مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1387|ئىنكاس: 6

ئىمان تەربىيەسىنىڭ نىشان غايىسى ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88370
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1553
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 292 سائەت
تىزىم: 2012-12-9
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-12 02:02:38 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


 
 
ئىمان تەربىيسى ئېلىپ بېرىشتىكى دەسلەپكى باسقۇچنىڭ نىشان-غايىسى ھەققىدە
 
ئاللاھ تائالا قەلبلەرگە تولىمۇ يېقىن ئېكەن، ئۇنداقتا قەلبلەرنى ئاللاھقا يېتىشتىن توسۇپ قويۇۋاتقان ۋە ئاللاھ بىلەن قەلب ئارىسىغا توسالغۇ پەيدا قىلىۋاتقان نەرسە زادى نېمە؟ ھالبۇكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: « مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا (ئۇلارغا ئېيتقىنكى)، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن.»([1])دەپ ئىيتقان تۇرسا، رەببىمىز بىلەن بولغان ئالاقىمىزدە ھېس قىلىپ تۇرۇۋاتقان بىزدىكى بۇ قەدەر ئۇزاقلىشىش، مەھرۇملۇق ۋە يىراقلىشىش زادى نېمە سەۋەبتىن بولىۋاتىدۇ؟
 جاۋاب شۇكى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن دىللىرى قارىيىپ كەتكەن.»([2])
 دېمەك، قەلب بىلەن ئاللاھ ئارىسىدىكى يولنى ئېتىۋالغان نەرسە دىللارنى ئوراپ تۇرۇۋاتقان كىر-داغلار ئىكەن.
 قەلب بىلەن ئاللاھ ئارىسىدىكى تاقاقلىق يوللارنى ئېچىشتا كېتىدىغان تىرىشچانلىقنىڭ قايسى دەرىجىدە بولىشى ھەر شەخس ئۈچۈن پەرقلىق بولۇپ، ھەممىسى شۇ قەلبنى قاپلىۋالغان غەپلەت ۋە قاراڭغۇلۇقلارنىڭ مىقدارىغا قارىتادۇر.
 مەسىلەن، تىرىك قەلبنى بىز گويا يەر ئاستىغا كۆمۈلگەن خەزىنىگە ۋەياكى بولمىسا ئىككى كىشى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ئورنى يېقىن ۋە يىراقلىقتا پەرقلىنىپ تۇرىدىغان بايلىققا ئوخشىتىشىمىز مۇمكىن. شۇڭا، بەزىلەر بۇ بايلىقنى ئۆزىگە يېقىنلا يەردىن تاپسا، يەنە بەزىلەرنىڭ ئۇنى تېپىش ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئالدىنقىلاردىنمۇ بەكرەك تېرىشچانلىك كۆرسىتىشىگە ۋە ئاز بولمىغان ۋاقىتلىرىنى سەرپ قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.
 بەلكىم بەزىلەر مۇنداق بىر سوئالنى ئوتتۇرغا قويىشى مۇمكىن: «ئەجەبا، ئارىمىزدىن بىرى ئاللاھقا يېتىدىغان ئاشۇ تاقاقلىق يولنى ئاچتىمۇ دەيلى، ئەمما ئۇ، ئۆزىنىڭ بۇ يولدا قەلب بايلىقىغا ئېرىشكەنلىكىنى نېمە ئارقىلىق بىلىدۇ؟»
 ئەمەلىيەتتە، قۇرئان كەرىم بۇخىل سوئاللارغا بىر قانچە ئورۇندا جاۋاب بەرگەن ۋە ھاياتلىقنىڭ شەخىسنىڭ قەلبىگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدىغان ئالامەتلەرنى بايان قىلىپ بەرگەن بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىدە كەلگەن بايانلاردا ئۇشبۇ ئالامەتلەر تىلغا ئېلىنغان: «ئەسلىدە ئۆلۈك (يەنى كاپىر) بولۇپ، بىز ئۇنى (يەنى ئۇنىڭ قەلبىنى ئىمان بىلەن) تىرىلدۈرگەن، بىز ئۇنىڭغا كىشىلەر ئارىسىدا ھىدايەت تېپىشقا نۇر بەرگەن بىر ئادەم زۇلمەتتە (يەنى كۇفرىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدا) قالغان ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمىغان بىر ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟»([3])
 ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئاللاھ تائالانىڭ: «ئاللاھ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن كەڭ قىلغان، پەرۋەردىگارىنىڭ نۇرى ئۈستىدە بولغان ئادەم (دىلى كور ئادەم بىلەن) ئوخشاشمۇ؟»([4])- دېگەن سۆزى توغرىسىدا، «قانداق بولغاندا قەلب ئىسلام ئۈچۈن كەڭ بولىدۇ؟»- دەپ سورىدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر ئىمان نۇرى قەلبكە كىرسە قەلب كېڭىيىدۇ ۋە ئېچىلىدۇ.» دېدى. بىز: «قەلب ئېچىلغانلىقىنىڭ ئالامىتى نېمە؟»- دېۋىدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئالامىتى: «ئەبەدىيلىك ماكانىغا يۈزلىنىش، ئالدامچى دۇنيادىن نېرى بولۇش ۋە ئەجەل كېلىشتىن ئاۋۋال ئۆلۈمگە تەييارلىق كۆرۈشتۇر.»-دەپ جاۋاب بەردى.([5])
 ئالامەتلەردىن يەنە يەنە بىرى: ئاللاھنىڭ زىكرى بولغاندا قەلبتە قورقۇنچ ھاسىل بولىشىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «پەقەت ئاللاھ ياد ئېتىلسە دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا بولىدىغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانى كۈچىيىدىغان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرلا (كامىل) مۆمىنلەردۇر.»([6])
 دېمەك، ئاللاھنىڭ زىكرى بولغاندا قەلبتە قۇرقۇنچ بولىشى ھاياتلىقنىڭ قەلبكە قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرىدىن بولۇپ، ئايەتتىكى «ۋەجل» سۆزى: قورقۇش، تەۋرىنىش، چۆچۈش ۋە قەلبنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى دۈپۈلدىشى ۋە يۈرەك سوقۇشىنىڭ تېزلىشىشى قاتارلىق مەنىلەرگە ئېگە.
 
