مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 712|ئىنكاس: 10

جاراھەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76909
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3171
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2012-3-4
ئاخىرقى: 2013-11-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-11 06:37:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنىڭدا بىر جاراھەت بار ئىدى، بۇ جاراھەتنىڭ نېمە سەۋەبتىن پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى ئۆزىمۇ ئېنىق بىلمەيتتى.بەلكىم كىچىكىدە دادىسىنىڭ شاپىلىقىدىن، ئانىسىنىڭ سىلكىشىدىن ، ئاچىسىنىڭ چىمدىشىدىن ، ئاكىسىنىڭ تامغا ئۈستۈرىشىدىن ، مۇئەللىمىنىڭ دۈشكەلىشىدىن پەيدا بولغان ۋە بەلكىم دوستلىرىغا ئەگىشىپ ئەگرى يولدا ماڭغاندا بىلمەي ئورەككە چۈشۈپ كەتكەندە شەكىللەنگەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
كۆپ يىللار ئۆتتى، جاراھەت شۇ پېتى تۇرىۋەردى.تۇرۇپ ياخشى بولۇپ قالاتتى، ئەمما ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ تەڭ قىچىشىشقا باشلايتتى، شېرىن ئازاپقا بەرداشلىق بېرەلمىگەن ئۇ جاراھىتىنى تاتىلايتتى، « تاتىلىما!» دېمىدى دادىسى، تاتىلىغان قوللىرىغا ئۇرمىدى ئانىسى...تاتىلىغانسېرى قىچىشىاتتى، قىچىشقانسېرى تاتىلايتتى، قانچە تاتىلىغانچە قىچىشىش شۇنچە ئەزۋەيلەيتتى، چوڭىياتتى، چوڭقۇرلايتتى، ئەتراپقا كېڭىيەتتى، يۇقۇملىناتتى، يىرىڭدايتتى.
نۇرغۇن يىللار ئۆتتى، جاراھەت يەنە شۇ پېتى تۇراتتى، كىچىكلىكىدە بىلمىگەن، بىلىنمىگەن، بىلىندۈرۈلمىگەن جاراھەتنىڭ يامانلىقى ئەمدى بىلىنىۋاتاتتى. ھەر بىر قىچىشقىنىدا تاتىلىمايمەن دەپ ئويلايتتىيۇ، بىراق ئاقىۋەتتە يەنىلا بەرداشلىق بېرەلمەيتتى، شۇنچىلىك شېرىن قىچىشاتتىكى، قولى ئىختىيارسىز ئەمدى ئېغىز ئېلىپ قىزىرىشقا باشلىغان، ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن جاراھىتىنى تاتىلاپ قان چىقىرىۋىتەتتى. لېكىن بىردەمدىلا قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلاتتى، ئۆزىگە ئىچى ئاغرىيتتى، « جاراھىتىم ساقايماي مۇشۇ پېتى ئۆتۈپ كېتەرمەنمۇ؟» دەپ ۋايىم يەيتتى، ئەمدى قەتئىي تاتىلىماسلىققا بەل باغلايتتى، جاراھەتكە مەلھەم تاپماققا ئىرادە قىلاتتى.
ئىزدىدى، سورىدى، دورىلارنى تاپقان بولدى...ئەمما ھېچبىرى تەلتۈكۈس ساقايتالمىدى، ھەر قېتىم سەللىمازا بولاتتىيۇ، ئەمما ئاخىرىدا بۇرۇنقىدىنمۇ دەھشەتلىك شېرىن ئازابقا چىدىمىغان ئۇنىڭ تاتىلاپ قان قىلىۋىتىشى بىلەن كۇپايىلىنەتتى.
كۈنلەر ئۆتتى، ئايلار ئۆتتى، تالاي يىللار ئۆتتى... جاراھەت جاراھەت پېتى قېلىۋەردى، قىچىشقاندا تاتىلاپ، ئاغرىغاندا ۋايساپ يۈرىۋەردى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭغا ئۆزى بىلەن تەڭتۇش بىر يىگىت ئۇچراپ قالدى. ئۇ كۆردىكى، ئۇ يىگىت باشقىچىلا ئىدى، يۈزلىرى نۇرلۇق، يۈرۈش-تۇرۇشلىرى قائىدىلىك، گەپ-سۆزلىرى ۋەزىنلىك، كىيىم-كېچەكلىرى يارىشىملىق ئىدى؛ ئۇ بىلدىكى، ئۇ يىگىت شۇنچە خۇشخۇي، ئۈمىدۋار، شۇنچە كەسكىن ۋە تەمكىن، شۇنچە قانائەتچان ۋە چىدامچان ئىدى. كۈنلىرى تەرتىپلىك، مەنىلىك ئۆتەتتى، قاقشىغىنىنى، زارلىغىنىنى ھېچ ئاڭلاپ قالمايتتى، بېشىغا كۈن چۈشكەندە ئاھ ئۇرۇپ كەتمەيتتى، بەخت قۇشى قونغاندا بۆكىنى ئاسمانغا ئاتمايتتى. ئات-ئانىسىغا ۋاپادار ئوغۇل، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-يارەنلىرىگە سادىق، مەرت يىگىت، ھالال جۈپتىگە كەڭ قورساق ۋە كۆيۈمچان ئەر، بالىلىرىغا يۈزەكى ئەمەس يۈرىكىدە كۆيۈنىدىغان مېھرىبان بىر ئاتا ئىدى.
ئۇ ھەيران بولدى، ئۆزى ھېلىغىچە شۇ جاراھىتىنى ساقايتالماي ئاۋارەيۇ، لېكىن...ئۇنىڭ يۈزلىرى قىزاردى، يۈرەكلىرى ئۆرتەندى، قەلبى پۇچىلاندى. ئىككىيلەندىكى پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبنى تاپماق بولدى، ئۇ بايقىدىكى، ئۇ يىگىتنىڭ كۈنلىرى سەھەردە شۈكرى بىلەن باشلىناتتى، كەچتە قانائەت ۋە راھەت ئىچىدە ئاخىرلىشاتتى، كىتابخۇمار ئىدى، كىتابتىن ئۆز دەردلىرىگە دەرمان ئىزدەيتتى، كىتابلارنىڭ ئىچىدە بىر كىتابنى ئالاھىدە ئەتىۋارلايتتى.
ئۇ قىزىقتى، ئۇ يىگىتنىڭ نە سەۋەبتىن ھاياتتىن شۇنچە مەمنۇن ئىكەنلىكىنى، قانداق كىتابلارنى ئوقۇۋاتقانلىقىنى بىلمەك بولدى.
ئۇ سورىدى:« ئەي، يىگىت! نىچۈن شۇنچە خاتىرجەمسەن؟»
يىگىت ئېيتتىكى:« قىزىقساڭ يۈر! ساڭا بىر نەرسە كۆرسىتەي.» يىگىت ئۇنىڭغا ئەتىۋارلاپ ساقلايدىغان ۋە ئوقۇيدىغان ھېلىقى كىتابنى كۆرسەتتى.
ئۇ كىتابنى ئېلىپ ئوقۇشقا باشلىدى، ئوقۇغانچە كىرىپ كەتتى، ئوقۇغانچە ئۆزىدىكى جاراھەتنىڭ ساقايماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى تاپقاندەك بولدى...
ئۇ ئۆگەندى، چۈشەندى، مەسىلىنىڭ جاراھەتتە ئەمەس ئۆزىدە ئىكەنلىكىنى، تەندىكى جاراھەتنى ساقايتىشتىن ئاۋال، ئالدى بىلەن قەلبتىكى جاراھەتلەرگە مەلھەم ئىزدەش لازىملىقىنى بىلدى، ۋە شۇ مەلھەمنى ئاخىرى تاپقانلىقىغا ۋە تونۇغانلىقىغا مىڭ مەرتىۋە شۈكرىلەر ئېيتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98236
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1283
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 307 سائەت
تىزىم: 2013-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-11 08:32:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ سىرلىق كىتاپ قايسى كىتاپتۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32176
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3371 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-11 10:04:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لوقمان ھېكىمنىڭ بىر كىتىپى بار دەۋاتاتتى شۇ كىتاپ بولسا كىرەك.ياكى خزىر ئەلىكىسالامنىڭ تەلىم-تەربىيە توغرىسىدىكى كىتاپ بولىشىمۇ مۇمكىن.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32176
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3371 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-11 10:06:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خزىر ئەلىكىسالامنىڭ تەلىم-تەربىيە توغرىسىدىكى كىتابى بولىشى مۇمكىن.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98477
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2013-10-6
ئاخىرقى: 2013-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-11 10:37:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە ئۇكىتاپ ئۇلۇغ اللەنىڭ موقەددەس كالامى بولغان قۇرئان كەرىم پەقەت شۇلا قەلىپلەگەمەلھەم بولالايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74486
يازما سانى: 166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4034
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 512 سائەت
تىزىم: 2012-2-1
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-12 12:07:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 10:37 PM |ئايرىم كۆرۈش |   
مىنىڭچە ئۇكىتاپ ئۇلۇغ اللەنىڭ موقەددەس كالامى بولغان قۇرئان كەرىم پەقەت شۇلا قەلىپلەگەمەلھەم بولالايدۇ
  قوللايمەن



بۇ جاھان شۇنداق جاھان ، ھۇناق ھۇناققا كەلمەي - چۇناق توكۇرغا تەگمەي ئۆتۈپ كىتىدىغان!

غەيرەت قىل!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4599
يازما سانى: 683
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10438
تۆھپە نۇمۇرى: 891
توردا: 2462 سائەت
تىزىم: 2010-7-23
ئاخىرقى: 2014-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-13 01:08:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ياخشى يېزىلىپتىكەن ،بىراق ئاخىر مۈجمەلراق ئاخىرلىشىپ قاپتۇ

http://user.qzone.qq.com/275899228/infocenter

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79735
يازما سانى: 494
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4067
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 229 سائەت
تىزىم: 2012-5-4
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-13 05:03:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2013-10-11 10:06 PM
خزىر ئەلىكىسالامنىڭ تەلىم-تەربىيە توغرىسىدىكى كىتابى  ...

ئاتىكاچىلىقىم كەچۈرۈڭ، ئىملايىڭىزدا خاتالىق بار ئىكەن  ‹‹خزىر ئەلىكسالام›› ئەمەس ‹‹خىزىر ئەلەيھسالام››

ئى رەببىم!ماڭا كۆڭۈل-خاھىشىمنىڭ تومشۇقىغا سېلىنغان يۇگەننىڭ چۇلۋۇرىنى ئەقىل-ئىدراكىمنىڭ قولىغا تۇتقازغۇدەك جۇرئەت ۋە ئىقتىدارنى مەندىن ئايىمىغىن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32176
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3371 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-17 09:20:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتىكاچىلىقىم كەچۈرۈڭ، ئىملايىڭىزدا خاتالىق بار ئىكەن  ‹‹خزىر ئەلىكسالام›› ئەمەس ‹‹خىزىر ئەلەيھسالام››

   ئىملا خاتالىقىمنى تۈزۈتىشكە تىرشىمەن.رەھمەت ئۇكام.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5289
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7877
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2023 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-17 09:32:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ   بىر  پىسخىكىلىق   مەسىلە   بولۇشى  مۇمكىن .

ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش