يەنە بىر تال ئالما بار (تەرجىمە ئەسەر)
پايانسىز قۇملۇق،بىر ساياھەتچى قۇملۇقنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈۋاتقاندا تۇيۇقسىز نىشاندىن ئادىشىپ قالدى.تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇقى يىمەكلىك ۋە ئۇسسۇزلۇق سېلىنغان خالتىسىنى يۈتتۈرۈپ قويغان ئىدى.ئۇھەممە يېرىنى ئاختۇرۇپ ئاخىرى كۆپكۆك بىر تال ئالمىنىلا تاپالىدى. ئوھوي،مەندە يەنە بىرتال ئالما بار ئىكەن! ئۇھاياجانلانغىنىدىن شۇنداق دەپ ۋاقىرىۋەتتى. ئۇ شۇ ئالمىنى چىڭ سىقىمدىغىنىچە بىر قەدەم –بىر قەدەمدىن چامداپ بۇ پايانسىز قۇملۇقتىن چىقىش يولى ئىزدىدى.توپتوغرا بىر كېچە-كۈندۈز ئۆتۈپ كەتتى.ئۇ يەنىلا بۇ بىپايان قۇملۇقتىن چىقالمىدى.ھارغىنلىق،ئاچلىق ئۇسسۇزلۇق ئۇنى بارغانچە قىيناپ ھالىدىن كەتكۈزمەكتە ئىدى.ئۇ بۇ بىپايان قۇملۇققا ھەر بىر نەزەر ناشلىغىنىدا ئۆزىنىڭ زادىلا بەرداشلىق بېرەلمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلاتتىيۇ قولىدىكى ئاشۇ بىر تال ئالمىغا قاراپ،تەشنالىقتىن چاك-چاك يېرىلغان لەۋلىرىنى چىڭ چىشلىگىنىچە ئۆزىگە غەيرەت بېرەتتى. تومۇز ئىسسىقتىمۇ ئۇ يەنىلا جاپالىق سەپىرىنى داۋاملاشتۇردى،سانسىز قېتىم ھالىدىن كېتىپ يىقىلىپ قالدى.بىراق ئۇيەنىلا قەيسەرلىك بىلەن بىرقەدەم-قەدەمدىن ئالغا ئۆمىلەيتى.ئۇ پەقەت شۇ بىر ئېغىز سۆزنىلا تەكرارلايتى: مېنىڭ يەنىلا بىرتال ئالمام بار! ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ئۇ ئاخىرى قۇملۇقتىن چىقتى.بۇ چاغدا ئۇنىڭ قولىدىكى تېخى بىرەر چىشلەممۇ يىيىشكە نېسىپ بولمىغان ئاشۇ ئالما ئاللىقاچان قاق بولۇپ كەتكەن ئىدى.شۇنداقتىمۇ ئۇيەنىلا ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغان بۇ ئەتىۋارلىق گۆھىرىگە ئۇزاققىچە تىكىلىپ قارىدى. مەن بۇساياھەتچىنىڭ غەيرەت-جاسارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇش بىلەن بىرگە شۇنىڭغا قايىل بولماي تۇرالمىدىم: بىر تال ئادەتتىكى ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان ئالمىنىڭمۇ شۇنچىۋىلا كۈچ قۇدىرىتى بار ئىكەن! شۇنداق،بىز ھايات سەپىرىمىزدە خىلمۇ-خىل مەغلۇبىيەت ۋە ئوڭۇشسزلىقلارغا دۇچار بولىمىز،ئويلاپ باقمىغان قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىمىز.بۇ ۋاقىتتا ھەرگىزمۇ يەڭگىلتەكلىك بىلەن مەندە ھېچنىمە قالمىدى دەپ ئويلىماسلىقىمىز كېرەك.ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ ئۈمۈد چىرىغىمىزنى ئۆچۈرمەيدىغىنى- بىزنىڭ ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىز،جاسارىتىمىزۋە تىرىشچانلىقىمىزدۇر.بىز داۋاملىق ئۆزىمىزنىڭ قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتىشىمىزگە مەدەت بېرىدىغان ئاشۇ «ئالمىنى» چىڭ سىقىمدىيالىساقلا دۇنيادا ئاشقىلى بولمايدىغان داۋان،ھەل قىلغىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق يوق. مەنبە: ياشلىق ئۈزۈندىللىرى ژۇرنىلى(خەنزۇچە) 2013-10-14
|