خەنجىرى
بىر كۈنى ئىدارىدىكى قىلىدىغان ئىشلىرىمنى قىلىپ بولۇپ ئەمدى ئىشتىن چۈشەي دەپ تۇرۇشۇمغا، تۇيۇقسىز باشلىقىمدىن تېلىفۇن كەلدى:
-ۋەي ئالىمجانمۇ سىز؟
باشلىقىمنىڭ تونۇش ئاۋازىنى ئاڭلاپ، شۇ ھامان ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن جاۋاب قايتۇردۇم. باشلىقىم ئۈلۈشكۈن تۆۋەنگە خىزمەت تەكشۈرگىلى چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، ئىشخانىدىكى كادىرلار ئىچىدە ياشقا چوڭراق بولغانلىقىم، ھەم باشقىلارغا قارىغاندا ئىدارىدە ئۇزۇنراق ئىشلىگەنلىكىم ئۈچۈن باشلىقىم بارلىق ئىشلارنى ماڭا تاپشۇرۇپ قويۇپ كەتكەن ئىدى.
- ھەئە مەن ئالىمجان، باشلىق قانداق ئەھۋاللىرى؟
- مەن ھازىر تۆۋەندە خىزمەت تەكشۈرۈۋاتىمەن.بايام ناھىيىدىن تېلىفۇن كەپتىكەن. ئەتە چۈشتىن بۇرۇن ۋىلايەتتىن تەكشۈرۈش كىلىدىكەن. بىزنىڭ ئىدارىغا كىلىدىغاندەك گەپ بار. مىنىڭ بۇ يەردىكى ئىشلىرىم تېخى تۈگىمىدى. ئۆگۈنلۈككە بارىمەن. سىز دەرھال بارلىق كادىرلارنى تەشكىللەپ ماتىرىياللارنى تولۇقلاڭ ھەم ئەتە كىلىدىغان تەكشۈرۈشنى ياخشى ئۇزىتىڭ! گەپ ئاڭلىمىغان كادىرلارنى تىزىملاپ قويۇڭ، ئۆزۈم ئايرىم ھىسابلىشىمەن. شۇنىڭ بىلەن مەن باشلىقنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئېيتىپ كەچ بوپكەتكىنىگە قارىماي ئىشنى ئورۇنلاشتۇردۇم. ئىشخانىدا بىرمۇ ئادەم بىكار قالمىدى. تۇيۇقسىز بىر پارچە ماتىرىيالنى كۆپەيتىشكە توغرا كىلىپ قالدى. بىزنىڭ ئىشخانىدا كومپىيوتىردىن تارتىپ پىرىنتىرغىچە ھەممە نەرسە تولۇق بولۇپ، بۈگۈن قېرىشقاندەك نۇسخا ئالغۇچ بۇزۇلۇپ قالغانىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇ ماتىرىيالنى ئىدارىمىزنىڭ يېنىدىكى-‹‹ئەل ئۈچۈن كومپىيوتىر مۇلارىمەت ئورنى››غا ئەكىرىپ كۆپەيتكۈزدۈم. مەن چىقىپ كىتەي دەپ شۇنداق مېڭىشىمغا دۇكان خوجايىنى گىدەيگەن ھەم بۇيرۇق قىلغاندەك قاتتىق بىر خىل تەلەپپۇزدا مۇنداق دىدى:
- ئالىمجان! بۇنىڭدىن كىيىن سىلەرنىڭ ئىدارەڭلارنىڭ ماتىرىيال ئۇرۇش، كۆپەيتىش ئىشلىرىنى بىز قىلىدىغان بولدۇق! سىلەرمۇ ئەمدى ئاۋارە بولماي ماتىرىياللار بولسا مۇشۇ يەرگىلا ئەكىرىڭلار، باشقا يەرگە ئاپارساڭلار بولمايدۇ!
بۇ گەپنى ئاڭلاپ قاتتىق ئاچچىقىم كەلدى-دە، ئۇنىڭغا ھۈرپەيدىم:
-كىم شۇنداق دىدى؟
-سىلەرنىڭ ئىدارەڭلارنىڭ باشلىقى شۇنداق دىدى
مەن شۇ زامات ئاچچىقىمنى بېسىۋالالماي باشلىققا تېلىفۇن قىلدىم.
-نىمە ئىش، دىدى باشلىقىم تېلىفۇننى ئالغاندىن كىيىن
- مۇنداق ئىشتى، باشلىق دىدىم- پالانى كومپىيوتىرخانىغا بۇنىڭدىن كىيىن ئىدارىنىڭ ئۇرۇدىغان، كۆپەيتىدىغان بارلىق ئىشلىرىنى بىرەمدىلا؟
- كىم شۇنداق دىدى؟ مەن كىمگە ، قاچان شۇنداق دەپتىمەن؟
كومپىيوتىرخانا خوجايىنى شۇنداق دەيدۇ
تېلىفۇننى ئۇنىڭغا بىرىڭە!
ئۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپ چىرايىدىكى بايىقى گىدىيىش ھەم مەنسىتمەسلىك ئالامەتلىرى چاقماق تىزلىكىدە يوقاپ، تامدەك تاتىرىپ كەتتى-دە، ماڭا يالۋۇرۇشقا باشلىدى:
- خوش بوپ قالاي، مىنى ھاجەتخانىغا كەتتى، دەڭ بولامدۇ؟
باشلىق ئاڭغىچە يەنە دىدى:
- بىرىڭە ئۇ لاتىغا تېلفۇننى!
مەن ئامالسىز ئۇنىڭغا تېلىفۇن بەردىم. بىراق ئۆزۈمنىڭ سەل ئاشۇرۋەتكەنلىكىمنى ھىس قىلدىم. باشلىق بىر ھازا ئۇنى سەت گەپلەر بىلەن تىللىغاندىن كىيىن تېلىفۇننى قويۇۋەتتى. ئۇنىڭ بىلەن شۇ تاپتىكى ھەم بايىقى ھالىتىنى كۆرۈپ باشلىقنىڭ راستىنلا ‹‹ شۇنداق دىگەنلىكىنى›› ئۇقتۇم-دە، گىدەيگىنىمچە چىقىپ كەتتىم.
2013-يىل 19-ئىيۇندا يېزىلدى، 20-21- ئىيۇندا تۈزىتىلدى
ئاپتور:مارالبېشى ناھىيە سېرىقبۇيا يېڭى بازار ئىجتىمائى رايونى(3-ئاھالە كومىتىت)دىن