مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1711|ئىنكاس: 34

كۆز تەگكەن بەخىت-نەسىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86461
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1008
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 164 سائەت
تىزىم: 2012-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-16 05:27:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                كۆز تەگكەن بەخىت


                                       نەسىر


ئەمدىلا قارايغان زىمىن پۈتكۈل يۇرۇقلۇقنى ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئېلىپ
زۇلمەتلىككە ئايلاندۇرماقتا.
مۇڭسىرىغان يۈرۈكۈم شۇ زۇلمەتلىكتە كىتىۋاتماقتا.ئاجىز تەنلىرىم
سىرقىرىماقتا.گۈلدۈرلەپ تۇرغان گۈلدۈرمامىنىڭ  دەھشەتلىك ھەيۋىسىدىن
قەلبىم قاتتىق سىلكىمەكتە.كىتىۋاتىمەن،،كىتىۋاتىمەن،
نىمىلەرنىدۇر ئىزدەۋاتىمەن.چاراسلاپ چېقىلغان چاقماق چىقارغان يۇرۇقلۇقنى
بويلاپ كىتىۋاتىمەن.
مەۋھۇم دۇنياغا قانداقلارچە كىرىپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن.شۇنچىلىك سىرلىق دۇنيا.
ئۈچەي دەپ قالغان كۆزلىرىمنىڭ ئاجىز نۇرلىرى  نىمىلەرنىدۇر كۈتمەكتە.
يوللۇرۇمدىن ئادىشىپ قالدىم.شۇنچە ناتۇنۇش كىشىلەر ئارىسىدىن بىر
قول قۇلۇمنى تارتتى.خۇددى بىر چىلەك سۇنى تەنلىرىمگە قۇيغاندەك ئەندىكىپ
كەتتىم.بۇ ئىنچىكىنە،ئەۋرىشىم ،نازۇك كەلگەن قۇللار ئارسىدىن ئۈزۈمنى خۇددى توك سۇقىۋەتكەندەك بىرخىل ھارارەتنىڭ تۈرتكىسىدە تىترىمەكتە.قۇرقۇپ كەتتىم .
ئۇ مىنى خۇددى كىچىك بالىنى پەپىلىگەندەك يىتىلەپ دەرىسخانىغا باشلاپ
كىردى.شۇنچىلىك ناتۇنۇش كۆزلەر ماڭا تىكىلگەن.
تەنلىرىمنى خىجىللىق تورلىرى قۇرشىۋالدى.خۇددى ئەسىرگە چۈشكەن
ئەسكەردەك بېشىمنى ساڭگىلىتىپ خىياللار كىمىسىدە ئۈزىۋاتىمەن.بىر ۋاقىتلاردا
تۇنۇشلا بىر قول مۆرەمنى يىنىككىنە ئۇرۇپ قۇيىۋاتاتتى .توغرا،بۇ دەل بايىقى
مىھرى ئىسىق قول.ئاداشقان يوللۇرۇمدىن مېنى قۇتقۇزىۋالغان قول. بېشىمنى
كۆتۈرۈپ قارىدىم. خىزىر سۈپەت ،مەلىكىلەردەك ياسانغان
بىر قىز ماڭا كۈلۈمسىرەۋاتاتتى . كۆزلىرىمنىڭ ئۇچرىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن
قەستەن ئەپ قاچتىم .سەن سالماقلىق بىلەن ماڭا دەپتەر،قەلەم تۇتقۇزدۇڭ ،
شۇنداقلا بۇنىڭغا ئارزۇ،غايىلىرىم ،نىشانلىرىمنى يېزىپ چىقىشقا بۇيرۇدۇڭ .
قاققان قۇزۇقتەك تۇرۇپلا قالدىم.بۇ نۇقتا مەندىن تۇلىمۇ
يىراقتا ئىدى. ئىككى تەرىپىمگە قاراپ تولغاشتىم .باشقىلاردىن ھىچبىر بۇ
سۇئالنىڭ جاۋابى چىقىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.سەن ماڭا دادىللىق بىلەن
داتلىشىپ كەتكەن تەپەككۇرۇمنى ئېچىشقا تىرىشتىڭ.قەلبىمنى ئىلىم نۇرى
بىلەن يۇرۇتۇپ جاۋاپسىز قالغان سۇئالغا مۇستەقىل جاۋاپ بېرىشىم ئۈچۈن
تىركەشتىڭ. رۇھىيەت دۇنيارىڭدىكى مول بىلىم بايلىقىڭ
زۇلمەت قاپلىغان دىلىمغا گۈلخان يېقىپ بىلىم ئاشنالىرى قاتارىدا
ئەگەشتۈرۈپ ماڭدى.
ئىچىڭدىكى ھەممە بىلىم كوزىلىرىڭنى چېقىپ كۇلۇم-تالقان قىلىپ
تاتلاپ ،چۇخچۇلاپ ئىلۋېلىشقا تىرىشتىم.دەرۋەقە مەن تەشنا بولغان
ھەممىنى ماڭا بېرىشكە باشلىدىڭ.
مىھىرلىك كۆزلىرىڭدىن تۈكۈلگەن مۇھەببەت مېنى ساڭا تەسلىم قىلدۇردى.
مەن سىنىڭ رۇھىيەت خەزىنەڭگە سىڭىپ كىرىشكە باشلىدىم.سەنمۇ ھىچ
ئىككىلەنمەي ماڭا قەلىپ ئورداڭنىڭ شاھ تەختىگە ئولتۇرغۇزدۇڭ.
ھۇزۇرلاندىم،سۈيۈندۈم.كۈنلەر ئايلار ئۈتكەنسىرى مىھرىمىز
چوڭقۇرلىشىپ  بۇ مەۋھۇم دۇنيادىكى ئەڭ يېقىن دوستۇمغا ئايلاندىڭ .
ئۆزئىش-ھەركىتىم،سەمىمىيتىم ئارقىلىق ئىشەنچىڭنى تۇللۇق ئوغۇرلاپ
بولدۇم.كېيىن ئەتراپىمدا ئەگىپ يۈرىيدىغان پەرۋانىلەر
كۆپەيدى.بۇ بەختىمىزگە كۆز تەگكەندەك ساددا كۆڭلۈم ئۇلارنىڭ شىرىن
سۆزلىرىگە ئالدىنىپ ئۇلارغا ھەم ئەگەشتى.
سېنى كۆرەلمەس پەسلەر مەن ئارقىلىق سىنىڭ نەتىجىلىرىڭگە تۇزاق قۇرۇشنى پىلانلىدى.سەزمىدىم.
بارغانسىرى ئۆز خاراكتىرىمنى يۇقاتقان ئاساستا ئۇلارغا بىجاندىل خىزمەت
قىلىپ قۇل بۇلدۇم.پەقەت بۇ بىر مەيدان ئۇيۇندا رىجىسورنىڭ ئەتراپلىق
پىلانلىشىدا ماڭا بۆلۈنگەن رولنى ئۇستىلىق بىلەن ئويناپ چىقتىم.سەن
بولساڭ ئۆز كۆزۈڭگە ئىشەنمەي ماڭا ھەيران بۇلۇپ سۈكۈتتە تۇردۇڭ.
دۈشمەنلىرىڭ چاۋاك چېلىپ ئۇيۇن كۆردى.چىدىدىڭ.يۈرۈكۈڭ قان-زەرداپ
يۇتىۋالغاندەك ئېچىشىپ ئاغرىپ تۇرسىمۇ چىدىدىڭ.مەن نەشتەرلىك
خەنجىرىمنى بىلىپ-بىلمەي ساڭا داۋاملىق تىقىۋەردىم.سەن بۇلالماي
قالدىڭ.ھالسىزلىنىپ نەرى تارتىشقىمۇ ماجالى قالمىغان
ئاجىز يۈرۈكۈڭ تىنىمسىز شىۋىرلاشلىرىنى كۆزلىرىمگە قاراپ تۇرۇپ قۇشاق
قېتىپ ئۇقۇدۇڭ.مەن سەندەك غەمگۇزارىمنىڭ قەلبىڭدىكى ئوبرازىمنى ئۆز
قوللۇرۇم بىلەن كۇكۇم-تالقان قىلغىنىمنى سەزگىنىمدە ئاللىبۇرۇن
كىچىككەنىدىم.ئەپسۇس ،تۇلىمۇ ئەپسۇس....بۇ گۇناھلار پاتقىقىدىن
تىپچەكلەپ مىڭ تەستە قۇتۇلۇپ چىققان ۋاقتىمدا سەن ئاللىبۇرۇن
مەندىن  يىراقلاشقانىدىڭ.
ۋىجدان سوتى ئالدىدا قاتتىق سوراق قىلىندىم.مىھرى-مۇھەببەت
دەرىخىنى مۇشۇ قوللۇرۇم بىلەن ئۆرىۋەتكىنىم بەدىلىگە ماڭا ھەمراھ بولغىنى
ئازاپ،پۇشايمانلا بولدى خالاس.
ھىجران كىمىسىدە ياشلىرىم قۇيۇلۇشقا باشلىدى.قەلبىمدىكى ھىجران
سېنىڭ ماڭا قىلغان يالداماڭ بولدى.كىچە-كۈندۈز قەلەندەرلەرچە
سەندىن مىھىر تىلىدىم.ئاللىبۇرۇن مۇزلىغان يۈرۈكۈڭ مېنى قەلىپ
دەرۋازاڭدىن يىراقلارغا چۆرۈپ تاشلىغانىدى.بۇ ماڭا ھەق! كۆز
ئالدىمدىكى بەخىتنى قەدىرلىيەلمەي چاك كەلتۈرۈپ قويدۇم.
دۈشمەنلىرىم مەسخىرىلىك كۈلدى.غەزەپ ئوتلىرى ئۇلغىۋاتقان
ئاجىز يۈرۈكۈمدىن ئېتىلىپ چىققان قان ئۇلارنىڭ يۈز-كۆزلىرىگە
چاچرىدى.گەرچە ئۇلارنىڭ ھەيۋىسىنى يەر بىلەن يەكسان قىلغان
بولساممۇ رۇھىيىتىمنى قىيناۋاتقان ھىجران ئازابى قاماللاپ
مۇرلاۋاتاتتى.مىھرى-مۇھەببەت قانچە كۈچلۈك بولغانسىرى نەپرەتمۇ
شۇنچە كۈچلۈپ بۇلىدىكەن.سەن مېنى قەتتى كەچۈرەلمىدىڭ.مەنمۇھەم
ئۆز-ئۈزۈمنى كەچۈرۈشكە باھانە تاپالماي قىينىلىۋاتىمەن.
شۇنداق بىر ھىكمەتنى تۇنۇپ يەتتىمكى ئادەم ھاياتىدا باشقىلارنىڭ
ئىشەنچىسى،مىھرى-مۇھەببىتىگە ئاسيىلىق قىلسا،بىر ئۆمۈر ۋىجدان
ئازابىدا قىينىلىپ ياشايدىكەن.بۇ ماڭا ھاياتنىڭ بەرگەن قاتتىق
سىنىقى.مىنى بىر قىتىم كاچاتلاپ قويدى خالاس.ئەمدى ئەقلىمنى
تاپاي.مىنى قەدىرلەيدىغانلارنىڭ كۆڭلىدە مەڭگۈ ياخشى نام بىلەن
ياشىيالىغۇدەك ئورۇن ئېلىش ئۈچۈن دادىل قەدەم تاشلاي........




                                 ئاپتۇرى : ئەلناز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 1036
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4169
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 407 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-16 11:43:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قان تومۇرىڭدىنمۇ يېقىن ئاللاھدەك ئاشقنى قويۇپ قايسى مەشۇقنى ئىزلەيسەن ~~~~~~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49551
يازما سانى: 418
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3773
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2186 سائەت
تىزىم: 2011-7-29
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-16 01:01:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نامەرت..........

سەۋر قىل !

غەيرەت قىل!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4599
يازما سانى: 683
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10438
تۆھپە نۇمۇرى: 891
توردا: 2462 سائەت
تىزىم: 2010-7-23
ئاخىرقى: 2014-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-16 01:37:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيادا ۋىجدان ئازابىدىن ئېغىر ئازاب بولمىسا كېرەك...ناھايتى ياخشى يېزىلىپتۇ تەشەككۈر!

http://user.qzone.qq.com/275899228/infocenter

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5406
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20191
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2259 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-16 02:08:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ ، تەشەككۈر...
ئىجادىيەتلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94496
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 279
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 104 سائەت
تىزىم: 2013-4-7
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-16 02:12:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم .ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن !
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇ،ئۆزىمىزنىڭ نىمە بولغانلىقىمىزنى بىلمەيلا قالمىز ،شەيتان كەينىگە كىرىپ بىزنى ئەزىزلىگەنلەرنى خارلايمىز،خارلىغاننى ئەزىزلەيمىز .بەلكىم بۇ ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇپ قالغان ۋاقتىمىزدۇ .

يەنە شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇ ،خاتا باسقان  قەدمىمىز ئۈچۈن ۋىجدان سورقى بېردىغان ،بەلكىم بۇ ئۆزىمىزگە قايتىقان ۋاقتىمىزدۇ .

بۇ نەسىرنى بەكلا ياخشى يېزىپسىز راھمەت سىزگە!


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86461
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1008
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 164 سائەت
تىزىم: 2012-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-16 02:16:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
oyl يوللىغان ۋاقتى  2013-10-16 02:12 PM
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم .ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن !
شۇند ...

رەھمەت .سىزگە..قوللاپ بەرگەن بارلىق  دوسلىرىمغا رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86461
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1008
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 164 سائەت
تىزىم: 2012-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-16 02:16:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
oyl يوللىغان ۋاقتى  2013-10-16 02:12 PM
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم .ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن !
شۇند ...

رەھمەت .سىزگە..قوللاپ بەرگەن بارلىق  دوسلىرىمغا رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86461
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1008
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 164 سائەت
تىزىم: 2012-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-16 02:16:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
oyl يوللىغان ۋاقتى  2013-10-16 02:12 PM
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم .ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن !
شۇند ...

رەھمەت .سىزگە..قوللاپ بەرگەن بارلىق  دوسلىرىمغا رەھمەت

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12410
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32471
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4469 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-16 02:52:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىچكى ھېسيات ياخشى ئىپادىلىنىپتۇ...

قەلىمىڭىز ھارمىغاي...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش