مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9829|ئىنكاس: 94

تۈنۈگۈن ئايفونىم يۈتۈپ كەتتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۈمىد ئەتىنى يار

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39957
يازما سانى: 492
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5022
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 228 سائەت
تىزىم: 2011-5-7
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-12 12:20:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار! ئالدىمىزدا ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىمىز كېلىۋاتىدۇ! بۇ مۇناسۋەت بىلەن ھەممىڭلارنىڭ كەلگۈسى ھېيتىڭلارغا خۇشاللىق، يېقىنلىرىڭلار بىلەن جەمگاھلىق تىلەيمەن! ئاللاھ ھەممەيلەننى ئانا يۇرتتا قەۋم-قېرىنداشلار بىلەن خۇشال -خۇرام ، ئامان- ئېسەن ھېيت ئۆتكۈزۈشكە نىسىپ قىلسۇن!

تېمىغا كەلسەم... نىمە دېسەم بولار، تېمىنىغۇ <جوبىسنىڭ ئۆلۈمى بىلەن يۈتكەن ئايفوننىڭ نىمە مۇناسىۋىتى> دەپلا قويدۇم. يازىدىغىنىم مۇشۇ ھەقتىكى ئالاھىدە تەتقىقات تېمىسىمۇ ئەمەس. بىراق شۇ تۈنۈگۈن(2013-10-11) ئۆيدىكىلەر ئۈرۈمچىدىكى ئاپتونۇم رايونلۇق ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىدىن شۇ دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدىكى ئۆيگە چىققۇچە بىر قارا تاكسىغا ئولتۇرۇپتىكەن. قېرىشقاندەك قول سومكىسىنى شۇ ماشىنىدا ئۇنتۇپ قېلىپ چۈشۈپ كېتىپتۇ. ئۆيگە چىقىپ قارىسا سومكا يوق. سومكىدا بىر دانە ئاق رەڭلىك 4ئېس 16 گىگالىق ئايفون، بىر دانە ئادەتتىكى تېلىفون، كىملىك، نوپۇس دەپتىرى، دوختۇرخانا مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلىرى قاتارلىقلار بار ئىدى...  ئىككى دانە تېلىفونغا توختىماي تېلىفون قىلدۇق ئالمىدى. كېيىن ئىككىلىسى بىراقلا ئېتىۋېتىلدى. شۇ پېتىچە ئېتىك. بۇ  ئىشلارغا ئىچىم پۇشۇپ ئولتۇرسام مۇشۇ ئايفوننى ئىجاد قىلغان جوبس ئەپەندىنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئىككى يىللىقىنى خاتىرلەش ئۇچۇرلىرى چىققىلى تۇرۇپتۇ. ئالغىلى بىر يىل بولاي دىگەن بۇ يانفوننىڭ يۈتۈپ كېتىشىنىڭ بۇ كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە ئۇدۇل كېلىپ قالغىنىنى ئويلاپ ماۋۇ قىزىقچىلىقنى دەپ قالدىم...

ئايفون ئۆزى قىممەت تېلىفون بولغاچقا يۈتۈپ كەتسە راستلا ئادەمنىڭ ئىچى ئېچىشىپ قالىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تېلىفوندا نۇرغۇن سۈرەتلەر بار ئىدى. ئائىلىنىڭ شەخسى خاتىرىلىرى دىگەندەك...

شۇنىڭ بىلەن توردىن ئايفون يۈتۈپ كەتسە تېپىشقا قانداق ئامال بار دپ ئىزدەپ كۆرسەم ئۇچۇرلار ناھايىتى كۆپكەن. قويمىچىلارنىڭ ئېلانلىرىمۇ بەك كۆپكەن. تاۋباۋدا شۇنداق مۇلازىمەت بارمىدۇ دەپ قارىسام ئۇ يەردىمۇ شۇنداق كۆپكەن. تاۋباۋغا چىقىپ <ئايفون يۈتتى> دەپلا ئۇچۇر يازساق نۇرغۇن مۇلازىمەتچىلەر چىقىدىكەن. يەنى شۇ مۇلازىمەتنى سېتىۋالساق ئۇلار ئايفونغا سېلىنغان يېڭى كارتىنىڭ ICCID نومۇرىنى تەكشۈرۈپ بېرىدىغان ئىشكەن. بۇ نومۇر ئارقىلىق تېلىفونغا قاچىلانغان نومۇرنى تاپقىلى بولىدىكەن. بۇنى سىناپ بېقىشنى ئويلاشتىم. ھەمدە مۇشۇنداق ئايفونى يۈتۈپ كەتكەن تورداشلار بىلەن پايدىلىقراق بولىدىغان ئۇچۇرلارنى ئالماشتۇرۇش مەقسىتىدە بۇ تېمىنى يازدىم.
ھازىر قولۇمدا بار تېلىفون ئۇچۇرلىرىدىن imei نومۇرى ۋە تەرتىپ نومۇرى، سېتىۋالغاندىكى قاپ، ۋە ساتقۇچىنىڭ پۇل تاپشۇرۇۋېلىش ھۈججىتى بار. ساقچىغا مەلۇم قىلساق بۇ كىچىك ئىشكەن. قىممىتى دىلو تۇرغۇزۇش ئۆلچىمىگە توشمايدۇ دەپ دىلو قىلماي تىزىملاپلا قويدى .  ئالمىنىڭ مۇلازىمەت تېلىفونىغا تېلىفون ئۇرسام imei نومۇرىنى سوراپ ئېلىپ قالدى. مۇشۇ تېلىفوندىن شۇلارغا تېلىفون قىلسا ئۇچۇرلىرى ماڭا كېلەرمىش. ھەي....  بەك ئاۋارىچىلىك بولدى جۇمۇ...........

ئەشۇ قارا تاكسى ھەيدىگەن بۇرادىرىمىز ھەققىدىمۇ ئويلىنىپ قالدىم. شۇ سومكىنى كۆرگىنىدە، تېلىفونلارنىڭ بەس -بەستە سايرىغانلىرىدا  بەلكىم تېلىفوننى بىر ئېلىپ سومكىڭىز مەندە قاپتۇ دېگۈسى كەلگەن بولغىيتتى بىراق... ئازراق شۇ نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىپ يەنىلا تېلىفوننى ئېتىپلا قۇتۇلاي دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما سومكىدىكى باشقا ماتىرىياللار ھەققىدە بولسىمۇ ئويلىنىپ قويغان بولسا ئوغرى بولسىمۇ ئىنساب بىلەن بولغان بولسا دەپ قالدىم...  بۇ نەرسىلەرنىڭ ئالدى- كەينىنى تولۇقلاپ بولغۇچە قايسى زامان كېتەر دەيمەندە...  ھەي...... قايسى بىر ئوماق قېرىندىشىمىزنىڭ قولىدا يۈرۈيدىغاندۇ بۇ نەرسىلەر ھە؟!   

مۇشۇ يۈتكەن ئايفوننى تېپىش توغرىسىدا يەنە قانداق چارىلەر بار قېنى تەجرىبىسى بارلاردىن ئاڭلاپ باقساق دەيمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-12 12:47 PM  


دۇنيا مەڭگۈلۈك ئەمەس، شۇنىڭدەك دەۋر ھەم مەڭگۈلۈك ئەمەس، ئۇ ھامان ئالمىشىدۇ! شاھ گاداي، پۇقرا بايمۇ بولىدۇ... بۇ دۇنيانىڭ ئويۇنلىرىغا ئاھ ئۇرمىغىن! ئۈمىدۋار بول!

غەيرەت قىل!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4599
يازما سانى: 683
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10438
تۆھپە نۇمۇرى: 891
توردا: 2462 سائەت
تىزىم: 2010-7-23
ئاخىرقى: 2014-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-12 01:07:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزدىن يۈتۈپ كەتكەن ئايفونىڭىز ئۈچۈن قانچىلىك پەرىشان بولغىنىڭزنى ھېس قىلدىم
بولدى ئەمدى ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىپ 小米ئەپ ئىشلىتىڭ .....سىزگە ھېسداشلىق قىلىمىز

http://user.qzone.qq.com/275899228/infocenter

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96511
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2353
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 581 سائەت
تىزىم: 2013-7-29
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-12 01:09:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىمۇسىز، بەك يامان بوپتۇ، سىز ئۈچۈن قايغۇرىۋاتىمەن. ئەگەر تىلفۇنىڭىزنى تۇرمىدىن قاچۇرۇۋەتكەن بولسىڭىز ئامال يوق، قاچۇرمىغان بولسىڭىز بىر ئامال قىلىپ تاپقىلى بولىدۇ، لېكىن ئۇنى قولغا چۈشۈرگەن ئادەم ئەقىللىق ئادەم بولسا، ئالدى بىلەن سىستىمىسىنى يۇيۇپ ئاندىن ئىشلىتىدۇ، سىستىمىنى يۇتۇۋەتسىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. بۇ تېلېفۇننى ئىزدەپ تېپىش يوقنىڭ ئورنىدىكى ئىش، ئەمدى ئۈمىدىڭىزنى ئۈزۈڭ.
سىز بۇ تېلېفۇننى يۇتتۇرۇش ئارقىلىق جوبىسنىڭ ئۆلىمىنى خاتىرلەپ، ئۇنىڭ روھىغا نەزىر بەرگەندەك تۇرىسىز، جوبىسمۇ ئۇ دۇنيادا سىزگە رەھمەت ئوقۇۋاتقاندۇ، بەلكىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-12 01:22 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96969
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 711
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 417 سائەت
تىزىم: 2013-8-14
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-12 01:15:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
UYGRAF يوللىغان ۋاقتى  2013-10-12 01:09 PM
ياخشىمۇسىز، بەك يامان بوپتۇ، سىز ئۈچۈن قايغۇرىۋاتىمەن ...

سىستېمىنى يۇيغان بىلەن، ئايفون تەرتىپ نۇمۇرىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93252
يازما سانى: 1084
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4321
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1310 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-12 01:18:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايفوندىن باشقا ئاۋۇ نۇپۇس دەپتىرى ، دوختۇرخانا رەسمىيەتلىرىنى قانداق بېجىرەسىز ئەمدى ، ھازىر ئىش بېجىرىشنىڭ تەسلىكىدە .....

ئايال- ئەرنىڭ تەلىيى .   ئەر- ئايالنىڭ تەغدىرى  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93252
يازما سانى: 1084
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4321
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1310 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-12 01:20:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنسابىغا كىلىپ قايتۇرۇپ بىرەمدۇ تېخى . ئۆلمىگەن جاندا ئۈمۈت بار دەپتىكەن . ياخشى تەرەپتىن ئويلاپ بېقىڭ . بەلكىم ئۇ شوپۇرنىڭ جىددى ئىشلىرى بولسا شۇ ئىشلىرى تۈگىگەندە سىزگە قايتۇرۇپ بىرىشىمۇ مۇمكىن . جاھاندا ياخشى ئادەملەر يەنىلا كۆپ .

ئايال- ئەرنىڭ تەلىيى .   ئەر- ئايالنىڭ تەغدىرى  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96969
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 711
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 417 سائەت
تىزىم: 2013-8-14
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-12 01:21:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
icloudتا ھەمبەھىرلەش ئىقتىدارىنى ئەتمىگەن بولسىڭىز، يانفوندىكى ماتىرىياللار توردا ساقلىنىپ ماڭىدۇ، شۇيەردىن قايتا چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ.
بىلىشىمچە ئايفون تەرتىپ نۇمۇرى ئارقىلىق ئايفونىڭىزنى بىر پارچە كېسەككە ئايلاندۇرۇپ قويغىلى بولىدىغۇ دەيمەن.  بۇنى تەپسىلىي بىلمەيدىكەنمەن، ئايفون مۇلازىمەت نۇقتىلىرىدىن بەكرەك سۈرۈشتە قىلىپ باقسىڭىز بولىدۇ.

