ئەمەس
ئۆز ئىلىنىڭ ئوتىدا كۆيمىگەنلەر ئەل ئەمەس، باش بولالماي جۇۋانغا ئەگەشكەنلەر ئەر ئەمەس. پۇچىلاندىغۇ بۇ يۈرەك قان ئىچىشىپ بەزىلەر، تالاشقىلى جان تىكىپ پۇل بولدىغۇ يار ئەمەس.
ئوغۇل ئىدى ناملىرى تۇتقان يولى مەرت ئەمەس، ياخشىلىقتىن چەتنىدى لېكىن كۆزى كور ئەمەس. تەل توققۇزى جاھاندا داچا كەبى سارايلار، مەقسەت نېمە بىلمىدۇق ياتقان يېرى چۆل ئەمەس.
پەرزەنىتدە ۋاپا يوق ئاتا-ئانا قۇل ئەمەس، ئەقىلسىزلەر ھاياتتا دانىشمەنگە خان ئەمەس. نېم بولغاندۇ بۈگۈندە پەرىق كەتتى كىچىكلەپ، ئوغۇللارغا جەسۇرلۇق، قىزلارغا ھايا دوس ئەمەس.
خاندەك ھوزۇر سۈرۈشكە ھەسرەت چېكىش غەم ئەمەس، ئاڭلا ئاقىل سۆزىنى پۇرسەت ئۇنچە كۆپ ئەمەس. ياراتمىغان تېرىشچان، زىيالىلار ئۈچۈنمۇ، ئاقسا يۈرۈش، غادىيىش، سۆلەتۋازلىق كەم ئەمەس.
داشقال جىقدۇر بۈگۈندە بۇ ھەقىقەت چۈش ئەمەس، ئۆزۈڭ ئۈچۈن تېرىشقىن داداڭ ساڭا جۆرئەمەس. ئوت تۇتۇشۇپ كەتمىسۇن ئابرويىڭغا پۇل بىلەن، مەرىتلىك، سەۋىر يۈز بىرەر ئەپسۇس مەڭگۈ پۇل ئەمەس.
لاتا جىقتۇر جاھاندا تۇغ بولغىنى جىق ئەمەس، تىخى نىكاھ يوقىدا كۆپ قىزچاقلار تۇل ئەمەس. قانداق يۈرەك بىلمىدىم يىگىت تاللاپ يۈرىدۇ، توي قىزچىقى دەپ ئاتار لېكىن جىقى قىز ئەمەس.
تاپقانلىرىڭ جەرمانە لېكىن بىرنان پۇڭ ئەمەس، كۆيگەن يۈرەك سەن ئۈچۈن ئىزىلگۈچى خار ئەمەس. سۇ ئىچىپلا يۈرىمىز كېم بەرگەندۇ سورىماي، لېكىن جاۋاب قىلىپ سۇ تۇتقانلىرىڭ بار ئەمەس.
شۈكۈر قىلغىن كۈنىڭگە تاپقانلىرىڭ يوق ئەمەس، ئاناڭ بەرسە ئال يىگىن بەرگەنلىرى پوق ئەمەس. بەخت ئۇچۇپ يۈرىدۇ تۇتۇشمايمىز نېمىشقا، دەيدۇ جۈرئەت قىلغىن سەن دېگەنلىرى قوق ئەمەس.
ھەركىم قايتىپ كېتىدۇ ئۆلۈپ كەتكەن بىرئەمەس، ياخشى يولدا ماڭايلى ئامەت بىزگە ئاز ئەمەس. مەيلى ياخشى يولدا ماڭ ياكى يامان يولغا چىق، ئىشەنمىگىن دۈشمەنگە بەرگەن ساڭا تۇز ئەمەس.
دوسقان سىلىپ ئۇرۇشقا خۇشال بولغان كۆپ ئەمەس، تىنىچ بولسا بۇ تۇرمۇش كۈلۈش لېكىن تەس ئەمەس. شانۇ-شەۋكەت ئىچىدە يايراپ يۈرۈپ ئېچىلىپ، مەن-مەن دېدۇق بىز مەنلا غەلبە قىلغان ئاز ئەمەس.
كۆكلەم بىغى گۈلىستان كاككۇك ياتقان تاغ ئەمەس، كۆكى شوخا، تىگى داڭگال يىشىللىقى باغ ئەمەس. مۇھەببەتنى ئىزىشىپ، دەسسىۋەتتۇق يەنجىشىپ، لېكىن يەنە سۆيگۈگە جان بەرگەنلەر ئاز ئەمەس.
شىلتىڭ قىلىپ ئانىغا تەڭلىگىنى قول ئەمەس، ۋاپاسىزلىق قىلىشىپ ماڭغانلىرى يول ئەمەس. غورور، ۋاپا، ۋىجداندا قولنى-قولغا تۇتۇشۇپ، ماڭغان كىشى يوللىرى ئەبەت ئوڭدۇر سول ئەمەس.
ئۆيۈم داچا دېمىگىن سالغان ئۇنى بىز ئەمەس، جاپا چېكىپ، مۈكچىيىپ كەتكەن بەللەر سىز ئەمەس. ئۆتتى كۆپ چاغ ئويۇندا ياخشى ئىشقا ۋاقىت يوق، شۇڭا ئاخىر بىزلەردە تەرەققىيات تېز ئەمەس.
2011-يىلى10-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۈرۈمچــــــــــى بەختىيار مامۇت چـــــــــــــــــــۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا BaHTiYar.qux تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-14 12:47 PM
|