تىلدىكى دىلىم
تىلىمنىڭ يۇمشاقلىقىغا ھەيران قالىمەن، نەپ ئۈچۈن نېمىنى دېسە دېيەلەيدىغان، كىمنى ماختىسا ماختىيالايدىغان، كىمنى تىللىسا تىللىيالايدىغان ھالدا.نىچۈنكى، دىلدىكىنى دېيەلمەيدىغانسەن دەيمەن؟!
باشىڭغا چۈشكەن كۈلپەتنى، رەقىب سىياقىدىكى ئۈلپەتنى، يەنە تالاي جەبرى- جاپالارنى، زۇلۇم ئاستىدىكى روھىيەتنى، يار ئىشقىدىكى نىمجان تەننى بايان ئەيلىمەككە نىچۈن قۇدرىتىڭ يەتمەيدۇ؟
تىلىمدىكى مەن بىلەن دىلىمدىكى مەندە زور پەرق بار ئىكەن ئويلىسام.تىلىم دەر، قۇياشنىڭ رولىغا خاس باتۇرلىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى شامالنىڭ يۆنىلىشىگە يارىشا، دىلىم ئىستەر شامالنىڭ يۆنىلىشىدىكى ئۆزىنى ئەمەس، قۇياشتەك پارلىغان روھىيەتكە يارىشا «مەن»نى!
ئېي تىلىم، دىلىمدىكى بىر ئېغىز سۆزنى ھەق دەپ تۇتۇلۇپ قالساڭمۇ رازى بولاتتىمغۇ؟!ئېي دىلىم، تىلىمدىكى بىر ئېغىز سۆز تۈپەيلى قان-قان تىلغانساڭ مەيلىمۇ؟!!
تىلىمدىكى كەچمىشلىرىم دىلىمنىڭ يەلكىسىگە دەسسەپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ تارىخىنى يارىتىپ، پىراقلاردا قىينايدۇ…
نە يۈرەك لەپىلدەپ بايراق مىسالە كۆككە بويسۇنۇپ ياشىغۇسى كېلىدۇ!
ۋادەرىخ، تىلسىز ئادەم بولماق ئاسان بولغان بىلەن، دىلسىز ئادەم بولماق مۈشكۈل ئىدى.
تالايلارنىڭ يۈرىكى، تىلى،دىلى قەبرىدە مەڭگۈ كۆمۈلمەيدىغان پارلاى ئىزلاردا روشەن جۇلالىنىپ تۇرۇپتۇ… نە مېنىڭ تىلىم، دىلىم بىر-بىرىگە بويسۇنماي روھىيتىمنى قۇللۇق ئىسكەنجىسىگە ئالماقتا، تۈنلىرىم ئۇيقۇسىز قالماقتا… باشىم نىشانسىز قايماقتا…
تىلىدىن ئايرىلماي جېنىدىن ئايرىلىغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇر،«ئاچىل»دا پارلاۋاتقان غۇرۇر، كۆۋەجەپ دولقۇنلاۋاتقان تومۇر… ئاتەش نەپەسلىرى بىلەن دىل بەدىلىگە تىلىدىن ئايرىلغان جانلار،تىلدىن تېمىۋاتقان ئىسسىق -ئىسسىق قانلار سۆز بولۇپ،پۈتۈلۈپ كېتەر گۈللەرنىڭ غۇنچىلىرىغا، بەرگىلىرىگە.
بىر تامچە شەبنەم ئالقىنىدا قۇياشنىڭ جامالى!
تىلىم بول دىلىمنىڭ يارى، تىلىمدا يوق دىلىمنىڭ زارى…
تىلسىزلىق پۈتۈلگەن جانلارنىڭ كۆزىدە تىلىنىڭ ئەكسى ئەمەس، دىلىنىڭ ئەكسى ئاياندۇر!كۆزۈمدىكى گەپلىرىمدىن ئۆزۈمنى بىلگىنىڭدە ،تىلىڭدىكى گېپىڭدىن نومۇس قىلىسەن. كۆزلىرىم سۆزلەيدۇ، سۆزلەر كۆزلەيدۇ-«ساچىم بەلدە، ھاسام قولدا، بۇ نۇرسىز كۆزلىرىم يولدا…»
تاڭلار قۇچاق ئاچقاندا تىلىم سۆزلىيەلمىگەن سۆزلىرىنى بار ئاۋازىم بىرلە تاغلارغا سۆزلەيمەن…تاغلاردىن قايىتقان ئەكىس سادا رەقىب قۇلىقىغا يەتكىنىدە، زەپەر جەۋلانىدا يۈرىكىمنى لەپىلدىتىپ، مەغرۇر پاراتتىن ئۆتىمەن…
دىلىغا يۈز كېلەلىگەن تىلىم ئۈچۈن ھەق شارابىن ئىچىپ، قان تامغان تۇپراقتىن ئۈنگەن شۇ قىزىل گۈل بەرگىدىن بال يىغىپ، تىلىمغا تىلداش، دىلىمغا دىلداش يارەنلەر بىلەن تامام مەنزىل ئۈچۈن ئات سالىمەن…
تىلىم دىلىمغا باق،دىلىم تىلىمغا ياق!
-قەلەندەر يازمىسى