ئەتە ھېيت
كەلدى ھېيت، بارچە ئەھلى مۇسۇلمانغا ئەتە ھېيت،
ئاللاھىم ھىممىتىدىن بۇ زىمىنغا يەتتى ھېيت،
يەتتە قىتئە يۇرت ئارا ھاياجاندا كۈتتى ھېيت،
كىرگىنىدە بىرەر ئاي يا بولمىسا ھەپتە ھېيت،
ھەپتە ئەمەس بىر كۈن يوق، يالغۇز ماڭا ئەتە ھېيت.
باشقا ئەلگە مۇساپىر، دىيەلمەيمەن مۇھتاجسىز،
ئۆزگى يۇرتتا كۆپ تۇرۇپ ھېسسياتلىرىم تۇراقسىز،
سۈنئىي بولسا ھاۋاسى گۈل ئىچىلار پۇراقسىز،
چاشقان تۇتماس مۈشۈك جىق، ئىت ئۇخلىماس كارۋاتسىز،
مانا مۇنداق بىر ئەلدە تىنەپ دېدىم ئەتە ھېيت.
كەلگەن ھېيتنىڭ ھۆرمىتى ئۆي تازلاشتى خىيالىم،
لىكىن ئۆيۈم يىراقتا، يىراقدىدۇر دىيارىم،
بىر ئورۇندۇق بىر كارۋات بولدى مېنىڭ ھەمراھىم،
ئۇشبۇ ھېيتنىڭ نە بولغاي ياكى مېنىڭ ئىتبارىم؟
چاغىنى بار بىلمەيدۇ، مەن بىلىمەن ئەتە ھېيت.
ساڭزا سالسا ئوت قالاپ بىرەي دېسەم ئوچاق يوق،
ئەڭ مۇھىمى سالاي دەپ چۆرگىلەرگە ئانام يوق،
يۈگرەپ كەلسە دادا دەپ پۇل بىرەرگە بالام يوق،
دادام ياندا بولمىغاچ بۇنداق كۈنگە ئامال يوق،
تەييارلىقسىز تەييار دەپ ئولتۇرىمەن ئەتە ھېيت.
ئاڭلىماسمەن ئاۋازنى قارا قوچقار مەرىسە،
تۇتالماسمەن پۇتىنى پىچاق سۈرسە تەپچىسە،
بىرەلمەسمەن قول سۈيى ئانام پولۇ ئەتكىچە،
بارالماسمەن چوڭ ئۆيگە باشقا يەرگە كەتكىچە،
تەقدىر شۇنداق چاقچاقچى، دەرىس ئوقۇپ ئەتە ھېيت.
ئۆز يۇرتۇمدا بولسامتى ھېيت ھۆرمىتى بولمامتى،
تۇغقان دوستنى پەتىلەپ خۇشاللىققا تولمامتى،
خىسلىتىدىن بۇ ھېيتنىڭ زىددىيەتلەر سولمامتى،
سېخىيلىقتا ھەممە گەر تاپقىنىنى قويمامتى،
بۇنداق كۈنلەر ماڭا يوق، راست بولامدۇ ئەتە ھېيت؟
مەنبە:ئەنسارى
2013.10.14
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-15 06:07 PM