ئايەم شاتلىقى
ئېزىز مەتكىرىم ئاتەش
ھېيت نەغمىسى ياڭرىسۇن بۈگۈن،
كەلدى چۈنكى قۇتلۇق قۇربان ھېيت.
شاتلىقى بار ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈن،
دوسـتلار ئۇسۇل ئويناپ ناخشا ئېيت.
نەغمە ناۋا يەتسۇن پەلەككە،
بىز قىلايلى بىللە تەنتەنە.
يوقلىشايلى قېرىنداش ئارا،
بۇ دىگەن بىر ئىسىل ئەنئەنە.
ھال سۇرايلى چىقمىسۇن ئەستىن،
بۇۋا-مۇما،ئاتا-ئانىمىز.
ئۇنتۇمايلى مىھرى شەپقەتنى،
بىز قىلغاننى قىلار بالىمىز.
كۈندە ئەمەس يىلدا بىر قېتىم،
كىلىدۇ بۇ ئۇلۇغ ھېيت ئايەم.
شاتلىقىمىز يەتسۇن پەلەككە،
زىلگە كەلسۇن بۇ گۈزەل ئالەم.
يىتىپ كەلگەن ئايەمگە ئاتاپ،
مۇبارەكلەپ يازدىم بىر شىئېر.
قېرىنداش بىز ئىككى ئالەملىك،
بىرەيلى بىز ئايەملىك مىھىر.
2013-يىل15-ئۆكتەبىر،چېڭدۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ASMAR1204 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-16 10:34 AM