تۈمەن: پەتىلەشنى ئۈگۈنۈپ قويايلى!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھەممىڭلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن!
ھەر يىلى ئۇلۇغ روزى ھېيىت، قۇربان ھېيىت كۈنلىرى يىراق يىقىن ئۇرۇق تۇققانلار جەم بولۇشۇپ ئۇرۇق تۇققان قۇلۇم قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە پەتىلەپ بىرىش ئەجداتتىن ئەۋلاتقا داۋاملىشىپ كىلۋاتقان ئىسىل ئۆرۈپ ئادەتلىرىمىزنىڭ بىرى . «پەتە» نىڭ بىزچە ئىستىمال مەنىسى ،ئۆز ئارا قۇتلۇقلاش ،ئۆز ئارا يوقلاش،ئائىلە زىيارىتى قىلىش دىگەن مەنىدە. روزا ھېيىت پەتىسى: ھېيىتنىڭ تۇنجى كۈنى سەھەردە ئەرلەر تاھارەتنى ئوبدان ئېلىپ ھېيىت نامىزىغا بارىمىز ،ھېيىت نامىزى ئوقۇلۇپ بولغاندىن جامائەت ئۆز ئارا كۆرۈشۈپ بىر –بىرىمىزنىڭ ھېيىتىنى مۇبارەكلەيمىز.(بۇلارنى ھەرگىز ئاۋارچىلىق دەپ باش تارتىشقا قەتئىي بولمايدۇ) ئاندىن جەمەت بويىچە ئۆز ئەجداتلىرىمىزنىڭ تۇپراق بىشىغا بىرىپ مەرھۇم ئەجداتلىرىمىزنى يوقلاپ دۇئا قىلىپ قايتىمىز. روزا ھېيىتتا ئادەتتە ھېيىت نامىزدىن قايتىپ كىلىپ ئالدى بىلەن ئائىلمىزدىكى ئاجىزە بىر تۇققان قىرىنداشلىرىمىزنىڭ (ئانىللىرىمىز ،ئاچا-سىڭىللىرىمىز)ھېيتىنى مۇبارەكلەيمىز بولسا ئۇلارغا ھېيىتلىق سوۋغات بەرسەك تېىخىمۇ ياخشى. ئاندىن باللىرىمىزغا نەۋرە چەۋرىلەرگە ھېيىتلىق بىرىمىز.يەنى ھېيىتلىق پۇل بىرىمىز،(پۇلنىڭ ئاز كۆپلىگى چەكلەنمەيدۇ.) ئۇنىڭدىن كىيىن ئەرلەر مەھەللە جامائىتى ،جەمەت ۋە ئائىللەرنى بىرلىك قىلغان ھالدا قولۇم قوشنا ئۇرۇق تۇققانلارنىڭ ئۆيلىرىگە پەتىلەپ بارىمىز.ئەڭ ياخشىسى ئاۋۋال مەھەللە جامائىتى بىلەن بىرلىكتە مەھەللىمىزدىكى ئاجىز-مىيىپ ،يىتىم-يىسىر ،ئاغرىق –سىلاق تۇل خوتۇن-يىتىم ئوغۇللارنىڭ ئۆيلىرىنى ئالدىن پەتىلەپ چىقىمىز ۋە ئۇلارغا ھېيىتلىق بىرىمىز .ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كىرەككى يۇرت جامائىتى بىلەن پەتىلەشنىڭ خاسىيتى كۆپ .يۇرت چوڭلىرى پەتىلەش جەريانىدا چوقۇم پەتىگە كەلگەن مېھمانلارنى ۋە ساھىبخاننى كۆپچىلىككە تونۇشتۇرىدۇ ،ياخشى تەربىيە نەسىھەتلەرنى بىرىدۇ ،قائىدە يوسۇن ئەدەپ ئەخلاقلىرىمىزنى ياشلىرىمىزغا ئۈگىتىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن ھەممىمىزنىڭ ئۆزىمىز چوڭ بولغان يۇرت مەھەللىمىزگە ئۇرۇق تۇققانلارغا بولغان چۈشىنىشىمىز چوڭقۇرلىشىدۇ، جۈملىدىن بۇ يۇرت چوڭلىرىنىڭ ھاياتلىق قەرزىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا پەتىلەش جەريانىدا ئەڭ مۇھىمى ئىلگىرى مەيلى ئۆزىمىزنىڭ سەۋەنلىگى ياكى باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلى بولسۇن بىرەرسىنىڭ دىلىنى ئاغرىتقان ،خاپا بولۇشۇپ قالغان بولساق تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بىرىپ پەتىلەپ زىددىيەنى تۈگىتىپ ئەپلىشىۋىلىشمىز كىرەك . ئەڭ ئاخىردا دوسىت بۇرادەر،كەسىپداش يولداشلىرىمىزنىڭ ئۆيلىرىگە بىرىپ پەتىلەيمىز.چۈنكى بىز ئۇلار بىلەن ئەڭ كۆپ يۈز كۆرۈشۈپ سىر- ئەسرالىشىپ تۇرالايمىز. قۇربان ھېيىت پەتىسى: قۇربان ھېيىتتا ئادەتتە ھېيىت نامىزدىن قايتىپ كىلىپ ئالدى بىلەن ئائىلمىزدىكى ئاجىزە بىر تۇققان قىرىنداشلىرىمىزنىڭ (ئانىللىرىمىز ،ئاچا-سىڭىللىرىمىز)ھېيتىنى مۇبارەكلەيمىز بولسا ئۇلارغا ھېيىتلىق سوۋغات بەرسەك تېىخىمۇ ياخشى. ئاندىن باللىرىمىزغا نەۋرە چەۋرىلەرنىڭ ھېيتىنى مۇبارەكلەيمىز ئۇلارغا ھېيىتلىق بىرىمىز.