ھېيتتا ھوزۇر بولۇپ قالار
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ j' R2 r+ ~" n' W* z3 g6 N5 K; K3 `* `
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىمدىكى بارچە ئەزىزلەر ھېيتنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۋاتامسىلەر ؟
كۆڭۈلدىكى ئادەملەر بىلەن ، كۆڭۈل تارتىش دوست -يارەنلەر بىلەن ، ئۇرۇق-تۇققان ،قېرىنداش بىلەن خوشال -خورام جەم بولۇپ قايتقان چېغىڭلاردا ،ئۇشبۇ يۇمۇرلارنى كۆرۈپ كۆڭلۈڭلار ،كەيپىياتىڭلار ئازراق كۆتۈرلۈپ قالسا كەمىنە بەك خوش بولغان بولاتتىم .
يۇمۇرلارنىڭ سىلەرگە كۈلكە ئاتا قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
قىممەت كاللا
2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بىر تەتقىقاتچى تەتقىقاتقا ئىشلىتىش ئۈچۈن قىممەت باھادا ئادەم كاللىسى سېتىۋېلىش ئېلانى چىقىرىپتۇ . مەلوم مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن بىر ئەسكەر 3دانە ئادەم كاللىسى ئەكىلىپتۇ ۋە تەتقىقاتچىغا چۈشەندۈرۈشكە باشلاپتۇ.
1-كاللا سىزگە ئوخشاش تەتقىقاتچىنىڭ كاللىسى باھاسى 50 يۈئەن . 2-كاللا ماڭا ئوخشاش ئەسكەرنىڭ كاللىسى باھاسى 500 يۈئەن . 3-كاللا ھاراقكەشنىڭ كاللىسى باھاسى 5000يۈئەن دەپتۇ
تەتقىقاتچىنىڭ شۇنداق ئاچچىقى كېلىپ ئەسكەرگە كايىپ : ساقمۇ ساراڭمۇ سەن تەتقىقاتچىنىڭكاللىسى 50يۈئەن ؟ ئەجىبا ماۋۇ ھاراقكەشنىڭ كاللىسى 5000يۈئەنما دىسە ئەسكەر تۇرۇپ كىتىپ :ئەلۋەتتە 5000يۈ.ەن ھاراقكەشنىڭ كاللىسى دىگەن ئەزەلدىن ئىشلەپ باقمىغان كاللا ئۇ شۇڭا قىممەت دىگىدەك .
ئەقىللىق بالا
بىر شوپۇر يولدا كېتىۋېتىپ زېرىكىپ ئىچ پۇشىقىنى چىقىرىش ئۈچۈن يولدا كېتىۋاتقان بىر بالىنى ماشنىسىغا سېلىۋاپتۇ . گەپ ئارسىدا شوپۇر بالىغا :
داداڭ-ئاپاڭ توخو بولسا ئۇچاغدا سەن نىمە بولىسەن دەپ سوراپتۇ .
بالا : چۈجە بولامەن
شوپۇر: داداڭ-ئاپاڭ ئات بولسىچۇ دىسە .
بالا: تايچاق بولامەن ؟!
بالىنىڭ جاۋابىدىن قىززىق ھىس قىلغان شوپۇر ھىجىيىپ تۇرۇپ .
داداڭ-ئاپاڭ ئىشەك بولسا سەن نىمە بولىسەن دەپتىكەن بالا قاپىقىنى تۈرۈپ تۇرۇپ
ئۇ چاغدا شوپۇر بولامەن دىگىدەك .
ئۆي كۆچۈش
داڭلىق بىر يازغۇچى موھىم بىر ئەسەر يازماقچى بولۇپ خالى جايدىكى بىر تۇرالغۇدىن بىر ئۆي ئىجارە ئاپتۇ . ئەمدى ئىجادىيەتنى باشلاي دەپ تۇرغان كۈنلەردە ئۇنىڭ ئوڭ يېنىغا بىر تۆمۈرچى سول يېنىغا بىر مىسگەرچى(قەلەيچى) ئورۇنلۇشۇپتۇ -دە كۈندە داڭ -دۇڭ جاڭ-جۇڭ قىلىپ يازغۇچىغا پەقەت ئارام بەرمەپتۇ .
چىدىغۇچىلىكى قالمىغان يازغۇچى ئۇلارنى ئايرىم- ئايرىم چاقىرىپ مۇنداق دەپتۇ .
سەن بۇ يەردىن كۆچۈپ كەت ،ئىجارە ھەققىڭنى تۆلىگەندىن باشقا ھەر بىرىڭلارغا 50مىڭ يۈئەندىن پول بېرىمەن سىلەر ئىشلىمەيمۇ زىيان تارتمايسىلەر دەپتۇ .ئۇلار قوشۇلۇپتۇ .
يازغۇچى خاتىرجەم ئىجادىيەتكە كىرىشىپ ئەسىرىنىڭ ئازراق بىر قىسمىنى باشلىشىغا ھېلىقى ئۆيلەردىن يەنە قالايمىقان ئاۋازلار كېلىشكە باشلاپتۇ .
غەزەپلەنگەن يازغۇچى تۆمۈرچىنى چاقىرىپ -سەن نىمىشقا ۋەدەڭدە تۇرمايسەن مەن سىلەرنى كۆچۈڭلار دىگەنغۇ دەپتىكەن ،تۆمۈرچى -كۆچتۇق ئەپەندىم دەپتۇ .
غەزەپتىن يېرىلىپ كىتەي دەپ قالغان يازغۇچى نەگە كۆچتۈڭ نەگە ؟دەپتىكەن
تۆمۈرچى : مەن قەلەيچىنىڭ ئۆيىگە ،قەلەيچى مېنىڭ ئۆيۈمگە كۆچتۇق دەپتۇ .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 R7 t0 n5 y3 z' D+ ^2 o1 Z