 ئۇممۇ دەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «قەلبتىكى ئۇ قورقۇنچ گويا خورما يوپۇرمىقىنىڭ كۆيۈشىگە ئوخشايدۇ.»([7])
 ئالامەتلەردىن يەنە بىرى: ئاللاھنى زىكىر قىلغاندا قەلبتە خۇشۇئنىڭ ھاسىل بولىشى بولۇپ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنىڭ زىكرىگە ۋە نازىل بولغان ھەقىقەتكە (يەنى قۇرئان ئايەتلىرىگە) ئېرىيدىغان ۋاقىت يەتمىدىمۇ؟ ئۇلار ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دەك بولمىسۇن، (ئۇلار بىلەن پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئارىلىقىدىكى) زاماننىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئۇلارنىڭ دىللىرى قېتىپ كەتتى، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر.»([8])
 قەلبتىكى خۇشۇئ، قەلبنىڭ ئاللاھقا بوي ئېگىشى، ئاڭا يېقىلىشى، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇشى ۋە بويسۇنۇشىنى كۆرسىتىدۇ.
 ئىمام ئىبن قەييىم رەھىمەھۇللاھ ئىيتىدۇ: «خۇشۇئ سۆزى ئەسلى ئەرەب تىلىدا ئېڭىشىش، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇش ۋە تىنىچلىنىش قاتارلىق مەنىلەرگە ئېگە بولۇپ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە ھەيۋىتىدىن قورقۇپ، بارلىق ئاۋازلار بېسىقىدۇ.»([9])يەنى بارلىق ئاۋازلار بېسىقىدۇ، ھەممە ئاللاھقا بوي ئېگىدۇ ۋە بويسۇنىدۇ-دېگەن مەنىلەردىدۇر.
 خۇشۇئ سۆزىنىڭ مەنىلىرى جۈملىسىدىن يەر-زىمىننىمۇ خۇشۇئ سۆزى بىلەن تەرىپلەش بار. زېمىننىڭ خۇشۇئ ھالىتى دېگەندە، يەرنىڭ قاقاسلىقى، ئۇنىڭ پەس ھالىتى ۋە ئۇنىڭ سۇغىرىلىشى ۋە ئۆسۈملۈكلەر سەۋەبلىك ئېگىزلىمەيدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلغان. ئاللاھ تائالا ئىيتىدۇ: «(بۇمۇ) ئاللاھنىڭ (بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇركى، سەن زېمىننى قاقاس كۆرىسەن، ئۇنىڭغا يامغۇر ياغدۇرغان ۋاقتىمىزدا، زېمىن كۆتۈرۈلىدۇ ۋە كۆپۈشىدۇ.»([10])»([11])
 ئالامەتلەردىن يەنە بىرى: زىكىر ۋە نامازلاردا ھۇزۇرى قەلب بولىشى ۋە تىل بىلەن قەلب ئوتتۇرسىدا بىردەكلىك ھاسىل بولىشىدۇر.
 شۇنىڭدەك ئالامەتلەردىن يەنە بىرى: قەلب ئىگىسىنىڭ ئەنەشۇ ھوزۇرى قەلبنى ئۆزى خالىغان ۋە ئىستىگەن چىغىدا ھېس قىلىپ تۇرالىشى بولۇپ، بۇ پەقەت نامازغا، ياكى قۇرئان تىلاۋەت قىلىشقا، ياكى زىكىرگە ۋەياكى دۇئاغىلا خاس ئەھۋال ئەمەس، بەلكى قاچان ئۆزى خىلۋەت ھالەتلىرىدە قەلبىنىڭ تېتىكلىكىنى، خۇشۇئىيلىقىنى ۋە ئېرىشىنى ئىستىسە، شۇ ھامان قەلب ھوزۇرىنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغان بولىشىنى كۆرسىتىدۇ.