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5406
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20191
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2259 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-12 01:22:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھى ھى مېنىڭ تېلفۇنىمنى باشقىلار ئوغۇرلىسىمۇ ھېچ ئىشنى بىلەلمەيدۇ.
ئادەتتە ئۆيدىكىلەرمۇ بىلەلمەيدۇ .
شۇڭا مابەت بىلەن يېزىشقان ئۇچۇرلار نەچچە مىڭ بولسىمۇ ساقلىنىپ قالدى ھى ھى

سىلەرگە ئالما ئەمەس. دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى تېلنى تەۋسىيە قىلاي
BlackBerryنى ئىشلىتىڭلار...

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78640
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3288
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 126 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2014-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-12 01:24:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانداق ئاماللارنى سىناپ باققىلى بولىدۇ
1.ئالمىنىڭ تور بېتىگە چىقىپ يانفوننىڭ ئورنىنى كۆرگىلى بولىدۇ ،تېلېفون دەپتىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ ،ئۇرغان كىرگەن تېلېفون نومۇرىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ .
2.يەنە  شۇ تور بەتكە چىقىپ يانفوننى سولىۋەتكىلى بولىدۇ .
3.تېلېگراف تور بېتىگە چىقىپ ئۇرغان كىرگەن نومۇرلارنى تەكشۈرەلەيسىز ،لېكىن بۇ نىڭ ئۈچۈن simكارتىنى قايتا بېجىرىسىز .
4.ساقچىغا مەلۈم قىلىڭ ،لېكىن مۇناسىۋىتىڭىز بولمىسا كارى بولمايدۇ ،ئەتە كەل ئۆگۈن كەل دەپ ئاۋارە قىلىدۇ ،ساقچى تاپىمەن دىسە ئىككى سائەتتىلا تېپىپ كېلىدۇ .
يانفوندىمۇ ياخشى ئىقتىدارلار بولىدىغان ،باشقا كارت سالسا بەلگىلەپ قويغان نومۇرغا ئۇچۇر ئەۋەتىدىغان ،بۇلارنى تەڭشىمەپسىزدە ؟
مەنمۇ ئىككى ئاي بۇرۇن بۇ كۈننى كۆرگەن ،سىرتتا بولغاچقا ھەم پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويۇپ تاپالماي قايتىپ كەلدىم .سىزگە ئامەت تىلەيمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1416
يازما سانى: 699
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 16132
تۆھپە نۇمۇرى: 955
توردا: 8509 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-12 01:30:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   سىز ئەڭ ياخشىسى شۇ تېلفوننىڭ بىرىگە ياكى ھەر ئىككىسىگە ئۇچۇر قىلىڭ. 2 ئاي ئاۋال بىر تونۇشىمنىڭ ئايفونى شۇنداق بولغان ئىدى. تېلفون قىلسا ئالمىدى. كېيىن تېلفوننى ئىتىۋەتتى. شۇ ۋاقىتتا مەن ئۇ تونۇشۇمغا ‹ئۇچۇر قىلىپ باق› دېسەم ئۇچۇر قىلغان. بىر سائەتتىن كېيىن، قايتۇرۇپ بەردى.
   ئۇچۇرغا: ‹ئەگەر سىز سومكىنى قايتۇرۇپ بەرسىڭىز، سىزنىمۇ مەن تونۇمايمەن، سىزمۇ مېنى تونۇمايسىز، ئەمما مەن سىزگە 200 يۈەن سۈيۈنچە بېرىمەن، ئەگەر ئىشەنمىسىڭىز ئاۋال پۇلنى قولىڭىزغا يەتكۈزۈپ بېرىمەن› دېگەن مەزمۇندا يازغان. سىناپ بېقىڭ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nur65 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-12 01:37 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش