مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 589|ئىنكاس: 2

ھايات قەسىدىسى ( نەسىر ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98236
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1283
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 307 سائەت
تىزىم: 2013-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-14 12:20:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ نەپرىتىم

مەن ئۆزۈمگە شۇنداق نىدا قىلدىم ،بۇ مېنىڭ نەپرىتىم !
ھايات شاتلىق بۇلاق. پەسكەشلەرمۇ بۇ بۇلاقنىڭ سۈيىنى ئىچكەچكە بۇلاقنىڭ سۈيى بۇلغانغان. بارلىق پاك نەرسىلەرنى سۆيىمەن. ناپاكلارنىڭ كالچايغان ئىغىزى ۋەناپاكلىقىدىن، ئاچكۆزلىكىدىن يىرگىنىمەن. ئۇلار بۇلاقنىڭ ئاستىغا قارايدۇ . ئۇلارنىڭ رەزىل كۈلكىسى بۇلاقنىڭ ئاستىدىن ئەكىس ئېتىپ ماڭا يانىدۇ. بۇ مۇقەددەس بۇلاقنىڭ سۈيى ئۇلارنىڭ نەپسىدىن بۇلغانغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەينەت چۈشىنى خۇشاللىق دەپ خوشاللىق دېگەن سۆزنىمۇ بۇلغىۋەتتى. ئۇلار ئۆزىنىڭ نەمخۇش ، زەھەر يۈرىكىنى ئوتقا تاشلىسا ئوتمۇ غەزەپ بىلەن كۆيۈپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ قولىدىكى مېۋىلەرمۇ چىرىپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ پەرۋىشى مېۋە دەرەخلىرىنى قۇرۇتىدۇ .
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتتىن ۋاز كېچىشى پەسكەشلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن بولسا كېرەك. ئۇلار بۇلاق، يايلاق ۋە مېۋىلەردىن پەسكەشلەر بىلەن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى خالىمايدۇ، ئاچ قېلىشنى خالايدۇكى مەينەت پەسكەشلەر بىلەن غىزالىنىشنى خالىمايدۇ. يۈزۈمنى ئېتىپ ئۆتمۈش بىلەن ھازىرنى كەزدىم. پەسكەشلەرنىڭ بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى پۇراقلىرى ئوخشاشلا بەدبۇي .
ئاھ ! ئېگىزلىكتىكى بۈيۈك ھەقىقەت  ! ! ! .............................
سوغوق بۇلاق سۈيى كەبى تىمتاس جىمجىتلىق؛ مانا بۇ بىزنىڭ ئېگىزلىكتىكى ئۆيىمىز! بىزنىڭ تۇرالغۇمىز ناپاكلار ئۈچۈن بەكمۇ خەتەرلىك! دوستلىرىم پاك نىگاھىڭلارنى پاك جىمجىت بۇلاققا تاشلاڭلار، ئۇ بۇنىڭ بىلەن بۇلغىنىپ كەتمەيدۇ . غۇبارسىز تەبەسسۇم بىلەن جاۋاپ بېرىدۇ . كېلەچەك دەرىخىگە ئۇۋا سالايلى !
ھامان بىر كۈنى پەسكەشلەر قېشىغا شامالدەك ئۇچۇپ بارىمەن. مېنىڭ روھىم ئۇلارنىڭ روھىنى بوغىدۇ. كېلەچىكىم شۇنى ئۈمىد قىلىدۇ ...


ھەقىقەت ئىزدەش ئىرادىسى

ئەيدانىشمەنلەر ! سىلەر ئۆزى سىلجىتىپ ئۆزىنى ياندۇرىدىغان نەرسىنى ھەقىقەت ئىزدەش ئىرادىسى دەمسىلەر ، سىلەر ھەممىنى كونتىرول قىلماقچى بولامسىلەر؟ ئاجىزلارنىڭ ئەركىنى ، روھىنى ، ھەم ئېتقادىنىمۇ...
سىلەرچە بولغاندا ھەممە نەرسە سىلەرگە بويسۇنىشى كېرەك . خۇددى روھ ئەينىكى بىلەن ئۇنىڭ سايىسىدەك...
مانا بۇ سىلەر دانىشمەنلەر نىڭ پۈتكۈل ئىرادىسى - ھۇقۇق ئىرادىسىدۇر , ھەتتا سىلەر ياخشىلىق ، مېھرىبانلىق ، قىممەت توغرىسىدا سۆزلىگەندىمۇ شۇنداق .ئاجىزلار كۈچلۈكلەرگە بويسۇنىشى كېرەك . شۇڭا ئاجىزلارنىڭ ئىرادىسى ئۆزىنى ئۆزىدىنمۇ بەك ئاجىزلارغا خوجايىن بولۇشقا قايىل قىلدى .
ئەي روھىيىتىم ! ئۆزۈڭگە پاك سەمىمىي ئېتقادىڭنى ھەمراھ قىلىپ چەكسىزلىك ئىچىدە يۈتۈپ كەتمەي ئۆزۈڭگە تەۋە ئالقانچىلىك بۇ زىمىندا بۈيۈك ھەقىقەت ئۈچۈن زىكرى قىلالارسەنمۇ ؟...ھەر قانداق ھەرىكەتنىڭ ئاللاھنىڭ تەقدىر ،پۈتمىشلىرىدىن ئىكەنلىكىگە چىنپۈتۈپ ئىدىيەڭنى پاكلىغىن...
دانىشمەنلەر پاراڭلىشايلى !!! ھەقىقەتنى يوشۇرىۋەرسە ئۇ ۋىرۇسقا ئايلىنىپ كېتىدۇ...
نۇرغۇن مۇنازىرىلەر بىزنى كۈتمەكتە . ھەقىقەت ئىرادىسى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ......

.
ھايات شۇنچىلىك قىسقا!

ئادەمنىڭ ھاياتى باھاردا كۆكىرىپ كۈزدە غازاڭ بولغان يۇپۇرماققا ئوخشايدۇ . بىزگە تەئەللۇق ھاياتنى زادى نېمە دېسەك ،نېمە قىلساق ئاندىن ئەمىن تاپىدۇ ؟ لەۋزە ، ئەتمىشلىرىڭنىڭ تىزگىنى ھەر زامان ئۆز قولۇڭدا ، ئىمانسزلىقلىرىڭ ئۈچۇن باھانە كۆرسەتمە . ئەيىش -ئىشىرەت نەپسى بالا ،مال - مۈلۇك ئارزۇلىرىڭ مەڭگۈ تۈگىمەيدۇ .
بالا -چاقىلىرىڭمۇ ، سېنى خارئەتكەنلەرمۇ، سېنى مەدىھىيلىگەنلەرمۇ، كەچكۈز كېلشى بىلەن يۇپۇرماق كەبى تۆكۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا يۇپۇرماقلار ئۆسۈپ چىقىدۇ. پانىي دۇنيا ھەر قانداق شەيئى ئۈچۈن بىردەملىك ئۆتەڭ، بېشىڭنى تاشقا ئۇرساڭمۇ ئاشۇ شەيئىلەردىن بىرەرنىمۇ تۇتۇپ قالالمايسەن. ئۇزۇن ئۆتمەي سەنمۇ كۆز يۇمىسەن. سېنى يەرلىكىڭدە قويغانلارمۇ كۈنلەرنىڭ بىردە ئارقاڭدىن ئۇدۇنياغا بارىدۇ .
شۇڭا ئەجەل يەتكەندە مۇنۇلارنى ئېسىڭگە ئالساڭ بۇدۇنيادىن ئارمانسىز كېتەلەيسەن .<بۇ دۇنيادىن كېتىمەن ئەڭ يېقىن ئىچ كۆيەرلىرىمدىن ئايرىلىپ كەلمەسكە كېتىمەن . يېقىنلىرىم ئۈچۈن ئۆمۈر بويى ئەجىر قىلدىم . ئۇلۇغ ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىدىم .> دېگەنلەرنى ئېسىڭگە ئالغايسەن . ئاللاھ روھىڭ بىلەن جىسمىڭنى قوشقان ئىدى . ئەمدى يەنە ئايرىيدۇ ، قىيامەتتە يەنە ئەسلىگە ئەكىلىدۇ . يېقىنلىرىڭنىڭ دىلىنى رەنجىتمەي ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىگە ئەمەس دۇئالىرىغا نائىل بولغايسەن. ئاللاھ تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.<قۇرئان كەرىم دىن>
نۇرغۇن خاندانلىقلار يىمىرلىپ كەتتى . 30يىل ياشا، ياكى 90يىل ياشا ئوخشاشلا بۇدۇنيادىن خوشلىشىسەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز كىملىكىڭنى بىلىپ ياشا ، ئۇنىڭدىن تايما . ئۆزىدىن تېنىپ باشقا بىرىنى دورىغان بولسىمۇ باشقا بىرىگە ئايلانغانلارنى كۆرۈپ باقمىدۇق . ھاياتلىقتىكى نەپسى بالالاردىن ئۆزۈڭنى تارتىپ مەڭگۈلۈك يول ئۈچۈن ئەجىر قىلغايسەن!...چۈنكى بۇ دۇنيادىكى ھاياتلىق شۇنچىلىك قىسقا !



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   borhanhoja تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-14 12:26 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94716
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 755
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 65 سائەت
تىزىم: 2013-4-12
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-15 10:16:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
          شۇنداق ،ھايات بىرئىمتىھان مەيدانى خالاس.
         نەتىجە ئىلان قىلىنغان قىيامەت كۈنى باشنى تاشقا ئۇرغان بىلەنمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ،ئۇكۈندىكى تۆۋبە ھەم قوبۇل قىلىنمايدۇ،شۇڭلاشقا ھاياتلىقتىكى قەدەمنىڭ ئىزلىرىنى ھەقىقەت ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىز سۈپىتىدە باسساق كىلەچەكتىكى گۈزەل نەتىجە بىز بىلەن ھەمرا...

سەن ئۆزۈڭنىڭ كىملىكىنى بىلەمسەن؟    تولىمۇئەپسۇس سەندە ئۇنداق جاسارەت ۋە ئۇنداق يۈرەك يوق....

غەيرەت قىل!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4599
يازما سانى: 683
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10438
تۆھپە نۇمۇرى: 891
توردا: 2462 سائەت
تىزىم: 2010-7-23
ئاخىرقى: 2014-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-16 01:55:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەم ياشىغانىكەن چوقۇم تەپەككۇر بىلەن نىشان بىلەن ياشاش كېرەك ،شۇندىلا ھايات ئۆز مەناسىنى تاپىدۇ. ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز،تەشەككۈر!

http://user.qzone.qq.com/275899228/infocenter
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش