قۇربان ھېيىت
كەلدى ھېيتىم ،ياق-ياق ئۇلۇغ ھېيتىمىز ، بارچە كۆڭۈل خوشاللىققا بولدى يار . <<ئۇلۇغ اللاھ>> ھەمدۇسانا ئېيتىمىز ، مۇسۇلمانغا بۈگۈن شاتلىق ئىپتىخار . بۈگۈن ھېيىت ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، دىلدا شاتلىق يوقالمىغاي تەبەسسۇم .
بۈگۈن كۈلگەي بارچە مۆمىن مۇسۇلمان ، قىلۇر بەزمە ، قۇربان ھېيىت شەنىگە . بارچە جانلىق چىن ئىخلاس ۋە پاك ئىمان ، جۆر بولغاي بۇ ئۇلۇغ ھېيىتلىق پەتىگە ، بۈگۈن ھېيىت ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم ، دىلدا شاتلىق يوقالمىغاي تەبەسسۇم .
سېغىنىشلار ئۈزۈلمەيدۇ ئۇشبۇ چاغ، بىزگە ھەمرا بولغاي <<اللاھ >>ھىممىتى . سۈرىمىزدىن ھەيران بولغاي باغۇ-تاغ، دەيمىز بىزلەر مۇھەممەتنىڭ ئۈممىتى . بۈگۈن ھېيىت ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم ، دىلدا شاتلىق يوقالمىغاي تەبەسسۇم .
مەسچىتلەردە ياڭراق ئەزان ئاۋازى ، ياڭراپ كەلگەي پۈتكۈل جاھان لەرزىگە. سۈرە ئىخلاس ،قىرائەتلەر ساداسى ، يەتكەي پەلەك ، ھەمدە مۆمىن قەلبىگە . بۈگۈن ھېيىت ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، دىلدا شاتلىق يوقالمىغاي تەبەسسۇم .
قىبلە تەرەپ جۇلالاندى باشقىچە ، بولدى يېرىم دۇنيا بىزگە جەيناماز. يەتتە ياشتىن تاكى يەتمىش ياشقىچە، دۇئا تىلەپ ئوقۇر ئۇلۇغ ھېيىت ناماز. بۈگۈن ھېيىت ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، دىلدا شاتلىق يوقالمىغاي تەبەسسۇم .
بىسمىللادىن...باشلاپ قىلدۇق قۇربانلىق ، كەم بولمىدى ئۆشرە-زاكات ، ساخاۋەت . بىلگەچ، قىلساق دائىم خەيرى ئېھسانلىق <<اللاھ>> بەرگەي رەھىم شەپقەت،ھىدايەت. بۈگۈن ھېيىت ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ، دىلدا شاتلىق ئۈزۈلمىگەي تەبەسسۇم .
ئۇرۇق-تۇغقان قېرىنداشلار بولدى جەم ، ئاۋام ئۈچۈن سالدى تۆرگە داستىخان . قەلىبلەر پاك،تىنەپ يۈرەر بارچە غەم ، ئۇلۇغ ھېيىت بولغاچ ئىسلام پاسىبان ، بۈگۈن ھېيىت ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ، دىلدا شاتلىق ئۈزۈلمىگەي تەبەسسۇم . مەرھۇملارنى ئەسلەپ ئۆتتۇق ھېيىت كۈنى، تۇپراق بېشى بولدى يەنە ھازىدار . يەتتى كۆككە ئەۋلادلارنىڭ ئۈن-ئۈنى ، ئۇشبۇ چاغدىن جىمىپ قالغان بۇ مازار . بۈگۈن ھېيىت ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ، دىلدا شاتلىق ئۈزۈلمىگەي تەبەسسۇم . باي-گادايلىق پەرقى يوقتۇر تەڭ بۈگۈن ، بارچە خوشال ئۇلۇغ ھېيىت كەلدى دەپ. قەلىبلەردە ھاياجانلار كۈندۇز -تۈن ، ئۇلۇغ كۈندە يايراپ تۇرغاي ھەر تەرەپ . بۈگۈن ھېيىت ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم ، دىلدا شاتلىق ئۈزۈلمىگەي تەبەسسۇم . يۈرەكلەردىن ياڭرار شۇنچە مۇڭ نىدا ، نىدا ئەمەس بۇ <<اللاھ>>قا سېغىنىش. ئۇنۇتمايلى ئىمان ئۈچۈن جان پىدا ، كۆكلىگەي جان شۇ بەندىگە بىر بېقىش. بۈگۈن ھېيىت ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ، دىلدا شاتلىق ئۈزۈلمىگەي تەبەسسۇم . سۆزلەپ قويدۇم تۈگىمەيدۇ ئەبەدىي ، قۇربان ھېيىت شانۇ ئۇنىڭ شۆھرىتى . ئىسلام بىلەن كۆكلەر ھېيىت باھارى ، بارچىنىڭ بار بىر <<اللاھ>>قا ھۆرمىتى . بۈگۈن ھېيىت ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ، دىلدا شاتلىق ئۈزۈلمىگەي تەبەسسۇم .
تىيەنجىن10.15
مەنبەسى: ئەپچىلەم(تەكرار)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ap~qilam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-15 03:45 AM
|