( پۇلنىڭ ئاز كۆپلىگى چەكلەنمەيدۇ.) ئاندىن قۇربىتىمىز يەتكەن ئائىللەر قۇربانلىق قىلىشقا تەييارلىنمىز.قۇربانلىق قىلىشتا ھەر ئائىلدىن ئائىلە باشلىقى ياكى شۇ ئائىلدىكى ساغلام ئەر كىشىدىن بىرى تاھارەتنى ئوبدان ئىلىپ ،قۇربانلىق ئۈچۈن ئاتالغان قوينى تەييارلاپ تەگبىر ئىيتىپ قوي سويۇشقا كىرشىپ كىتىمىز ،دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى قوي سويۇش جەريانىدا مۇمكىنقەدەر ئائىلدىكى ئەركەكلەر ھەممىسى قۇربانلىق بىشىدا تۇرشى قوي سويۇشقا ياردەملىششى كىرەك. قوي سويۇلۇپ بولغاندىن كىيىن ئائىلە بويىچە ھەممەيلەن قۇربانلىق قوينىڭ گۆشىگە ئىغىز تىگىمىز. ئاندىن كىيىن يۇرت مەھەللە جامائىتى بىلەن ياكى ئۇرۇق تۇققان مەھەللە –كوي بىلەن بىرلىكتە پەتلەشكە بارىمىز.قالغان تەرتىپلەر روزا ھېيىت پەتىسى بىلەن ئوخشاش. قۇربان ھېيىت پەتىسىدە پەتىلەشنى چوقۇم قۇربانلىق قىلىنىپ بولغاندىن كىيىن باشلاش لازىم ،بۇنداق بولمىغاندا ساھىبخاننى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويىمىز. ھېيىت پەتىسى باشقا ھەر قانداق قۇتلۇقلاش ۋەياكى ئائىلە زىيارىتىگە ئوخشىمايدۇ .شۇنداقلا ئۇ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك خالىس ئىشتۇر ،قانداقتۇر ئۆز ئارا كىلشىۋىلىش ياكى ھەشەمەتلىك بولۇش تەلەپ قىلىنمايدۇ، پەتىلمەكچى بولغان ئائىلگە بارغاندىن كىيىن ساھىبخان بىلەن كۆرۈشۈپ تىنىچلىق ئامانلىق سوراپ ،ساھىبخان ئۆيگە باشلىغاندىن كىيىن ئۆي ئىچى ئۇرۇق تۇققانلارنىڭ تىنىچ ئامانلىقىنى تىلەپ ۋە ئۇلارنىڭ ھېيتىنى مۇبارەكلەپ دۇئا قىلىنغاندىن كىيىن ساھبخان مىھمانلارنىڭ قولىغا سۇ بىرىدۇ.ساھىبخان مىھمانلارنى مەززەگە ئىغىز تىگىشكە تەكلىپ قىلغاندىن كىيىن ئەڭ ئاۋۋال تۆردىكى چوڭلار داستىخانغا قول كەلتۈرگەندىن كىيىن ئاندىن باشقىلار قول ئۇزۇتۇش لازىم بولمىسا ئەدەپسىزلىك بولدۇ. ھېيىت پەتىسى جەريانىدا ساھبخاننىڭ سالغان داستىخىننى ،ئۆي ئىچىنىڭ ياسىلىش بىزىلىشلىرىنى تاماشا قىلىش ۋە بۇ ھەقتە سۆزلەپ يۈرۈش ئىغىر ئەخلاقسىزلىق ھىسابلىندۇ.بۇلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم. ئالدىراش ھېيىت پەتىسى بىلەن بوپ كىتىپ ئاجىز بىر تۇققانلىرىمىزنى ھېيىتنىڭ ئالدىراش مېھمان ئۇزۇتۇش ئىشلىرىغا تاشلاپ قويماي مۇمكىن بولسا ئانىللىرىمىزنى ئاچا سىڭىللىرىمىزنى ئىلىپ ئۇرۇق تۇققان قۇدا باجىلارنىڭ ئۆيلىرىگە پەتىلەپ بىرىپ ئۇلارنى ھېيىت خوشاللىقىدىن ئورتاق بەھرىمان قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمايلى. مەنبە: تۈمەن0998
ئەسكەرتمە: يىقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئەنئەنۋى ئەخلاقى، قائىدە يۇسۇنلىرى نۇرغۇن مىللەت دۆلەت خەلىقلىرى تەرپىدىن تەتقىق قىلنىۋاتىدۇ،بىر قىسىم ياشلىرىمىز ئىسىل قائىدە يوسۇنلىرىمىزنى مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن تاشلاپ قويۇۋاتىدۇ،ئۇنتۇلۇپ قىلۋاتىدۇ. مەزكۇر تىما ئەنئەنۋى قائىدە- يوسۇنلىرىمىز ھەققىدە كۆرگەن ،بىلگەن، ھىس قىلغانلىرىم ،بەزى مەزمۇنلار تىما ئىھتىياجى ۋە مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى بەك تەپسىلى يىزىلمىغان بولشى مۇمكىن. تورداشلارنىڭ كەم جايلىرى بولسا تولۇقلاپ قويشىنى، ئەنئەنۋى گۈزەل ئەخلاقىمىز ۋە قائىدە يوسۇنلىرىمىزنى ساقلاپ قىلىش راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن قىممەتلىك پىكىرلىرىنى ئايماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تۈمەن0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-13 02:53 AM
|