 ئالامەتلەردىن يەنە بىرى: خۇددى ئاللاھ تائالا ئېيتقىنىدەك، قەلب خۇشۇئىنىڭ ھەر قىتىملىق ئىبادەتتىن كىين ئالدىنقىدىنمۇ بەكرەك زىيادە بولۇپ ئارتىشىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار يىغلىغان ھالدا سەجدە قىلىشقا يىقىلىدۇ (قۇرئاننى ئاڭلاش بىلەن ئۇلار ئاللاھقا) تېخىمۇ تەزەررۇ قىلىدۇ.»([12])
 ئالامەتلەردىن يەنە بىرى بولسا: تىرىك قەلب ئىگىسىنىڭ ئىمان ھالاۋىتى تېتىشىدۇر. ئىمان ھالاۋىتى، ئىنسان ھاياتىدا ئۇنىڭ ئوخشىشىنى ھېس قىلىپ باقمىغان بىر ھالاۋەت بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمدە ئۈچ تۈرلۈك نەرسە تېپىلسا، ئۇ ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى تېتىغان بولىدۇ، ئۇلار: ئاللاھ تائالا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرىنى ھەممە نەرسىدىن ئارتۇق سۆيۈش، بىرەر بەندىنى دوست تۇتسا، ئۇنى پەقەت خۇدالىق ئۈچۈن دوست تۇتۇش، ئاللاھ تائالانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن كۇفرىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، قايتا كۇفرىغا قايتىشنى تىرىك پېتى ئوتقا تاشلانغاندىمۇ يامان كۆرۈش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.»([13])
 ھەسەن بەسرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىيتىدۇ: «ئىمان ھالاۋىتىنى مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك ئىشتىن ئىزدەڭلار! ناماز ئوقۇۋاتقاندا، زىكىر قىلغاندا ۋە قۇرئان تىلاۋەت قىلىۋاتقاندا. ئەگەر سىلەر بۇ ئۈچ نەرسىدىن ئىمان ھالاۋىتىنى ھېس قىلالىساڭلار قىلدىڭلار. ئەمما ھېچبىرىدىن ھالاۋەت ئالالمىساڭلار، ئۇچاغدا سىلەرگە ئاسمان ئىشىكلىرى تاقاقكەن- دەپ بىلسەڭلار بولىدۇ.»([14])
 شۇنىڭدەك ئالامەتلەردىن يەنە بىرى، تىرىك قەلب ئىگىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئاللاھقا يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشى بولۇپ، بۇخىل تۇيغۇ شۇ قەلب ئىگىسىنىڭ رەببىگە دۇئا قىلىۋاتقان ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇناجات قىلىۋاتقان ۋاقىتلىرىدا قەلبىگە ئايان بولىدۇ ۋە بۇ يېقىنلىق تۇيغۇسى كۈندىن كۈنگە، تاكى ئۇ ئاللاھ بىلەن ئۈنسى-ئۈلپەت قىلىش، ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناجاتلاردىن لەززەتلىنىش ۋە ئۇنىڭ بىلەن خىلۋەتتە مۇلاقات بولۇشنى كۈتۈپ ئۆتۈش مەرتىۋىسىگە يەتكەنگە قەدەر ئارتىپ ماڭىدۇ.
 ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «بىلگىنكى، ناۋادا قەلب دۇنياغا كۆڭۈل قويۇشتىن ۋە دۇنياغا ئائىت بولغان مال-مۈلۈك، مەنسەپ ۋە شۆھرەت كەبى نەرسىلەرگە باغلىنىپ ياشاشتىن خالى بولالىسا، ئاخىرەتكە باغلانسا، ئاخىرەت ھازىرلىقلىرىنى كۆرۈشنى مۇھىم بىلسە ۋە ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە تەرەپكە ئاتلىنىشقا تەييارلىق كۆرسە، ئەنەشۇ قەلبنىڭ تۇنجى ئېچىلىشقا قاراپ ماڭغانلىقىنىڭ ۋە قەلب تاڭىنىڭ ئېتىشقا باشلىغانلىقىنىڭ بىشارىتىدۇر. مۆئمىن قەلب، ئەنەشۇ چاغدا رەببىنىڭ نېمە ئەمەل قىلسا رازى بولىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ھەركەتكە كېلىدۇ-دە، بىلگەنلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشكە باشلايدۇ ۋە ئۇ بىلەن ئاللاھقا يېقىن بولىدۇ. شۇنداقلا ئۇ يەنە، نېمىنىڭ رەببىنى نارازى قىلىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ھەركەتكە ئۆتىدۇ ۋە رەببىنى نارازى قىلىدىغان ئەمەللەردىن يىراق بولىدۇ. مانا بۇ، قەلبنىڭ ئۆز ئىرادىسىگە سادىق ئىكەنلىكىنىڭ بەلگىسىدۇر.
 ئەگەردە قەلب يۇقىرىقىلارنى ئورۇندىغۇدەك بولسا، ئۇنىڭغا خىلۋەت ۋە يالغۇزلۇق ھالەتلىرىدە، ھەمدە بارلىق ئاۋاز ۋە ئىش-ھەركەتلەر جىمجىتلىققا چۈمۈدىغان خالىي جايلاردا ئاللاھ بىلەن ئۈنسى-ئۈلپەت قىلىش ئىشىكى ئېچىلغۇسىدۇر. ئەنەشۇ ۋاقىتتا، قەلبنىڭ ئاللاھتىن باشقا سېغىنىدىغان نەرسىسى بولمايدۇ. چۈنكى بۇلار ئۇنىڭغا قەلبنىڭ ۋە ئىرادىنىڭ بارلىق كۈچ-قۇۋۋىتىنى جەملەپ ئۇنىڭ دېققىتىنى چاچىدىغان، قەلبىنى بۆلىدىغان بارلىق ئىشىكلەرنى تاقىۋېتىدىغان بولۇپ، بولمىسا ئۇ، ئاشۇ ئىشىكلەر بىلەن مەشغۇل بولىدۇ-دە، ئاخىرىدا خەلقى ئالەمدىن بىزارلىق ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
 ئۈنسى-ئۈلپەت ئىشىكى ئېچىلغاندىن كىين، ئاندىن ئۇنىڭغا ئىبادەتتىن ھالاۋەت ئېلىش ئىشىكى ئېچىلىشقا باشلايدۇ. بۇ ھالاۋەت شۇنداق نەرسىكى، ئىبادەت قىلغانسېرى قەلب ئىبادەتكە تويمايدۇ ۋە ئىبادەتتىن ئويۇن-تاماشىدا، شەھۋەت-پاراغەتتە ئالغان ھۇزۇر-ھالاۋەتتىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ھۇزۇر ۋە لەززەتنى ئېلىشقا باشلايدۇ. بۇ لەززەت شۇ دەرىجىدىكى، كىشى نامازغا تۇرغان بولسا، نامازنىڭ مەڭگۈ تۈگىمەي داۋام قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.
 يۇقىرىقىلاردىن كىين ئۇنىڭغا، ئاللاھنىڭ كالامىنى ئاڭلاپ لەززەتلىنىش ئىشىكى ئېچىلىدۇ. بۇنىڭدىمۇ ئۇ، ئاللاھ كالامىنى ئاڭلاپ قانمايدۇ. قۇرئان ئاڭلىغان زامان گويا كېچىك بالىغا ئامراق نەرسىسىنى تۇتقۇزسا جىم بولغىنىدەك قەلبى شۈكلەپ كېتىدۇ.»([15])
 مانا بۇلار، كۆرۈپ تۇرغىنىمىزدەك ھاياتلىقنىڭ قەلبكە قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر سۈننەتلىرىدە كەلگەن بىر قاتار ئالامەتلىرىدۇر.
 نۆۋەتتە، مۇلاھىزە قىلىپ ئۆتۈشىمىز زۆرۈر بولغان يەنە مۇنداق بىر نۇقتا بار. ئۇ بولسىمۇ، بىزنىڭ يۇقىرىقىغا ئوخشىغان ئالامەتلەرنى ھېس قىلالمىغىنىمىز بىزنىڭ مۇسۇلمان ئەمەسلىكىمىزنى بىلدۈرمەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت. چۈنكى، ئىمان ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن قەلبلىرىمىزدە بار. بەلكى بەزىلىرىمىزدە شۇنداق لەھزىلەر بولىدۇكى، بۇ لەھزىلەردە ئۇ ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئاللاھقا يېقىنلىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ھالبۇكى بۇ لەھزىلەر ئۇزۇنغا داۋاملاشمايدۇ-ئەلۋەتتە!
 مانا بۇ، دەل ئۇشبۇ ئىمان تەربىيىسى يولىغا قەدەم ئىلىشنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئامىللار جۈملىسىدىندۇر.بەلكىم بىز، ئۇشبۇ ئىمان تەربىيىسى ئارقىلىق قەلبلىرىمىزنى ئەبەدىي ئويغاقلىققا ئېرىشتۈرۈپ قالساق ئەجەب ئەمەس!
 ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنى تىرىلدۈرىدىغان (يەنى ئەبەدىي ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان) ئىمانغا دەۋەت قىلسا، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ كىشى بىلەن ئۇنىڭ قەلبى ئارىسىدا توسالغۇ بولالايدۇ (يەنى كىشىنىڭ دىلىنى ئىگىسىنىڭ خاھىشى بويىچە ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە تەسەررۇپ قىلىدۇ). (قىيامەت كۈنى) سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر.»([16])
 بەزىدە ئويغاق ۋە تىرىك قەلبكە ئىگە بولالمىغان كىشىمۇ ئۆزىنىڭ ئىتائەتلىك ئەمەللىرى ۋە ئىبادەتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ مۇئەييەن مەزگىللەردە ئادا قىلىنىدىغان  رامزان روزىسى تۇتۇش، ئۆمرە قىلىش ۋە پەرز ھەج قىلىش قاتارلىق ئىبادەتلەرنى ئادا قىلغان مەزگىللىردە شۇنداق. بەلكىم ئۇ، ئىبادەت قىلىۋاتقان ئاشۇ پەيتلەردە لەززەت، راھەت ۋە بەختىيارلىق ھېس قىلىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ ۋاقىتتىكى تەسىرلىنىشلەر ۋاقىتلىق بولۇپ، تىرىكچىلىكنىڭ داۋام قىلىشىغا ئەگىشىپ تېزلا غايىب بولىدۇ.
 بىز بۇخىل ئەھۋالدىكى كىشىنى ئۇيقۇسىغا غەرق بولۇپ كەتكەن ئۇيقۇچى بىرىگە ئوخشىتىشىمىز مۇمكىن. ئۇ تۇيۇقسىز سىرتقى تەسىرنىڭ سەۋەبى بىلەن ئويغانغان ۋاقىتتا، بۇ ئويغىنىشنىڭ نەتىجىسىدە دەرھال ئۇيقۇسىنى ئېچىشى ۋە ئازىراق ۋاقىت ئويغاق تۇرىشى مۇمكىن، بىراق ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنە ئاۋۋالقىدەكلا ئۇيقۇسىغا قايتىۋالىدۇ... ئەمما تىرىك قەلب ئىگىسى بولسا، دائىم ئويغاق ۋە سەگەك تۇرىدۇ.
 مانا بۇ، ئىمان تەربىيسى ئېلىپ بېرىشتىكى دەسلەپكى باسقۇچنىڭ نىشان-غايىسىدىن ئىبارەت.
 
 
ئاپتور: دوكتور مەجدى ھىلالى
 
تەرجىمە قىلغۇچى: تالىب 
 
 ……………………………………………………………

[1]  بەقەرە سۈرىسى 186-ئايەت. 
[2]  مۇتەففىفىين سۈرىسى 14-ئايەت.
 [3] ئەنئام سۈرىسى 122-ئايەت. 
[4]  زۇمەر سۈرىسى 22-ئايەت. 
[5]  ھاكىم ۋە بەيھەقى رىۋايەت قىلغان. 
[6]  ئەنفال سۈرىسى 3-ئايەت. 
[7]  ئىمام قۇرتۇبىينىڭ "ئەھكامۇلقۇرئان" ناملىق كىتابى 163/15. 
[8]  ھەدىد سۈرىسى 16-ئايەت. 
[9]  تاھا سۈرىسى 108-ئايەت. 
[10]  فۇسسىلەت سۈرىسى 39ئايەت. 
[11]  "تەھزىيب مەدارىجۇسسالىكىن" ناملىق كىتاب 275-بەت. 
[12]  ئىسرائ سۈرىسى 109-ئايەت. ئىسرائ سۈرىسى 109-ئايەت. 
[13]  ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. 
[14]  "تەھزىيب مەدارىجۇسسالىكىين" ناملىق كىتاب 463-بەت. 
[15]  "تەھزىيب مەدارىجۇسسالىكىين" ناملىق كىتاب. 631-632-بەتلەر. 
[16]  ئەنفال سۈرىسى 24-ئايەت.
 
 

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84233
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 426
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 86 سائەت
تىزىم: 2012-8-22
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-13 12:11:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن.

ئۇزدىل تورتېخنىكا مەركىزى - ئۇيكوم ھەقسىز شېركەت سېستىمىسى http://www.uzdil.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6019
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1010 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-13 02:55:07 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ مۇبارەك كۈنلەردە قىلغان ئەمەللىرىڭىز ئۈچۈن ھەسسىلەپ ئەجىر بەرسۇن قېرىندىشىم.ئامىين.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85950
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2367
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 238 سائەت
تىزىم: 2012-10-11
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-13 01:13:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئەجىرىڭنى يەردە قويمىغاي،ياخشى تىما يوللاپسىز،ئاللاھ بارچىمىزنى ئىماننىڭ تەمىنى تىتىغىلى نەسىپ ئەتسۇن،ئامىين.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98581
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 393
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 61 سائەت
تىزىم: 2013-10-9
ئاخىرقى: 2014-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-13 08:36:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى تىما يوللاپسىز ،ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن قېرىدىشىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75434
يازما سانى: 510
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4177
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 407 سائەت
تىزىم: 2012-2-11
ئاخىرقى: 2013-12-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-13 10:34:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ   ئاللاھ مۇبارەك كۈنلەردە قىلغان ئەمەللىرىڭىز ئۈچۈن ھەسسىلەپ ئەجىر بەرسۇن قېرىندىشىم.  ئىشلىرىڭىزنى ئاسان  قىلسۇن      ئامىين.  
  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79465
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3331
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2012-4-28
ئاخىرقى: 2014-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-16 10:35:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئەجىرلەر بەرسۇن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش