئاڭلىنىپ كەتتى.
ئۇنىڭ ماشىنىسىدا ئۆي تەرەپكە قاراپ يول ئالدۇق، تۇيۇقسىز كاللامغا بىر سوئال كېلىپ قالدى، ناھايىتى قاملاشمىغان سوئال ... قاملاشمىغانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ شۇنداق سورىغۇم كەلدى.
ــ ئەكبەر!
ــ نېمە ئاپئاق قىز؟
ــ بۈگۈن ئىككىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈن بىللە بۇلىشىمىزكەن، شۇڭا كۆڭلىمىزدىكى گەپلەرنى دىيىشىۋالايلىچۇ.
ــ چاتاق يوق.
ــ لېكىن چوقۇم راست گەپ قىلىمىز ھە!
ــ ھە ماقۇل.
ــ ئەمىسە مەن بىر سوئال سوراي، لېكىن چوقۇم راست گەپ قىلىسىز!
ــ ماقۇل دېدىمغۇ ئاپاق قىز، ئەكبەر قاچان سىزگە ماقۇل دېگەن ئىشىنى قىلماي باققان.
ــ ئىككىمىز يېڭى تونۇشقان ۋاقىتلاردا، سىز مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن دېگەن بۇ گېپىڭىز راستمىتى؟
ــ مەن سىزگە قىزىققان، لېكىن ياخشى كۆرۈشكە كەلسەك... ... نېمە دېسەك بۇلا... ياخشى كۆرىمەن، سىز ئاقكۆڭۈل قىز، دوستلىرىمدەك ياخشى كۆرىمەن ...
ــ سىزنىڭ مەن بىلەن توي قىلىشنى ئويلىشىپ باققان ۋاقتىڭىزمۇ بولغانمىدى؟(باياتىن بىرىقى شۇنچىلىك سورىغۇم كېلىپ كەتكەن، ئەمما جۈرئەت قىلالمىغان سوئال دەل مۇشۇ سوئال ئىدى)
ــ راست گەپنى قىلسام ... ياق گۈزەلئاي...
ــ راست گەپ قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن رەھمەت.
ئاشۇ گەپتىن كىيىن ئۆيگە بارغۇچە ئۇمۇ، مەنمۇ گەپ قىلمىدۇق. ئەمما ئۆينىڭ ئەتراپىغا كەلگەندە ئۇمۇ مەن بىلەن تەڭ ماشىنىدىن چۈشتى. ئىككى قۇلۇمدا بۈگۈن ئۇ ماڭا ئېلىپ بەرگەن كىيىم-كېچەكلەر بار ئىدى. ئۇ قوللىرىمدىكىنى ئېلىپ يەرگە قويدى، يۈزلىرىمدە ئەركىلەپ يۈرگەن چاچلىرىمنى قۇلاقلىرىم ئارقىسىغا قىستۇردى.
ــ ھەر قانداق قىيىنچىلىققا ئۇچۇرسىڭىز مېنى ئىزدەڭ، سىزنى ئوينىتىپ ئەكېلىش ئۈچۈن ئەمەس ھېقىقى دوستىڭىز سۈپىتىدە ياردەم قىلىمەن، ئەگەر خالىسىڭىز مېنى ئاكا دەپ تونۇسىڭىزمۇ بولىدۇ، بۇندىن كىيىن ئوغۇللار بىلەن قالايمىقان ئارىلاشماڭ، خىزمىتىڭىزنى ياخشى قىلىڭ، بولسا يۇرتىڭىزغا قايتىپ، خىزمەت قىلغاچ ئاتا-ئانىڭىزنىڭ دۇئاسىنى ئېلىڭ. خۇدايىم بەختىڭىزنى بەرسۇن،
ئۇنى قۇچاقلاپ يىغلاپ ئىچىمنى خېلى بوشىتىۋالدىم، مەن ئۇنىڭغا ئۇ ماڭا بەخت تىلەشتۇق. ئەسلىدە ئۇنىڭغا «ھەممىنى توي قىلغاندىن كىيىن باشلايمەن دەپ ئولتۇرماي ھازىردىن باشلاڭ» دېمەكچى ئىدىم، بىراق ئاغزىمدىن پەقەت چىقىرالمىدىم، تۇرۇپلا ئۇنىڭ ئالدىدا ئۈزۈمنى شۇنچىلىك ئەرزىمەس ئادەمدەك ھېس قىلىپ كەتتىم. ھەم ئۇنىڭ كىيىن قىلغان سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ ھازىردىن باشلىغانلىقىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تارىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-16 05:35 PM  


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئاملاشتۇرۇشلار بولسا ئۈندىدارغا قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ نۇمۇرۇم:295997753
ئەسكەرتىش: قۇشىۋالغاندا كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580071
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12297 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-16 05:26:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆيگە كەلسەم ئايگۈزەل تېخىچە ئۇخلىماي كىتاب كۆرۈپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ بىرمۇنچە گېپىگە «بەك چارچاپ كەتتىم، كىرىپ ئۇخلىۋالاي» دەپلا ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋالدىم، سەۋەبى ئۇنىڭغا چاندۇرۇپ قويماسلىق ئىدى. ئەگەر يېنىمغا كەلسىلا تاماكا ئىسى، ھاراق پۇراپ كېتىشىم تۇرغانلا گەپ!
ئەتىسى ئەتىگىنى ئورنۇمدىن تۇرسام ئۇ ئىشقا كېتىپتۇ. ئەتىگەنلىك ناشتامنىمۇ تەييارلاپ قۇيۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇزۇندىن بىرسى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئادەتلىرىمنى بۇزۇپ، ئولتۇرۇپ ناشتا قىلدىم، قارىسام مېھمانخانا ئۆينىڭ بۇلىڭىغا ئەپچىلگىنە قىلىپ كومپيۇتېر ئۈستىلىنى قۇيۇپ قۇيۇپتۇ، قارىغاندا ئىككىنچى قول كومپيۇتېر ئالغاندەك قىلاتتى.
كەچتە ئىشتىن كېلىپلا ئۇنىڭ تەييار قىلىپ قويغان تامىقىنى يېدىم،
ــ يېڭى خىزمىتىڭىز قانداقراقكەن؟
ــ بولىدىكەن، دۇكاندىكى قىزلار بىلەنمۇ چىقىشىپ قالدىم،
ــ ياغلىقىڭىزنى ئېلىۋەتتىڭىزمۇ يوق،
ــ ئۇلارنىڭ ھېلىقى پوسمىسى بارغۇ، شۇنى كىيىدىكەنمىز، چېچىمنى تۈگۈپ، ئورىۋالغاندىن كىيىن كەيسەم چېچىم چىقىپ قالمايدىكەن.
ــ نامازلىرىڭىزنىچۇ؟
ــ ئارام ئېلىدىغان كىچىككىنە ئۆيى باركەن، خېلى پاكىزكەن، شۇ يەردە ئۆتىدىم.
ــ خوجايىنىڭلار گەپ قىلمىدىما؟
ــ ياقەي، خەنزۇكەن، ناماز ئوقۇيمەن دېسەم تېخى، «سودام تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدىغان بولدى» دەپ خوش بوپ كەتتى دېمەيسىز ...
ــ ھە ...
ــ ھەراست، گۈزەلئاي! كومپيۇتېرنى تورغا ئۇلىتىۋېتەيمىكىن،
ــ پۇلىڭىزغا ئىچىڭىز ئاغىرمىسا ئۇلىتىۋېتىڭ.
ــ ساراڭ قىز. باشقىچە پىكرىڭىز بارمۇ دېمەكچى.
ــ يوق، ئۇ دېگەن سىزنىڭ شەخسى ئىشىڭىز ... نېمە ئىككىنچى قول كومپيۇتېر سېتىۋالدىڭىز؟
ــ بۇ... بۇنى مەن سېتىۋالمىدىم ... ... بۇ يىگىتىمنىڭ.
ــ نېمە؟ يىگىتىڭىز؟
ــ ھەئە.
ــ ھېلىقى سىز كەچكىچە تىلفۇندا پاراڭلىشىدىغان بالىنىڭ؟
ــ ھەئە.
ــ ئۇ ئۈرۈمچىدىما؟
ــ ياق، ئىچكىرىدە تىجارەت قىلىدۇ.
ــ كاللامنى ئېلەشتۈرۈپلا ۋەتتىڭىز، كاللا ئىشلىتىشكە ئۆچلۈكۈمدە!
ــ ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۆيى بار.
ــ ئەمىسە سىز بۇ يەردە ئۆي ئىجارە ئېلىپ نېمە قىلىسىز؟
ــ ئۇ ئۆزى ئىچكىرىدە، بۇ ئۆيىدە ھازىر ئادەم يوق، كومپيۇتېرنى شۇڭا ئەكېلىۋالدىم، بىر دوستىغا ئاچقۇچنى بېرىپ قۇيۇپتىكەن.
قارىسامغۇ دۇرۇسلا قىز بالا كۆرۈنىدۇ، «يىگىتىم ئىچكىرىدە تىجارەت قىلىدۇ» دىگىنىدىنلا بۇ قىزمۇ ئىشەنچلىك ئەمەس.
ــ يىگىتىڭىز نېمە تىجارەت قىلىدۇ.
ــ قاشتېشى،ــ قىز شۇنچىكى قىزارغىنىچە بېشىنى ئىختىيارسىز تۆۋەن سالدى،
ــ ۋاي! ھا ھا ھا... بىزنىڭ كىلىنچەك دەڭە سىز؟
ــ ئاللا خالىسا...
ــ ئەمىسە ئۇنىڭ ئۆيىدىلا تۇرسىڭىز بۇلاتتىكەنتۇققۇ؟
ــ ئۇ بولمايدۇ دەيدۇ.
ــ نېمىشقا ئەمدى؟
ــ ھىم... نېمە دېسەم بۇلا ... ئەڭ ياخشىسى ئۇ ماڭا سۆزلەپ بەرگەن ھېكايەتنى مەن سىزگە سۆزلەپ بېرەي. گۈلىستاندا مۇنداق بايان قىلىنىدىكەن:
بىر ئالىم كىشىدىن باشقىلار سوراپتۇ:«ئەگەر كىشى بىر ئاي يۈزلۈك بىلەن خالى جايدا ئولتۇرسا، ئىشىك تاقاقلىق بولسا، رەقىپلىرى ئۇخلىغان بولسا، تۇيغۇسى قوزغىلىپ، نەپسى تاقىلداپ كەتسە، قىسقىسى ئەرەبلەر ئېيتقاندەك،<خورما پىشسا باغۋەننىڭ كارى بولمىسا >، ئۇ ئادەم ئۆزىنى تارتىپ ساقلىنىپ قالالارمۇ ؟»
ئالىم ئېيتىپتۇ:«ئاي يۈزلۈكتىن ساقلىنىپ قالغان تەقدىردىمۇ، غەيۋەتچىلەرنىڭ يامان تىللىرىدىن ساقلىنالمايدۇ!»
                                                               كىشى ئۆز ئىشىنى جۆندەيدۇ ئوبدان،
                                                              لېكىن يوق يات تىلنى باغلاشقا ئىمكان.
خۇددى مۇشۇنىڭدەك ... يىگىتىم مىنىڭ يۈزـ ئابرۇيۇمنى ئويلىشىپ شۇنداق قىلغان.
ــ ھە...  ئۇ قاچان قايتىپ كېلىدۇ؟
ــ بىلمەيمەن، بەلكىم يەنە نەچچە ئاي بەلكىم نەچچە كۈنلەردىن كىيىن كېلىپ قالار، سودىگەر دېگەن شۇنداق بولىدىغان گەپكەن ،،،
ــ جاھاننىڭ تارلىقىدا خوتەنگە كىلىن بولۇش ئالدىدا خوتەنلىك بىلەن بىر ئۆيگە كىرىپ قالدىڭىز دە! ھە، ئەمدى چۈشەندىم، قايسى كۈنى مەندىن سىز قايسى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان دەپ سورىشىڭىز بىكار ئەمەسكەندە.
ــ شۇنداق، ئۇ شەھەرلىك3 ــ ئوتتۇرىدا ئۇقۇپتىكەن، لېكىن سىز ۋىلايەتلىك1 -ئوتتۇرىدا ئۇقۇپسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ تۇلۇقسىزدىلا ئۇقۇشنى تاشلاپ سودىغا كىرىشىپ كەتكەن، شۇڭا چوقۇم تونۇمايسىز...
ــ بەلكىم، قېنى قاراپ باقايلى ھە، تونۇشۇمنىڭ تونۇشى چىقىپ قالامدۇ تېخى.
ئۇزاق بولۇپتىكەن بىرسى بىلەن بۇنداق كۆڭۈل قۇيۇپ پاراڭلىشىپ باقمىغىلى، نېمىشقىدۇر ئەتراپىمدىكى ھەممە نەرسە سوغۇق كۆرۈنىدۇ، ھەر قانداق ئادەمگە ئارتۇق گەپ قىلغۇممۇ كەلمەيدۇ، ئەڭ چوڭ خۇشاللىقىم يېڭى كىيىملىرىمنى كىيىپ، گىرىملىرىمنى جايىدا قىلىپ كوچىدا ماڭغىنىمدا قىز-ئوغۇللارنىڭ ماڭا قاراپ كېتىشى، ئوغۇللارنىڭ بىرەر نەرسىنى باھانە قىلىپ ماڭا گەپ قىلىپ بېقىشى ... يەنە تېخى مەن تاشلىۋەتكەن ئوغۇللارنىڭ ماڭا بىچارىلەرچە تەلمۈرۈشى... ئوغۇللارنى ئالدىغاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ ئالدىنىشىمغا گول بۇلىشىنى تاماشا قىلىشىم... كەچلەردىكى ئولتۇرۇشلاردا ھەممىنى ئۇنتۇغان ھالدا رەڭگارەڭ نۇر دۇنياسىدا ياشاش... مانا بۇلار مىنىڭ خۇشاللىقىم، گەرچە باشقىلاردەك ئىچىمدىن قاقاقلاپ كۈلەلمىسەممۇ ھەرھالدا بىردەم بولسىمۇ تارتقان خورلۇق، ئازاب، ئالدىنىشلىرىمنى ئۇنتۇيالايمەن، جاھاننىڭ پەيزىنى سۈرەلەيمەن.
ئايگۈزەلنىڭ تىرىشچانلىقىغا قول قويماي تۇرالمىدىم، ئۇ ئەتىگىنى نامازدىن كىيىن ئۇخلىمايتتى، ئىنگىلىزتىلى يادلايتتى، ئۆيلەرنى پاكىز تازلايتتى، ئۆزى ناشتا قىلىپ بولۇپ، مىنىڭ ناشتىلىقىمنى تەييار قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئىشقا ماڭاتتى، كەچتە كەلگەندە ئىرىنمەي-تىرىكمەي يەنە تاماق قىلاتتى، ئاندىن كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئىككى-ئۈچ سائەتتەك ئولتۇراتتى. ئۇنى نىمىش قىلىدىكىن دەپ قارىسام ئاساسلىقى ئۇيغۇرچە مۇنازىرە مۇنبىرىنى كۆرىدىكەن، ئوغۇل دوستى بىلەن پاراڭلىشىدىكەن.
خوتەنلىك ئوغۇللارنىڭ مىجەزىنى چۈشەنگەچكە ئۇ قىزنىڭ ھەربىر ئىشىنىڭ ۋاقتى سائىتىدىن تارتىپ يىگىتىگە دوكلات قىلىپ تۇرۇشى ئانچە غەيرىي بىلىنمىدى، مەنمۇ بىر چاغلاردا شۇنداق ئىدىم، ياتاقتا ئۇخلاپ قالساممۇ «تېلېفون قىلسام ئالىدىغان ئادەم يوق، نەگە باردىڭ» دەپ سوراققا تارتىپ كىتىلەتتىم، ئۇيقۇمنىڭ قاتتىقلىقىدىن بىر مۇنچە تىل ئاڭلايتتىم، ياتاقداشلىرىم ھەيران بۇلاتتى، ئەمما مەن بولسام شۇنداق مەسئۇلىيەتچان بىر يىگىتنىڭ قىز دوستى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنەتتىم.
كەچلىكى ئۇخلاي دەپ ياتسام ئايگۈزەل ياتاق ئۈيۈمنىڭ ئىشىكىنى چېكىپ قالدى.
ــ كىرىۋېرىڭ.
ــ قاراڭ گۈزەلئاي، بىر گەپ باتتى، لېكىن سىزگە دېيەلمەي...
ــ دەۋرىڭ، قۇلۇمدىن كەلسىلا...
ــ مىنىڭ سىز بىلەن بىرگە ياتقۇم بار...
ــ قورقامدىكەنسىز؟
ــ قورقۇپقۇ كەتمەيمەن، لېكىن ئالىي مەكتەپتە تەييارلىقتىن كېيىنكى تۆت يىل خەنزۇلار بىلەن بىرگە يېتىۋېرىپ بەك ئۇيغۇرسىراپ كېتىپتىكەنمەن، راستىنى دېسەم سىزگە ئۈزۈممۇ ئۇقمايمەن، بەك ئامراق بولۇپ قالدىم، كارىۋىتىڭىزمۇ خېلى چوڭكەن، قارىسام سىزمۇ بالدۇر ئۇخلىمايدىكەنسىز، مەن ئۆگىنىشنى ياتاق ئۆيدە قىلسام، كەچلىكى ئۇخلايدىغاندا يېنىڭىزغا كىرىپ ياتسام ،،، لېكىن ھەرگىز خاتا چۈشىنىپ قالماڭ ... ئەگەر خالىمىسىڭىزمۇ مەيلى، سىزنىڭ تاللىشىڭىزغا ھۆرمەت قىلىمەن.
ــ توۋا... مەن ئۇچراتقان ئەڭ غەلىتە قىزدە سىز، ماقۇل كىرىپ يېتىڭ.
ــ ئىي... ئەجەب ياخشى ...
ــ ساراڭ قىز! ئاغرىتىۋەتتىڭىز!
ــ كەچۈرۈڭ!
ئىككىلىمىز كۈلۈشۇپ كەتتۇق، ئۇ خۇشاللىقىدىن مېنى قۇچاقلىۋالغانىدى.
ئۇغۇ يېنىمدا ياتسا ھېچ گەپ ئەمەس، ماڭىمۇ ئۇنداق پاراڭخۇمار قىزنىڭ بولغىنى ياخشى، لېكىن ئۇنىڭدىن تەپ تارتاتتىم، ماڭا كېچىلىرى كۆپرەك تېلېفون كېلىپ قالاتتى. قانداق پاراڭلارنى قىلىشىدىغىنىم ئۆزۈمگە ئايان، ئۇنىڭدىن تەپ تارتاتتىم... ئۇندا ئويلا مۇندا ئويلا ئاخىر ئۇخلاشتىن بۇرۇن تىلفۇنۇمنى ئېتىۋېتىشى قارار تاپتىم.
شۇنداق قىلىپ ھەر كۈنى كەچ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ياتىدىغان بولدۇم، ئۇ دائىم بىر قولىدا توختىماي قىسقا ئۇچۇر يوللىغاچ ماڭا گەپ قىلىپ بېرەتتى، ياخشى يېرى ئىككىمىزنىڭ ئورتاق تېمىسى بار ئىدى، ئۇ بولسىمۇ ــ كىتاب.
ئوقۇغان كىتابلىرىمىز توغرىلىق پاراڭلار كۆپ بۇلىناتتى. ئۇمۇ ماڭا ئوخشاشلا ھەممىدىن جالالىدىن بەھرام ئەسەرلىرىنى ياقتۇرىدىكەن، ئۇ كۈنى گىپىمىزنىڭ بېشى «لېيىغان بۇلاق» تىن باشلىنىپ ئاخىرى جالالىدىن بەھرامنىڭ كىچىك ھىكايىلىرىغىچە، پوۋىستلىرىغىچە بېرىپ توختىدى.
ــ ئۈزۈمنى كىتاب خۇمار دەپ يۈرسەم، سىز مەندىمۇ ئۈتەمۇ نېمە ؟،ــدېدى ئۇ.
ــ كەسپىم شۇ تۇرسا!
ــ سىز ئەدەبىياتتا ئۇقۇغانما؟
ــ ھەئە! ئالدىڭىزدىكى مۇشۇ مەكتەپتە نەق تۆت يىل ئەدەبىيات ئوقۇغانمەن.
ــ ئەمىسە نېمىشقا كەسپىڭىز بىلەن شۇغۇللانمايسىز؟
ــ ئۈرۈمچىدە مەندەكلەر ساماندەك، دىپلوم، ئۇقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى دىگەندەكلەر ھازىر ھەممە ئادەمنىڭ قۇلىدا بار. نەدە يۈرۈپ كەسپىم بىلەن شۇغۇللىنالايمەن.
ــ يۇرتقا كەتكەن بولسىڭىزمىغۇ ھە؟
ــ يۇرتقا كەتكۈم يوق.
ــ نىمىش...
ــ سەۋەبىنى سورىماڭ!
ــ ماقۇل سورىماي ...

ئايگۈزەل بىلەن تېخىمۇ چىقىشىپ كەتتىم، دەسلىپىدە ئائىلەم، شەخسى تۇرمۇشۇم توغرىلىق خېلى گەپ ئېچىپ باقتى، لېكىن كىيىن مىنىڭ تۇتۇلۇپ قالغانلىقىمنى بايقىسا كېرەك، ئۇنداق سوئاللارنى سورىماس بولدى. ئەمما قالايمىقان سوئال سورىمىغان بىلەنمۇ بەزىدە دىل يارامنىڭ تاتىلىنىشىغا سەۋەب بولۇپ قالاتتى. چۈنكى ئۇنىڭ ئوغۇل دوستى بىلەن قىلىشقان پاراڭلىرىدىن ئۆتمۈشۈمدىكى ئۆزۈمنى ۋە ئۇنتۇلۇلغان ئاچچىق خاتىرىلەرنى ئەسلەپ قالاتتىم. ئۇنىڭ خۇددى بوۋاق بالىدەك ۋىلىقلاپ كۈلۈشلىرىگە قاراپ كۈلۈپ قۇياتتىميۇ بوغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك ئىچىم ئاچچىق بۇلاتتى.
ــ بەك كەچ بوپ كەتتى، ئەمدى ئۇخلايلى ئاپاق،ــئۇ ھەر قېتىم خوشلىشىش ئالدىدا يىگىتىگە مۇشۇنداق دەيتتى، ئىچىمدە بولسا «ئوغۇل بالىنىمۇ ئاپئاق دەمدۇ؟» دەپ كۈلگۈم كېلىپ كېتەتتى. ئۇ خوش دېگىنى بىلەن ئۇلارنىڭ خوشلىشىشىغىمۇ ئالاھازەل بىرەر – يېرىم سائەت كېتەتتى.
ــ ئاخىر قويدىڭىز ھە! يائاللا قارەڭە كۆزلىرىڭىزگە ... خۇمارلىشىپ كېتىپتۇ!
ــ ۋاي مېڭە...،ــئۇ ئىتتىك ياستۇق تىگىدىكى كىچىك ئەينىكىنى ئېلىپ قاراپ كەتتى.
ــ يالغان سۆزلىمىدىم ،.. ئەجەب پاراڭلىشىدىكەنسىلەر... ھېلى ھازىر، ھېلى كىيىن، ھېلى بالىلىق، تاس قالىدىكەنسىلەر بوۋام ماڭا مۇنداق چۆچەك ئېيتىپ بەرگەن دېسە ماڭا مۇنداق ئېيتىپ بەرگەن دەپ بىر-بىرىڭلارغا چۆچەك ئېيتىشىپ بەرگىلى ...
ــ ھى ھى ھى ...
ــ ۋۇججۇن! كۈلكىسىنىڭ سەتلىكىنى بۇنىڭ!
ــ يائاللا، ئەمدى بىر خوتەنلىكتەك گەپ قىلدىڭىز!
ــ ئەسلىدىنمۇ خوتەنلىك مەن!
ــ مەنمۇ خوتەنلىك!
ــ ھى ھى ھى! قېلىنلىقىنى!
ــ قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقىدۇ دەپتىكەن، ھى ھى ھى ...
ــ ئېتىراپ قىلدىڭىز ھە!
ــ سىزمۇ قېلىن، مەنمۇ قېلىن! ئىككىلىمىز قېلىن!
ــ سىز قېلىن!
ــسىز قېلىن!
ــ ھى ھى ھى... ھا ھا ھا ...
ئۇنىڭ بىلەن ياستۇقلارنى ئېتىشىپ، ئوينىشىپ كەتتۇق،
ــ گۈزەلئاي!
ــ نېمە؟、
ــ تېخى ئۇخلىمىدىڭىزما؟
ــ ياق ...
ــ مېنى يېقىن دوستىڭىز قاتارىدا كۆرەمسىز؟
ــ ئىككى يىلدىن بىرى ئىچىمدىن چىقىرىپ، كۈلۈپ پاراڭلاشقان قىز سىز. باشقىنى بىلمەيمەن.
ــ بىز سەن دىيىشەيلىچۇ ... بايقىغانسىز، ئۈزۈممۇ بىلمەي سىزنى پات-پات سەنلەپ كېتىدىغان بولۇپ قالدىم.
ــ ئىختىيارىڭىز!
ــ سىز بەك ياخشى جۇمۇ.
ــقانداق ياخشى؟
ــ مەن نېمە دېسەم ماقۇل دەيسىز!
«مەن نېمە دېسەم ماقۇل دەيسىز ... ... مەن نېمە دېسەم ماقۇل دەيسىز ... ... مەن نېمە دېسەم ماقۇل دەيسىز...» قۇلاق تۈۋىمدە تونۇش ئاۋازلار ئاڭلىنىپ كەتتى... ئۇھ... يۈرىكىم...

ئەتىسى ئىشتىن چۈشۈپلا خاۋ شىڭفۇغا كىرىپ سەي-كۆكتات سېتىۋالدىم، ئويلاپ باقسام ئون كۈندەك بوپتۇ، ئايگۈزەل ئېتىپ بەرگەن تاماقنى كۆزۈمنى يۇمۇپ يەپ كەلگىلى، تۈنۈگۈن قارىسام سەيلەرمۇ خېلى ئاز قاپتىكەن.
سەيلەرنى ئېلىپ ئەمدى ماڭاي دەپ تۇرسام دوستۇم دىلارە تېلېفون قىپتۇ. بۈگۈن كەچتە بىر ئولتۇرۇش باركەن، ئانچە زورلىتىپمۇ كەتمىدىم، كەچتە «مەشرەپ» نىڭ ئالدىدا كۆرىشىدىغانغا دېيىشىپ خوشلاشتۇق.
ئۆيگە كەلسەم بىزنىڭ ئايگۈزەل كېلىپ بوپتۇ.
ــ نېمە بولدى؟ شۈمشىيىپ ئولتۇرۇپ كىتىپسىەنغۇ؟
ــ ھېچنېمە.
ــ ۋۇي... ما يىغلاڭغۇنى، دېگىنە قايسى كىتابتىن ياكى قايسى تېمىدىن تەسىرلىنىپ كەتتىڭ.
ــ كىتاب، تېما كۆرگۈدەك ھالىم يوق ھازىر.
ــ ئاناڭ تېلېفون قىپتۇدە!
ــ ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ قالدىم.
ــ ئاپاق بىلەنما؟
ــ ھەئە.
ــ ۋاي ماڭە! سىلەردەك مېھماندەك ئۈتىدىغان، پەرھات-شىرىندەك تاتلىق گەپلەرنى قىلىدىغانلار قانداقمۇ ئۇرۇشسۇن.
ــ چۈشتىن كىيىن دەم ئالدىم ئەمەسمۇ، ئۇنىڭغا ئۆيگە كەپ بولدۇممۇ دېمەي ئۇخلاپ قاپتىمەن، راستىنى دېسەم بەك چارچاپ كېتىپتىكەنمەن. تىلفۇنۇمنىڭ تۈكى تۈگەپ ئېتىلىپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ مېنى تاپالماي خاپا بولۇپ قالدى...
ــ كىچىككىنە ئىش كەنغۇ، شۇنىڭغا مۇشۇنداق شۈمشىيىپ ئولتۇرۇپ كەتتىڭما كىچىك بالىدەك ... بۈگۈن سىرتتىن تاماق يەيلىمۇ ... كەچتە ھاۋا شۇنداق سالقىن، كۈندۈزكى ئىسسىقتىن ئەسەرمۇ يوق.
ــ ياق... ئەمدى ئۇنىڭغا جىق ئۇچۇر يېزىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئالمىسام بولمايدۇ.
ــ نېمانداق قىلىپ كېتىدىغانسەن، بىرلا ئېغىز گەپ، ئوغۇللار سەن قىلغانسېرى شۇنچە ئېشىۋالىدۇ.
ــ ئۇ ئۇنداق بالا ئەمەس...
ــ ئەمىسە ئۆزۈڭ قاراپ بىر ئىش.
ئۇ ئۇچۇر يېزىشقا، مەن كەچلىك ئولتۇرۇشقا تەەييارلىق قىلىشقا باشلىدۇق.
ــ ياراشماپتۇ،ــ دېدى ئۇ ئۇچامدىكى كۆڭلەكنى كۆرسىتىپ.
ــ نېرى ياراشماپتۇ؟
ــ پەقەت ياراشماپتۇ.
ــ قىزىق، ھەممە ئادەم بەك ماختايدۇ بۇ كىيىمىمنى.
ــ يېڭى يوق قانداقمۇ كىيەلەيسەن ... راست، ھېقىقى گۈزەلئاي مۇنداق كىيىنمەيدۇ!
ــ ۋاي ساراڭ، كىتابتىكى ئۇ ئەلانىڭ گۈزەلئايسىغا سېلىشتۇرىۋەرمىگىنە ئادەمنى، مەن دېگەن رېئاللىقتىكى گۈزەلئاي ... ئىچكىرىدە ئالتە يىل تۇرغان ئادەمنىڭ ئىدىيىسىمۇ شۇنداق بۇلامدۇ دەيمەن.
ــ ئىشقىلىپ مەن راست گەپنى قىلدىم، چىرايىڭغا رەڭگى ماسلاشماپتۇ، سەن دېگەن ئۇرۇق، ئېگىز تۇرساڭ، بۇ كۆڭلەكنى كىيىپ سېمىز، پاكار كۆرۈنۈپ قالدىڭ...
ئۇنىڭ گېپى بەك جىق، دېگىنىگە ھە دېمىسەم توختىمايدۇ، ھېلى كىتابتىن، ھېلى ھەدىستىن، ھېلى تۇرمۇشتىن مىسال سۆزلەپ بېشىمنى ئاغىرتىپلاۋېتىدۇ، ئامالسىز كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇشقا باشلىدىم.
ــ كەچتە بۇرۇنراق قايتىپ كەلسەڭ بوپتىكەن گۈزەل.
ــ بەلكىم دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈن ئولتۇرۇشى (قىپقىزىللا يالغان سۆزلەۋاتاتتىم) كىيىنرەك تۈگۈپ قالسا ئاشۇ دوستۇمنىڭ ئۆيىدە قۇنۇپ قېلىشىممۇ مۇمكىن!
ــ ئامال بار قايتىپ كەلسەڭ... سەن يوق، ئۇيقۇم كەلمەيدىكەن.
ــ گىپىنىڭ تاتلىقلىقىنى بۇنىڭ، ماقۇل. ئامال بار.
بۈگۈنكى سۇرۇن خېلى قىزىدى، قارىسام ئارىسىدىن ئىككى يىگىتنىڭ كۆزى بىراقلا ماڭا چۈشكەندەك ...
ــ پەيزىڭ بار جۇمۇ ئاداش... ئاۋۇ ئىلھام دېگىنىنى ھەر جەھەتتىن بولىدىكەن دەپ ئاڭلايمەنغۇ... قارىسام ساڭا كىرىشىپلا قالدى، كەلتۈرۈۋالامسەن يا!
ــ كۆرمىدىڭمۇ، كەلتۇرىۋېلىشكە كۈچەش كەتمەيدۇ ... ئىشىكىمنىڭ ئالدىغىلا كەپ بولدى دېگىنە!
ــ ئىشىكىنى چەكسەم ئاچارمۇ ئاچماسمۇ دەپ مۆلدۈرلەپ قاراپ تۇرىدۇ دېگىنە!
ــ جۈرئىتى بولسا چەكمەمدۇ، ئىشىكىم جۈرئەتلىك، مەرد، كېلىشكەن يىگىتلەرگە ھەرۋاقىت ئۇچۇق دېگىنە!
ــ ئاران تۇرغانتىم دېگىنە! ئېچىپلا يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتمە يەنە، بىچارە قورقۇپ قېچىپ كەتمىسۇن... ۋەيت.........
سۇرۇندىن كىيىن ھەممىمىز تارقىدۇق، مېنى ئىلھام ئاپىرىپ قۇيۇشقا مەسئۇل بولدى، ھامان مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلەتتىم.
ــ ئۆيىڭىز قايەردە؟ ياكى مېنىڭ ئۆيۈمگىلا كېتەمدۇق؟ ــ تاكسىغا چىقىپلا ئىككى بىسلىق چاخچىقىنى باشلىدى ئۇ.
ــ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالدىغا ھەيسىدە بولىدۇ.
ــ ياخشى تونۇشۇپ قالدۇق، ئۆزىڭىزمۇ ئىسمىڭىزدەك چىرايلىق قىزكەنسىز، ئارىلىشىپ ئۈتەيلى...
ــ چاتاق يوق. (ئىچىمدە بولسا ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى نېمىشقا تونۇشۇپلا ئىسمىڭىزگە ئوخشاش چىرايلىقكەنسىز دەپ گەپ باشلايدىغاندۇ دېگەنلەرنى ئويلىدۇم)
ــ گۈزەل!
ــ ھە ؟!
ــ نېمىلەرنى خىيال قىلىۋاتىسىز؟
ــ ھېچنېمە.
يېنىمغىراق سۈرۈلۈپ ئولتۇردى ئۇ.
ــ كەچۈرۈڭ، مىنىڭ ئىسمىمنى تۇلۇق ئاتىسىڭىز بوپتىكەن، ئىسمىمنى چالا چاقىرغانلار بىلەن پەقەت خوشام يوق.
ــ يېقىمىق ئاڭلىنىدىغۇ، سىزگە ئىسىم كەتمۈگۈدەك، ئۇنى ئىسمىم دەپ ئويلىماي، باشقىلار مېنى تەرىپلەۋاتىدۇ دەپ ئويلاڭ.
ــ ماختىغىنىڭىزغا رەھمەت. لېكىن ئۆزۈمنىڭ پىكرىدە چىڭ تۇرىمەن.
ــ ماقۇل، ماقۇل، قاراڭ گۈزەلئاي، مىجەزىڭىز تۈز، ئۇچۇق-يۇرۇقكەن، ياقتۇرۇپ قالدىم، تىلفۇنىڭىزنى ئەكېلىڭە كۆرۈپ باقاي، ئەجەب ئويناپ كەتتىڭىز.
ئۇنىڭ تېلېفونى بىر جىرىڭلاپ توختاپ قالدى.
ــ ھە مانا، ئىسمىمنى نېمە دەپ كىزگۈزۈپ قويسام بۇلا، باشقا ئىلھامجانلار يوقتۇ ھە، ئىلھامجانىم دەپلا كىرگۈزۈۋەتتىم ئەمىسە.
يولدا كەلگۈچە ئۇلا پاراڭ قىلدى، «سىزنى ھاكاۋۇر دېسەم بۇلارمۇ ياكى بەك جىمىغۇر دېسەم بۇلارمۇ، جىمغۇرمىكىن دېسەم بايا شاش ئويناۋاتاتتىڭىز ...» دەپ قاخشاپمۇ قويدى تېخى.
ئۆيگە كىرسەم ئايگۈزەلخان تىلفۇندا پاراڭلىشىپ مۇڭ بولۇپ كېتىپتۇ. بايا تېخى ئۇرۇشۇپ قالدىم دەۋاتاتتى... ھازىر قىزلار ئەمەس ئوغۇللار ئۆچكە يېغى زادى!
يۈز-كۆزلىرىمنى يۇيۇپ يوتقانغا كىردىم.
تىلفۇننىڭ ئاۋازىنى ئېچىۋەتتى ئۇ!
ــ ساڭا يۇرتۇڭنىڭ شىۋىسىنى ئاڭلىتىپ قۇياي ...
ــ ئاپاق، گۈزەل قايتىپ كەلدى.
ــ ئەمىسە بىزمۇ قۇيايلى ما تىلفۇننى، ئەتىدىن باشلاپ ما تىلفۇندا توك قالمايدىغان، ھېلىقى نېمىتى ... شىنخاۋ(سىگنال) تارتمايدىغان ئىش يەنە بولۇپ قالمىسۇن ماخما ؟! بۈگۈن تولا يىغلاپ ئىچىمنى ئاغىرتىپ قويدۇڭ... بولمىغان بولسا،،، ھە... ئۈزۈڭ بىلىسەنغۇ مىجەزىمنى!
ــ ماقۇل ئاپئاق، چوقۇم دىققەت قىلىمەن، ئەمدى سىلىنى ھەرگىز خاپا قىلمايمەن.
ــ ھە، ئەمدى مىنىڭ ئاپئاق يارىمغا ئوخشىدىڭ... ئەمىسە سائەتنى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالما... نامازغا تۇرالمىساڭ بولمايدۇ، چوقۇم ناشتا قىلىپ ماڭ، مەن دېگەندەك ياڭاق، باداملارنى ئېلىپ قويدۇڭمۇ؟
ــ ھەئە، ئېپ قويغان.
ــ ھە بۇلاپتۇ ھە، چوقۇم ناشتا قىلىپ ئاندىن ئۆيدىن چىققىن، قورسىقىڭنى ئاچ قويما! ئىسسىقتا تاماق يېگۈڭ كەلمەيدۇ ھەرقاچان، شۇنداق بولسىمۇ زورلاپ تۇرۇپ يە! بىرىنى ئۆزۈم ئۈچۈن بىرىنى ئاپاق يارىم ئۈچۈن دەپ يە!
ــ ۋاي-ۋۇي ... ئاندىن تازا سەمرىپ سەتلىشىپ كەتسەم ھە! ماڭا يارىمايدىغان بولۇپ قالدىڭ دەپلا باشقا بىرىنى تېپىۋالساڭلا ...
ــ بەك سەتلىشىپ كەتسەڭ ئۇنىڭغىمۇ ئامال يوق، شۇنچە كېلىشكەن تۇرۇپ سەندەك سەت بىر قىزبالا بىلەن بىرگە يۈرسەم خەق مىنىلا ئەمەس سىنىمۇ زاڭلىق قىلار ھەرقاچان... ھى ھى ھى ...
ــ زادى نىيتىڭلا يامان.
ــ شۇ... ئۆزۈڭنى مەن چىرايلىق دەپ ئويلاپ يۈرەمتىڭ، ئەينەككە بىر قارىغىنە،
ــ ئەمىسە بېرىپ چىرايلىقنى تېپىڭلا!
ــ راست دېدىڭ ھە!
ـ-راست!
ــ ئۈچ!
ــراست!
ــ ئىككى!
ــ راست!
ــ بىر!
ــ يالغان!
ــ ئاڭلىمىغانمىدىڭ، «قىلىقىڭنى دېمىسەم، چىرايلىقلىقىڭ چاغلىق» دېگەن ناخشىنى...
ــ ئاڭلىغان!
ــ ۋۇي، ئاۋازىنى پەسلەپ كەتكىنىنى بۇنىڭ ... چاقچاق قىلدىم ھوي! چىرايلىق بولمىساڭ مىنىڭ يارىم بۇلالايتتتىڭمۇ ؟!
ــ راستما ئاپاق!
ــ راست ئاپاق، چاخچاقمۇ قىلىشتۇق، دوستۇڭنىمۇ ئارام ئالغۇزمايمىزغۇ كۈندە، ئۇ قىزغا مەندىن سالام ئېيت.
ــ ماقۇل.
ــ ئەمىسە ئاپاق خوتۇن ...
ــ يەنە باشلاندى...
ــ ھى ھى ھى ... مەن ئامراق تۇرسام سىلىنى شۇنداق چاقىرىشقا، بۇندىن كىيىن مېنى خاپا قىلماڭلا ھە... ھە بولمىسا بۈگۈنكىدەك يىغلاپ قالىسىلە ... كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا جىق ئولتۇرىۋالماڭلا، دۇكاندا ئىشقا ئۈزۈڭلىنى ئۇرۇپ كەتمەڭلا، مانداق ئوغۇللار كىرسە بىر چەتكە ئۆتۈپ تۇرۇڭلا، ئىي باشقا خەنزۇ قىزلار بېرىپ تونۇشتۇرسۇن ،،، ئاڭلىدىڭلىما ئاپاق.
ــ ھى ھى ھى ... ماقۇل ئاپاق.
ــ ئەمىسە ئاللاغا ئامانەت، ئەتە نامازغا چوقۇم تۇرۇڭلا ھە!
ــ ئاللا خالىسا ئاپاق. ئەمىسە ئاللاغا ئامانەت.
ئۇلارنىڭ تاتلىق پاراڭلىرىدىن سۈيۈنۈپ كەتتىم، دەسلەپتە ئۇنىڭ ئوغۇل بالىنى «ئاپئاق» دەپ چاقىرغىنىنى ئاڭلاپ بەك غەلىتىلىك ھېس قىلغان بولسام مانا ئەمدى مەنمۇ كۆنۈپ كەتتىم، ھەتتا مەنمۇ ئۇنىڭ يىگىتىنى ئۇنىڭ ئالدىدا ئاپئاق دەپ چاقىرىدىغان بولۇپ كەتتىم تېخى...
ــ پارىڭى نېمە تۈگۈمەيدىكىن دېسەم مۇنداق مۇڭ پاراڭلارنى قىلىمىز دېگىنە!
ــ ھى ھى ھى ... شۇ... ئەمدى... ھى ھى ھى... ئەجەب ئىزا تارتىپ كەتتىما! يۈزلىرىم قىزىشىپ كەتتى...،ــ شوخلۇق قىلىپ يوتقانغا يۈزلىرىنى پۈركىۋالدى ئۇ!
ــ ماڭا قارىغىنە مەن قاراپ باقاي، يۈزلىرىڭ مىنىڭ گېپىمگە قىزىرىۋاتامدۇ، ياكى ئۇنىڭ «ئاپئاق خوتۇن» دېگەن گىپىگىمۇ؟
ــ ئادەمنى خىجىل قىلمىيە ساراڭ...
ــ نېمە تېخى... يارىم... ھى ھى ھى... قايسى زاماندىكى گەپ بۇ! ئاپئاق يارىم، تاتلىق يارىم ... جېنىم يارىم ... ئۇنداق قىلماي يۈزلىرىڭىزنى بىر ئېچىڭە...
ــ ھى ھى ھى ... ھا ھا ھا،،،
يەنە ياستۇقلارنى ئېتىشىپ ئوينىشىپ كەتتۇق. ئەمما «ئەتە كۈرۈشەيلى، خۇدايىمغا ئامانەت» دەپ رەسمىي ئۇخلىماقچى بولغاندا بولسا پەقەت ئۇخلىيالمىدىم، يېنىمدا بىر تاتلىق پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتقان قىزغا قاراپ ھەم مەستلىكىم كېلەتتى ھەم يەنىلا بۇرۇنقى كۈنلىرىم، خۇددى مۇشۇ قىزغا ئوخشاش بەختنىڭ قۇچىقىدا ئەللەيلىنىپ تۇرغان كۈنلىرىم يادىمغا كېلەتتى. قانداق بولۇپ ئۆزۈممۇ تۇيماي بۇ يولدا مېڭىپ قالغاندىمەن، مىجەزىمنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكىنىچۇ تېخى! مەنمۇ ئايگۈزەلدەك كەچكىچە كۈلۈپ، سۆزلەپلا تۇرىدىغان، قوللىرىمدىن كىتاب چۈشمەيدىغان قىز ئىدىمغۇ! ساۋاقداشلىرىم ھەۋەسلىنىپ قارايدىغان، ئوغۇللار تىك تىكىلىپ قارىيالمايدىغان قىز ئىدىمغۇ... ئەمدىچۇ ؟! باشقىلارنىڭ قونچىقىغا ئايلىنىپ قالدىم، خالىسا خۇشال بولغاندا خالىسا پەرىشان بولغاندا ئىزدەيدىغان، دەسلەپتە تونۇشقاندا ھالى قالمايدىغان ئوغۇللار بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىنلا باشقىچە... قانداق قىلىپ قەدىر-قىممىتىمنى مۇنچە يوقىتىۋاتقاندىمەن...
شۇ كۈنى كېچىسى چۈشۈمدە ئۇنى كۆرۈپتىمەن... ئۇنتۇغىلى ئۇزۇن بولغان سىمانى... مەكتەپتە دېگۈدەكمىشمەن، دەرستىن چۈشۈپ ئىشىكتىن چىقىشىمغىلا ئۇنى كۆرۈپتىمەن.
«بولە گۈزەل ... قورسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى» دېگۈدەك، «مەن سىنى دەرسىڭ بولمىغاندىن كىيىن سەن تاماق يەۋەرگىن، دېمىگەنمۇ ؟» دېسەم ئۇ،«تۇمشۇقلىرىڭنى نېمانداق چىرايلىق ئۇچلايتىدىغانسەن، سەن يوق گېلىمدىن تاماق ئۆتەمدىغان» دەۋاتقۇدەك... ئىككىمىز قولتۇقلىشىپ ماڭساق ھەممەيلەن بىزگە ھەۋەسلىنىپ قاراپ قالغۇدەك... ئۇچۇرغانلىكى دوستلىرىمىز بىلەن چاقچاقلىشىپ ماڭغۇدەكمىز...
شۇنچە شېرىن چۈش، لېكىن بۇ شېرىن چۈشۈم كۆڭلۈمنى يەنە ئاغرىتىپ قويدى.
ــ بۈگۈن يېڭىلىققۇ بۇ !،ــدېدى سەھەردىلا ئورنۇمدىن تۇرۇۋالغانلىقىمنى كۆرگەن ئايگۈزەل.
ــ سەنلا سەھەر تۇرۇشۇڭ كېرەكمىكەن، قىزىققۇ سەن، مىنىڭ ئاپاممۇ ماڭا «قىزلار سەھەر تۇرمىسا بەختى ئېچىلمايدۇ» دەيدىغان...
ــ گېپىمنى ئۆگىنىۋاپسەندە... ياخشى، ياخشى بالا... بۇندىن كىيىن خۇدايىم بۇيرۇسا چوقۇم ئەتىگەنراق تۇرغىن، سەن كۆپىنچە ناشتا قىلمايسەن، ئەتىگىنى ناشتا قىلماسلىق بەك زىيانلىق، بولۇپمۇ بىز قىزلارغا نىسبەتەن!
ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ چۈشۈم يادىمغا يىتىپ جىم بولۇپ قالدىم.
ــ گۈزەل! نېمە بولدۇڭ، ئەتىگەندىلا شۈكلەپ قالدىڭغۇ؟
ــ ھېچنېمە،ــ ئېغىر كىچىك تىنىپ قويدۇم.
ــقارىغىنە، ئەتىگەندىلا ساڭا بىر يۇمۇر سۆزلەپ بېرەيچۇ، تازا كۈلۈۋالغىن.
ــ بىر كۈنى ھېسامكام،،، ھە دېگىنە نېمە قىپتۇ؟
__ بىر كۈنى ... توختا تېلېفون كېلىپ قالدى... ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئاپئاق!
ئەتىگەندىلا يەنە باشلىدى بۇ ساراڭلار...
ھېلى گېپى تۈگەپ تىلفۇننى قويغاندىن كىيىن ماڭا يۇمۇرىنى سۆزلەپ بېرىدۇ، ئاندىن مېنى راست-يالغان بولسۇن كۈلدۈرۈپ ئىشىكتىن چىقىرىدۇ... نېمە دېگەن ئاقكۆڭۈل. ساددا، تۈز مىجەز قىزسەن ئايگۈزەل... ئاللا بەختىڭلارنى بەرسۇن..................


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئاملاشتۇرۇشلار بولسا ئۈندىدارغا قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ نۇمۇرۇم:295997753
ئەسكەرتىش: قۇشىۋالغاندا كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580071
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12297 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-16 05:26:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن ئىشتىن بۇرۇنلا قايتىپ كەلدىم ، ئايگۈزەل بىلەن بىرگە تاماق ئەتتىم ، تاماقتىن كىيىن ئۇنىڭدىن قاچا-قۇچىلارنى تالىشىپ يۇدۇم ، ئۇ كومپىيوتۇر ئالدىغا كەتتى . قارىسام بېشىنى كۆتۈرمەي كوت-كوتتا خەت يىزىشىۋېتىپتۇ ، ئادەتتە يىگىتى بىلەنلا ئاۋازلىق پاراڭلىشاتتى ،بۈگۈن كىم بىلەن پاراڭلاشتىكىنە بۇ ؟!
قاچا-قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ بۇلۇپ مەنمۇ ئۇنىڭ يېنىغا كەلدىم ، بۇ چاغدا ئۇ مۇنبەردە بىر نەرسىلەرنى كۆرۈۋاتقانىكەن.
ــ قارىغىنە گۈزەل ، مۇنۇ شېئىر بەك ياخشىكەن ، مەن نىمىشقا يازالمايدىغاندىمەن .
ــ ئاددىلا شېئىركەنغۇ،،،مەن بۇنداق شېئىرلارغا قارىغاندا چاچما ، گۇڭگا شېئىرلارنى ياقتۇرىمەن ، بۇلۇپمۇ ئوسمانجان ساۋۇت ، ئادىل تۇنىياز دىگەنلەرنىڭكىنى .
ــ ما ئەدەبىياتچىنىڭ ئاددىكەن دەپ كەتكىنىنى ، ئۈزۈڭ يازالمايسەن ، يازغانلارنىڭكىنى ياراتمايسەن!
ــ مېنىڭ يازغانلىرىمنى كۆرمەي تۇرۇپ يازالمايدىغانلىقىمنى قانداق بىلدىڭ ؟
ــ راست يازالامسەن ؟
ــ توختاپ تۇر ھە !
تاشلاپ قويغىلى ئۇزۇن بولغان ماتىرياللىرىمنىڭ ئارىسىدىن توپا بېسىپ تاشلىنىپ ياتقان بىر خاتىرىنى تاپتىم .
ــ تۇتە مانى ، چالىقۇشى ئىمزاسىدىكى شېئىرلارنىڭ ھەممىسىنى مەن يازغان .
بىرىنچى بەتنى ئېچىپلا ئۇقۇشقا باشلىدى ئۇ :
ــ                                                                                كالىندار
                                                                                   يىرتىلدى بىر بەت ،
                                                                                  كۆڭلۈم پەرىشان ،
                                                                                  ئازلىدى بىر بەت ،
                                                                                  كۆپلىدى بىر دەرت ... ...
ھى ھى ھى ....قاپىيە ئويناپ يۈرۈيدىغان ۋاقىتلىرىڭ دىگىنە ئۇ !
ــ زاڭلىق قىلىۋاتامسەن ، خېلى ياخشى يىزىلغان جۇمۇ ...كىلاسسىك ئەدەبىياتقا ئىمتاھان بىرەرمىش تېخى ، قاراپ تۇرۇپ شېئىرغا باھا بىرەلمىسەڭ ...
ــ توختا ئالدىرىماي كۆرۈپ چىقاي ...
ئۇ خاتىرىنى بىرلا قۇلىغا ئېلىپ كىرىشىپلا كەتتى ، مەن بولسام كومپىيوتۇرنىڭ ئالدىغا كىلىپ يۇمۇر-چاخچاق ئىزلەپ كۈرۈشكە باشلىدىم . لىكىن چاخچاقلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاشۇ مۇنبەردىكى ئەزالارنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ قىلغاچقا بەزى يەرلىرىنى تازا چۈشىنەلمىدىم .تۇيۇقسىز كوت-كوت يۇرۇپ ھەم تىتىلداپ خەت كەلدى .
ــ گۈزەل سەن پاراڭلىشىپ تۇرە ،ئاپپاقتىن باشقا ھەرقانداق ئادەم بولسا مىنى ئالدىراش دەپ قويغىن .
ــ خوپ باشلىق .
« ھەدە ، نىمە ئىش قىلىۋاتىسەن ؟ مەن يەنە كەلدىم.»
ــ سەن ماڭا ئىنىم بار دىگەن گەپنى قىلمىغانغۇ ،نەدىن پەيدا بولدى بۇ ئىنىڭ ؟
ــ ئۇ دىگەن توردىكى ئۇكاش ساراڭ ،
«مۇنبەر كۆرۈپ ئۇكام »دەپ جاۋاپ قايتۇردۇم .
«ساڭا مەسلىھەت سالىدىغان بىر ئىش بار ئىدى ، دىمەي دىسەم كۆڭلۈم تارتىپ تۇرىدۇ ، دەي دىسەم خىجىل بولدۇم »
«دەۋەرگىن ، مەن ھەم سىنىڭ ھەدەڭ ، ھەم سىنىڭ دوستۇڭ ، شۇنداق ئەمەسمۇ ؟»
«ئەمىسە دېدىم ، زاڭلىق قىلما ھە ، يېقىن بىر دوستۇم بار ئىدى .(قىز)...يۈزلىرى قىزىرىپ كەتكەن چىراي ئىپادىسى ، خېلى بولدى ماڭا بەك يېقىنچىلىق قىلىدۇ ، گىپىمنى چۈشەندىڭمۇ ؟ مىنىڭ بۇنداق بۇرۇن يۈرگۈم يوق ، لىكىن ئۇ قىزنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىپ قويغۇممۇ يوق ، قانداق قىلسام بۇلا...»
ــ ھوي! ئايگۈزەل ، مۇنۇ ئۇكاش باشلانغۇچنىڭ نەچچىنچى سىنىپىدا ئوقۇيدۇ ، بۈشۈكىدىنلا بۇزۇلاي دىدىمۇ بۇ ؟
ــ نىمىلەرنى دەپ يۈرۈيسەن ساراڭ ، ئۇ دىگەن ئالىي مەكتەپ ئىككىنچى يىللىقنىڭ ئۇقۇغۇچىسى ، شىنجاڭ داشۇنىڭ ماتىماكىسىدا ئوقۇيدۇ ئۇ !
ــ ھە ، بىلدىم .
«ئۇنى ياخشى كۆرەمسەن ؟»
«بىلمەيمەن ھەدە ، مەن ئۇنىڭغا ئامراق ، لىكىن ئالاھىدە ھىسىيات يوق »
«سەن بۇرۇن بىرەسىنى ياخشى كۆرۈپ باققانمۇ ؟»
«ھەئە ، ئالىي مەكتەپكە كەلگەندە بىرسىنى ياخشى كۈرەتتىم ، ھازىر تېخى ۋاقتى ئەمەس كىيىن دەيمەن دەپ ئويلايتتىم ، لىكىن ئۇ قىز ئالىي مەكتەپكە كىلىپلا بەك ئۆزگىرىپ كەتتى .شۇڭا ھەم كۆڭلۈم ئاغرىپ ھەم كۆڭلۈم سوۋۇپ...»
«قانداق ئۆزگىرىپ كەتتى ؟»
«ئۇيۇن تاماشاغا بېرىلىپ ، بۇرۇنقى ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس نازاكىتىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ دىگەندەك ، ئاڭلىسام دەسلەپتە يىگىتى ئۇنى تاشلىۋەتكەندىن كىيىن ئۇ كىملا بولسا يۈرۈپ ، كىم نەگە باشلىسا شۇ يەرگە بېرىپ يۈرۈپتۇ ، كىيىن مىنى ئىزلەپ دەردىنى تۈكۈپ يۈرۈيدۇ »
«ئۇ دەردىنى تۆكسە سەن نىمە دىدىڭ ؟»
«بولدى يىغلىما ھەممە ئىش ئۆتۈپ كىتىدۇ دىدىم»
«ئاشۇنداقلا ئاددى ؟»
«سەن پىسخىلوگ بولساڭ بۇلىدىكەن جۇمۇ ھەدە ، راستىنى دىسەم ئۇ <بەك تۈگۈشۈپ كىتىۋاتىمەن ئېرشات ،بۇرۇن قىلغانلىرىڭنى بىلمەپتىكەنمەن ، ئەقىلسىزكەنمەن ...ماڭا پۇرسەت بىرەلەمسەن ، ھەممىنى يېڭىدىن باشلايلى>دەپ ئالدىمغا يىغلاپ كەپتۇ ، ئاخماقنىڭ چار خالتىسى بولمىسام مەن <سەنمۇ ئۆزۈڭنىڭ يۇلىدا ماڭ ، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ يولىدا ماڭاي> دەپلا بولدى قىلدىم شۇ!›
«ئۇنىڭغا نەپرەتلىنەمسەن ؟»
«ھەئە»
«ئەمىسە ئۇنى ياخشى كۆرىدىكەنسەن»
«كىسىپلا مۇنداق دەۋەتتىڭغۇ؟»
«ما ناخشىنى ئاڭلاپ باق » دىدىمدە ئۇنىڭغا توردىن ئىزلەپ  <مۇھەببەت بولمىسا نەدىن كەلگەن نەپرەت ئۇ> دىگەن خەنزۇچە ناخشىنى ئەۋەتىپ بەردىم .
« راسلا پىسخىلوگچى بولساڭ بولغۇدەك ، راستىنى دىسەم ئۇنى ئۇنتۇيالماي قىينىلىمەن»
«ئۇ ھەممىنى باشتىن باشلايلى دەپتىغۇ شۇنداق قىلساڭلا ، سەنمۇ ، ئۇمۇ ئازاپتىن قۇتۇلۇلىدىكەنسىلەنغۇ؟»
«ئۇ نەچچە بالا بىلەن يۈرۈپ بولدى ھازىر ، ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن يۈرسەم باشقىلار نىمە دەيدۇ ، كۆڭلۈم كۆتۈرمەيدۇ مىنىڭ »
«بۇرۇن ئۇ قىزبالىنىڭ نەرىنى ياخشى كۈرەتتىڭ ؟»
«ساددا ، ئوماق ، بەك ئاقكۆڭۈل قىز ئىدى.»
« سەن ئۇ ئۆزگىرىشكە باشلىغاندا ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلدىڭمۇ ؟ ئۇنى توستۇڭمۇ ؟»
«ياق ، كاللىسى ئىشلەيدىغان ئادەم ئۆزىنىڭ نىمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىشى كېرەكتە!»
«قارا ئۇكام ، ھەممە ئادەمنىڭ ئازىدىغان ، ئۆزىنى بىلەلمەي قالىدىغان ۋاقتى بۇلىدۇ ، مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئۇ ھەمىمىي ، ھەقىقى دوستقا ، دوستىنىڭ توغرا يول كۆرسىتىشىگە مۇھتاج بۇلىدۇ ، ئەكسىچە ئۇنىڭ ئۇچۇرغىنى ھەقىقى دوست بولمىسا ئۇ ئازغۇنلۇق پاتقىقىغا تېخىمۇ پېتىپ كىتىدۇ ، خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇ قىز ئازغان ، دوستقا مۇھتاج بولغان ۋاقىتلاردا سەن ئۇنىڭ يېنىدا بۇلالماپسەن ، دەل سىنىڭ ئۇنىڭ يېنىدا يوقلۇق پۇرسىتىڭدىن باشقىلار پايدىلىنىپ ، ئۇ قىزنى ئازۇنلۇق پاتقىقىغا تېخىمۇ پاتتۇرۋېتىپتۇ ، چۇشەندىڭمۇ ئىنىم »
«سەن ئۇ قىز بىلەن يۈرىشىڭ كېرەك دەۋاتمايدىغانسەن ؟!»
«ۋاي ئەقىللىق ماتىماتىك ، مەن يۈر دىمىدىم ، دوستلۇق قۇلۇڭنى ئۇنىڭغا بەرگىن ، ئۇقىزنىڭ خاتالىقىنى تۈزۈتىشىگە ياردەم قىل دىدىم .»
«تاڭ جۇمۇ ، ئۇيۇنغا كۆنۈپ قالغان ئادەم قانداق بۇلاركىن ؟»
«سەن بايام ئۇقىزنى ساددا ، ئاقكۆڭۈل دىگەنىدىڭغۇ؟»
«ئۇ دىگەن ئۇنىڭ بۇرۇنقى ۋاقتى !»
«شۇنداق ئۇ دىگەن ئۇنىڭ بۇرۇنقى ۋاقتى ھەم ھەقىقى ماھىيىتى ، ئۇ چۇقۇم خاتالىقىنى قانداق قىلغاندا تۈزەتكىلى بۇلىدىغانلىقىنى بىلمەيۋاتىدۇ ، ئۇ ساڭا مۇھتاج ئۇكام »
ئۇكاش ئۇزاققىچە جىمىپ كەتتى .ئۇنىڭ ئويلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىپ ئالدىرىماي خەت يىزڭشقا باشلىدىم :
« تېخى قايسى كۈنى سەئىدىنىڭ «‹گۈلىستان» دىگەن كىتابىدىن مۇنداق بىر ھىكايەتنى ئوقۇغانىدىم  ، ساڭا سۆزلەپ بىرەي ھە ئۇكام :
گۆھەر پاتقاققا چۈشۈپ كەتسىمۇ يەنىلا قىممەتلىك ، چاڭ-توزان ئاسمانغا ئۆزلىسىمۇ ھامان يارامسىز ، قابىلىيەت بولغان بىلەن تەربىيە بولمىسا بىكار ، ئۈنۈمسىز تەربىيەنىڭمۇ پايدىسى يوق ، كۇل ئالىي نەسەپتىن كىلىپ چىقىدۇ ، چۈنكى ئوتنىڭ ئەسلى زاتى ئۈستۈن،لىكىن ئۆزىدە بىرەر ئارتۇقچىلىق بولمىغانلىقتىن توپا بىلەن باراۋەر.شېكەرنىڭ قىممىتى قۇمۇشتىن ئەمەس بەلكى ئۆزىدىكى خۇسۇسىيەتتىن.
لاياقەتسىز ئىدى ئەسلىدە كەنئان ،
رەسۇل ئوغلى بۇلۇش كەلتۈرمىدى شان.
پەزىلەت كۆرسەت ئاچما گەپ شەجەرىدىن ،
تىكەندىن چىقتى گۈل ،ئىبراھىم ئازەرىدىن .
خۇددى مۇشۇ نەسىھەتتە دىيىلگىنىدەك ، سەن ئۇ قىزنى تېخى بايىلا ساددا ،سەبىي ،ئاقكۆڭۈل دىگەنىدىڭ ، مەيلى بۇ ئۇنىڭ قاچانقى ۋاقتى بولسۇن ھامان ئۇنىڭ ئىچكى ماھىيىتى ، ئەسلى قىياپىتىدۇر ...بولمىسا مۇنداق ئويلايلى ئۇكام ، سەن دىگەن ئۇيغۇر يىگىتى ، ئۇ دىگەن ئۇيغۇر قىزى ، ھەربىر ئۇيغۇر قىزىدا ھەربىر ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ ھەققى بار ، مەسئۇلىيىتى بار دەپ ئويلىغىن ، ئۇ قىز ياردەمگە مۇھتاج ، ھەقىقى دوستلۇققا ، كۈيۈنۈشكە مۇھتاج ، ئۇنى ھەممىدىن چۈشىنىدىغان ئادەممۇ سەن ، ئۇنىڭغا ھەقىقى ياردەم بىرەلەيدىغان ئادەممۇ سەن ! ئەمدى ئويلىشىپ باققىن ، مېنىڭ باشقا ئارتۇق گىپىم يوق ، ئۆزۈڭ ئويلىشىپ كۆر.
ئۇ يەنىلا ئۇزاق جىم بۇلۇپ قالدى ،ئاندىن خېلى بىركەملەردىن كىيىن :
«رەھمەت ھەدە ، دىگەن ھەربىر ئېغىز گەپلىرىڭنى ئىسىمدە تۇتىمەن » دەپ خەت قايتۇردى .
توردىكى ئۇكاش بىلەن خوشلۇشۇپ بۇلۇپ خۇددى بىر چوڭ ئىش قىلىۋەتكەن ئادەمدەك خوش بۇلۇپ قالدىم .
ــ ماۋۇ «ھىجران»«كەچكۈز»«نامازشام گۈلى» دىگەن شېئىرلىرىڭ ، «ئېھ ئانام » ، «بالىلىقىم » دېگەن نەسىرى ئەسەرلىرىڭ بىر-بىرىدىن ياخشى چىقىپتۇ ...ئالتۇن ياتىدۇ سايدا ، تۇنۇمىساڭ نىمە پايدا دىگەن مۇشۇكەندە !...
خىيالىمنى بۇزۇۋەتتى ئايگۈزەل.
ــ گۈزەلئاي ، ئەسەرلىرىڭنى مۇنبەرگە چىقىرايلىچۇ ؟
ــ ئۈزۈڭنىڭ نامىدا چىقار ، قاچانقى يىزىپ تاشلاپ قويغان نەرسىلەر بۇ ...
ــ مەن خېلى تۇنۇلۇپ قالدىم...ھى ھى ھى .....سىنى تىزىملىتىپ قۇياي ھە .
مەنمۇ قىزىقىپ قالدىم بۇ ئىشقا ، ئىككىمىز بىر بۇلۇپ تىزىملاتتۇق ، لىكىن بىز ئىشلەتمەكچى بولغان ئىسىملارنىڭ ھەممىسى ئاللىقاچان ئىشلىتىلىپ بولغان ئىسىمكەن ، مىنىڭ چالىقۇشى دىگەن ئىسىمغا ئەجەپ مىھرىم بار ئىدى دىسە !
ــ گۈزەل دەپلا تىزىملىتىپ باقايمۇ يا ؟
ــ ھە مەيلى .
ــ قارا قارا ، بولدى بولدى ، ئۇھ...ھەنىم بولسا .
ئۈچ پارچە شېئىرىمنى بىر تىما قىلىپ يوللاپ قويدۇق .كەچتە ئۇ ئاپپاق بىلەن پاراڭلاشقاندا بۇ ئىشلارنى خوشاللىق بىلەن ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەردى ، ئەدەبىياتقا قىزىقىدىغان ئادەمگە نىسبەتەن ياخشى چىققان بىرەر كۇپلىت شېئىر دىگەندەك نەرسىلەر بەك چوڭ بىلىنسە كېرەك ، ئۇ ھەتتا ئىرىنمەي خاتىرىلىرىمدىكى بەزى شېئىرلارنى تىلفۇندا ئۇنىڭغا ئۇقۇپمۇ بەردى.

تۇرمۇشىمغا يەنە يېڭى مەزمۇن قۇشۇلدى ، ئۇ بولسىمۇ كۈندە مۇنبەر كۆرۈش ۋە ئۇكاش بىلەن پاراڭلىشىش ، بىر ئاي بۇلار بولمايلا مۇنبەردە كۆزگە كۈرۈنگەن ئەزا بۇلۇپ قالدىم ، ئۇكاش بىلەنمۇ ناھايىتى ياخشى دوستلاردىن بۇلۇپ قالدۇق ، ئۇ مىنىڭ ئايگۈزەل ئەمەس گۈزەلئاي ئىكەنلىكىمنى بىلدى ، ئايگۈزەل ئۆزىنىڭ ئۆگىنىشى ۋە ئاپپىقى بىلەن تىلفۇندا پاراڭلىشىش ، ئۇچۇر يوللىشىش بىلەن ئالدىراش ئىدى .شۇڭا ئۇكاش كۆپەرەك مەن بىلەنلا پاراڭلىشاتتى.
نىمىشقىكىن تۇرۇپلا ئۇيۇن- تاماشا بىلەن تازا خوشۇم يوق بۇلۇپ قالدىم ، كەچلىرى ئۆيدە كىتاپ ئۇقۇيتتۇم ، تورغا چىقىپ مۇنبەر كۈرەتتىم ، ئەمما تىما يوللىغان بىلەن ئالدىراپ ئىنكاس يازمايتتىم ، ئامال بار قىزلارنى ، جەمىيەتنى سۆكۈپ يازغان تىمىدىن ئۆزۈمنى قاچۇراتتىم ، ئۇلار نىمىشقا ھىچكىمنىڭ ئەسكى بۇلۇپ قالغۇسى يوقلىقىنى ، يامان ئاتاقلىق قىز بۇلۇپ مەينەت كوچىلاردا يۈرگۈسىنىڭ ئەسلا يوقلىقىنى بىلمەمدىكىنە ؟
بىر كۈنى قانداق بۇلۇپ ئاشۇنداق تىمىلارنىڭ بىرىغا كىرىپ قاپتىمەن . ھاراق ئىچىدىغان قىزلارغا قارىتىلغان تىمىكەن .
«ئۇنداق قىزلارنى ئاپچىقىپ چالما-كېسەك قىلسا بۇلىدۇ» دەپ يىزىپتۇ بىرى ئىنكاسىدا .
«مىڭ لەنەت ئاشۇنداق قىزنى تۇغۇپ تەربىلىگەن ئانىغا» دەپتۇ يەنە بىرى .
ئۇ ئىككى جۈملە گەپكە قانچىلىك قاراپ ئولتۇردۇمكىن بىلمەيمەن . بىر چاغدا تىلفۇنۇم جىرىڭلاپ ئاندىن ئىسىمگە كەلدىم .قارىسام ھېلىقى كۈنىدىكى ئىلھام دىگىنى ئىكەن .
ــ قانداق ئەھۋالىڭىز گۈزەل قىز !
ــ يەنە گەپ ئاڭلىمىدىڭىز ، ئىسمىمنى توغرا ئاتاڭ دىدىمغۇ سىزگە .
ــ گۈزەلئاي خانقىز ، بولدىمۇ يا ؟! ئادەم بىر چىرايلىق گەپ قىلسا توڭلىقىڭىزنى قاراڭ !
ــ كەچۇرۇڭ ، كەيپىياتىم پەقەت ياخشى ئەمەس.
ــ نىمە ، بىرەر ئىش بولمىغاندۇ ؟
ــ تاڭەي نىمە بولدۇمكىن ، ئاچچىقىم كىلىپ قالدىغۇ تۇرۇپلا .
ــ گەپلىرىڭىزدىن قارىساممۇ چاۋجى (ھەددىدىن زىيادە) ناچاركەن دەڭە . .. ...ھازىر ئۆيىڭىزدىن چىقالامسىز ؟
ــ ھەئە .(ناھايىتى تىزلا ھەئە دىگەنلىكىمگە ئۈزۈممۇ ھەيران قالدىم)
ــ مەن بىر دوستۇمنىڭ قېشىغا كەلگەن دەڭە سىفەن داشۇگە ، ھازىر مەكتەپنىڭ ئالدىدىلا .
ــ ماقۇل ، ئالدىنقى قېتىم بىز خوشلاشقان يەردە كۆرۈشەيلى .
شۇنداق قىلىپ ئىلھامنىڭ يېنىغا چىقتىم ، ئاۋال كابانناغا باردۇق ، ئالتە-يەتتىدەك بالىلار بىرگە ئولتۇردۇق ، ئۇلارغا مىنى «كىچىكىمدىن بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان يېــقــــقــــىن دوستۇم» دەپ تۇنۇشتۇردى . ئاچچىقىمدا تازا ئويناپتىمەن ، ئىلھاممۇ مىنىڭ ئېچىلىپ ئويناپ بەرگىنىمگە خوش.
ــ سائەت بىردىن ئېشىپتۇ ، بۈگۈن مەن بىلەن قايتىپ كىتەرسىز؟
ــ نەگە بارىمىز ؟
ــ قارىسام سىزنىڭمۇ ، مىنىڭمۇ كەيپىياتىم چاغ ئەمەس دەڭە ، ئوبدان بىر يەرنى تېپىپ كېچىچە دەرت تۈكۈشمەيمىزمۇ ؟مىنىڭ ئازراق ئىچكۈم كىلىۋاتىدۇ ، ماڭا ھەمرا بۇلۇپ ئولتۇرۇشۇپ بەرسىڭىزلا بولدى ، خالىسىىڭىز مەن دەردىمنى تۆكىمەن خالىسىڭىز سىز...قانداق دىمىدىم ؟
ــ ماقۇل ، بۈگۈن كۆڭلىڭىزنى يەردە قويماي .
ئۇ باشلىغان مىھمانخانىغا باردىم ، مۇھىتى مۇشۇ كەمگىچە مەن كۆرگەن ئەڭ پاكىز مىھمانىانىنىڭ بىرى ئىكەن ، يولدا كىرگۈچە ئېلىۋالغان يەيدىغان ئىچىدىغاننى ئۈستەلگە قويدۇق ،پەقەت غۇۋا ، كىچىككىنە ئۈستەل چىرىقىنىلا ياندۇرۇپ قويدۇق .يىيىشنى ، ئىچىشنى باشلىۋەتتۇق ،
ئۇنىڭغا ھەممىنى دەۋەتتىم ، قوللىرىنى رەت قىللماي ئىچىۋەردىم ، يىغلاۋاتىمەن ، ئىچىۋاتىمەن ، دەۋاتىمەن ، ھەتتا خوجايىنىمنىڭ قانداق ئەسكىلىك قىلىدىغانلىقىدىن تارتىپ ھەممىنى دەۋەتتىم .

ئۇمۇ دەردىمنى تۆكۈمەن دەۋاتقان ، لىكىن ھىچنىمە دېمىدى ، مەن تىللىغاننى تەڭ تىللاپ ماختىغاننى تەڭ ماختاپ ماڭا بىر نەرسىلەرنى ئىچۈرۈپلا ئولتۇردى...ھەممىنى سىزىپ ، بىلىپ تۇرىۋاتىمەن ...ئۇنىڭ مېنى يۆلەشتۇرۇپ كارىۋاتقا قانداق ئاپارغانلىقىدىن تارتىپ...لىكىن قارشىلىق قىلغۇدەك ماغدۇر مەندە يوق... ...
بىر چاغدا كۆڭلۈم ئېلىشىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم ، بېشىم قاتتىق ئاغىرۋاتىدۇ ، يۈزلىرىمنى يۇيۇپ ئازراق سەگەكلەشكەندەكمۇ بولدۇم...ھېلىقى ئىلھام دىگىنى ھىچنىمىنى تۇيماي ئۇخلاۋاتسا كېرەك...تىلفۇنۇم ئۈستەل ئۈستىدە ئىكەن ،ئەزەلدىن سىرتتىكى ۋاقىتلىرىمدا تىلفۇنۇمنى ئەتمەيتتىم...بۈگۈن نىمە بولدىكىنە ! سائەتكە قارىسەم سەھەر ۋاقتى ئالتە بۇلاي دەپتۇ ، يەردىكى ، ئۈستەلدىكى قالايمىقانچىلىقتىن كۆڭلۈم تېخىمۇ ئېلىشىپ كەتتى ...ھىچنىمە ئىسىمدە يوق ، ھىچنىمىنى ئويلىغىممۇ يوق ، كىيىملىرىمنى كەيدىمدە ئۇ ئالىى دەرىجىلىك مىھمانخانىدىن چىقىپ كەتتىم .

خۇددى ئىككى ئادەم پاراڭلىشىۋاتقاندەك گۇدۇڭلىغان ئاۋازدىن ئويغىنىپ كەتتىم . كۆزۈمنى ئاچسام ئۈزۈمنىڭ ئۈيىدىكەنمەن...قانداق بۇلۇپ ئۆيدە بۇلارمەن ...ھە راست ، ئەتىگەن چىققانچە ئۇدۇل ئۆيگە كەلدىم...ئۆيگە كىرسەم ئايگۈزەل باركەن...مىنى يۆلەشتۈرۈپ ئەپكىردى،،،ئالە شەنى... ...ئەمدى ئايگۈزەلگە قايسى يۈز بىلەن قارىغۇلۇق...
پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ دىگۈدەك چىقىپ ئىشىكنى ئاچتىم ، ئايگۈزەل ئۆزىنىڭ ياتاق ئۆيىدە ناماز ئۇقۇۋېتىپتۇ (قايسى كۈنى ئۇ تامدىكى رەسىملەرنى سۇيۇپ يۇرەتتى...) .
ئۇھ...دىدىم ئىچىمدە ، مەن تېخى بۇ ئەپتىمنى كۆرگەندىن كىيىن ئۇ بۇ ئۆينى ماڭا تاشلاپ بىرىپلا چىقىپ كىتەرمىكىن دىگەنىدىم . ئۇنىڭغا بىردەم قاراپ تۇردۇم . يەنىلا بۇرۇنقىدەك يىغلاپ سەجدە قىلىۋېتىپتۇ...«توۋا،،،سەندەك قىزلاردىن يەنە قانچىسى باردۇ ھە ئايگۈزەل ، خۇدايىمغا بەك يېقىنمىكىن دەپ ئويلايمەن سېنى ، ئاللا چۇقۇم بەختىڭنى بىرىدۇ ، ھېلىھەم شۇنچىلىك بەختلىكسەن...مۇشۇ بەختىڭگە كۆز تەگمىسۇن ئىلاھىم... »
ئۇنىڭ ناماز ئوقۇۋاتلقانلىقىغا خېلى ئۇزاق قاراپ تۇردۇم ، ئاجايىپ بىر خىل ھىسىيات بىلەن...ئەگەر ئۇ مىنىڭ تۈنۈگۈن كېچە نەگە بېرىپ نىمە ئىشلارنى قىلغانلىقىمنى بىلسە يەنە مەن بىلەن بىر ئۆيدە تۇرارمۇ ؟... ...
«ئى ئۇلۇغ ئاللا ، سەن ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچى ، بىلىپ تۇرغۇچىدۇرسەن ،ھەربىر مۇسۇلمان قىزلىرىمىزغا توغرا يولنى كۆرسەتكىن . ئۇلارغا ھىدايەت ئاتا قىلغىن!دوستۇم گۈزەلئاينىڭ تىزراق ناتوغرا يولدىن قايتىشىغا تاردەم قىلغىن... ...»
ئەمدىلا كىرىپ كىتەي دەپ تۇرۇشۇمغا ئۇنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ ئېيتقان دۇئالىرى ئارىسىدىن يۇقارقى سۆزلەر قۇلۇقۇمغا كىرىپ قالدى...
دىمەك ئۇ ھەممىدىن خەۋەردار ، مىنىڭ جەمىيەتتە ئويناپ يۈرۈيدىغانلىقىمنى بىلدى...بەلكىم ھېلىلا «كىتىمەن» دەپ قوپار ، بىر ئايمۇ بۇلۇپ قالدى ،ئەمدى بۇ ئۆينى ئىجارىگە ئالالمايدىغان بولدۇم دىسىمۇ ھىچنىمە دىيەلمەيمەندە...... شۇلارنى ئويلاپ كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى...ئۇ ئىجارە پۇلى تۆلىمىسىمۇ مەيلىتى...
__ گۈزەل قانداقراق بۇلۇپ قالدىڭ ؟
__ھە؟...ھە...ياخشى...
__قارىسام پەقەت مىجەزىڭ يوق....ساڭا سۇيۇقئاش ئىتىپ قويغانىدىم ،__ئۇ شۇنداق دەپ چىقىپ كەتتى ، ئاشخانا ئۆيگە چىقسا كېرەك . ھەيران قالدىم ...كۆڭلۈمنى ئاياۋاتامدۇ نىمە؟
__ قىززىقراق تاماق يەۋالغىن ، مەن چىقىپ تەكرار قىلاي .
__ماقۇل .
بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىيالمىدىم . قارىسام ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى ، دىمەك بۈگۈن ئىشقا بارمايدىكەندە...يۈز-كۆزلىرىمنى يۇيۇپ ئۇ ئەتكەن ئاشنى ئىچىشكە باشلىدىم...
ــ كەچتە نىمە تاماق يىگۈڭ بار .
  ئۇنىڭغا نىمە دىيىشىمنى بىلمەي مۇشۇنداق سورىدۇم.
ــ كەچتە مەن ساڭا قىلىپ بىرەي ، ئاغرىق تۇرساڭ ،چۈشتىكى ئوتتۇرا چىنە سۇيۇقئاش نىمىگە دالدا بۇلاتتى ، سىنىڭ نىمە يىگۈڭ بار دىگىنە!
ــ ھىچنىمە .،ــ شۇنداق  دەپلا ئۇنىڭ ياتاق ئۆيىدىن چىقىپ كەتتىم . كومپىيوتۇرنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئېچىقلىق مۇنبەردىن ئۆزۈمنىڭ شېئىرلىرىغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى كۆردۈم .تۈنۈگۈنكى ئاچچىقىمدا ئىككىنچى ئېچىپ سالماسمەن ما مۇنازىرە دىگەن يەرنى دەپ ئويلىۋىدىم ، بارمايمەن دىگەن تۈگمەنگە يەتتە قېتىم بېرىپتۇ دىگەندەك ئىش بولدىدە !
   قىز قەلبى دىگەن شېئىرىمغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى كۆرۈپ كۈلگۈم كىلىپ قالدى ، ئىچىممۇ ئاچچىق بولدى .«ھەممە ئۇيغۇر قىزلىرىمىز سىزدەك ئويلىغان بولسا ــ ھە !».«ھەقىقەتەن ئەخلاقلىق قىزكەنسىز ، ئاللا بەختىڭىزنى بەرسۇن»...بۇ مەۋھۇم دۇنيادا ئالىيجاناپ بولماق نىمە دىگەن ئاسان  ؟!  لىكىن بىرمۇ مۇنبەرداشنىڭ خېتىغا جاۋاپ قايتۇرالمىدىم ، چۈنكى مەۋھۇم دۇنيادا بولسىمۇ ئوبرازىمنىڭ خۇنىكلىشىپ كەتمەسلىكىنى خالايتتىم...
  كوت-كوتنى ئەمدى ئېچىشىمغا توردىكى ئۇكاشتىن خەت كەلدى.
«يائاللا ھەدە ، بارمۇسەن ؟»
«بار ئۇكام»
«ئايگۈزەل ھەدەمدىن سوراپ تۇردۇم بولمىسا ...سىنى سەل مىجەزى يوق دىۋىدى»
«شۇ... ئازراق مىجەزىم يوق .»
«نەرىڭ ئاغرىيدۇ ھەدە ؟ دوختۇرغا ئاپىرايمۇ ؟»
«رەھمەت ئۇكام ، خۇددى مىنى راستلا دوختۇرغا ئاپارغاندەك سۆيۈندۈم سەندىن»
«تۈزۈت قىلمىغىنە ، بىر تۇققان ھەدە – ئىنىلەردەك بولغاندىمۇ شۇنداق دىيىش كىتەمدۇ!...ئۈزۈڭ دىگەنغۇ ھەربىر ئۇيغۇر يىگىتى ھەر بىر ئۇيغۇر قىزىغا مەسئۇل بۇلىشى كېرەك ، دەپ ، ماڭا مەسئۇل بۇلىۋاتىدۇ دەپلا ئويلا»
«ئەقلىڭگە تەشەككۇر ئۇكام ، ھېلىقى قىز بىلەنچۇ ،كۆرۈشتۈڭمۇ؟»
«ھەئە ،رەھمەت ساڭا ، ئۇنىڭغا ، مەن سىنىڭ يېقىن دوستۇڭ ، نىمە ئىش بولسا ماڭا دېگىن ، قۇلۇمدىن كىلىشىچە ياردەم قىلىمەن ، ھەممىنى باشتىن باشلىغىن دىۋىدىم ...»
«ھە دىمەمسەن ، قانداق بولدى؟»
«ئىچىمنى ئىزىپ بەك يىغلاپ كەتتى...ھازىر گىپىمنى بەك ئاڭلايدۇ...(كالچاراپ كۈلۈپ تۇرغان چىراي ئىپادىسى)»
«دوستلىرىڭ بىرەر نەرسە دىمىدىمۇ ؟»
«دىمەمدىغان ، ھەر سېسىق گەپنى ئاڭلاپ كەتتىم ، بەزىلىرىگە چۈشەندۇرۇپ قويدۇم ، بەزىلىرىگە چۈشەندۇرسەممۇ چۈشەنمىدى ،< سىنىڭمۇ قىز بالا ئوينىغىڭ كىلىپ قاپتۇ ھە>دىۋىدى بىرسى ، تاس قالدىم چىشىنى تۈكۈۋەتكىلى... »
«تۇرۇپلا ئىرادەڭ چىڭغۇ ؟ باشقىلارنىڭ شۇنداق دەيدىغانلىقىنى مەن بىلەتتىم ، مەن تېخى سېنى ئۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاپلا بەلنى قۇيۇۋېتەرمىكىن دەپ ئويلىۋىدىم .»
«دەل ئاشۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىغانلىقىم ئۈچۈن ئۇ قىزنىڭ قوغدىنىشقا نەقەدەر مۇھتاجلىقىنى مەن بىلدىم ، بىرسى تاشلىغاننى بىزمۇ تاشلىساق ،ئۇنىڭغا ماڭغۇدەك يول قويمىساق ، ياخشى ئىش قىلىپ يۈرسىمۇ ئارقىدىن غەيۋەت قىلساق ، كۆزگە ئىلمىساق ، ئۇ قانداقمۇ قەددىنى رۇسلىيالىسۇن ، شۇنداق ئەمەسمۇ ھەدە ، »
«كىچىككىنە ئىشتىنمۇ ھىس قىلغانلىرىڭ ئاز ئەمەسكەن ، كۆزىتىش ئىقتىدارى بۇتنىمۇ جانلىق نەرسىگە ئايلاندۇرالايدۇ  دەيدىغان بىر گەپ بار...ئەتراپىڭدىكى ئاشۇنداق ئىشلارغا دىققەت قىلىپ ماڭ ، سەن ئۇچۇن باشقىلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتىمۇ ،يۈرۈش-تۇرىشىمۇ ، غالىبىيىتى ، مەغلۇبىيىتىمۇ بىر بىلىم ، بىر تۇرمۇش... »(قاچاندىن بىرى مۇنداق گەپچى بۇلۇپ قالغانلىقىمغا ھەيران قالدىم )
  «سەندەك ھەدەم بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن ھەدە! مىنىڭمۇ بىر ھەدەم بولسىچۇ ھە؟»
«سەن نەچچە بالا ، ھەدەڭ يوقما ؟»
«ئىككى ، بىر ئاكام بار ، بەك تىرىشچان ھەم بەك ئالدىراش ،ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەنلا...»
«ھە...»
«جىمىپ كەتتىڭغۇ ھەدە ، نىمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟»
«مۇنبەرگە شېئىرلىرىمنى يوللاپ قويغان ، شۇ ئىنكاسلارنى كۆرۈپ .شۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرۇپ قاپتىمەن »
«ماڭىمۇ ئەۋەتىپ بىرە ئادىرسىنى ؟»
  ئۇنىڭغا بىر قانچە تىمىلىرىمنىڭ ئادىرسىنى ئەۋەتىپ بەردىم .
«ھەجەپ ياخشى يىزىپسەن...راستلا...»
«بۇرۇن يازغان...ئۇزاق بولدى يىزىپ باقمىدىم»
«نىمىشقا يىزىپ باقمىدىڭ ؟»
«بىلمەيمەن...ئىلھام يوقمىكىن...تاڭ !يىزالماس بۇلۇپ قالدىم تۇرۇپلا...»
«نىمىلەرنى دەيدىغانسەن...ئۇنداق ياخشى يازغان ئادەم ھەرگىزمۇ بىراقلا يىزالماس بۇلۇپ قالمايدۇ.يەنە يازغىنە ھەدە!»
  ئۇنى يالۋۇرتىشنى خالىمىدىم .
«ماقۇل...ئىلھام كەلگەندە...»
«راست دىدىڭ ھە ؟»
«راست دىدىم ، ئىلھام كەلگەندە ...»
«(ھىيلىگەرلىك بىلەن ھىجىيىپ تۇرغان چىراي ئىپادىسى)...ھى ھى ھى ...ماقۇل ئەمىسە ...لىكىن ئىلھام كەلگەندە چۇقۇم يازىسەن!»
«چۇقۇم!»
  «ھەدە ، دەرسىم بار ئىدى ، مەن شۇنىڭغا تەييارلىق قىلاي ، ياتاققا كىرسەملە ساڭا خەت يىزاي ، مەن چۇشەي ئەمىسە .»
«ماقۇل ئۇكام ، ئۆگىنىشىڭنى ياخشى قىل ،باشقىلارغىلا ئەمەس ئۆزۈڭگىمۇ مەسئۇل بۇلىشىڭ كېرەك؟ »
  «بىلدىم ھەدە .ئەمىسە مەن چۈشتۈم ، كۈرۈشكەندە كۈرۈشىلى»
«ماقۇل ئۇكام كۈرۈشكەندە كۈرۈشەيلى،،،»
  ئۇكاش چۇشۇپ كەتكەندىن كىيىن باشقا نەرسىلەرنى كۆرۈش خۇشياقمىدى ، ھەممىنى ئۆچۈرۈپ كارىۋىتىمغا كىلىپ يېتىۋالدىم ، بېشىم يەنە ئاغرىۋاتاتتى .ئايگۈزەل كىرىپ كەلدى:
ــ گۈزەلئاي ، قانداقراق تۇرىسەن ؟ ئۆگىنىشىمنى قىلىپ بولدۇم ، ئەمدى بىردەم ساڭا ھەمرا بۇلايچۇ ؟
ــ ماقۇل .
ئۇمۇ يېنىمغا كىلىپ ئولتۇردى ،
__ بېشىڭنى مىنىڭ قۇچۇقۇمغا قويغىنە ، ساڭا جىق گەپ قىلىپ بىرىمەن ، بېشىڭنى تۇتۇپ قۇيىمەن ، بىردەمدىلا ياخشى بۇلۇپ قالىسەن ، مىنىڭ قوللىرىم دىگەن خاسىيەتلىك قول.
ــ ئاتە پونى...نىمىلا دىگەن بىلەن غۇلجىلىقتەسەن!
ــ پو ئاتمىدىم ، مەن دىگەن خاسىيەتلىك قىز تۇرسام ؟
ــ كىم شۇنداق دەيدۇ ؟
ــ ئاپپاق شۇنداق دەيدۇ ؟
ــ خۇتۇنىنى ماختىغان بىرىنچى ئاخماق .
ــ سەۋەبى بار گەپ بۇ ! مىنى ماختىمىدى.
ــ دىگىنە ئەمىسە !
ــ قۇچۇقۇمغا بېشىڭنى قۇيۇپ ياتساڭ دەپ بىرىمەن .
  بېشىمنى ئۇنىڭ قۇچىقىغا قۇيۇپ ياتتىم .ئۇ خۇددى ئاپامدەك چاچلىرىمنى سىلىغاچ گىپىنى باشلىدى:
  ــ بىر كۈنى ئۇنىڭ بىلەن چۈش توغۇرلۇق بىر پاراڭلىشىپ قالدۇق دىگىنە !
ــ كىم بىلەن ؟ ئاپپاق بىلەنما ؟
ــ ھەئە ئاپپاق بىلەن ! ئادەمنىڭ بەزىدە ئاجايىپ ئۇدۇل كىلىپ قالىدىغان چۈشلىرى بۇلىدىغۇ ، ئۇنىڭغا بىر قېتىمقى  ئاجايىپ چۈشۈم توغۇرلۇق سۆزلەپ بەردىم .  مەن شۇنداق چۈش كۆرۈپتىكەنمەن ، بوۋام بىلەن تاغام (بالىلارنىڭ ئەڭ چوڭى)بىزنىڭ ھويلىدا چوڭ بىر قازاندا پولو ئىتىشنى تالىشىۋاتقانمىش ، ھويلىدا مىھمانلار بەك كۆپمىش...تاغام :‹<مەن ئىتەيچۇ ...بالا بولغاندىكىن ، بىز بار يەردە سىزگە نىمە بار دادا›>، دىسە بوۋام قوپۇپ ‹<سىز ئەتكەن پولو مەن ئەتكەن پولودەك ئوخشىمايدۇ بالام›> دەۋاتقۇدەك... ...ئەتىسىلا بۇ چۇشنى ئاپامغا دىدىم ، ئاپام باشقا گەپ قىلمىدى ، لىكىن بوۋامنى يېزىدىكى  تۇققانلارنىڭ يېنىغا كەتتى دىدى ، بۇرۇنمۇ بوۋام دائىم يېزىدىكى تۇققانلارنىڭ يېنىغا بېرىپ تۇراتتى ، شۇڭا بەك ھەيرانلىقمۇ ھىس قىلمىدىم ، لىكىن بوۋامغا تىلفۇن قىلالمايدىغانلىقىمنى ئويلاپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى ، بوۋامنى بەك ياخشى كۈرەتتىم...شۇنىڭ بىلەن ئىمتاھانمۇ تۈگىدى ، تەتىل قىلىپ قايتتۇق ، ئۆيگە كىلىپلا بوۋامنىڭ بىر ئاي بۇرۇن تۈگەپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى بىلدىم ، بوۋامنىڭ تىنى شۇنداق ساق ئىدى ،بەكلا ھەيران قالدىم ھەم بەك ئازاپلاندىم  ، بوۋام تۈگەپ كىتىشتىن بىر كۈن بۇرۇن تاغام قاتناش ۋەقەسىگە يۇلۇقۇپ دوختۇرغا كىرىپ قاپتىكەن ، لىكىن بۇنى بوۋام ئۇقمايدىكەنتۇق ، دوختۇرلار بولسا تاغامنى <مىڭىسى قاتتىق سىلكىنىپ كەتكەن ، ھۇشىغا كىلەلمەسلىكى مۇمكىن ، ياكى ھۇشىغا كەلسىمۇ ئۆمۈرلۈك مېيىپ بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن>دەپتۇ ، لىكىن تاغام 24سائەتتىن كىيىن مۆجىزىدەكلا ھۇشىغا كەپتۇ ، دەل تاغام ھۇشىغا كەلگەن شۇ ۋاقىتتنىڭ ئالدا-كەينىدە بوۋام نامازغا تەرەت ئېلىۋاتقان يېرىدىلا مىڭىگە قان چۈشكەن دىگەن باھانە بىلەنلا بىزنى تاشلاپ كىتىپ قاپتۇ ، تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى تاغام مېيىپمۇ بولماي ، ھىچ ئىش بولمىغان ئادەمدەك ھۇشىغا كەپتۇ . دەل شۇ ئىش بولغان كۈنى ، يەنى بوۋام تۈگەپ كەتكەن كۈنى مەن ئاشۇنداق چۈش كۆرۈپتىمەن ھەم ئاپامغا تىلفۇن قىلىپ ھەممىنى ئاپامغا دەپتىمەن ، ئاپاممۇ ھەيران قاپتۇ ھەم تۇققانلارغا دەپتۇ ، تۇققانلارمۇ  بەكلا  ھەيران قاپتۇ ، <خۇدايىم كۆڭلىگە ساپتۇ > دىيىشىپتۇ...دەل مۇشۇ ئىشلارنى ئاپاققا دەپ بەرسەم ، ئۇ ئۇزاقتىن-ئۇزاق جىم تۇرۇپ كەتتى ، ئاندىن ماڭا ئاشكارلىمىغان بىر سىرنى ئېيتىپ بەردى . ئۇنىڭ بىلەن بىر مەھەللىلىك بىر قىز بار ئىكەنتۇق دىگىنە ، بېيجىڭدا ئۇقۇيدىكەنتۇق ، بىز يۈرۈپ ئۇزاق ئۆتمىگەن چاغلار ئىدى ، ئۇ بېيجىڭدا سودا قىلىۋاتقان ۋاقتىدا جاھاننىڭ تارلىقىدا ئۆتەپ-تېشىپ شۇ قىز بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالسا بۇلىدۇ ، ياقا يۇرتتا دىگەن ھېلىغۇ بىر مەھەللە ئىكەن ، بىر شىنجاڭلىقنىمۇ كۆرسىمۇ باشقىچە بۇلۇپ كىتىدىغان گەپ ئادەم دىگەن ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى بىرگە تاماق يەپتۇ ، تاماقتىن كىيىن بىرگە بازار ئايلىنىپتۇ ، ئىشقىلىپ بىر كۈن كەچكىچە بىرگە ئىكەن ، ئەسلىدە ئۇ قىزنىڭ ئۇنىڭغا كۆڭلى باركەنتۇق ، ئاپپاقتىن بىرسى بىلەن يۈرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن يىغلاپ تۇرىۋېلىپ  كەتكىلى ئۇنىماپتۇ ، ئاپپاق ئۇ قىزغا تەسەللى بىرىپ بىر مۇنچە گەپلەرنى قىپتۇ ، ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي مەكتىۋىگە ئاپىرىپ قۇيۇپتۇ ، لىكىن مەكتەپكە كىرىپ كىتىشتىن بۇرۇن ئاپپاقنى قۇچاقلاپ تازا يىغلاپتۇ...
  ئەمما ئاپپاق مېنى خاتا چۈشىنىپ قالمىسۇن دەپ  بۇ ئىشلارنىڭ ھىچقايسىسىنى ماڭا دىمەپتۇ ، لىكىن شۇ كۈنىلا مەن مۇنداق چۈش كۆرۈپتىمەن : شۇنچە ئادەم جىق بىر كوچىدا ئۇ بىر قىز بالا بىلەن كوچىدىلا قۇچاقلىشىپ تۇرغۇدەك...ھېلىقى قىز بالىنىڭ چېچىنى سىلاپ تۇرغۇدەكمىش ...ئۇ قىز بالا قىزىل چاپان كىيىۋالغانمىش...ئەتىسى ئۇنىڭغا دىسەم ئۇ ‹<مەندىن قالايمىقان گۇمانلانساڭ ئاشۇنداق قالايمىقان چۈش كۈرىسەن ، ماڭا ئىشەنمەيسەن›> دىگەندەك گەپلەرنى قىلدى ، كىيىن بوۋامنىڭ چۈشىنى ئېيتىپ بەرگەندىن كىيىن ئاندىن بۇ ئىشلارنى ماڭا چۈشەندۈردى ، ئەڭ ھەيران قالىدىغىنىم ئۇ قىز بالا ئۇ كۈنى قىزىل چاپان كىيىپتىكەن ، شۇڭا ئاپپاق ماڭا‹<كۆرگەن چۈشۈڭلىنى بىرىگە ئېيتماڭلا›> دەپ جېكىلەپ تۇرىدۇ...شۇڭا دەيمەن ، مەن دىگەن خۇدايىم ئالاھىدە ئىلتىپات قىلغان خاسىيەتلىك قىز...خاسىيەتلىك قىزنىڭ قوللىرىمۇ خاسىيەتلىك بۇلىدۇدە ئەلۋەتتە!
ــ توۋا...مۇنداق ئىشلارمۇ بار دىگىن...
ــ خۇدايىم خالىغان بەندىسىنىڭ دىلىغا سېلىۋەرمەيدۇ بۇنداق چۈشنى...
ــ ھە... ...
  ئىككىلىمىز ئۇزاق جىمىپ كەتتۇق .
ــ نىمە ئويلاۋاتىسەن گۈزەل ،ــ سوراپ قالدى ئۇ .
ــ جىق ئىشلارنى جېنىم...
  ئۇنىڭغا توردىكى ئۇكاشنىڭ ھىكايىسىنى سۆزلەپ بەردىم .
ــ ناھايىتى توغرا يول كۆرسىتىپسەن ، مانا ساڭا مۇكاپات ،ــ پىشانەمگە سۈيۈپ قويدى ئۇ !
  ــ ساراڭ !
ــ گۈزەل ، بىر ئىشقا دىققەت قىلدىڭمۇ ، ياشلىرىمىزنى ، ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىنى تۈگەشتۈرىۋېتىپ بارغىنى يەنە شۇ مۇھەببەت ھە !
ــ ھەئە! سەن قانداق ئويلىدىڭ !
ــ مۇنداق ئويلايمەن ، ئوغۇللار مەسئۇلىيەتسىز ، قىزلار بەك بوشاڭ ھەم ئىرادىسىز...
ــ پەرىقلىنىپ كەتمەيدۇ !
ــ بۇرۇنقى ۋاقىتلار نىمە دىگەن ياخشى ھە ؟
ــ قانداق دەيسەن ؟
ــ گۇناھلىق ئىشلار ئاز...! قىز-ئوغۇللار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت نىمە دىگەن ساپ ، پاك ...بۇنداق ئالدىنىش ، ئالداش يوق ...
ــ بىر-بىرىنى كۆرسەتمەي تۇرۇپ بىر ئۆيگە ئەپكىرىپ قۇيىدىغان ۋاقىت تۇرسا ئۇ!  نەدە يۈرۈپ مۇھەببەتلەشسۇن ئۇلار...
ــ ۋۇي ، ئەدەبىياتتا ئۇقۇغاندەك گەپ قىلغىنا ، تاھىر-زۆھرە ، پەرھات-شىرىن ، لەيلى-مەجنۇنلارنى يوققا چىقىرىۋەتتىڭغۇ !   ھە  بوپتۇ ، ئۇلارغا يىراق زامانغا تەۋە بولسۇن ئەمىسە ئەختەم بىلەن گۈلەمخان ، نۇزۇگۇن بىلەن باقىلارچۇ ؟  يەنە ئامانقۇل بىلەن ئايسۇلۇلارچۇ ؟ !
ــ ئۇغۇ شۇ...زاماننىڭ تەرەققىياتى شۇمىكىن يا!
ــ يۈزەكى ئويلىساڭ زاماننىڭ تەرەققىياتى شۇ ! چوڭقۇرراق ئويلىساڭ مىللىيلىكىمىزدىن يىراقلىشىپ كەتكەنلىكنىڭ ئىپادىسى. بىزنىڭ مىللى ئەنئەنىمىزدە ئەركىن مۇھەببەتلىشىش ، چوڭلارنىڭ ئالدىدا قولتۇقلىشىپ مېڭىش ، توي قىلمىغان قىز-يىگىتلەر بىر ئۆيدە تۇرۇش دىگەن گەپ يوقتى ، ھەتتا تويدىن بۇرۇن قۇلىنىڭ ئۇچىنى تۇتقۇزۇشمۇ چوڭ گۇناھ ئىدى...ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىنىڭ قايسى بىرى بۇ ئىشلارنى توغرا چۈشەنمەيدۇ دەيسەن ؟ بىر ئىشنى تۇنجى قېتىم كۆرگۈنۈڭدە كۆزلىرىڭگە سىغمايدۇ ، ئىككىنچى قېتىم كۆرگۈنۈڭدە توۋا دىگۈڭ كىلىدۇ ، ئۈچۈنچى ،تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ... ....قېتىم بۇلۇپ كۆرۈۋەرسەڭ ئۇ ئىشلار كۆزۈڭگە سىڭىپ كىتىدۇ ، ھەتتا ئۇ ئىشلار ساڭا ئادەتتىكى ئاددى ئىشلاپ بۇلۇپ تۇيۇلىدىغان بۇلۇپ كىتىدۇ ، خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش ...بىزنىڭمۇ ئۆزىمىزگە چۇشلۇق مىللى مائارىپىمىز بولغان بولسا ئەخلاقىمىز بۈگۈنكى كۈنگە قالمايتتى!
  ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ دىمىم ئىچىمگە چۈشۈپ كەتتى.
ــ ئەگەر ، مەن ئەگەر دىدىم ھە ...سەن يىگىتىڭدىن ئايرىلىپ قالساڭ قانداق قىلىسەن ئايگۈزەل ؟
  ــ ئاللا ساقلىسۇن ، لىكىن تەقدىرگە ، ئاللانىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىلىشىغا ھىچكىم ھىچنىمە دەپ بولغىلى بولمايدۇ ، لىكىن مەن چۈشكۈنلۈشۈپ كەتمەيمەن ، ئۆزۈمنى تاشلىۋەتمەيمەن ، چۇنكى ئۆزىنى قىينىغانلىق ئاللانىڭ ئىرادىسىگە قارشى چىققانلىق .
ــ ساڭا قول قۇيىمەن جۇمۇ !
ــ بىر گەپ قىلسام ئىشىنەمسەن گۈزەل ؟
ــ ئەلۋەتتە ئىشىنىمەن.
ــ بىز يۈرگەندىن بىرسى كۆرۈشۈپ باقمىدۇق ؟
ــ نىمە دەيدىغانسەن؟
ــراست ، ئىككى يىل بۇلاي دەپتۇ ، ئەسلىدە پۇرسەتقۇ باتتى ، لىكىن ئىككىلىمىز كىيىنلىكىمىز ئۈچۈنلا كۈرۈشمىدۇق .
ــ چۈشەنمىدىم.
ــ ئىككى يات جىنىس ياكغۇز قالغان يەردە چۇقۇم ئۈچۈنچى بىرسى بار بۇلىدۇ ، ئۇ بولسىمۇ شەيتان . دەيدىغان بىر ھەدىس بار ئاڭلىغانمىدىڭ ؟
ــ ئاڭلىغاندەك قىلىمەن .مەنىسىنى چۇشەندىم ، ئۇ ساڭا ئىشەنمەمدۇ ياكى ئۆزىگىمۇ ؟
ــ ماڭىمۇ ، ئۆزىگىمۇ ئىشىنىدۇ ، لىكىن بىز شۇنداق بىر كۈننى تەڭ كۈتىمىز ، ئاللادىن تەڭ تىلەيمىز ، سەۋىر تاقەتتىن كىيىنكى مىۋە چۇقۇم بەك تاتلىق بۇلىدۇ !
ــ توۋا...مۇنداق ئاشىق-مەشۇقلارمۇ بار دىگىنە بۇ زاماندا ...ئويلاپمۇ باقماپتىمەن ھەم ئىشەنگۈممۇ كەلمەيۋاتىدۇ ...
ــ ئىشىنىشىڭ كېرەك ، ئەمەلىيەتقۇ بۇ ! مىنىڭ ئاسپىرانىتلىقتا ئۇقۇشۇممۇ ئامالسىزلىقتىن ، ئۆيدىكىلەرنىڭ ماڭا تېپىپ قويغىنى بار دىگىنە ، شەھەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقىنىڭ بالىسى ، ئەگەر مەن ئۇقۇشنى باھانە قىلسام ئۆيدىكىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئالدىدا تىل تۇتىقى بولمايدۇ ھەم مىنى قوللايدۇ ، ئەگەر يۇرتقا كىتىپلا قالسام ئۇلارمۇ يېقىنلىرىنىڭ ئالدىدا  بەك تەڭلىكتە قالىدۇ  ، ئىمتاھاندىن ئۆتۈپ بولساممۇ ئۇ دىگەن باھانە ، تۇلۇق ئوقۇپ كىتىشىم ناتايىن ، ئۇ ئىشلار ئۆتۈپ كەتكەندىن كىينلا...ھى ھى ھى ...
ــ  ھى ھى ھى ...تۇيىمىزنى قىلىمىز دىگىنە ھە !
ــ ئاللا خالىسا ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلسام دەيمەن .
ــ ئۇ خىزمەت قىلىشىڭغا قۇشۇلامدۇ ؟
ــ ياق.
ــ سەن رازىما ؟
ــرازى .
__ ئالتە يىل ئىچكىرىدە جاپا تارتىپ ئوقۇپ ...ئەمدى ئۇقۇغانلىرىڭ بىر تىيىن بۇلۇپ كەتسە سەن رازىما ؟
  __ بىر ئايالغا نىسبەتەن يولدىشىنى ، يولدىشىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئوبدان كۈتۈپ رازى قىلسا ، بالىلىرىنى ئوبدان تەربىلەپ ، ئىمان –ئىتىقادلىق،ئەخلاقلىق ، بىلىملىك قىلىپ تەربىلىسە بۇنىڭدىن ئارتۇق نىسىۋە ، بۇنىڭدىن ئارتۇق بەخت بولمايدۇ گۈزەل! ئۆگەنگەن بىلىملىرىمنى بالىلىرىمنى تەربىيلەش يۇلىدا ئىشلىتىمەن ئاللا خالىسا ...ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنداق ئىمان-ئىتىقادلىق بالىنىڭ بىر ئۆمۈر خىزمىتىنى قىلىشقا ، پەرزەنتلىرىنى قاتارغا قۇشۇشقا قانچىلىك بەدەل تۆلىسەڭ ئەرزىيدۇ ، شۇڭىمۇ مىنىڭ يۇرتتىكى ئۇ قۇرۇق سۆلەت بايۋەتچە بىلەن پەقەت خوشۇم يوق.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئاملاشتۇرۇشلار بولسا ئۈندىدارغا قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ نۇمۇرۇم:295997753
ئەسكەرتىش: قۇشىۋالغاندا كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580071
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12297 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-16 05:27:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا...بىر چاغلاردا مەنمۇ شۇنداق ئويتلايتتىم ھە ! پەقەت ئۇنىڭلا خىزمىتىنى قىلىپ ئۆتسەم ، ئالدىدا مۇلايىم ، خۇشپىچىم بولسام ، ھەر قېتىم ماڭا گەپ قىلغىنىدا <ماقۇل نىجاتىم > دەپلا تۇرسام ، مۇلايىملىقىمدىن سۈيۈنۈپ ، خوش بۇلۇپ كەتسە دەپ ئويلايتتىم...
ــ گۈزەل ، سەندىن بىر سۇئال سورىسام بۇلارمۇ ؟
ــ گەپ تېشىلىپ قالدى ھە ، سوراۋەرگىن .
ــ سەن بىرەرسى بىلەن يۈرۈپ باققانمۇ ؟
ــ بىرەرسى دەيسەنغۇ...
ــ چاقچاق قىلماي دەپ بەرگىنە ، مىنىڭ بەك ئاڭلاپ باققۇم بار.
ــ ھەئە .
ــ كىيىن قانداق بولدى ؟
ــ بۇلارنى دىسەم بىر ھىكايە پۈتۈپ كىتەرمىكىن .
ــ مەيلى ، مۇشۇنداق يېتىپ پاراڭلىشايلى ، كەچتە تاماق ئەتمەيلى بولدى ، سرتتىن ئۇششاق-چۈششەك بىر نەرسىلەرنى ئەكىلىپ يەيلى .مىنىڭ راڭپىزا ئىچكۈم كىلىۋاتىدۇ .
ــ مەيلى ئەمىسە سوراپ قالدىڭ ، ئۇنىڭ ئىسمىنىمۇ تىلغا ئالغۇم يوقتى،،،بوپتۇ كۆڭلۈڭ ئۈچۈن قىسقىچە قىلىپ سۆزلەپ بىرەي .
ئىككىلىمىز كارىۋاتقا يۆلىنىپ ئولتۇردۇق .ئۇنىڭ قوللىرىنى ئويناپ ئولتۇرغاچ سۆزلىرىمنى باشلىدىم.
ــ بىز ئىككى قىز ئىدۇق ، دادام ھۈنەرۋەن ،ئاپام ئائىلە ئايالى ئىدى ، ھەدەم تۇلۇقسىزدىن كىيىنلا ئوقىمىدى ، دادامچە بولسا مىنىمۇ ئۇقۇتقۇسى يوق ئىدى ، لىكىن ئاپام «بىر قىزىمىز بولسىمۇ ئۇقۇسۇن » دەپ يۈرۈپ مېنى تۇلۇق ئۇقۇتتى ، پىداگپكىكا ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ قەغىزىنى ئۆيگە ئاپارغاندا ئاپامنىڭ «قىزىم خانىم بۇلىدىغان بولدى» دەپ قانچىلىك  خوشال بۇلۇپ كەتكىنىنى بىلمەيسەن ! شۇنداق قىلىپ ئۇقۇشقا كەلدىم ، باشقا ئىشلارنى ئويلىغۇم كەلمەيتتى . پەقەت تىرىشىپ ئۇقۇسام ،ياخشى نەتىنجىلەر بىلەن ئۆيگە قايتسام ، دادامنىڭ «مىڭ ئۇقىسىمۇ يەنە شۇ ، ھۆكۈمەتنىڭ دەپتىرىگە يىزىلىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس دىگەنتىمغۇ »دەپ ئاپامغا تاپا-تەنە قىلغانلىرىنى ئاڭلىمايلا ئىتتىك خىزمەت تاپالىغۇدەك بولسام ...دىگەنلەرنىلا ئويلايتتىم .تەييارلىقنىڭ بىرىنچى يىللىقدىلا كۆزگە كۈرۈنۈشكە باشلىدىم ، كەسىپكە چۈشكەن يىلىلا بىر قانچە ئەسەرلىرىم مەكتەپ ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى ، سىنىپتىمۇ ئۆگىنىش ھەيئىتى بۇلۇپ سايلاندىم . باشقىلاردەك ئالاھىدە ياسىنىپ يۈرەلمەيتتىم ، ئۆيدىن ئەۋەتكەن پۇل  تاماق ۋە ماتىريال پۇللىرىغا ئاران-ئاران يىتەتتى .لىكىن بۇنداق بۇلۇشنى ئارزۇ قىلىپمۇ كەتمەيتتىم ، چۈنكى مەن «كۆپ كىتاپ ئۇقۇغان ئادەمنىڭ مەنىۋىيىتى مول بۇلىدۇ» دەپ قارايتتىم . بىراق كۆڭلۈم سۇ ئىچمەيدىغان بىرلا يېرى بار ئىدى ، نىمىشقىدۇر ياتىقىمدىكى بالىلار بىلەن پەقەت چىقىشالمىدىم ، ئەمدى ئويلاپ باقسام بەك دۆتكەنمەن ، شۇ ۋاقىتتىكى تۈزلىكىم ھەممىگە سەۋەپ بوپتىكەن ، مەن باشقىلاردەك خەقنىڭ ئارقىسىدىن گەپ قىلىشنى ياقتۇرمايتتىم ، باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى بايقىسام دەۋىرەتتىم ، شۇڭا بىرسىگە «ئاتا-ئاناڭغا ئۇنداق يالغان گەپ قىلما ، ئۇنداق قىينالغۇچە يا ئۆيدىكىلەرگە راستىنى ئېيت ، يا كەچلىكى ياتاققا قايتىپ كەل » دىسەم بىرسىگە «بۇنداق بىكار لاغايلاپ ، چۈشكىچە ئۇخلاپ يۈرگىچە چىقىپ ئۆگىنىش قىلساڭ بولمەمدۇ ؟» دەيتتىم ، باشقىلار تازا خەقنىڭ يامان گىپىنى قىلىشىۋاتسا مەن قوپۇپ ئۇلار تازا تىللاۋاتقان ئادەمنىڭ ئىككى ئېغىز ياخشى گىپىنى قىلىپ قۇياتتىم ...بۇنداق ئىشلار بەك كۆپ ،،،كۆپ ئىشلارغا ھەيران بۇلاتتىم ، تېخى ھازىرلا ئاقچى ،كۆكچى دەپ گىپىنى قىلىۋاتقان بولسا شۇ كىشى كىرىپ قالغۇدەك بولسا «ۋاي ئاداش »دەپ ھالى قالمايتتى ، بۇنداق ئىشلار كۆزۈمگە سىغمايتتى ، نەزىرىمدە پەس ئادەملەر مۇشۇنداق بۇلاتتى ، ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقانلىقىغا ھەيران بۇلاتتىم ، يالغانچىلىق ، غەيۋەت-شىكايەت ، مەنپەئەت ئۈستىگە قۇرۇلغان ساختا دوستلۇق قاتارلىقلار ئىچىمنى پۇشۇراتتى . دائىم ئۇلارنى نىمىشقا شۇنداق قىلىدىغاندۇ دەپ ئويلايتتىم،،،مىجەزىم ئۇلارغا ئوخشىمىغاچ كىلىشەلمىدىم . زاڭلىق قىلىشلارغا ، تاراق-تۇرۇقلارغا ئىچىمدە كۈلۈپ ئۆتكۈزۋەتتىم ، ئويلاپ باقسام ئۇ ۋاقىتلاردابەك كەڭ قورساق ئىكەنمەنتۇق .ھازىر بۇلىدىغان بولسا...
ــ ھە ...قانداق قىلاتتىڭ ؟
ــ ھىچقانداق ، لىكىن بۇرۇنقىدەك ‹ئۇلارمۇ بىر كۈنى چۈشىنىپ قالىدۇ ، قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلىدۇ› دەپ يۈرۈۋەرمەيتتىم ، ئۇنداق ئادەملەرگە يول قويساڭ ئۆزىنى تېخىمۇ چوڭ چاغلاپ قىلغانلىرىدىن تېخىمۇ پەخىرلىنىپ يۈرۈيدىكەن .
  شۇنداق ياتاقتىن تازا كۆڭلۈم سۇ ئىچمەي يۈرگەن ۋاقىتلار دىگىنە ، پاراللىل سىنىپتا مەن بىلەن بىر يۇرتلۇق نىجات دەيدىغان بىرسى بۇلىدىغان ، مەنغۇ يۇرتلۇقۇم بولغاچقىلا سالام قىلىشاتتىم ، كۆپ قىزلار ئاشىق ئىدى ئۇنىڭغا ، ئاجايىپ شوخ ، كىلىشكەن بالا ئىدى ، ئۆگىنىشىنىڭ ياخشىلىقىنى دىمەيسەن  تېخى...دەل شۇ بالا ، ماڭا تەلەپ قۇيۇپ قالدى . بەكلا ھەيران قالدىم ، ئىنتايىن ئادەتتىكى قىز ئىدىم . ئانچە- مۇنچە بىر نەرسە يىزىپ قۇيىدىغاننى ئارتۇقچىلىق دەپ ئېيتساق مىنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ئالاھىدە ئارتۇقچىلىقىم يوق دەپ ئويلايتتىم ، ھازىر ئويلاپ باقسام مىنىڭ ئاشۇ چاغدىكى قەلبىممۇ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىق ئىكەن ، باشقا قىزلاردەك خەقنىڭ پۇلىنى كۆزلەپ مۇھەببەتلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان ، مەكتەپتە زىرىكىپ قېلىپ يۈرۈپ قالىدىغان خىياللاردىن نېرى ئىدىم ،باشقىلار بىرەر قىيىنچىلىققا ئۇچراپ قالسا كەشىمنىڭ چۇشۇپ قېلىشىغا قارىماي يۈگرەيتتىم... ‹ئەگەر بىرسى بىلەن يۈرۈپ قالسام ، چۇقۇم بارلىقىم ئۇنى خوشال قىلىش ئۈچۈن بۇلىدۇ ، ئاشۇ كىشى بىلەن بىر ئۆمۈر بىرگە ئۈتىمەن›دەيدىغان ئىنتايىن ساپ ، بىغۇبار ئارزۇيۇملا بار ئىكەنتۇق ، خۇددى سەندەك بىر ئۆمۈر ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىمەن ، دەپ ئويلايتتىم . ئەجەپ جىق سۆزلەپ كەتتىم ھە !
ــ ياق ،  ھەقىقى ئەدەبىياتچىدەك سۆزلەۋاتىسەن ، خۇددى شۇ ۋاقىتلاردا ئۆزۈمنى يېنىڭدا بىرگە يۈرگەندەك ھىس قىلىپ قالدىم ، دىگىنە ھە !
ــ شۇنداق قىلىپ ، نىجاتنىڭ خېتىنى تاپشۇرۋېلىپ بەك ھەيران قالدىم ، «ئۇ نەرىمنى ياقتۇرۇپ قالدىكىنە » دەپ ئويلىدىم . قايتىدىن ئۆزۈمگە سەپ سېلىشقا باشلىدىم ، چىرايىمنىڭ سۈزۈك ، بىر تال چىكىت چاغلىق نەرسە يوقلىقىنى ، كۆزلىرىمنىڭ چوڭ ، كىرپىكلىرىمنىڭ قۇيۇق ، ئۇزۇنلىقىنى ، شۇنچە ئاددى كىيىم-كېچەكلەردىمۇ فىگورىمنىڭ ئۆزىنى نامايان قىلىپ تۇرۇدىغانلىقىنى ئەنە شۇ چاغدا بايقىدىم ، ئەگەر مەنمۇ باشقا قىزلاردەك مودا ، تار كىيىملەرنى كىيىپ ، چاچلىرىمنى قۇيۇپ بېرىپ ، گىرىم قىلىپ يۈرسەم قانچە چىرايلىق بۇلۇپ كىتەرمەن ھە ! دىگەنلەرنى ئويلىدىم...
  نىجاتنىڭ مېنى قوغلىشىۋاتقانلىقى نەچچە كۈنگە قالمايلا بالىلارغا پۇر كىتىپتۇ ، بىر قانچە دوستلىرىم چۇقۇم يۈرۈشۇمنى ،ئۇنى قولدىن چىقىرىپ قويماسلىقنى تاپىلاپمۇ ئۈلگۈردى تېخى! لىكىن ياتاقتىكىلەرنىڭ ياپما سېسىق گەپلىرى جان-جېنىمدىن ئۈتۈپ كەتتى . ياتاقتا كۆڭلۈم يېرىم بۇلىدىغان ئىشلار كۆپەيگەنسىرى نىجات بىلەن بۇلىدىغان ۋاقتىم كۆپىيىشكە باشلىدى .لىكىن نىمىشقىدۇر ئۇنىڭ قېتىپ يۈرۈشلىرىگە قاراپ ئۈزۈمدىن خىجىل بۇلۇپ قالاتتىم ، ئەمما ئۇ «سىنىڭ ئاددى –ساددىلىقىڭ مېنى كۆيدۈرگەن»دەپ مىنى خىجىلچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ تۇراتتى ...ئۇنى راستلا ياخشى كۆرۈپ قالدىم ، لىكىن ئارىمىزدا بىر پەردە باردەك ھىس قىلاتتىم.ئۇنىڭ بىلەن يۈرسەم ئۆز-ئۈزۈمگە ، بۇلۇپمۇ ئاپامغا يۈز كىلەلمەيدىغاندەك ھىسىياتتا بۇلۇپ قالاتتىم.
  بىر كۈنى ياتاققا كىرسەم  قىزلار بۇ يىل ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ كەتكەن بىر جۈپلەرنىڭ گىپىنى قىلىۋېتىپتۇ ،
ــ شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئايرىلىپ كىتىپتىما ، مەكتەپتە ئەجەپ ياخشى ئۆتكەن ھە ...تازىمۇ بىر ئىش بوپتۇ .
ــ بۇرۇنلا بىلەتتىم شۇنداق بۇلىدىغىنىنى ، قەيسەرنىڭ دادىسى چوڭ باشلىق ،ئاپىسىنىڭمۇ يۇرتتا خۇتۇن-خەقلەر ئارىسىدا شۇنداق چوڭ ئابرويى بار ! مىنەۋەر دىگەن بىر تۇل خۇتۇننىڭ  قىزى ، قەيسەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆتەپ-تېشىپ ئۇنىڭغا بىر تۇل خۇتۇننىڭ قىزىنى ئېلىپ بىرەتتىمۇ ؟
ــ شۇڭا دەيمەنغۇ ، ھازىر دىگەن قايسى جاھان ، ھەممە ئادەم ئۆز خىلىنى تاپقان ياخشى ، كونىلار يوتقانغا بېقىپ پۇت سۇن ، دەپتىكەن ، ھازىر ۋاي ئۇنداق باينى تاپتىم ، ۋۇي مۇنداق باينى تاپتىم دەپ كۆرەڭلەپ يۈرگەن بىلەن ئەتە-ئۆگۈن شۇ تاپقان ئادىمىغا يارىغۇدەك ئاتا-ئانىسى بولسا بۇلىدۇ .
ــ گۈزەل ، نىجاتنىڭ ئۆيىدىكىلەر نىمە ئىش قىلىدىكەن ؟
ــ ئاڭلىسام دادىسى دوختۇرخانا باشلىقى دەيدۇ ، ئاپىسىمۇ خېلى داڭقى بار دوختۇركەن .گۈزەل تەلىيىڭ بار جۇمۇ !
ــ گۈزەلنىڭ راستلا تەلىيى بار ھە !
ــ ھاھاھا.....
  قىزلارنىڭ «چاخچىقىغا » نىمە دەپ جاۋاپ قايتۇرۇشنى بىلمەي «ئىشىم بار ئىدى» دەپلا سىرتقا چىقىپ كەتتىم ، ئەزەلدىن ئاتا-ئانامدىن ، ئۇلارنىڭ ھالال ئەمگىكىدىن پەخىرلىنىپ كەلگەنمەن ، ئەجىبا كادىر ئائىلىسىدىن بۇلۇش شۇنچە چوڭ ئىشمىدۇ ...
  ياتاقتىن شۇ چىققىنىمچە ئۇدۇل چوڭ مەيدانغا چىقىپ بىر بۇلۇڭغا بېرىپ يىغلاپ ئولتۇرۇپتىمەن ، بىر كەم بولغاندا يېنىمدا ئاسماندىن چۈشكەندەكلا نىجات پەيدا بۇلۇپ قالدى .
ــ نىمە بولدۇڭ گۈزەل ؟
ــ ھىچنىمە !
ــ زادى نىمە ئىش بولدى ، بۈگۈن دىسەڭمۇ دەيسەن ، دىمىسەڭمۇ دەيسەن .
  يەرگە قاراپ ئولتۇرغان يېرىمدە ئولتۇرىۋەردىم .
ــ ئىچىمنى سىقمىساڭچۇ ؟ تۇرە ئورنۇڭدىن .
  خېلى بىر ۋاقىتلاردىن كىيىن ، مەندىن گەپ چىقىشقا كۆزى يەتمىگەن نىجات قوللىرىمدىن تارتىپ ئۆرە تۇرغۇزدى ،
ــ نىمە ئىش بولدى دىگىنە !
  گەپ قىلالماي ھېقىغداپ يىغلاپ كەتتىم ، كۆز-ياشلىرىمنى ئېيتتى ئۇ .
ــ دىگىنە ، زادى نىمە ئىش بولدى .
  ئاران تۇرغانىدىم ، ئۇنىڭ قۇچىقىغا ئۈزۈمنى ئېتىپ ئاۋازىمنى قۇيۇپ بىرىپ تازا يىغلىدىم.
ــ ئاشۇ گەپلەرگە يىغلاپ يۈردۈڭما ئەخمەق ، ئۇلارنىڭ مەقسىتىنى ئەجەپ تىز ئىشقا ئاشۇرۇپسەن ھە !
  يىغلاۋاتقان ئادەم كۈلۈپ كەتتىم .
ــساراڭ ، مۇشۇنداق ۋاقىتتىمۇ چاخچاق قىلامسەن ئادەمگە!
ــ ئاشۇلارنىڭ شۇنداق دىگىنىگە بولسىمۇ بىر كۆزىگە كۆرسىتىپ قۇيايلى گۈزەل ، ماقۇل دىگىنە ، سىنى ئەمدى يىغلاتمايمەن ، ھىچكىمگە بوزەك قىلدۇرمايمەن ، ھىچكىم سىنى تاك ئىتىپ چىكەلمەيدۇ ، ھىچكىم ساڭا ئارتۇق گەپ قىلالمايدۇ ؟
ــ ماڭا قوغدىغۇچى بولماقچىمۇ سەن ؟
ــ ياق !  ھەمرا بولماقچى ...يىگىتىڭ بولماقچى ، يەنە كەلگۈسىدىكى ئېرىڭ بولماقچى...
ــ قېلىن !   گەپ قىلمىدىم ساڭا !
ــ ھېلىمۇ قاچانغىچە ماقۇل دىمەيسەن ، بىز يۇرۇپلاۋالساق ئاغزى تۇۋاقلىناتتى ئاشۇنداق ۋىتۋالداقلارنىڭ ...ماقۇل دىگىنە گۈزەل...سىنى قوغداشقا ، ئاسراشقا ، ساڭا كۈيۈنۈشكە ماڭا بىر قېتىم پۇرسەت بەر!بىر ئۆمۈر سىنىلا قەدىرلەيمەن ، سىنىلا ياخشى كۆرىمەن !
  بىر ئوغۇل بالا ، يەنە كىلىپ ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن ئادەم كۆزلىرىڭگە قاراپ تۇرۇپ ئۇنداق گەپلەرنى قىلسا چىدىماق تەسكەن .
ــ شۇنىڭ بىلەن قانداق قىلدىڭ ؟،ــ سۆزلىرىمنى بۆلىۋەتتى ئايگۈزەل.
ــ ماقۇل دەۋەتتىم شۇ !   يۈرۈپ قالدۇق ...تاكى ئۇقۇش پۈتتۈردىغانغا بىر يېرىم يىل قالغۇچە ،  ناھايىتى ئىسىل يۈردۇق ، ئۆگىنىشنىمۇ تەڭ ئېلىپ ماڭدۇق ، ھەممىنىڭ بىزگە مەستلىكى كىلەتتى ، ياتاقتىكى باش ئاغىرقىدىنمۇ بىراقلا قۇتۇلغاندەك بولدۇم ، چۈنكى ياتىقىمغا ئاخشىمى بىر چاغلاردا پەقەت زۆرۈرىيەت يۈزىسىدىن قايتىپ كىرمىسەم باشقا ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدە نىجات بىلەن بىرگە بۇلاتتىم .بەك ياخشى ئۆتتۇق ، چىرايلىق ئۆتتۇق ، باشقىلاردەك ئۇيۇن-تاماششاغا بىرىلمىدۇق ، باشقىلار باغچىدا ،قەھۋەخانا ، دىسكوخانىلاردا مۇھەببەتلەشسە بىز سىنىپتا ، كۈتۈپخانىدا ، قوللىرىمىزدا كىتاپ ...ئەنە شۇنداق مۇھەببەتلەشتۇق ، لىكىن يۈرگىنىمىزگە بىر يىلدىن ئاشقاندىن كىيىن ئۇنىڭ ئولتۇرۇشلىرى ، ئاغىنىلىرى ، سۇرۇنلىرى كۆپىيىپ قالدى ، مىنى تەڭ ئېلىپ باردى ، ئۇنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن ماقۇل دەپ ئۇ باشلىغان يەرلەرگە باردىم ، لىكىن بۇرۇندىن ئۇنداق سۇرۇنلارغا كۆپ بارمىغاچقىمىكىن ئىچىم پۇشۇپ ، ۋاقىتنى تىزراق ئۆتكۈزەلمەي قىينالدىم ، قارىسام بارا-بارا ئىشلار قاملاشمىغىلى تۇردى ، سۇرۇندىن كەچ قېلىپ ياتاققا قايتالمايدىغان ئەھۋاللار كۈندىن كۈنگە كۆپەيگىلى تۇردى ، ئىقتىسادتىنمۇ بەك قىينالدۇق ، نەچچە كۈنلەپ ئاچ يۈرۈپمۇ كىتەتتۇق .
  بۇرۇنقى ۋاقىتلىرىمىزنى شۇنداق سېغىنغانىدىم ، ئۇ خۇددى ماڭىلا مەنسۇپتەك ، ئىككىمىزلا بىرگە يۈرۈيدىغان ، ئايلىق پۇلىمىز كەڭ-تاشا يىتىدىغان ئاشۇ ۋاقىتلارنى شۇنداق سېغىنغانىدىم .لىكىن ئۇنىڭغا دىسەم ئۇ «ھىچنىمە بىلەن كارىمىز يوق ئاشۇنداقمۇ ئۆتۈپتىكەنمىز ، دوستلار بىلەن ئويناپ-كۈلۈپ ئۆتكەننىڭ نەرى يامان ، ھازىر ئۇنداق كۈندە بىرگە يۈرسەك كىيىن بىر ئۆيگە كىرگەندە بىر-بىرىمىزدىن زىرىكىپ قالمايمىزمۇ » دەپ قۇياتتى .
  بىر كۈنى ئۇنىڭ بىلەن دىباغا باردۇق ، بەك كەچ قالدۇق . بۇرۇنقىدەك يېقىن ئەتراپتىكى ياتاقتىن بىرىگە كىرىپ كەتتۇق ...ئۇ كۈنى ئۇ پەقەت ئۇنىماي قويدى ، يالۋۇرۇپ دىمىگەن گەپلىرىم قالمىدى ...ئاخىر ئۇنىڭ دىگىنىگە بويسۇندۇم...
  مۇشۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندا كۆزلىرىمدىن ئىككى تامچە ياش سىرغىپ چۈشتى ، ئايگۈزەلگە ھەممىنى دەۋېتىشنى لايىق تاپتىم ، ئۇ دىگەن ئاجايىپ ئاقكۆڭۈل ، سەمىمى قىز ، ئۇنىمۇ ئالداۋەرسەم بولمايدۇ ،
ــ شۇنداق قىلىپ ،ــ دەپ گىپىمنى داۋاملاشتۇردۇم ،ــ شۇنداق قىلىپ پۈتۈنلەي ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولدۇم ، لىكىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ ئۆزگىرىپ كەتتى . ھەتتا ئايرىلىپمۇ كەتتۇق ، كۆز-ياشلىرىم ، يالۋۇرۇشلىرىم ھىچنىمىگە كار قىلمىدى . ھەممىدىن بەك ياتاقتىكى قىزلارنىڭ ئاغزى ئېچىلىپ كەتتى ، دەرىسلەردىمۇ بىراقلا چىكىندىم ...ئىشقىلىپ بەك تۈگۈشۈپ كەتتىم ، شۇ ۋاقىتلاردا نىجاتنىڭ بىر دوستى مىنى ئىزلەپ قالدى ، ئۇ خىزمەت قىلىدىغان بىر بالا ئىدى ، ئۇلار بىر سۇرۇندا تۇنۇشۇپ قاپتىكەن ، يېقىندا نىجات سۇرۇنغا باشقا بىر قىزنى باشلاپ بېرىپتۇ ، ئۇ سورىسا بىز ئايرىلىپ كەتكىلى نىكەم دەپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن نىجاتنىڭ ئۇ دوستى مىنىڭ تىلفۇن نۇمىرىمنى سورىسا ئۇ دەپ بىرىپتۇ . بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئارقىمغا ئۇچۇپ كەتكىلى تاس قالدىم ، شۇنچە تىز يېڭىدىن يۈرۈۋاپتۇ ،،،يەنە تېخى بىر ئوغۇل بالا تىلفۇن نۇمىرىمنى سورىسا دەپ بىرىپتۇ...مۇشۇنداقمۇ ئوغۇل بالا بۇلامدۇ...نەپرەت ، كۈنچىلىك ، پۇشايمان ، خورلۇق...ئۇ چاغدىكى ھىسىياتىمنى ساڭا سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بىرەلمەيمەن...
  نىجاتنىڭ ئۇ دوستىنىڭ ئىسمى ۋەلى ئىدى ، نىجاتتىن ئۆچ ئېلىش ، كۆزىگە كۆرسۈتۈپ قۇيۇش ئۈچۈن ۋەلى بىلەن يۈردۈم ، بۇرۇنقىغا تۈپتىن ئوخشىمايدىغان بىر گۈزەلئاي قىياپىتىدە .
  ۋەلى مەرت ئىدى ، نىمە دىسەم ئاساسەن ئېلىپ بىرەتتى . ماڭا كۈيىنىشى ، كۆڭۈل بۈلىشىنى خۇددى ئالدىمدا ئۇيۇن كۆرسىتىۋاتقاندەك ھىس قىلاتتىم.شۇ ۋاقىتلاردا تۇرۇپلا دىبا ، رېستۇران دىگەنلەرگە شۇنداق ئامراق بۇلۇپ قالدىم ، ۋەلىنىڭ ئاپارغىنىغا قانائەت قىلماي ئۇنىڭدىن يۇشۇرۇنچە نەچچە قېتىم  بېرىپ ئويناپ يۈردۈم ، بەزىدە ئۇ ئۇقۇپمۇ قالدى ، ئازراق ئاچچىقلاپ بېقىپ جىم بۇلۇپ قالغىنىمنى كۆرۈپ توختاپ قالاتتى ، دائىم ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلىمايتتىم ، خاپا قىلاتتىم ، لىكىن ئۇ ئارتۇق بىر نەرسە دىمەي ، ‹<سەن تېخى كىچىك گۈزەل ، كىيىن چۈشىنىپ قالىسەن ›> دەپ قۇياتتى .
  بارا-بارا ئۇنىڭ ماڭا قىلغانلىرىنىڭ ئالدىدا خىجىل بۇلۇشقا باشلىدىم ، ئۇقۇش پۈتىدىغانغا ئاز قالغاندا ئۇنىڭغا ھەممىنى دەۋەتتىم ، ئۇ ئىككى كۈن يوقاپ كەتتى ، مەن تېخى ئەمدى ئۇ مىنى ئىزدىمەسلا بولدى دەپ ئويلىغانىدىم ، لىكىن ئۈچۈنچى كۈنى يەنە ئىزلەپ كەلدى ، ساقاللىرى ئۈسۈپ قاپتۇ ، كىيىملىرىنىڭ ياقىسى كىر تۇرىدۇ ، ئاجايىپ پاكىز-رەتلىك يۈرۈيدىغان بالا ئىدى ، قاراپ مىنىڭمۇ ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى .«ماڭا سىنىڭ جىسمىڭ ئەمەس ،قەلبىڭ كېرەك گۈزەل ، ھەممىنى باشتىن باشلايلى » دەپ ئىزەپ كەپتۇ . ماقۇل دىدىم .بىز باشتىن باشلايلى دىگەن بىلەن باشقىلار بىزنى باشتىن باشلىغىلى قويمىدى ، مەكتەپتە ئارقامدىن جىق گەپلەر چىقىپ كەتتى ، قىزلارنىڭ سېسىق گىپىدىن قۇتۇلالمىدىم ،  بارغانسىرى تىرىككەك ، جىلىپەز بۇلۇپ قالدىم ...ئاشۇنداق ۋاقىتلاردا ۋەلى ھەممە ئېغىرىمنى كۆتۈرەتتى . نىجات مەن بىلەن ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن مەكتەپتە نامى چىقىپ كەتكەن بىر قىز بىلەن يۈرۈپ قالدى ، ھەممەيلەن ھەيران قالدى ئۇلارغا . لىكىن قارىسام مودا ، چىرايلىق ئۇ قىز بىلەن ئىككىسى خېلى ماسلىشىپ قاپتۇ . ھەتتا كىيىن ئۇلارنى توي قىلغۇدەك ، ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تېپىپ بوپتۇ دەپ ئاڭلىدىم .
ئاشۇ گەپلەردىن كىيىن ، ئوغۇللارغا بىراقلا ئۆچ بۇلۇپ كەتتىم ، ۋەلىگىمۇ ئۆچ بۇلپ قالدىم .ئۇنىڭغا ئايرىلىپ كىتىمەن دىسەم ماڭا كۆپ يېلىندى ، قىززىق يېرى ئۇنىڭ يېلىنىشىدىن ھۇزۇر ھىس قىلدىم .كىيىن ئايرىلىپ كەتتۇق .
  ئەنە شۇندىن كىيىن مۇشۇ يېرىم ئاغرىيدۇ ئايگۈزەل (قۇلۇمنى يۈرۈكۈمنىڭ ئۈستىگە قويدۇم) شۇڭا ھىچنىمىدىن كارىم يوق ، كۆڭلۈم نىمىدىن خوش بولسا شۇنى قىلىپ يۈردۈم ، جىق كىشىلەر بىلەن ئارىلاشتىم ، ئۇقۇش پۇتتۇرگەندىن كىيىن يۇرتقا قايتىشنى خالىمىدىم ، مىنىڭ نىجاتىم ھېلىقى داڭقى چىقىپ كەتكەن بىلەن توي قىلىپ بولدى ...ئۇلارنى كۆرەرگە كۈزۈممۇ يوق!
  تۈنۈگۈنكى ئىشقا نىمىشقا خاپا بولمايسەن ئايگۈزەل ؟
ــ سىنىڭ چۇقۇم مۇشۇنداقراق بىر ئىشلارغا يۇلۇققانلىقىڭنى مەن بىلەتتىم ، بۇرۇنقى ئىشلارنى ، ئۇ ئاچچىق خاتىرىلەرنى ئۇنتۇپ كەت گۈزەل ، يېنىڭدا مەن بار ، بىز ھەممىنى باشتىن باشلايلى بۇلامدۇ ؟
ــ ھەممىنى ئۇنتۇپ كىتەلەيمەن ، لىكىن بۇلغانغان روھىمنى ۋە تىنىمنى ئۇنتۇپ كىتەلمەيمەن ، مەن تۈگەشكەن ئىنسان ئايگۈزەل ، ماڭا ھېلىمۇ شۇنچىلىك ياخشى مۇئامىلە قىلىپ كەلدىڭ ، ساڭا ھەممىنى دىدىم ، ئەگەر خالىساڭ تۇرۇپ قال ، خالىمىساڭ ...
ــ نىمىلەرنى دەپ يۇرۇيسەن !،ــ ئۇنىڭ ئاۋازلىرى تىترەپ كەتتى ، قارىسام يىغلاپ كىتىپتۇ ، توۋا...بۇنىڭدەك باشقىلارنىڭ يىغىسىغا تەڭ يىغلاپ ، كۈلكىسىگە تەڭ كۈلىدىغانلاردىن يەنە قانچىلىك قىزلار باردۇ ھە ؟!
  ــ ساڭا بۇلارنى دەپبىرىپ ئىچىم بوشاپ قالدى .
ــ گۈزەل ، ماقۇل دىگىن ھەممىنى باشتىن باشلا ، مەن ساڭا ياردەم قىلىمەن ، بۇلامدۇ گۈزەل .
ــ تىرىشىپ باقاي .
  ئاران شۇنداقلا دىيەلىدىم . مەن دىگەن ھەممە ئادەمنىڭ ئالدىدا قەدىر-قىممىتىمنى يوقىتىپ قويغان بىر ئىنسان ، قىز دىيىشكىمۇ ئەرزىمەيدىغان بىر قىزمەن !  قايسى ھالىمغا ....نىمىنىمۇ يېڭىدىن باشلارمەن ھە !
  ئىككىلىمىز جىمىپ كەتتۇق ، دەل شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ تىلفۇنى جىرىڭلاپ قالدى .
ــ ئاپپاقكەن ،ــ دېدى ئۇ . تىلفۇننى ئېلىپ بولغۇچە كۆزلىرى كۈلۈپ بولغان ئۇنىڭغا مەستلىگىم كەلگەن ھالدا قاراپ قويدۇم.
  كەچ بۇلۇپ كىتىپتۇ . ھېلى ئۇ تىلفۇننى قويسا بايا دىگەندەك سرتتىن ئازراق نەرسە ئەكىرىپ بىر نەرسە يىسەل بولغۇدەك دىگەنلەرنى ئويلىدىم . ئۇلارنى ئەركىن-ئازادە پاراڭلىشىۋالسۇن دەپ ياتاق ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم-دە بېرىپ كومپىيوتۇرنى ئاچتىم . قارىسام ئۇكاش باركەن.
«دەرىستىن چۇشۇپ بولدۇڭما ؟»
«ھەئە ،ھازىر چۈشۈشۈم »
«تاماق يىدىڭمۇ »
«ياق تېخى ، سەنچۇ ؟»
«ياق...ھېلى ئايگۈزەل بىكار بولسا بىرگە چىقىمىز!»
«مەنمۇ چىقىمەن !»
«ھە يولنى يىراق كۆرمىسەڭ كەل.»
«مىھمان قىلامسەن؟»
»شۇنداق بۇلا ئەمدى.»
«ئەمىسە بارىمەن.»
«راست دەۋاتامسەن ؟»
«راست دىدىم ...ئەمىسە بىر سائەتتىن كىيىن سىفەن داشۆنىڭ ئالدىدا كۆرۈشەمدۇق»
«كەچلىك  تەكرار يوقما ؟
«بۈگۈن دىگەن جۈمە ...ساراڭ ھەدە!»
«ھە ماقۇل ئەمىسە»
«ۋوي ، تىلفۇن نۇمىرىڭنى دەپ بەر ماڭا ، ھېلى قانداق تاپىمەن سىنى »
«سىفەن داشۆنىڭ ئالدىدا بىر-بىرىنى قولتۇقلاپ تۇرغان ئەڭ چىرايلىق ئىككى قىز بىزشۇ !  بىرمىزنىڭ بېشىدا ياغلىق بار جۇمۇ !»
«ئۇ چۇقۇم ئايگۈزەل ھەدەم ،»
«ھەئە،شۇ!»
«مىنىڭ تىلفۇن نۇمىرىم ********13»
«بىلدىم ، كىچىكمەي كەل جۇمۇ !»
«نەق بىر سائەتتىن كىيىن ئەمىسە !»


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئاملاشتۇرۇشلار بولسا ئۈندىدارغا قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ نۇمۇرۇم:295997753
ئەسكەرتىش: قۇشىۋالغاندا كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580071
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12297 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-16 05:27:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايگۈزەلنى ساقلىغاچ تەييارلىق قىلىشقا باشلىدىم ، تۇرۇپلا كۈلگۈم كىلىپ قالدى ، ئۇكاش بىلەن پاراڭلاشقىلى تېخى بىرەر ئايمۇ بولمىغانىدى ، بۇ تۇنجى قېتىم توردا تۇنۇشقان ئادىمىم بىلەن ئۇچراشقىنىم ھىساپلىناتتى ، توردىغۇ بىر-بىرىمىزنىڭ چىرايىنى كۆرمەي ئولتۇرۇپ گەپنى قىلىۋىرىمىز ، ھېلى ئۇ كەلسە قانداق بۇلار... ــ تىلفۇننى قۇيۇپ بوپسەنغۇ ھوي ! ،ــ تىزلىرىنى قۇچاقلاپ ئولتۇرۇپ خىيالغا پېتىپ كەتكەن ئايگۈزەلگە چاخچاق قىلغۇم كەلدى،ــ يائاللا تىلفۇننى بىر قۇلۇڭغا ئالدىڭمۇ بولدى ، نەچچە سائەتكىچە خىيال دەرياسىنىڭ مايماق كېمىسىدە لەيلەپ يۈرگىنىڭ يۈرگەن ، تۇر ئورنۇڭدىن ، تاماق يىگىلى سىرتقا چىقىمىز . ــ ساراڭ ، نىمانداق جىق گەپ قىلىسەن ؟ -بول دىدىم ، قورسىقىم ئېچىپ كەتتى . ــ ماقۇل ، ماقۇل . ئۇنىڭغا ئۇكاش بىلەن كۆرىشىدىغان ئىشنى ئېيتمىدىم . بىر نەرسە دەپ بولغىلى بولمايدۇ بۇنى ، «ئاپاق ئۇنىمايدۇ ، بولدى ئۆزۈڭ چىقىپ كىرگىن » دەپ قويسا ئامال يوق ! مەكتەپنىڭ ئالدىغا چىقتۇق . ــ كەچتە نىمە يىگۈڭ بار ئايگۈزەل؟ ــ تاماق يىمەي ئۇششاق –چۈششەك نەرسە ئەكىرىپ يەيلى دىيىشكەنغۇ؟ ــ تاماق يەيلىچۇ بولدى ؟ يىغلىساملا قورسىقىم ئېچىپ كىتىدۇ مىنىڭ . ــ بىنورمال ، ھەممە ئادەم يىغلىسا ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالىدۇ، سىنىڭ ئەكسىنچە ھە ! ــ نىمىلا دىسەڭ مەن مىھمان قىلىمەن بۈگۈن . ــ ناھايىتىمۇ ئاددى . سۇيۇقئاش ئىچكۇم بار . ــ ھەنىم بولسا ئەتكەن چاي دىمىدىڭ ..،مىھمان قىلاي دىسىمۇ دەپ يۈرگەن گىپىنى ...ماقۇل ، ساڭا سۇيۇقئاش بولسۇن... لىكىن بىز ئىككىمىزلا يىمەيمىز جۇمۇ ، ئۇكاشمۇ بار! ــ ھە ؟! قايسى ئۇكاش ؟ ــ توردىكى ئۇكاشچۇ ؟ ــ ئېرشات ؟ ــ ھەئە شۇ ! جىمىپ كەتتى ئۇ ! ــ ئاپپاق ئايگۈزەل ماقۇل دىگىنە ، ئۆزىمىزنىڭ ئىنىسىدەك تۇرسا ئۇ ، تاماق يەپ بۇلۇپلا قايتىمىز شۇ ! ــ ھەممىنى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ بولغان ئادەم يەنە نىمىنى سورايسەن مەندىن ؟ ــ دىمەك قۇشۇلدۇڭ ؟ ئەجەپ ياخشى بولدى ...سەن بەك ياخشى ،،،ئاپپاقنىڭ تەلىيى بار جۇمۇ ! ــ ۋاي-ۋۇي...پۇشقۇرغۇمدىن يەل ماڭمايدۇ مىنىڭ ... تازا چاقچاخلشىپ تۇرساق يېنىمىزدىلا بىرى پەيدا بۇلۇپ قالدى : ــ توۋا ، مەكتەپ ئالدىدىكى ئەڭ چىرايلىق ئىككى قىز دەپ پونى ئېتىپ قۇيۇپ نەدە بىرەر-يېرىم چىرايلىق قىز بۇلىدۇ بۇ يەردە ! ئۇ يېنىمىزدىلا تۇرۇپ ، قەستەن بىزنى ئاڭلىسۇن دىگەندەك ئۈنلۈك ئاۋازدا شۇنداق دىدى .ئاق مايكا ، پادىچىلار شىمى كىيىۋالغان ، كىلىشكەن ، چىرايىدىن خۇشخۇيلۇق چىقىپ تۇرىدىغان ، پاكىز چىراي بالىكەن . ــ ئۈتۈپ كەتكەن غەرىپ تەرغىباتچىسىمۇ بۇ نىمە ؟،ــ دىدىم پەس ئاۋازدا ئايگۈزەلگە . «مەن ياقتۇرمايدىغانلارنىڭ تىپىكەن...» دىگەندەك قىلىپ ئېغىزنى پۈرۈشتۇرۇپ قويدى ئايگۈزەل گىپىمگە جاۋابەن . دەرھال تىلفۇنۇمنى چىقىرىپ ئۇكاشنىڭ تىلفۇنىغا تىلفۇن قىلدىم . ــ ئەسسسالامۇئەلەيكۇم ھەدىلەر ! ــ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئۇكام ! بىر قەدەم ئارقىدىن تەڭلا چىققان ئاۋازدىن «چۆچۈپ كەتكەن» ئۇكاش ئىتتىك ئارقىغا بۇرۇلدى.ھەممىمىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق . ــ ئەستا سەت بولدى ھە !بايامقى گىپىمنى ئاڭلاپ قالمىغانسىلەر؟ ــ ئاڭلىغان بولساق تىلفۇن قىلمايتتىمدە ! ــ نىمىشقا ئەمدى ؟ ــ قاراپ تۇرۇپ ، گۈزەللىكنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن بىرسى بىلەن قانداقمۇ گەپ بىر يەردىن چىقسۇن ! ــ گەپ بەرمەيسەن جۇمۇ گۈزەلئاي ھەدە ! يەنىلا ئايگۈزەل ھەدەم ياخشىكەن ، نىمە دىگەن مۇلايىم ... ئۇ شۇنداق دەپلا ئايگۈزەل تەرەپكە ئۆتتى ، يەنە كۈلۈشۈپ كەتتۇق . ئۇچۇرشىشىمىز ناھايىتى كۆڭۈللۈك بولدى .ھىچبىر تۇنجى كۆرۈشكەنلەردەك ئەمەس...ئۇكاش غەرىپچە كىيىنگىنى بىلەن ئىدىيىسى غەرىپچە ئەمەسكەن ، پاراڭلىرىمىز ناھايىتى مەنىلىك ۋە قىزىقارلىق بولدى ، تاماق يەپ بولغۇچە ئايگۈزەل ئىككىمىزنى كۈلدۈرۈپ ھىچ ھالىمىزنى قويمىدى .ئۇنىڭغا ئامراق بۇلۇپلا قالدۇق . ئەنە شۇنىڭدىن كىيىن ئۇزۇندىن بىرى داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتقان ئادىتىمىزنى ۋە بەلگىلىمىمىزنى بۇزدۇق ، ئۇ بولسىمۇ كىلىشىمدىكى «ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئۆيگە ئوغۇل بالىلارنى باشلاپ ئەكىرىشكە بولمايدۇ» دىگەن بەلگىلىمىنى ! ئۇكاش پات-پات كىلىپ بىزنىڭ ئىتىپ بەرگەن تامىقىمىزنى يەپ ، بىز بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ كىتەتتى ، ئايگۈزەلمۇ ئۇنىڭغا بەكلا ئامراق بۇلۇپ قالدى ، لىكىن ئاپاقنى خاتا چۈشىنىپ قالمىسۇن دەپ ئۇنىڭغا ئېيتمىدى . بارا-بارا كۈنلىرىمنى ئەھمىيەتلىك ، مەنىلىك ئۆتكۈزگەندەك ھىس قىلىدىغان بۇلۇپ قالدىم .بۇرۇنقىدەك ئۇيۇنلارمۇ خۇش ياقمايدۇ ، ئايگۈزەلمۇ ئۇنىڭ گىپىنى تىزلا ئاڭلىغىنىمدىن ، ئەمەلىيەتتىمۇ ئۆزگەرگەنلىكىمدىن ناھايىتى خوش . ــ ئاللا ھەممىنى كۆرۈپ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر ،ــ دەپ گەپ باشلايدۇ ئۇ داۋاملىق ،ــ ئۇنى ياخشى كۆرسەڭ ئۇمۇ سىنى ياخشى كۆرىدۇ ، ئۇنىڭدىن چىن نىيتىڭدىن تىلىسەڭ ساڭا تىلىگىنىڭنى بىرىدۇ ، ئىشەنسەڭ ئىككىمىزنىڭ مۇشۇ ئۆيگە كىرىپ قېلىشىمۇ ئاللانىڭ ساڭا قىلغان ئەڭ چوڭ شاپائىتى...ئۇ سەن ئۈچۈن مىنى ئەۋەتكەن ، ئۇ سىنى ياخشى كۆرىدىكەن ...خوشال بولغىن گۈزەلئاي... ــ ئاللانىڭ ئىسمىنى ئاغزىمغا ئېلىشتىنمۇ ئەيمىنىمەن ئاي...سەن ھەممىنى بىلىسەن ، مۇشۇنداق تۇرۇپ ئاللادىن تىلىسەم .... ــ ئاللا ئەڭ مىھرىباندۇر ، ئۇ ھەقىقەتەن تۆۋبىنى قۇبۇل قىلغۇچىدۇر ، بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغانمۇسەن ؟ ــ ھەئە ئاڭلىغان ، ــ ئەمىسە ئۇنداق قالايمىقان خىياللاردا بولما .ساڭا يەنە بىر ھەدىس سۆزلەپ بىرەيما ؟ ــ ھەئە! ــ بىر مۆمىن مۇسۇلمان بەندىسى باركەن ، بىر كۈنى ئۇ بىر ئايال بىلەن خالى قالغاندا شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى بىلەن ھېلىقى ئايالنى سۈيۈشكە ئۇرۇنۇپتۇ ، لىكىن ئاللانىڭ چۈشۈرگەن پەرمانلىرى يادىغا يىتىپتۇدە دەرھال نىيتىدىن يېنىپتۇ . ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇنداق قالايمىقان خىيال ۋە نىيەتتە بۇلۇپ ، ئاللا يۇلىدا گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئويلاپ ناھايىتىمۇ ئازاپلىنىپتۇ ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن ئۆزىگە جازا بىرىشنى تەلەپ قىلىپتۇ .«ئىككى رەكەت تۆۋبە نامىزى ئۇقۇپ كەل»دەپ بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ پەيغەمبىرىمىز . ئۇ مۇسۇلمان بەندىمىز بېرىپ چىن نىيتى بىلەن ئىككى رەكەت تۆۋبە نامىزى ئۇقۇپتۇ.ئاندىن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئالدىغا يەنە بېرىپتۇ ۋە پەيغەمبىرىمىزگە دەپتۇ:«ئەمدى ماڭا جازا بەرگىن!» پەيغەمبىرىمىز ئېيتىپتۇ:«تۆۋبەڭ قۇبۇل قىلىندى ، ساڭا بىرىلگەن جازا ئەنە شۇ ئىككى رەكەت تۆۋبە »دەپتۇ . مەنىسىنى چۈشەندىڭمۇ ؟ ــ خېلى چۈشەندىم . تۆۋبە نامازنىڭ خاسىيىتى سۆزلىنىپتۇ. ــ ھەم تۆۋبە نامازنىڭ خاسىيىتى ھەم ئاللانىڭ بەندىسىنى قىيىن كۈنگە قويمايدىغانلىقى . ۋاقىت ناھايىتى تىز ئۆتمەكتە ، ئۈچىمىز خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇلۇپ قالدۇق ، تىلفۇنۇمنىڭ نۇمىرىنى ئالماشتۇرىۋەتكەنىدىم ،ئايگۈزەل بەك خوشال بۇلۇپ كەتتى . بۇرۇن ئۇنى بىر كىشىلىك ھۆزمەتلىگەن بولسام ھازىر ئۇنى ئون كىشىلىك ھۆرمەتلەيمەن...سەۋەبىنى ئۈزۈممۇ ئېنىق ئېيتىپ بىرەلمەيمەن... بۇرۇنقىدەك كۈن ئاتلاپ بۇلۇپ تۇرىدىغان ئولتۇرۇشلار يوق ، بىرەر قېتىم ئويناتقىنىغا قەرىزدار بولغاندەك ھىس قىلىپ قوللىرىدن يىتىلىسە كىتىۋىرىدىغان ئىشلارمۇ يوق...ئۆزۈمنى ئەمدىلىكتە خېلى قەدىر-قىممىتى بار ئىنساندەك ھىس قىلىدىغان بولدۇم.چۈنكى مىنىڭ قىلىدىغان جىق ئىشلىرىم بار ، ھەر كۈنى ئايگۈزەل ئۈچۈن تاماق ئىتىمەن ، بەزىدە ئۇكاممۇ كىلىدۇ ، بىز بىرلىكتە كۈلكە –چاخچاق بىلەن خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بىرگە ئولتۇرۇپ تاماق يەيمىز ، بەزىدە ئۇكام بىلەن ئىككىمىز ئايگۈزەلنى ماقۇل كەلتۇرۇپ بۇلالماي ئىككىمىزلا سىرتقا چىقىمىز ، كىتاپخانىلارغا بارىمىز ، كىنو كۆرىمىز...ئىشقىلىپ بەك كۆڭۈللۈك... بۈگۈن ئايگۈزەلمۇ ، مەنمۇ تەڭ دەم ئاپتىمىز ، لىكىن ئۇ پۈتۈن بىر كۈن ياتاق ئۆيىدىن چىقماي ئولتۇرۇپ ئۆگىنىش قىلدى .مەن كىتاپ كۆردۈم ، مۇنبەر كۆردۈم ، ئۇكام بۈگۈن تەتىللىك كۇرسىنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ، شۇڭا ئالدىراش بۇلۇپ كىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان ، شۇڭا ئۇنىمۇ ئىزلىمىدىم . ئىچىم پۇشۇپ ئولتۇرسام ئۇكام تىلفۇن قىپتۇ . ـ ئەتە قايتىمەن ، شۇڭا تاماق يەپ كىلەمدۇق ، ئەمدى بىكار بولدۇم . -ماقۇل . -ئايگۈزەل ھەدەمنىمۇ ئېلىۋالغىنە ...بۈگۈن چىقمىسا مەن راست رەنجىپ قالىمەن . -ماقۇل . ئايگۈزەلگە نىمىلا دەپ چۈشەندۇرمەي ئۇ يەنىلا قۇشۇلمىدى. ـ بۇ كەچتە سىرتقا چىقالمايمەن . ئاپپاقنىڭ مىجەزىنى ئۆزۈڭ بىلىسەن .سىرتتا ئىكەنلىكىمنى بىلسە چۇقۇم ئاچچىقلايدۇ . -ئەمىسە ئۇنىڭدىن مەن سوراپ بىرەي ، ئۇكاشنى ئۇزىتىمىز دىسەڭمۇ ئۇنىماسمۇ ؟ -ئۇ ئۇكاشنىڭ بارلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ . -ۋاي خۇدايىم ، كىيىن قانداقمۇ قىلارسەن... -ئۇ ۋاقىتتا مۇنداق ۋاقىتتا ئۆيۈمدە ئولتۇرۇپ...ھى ھى ھى ،،، - قېلىن...بولدىلا ساڭا مىڭ دىسەممۇ بەرىبىر ، ئەمىسە مەن چىققىپ كەتتىم . ئۇكاش بىلەن بىرگە تاماق يىگىلى كىردۇق . -ھېلىقى قىزچۇ ؟ ئۇمۇ قايتامدۇ ؟،ــ دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن . -ھەئە . ئەتە ئاكاممۇ قايتىدۇ ، بىز ئاكامنىڭ ماشىنىسىدا قايتىمىز . -ئاكاڭ كەلگەنلىكىنى ئەجەپ دىمىگەنىدىڭغۇ ؟ ـ ئۇ نەگە كىپتۇ ؟ ـ ئەمىسە ئەتە قارامايغا نەدىن قايتىدۇ ؟ -ۋاي ساراڭ ، ئاكام مۇشۇ يەردە ئىشلەيدۇ مىنىڭ ، شىركىتى بار مانداق . -ماڭا ھەجەپ دىمىدىڭغۇ ؟ -سورىمىساڭ . ئەمدىلا تامىقىمغا چوكا سېلىپ تۇرۇشۇم يېنىمدىنلا چىققان ئاۋازدىن چۆچۈپ بېشىمنى كۆتۈردۈم. ــ ئوخخو...ئادىلە خانقىزغۇ بۇ ! قانداق ئەھۋالىڭىز خان؟... ئۇنىڭ كىم ، قايسى سۇرۇندا بىرگە ئولتۇرغان كىشى ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم .ئەزەلدىن باشقىلارغا ئىسمىمنى خاتا ئېيتىپ بىرىدىغان ئادىتىم يوق ئىدى . قارىسام ئۇ ئادەمنىڭ يېشىمۇ مەندىن يېشىمۇ مەندىن خېلى چوڭدەك قىلاتتى ، ئازراق مەستكەن تېخى . ــ مېنى تۇنۇمايۋاتامسىز قىزچاق...ھېلىقى كۈنى «ياشار»دىكى ئولتۇرۇش ئىسىڭىزدىمۇ خان ؟ ــ كەچۇرۇڭ خاتا تۇنۇپ قاپسىز ، -دىيەلىدىم ئارانلا... ــ ئۇنداق ئەمەستۇ...ھەرقانچە بولسىمۇ مەن بىلەن بىر كېچىنى بىرگە ئۆتكۈزگەن ئادەمنى ... ــ قىزىڭدەك ئادەمنى نىمىگە ئانىي تاپىسەن ھوي ! چوڭكەن دەپ جىم ئولتۇرسام ھەدەمنى نىمە كۆرۈپ قالدىڭ ؟! گىپىڭ بولسا قىلە ئەمدى... ئۇكام ئۇنىڭ ياقىسىدىنلا ئالغانىدى،،،بىردەمدىلا ئاشخانا كۈتكۈچىلىرى يېغىپ كەتتى . ــ گەپ بولسا چىرايلىق دىيىشىڭلا! ــ مەست بىلەن تەڭ بولماڭا ئۇكام! ــ ئۇرۇشىدىغان ئىش بولسا سىرتقا چىقىڭلار ، تاماق يەيدىغان يەر بۇ دىگەن... ئۇكامنى تارتىپمۇ تارتىپ بۇلالمىدىم ، ئۇ مەسىتنىڭ ياقىسىدىن سۆرىگىنىچە سىرتقا ئەپچىقىپ كەتتى... ياشاردىكى ئولتۇرۇش دىگەن گەپ بىلەن ھەممە ئىسىمگە كەلگەنىدى...ئىسمىمنى ئىسىدە خاتا تۇتۇۋاپتۇدە ... ئۇكام بايامقى كىشىنىڭ ياقىسىدىن ئالغىنىچە سۆرەپ كىردى . ــ كەچۇرۇم سورا ،ــ دىدى ئۇ ھېلىقى ئادەمگە قاراپ . ــ كەچۇرۇڭ خانقىز ... ــ ماڭە يوقال...دادامدەك ئادەمكەنسەن...بولمىغان بولسا ساق قويمايتىم سىنى...بۇندىن كىيىن كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ ، باشقىلارنى ئېنىق تۇنۇۋالغاندىن كىيىن ئاندىن گەپ قىل بىلدىڭما ؟!پەرىشتىدەك پاك قىزغا تۆھمەت قىلماي... بېشىمنىمۇ كۆتۈرەلمىدىم...ئىچ-ئىچىمدىن خورلۇق ھىس قىلىۋاتاتتىم . ئۇكامنىڭ گەپلىرىدىن نۇمۇستىن يەرگە كىرىپ كەتكۇدەك بولدۇم...خۇددى ھەممە ئادەم ماڭا قاراپ مازاق قىلىپ كۈلۈۋاتقاندەك...«كىچىككىنە بالىنى ئالداپ ئۆزىنى پەرىشتىدەك پاك كۆرسىتىۋاپتۇ تېخى ، ئۇنىڭ قانداقلىقىنى كىم بىلمەيدۇ» دەۋاتقاندەك... ــ ئۇنداق قىلمىغىنە ھەدە ، سىنى مۇشۇ ئاشخانىغا باشلاپ كەلمىسەم بوپتىكەن ، نەدىن بىلەي ئۇنداق مەس-ئەلەسلەرنىڭ بارلىقىنى ...خاپا بولمىغىن بۇلامدۇ ؟ ــ سەندىن خاپا بولمۇدۇم... ــ بىلىمەن مەندىن خاپا بولمۇدۇڭ ،لىكىن كۆڭلۈڭ ئازار يىدى ، خورلۇق ھىس قىلدىڭ ،سەندەك قىز ئاڭلايدىغان گەپ ئەمەس ئىدى ئۇ! ئۇكام بىلەن كۆڭۈلسىز خوشلاشتىم . ئۇ ئالدىمدا قىلىدىغان قىلىق تاپالماي قالدى ، ئەمما ھەرقانچە قىلساممۇ چىرايىمغا كۈلكە يۈگۈرتەلمىدىم . «ھەدەڭنى كەچۇر ئىنىم ، سەن كۆرگەن ھازىر كۆرۈۋاتقان ، پەخىرلىنىۋاتقان ھەدەڭ ئەسلىدە سەن ئويلىغاندەك ياخشى قىز ئەمەس...ئەگەر بۈگۈن ئۇ كىشى ئىسمىمنى توغرا ئاتىغان بولسا قانداق ئويلارىدىڭ ھە؟مىنى يەنە ھەدە دەرمىدىڭ ، يوللاردا ماڭساق <قولتۇقلاپ ماڭمىساڭ ماڭمايمەن>دەپ تۇرۇۋالارمىدىڭ...<سەندەك ھەدەم بولسىچۇ >دەپ ئارزۇ قىلارمىتىىڭ...كەچۇر ئىنىم...ساڭا يۈز كىلەلمەيمەن...» كۆزلىرىمدىكى ياشنى ئېيتىۋېتىپ يۈزلىرىمگە تەسلىكتە كۈلكە يۈگۈرتۈپ ئۆيگە كىردىم . مەن قايتىپ كىرگەندە ئۇ يەنە ئۆگىنىش قىلىۋاتقانىكەن . ــ ئايگۈزەل ، تاماق يەۋالغىن ، قورسىقىڭمۇ ئېچىپ كەتكەندۇ ؟ ــ ھەئە...ئاچتى ، بۈگۈن تىزلا قايتىپ كەپسەنغۇ؟ئېرشات ئۇكام خاپا بۇلۇپ كەتمىگەندۇ؟ ــ خاپا بولمىدى ، ساڭا سالام ئېيتتى . ــ پولو ئەكەپسەنغۇ بۇ كەچتە ...ئادەم سەمىرىپ كىتىپ بارغاندا... ــ يىمىسەڭ ئخىتىيار...خوش بولماي تېخى... ــ ۋۇي ،جىلىپەز ، چاخچاق قىلىۋاتىمەن ساڭا ، ئۇكاشقا چىدىماي سەپرا بۇلۇپقالدىڭمۇ نىمە ؟! شۇنداق دىگىنىڭگە بولسىمۇ تەرخەمەكتە خام سەي قىلىپ مەززە قىلىپ ئولتۇرۇپ يىمىسەم... ئۇ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى . ئەمدىلا كومپىيوتۇرنى قوزغىتىپ تۇرۇشۇم ئايگۈلنىڭ «ۋايجان»دىگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم . يۈگرەپ كىرىپ ، قوللىرىدىن ئېقىۋاتقان قانغا قاراپ نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالغان ئايگۈزەلنى كۆردۈم . ــ ئوھ!...نىمانداق بەك كىسىۋالدىڭ؟ ــ قان توختىمايۋاتىدۇ؟ ئۇ قۇلىنى خېلىلا كىسىۋالغانىدى .لۆڭگىنى ھۆل قىلىپ چىقىپ ،ئاۋال ئۇنىڭ قوللىرىدىكى قاننى ئېيتىۋېتىپ ، ئاندىن تېڭىپ قويماقچى بولدۇم ، دەل شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ تىلفۇنى جىرىڭلاپ قالدى . ــ مەن ئېلىپ بىر نەرسە دەپ قۇيايمۇ ؟ــ دىدىم ئۇنىڭغا . ــ ئېلۋىرەي ، ئۇ ئەنسىرەپ قالمىسۇن . ئۇ تىلفۇننى مۈرىسىگە قىستۇرۇپ پاراڭلاشقاچ ، بىر قۇلىدا مىنىڭ ئۇنىڭ قۇلىنى تېڭىشىمغا ياردەملەشتى . ئۇلارنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاپ يەنە بىر قېتىم ھەيران بولدۇم: ــ ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئاپپاق ، ــ بۇرۇنقىدەكلا تىلفۇننى ئالدى ئايگۈزەل. ــ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئاپاق يارىم ، نىمە ئىش قىلدىڭلىيا ؟! ــ شۇ...شۇ تاماق يەپ ...گۈزەلئاي سىرتتىن تاماق ئالغاچ كەپتىكەن . ــ يالغان گەپ قىلماڭلا ئاپاق...ئاۋازىڭلىدىنلا چىقىپ تۇرىدۇ ، يىغلاپسىلەنغۇ ئەينا!دەڭلا ھە ! نىمە ئىش بولدى ؟ ــ ۋۇي راست دىدىم ، ھىچنىمە بولمىدى ، تاماق يەۋاتىمەن شۇ . ــ يالغان گەپ قىلىۋاتىسىەن ھە...نىمە بولدىمكىن تۇرۇپلا يۈرىكىم باشقىچىلا...كۆڭلۈم ئەجەپ ئەسكى بۇلۇپ قالدى...چۇقۇم ساڭا بىر ئىش بولدى دەپ ئويلىغان ، مانا مانا ، دىگنە ، دىمىسەڭ مەن خاپا بۇلۇپ قالىمەن . ــ راست ئاپاق... ئۇلار كىيىن نىمە دىيىشتى قۇلۇقۇمغا كىرمىدى . ھەم <مۇشۇنداقمۇ توغرا كىلىش بارمۇ >دەپ ھەيران قالغان بولسام ھەم نىمىشقىدۇر بۇرۇنلىرىمنىڭ ئىچى ئېچىشىپ كەتتى .ئايگۈزەل ئۈچۈن خوشال بولدۇم ، ئەمما ئۆزۈم ئۈچۈن كۆڭلۈم يېرىم بولدى . ياتاق ئۆيگە كىرىپ ، ياستۇقنى قۇچاقلاپ ئولتۇرۇپ ئۇزۇندىن –ئۇزۇنغا خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ كەتتىم: «ئۇلارنىڭ مۇھاببىتى نىمە دىگەن پاكىز ، قەدىرلىك مۇھەببەت ھە! ئايگۈزەلنىڭ ھەممە ئىشتا ئالدى بىلەن يىگىتىنى ئويلىشى ، تەييار خىزمەت ، ياخشى تۇرمۇشتىن ۋاز كىچىپ بۇ يەردە جاپا تارتىپ يۈرىشى ، شۇنچە يىل ئۇقۇپ ئەمدىلىكتە خىزمەت قىلمىساممۇ مەيلى ، ئۇنىڭ ،ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ۋە ئاتا-ئانامنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ، ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئالساملا بولدى دەيدىغان كۆز قاراشتا بۇلىشى...ئۇنىڭ يىگىتىنىڭ ئىككى يىلدىن بىرى ئۇلارنىڭ كۆرۈشۈش يولىنى توسۇپ قۇيىشى ، پەقەت ئاللادىنلا ئۇلارنىڭ تەقدىرىنى قۇشۇپ قۇيۇشنى تىلىشى...ئۇنىڭغا توختىماي تىلفۇن قىلىپ ،ئەھۋال سوراپ تۇرىشى، ئاۋازى ئازراق ئۆزگىرىپ بولغۇچە <نىمە ئىش بولدى ئاپاق> دەپ كۆڭلىنى ئېلىشقا ، يول كۆرسىتىشكە ئاران تۇرىشى...ھەيران بۇلىمەن...ئۇلارنى شۇنچە سەۋىر-تاقەتلىك قىلغىنى زادى قانداق كۈچتۇ؟!...ئادەم ھاياتىدا مۇشۇنداق شەخسىيەتسىز مۇھەببەتكە ،ئۈن-تىنسىز قۇربان بىرىشكە بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئىرىشەلىسە ھە...نىجات بىلەن ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن ھەممە ئادەم كۈزۈمگە ئەسكى كۆرىنىدىغان بۇلۇپ قالغانىدى.نەزىرىمدە گويا جاھاندا بىرمۇ ياخشى ئوغۇل بالا يوق ئىدى...ئۇلارنىڭ ساڭا قىلىنغان بىرەر قېتىملىق ياردىمى ، غەمخورلىقى ھەتتا كۆڭۈل بۈلىشىمۇ مەقسەتلىك ئىدى...ئۇلارنىڭ نەزىرىدە قىزلار ئۇلارنىڭ كۆڭۈل خوشلىقى ، ئوينايدىغان ئۇيۇنچىقى ئىدى...لىكىن ھازىر ئۇنداق ئويلىمايمەن...ئۇكام ناھايىتى ياخشى يىگىت ئىدى ، قىزلارغا مەسئۇلىيەت نۇقتىسىدا تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىدۇ ،قىزلارنى پەقەت قىزلارلا ئەمەس كەلگۈسىدىكى ئانا ، مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۇلارنىڭ قۇلىدا ، قىزلارنى قوغداش ، قىزلارنى ئاسراش مىللەتنى قوغدىغانلىق ۋە مىللەتنى ئاسىرغانلىق دەپ تۇنۇيدۇ ! ئايگۈزەلنىڭ ئاپپاق يارىغا تېخىمۇ گەپ كەتمەيدۇ ! ئۇ تېخىمۇ مەسئۇلىيەتچان ، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ،ئىمان-ئېتىقادلىق ئىسىل يىگىت...ئۇكامدەك ، ئايگۈزەلنىڭ ئاپپاق يارىدەك يىگىتلەر قانچە كۆپ بولسا ھە!» شۇ كۈندىن باشلاپ تۇرۇپلا شۇكلەپ كەتتىم ، ئىشقا بارىمەن-كىلىمەن ، بىكار ۋاقىتلىرىمدا ئۆيدىن چىقماي ئولتۇرىمەن ، كىتاپ ئوقۇيمەن ، خاتىرە يازىمەن . ئايگۈزەلنىڭ ناماز ئۇقۇغان ۋاقىتلىرىنى قولدىن بەرمەي ،ئىشىك سىرتىدا تۇرۇپ ئۇنىڭ ناماز ئۇقۇشىنى كۆرىمەن ، يىغلاپ-يىغلاپ قىلغان دۇئالىرىنى ئاڭلاپ مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئىچىمدە ئاللاغا نالە قىلىمەن... ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئايگۈزەلدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىمنى ئويلاپ كۆڭلۈم يېرىم بۇلۇپ قالاتتى . ئاقكۆڭۈل ، لاتاپەتلىك . ئەخلاقلىق ، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى دەپلا تۇرىدىغان بۇ قىزنى بەكلا ياخشى كۆرۈپ قالغانىدىم... سىنتەبىر ئايلىرىمۇ يىتىپ كەلدى . يېڭى ئۇقۇش مەۋسۇمى بىلەن ئۈرۈمچىمۇ باشقىچە جاللىنىپ كەتكەندەك قىلاتتى .ئۇكاممۇ قايتىپ كىلىپ بولدى ،ئۇنىڭ بىلەن تېخى كۈرۈشكۈدەك بولمىغانىدۇق . كەچتە ئىشتىن چۇشۇپ تۇرۇشۇم ئۇكام تىلفۇن قىپتۇ ، يەنە ئايگۈزەلنى كۆندۈرەلمەي ئۈزۈملا چىقتىم .« ئۈزۈمزار »دا كۈرۈشمەكچى بولغانىدۇق . «ئۈزۈمزار»نىڭ ئالدىدىلا ئۇنى ئۇچراتتىم . ــ قانداق ئەھۋالىڭ؟خويمۇ كۆرگۈم كەلدى جۇمۇ !،ــ دىدى ئۇ مىنى كۆرۈپلا . ــ كۆرگۈڭ كەلگەچكە ئەمدى ئىزلىدىڭ دىگىنە! مەكتەپكە كەلگىلى نىكەم سەن ! ــ ساڭا سوۋغات تاييارلايمەن دەپ شۇ...ھى ھى ھى ...،ــ ھەييارلىق بىلەن كۈلدى ئۇ! ــ ماڭا ؟! خوش قىلمىغىنە ئادەمنى ! ــ مىنىڭ ئاكام ، ئىسمى ئىلھام ، سەن بىلەن ئوتتەك تۇنۇشۇش ئىستىكىدە كەلسەڭ بولمايدۇ دىسەم ئۇنىماي كەلدى . باياتىن بىرسى يېنىمىزدا تۇرغان ئۇ كىلىشكەن بالىغا قاراپ ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدىم .بۇنداق بۇلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم . ــ ياخشىمۇسىز ؟ ــياخشىمۇسىز! ــ ئىنىم گىپىڭىزنى تولا قىلىپ ...راستىنلا بىر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغانىدىم ، شۇنچە ئاقكۆڭۈل،ھەم چىرايلىق ھەم ئەخلاقلىق ھەم ئەقىللىق زادى قانداق قىزدۇ دەپ تولا ئويلاپ شۇ ! ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ خىجىل بۇلۇپ يەرگە قاراپقىنە كۈلۈپ قويدۇم،ئېرشات ئۇكام يەنە چاخچىقىنى باشلىۋەتتى : ــ ۋاي!ۋاي!ۋاي!ئاكا...! سەنمۇ بۇ ؟! توۋا خۇدايىم ...قىزلار بىلەن ئۆچۈڭ باردەك قاپاقنى تۈرۈپ ، كىتاپنى قولتۇقلاپلا يۈرسەڭ تازا مۆرىمەسقۇ بۇ دىسەم...مۇنداق گەپچىلىك ھۈنىرىم بار دىگىنە! توۋا خۇدايىم ئاكا...! ھەممىمىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق .تاماق يىيىش جەريانىدا ئۇكام توختىماي سۆزلەپ ، چاخچاق قىلىپلا ئولتۇردى .ئۇنىڭ گەپلىرىدىن بىلدىمكى ، ئىلھام ئۇنىڭ ئۆز ئاكىسىكەن ، ئۇقۇش پۈتتۈرگەن ئۈچ يىلدىن بىرى ئۈرۈمچىدە قېلىپ ئىگىلىك تىكلەپ مانا ئەمدى ياش تۇرۇپلا بىر شىركەتنىڭ دىرىكتورى بوپتۇ.ئۇ ئاكىسىنى كىتاپ خالتىسى ، تىرىشچان ، بەك ئەقىللىق دەپ ماختىدى.قارىساممۇ ئىلھام ناھايىتى قائىدىلىك كۆرۈندى . ــ بۈگۈن كەچتە شېئىر يازىسەن جۇمۇ!،ــ دىدى ئۇكام خوشلۇشۇش ئالدىدا. ــ تۇرۇپ-تۇرۇپلا تاغدىن –باغدىن سۆزلەپ قۇيىسەن ھە ئۇكام!.ــدىدىم مەنمۇ ئۇنىڭ گىپىنى تازا چۈشىنەلمەي... ــ ھى ھى ھى ...ئىسىڭدە يوقما؟! ماڭا نىمە دەپ ۋەدە بەرگەنىدىڭ؟...<ئىلھام كەلگەندە يازىمەن شېئىر دىگەننى >دەپ پو ئاتقان گۈزەلخان مەنمۇ سەنمۇ !مانا ئىلھامجاننىمۇ ئەكەپ بەردىم،،،قالغىنى ساڭا قالدى... ــ ئېرشات سەن! خەپ توختاپتۇر....توختا دەيمەن...! ــ ئۇنىڭ بىلەن كىچىك بالىلاردەك قوغلىشىپ كەتتۇق.ئىلھام بىزگە مەستلىگى كەلگەندەك كۈلگىنىچە بىزگە قاراپ تۇراتتى. كۆڭلۈم كۆتۈرۈلۈپلا قالدى . ئۆيگە قايتىپ كەلگىنىمدە ئايگۈەل ئاپپاق بىلەن پاراڭلىشىۋاتقانىكەن.كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ ، ياتماقچى بۇلۇپ تۇراتتىم ، ناتۇنۇشلا بىر نۇمۇردىن كەلگەن ئۇچۇرنى تاپشۇرىۋالدىم: «ئۇكامنىڭ دىگەنلىرىدىنمۇ ئارتۇق ئىكەنسىز . سىز بىلەن تۇنۇشقانلىقىمدىن خوشالمەن». لىكىن ئۇچۇرنى كۆرۈپ مەن خوش بۇلالمىدىم.كۆڭلۈم غەش بولدى ، كاللامدا يەنە شۇ خىيال ، «ئىنىڭىزنىڭ كۆرگىنى ھەقىقى مەن ئەمەس ، پەقەت بۈگۈنكى مەن ! ئۆتمۈشتىكى مەن ئەمەس»... كۈنلىرىم يەنىلا بۇرۇنقىدەك ، ئەمما ئازراق مەزمۇن ۋە ئۆزگىرىشلەر قۇشۇلدى دىيىشكە بۇلىدۇ ، بۇرۇن دائىم ئۇكاش بىلەن سىرتقا چىقاتتىم ، مانا ئەمدى بىزگە ئۇكاشنىڭ ئاكىسى قۇشۇلدى ، ئايگۈزەلنى ھەرقانچە قىلىپمۇ بىرەر قېتىم بىز بىلەن بىرگە چىقىشقا ماقۇل كەلتۇرەلمىدىم. دەم ئېلىش كۈنلىرىمنى ئۈچىمىز بىرگە ئۆتكۈزەتتۇق ، بەزىدە ئىلھامنىڭ ئۈيىگە بېرىپ تاماق ئىتىپ يەيتۇق ، بەزىدە ئۇنىڭ شىركىتىگە باراتتۇق ، بەزىدە كانكا تېيىلىشقا ، بەزىدە تاغلارغىمۇ چىقاتتۇق . نىمە كۈچنىڭ مىنى شۇنچە تىز ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكىنى بىلەلمىدىم...تېخى ئۆتكەندىلا ھەممە نىمە كۆزلىرىمگە شۇنچە سوغاق كۈرىنەتتى ، ئادەملەرمۇ .دەل-دەرەخلەرمۇ سوغۇق ئىدى ، كىشىلەرنىڭ كۈلكىسى ، بىر-بىرىگە قىلغان غەمخورلىقى ساختا ئىدى ...لىكىن ھازىر ئۇنداق ئويلىمايمەن...ئادەملەر بىر-بىرىگە مىھرىبان ، ئەتراپىم باشقىلارنىڭ ئىللىق كۈلۈمسىرىشىگە تولغاندەك ھىس قىلىمەن...ئۇزاق بولغانىدى بۇخىل ھىسىياتنى يوقىتىپ قويغىلى ... بۇ خىل ھىسىياتنى چۇقۇم قەدىرلەيمەن.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئاملاشتۇرۇشلار بولسا ئۈندىدارغا قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ نۇمۇرۇم:295997753
ئەسكەرتىش: قۇشىۋالغاندا كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580071
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12297 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-16 05:28:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىم ئايگۈزەلنى بەكرەك خوشال قىلغانىدى .ئۈزۈممۇ خوشال ئىدىم .ئىلھامنىڭ كۈيىنىشىدىن كۆڭلۈمدە ئۇزۇندىن بىرى ھىس قىلىپ كىلىۋاتقان بوشلۇقنىڭ ئورنى تولدۇرۇلغاندەك ھىس قىلاتتىم ، كۈندە نەچچە قېتىم تىلفۇن قىلاتتى ، نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىمنى ، تاماق يىگەن-يىمىگەنلىكىمنى ، چارچىغان-چارچىمىغانلىقىمنى سورايتتى ، «مەن ساڭا بەك ئامراق»دەيتتى ئۇ ھەركۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر قېتىم تىلفۇن قىلىپ ، ئۇ شۇنداق مىنى ئەركىلەتكۈسى كەلگەندە سەنلەپ قۇياتتى.
  بىر ئاي ئەنە شۇنداق ھەش-پەش دىگۈچە ئۆتۈپ كەتتى .
  ئايگۈزەل بىلەن پاراڭلىشىدىغان ۋاقتىمىز بارغانسىرى ئازلاپ كەتتى ، تاماقنى ئاساسەن مەن ئىتىدىغانلا بولدۇم ، ئۇ ھەم ئىشلەپ ھەم ئاسپىرانىتلىق ئىمتاھانىغا تەييارلىق قىلىپ ناھايىتى ئالدىراش بۇلۇپ كەتكەنىدى،كەچ ۋاقىتلىرى ئۇزاققىچە ئاپپاق بىلەن ئۇچۇر يىزىشاتتى ياكى تىلفۇندا پاراڭلىشاتتى ، كېچىسى مەيلى قانچە كىيىن ئۇخلىمىسۇن ئەتىسى ئەتىگىنى يەنىلا نامازدىن كىيىن ئۇخلىماي ئىنگىلىزتىلى ئۆگىنەتتى ، شۇڭا ئۇنى بىردەم بولسىمۇ ئارام ئالسىكەن دەيتتىم ،
  بۇ ھەپتىدە ئۇ دەم ئالماي ئىشلەپ كەتتى ، ئادەتتە ئۇلار نۆۋەتلىشىپ ئىككى كۈندە بىر قېتىم يېرىم كۈندىن دەم ئالاتتى .ئۇنىڭدىن سورىسام  دۇكاندا بىر قىزنىڭ ئاپىسىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ، ئۇ قىزنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىنىڭ تازا ياخشى ئەمەسلىكىنى شۇڭا ئۇ قىز ئىشقا كىلەلمىگەن ۋاقىتلىرىدا قىزنىڭ ئورنىغا ئىشلەپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ــ ئىشلىگىنىڭگە پۇل قۇشۇپ بىرەمدۇ ؟
ــ ياق ، لىكىن ئۇ قىزنىڭ ئورنىغا قارىشىپ بەرمىسەم ئۇنىڭ مائاشىدىن تۇتىدۇ .
  بۇرۇنقى ۋاقىتلىرىم بولغان بولسا ھەيران قالغان بۇلار ئىدىم...لىكىن ھازىر باشقىلار ئۈچۈن ئۇنچىلىك قۇربان بىرىش ، ئالدىدا باشقىلارنىڭ غېمىنى قىلىش مەن ئۈچۈنمۇ ئانچە يات ئىش ئەمەس ، بۇلارنى ماڭا قايتىدىن ئايگۈزەل تۇنۇتتى.
  ئۇخلاش ئۈچۈن ياتقانىدىم لىكىن ئايگۈزەلنىڭ تېخىچە كىتاپ كۆرۈپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇخلىيالمىدىم  ، سائەتكە قارىسام ئون ئىككى بۇلۇپ كىتىپتۇ .
ــ ئايگۈزەل ئەمدى ئۇخلىساڭ بۇلارمىكىن ، سائەت ئون ئىككى بۇلۇپ كىتىپتۇ .
  ئۇ گىپىمنى ئاڭلىغاندىن كىيىنلا سائەتكە بىر قاراپ قۇيۇپ كارىۋاتقا كەلدى .
ــ يەنە تىلفۇننى ئالىسەنغۇ ؟ ئۇخلىمامسەن ؟ ئەتە سائەت بەشتە تۇرىسەن يەنە!،ــ دىدىم ئۇنىڭ ھارغىنلىق چىقىپ تۇرغان چىرايىغا ، ئۇيقىسىراپ كەتكەن كۆزلىرىگە قاراپ .
ــ بۈگۈن ئاپپاق بىلەن دىيىشىپ قويدۇق  ، ئۇنىڭ بىلەن جىق ئۇچۇر يىزىشىدىغان بولدۇق .
ــ ئۇ تورغا چىقسا ياكى تىلفۇن قىلسىلا بولمىدىمۇ ؟
ــ ئۇ باشقا بىرنەچچە تىجارەتچىلەر بىلەن بىرگە ئىكەن.ئۇنىڭدىن باشقىلار چوڭلار بولغاچقا پاراڭلىشىشقا ئەپسىز بۇلۇپ قالىدىكەن .
  قانداق ئۇخلاپ قالدىم بىلمەيمەن . بىر چاغلاردا تىلفۇننىڭ جىرىڭلىغان ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كەتتىم . ئايگۈزەلنىڭ تىلفۇنى ئىكەن . تىلفۇننى ئالاي دىگۈچە توختاپ قالدى .تاڭ ئېتىپمۇ كىتىپتۇ ، قارىسام تىلفۇن ئايگۈزەلنىڭ قۇلىدا ئىكەن .قارىغاندا ئاخشام خېلىغىچە ئۇچۇر يىزىشقان ئوخشايدۇ.مانا بۈگۈن نامازغىمۇ تۇرالماپتۇ بۇ بىچارە ، ئۇنى ئويغاتمىدىم ، بۈگۈن چۇقۇم ئىشقا باراتتى ، ئۇ باشقىلارنىڭ ئىزىغا ئىشلىگەندىن بىرى بىرەر قېتىممۇ دەم ئېلىپ باقمىدى ، شۇلارنى ئويلاپ ئەتىگەنلىك ناشتىغا تەييارلىق قىلماقچى بولدۇم .
  ھەممىنى تەييار قىلىپ بۇلۇپ ، ئايگۈزەلنى ئويغاتتىم:
ــ چىللاڭ خوراز ، چىللاڭ خوراز ،يايرىم ئويغانسۇن ،
  لەۋلىرىنى چىشلىۋالاي چۆچۈپ ئويغانسۇن !
  ناخشامنى ئاڭلاپ بېشىنى يوتقانغا پۈركەپ  يېتىۋالدى ئۇ!
ــ نامازغىمۇ تۇرمىدىڭ بۈگۈن ! ئاپپاق نەچچە قېتىم تىلفۇن قىلىپ بولدى باياتىن بىرسى!
ــ ئوھ...مەن تۈگەشتىم ،ــ چۆچۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ئۇ .
  مەن تېخى ئۇنى نامازغا تۇرالمىغانلىقىنى ئۈچۈن چۆچۈپ كەتتىمىكىن دەپتىمەن .
ــ بۈگۈن ناماز ئوقۇمايمەن.خۇدايىم رۇخسەت قىپتىكەن...لىكىن يامان بولدى ،ــ دېدى ئۇ تىلفۇننى قۇلىغا ئېلىپ ،ــ ئاخشام ئۇخلاپ قاپتىمەن...ئوھ...ۋاي خۇدايىم ، قارىغىنە ، بىر مۇنچە ئۇچۇر يوللىۋېتىپتۇ...مەن تۈگەشتىم...
  ــ كىچىككىنە ئىشكەنغۇ ساراڭ ، نىمىگە جىددىيلىشىسەن ...
  ئىتتىك تىلفۇن قىلدى ئۇ ئاپپاققا . لىكىن بىردەمدىلا تىلفۇننى قۇيىۋەتتى .
ــ راستىنلا خاپا بۇلۇپ قاپتىما ؟ پاراڭلاشمايلا قۇيۇۋەتتىڭغۇ ؟!
ــ بىلمىدىم ، قوپاللا قۇيىۋەتتى .
  ئۇ كۈنى ئۇ بىر كۈن شۇكلەپلا كەتتى ، تاماق يىگىلىمۇ ئۇنىمىدى، قوللىرىدىن تىلفۇن چۈشمىدى ، قاچانلا قارىسام ئۇنىڭ قىسقا ئۇچۇر يوللاپ ئولتۇرغانلىىقىنى كۆردۈم ،
  كەچلىكى يېتىشتىن بۇرۇن ئۇزاق پاراڭلاشتۇق ئۇنىڭ بىلەن .
ــ ھازىرغىچە خاپىمۇ ئۇ؟
ــ ھەئە ...مەنمۇ بەك خاتا قىلدىم .تۈنۈگۈن ئۇ كۆڭلۈم يېرىم دەپ تۇرسا بىخۇدلىق قىلىپ ئۇخلاپ قالدىم...ئىشەنسەڭ بىز يۈرگەندىن بىرى ئۇنىڭ بۇنداق دىگىنىنى ئاڭلىمىغانمەن ، ئۇ ئەزەلدىن مىنىڭلا كۆڭلۈمنى ئويلاپ كەلگەن ، بىلمەيمەن  ، ئۇنىڭغا بەزى گەپلەرنى ئېيتماي ، ئۇنى ئەنسىرەتمەي دەيمەنيۇ يەنىلا ئۇنداق قىلالمايمەن ، ئۇ ئاۋازىمنى بىرلا ئاڭلاپلا نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلۋالىدۇ ، مىنىڭ دىمىگىنىمگە ئۇنىمايدۇ...ئۇنىڭ بىلەن يۈرگەندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە بەزى ئىشلارغا ھەيرانمەن ، قانداق دىسەڭ ، ئۇنىڭ بىلمەيدىغان ئىشى يوق ، مەيلى ئاغرىپ قالاي ، ياكى مەكتەپتە بەزى ئىشلارغا ئۇچراي ياكى دوستلىرىم ئارىسىدىكى ئىشلار بولسۇن ھامان ئۇنىڭ مەسلىھەتىدە بۇلىدۇ ، ئۇ بەك توغرا يول كۆرسىتىدۇ .
ــ ئۇنىڭغا بەك تايىنىۋېلىپ ئۆگىنىپ قاپسەن ئاي ،  كۆنگەن يامانمۇ كۆيگەنمۇ دەپتىكەن ،..ئىشقىلىپ دىققەت قىلغىن .
ــ مىنى ئۇ ئۆزى شۇنداق كۆندۈرۈپ قۇيۇپتىكەن،،،ئۇ بەك ئەستايىدىل ، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى دەپلا تۇرىدۇ ، كۆردۈڭغۇ ، ئەڭ كۆرۈشمىدۇق دىگەندىمۇ نەچچە سائەتكىچە كۆرۈشمەيمىز شۇ ،،،مىنى پەقەت يالغۇزلۇق ھىس قىلدۇرمايدۇ...ئىشقىلىپ ئۇنىڭ بىرەر كەمچىلىكىنى بايقىيالمىدىم...
ــ ئۇنى بەك ياخشى كۆرۈپ كەتكەچكە بايقىمىغان گەپ سەن ، ئەمەلىيەتتە كەمچىلىكى يوق ئادەم بولمايدۇ . لىكىن رەسىمىدىن قارىغاندا ھەقىقەتەن كىلىشكەن يىگىت ئىكەن .
  ئىككىللىمىز خىيال سۈرۈپ يېتىپ كەتتۇق .
ــ ئېرشاتنىڭ ئاكىسى بىلەن قانداقراق ئۆتىۋاتىسەن ئۆزۈڭ ؟
ــ ھىچقانداق ...
ــ ھىچقانداق دەيسەنغۇ...ئېرشات بەك خوشقۇ ھازىر ، سېنى ئۆيۈمگە ئەپكىتىمەن ، مەڭگۈ بىر تۇققان ھەدە –ئىنى بۇلۇپ ئۆتىمىز دەيدۇ ، بىكار دىيىلگەن گەپ ئەمەس جۇمۇ بۇ !
ــ ساراڭ...،ــئۇنىڭغا چاخچاق قىلغاندەك قىلغان بىلەن يۈرۈكۈم باشقىچە سۇقۇۋاتاتتى ، ئاجايىپ تاتلىق ھىسلاردا بۇلۇپ قالدىم ، لىكىن تۇرۇپلا بۇ ھىسلىرىم نەللەرگىدۇر يوقاپ كەتتى ، دائىم شۇنداق بۇلاتتى ، تاتلىق خىياللارنى قىلماقچى ، كەلگۈسۈم توغۇرلۇق ئويلىماقچى بۇلاتتىم .ئەمما ئارقىدىنلا ئۆتمۈشۈم،،،قايسى ياتاقتا كىملەر بىلەن ئۈتۈپ كەتكەن كېچىلەر،،،رەڭگارەك چىراق دۇنياسىدا قۇلۇم كىملەرنىڭ قۇلىدا ، بىلىم كىملەرنىڭ قۇلىدا ...ھەممە ئىشلار كۆز ئالدىمغا كىلەتتى ، زىمىننىڭ مىنى كۆتۈرۈپ يۈرگىنىگىمۇ ھەيران بۇلاتتىم ...بۇنداق ھىسىيات ، بۇنداق پۇشايمان مەندە ئەزەلدىن بۇلۇپ باقمىغان ، ئىچ-ئىچىمدىن سىقىلاتتىم ، پۇشايمان قىلاتتىم ، ئەگەر ئاشۇ ۋاقىتلىرىمغا بىر قايتالىغان بولسام ھە،،،بېشىم كىتىدىغان ئىش بولسىمۇ ئاشۇ بىر قەدەمنى خاتا باسمىغان بۇلاتتىم ، قەدىر-قىممىتىمنى ، قىزلىق ھۆرمىتىمنى ، خوشاللىقىمنى ، پاك قەلبىمنى يۈتۈرۈپ قويمايتتىم...
  كۆڭلۈم يېرىم بولغانلىقى ئۈچۈن ئايگۈزەلنى گەپكە سېلىپ گەپنىڭ تىمىسىنى يۆتكۈۋەتمەكچى بولدۇم .
ــ ئايگۈزەل ، سەن ئاپپاق بىلەن توردا تۇنۇشقانما ؟
ــ شۇنداق دىسەممۇ بۇلارمىكىن ، ئاللانىڭ ئىرادىسى بىلەن كىيىن توردا ، مۇنبەردە ئۇچۇرشۇپ قالمىغان بولساق ، تاڭ جۇمۇ ، ئۇ بىزنىڭ سىنىپتىكى بىرقىزنىڭ تۇلۇقسىزدىكى ساۋاقدىشىكەن ، بىز ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا بىر قېتىم كۈرۈشكەن ، كىيىن توردا تۇنۇشۇپ خېلى بىر چاغلاردىن كىيىن ئاندىن ئىسىمىزگە كەلدى ئۇ ئىشلار...
ــ ھە...
ــ ئۇنى ئۈمۈدسىزلەندۇرۇپ قويدۇم ، ئۈزۈمگىمۇ ئۆچ بۇلۇپ قالدىم...
ــ ئۇنداق دىمە ، ھېلىمۇ سەنچىلىك قىلماق ئاسان ئەمەس...
ــ ئۇنىڭ قىلغانلىرىغا مەن ھەرنىمە قىلسام ئەرزىيدۇ .
ــ ئۇغۇ شۇنداق ... ...بولدى كۆڭلۈڭنى توق تۇتە،،،
-ـ ئېم ماقۇل ، بىلىمەن ئۇماڭا قىيمايدۇ...
ــ شۇنداق بولغاندىكىن بۈگۈن نىمىشقا تاماقمۇ يىمەيسەن ؟ ئەتە ئۇ تىلفۇن قىلسا نىمە دەيسەن ؟ يەنە ئۇنى ئەنسىرتەمسەن ؟
ــ ماقۇل ، ماقۇل ، ئەتىدىن باشلاپ تاماقنى ئوبدان يەي ، بىر قېتىملىقىنى ئۆزۈم ئۈچۈن دەپ تۇرۇپ يىسەم بىر قېتىملىقىنى <ئاپاق يايرىم ئۇچۇن > دەپ تۇرۇپ يەي،،،ھى ھى ھى...
ــ  ھە،،،ئەمدى ئۇنىڭ ئاپاق يارىغا ئوخشىدىڭ !

  ئۇنىڭ بىلەن خېلى ئۇزۇن پاراڭلاشتىم ، گەپنىڭ ھەممىسى يەنىلا ئاپاق توغرىسىدا بولدى ، ئايگۈزەلنىڭ ئۇ ، ئۇلار توغرىسىدىكىنى ئاڭلىغانسىرى ھەم ھەيران بۇلاتتىم ھەم ئۇلارغا مەستلىگىم كىلەتتى .لىكىن ئويلىماپتىمەن...ئاشۇ بىر قېتىملىق خاتالىقنىڭ دوستۇمنى بىر ئۆمۈر داغدا قۇيىشىنى...
  قەلبىمگە يەنە بىرى كىرەلەيدۇ ، مۇزلاپ كەتكەن يۈرۈكۈمنى يەنە بىرى ئىللىتالايدۇ دەپ ئويلىمايتتىم ، نەزىرىمدە دۇنيادا ياخشى ئوغۇللار يوق ئىدى .ئىلھامنىڭ قىلىۋاتقانلىرىغا قاراپ ھەم خوشال بۇلاتتىم ، ھەم خىجىل بۇلاتتىم ھەم ئازاپلىناتتىم .ئېرشات ئۇكام بەكمۇ خوشال ، كۆرۈنۈشتە مەنمۇ خوشالدەك ، لىكىن ئەمەلىيەتتە يۈرۈكۈمىنىڭ قان يىغلايدىغانلىقى ئۆزۈمگىلا ئايان!
  يېقىندىن بىرى نىمە بولدۇقكىن...ئۆيدە بىر خىل جىمجىتلىق ھۈكۈم سۈرۈدۇ...ئايگۈزەلنىڭ شوخ كۈلكىسىنى ، ئەتتىگەندىلا «بىر كۈنى ھېسامكام...»دەپ باشلايدىغان يۇمۇرلىرىنى ئاڭلىمىغىلى خېلى بولدى ، كېچىسى ئۇخلاشتىن بۇرۇن قىلىشىدىغان مۇڭ پاراڭلىرىمۇ ، «ئاپاق يارىم» دەپ قىلىشىدىغان تاتلىق پاراڭلىرىمۇ يوقلا بۇلۇپ كەتتى ، ئۇنىڭ بىلەن ياخشىراق پاراڭلىشاي دىسەم بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۆزىنى قاچۇرۇدۇ ،،،
  ئۇ كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ تۇرسام ئېرشات ئۇكام تىلفۇن قىپتۇ ، چۈشتىن كىيىن دەرسىنىڭ يوقلىقىنى ، خالىسام ئۈچىمىز بىرگە بېرىپ تاماق يەپ كىلىشنى ئېيتىپتۇ ، ئايگۈزەلنىڭ تازا مىجەزى يوق ، ئۇنىڭغا قارايمەن دىدىم ،دىمىسىمۇ  ئۇ يېقىندىن بىرى تۈزۈك تاماقمۇ يىمەيدۇ ، مەندىن يۇشۇرۇنچە يىغلايدۇ...ئاپاق تېخىچە خاپا...قايسى كۈنى ئۇنىڭ شۇنداق يىغلاپ تۇرۇپ ئاپاقتىن كەچۇرۇم سورىغانلىقىنى ئاڭلىدىم . كىيىن قانداق بولدىكىن ... قارىماققا كىچىككىنە ئىش ، لىكىن ئاپاقنىڭ كۆڭلىگە بەك قاتتىق تەگكەن بولسا كېرەك ،،،ئۇلار چۇقۇم ئوڭشىلىپ كىتىدۇ ، مەن بېرىپ ئايگۈزەلگە تاماق ئىتىپ بىرەي .
  ئۆيگە كەلسەم ئۇ باركەن .ئادەتتە چۈشتىن بۇرۇن  ئىشلىگەنلىرىدە مۇنداق بۇرۇن ئۆيگە قايتمايتتى .
ــ بۈگۈن ئىشتىن ئەجەپ بۇرۇن چۈشۈپسەنغۇ ؟
ــ ئەمدى ئىشلىمەيدىغان بۇلۇپلا كەلدىم ،ئىمتاھانغىمۇ ئاز قالدى...
  ئۇنىڭ ئىمتاھاننى تىلغا ئېلىشى ئېنىقلا بىر باھانە ئىدى ، «بىلىمەن ئاي ، مىنىڭمۇ سەندەك ۋاقىتلىرىم بۇلۇپ باققان ، بۇنداق ۋاقىتلاردا كىشىگە ھىچنىمە خۇش ياقمايدىغان گەپ ، ئادەمنى جىسمانى ھاردۇق ئەمەس ، روھى ھاردۇق كاردىن چىقىرىدۇ ، بىلىمەن ، بىر ھەپتىدىن بىرى ساڭا تەسەللى بىرىپلا كەلدىم ، ئۈزۈڭمۇ ئۇنى چۇقۇم ئاچچىقىدىن يېنىپ قالىدۇ دەپلا ئويلىدىڭ ، شۇڭا بۇ كۈنلەرنى ئۆتكۈزەلىدىڭ...خۇدايىم شۇنداق بۇلىشىنى نىسىپ قىلغاي ئىلاھىم...مەن كۆرگەن كۈنلەر سىنىڭ بېشىڭغا كىلىپ قالمىسۇن...سەندەك ياخشى قىزلار ھەقىقى بەختكە ئىرىشىشى كېرەك...»
  سىرت سوغۇق ئىدى ، توختىماي يېغىۋاتقان يامغۇر تۆۋەن كەيپىياتىمىزنى تېخىمۇ تۆۋەنلىتىۋەتتى...چۇشتە ئايگۈزەلگە پولو ئىتىپ بەردىم ، لىكىن پەقەت تۈزۈك يىمىدى ، بىر گەپ قىلساملا يىغلاپ تاشلايدىغاندەك تۇرقىغا قاراپ ئۇنىڭغا ئاپپاق توغۇرلۇق گەپ قىلالمىدىم .
  چۈشتىن كىيىن ئۇ ئۆزىنىڭ ياتاق ئۆيىگە بىرلا كىرىپ كىتىپ چىقمىدى ، مەنمۇ ئۇنىڭغا دەخلى قىلىشنى خالىمىدىم . ئولتۇرسام ئىلھام تىلفۇن قىپتۇ :
ــ ھازىر مەن ئۆيۈڭنىڭ ئالدىدىلا ، تىز چىقە ، بۇ يەرگە ماشىنا توختاتسا بولمايدىكەن .
ئۇ ئۇنداق دەۋاتسا ئارتۇق باھانە-سەۋەپنىڭ ئورنى يوق ئىدى ، كىيىملىرى ئىتتىك-ئىتتىك كىيىپلا ئۇنىڭ يېنىغا چۈشتۈم .
ــ نىمە ئىش بولدى ، جىددىيلەشتۇرۇپ ئادەمنى ؟
ــ تىز چىقە !
  ماشىنىغا چىقىپ بولغاندىن كىيىنمۇ ئۇ نەگە بارىدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ بەرمىدى ،
ــ دەپ بىرىڭە ...ئادەم جىلە بۇلۇپ قالغاندا تېخىمۇ جىلە قىلماي ئادەمنى!
-نىمىگە جىلە بۇلۇپ قالغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بەرسىڭىزكەن ئاۋال .
ــ ئاۋال سىز ئېيتىپ بىرىڭ .
ــ ماقۇل ، قاراڭ گۈزەلئاي نىمىشقىكىن يامغۇرنى بەك ياخشى كۆرىمەن . يامغۇردا  ئايلىنىشنى ، كۆڭلۈمدىكى ئادىمىم بىلەن سەيلە قىلىشنى ، يۈزلىرىمگە چۈشكەن سوغۇق يامغۇر تامچىلىرىنى ياخشى كۆرىمەن .ئىمكانىيەت يار بەرسە يالاڭئاياق يىغىلىپ قالغان يامغۇر سۇلىرىغا كىچىپ ئوينىسام ، يامغۇرلۇق يوللاردا ھارغۇچە يۈگۈرسەم دەيمەن...شۇڭا گەرچە بۈگۈنكى يامغۇر كەچكۈز يامغۇرى بولسىمۇ يەنىلا سىز بىلەن بىرگە تاماششا قىلغۇم كەلدى... ئەمدى دەڭە  ، سىزگە نىمە ئىش بولدى ؟
ــ ئايگۈزەلنىڭ تازا مىجەزى يوق ، يا سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كىرەيلى دىسەم ئۇنىمايدۇ ، يا تۈزۈك تاماق يىگىلى ئۇنىمايدۇ ، ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپلا قالدىم .
ــ يەنە ئالدىنقى قېتىمقى ئىش ئۈچۈنمۇ ؟
ــ ھەئە ...
ــ ھەممە ئىشلار ياخشى بۇلۇپ كىتىدۇ ، مۇشۇ قىزلار بىر ئىشلارغا سەل بىپەرۋاراق بولساڭلار دەيمەن ، كىچىككىنە ئىشلارغىمۇ ئىچىڭلارنى پۇشۇرۇپ يىغلاپ يۈرۈيسىلەر  ، غەيرەت قىلاي دىمەيسىلەر . ئۇمۇ ياخشى بۇلۇپ كىتىدۇ. ھەممە ئىشلار ئۆتۈپ كىتىدۇ .
  ئۇنىڭغا ئارتۇق گەپ قىلماي ماشىنىنىڭ دەرىزىسىدىن سىرتقا قاراپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇردۇم . خېلى ماڭغاندىن كىيىن ئاجايىپ چىرايلىق بىر يولغا چىقتۇق ، ئىككى تەرىپى بۈككىدە دەرەخلىك ئىكەن ،كۈزنىڭ خاسىيىتىن ئاجايىپ چىرايلىق تۈسكە كىرگەن ، خۇددى كىنولاردىكىدەك بۇ مەنزىرىگە قاراپ  بەكلا خوشال بولدۇم...
  ماشىنىدىن چۈشتۇق ، ئاياقلىرىمىزنى سېلىپ ماشىنىغا تاشلاپ قۇيۇپ يامغۇرلۇق يولدا سۇغا كىچىپ ئوينىدۇق ، خۇددى كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدىكىدەك...كۈلكە دىگەن مۇشۇنداق بولسا ھە ! دوستلۇق دىگەندەكمۇ مۇشۇنداق بولسا ، مىننەتسىز ، مىھنەتسىز بولسا ، پاك بولسا پاكىز بولسا ...
  يولنىڭ بويىدا بىر-بىرىمىزگە ياندىشىپ ئولتۇرىمىز ، بېشىمنى قاچان ئىلھامنىڭ مۈرىسىگە قۇيىۋالغىنىم ئىسىمدە يوق ، خىيالىمدا چۈش كۆرىۋاتىمەن ...ئاجايىپ تاتلىق ، تاتلىق چۈش ...چۈشلىرىدە تانسا كېچىلىكىگە بارغان كۈلقىزنىڭ چۈشىدەك ...سەرەڭگە ساتقۇچى قىزنىڭ بىر تال سەرەڭگىنى ياندۇرغىچە قىلغان شۇنچە كۆپ شۇنچە تاتلىق خىياللىرىدەك ...چۈشلىرىمدىن ، خىياللىرىمدىن ئويغىنىپ كىتىشنى خالىمايتتىم .بىراق ئىلھام گەپ قىلىپ خىيالىمنى بۇزىۋەتتى :
ــ گۈزەل ، ساڭا دەيدىغان بەزى گەپلىرىم باتتى ...
  كۆزلىرىم ئاچماي تۇرۇپ ئازراق مىدىرلاپ قويدۇم ، بۇ قۇلىقىم سزدە دىگىنىم ئىدى :
ــ ئەمىسە گىپىمنى قىلىۋىرەي ، سەن ماڭا قانداق قارايسەن بىلمەيمەن ...بىز راسمىي تۇنۇشقىلى پەقەت بىر ئايدىن ئاشتى ، لىكىن سىنىڭ گەپلىرىڭنى ئۇكامدىن ئاڭلاپ كەلگىلى ناھايىتى ئۇزۇن بولدى ، ئۇكامدىن گىپىڭنى ئاڭلىغان شۇ ۋاقىتتىن باشلاپلا ساڭا غايىبانە ئامراق بۇلۇپ قالغانمەن ، لىكىن ھازىر قىزلار ، جەمىيەت دىگەندەكلەرگە پەقەت ئىشەنگىلى بولمايدىغان بۇلۇپ كەتتى ، ئۈزۈڭمۇ بىلىسەن ، بۇ دىگىنىم ساڭا ئىشەنمەيمەن دىگىنىم ئەمەس...توغرا چۇشەنگىن...شۇڭا ئۇ ۋاقىتلاردا سەن بىلەن كۆرۈشۈشكە ئانچە ئالدىراپ كەتمىدىم ، ئەمما ئۇكامدىن ھەممىنى ئىگەللەپ تۇردۇم ، سەن بىلەن كۈرۈشمەي تۇرۇپلا سەندەك بىر قىزنىڭ بىر ئۆمۈز يېنىمدا بۇلىشىنى ئارزۇ قىلىشقا باشلىغانمەن...كىيىن كۈرۈشتۇق ، ئارزۇيۇم تېخىمۇ كۈچەيدى ، لىكىن بىلىمەن ، ساڭا بەرگەن ۋاقىت بەك ئاز بۇلۇپ قالدى ،..شۇڭا قانداق ئويلايدىغانلىقىڭنى بىلىپ باققۇم بار گۈزەل ؟
  ئۇنىڭغا ئاچچىقىم كەلدى ، شۇنچە تاتلىق خىياللانى سۈرۈۋاتاتتىم ، چۇشلەرنى كۆرىۋاتاتتىم ، خىياللىرىمدا ، چۈشلىرىمدە ھىچكىم مېنى بوزەك قىلالمايتتى ، مەسخىرىلىك چىرايلار ، شەھۋەت ئۇچقۇنلىرى چاچراپ تۇرغان كۆزلەر يوق ئىدى . «مۇھەببەت» دىگەن چىرايلىق توننى يېپىۋالىدىغان ئوغۇللار ، بايلىققا ، رەڭگارەك چىراقلارغا ئۆزىنى ئاتقان ، بىر كېچىلىك ئويۇن ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كېچىسى بىلەن كارى بولمايدىغان قىزلار يوق ئىدى ...
ــ ھىچقانداق ئويلىمىدىم ، سىز بىلەن مەڭگۈ مۇشۇنداق دوست بۇلۇپ ئۆتكۈم بار ،ــ دىيەلىدىم ئارانلا .
ــ ئويلاپ باقسام مەن توغۇرلۇق پەقەت ئۇكامنىڭ ئاغزىدىن مەدھىيلەش سۆزلىرىنىلا ئاڭلاپ كەپسەن ، بەلكىم سىنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش كەلگۈسىدە سەن بىلەن بىرگە ئۆتىدىغان ئاشۇ يىگىتكە قۇيىدىغان ياكى كۈتىدىغان تەلەپلىرىڭ باردۇ ، دىگىنە ، مەن ئاڭلاپ باقاي ، سىنىڭ يىگىتلەردىن كۈتىدىغان تەلىۋىڭنى ئاڭلاپ باقاي !
ــ مىنىڭ ھىچقانداق ئارتۇق تەلىۋىم يوق ، سىزگە دىسەم  ئايگۈزەل بىلەن بىرگە تۇرغىلى توت ئاي بوپتۇ ، لىكىن تۆت يىل بىرگە تۇرغاندەك بىلىنىدۇ ، نىمىشقا دىسىڭىز ئۇنىڭدىن ئۆگەنگەنلىرىم ، ھىس قىلغانلىرىم ، يۈتۈرۈپ قويغانلىرىمنى تېپىۋالغانلىرىم بەك كۆپ ،،،ساناپ بىرىپ بۇلالمايمەن ...ئۇنىڭدىن بۇرۇن بىرەر يىگىتنىڭ ئۆمۈرلۈك جۇپتى بۇلىمەن دىگەنلەرنى ئويلاپ باقمىدىممۇ ياكى ئويلاپ باققان بولساممۇ تازا ئىسىمدە يوقمىكىن تاڭ !ئىشقىلىپ يىگىتلەردىن نىمىلەرنى كۈتىمەن دىگەننى ئانچە ئويلىشىپ باقمىغانىدىم ، مانا ئەمدى ئۇلارنىڭ تەسىرىدىنمىكىن مەنمۇ خۇددى ئايگۈزەلنىڭ ئاپاق يارىدەك ئىمان-ئىتىقادلىق ، خۇتۇننى قانداق باشقۇرۇشنى بىلىدىغان ، ھەقىقى ئەركەكتەك يىگىتلەرنى تاپسام دەيدىغان بۇلۇپ قالدىم ، نىمىشقا بۇنداق ئويلاپ قالغىنىمنى ئۈزۈممۇ بىلمەيمەن .
ــ قىزلار ئەسلىدىنلا بىزنىڭ باشقۇرىشىمىزغا مۇھتاج ، لىكىن بۇنى سىلەر ئەركىنلىكىمىزگە ئارىلىشىۋالغانلىق دەپ چۈشىنىسىلەر ، ئەمەلىيەتتە بۇلار ئەركىنلىككە ئارىلاشقانلىق ئەمەس ، سىلەرگە مەسئۇل بولغانلىق ، كۆڭۈل بۆلگەنلىك ، سىلەرنى ھەم ئۆزىمىزنى گۇناھلىق ئىشلاردىن توسۇغانلىق .
ــ ھەئە ، بۇرۇننىڭ بۇرۇنسىدا شۇنداق ئويلايتتىم ، لىكىن جەمىيەت ماڭا سىنىڭ ئويلىغانلىرىڭ خاتا دىدى ، مەنمۇ باشقىلار ماڭغان يولدا مېڭىپ باقتىم ، ئەمدى قارىسام يەنىلا بۇرۇننىڭ بۇرۇنسىدىكى ئىدىيەم توپتوغرا ئىكەن .
ــ گۈزەل ، بىزمۇ ئاتا-ئانا بۇلىمىز ھە...! ئويلىسام ئەجەپ بۇلۇپ قالىمەن ، تېخى ئۆتكەندىلا كىچىك بالىلار ئىدۇق ئويناپ يۈرگەن ، مانا ئەمدى تۇرمۇشلۇق بۇلۇشنى ، ئاتا-ئانا بۇلۇشنى ئويلىشىۋاتىمىز .
ــ نىمە دىسەم بۇلا ئىلھام ، ھازىر مەنمۇ كۆپ خىيال سۈرىدىغان بۇلۇپ قالدىم ، ئاخمىقانە ، شىرىن خىياللار ، ئاڭلاشنى خالامسىز ؟
ــ بەك خالايمەن گۈزەل !
ــ قاراڭ ، زاڭلىق قىلماڭ ئەمىسە ھە ! مىنىڭمۇ توي قىلىدىغان كۈنۈم بۇلارمۇ دىگەنلەرنى ئويلايمەن ، ئەگەر راستلا مەنمۇ باشقا قىزلاردەك ئاشۇنداق ئۇلۇغ شەرەپكە مۇيەسسەر بولالىسام ، ئاشۇ كۈنى چۇقۇم ئەتلەستىن كۆينەك كەيگەن ، چاچلىرىمنى ئۇششاق ئۆرۈپ ، يۈزۈمگە نىپىز رومال ئاتقان ، تۇيۇمدا ھاراق دىگەندەك ھارام نەرسىلەرنى يوللاتماي ، ھەقىقى ئۇيغۇرنىڭ تۇيىدەك توي قىلسام دەيمەن .
ــ ئاندىنچۇ ؟
ــ ئاندىن ، ئاندىن راستىنى دىسەم  يەنە قاچاندىن بىرى شۇنداق ئويلايدىغان بۇلۇپ قالدىم بىلمەيمەن ، ئىشقىلىپ خىزمەت قىلغۇم يوق ، مەنمۇ ئايگۈزەلدەك ناماز ئوقۇسام ئۈزۈمنىڭ گۇناھلىرىغا توۋبە قىلغاچ يولدىشىمنىڭ ، بالىلىرىمنىڭ بەختىگە ، ئىنسابىغا ئاتاپ دۇئا قىلسام دىگەنلەرنى ئويلايمەن .
ــ گۈزەل !
ــ ھە !
  ئىلھام بىلەن ئۇزاقتىن ئۇزاق قارىشىپ تۇرۇپ كەتتۇق ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن رازىمەنلىك ، ھاياجانلىق ،خوشاللىق  چىقىپ تۇراتتى ، قوللىرى قوللىرىمنى چىڭ تۇتۇۋالغان ئىدى ، خىجىل بۇلۇپ كۆزلىرىمنى ئېلىپ قېچىپ  يالاڭئاياق ، يامغۇر سۇلىرىدا ھۆل ھەم شالتاق بۇلۇپ كەتكەن پۇتلىرىمغا قاراپ ئولتۇرىۋالدىم .
ــ گۈزەل !
ــ ھە !
ــ ماڭا قارىغىنە ، ساڭا گەپ قىلاي ،  ھە مۇنداق ، سىنىڭ ئاشۇ خىياللىرىڭنى ئىككىمىز  بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى بۇلامدۇ ؟! ماڭا ئىشىنەمسەن ؟
  يەنە گەپ قىلالمىدىم ، ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنى ۋە ئۆتمۈشۈمنى ئىتراپ قىلغۇدەك جۇرئىتىم يوق ئىدى .
ــ قارا گۈزەل،ــ دەپ يەنە گەپ باشلىدى ئۇ ،ــ ساڭا <مەن مۇشۇ كەمگىچە بىرەرسى بىلەن يۈرۈپ باقمىغان >دىسەم ئىشىنەمسەن ؟ راستىنى دىسەم بۇرۇن بىرىنى يۇشۇرۇن تۆت يىل ياخشى كۆرگەن ، لىكىن مىنىڭمۇ ئۆزۈمگە چۇشلۇق ئارزۇلىرىم باتتى ، ئاشۇ ئارزۇلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالىي مەكتەپتە بەش يىل ھىچقايسى قىزغا قارىماي ئۆتۈپ كەتتىم ، كۆردۈڭ ، ھىچكىمدىن قېلىشقۇدەك يېرىمىز يوق ، مىنىڭمۇ ئوينىغۇم كىلىپ باققان ، جۈپ-جۈپ بۇلۇپ يۈرگەنلەرگە قاراپ مىنىڭمۇ جۈپ بولغۇم كىلىپ باققان ، لىكىن ئارزۇيۇم مەندىن بەدەل تۆلەشنى تەلەپ قىلاتتى ، شۇنداق قىلىپ ئارزۇ ئۈچۈن ھەممىدىن ۋاز كەچتىم ، بىراق بىر قېتىم ئازغىلىمۇ تاس قالغان ، خېلى يېقىن ئۈتىدىغان بىر قىز بەكلا بېشىمنى ئاغىرتىپ قويدى ، ئادەتتىغۇ قىزلارنىڭ ئۇنداق كۆڭۈللىرىگە ئىتىبار قىلىپ كەتمەيتتىم ، لىكىن ئۇ قىز باشقىلارغا ئوخشىمايتتى ، ھەم چىرايلىق ھەم ئەقىللىق قىز ئىدى ، خاراكتىرى كۈچلۈك ئىدى ، ئۇنداق قىزلارنىڭ كۆڭلى ئازار يەپ قالسا ئۆزىنى تۇتۇۋالمىغى ئاسان ئەمەس  ، ئاسانلا ھىسىياتقا تايىنىپ ئىش قىلىپ  قىلىپ سالىدۇ .شۇڭا شۇ قىز سەۋەپلىك تاس قالدىم يۇرۇپ سالغىلى ، لىكىن كىيىن ئويلىسام ياخشى بولمىغۇدەك . مۇھەببەتبى ھىسداشلىقنىڭ ئۈستىگە قۇرغۇم كەلمىدى ، ئۇ قىزغا بەك ياخشى مۇئامىلە قىلدىم لىكىن ، كىيىن تېخىمۇ ياخشى دوست بۇلۇپ كەتتۇق . ئۇمۇ ماڭا مەدەت بىرىپ تۇردى ، شۇنداق قىلىپ ئۇ ئىشلار جايىدا ھەل بولدى ، ئۇ قىز بىلەن ھازىرمۇ ناھايىتى ياخشى ئۆتىمىز ، ئۇنىڭ ئوغۇل دوستىمۇ بار ھازىر...
ــ كىيىنچۇ ؟ ئىگىلىك تىكلەش توغۇرلۇق سۆزلەپ بىرەمسىز ؟
ــ كىيىن يەنە شۇ ئارزۇنىڭ ھەلەكچىلىكىدە چېپىپ يۇردۇم ،ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدىكى جاپالارنى ، تارتقان كۈنلىرىمنى كىيىن دەپ بىرەي ، ئىشەنسەڭ ئۆزۈمگە تايىنىمەن دىگەن نىيتىم بولغاچقا بەك قىينالدىم ، ھەتتا بىرەر ۋاق تاماق يىگۈدەك ۋاقىت چىقماي مانا ھازىرقى ئاشقازىنىم ئاغرىيدىغان كېسەل ئەنە شۇ تىرىشچانلىقنىڭ ماڭا بەرگەب سوۋغىتى...
  ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ دىمىم تېخىمۇ ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى ، ئاھ خۇداھ ، نىمىشقىمۇ ئاشۇنداق مەسئۇلىيەتچان ، ھەقىقى مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلىدىغان بالىغا بۇرۇنراق ئۇچراتمىغانسەن ؟ ئەگەر ئەتراپىمىزدىكى ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى مۇھەببەتنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى ، مەسئۇلىيىتىنى مانا ئىلھامدەك ، ئۇكام ئېرشاتتەك ، ئايگۈزەلنىڭ ئاپپاق يارىدەك چۈشەنگەن بولسىچۇ ھە ؟!  بەلكىم مەندەك قىزلاردىن نەچچە ئونى ئازلىغان بۇلار ئىدى ...
  كەچتە قايتىپ كەلسەم ئايگۈزەل ئۇخلاپ بوپتۇ ، ھېلىمۇ بىچارە تۈزۈكرەك ئۇخلاپ باقمىغىلى نەچچە كۈن بۇلۇپ كەتتى ، قارىسام قۇلىدا تىلفۇن بار ئىكەن ...ئاستا تىلفۇننى ئېلىۋېتىپ مەنمۇ يوتقاننڭ ئىچىگە كىردىم ، ئايگۈزەلنىڭ پىشانىسىگە يىنىك بىرنى سۆيۈپ قۇيۇپ ئۇنىڭ يېنىدا جىمغىنە ياتقىنىمچە بۈگۈنكى تاتلىق خىياللارنىڭ ئاخىرىنى سۈرۈشكە باشلىدىم... ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئاملاشتۇرۇشلار بولسا ئۈندىدارغا قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ نۇمۇرۇم:295997753
ئەسكەرتىش: قۇشىۋالغاندا كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580071
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12297 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-16 05:29:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايگۈزەلدە كەچكىچە ھىچقانداق ئۆزگىرىش يوق ، ئۇنىڭ يېنىدىن ئۈچىلىمىز بىر قەدەممۇ ئايرىلمىدۇق ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ ،كارىۋات بېشىدا ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرىمەن . دوختۇر ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە خەۋەر قىلىشنى ئېيتتى ، لىكىن ئۇنداق قىلمىدۇق ھەم قىلالمىدۇق ، ھەتتا ئاپىسى تىلفۇن قىلىپتىكەن يالغان سۆزلەپ بىر نەرسىلەرنى دەپ تىلفۇننى قۇيۇۋەتتىم .
  ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ گەپ قىلماي يۈرگىچە زادى نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورىسام بوپتىكەن ، ئۈتۈپ كەتكەنمەن دۆتكەنمەن ، ئادەم بىر ئىشنى ئىچىگە ئېلىۋەرسە مۇشۇنداق بۇلۇشىنى بىلەتتىمغۇ  ، ئۇنىڭ ئاپاق بىلەن مەندىن باشقا ھەممە گەپلىرىنى ئېيتىپ سىرداشقۇدەك ئادىمى بولمىسا نىمىشقىمۇ ؟؟؟نىمىشقىمۇ ئۇنىڭدىن سورىمىغاندىمەن ، بەلكىم ماڭا يىغلاپ ئولتۇرۇپ ھەممە گەپلىرىنى دەۋالسا بۈگۈنكى ئىشلار يۈز بەرمەستى...
  ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن كۈنلەرنى بىرمۇ-بىر ئويلاۋاتىمەن...ئەنە يېڭى كۈچۈپ كىرگەن ۋاقتى ،ئوماق ، كۆزلىرى كۈلۈپلا تۇرىدىغان قىز...تولا سۇئال سوراپ ئادەمنى جىلە قىلىپ كىتىۋاتقان قىز ، تاماق ئىتىشنى بىلمىگەن ھالىغا تاماق ئىتىمەن دەپ ئوخشىمىغان تامىقىنى ئادەمگە يىگۈزۈپ بىزار قىلىۋەتكەن قىز ، قاپىقىم تۈرۈلۈپ بولغۇچە <بىر كۈنى ھىسامكام ...> دەپ يۇمۇر باشلاپ بۇلىدىغان قىز...كۈندە كەچلىرى ئاپاق بىلەن ئۇزاقتىن-ئۇزاق مۇڭدىشىپ ، يۈزلىرى قىزىرىپ كىتىدىغان قىز...ھەر كۈنى جەيناماز ئۈستىدە ئاللاھتىن ھەربىر مۇسۇلمان قىزلىرىمىز ئۈچۈن ھىدايەت تىلەپ ياش تۆكىدىغان قىز...
  تۇيۇقسىز ئۇنىڭ <ئاللاھ ھەرگىز بەندىلىرىنى  تار يولدا قويمايدۇ ، چىن كۆڭلۈڭدىن ھەقىقى سەجدە قىلىپ تىلىسەڭ ئاللا تىلىگىنىڭنى بىرىدۇ > دىگەنلىكى ئىسىمگە كەلدى .
__ ئۆيگە كىتىمەن ئىلھام .
__ نىمە ؟ تۇرۇپلا...
__ مىنى ئۆيگە ئاپىرىپ قۇيۇڭ ، ئاندىن ئايگۈزەلنىڭ يېنىدا ئىككىڭلار قېلىپ قېلىڭلار...ئۇ چۇقۇم ياخشى بۇلۇپ كىتىدۇ ، مىنىڭ ئۆيدە ئازراق قىلىدىغان ئىشىم بار .
  ئىلھام نىمىشقا تۇرۇپلا يىغام توختاپ ، قەتئىي بۇلۇپ قالغانلىقىمغا ھەيران بولغان ھالدا بۇيرۇقۇمغا بويسۇندى .
  ئايگۈزەلنىڭ ھۇجۇرسىغا كىردىم . ھازىر بۇ ئۆي ئۇنىڭ ناماز ئۇقۇيدىغان ، ئۆگىنىش قىلىدىغان ئۆيى ئىدى ، كۆزلىرىمگە ئۇ كۆرۈنۈپ كەتتى ، تىزلىرىنى قۇچاقلاپ ئولتۇرۇپ ئۇچۇر يىزىۋاتقان...لىچەك بىلەن جەيناماز ئۈستىدە ئولتۇرۇپ دۇئاغا قول كۆتۈرىۋاتقان ئايگۈزەل...
  مۇنچىغا كىردىم ...
  مۆجىزە يۈز بىرىشىنى ئويلىغان بولسام كېرەك ...ئاللاھنىڭ مۇنچە تىز تىلىكىمنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلمىسەممۇ ، ناماز ئۇقۇشنىڭ قائىدىسىنى تۇلۇق ، تەپسىلى بىلىپ كەتمىسەممۇ جەيناماز ئۈستىدە تۇرۇپ ئاللاھتىن تىلىمەكچى بولدۇم...
  خۇددى ئايگۈزەلدەك يىغلاپ تۇرۇپ تىلىدىم ، گۇناھىمنى تىلىدىم ، ئايگۈزەلنىڭ ساقلىقىنى تىلىدىم ، نىمىشقىكىن بۇرۇن جەينامازغا چىقىشتىن ، ئاللاھتىن تىلەشتىن قورقاتتىم ، جۇرئەت قىلالمايتتىم ،مانا ئەمدى جەيناماز ئۈستىدە تۇرۇپ ئاللاھتىن تىلەۋاتقىنىمدا ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا ناھايىتى يېقىن تۇرىۋاتقان ھىس قىلىپ قالدىم ...
  قانچىلىك يىغلىدىم ، قانچىلىك سەجدە قىلدىم بىلمەيمەن ، بىر چاغدا تىلفۇنۇم توختىماي جىرىڭلاپ كەتتى ، <چۇقۇم دوختۇرخانىدىن كەلدى> دەپ ئويلىدىمدە ، دۇئا قىلىپ ئورنۇمدىن تۇردۇم .
__ ئايگۈزەل ھۇشىغا كەلدى ، تەييار بۇلۇپ تۇر ، سېنى ئالغىلى بارىمەن ...
  پۇت-قۇلۇمغا ماغدۇر كىرگەندەك بولدى ، قايتىدىن جەينامازغا چىقىپ ئاللاھقا كۆپ شۈكۈرلەرنى ئېيتتىم ، ئاندىن كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ ئىلھامنىڭ كىلىشنى كۈتتۈم .
  ئىلھاممۇ بىردەمدىلا كىلىپ بولدى ، يولدا بارغۇچە ئاپاققا تىلفۇن قىلدىم ، چۈنكى ئايگۈزەلنىڭ كۆزىنى ئېچىپلا ئۈمۈد بىلەن تىلفۇنغا قول ئۇزىتىدىغانلىقىنى بىلەتتىم :
__ ۋەئەلەيكۇم مەن گۈزەلئاي ،__ دىدىم مەن ئۇنىڭ گىپىگە جاۋابەن .
__ ھە ، بىلدىم .
__ نىمىشقا تىلفۇن قىلدىڭىز دەپ سورىمايسىزغۇ ؟
__ بىلىدىغان ئىشنى سوراشنىڭ ھاجىتى يوق .
__ ۋاھ ، قالتىسقۇ سىز ؟! ئەمىسە ئايگۈزەلنىڭ دوختۇرغا كىرىپ قالغىنىنىمۇ ، دوختۇرلارنىڭ <ئەمدى ھۇشىغا كىلەلمەسلىكىمۇ مۇمكىن > دىگەنلىكىنى بىلەمسىز ؟ ئۇنىڭ سىزگە ئۇچۇر يوللايمەن دەپ بىر كېچە سوغۇق سىمۇنت ئۈستىگە...
__ بىلىمەن ، ھەممىنى بىلىمەن ، يەنە ئۇنىڭ بۇ كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈپ كىتەلەيدىغانلىقىنى  بىلىمەن ، ئۇنى مەندەك چۈشىنىدىغان ئادەمدىن يەنە بىرى يوق ،ئۇنىڭ نىمە ئىشقا يۇلۇقىۋاتقانلىقى ، نىمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىدىن تارتىپ ھەممىنى بىلىپ ، كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرىدۇ... شۇڭا سىز ئەنسىرەپمۇ كەتمەڭ ، لىكىن ئايگۈزەل ئۈچۈن سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن ،باشقا گەپلىرىڭىز  بارمۇ ؟
__ نىمىشقا ئۇنداق قىلىسىز ، مەن ئايگۈزەلگە ئېيتمايمەن ، ماڭا ئېيتىپ بىرىڭە ؟ نىمىشقا ؟
__ بەزى ئىشلارنى گەپ بىلەن چۈشەندۇرۇپ بولغىلى بولمايدۇ گۈزەلئاي ، لىكىن ھەممە ئىشلار ياخشى بۇلۇپ كىتىدۇ ،
  گەپ تۈگىدى ، لىكىن سەۋەبىنى بىلەلمىدىم .
   نەچچە كۈندىن كىيىن ئايگۈزەل دوختۇردىن چىقتى ، بۇ جەرياندا ئۈچىمىز ئاساسەن بىرگە بولدۇق ، ئايگۈزەلمۇ ئىلھامنى ياخشى بالىكەن ، دېدى ...
  دوختۇردىن چىققان كۈنى...ئايگۈزەلنىڭ ئاپپاق بىلەن پاراڭلاشقانلىقىنى كۆردۈم ... ئاپپاقنىڭ نىمە دىگەنلىكىنى بىلمەيمەن ، لىكىن ئايگۈزەلنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ ، توختىماي : «ماقۇل ئاپاق...بىلدىم ئاپاق...شۇنداق قىلىمەن ئاپاق...ئاللا خالىسا ئاپاق...»دىگەنلىرىنى ئاڭلىدىم ، تىلفۇننى قويغاندىن كىيىن ئۇ بەكلا يىغلاپ كەتتى .ئۇنىڭ ياشلىرىنى ئېيتتىم ، پىشانىلىرىگە سۆيدۈم :
__ ئۇ نىمە دەيدۇ قوزام...
__ ئۇنىڭغا ماقۇل دىگىنىم بىلەن ئۇ يوق قانداق قىلىمەن ،،،دىگىنە گۈزەل ...سەن بىر چاغدا مۇشۇ يېرىم ئاغىرۋاتىدۇ دىمىگەنمىدىڭ مىنىڭمۇ ، مىنىڭمۇ ئاغىرۋاتىدۇ ...بەك ئاغىرۋاتىدۇ...
__ نىمە دەيدىغانسەن ؟
__قانداق قىلىمەن گۈزەل ، بەك كۆپ بەك تاتلىق خىيال سۈرۈپ كىتىپتىكەنمەن ، ھەممە ئىشنى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان كۈنلەرگە قۇيۇپ قۇيۇپتىكەنمەن ... پۈتۈن مىھرىمنى ئاللاھقا بىرەلمىگىنىمنىڭ ، بەندىنى ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرۈپ كەتكەنلىكىمنىڭ جازاسىمۇ بۇ ...ئاپاق يوق بولسا ...ئاپاق ...
__ يىغلىما ئاي...خۇش بۇلاي ، يىغلىماي گەپ قىلغىنە ،،،نىمە گىپىڭ بولسا دىگىن ،،،خوش بۇلاي ئاي...
__ يۈرۈكۈم بەك ئاغىرۋاتىدۇ گۈزەل...قانداق قىلىمەن ، ئەمدى قانداق قىلىمەن ...
  ئۇنىڭ يىغىسىغا چىدىمىدىم ، مەنمۇ تەڭ ياش تۆكتۈم ...كۈنلەر ئۆتكەنسىرى ئۇ خېلى ياخشى بۇلۇپ قالدى ،  ئەمما بۇرۇنقى شوخ ، كىچىك بالىدەك ئايگۈزەلدىن  بىراقلا ئېغىر بېسىق ، چوپچوڭلا بىر قىزغا ئايلىنىپ قالدى ...
__ كىتىدىغان بولدۇم ،__دىدى ئۇ ئۇخلايلى دەپ ئەمدىلا يېتىشىمىزغا .
__ نىمە دەيسەن ؟ نەگە كىتىسەن ؟
__ يۇرتقا كىتىمەن ، ئاتا-ئانامنىڭ قېشىغا كىتەي .
__ ئىمتاھاننى قانداق قىلىسەن ؟
__ بەرمەيمەن ، ئەسلىدىنمۇ بىر باھانە ئىدى ، ئەمدى ئۆيدىكىلەر نىمە دىسە شۇ بۇلىدۇ ...
  كۆڭلۈمنىڭ قانچىلىك يېرىم بولغانلىقىنى بىر ئۆزۈم بىلىمەن .
__ ئىلھام بەك ياخشى بالىكەن ، ئۇنى قەدىرلە ، نامىزىڭنى ئەمدى تاشلىما ، ئىسىڭدە بولسۇن ، سەن بۇرۇنقى گۈزەلئاي ئەمەس ، سەن ھازىر ئۇيغۇر قىزى __ گۈزەلئاي ، مۇسۇلمان قىز ___گۈزەلئاي ،كەلگۈسىدىكى ئانا___گۈزەلئاي .
  ئۇنىڭ كەسكىن گەپلىرىدىن ئۇنىڭ راستىنلا بىر قارارغا كىلىپ بولغانلىقىنى بىلدىم .
__ ھەممە قارارنى چىقىرىپ بۇلۇپ ، ئاندىن دىدىڭما بۇ گەپلەرنى ؟
__ مىنىڭ يىغلاڭغۇلۇقۇم ساڭا يۇقتىمۇ نىمە ؟...نىمىگە يىغلايسەن ساراڭ ... ... ئاللاھنىڭ شۇنچىلىك سەۋىرنى بەرگىنىگە كۆپ شۇكرى ...
__ سەن ئەينى ۋاقىتتا ماڭا نىمە دىگەن ، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۇنىڭدىن  ئايرىلىپ كىتىپ قالساممۇ غەيرەتلىك بۇلىمەن ، ئۈزۈمنى تاشلىۋەتمەيمەن دىگەن ...نىمىشقا ئۆزۈڭ دىگەندەك قىلالمايسەن ؟
__ قىلىۋاتىمەن گۈزەل ، ئەڭ زور چەكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمەن ...ئاللاھتىن سەۋىر-تاقەت تىلەۋاتىمەن...ئاشۇنداق بىر يىگىتنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ، قەدىرلىشىگە ئىرىشتىم ، ماڭا ئىتىقادنىڭ نىمىلىكىنى ئۇ بىلدۇردى ، ھەقىقى خوشاللىقنىڭ ، بوۋاق بالىدەك ۋىلىقلاپ كۈلۈشنىڭ تەمىنى ئۇ تېتىتتى ، قىزلارنىڭ ھۆرمىتىنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقىنىمۇ ئۇ بىلدۇردى ، ياخشى كۆرگەن ئادىمىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن قۇربانلىق بەرگىنىنى كۆرگەندە بۇلىدىغان پەخىرلىنىش ، خوشاللىنىش تۇيغۇسىنىمۇ ئۇ تېتىتتى ...كىيىن قانداق ئانا بۇلۇش كېرەكلىكىنى ، ھەقىقى ئىمان-ئىتىقانلىق بالا تەربىيەلەشنىڭ بىر قىزنىڭ ئەڭ زور بەختى ئىكەنلىكىنى تۇنجى بۇلۇپ ئۇ سۆزلىدى ، ئىككى يىلدىن بىرى يېنىمدا يوق تۇرۇپمۇ خۇددى ھەر ۋاقىت يېنىمدا تۇرغاندەك تەسىرلەرنى بەردى ، مېنى خوشال قىلدى ، بەختلىك قىلدى ، ھاياتىمدىكى بۇ ئىككى يىلىمنى ھىچنىمىگە تەڭ قىلمايمەن ، بۇ ئىككى يىلدىن بىرى ئۇنىڭدىن ئۆگەنگەنلىرىم ، ھىس قىلغانلىرىم ، ئىرىشكەنلىرىم ناھايىتى كۆپ ...ئاللا تەقدىرىمىزنى قوشمىغان بولسا كېرەك ... لىكىن ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۈر بىرگە ئۈتىدىغان قىز ئۇنى مەن ياخشى كۆرەلەرمۇ ، ئۇنى مەن چۈشىنىدىغاندەك چۈشىنەرمۇ ، ئۇنىڭغا مەندەك ئەقىدە بىرەلەرمۇ ، مەن ئويلىغاندەك ، مەن بىرىشنى ئويلىغان قۇربانلىقلارنى بىرەلەرمۇ دەپ ئويلايمەن ھەم ئەنسىرەيمەن ...ئۇ قېلىن كىيىنىشكە ئۆچ ،لىكىن  سوغۇق بولسىلا ، يامغۇر ياغسىمۇ پۇتى ئاغرىيدۇ ، شۇڭا ئۇنىڭغا ھاۋا سوۋۇپ كەتسىلا قېلىن كىيىنىشنى تەكىتلىمىسە بولمايدۇ ، ئۇ ياغلىق ، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى تاماقلارغا بەك ئامراق ، شۇڭا ئۇنىڭغا تاماق قىلغاندا قۇشۇمچە سوغۇق سەي ، قېتىق ، تاماقتىن كىيىن يەيدىغان مىۋە-چىۋە قاتارلىقلارنى تەييارلاپ تۇرۇش كېرەك ، ئۇنىڭ ئاچچىقى كىلىپ قالغاندا ئۇ  باشقىلارنىڭ ئۆزىگە بويسۇنىشىنى ئۇمۇد قىلىدۇ ، ئەگەر قارشى تەرەپ ئۇنىڭ بىلەن تاكاللاشسا ياكى گىپىنى ئاڭلىمىسا ئۇنىڭ جاھىللىقى تۇتۇپ قالىدۇ دە ، ئىش بۇزۇلىدۇ ، شۇڭا ئاشۇنداق ۋاقىتلاردا ئۇنىڭغا يول قۇيۇش كېرەك ، ئۇ بىردەمدىلا ئوڭلىنىپ قالىدۇ ، ئاندىن قىلغانلىرىنىڭ خاتالىقىنى ئويلاپ ، قۇلىدىغان كىلىدىغان ئاماللار بىلەن سېنى خوش قىلىشقا تىرىشىدۇ ، ئۇ يالغۇزلۇق ھىس قىلغانلىرىدا ئەركىلىتىشكە-ئەركىلىشكە مۇھتاج ، مۇنداق دىسەم كۈلگۈڭ كەلمىسۇن ، ئوغۇللارمۇ بىزگە ئوخشاش ، بىزدە بار كۆڭۈل ، بىزدە بار ھىسىيات ئۇلاردىمۇ بار ...
__ بىر يەردە ئەمەس تۇرۇپمۇ ئۇنى شۇنچە چۈشەنگىنىڭگە ھەيران قېلىۋاتىمەن .
__ ئۇنى چۈشەنگەچكە بۇ كۈنلەرنى ئۆتكۈزەلىدىم ...ئەمدى سەن توغۇرلۇق سۆزلىشەيلىچۇ ؟ ئىلھامغا نىمە دەپ جاۋاپ بەردىڭ ؟
__ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشتىنمۇ ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇلۇشتىنمۇ قورقىمەن .بىلمەيۋاتىمەن ...ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۈتۈش نىسىپ بولسىلا بىر ئۆمۈر ئۇنىڭ پۇتلىرىدا ئۆمىلەپ يۈرۈپ خىزمىتىنى قىلغان گۇناھىمنى يۇيۇشقا تىرىشقان بۇلار ئىدىم...
__ سەندىن تا مۇشۇ كەمگىچە يۇشۇرۇپ كەلگەن بىر سىر بار گۈزەل .
__ دىگىنە ھە !
__ سىنىڭ  بىر قېتىم قانداق ھالەتتە  ئۆيگە قايتىپ كەلگىنىڭ ئىسىڭدىمۇ ؟!
__ ھېلىقى ...ھېلىقى ئازراق كەيىپ بۇلۇپ كەلگەن كۈنىنى دەمسەن ؟
__ ھەئە .
__ئىزادىن ئۆلدۈمغۇ ئۇ كۈنى ئالدىڭدا...
__ راستىنى دىسەم شۇ كۈنىلا كۈچۈپ كەتمەكچى بولغانىدىم ، نەرسىلىرىمنى يىغىشتۇرۇشنىمۇ باشلاپ بولغانىدىم ، لىكىن قانداق بولدى كومپىيوتۇرنىڭ ئالدىغا بېرىپ قاپتىمەن ، ئېرشات ئۇكام خەت يىزىپتىكەن ، پاراڭلىشىپ قالدۇق ، ئۇنىڭغا بىر دوستۇمنىڭ مەن ئويلىغاندەك ياخشى قىز ئەمەسلىكىنى ، ئەكسىنچە يولدىن چىقىپ كەتكەن بىر قىز ئىكەنلىگىنى بىلىپ قالغىنىمنى ، شۇڭا ئۇ دوستۇمدىن ئۈزۈل-كېسىل ئالاقەمنى ئۈزمەكچى بولغانلىقىمنى ئېيتتىم ، لىكىن ئۇ ماڭا ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزى خالاپ ناتوغرا يولدا مېڭىپ قالمايدىغانلىقىنى ، بۇلاردا ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ، شۇڭا ھەممىمىز بىر مىللەت كىشىلىرى بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىر-بىرىمىزگە مەسئۇل بۇلىشىمىزنىڭ كېرەكلىكى توغرىسىدا كۆپ سۆزلىدى ، ھەتتا ئاخىرىدا بۇ گەپلەرنى ئۇنىڭغا سېنىڭ ئېيتىپ بەرگەنلىكىڭنى ئېيتتى ،ئۇكامنىڭ گىپىنى ئاڭلىغان  شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ سىنى ئۆزگەرتمەكچى ، ساڭا تەسىر قىلماقچى بولماقچى بولدۇم ، ئاللاھتىن ھەر نامىزىمدا ساڭا توغرا يول ئاتا قىلىشىنى تىلىدىم ... ... ئاللاھقا شۇكرى ، سەن مەن ئويلىغاندىنمۇ تىز ئۆزگەردىڭ ، ئەسلىدىنمۇ كۆڭلۈڭدە يامانلىقىڭ يوق ، ئاقكۆڭۈل قىز بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ئاللا ساڭا ناھايىتى تىز ھىدايەت ئاتا قىلدى ...سەندىن بەك خوشالمەن ...ئەگەر شۇ ۋاقىتتا ئۇكام شۇ گەپلەرنى دىمىگەن بولسا بەلكىم مەن شۇ كۈنىلا كىتىپ قالغان بۇلار ئىدىم ، شۇڭا ئىككىلىمىز ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتساق بۇلىدۇ گۈزەل...ئاللاھ مەڭگۈ مۇشۇنداق ھەقىقى گۈزەلئاي بۇلۇپ ئۆتۈشكە نىسىپ قىلسۇن ...
__ ئىنشائاللا جېنىم دوستۇم ، دېگىنىڭ كەلسۇن ، ئەمىسە ئېيتقىنا ، يۇرتقا قايتقاندىن كىيىن قانداق قىلماقچى بۇلىۋاتىسەن ؟ ھېلىقى ئەركە بايۋەتچىگە تەقدىرىڭنى تاپشۇرۇپ قويماقچىمۇ ؟
__ بىلمەيمەن ، بىلىدىغىنىم ئاتا-ئانام ماڭا يامان بولسۇن دىمەيدۇ ، ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىش نىسىپ بولمىسا ئاللا يۇلىدا باشقىلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىمەن ...

  ئايگۈزەل كەتتى ، يالغۇزلۇقتا كۆپ نەرسىلەرنى خىيال قىلىدىغان بۇلۇپ قالدىم ، كۆپىنچە خىياللىرىم بۇرۇنقى مەن ، ھازىرقى مەن ، ئىلھام ۋە ئايگۈزەل توغرىسىدا بۇلاتتى . ئىلھامنى ئالداشنى خالىمىدىم ، ئۇنىڭغا بىر پارچە خەت يازدىم ، ھەممىنى دىدىم ، ئەگەر كەچۈرۋېتەلىسە كىيىنكى گۈزەلئاي بۇلۇپ بىر ئۆمۈر خىزمىتىنى قىلىشنى خالايدىغانلىقىمنى دېدىم .
  ئۇنىڭدىن ساق بىر ھەپتە جاۋاپ ساقلىدىم ، ھىچقانداق جاۋاپ كەلمىدى ، يىغلىدىم ، لىكىن ئۇنى ئەيىپلىيەلمەيتتىم ، ئۆزۈمنىڭ مۇشۇنداق كۈنگە قالىدىغانلىقىمنى بۇرۇنلا ئويلىشىم كېرەك ئىدى ، ھەممىنى ئۆزەمدىن كۆردۈم ...نەرسە-كېرەكلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ ، يۇرتقا قايتىماقچى بولدۇم ، ئېرشات ئۇكام ھەممىدىن بىخەۋەر ، ئۇنىڭ بىلەن تىلفۇن قىلىشىپ تۇردۇم ، ئۇ ئاكىسىنى ئالدىراشكەن دېدى .
  قەتىئىي قارارغا كەلدىم ، يۇرتقا قايتىمەن ، گۈزەل ھەم رەھىمسىز  ، خۇددى نازىنىن قىزلاردەك ھەممىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدىغان ئۈرۈمچى بىلەن ، ماڭا ھەممىنى ئۆگەتكەن بۇ ئالتە يىللىق ناتۇنۇش ماكاندىن كىتىمەن ...

  ئۆيگە قايتىپ كەلدىم ، ئۇكام بىلەنمۇ ئىلھام بىلەنمۇ خوشلاشمىدىم ، قارىغاندا ئىلھام  بىر قارار چىقىرىپ بولغاندەك قىلاتتى ، يۇرتقا قايتىپ كىلىپ ئۇقۇتقۇچىلىق تۇلۇقلاش ئىمتاھىنىغا تەييارلىق قىلدىم ۋە ئىمتاھانغا قاتنىشىپ يىراقراق ھەم چەترەك بىر ناھىيىنىڭ يېزىسىغا ئۇقۇتقۇچى بۇلۇپ ئىشقا چۈشتۇم .
   ئۇقۇتقۇچىلىق مەن ئەڭ چوڭ بىلىدىغان كەسىپ ، ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان كەسىپ ، بىر چاغلاردا ئۇقۇتقۇچى بۇلۇش مەن ئۇچۇن پەقەت شىرىن چۈش ئىدى خالاس ، ئۆزۈمنى ئۇقۇتقۇچى بۇلۇشقا ماس كەلمەيمەن دەپ قارايتتىم ، چۈنكى نەزىرەمدە ئۇقۇتقۇچى دىگەن ھەر جەھەتتىن يىتىشكەن بۇلىشى ، ئەدەبىياتنى ، تارىخنى ، گۈزەللىكنى چۈشىنىشى كېرەك ئىدى ، مەنغۇ چۈشىنەتتىم ، بىراق ئاشۇ چەكتىن چىققان كەچمىشىم ئۆز-ئۆزۈمدىن نۇمۇس قىلىشقا مەجبۇر قىلاتتى ، لىكىن ھازىر ئۇنداق ئويلىمايمەن ، چۈنكى ھازىرقى گۈزەلئاي ھەقىقى گۈزەلئاي بارلىقىنى ئاشۇ سەبىيلەرگە ئاتىۋەتكەن ، ئاللاھتىن گۇناھىغا تۆۋبە قىلىۋاتقان ، گۈزەلئاي ، قەلبىدىكى ناپاكلىقنى پۈتۈنلەي سۈپۈرۈپ تاشلىۋەتكەن گۈزەلئاي ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا قەددىنى تىك تۇتۇپ يۈرەلەيدىغان گۈزەلئاي...
  بىر يىل ۋاقىت ئەنە شۇنداق سەبىيلەر ئارىسىدا ئۆتۈپ كەتتى ، خىيالىمدا ھامان ئىلھام بىلەن ياشاپ كەلدىم ، ئۇكامنىڭ قالدۇرغان خەتلىرىنى كۆرىۋېرىشكە بەرداشلىق بىرەلمەي مۇنبىرىمنى ، چ چ رىمنى ئاچالماسلا بولدۇم ، قارىغاندا ئىلھام ھەقىقى ئەھۋالنى ئۇنىڭغا ئېيتمىغاندەك قىلاتتى .
  بىر چاغلاردار <باشقىلار  نىمىشقا يازالايدۇ ، مەن  نىمىشقا يازالمايمەن > دەيدىغان ئايگۈزەل مانا ئەمدى مۇنبەردە كۆزگە كۈرۈنگەن يازغۇچى ، ئۇنىڭ يازغانلىرى بەلكىم باشقىلارغا ئادەتتىكى مۇھەببەت ، ھىسىيات تەسۋىرلەنگەن بىرەر-ئىككى كۇپلىت شېئىر ياكى قىز-ئوغۇللار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت تەسۋىرلىنىدىغان ھىكايە بۇلۇپ كۆرۈنەر ، لىكىن ماڭا ئۇنداق ئەمەس ، ئۇنىڭ ھەربىر يازمىلىرىنى كۆرسەم بىر قېتىم ئۇنىڭ قەلبىنى كۆرگەندەك بۇلىمەن .ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ يىغىسىنى تىڭشىغاندەك بۇلىمەن ...بىر چاغلاردا كۆزلىرى مۇڭ بۇلۇپ ، يۈزلىرى قىزىرىپ «ئاپپاق يايرىم...» دىيىشكەن بىر جۈپلەرنىڭ تاتلىق پاراڭلىرىنى ئاڭلىغاندەك ،، گەرچە ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ ، گەرچە بىر يەردە بولمىسىمۇ ، گەرچە بۇرۇنقىدەك تاتلىق پاراڭلارنى قىلىشالمىسىمۇ بىراق بىر-بىرىگە ئۈن-تىنىسز بەخت تىلىشىۋاتقان ، بىر-بىرىنى ياد ئىتىۋاتقان بىر جۈپ ئالىيجاناپ يۈرەكنى كۆرگەندەك بۇلىمەن ... ...
  بۈگۈن قېلىن قار ياغدى ، ئەتراپ شۇنچىلىك ئاپپاق ، ئاپپاق قارلارغا قاراپ ئايگۈزەلنىڭ «ئاپپاق...» دېگەن ئاجايىپ ئوماق چاقىرىشلىرى قۇلۇقۇمغا ئاڭلىنىپ كەتتى ، ھېلىقى كۈنى ئىلھام بىلەن يامغۇرلۇق كوچىدا كىچىك بالىلاردەك ئويناپ كەتكەنلىرىمىز يادىمغا كەلدى ... ئەگەر ھازىرغىچە بىرگە ئۆتۈش نىسىپ بولغان بولسا مۇشۇنداق قارلىق كۈنلەردە تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدىن ، سېھرى كارامىتىدىن بىرلىكتە ھۇزۇرلانغان ، قار ئېتىشىپ ئوينىغان بۇلار ئىدۇق ھە !

  سىنىپنىڭ ئالدىغا كىلىشىمگە ، شۇمشىيىپ تۇرغان ، كىچىككىنە قىزنى كۆرۈپ  كۈلگۈم كەلدى ، ئۇنىڭ ئەتىگەندىلا ئەرىز ئېيتىپ كىلىشىگە ئىشەنچىم بار ئىدى .
__ نىمە بولدى ئەزىزە ؟
__ مەڭسۇر ...
__ ئويلىغىنىمدەك بولدى ، ئۇ يەنە نىمە قىلدى ئەزىزە ؟
__ مانا ...
  قىز قولىنى ئارقىسىدىن چىقىرىپ بىر ۋاراق قەغەزنى ماڭا ئۇزاتتى ، سىنچىلاپ  قارىسام مايماق سايماق سېزىلغان بىر ئېشەكنىڭ رەسىمى ئىكەن ، ئېشەكنىڭ يېنىغا يەنە قىڭغىر-سىڭغىر خەتلەر بىلەن «ئەزىزە» دەپ يىزىپ قۇيۇلۇپتۇ ، نىمە ئىش بولغانلىقىنى خېلى چۈشەنگەندەل بۇلۇپ كۈلكىدىن ئۆزۈمنى ئاران تۇتۇۋالدىم .
__ ئۇ ، <ئىككىمىز بىر-بىرىمىزنى سىزىشايلى> دىگەنىدى ، ماقۇل بولدۇم ، بىر-بىرىمىزنى سىزىشتۇق ، ئاندىن رەسىمنى ئالماشتۇردۇق ، مەن ئۇنى شۇنداق چىرايلىق سىزسام ...ئۇ...ئۇ بۇ ئىشەكنى سىزىپ ...ھۈ ھۈ ھۈ ...
__ بولدى يىغلىماڭ ، ئۇ سىزگە ئامراقلىق قىلىپ ، سىز بىلەن ئوينىشىپ شۇنداق قىلىدۇ ، يىغلىماڭ ھە ئاپپاق قىز ،
__ ئۇ ماڭا ئۆچ .
__ ئەمىسە ئورنۇڭلارنى ئالماشتۇرىۋېتەي ،__ دېدىم مەن چىرايىمغا جىددى تۈس بەرگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ .
__ ياق ، ياق ...
__ ئەمىسە قانداق قىلىمىز ؟
__ ... ... ...
__ يېقىن دوسلار دىگەن كۆپ ئۇرۇشمايدىغان ھە ئەزىزە ، ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن سوقۇشساڭلار راسىتىنلا ئورنۇڭلارنى ئالماشتۇرىۋېتىمەن .
__ بىلدىم خانىم .
  ئۇنى كىرگۈزۋېتىپ ، بىردەم خىيال سۈرۈپ تۇرۇپ قاپتىمەن ، نىمە دىگەن سەبىي ، پاك ، بىغەم ۋاقىتلار ھە... ... ئادەم مەڭگۈ چوڭ بولمىسا ، بالىلىقتىكى ئاشۇ گۈزەل ، ئاپپاق تۇرمۇشتىن مەڭگۈ بەھىرلەنسە...

  ئالدىمغا كىلىۋاتقان سىمادىن مەڭدەپ تۇرۇپ قالدىم ، نىمە دىگەن ئوخشىغان سىما ، قول سېلىپ مېڭىشلىرى ، ئۈچ-تۆت قەدەمدە بىر قوللىرى بىلەن چاچلىرىنى تاراپ قۇيىشى ، قەددىنى تىك تۇتۇپ ئەتراپىغا قاراپ-قاراپ قۇيۇشلىرى... ...
  پۇت-قوللىرىمدا جان قالمىدى ، راستىنلا ئۇ شۇكەن ، ئىلھام شۇكەن ، بىر يىلدىن بىرى مەن بىلەن خىيالىمدا مۇڭداشقان ، ماڭا كۈچ بېغىشلاۋاتقان ، ماڭا تەسەللىي بېرىۋاتقان ، ماڭا يول كۆرسىتىۋاتقان ئىلھام شۇكەن ...
  __ سېنى بەك كۆپ ئىزلەپ كەتتىم...بۈگۈن قار يېغىپتۇ ، مەن قارغىمۇ ئامراق ، سىنى بۈگۈندىن باشلاپ ، قارلىق ، يامغۇرلۇق ، ئاپتاپلىق ، بورانلىق كۈنلەردە ماڭا ھەمرا بۇلامدىكىن دەپ ئىزلەپ كەلدىم...
  راستكەن ، ئاللادىن چىن نىيتى ، ئىخلاسى بىلەن تىلىسە بىرىدىكەن...ئاغزىمغا گەپمۇ كەلمىدى ،كۆزلىرىمدىكى ياشنى توختىتالمىدىم ...ھايات يەنىلا گۈزەلكەن ...خۇددى بۈگۈنكى ئاقلىق  دۇنياسىدەك ... ... ...


ئەسەر  تامـــــام



ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
پىروزە + 300
xabnam00 + 155 دەلىللەر يېتەرلىك
zulayha + 500

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 955   باھا خاتىرىسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئاملاشتۇرۇشلار بولسا ئۈندىدارغا قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ نۇمۇرۇم:295997753
ئەسكەرتىش: قۇشىۋالغاندا كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98236
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1283
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 307 سائەت
تىزىم: 2013-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-16 11:52:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاجايىپ ئسىل يىزلغان ھىكايىكەن بەك تەسىرلەندىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63525
يازما سانى: 228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4647
تۆھپە نۇمۇرى: 537
توردا: 744 سائەت
تىزىم: 2011-11-4
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-17 02:11:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز قېرىندىشىم، قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن،ئىسىل ھىكايىڭىزدىن يەنە بىر قېتىم ئويغانغاندەك بولدۇم ،رەھمەت!

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4418
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 763 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-17 03:38:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆز ياشلىرىم بىلەن ئوقۇپ تۈگەتتىم.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش