مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1760|ئىنكاس: 0

پىچان ناھىيىسى 2013-يىللىق جەمىيەتتىن ئاشكارا مەھەللە خىزمەتچى خادى  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

http://uystudent.com

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79930
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3382
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 53 سائەت
تىزىم: 2012-5-9
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-11 03:06:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىچان ناھىيىسى2013-يىللىق جەمئىيەتتىن ئاشكارا مەھەللە خىزمەتچى خادىمى قۇبۇل قىلىدۇ.
يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا جەمئيەت خادىملىرى كۈچىنى تولۇقلاش ، مەھەللە باشقۇرۇش قۇشۇنىنى سەرخىللاشتۇرۇش ئۈچۈن پىچان ناھىيىسى جەمىيەتتىن ئاشكارا 104نەپەر مەھەللە خىزمەتچى خادىمى قۇبۇل قىلىدۇ.مۇناسىۋەتلىك ئىشلار تۆۋەندىكىچە :

1.خىزمەتچى قۇبۇل قىلىش خاراكتىرى
بۇ قېتىمقى خىزمەتچى قۇبۇل قىلىشتا تەكلىپ قىلىش ئىشلىتىش تۈزۈمى قولىنىدىغان بۇلۇپ ، تاللاپ قۇبۇل قىلىشتىن ناھىيىمىزدىكى ھەرقايسى مەھەللە ئىش باشقارمىلىرى بەھرىمەن بولىدۇ.
2.خىزمەتچى قۇبۇل قىلىش ئورنى
پىچان بازىرى ، پويىز ئىستانىسى بازىرى ، لەمجىن بازىرى ، چىقتىم بازىرى ، لۈكچۈن بازىرىنىڭ ھەرقايسى مەھەللە كومىتىتىلىرى
3.تېزىملىتىش شەرتى، ئوبىكتى، قۇبۇل قىلنغاندىن كېيىنكى تەمىناتى
1)سىياسى ساپاسى ياخشى ، قانونغا ئاڭلىق بويسۇندىغان ، ئەخلاقى دۇرۇس، پارتىيىنىڭ سىياسەتلىرىدە چىڭ تۇردىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك ، قانۇنسىز دىننىي پائاليەتلەرگە قارشى تۇردىغان بۇلۇشى كېرەك .
2)بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ۋەتەننى سۆيۈش تۇيغۇسى، مەھەللە خىزمىتىنى سۆيۈش تۇيغۇسىغا ئىگە بۇلۇشى، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان ، جاپادىن قورقمايدىغان بۇلۇشى، بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان تەشكىل ئېڭىغا ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارىغا ئىگە بۇلۇشى كېرەك .
3)word, exel قاتارلىق دائىم ئىشلىتىدىغان  ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش قوراللىرىنى ئىشلىتىشكە پىشىشىق بۇلۇشى كېرەك.
4)35ياشتىن تۆۋن بۇلۇشى (1978-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان بۇلۇشى كېرەك) بىر يىلدىن ئارتۇق مەھەللە خىزمىتى ئىشلەش تەجرىبىسىگە ئىگىلەر، ھەربىي سەپتىن كەسىپ ئالماشتۇرغانلارنىڭ يېشى 40 ياش ئەتراپىدا بولسىمۇ بولىدۇ.(1973-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن )
5)دۆلەت مائارىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش  تارماقلىرى ئېتراپ قىلدىغان ئالىي تېخنىكۇم ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە بۇلۇشى كېرەك . بىر يىلدىن ئارتۇق مەھەللە خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگىلەر ، ھەربىي سەپتىن كەسىپ ئالماشتۇرغانلار ئوتتۇرا تېخنىكۇم ، ياكى تولۇق ئوتتۇرا  مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە بولسىمۇ بولىدۇ.ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلار HSK نىڭ 6-دەرىجە ئىمتىھانىدىن ، ياكى MHKنىڭ 3-دەرىجە ئا دەرىجىسىدىن ئـۆتكەن بۇلۇشى كېرەك .
6)سالامەتلىكى ياخشى بۇلۇشى ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ سالامەتلىك ئۆلچىمىگە يەتكەن بۇلۇشى كېرەك .
7)تۇرپان ۋىلايىتى نۇپۇسدىكىلەرگە مىللەت، جىنىس چەكلىمىسى قۇيۇلمايدۇ. شىنجاڭغا مۇلازىمەت ۋاقتى توشقان شۇنداقلا باھالاشتا لاياقەتلىك بولغان ئاساسىي قاتلام تۈرى خادىملىرى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈزگەن «غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى»،«ئۇچنى قوللاپ ، بىرنى يۆلەش »خادىملىرى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ كەنت كادىرلىق خىزمىتىدە بولۇپ خىزمەت قىلىش مۇددىتى توشقانلار..( يۇقارقى خادىملارنىڭ مۇلازىمەت قىلىش ۋاقتى 1يىللىقلىرىنىڭ 8ئايغا، 2يىللىقلىرىنىڭ 16ئايغا، 3يىللىقلىرىنىڭ 24ئايغا يەتكەن بولسا خىزمەت ۋاقتى توشقان ھېسابلىنىدۇ)
تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كۆرۈلگەن خادىملار قۇبۇل قىلىش دائىرىسى ئىچىگە كىرمەيدۇ
1)تەشكىل تەرىپىدىن جازالانغان خادىملار
2)جىنايى جازا بۇيىچە تەكشۈرۈلۋاتقان ، گۇمانلىق قارىلىپ تېخى ئېنىقلانمىغانلار
3)مۇپەتىش قىلىنۋاتقان ياكى جازا ئۆتەش مۇددىتى توشمىغان خادىملار
4)خىزمەتتىن ئىستىپا بەرگەن ياكى خىزمەتتىن ھەيدەلگەنلەر
5)يېقىنقى بەش يىل جەريانىدىكى ھەرقايسى خىزمەتچى قۇبۇل قىلىش ئىمتىھانلىرىدا ئېغىر دەرىجىدە ئىمتىھانغا خىلاپىق قىلىش خاتىرىسى بارلار
6)قانۇندا بەلگىلەنگەن قۇبۇل قىلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدىغان باشقا ئەھۋالدىكى كىشىلەر
قۇبۇل قىلنغاندىن كېيىنكى تەمىناتى
سىناق ئىشلىتىش مەزگىلى ئۈچ ، سىناق ئىشلىتىش مەزگىلىدە تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلار بىلەن يېزا-بازارلار ئەمگەك توختامى ئىمزالايدۇ. ئايلىق ئاساسى مۇئاشى 1000يۇەن، تولۇقلىما پۇلى 1057 يۇەن ، قىشلىق ئىسىنىش پۇلى ۋە يازلىق ئىسسىقتىن مۇداپىئەلىنىش پۇلى بېرىلدۇ ،ھازىرقى ئۆلچەمگە ئاساسلانغاندا  ئايرىم ئايرىم ھالدا 729 يۇەن ۋە 1500يۇەن بېرىلدۇ. مەھەللە خىزمەتچى خادىملىقىغا قۇبۇل قىلنغانلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسى  يېزا-بازار كارخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئۆلچىمى بۇيىچە بولىدۇ. سۇغۇرتا ھەققىنى خىزمەتچى خادىم بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئورتاق ئۈستىگە ئالىدۇ.
4. خىزمەتچى قۇبۇل قىلىش تەرتىپى
تىزىملىتىش ، سالاھىيىتىنى بېكىتىش ، يېزىقچە ئىمتىھان ، يۈز تۇرانە ئىمتىھان ، كومپىيوتېر مەشخۇلاتى سىنىقى قاتارلىق تەرتىپ بۇيىچە ئېلىپ بېرىلدۇ.
5. ئىمتىھان ۋاقتى ۋە مەزمۇنى
1)يېزىقچە ئىمتىھان ۋاقتى ۋە ئورنى:  يېزىقچە ئىمتىھان ۋاقتى ۋە ئورنى ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىدىكى ۋاقىت ۋە ئورۇن ئۆلچەم قىلىنىدۇ.
2)يېزىقچە ئىمتىھان ئاساسى مەزمۇنى:  مەمۇرىي كەسپىي ئىقتىدانى سىناش ۋە بايان مۇھاكىمە دىن تەركىبپ تاپىدۇ. يېزىقچە ئومۇمىي نۇمۇرى ئىكككى پەندىن ئالغان نۇمۇرنىڭ يىغىندىسى بۇيىچە بۇلىدۇ. (1:1نىسبەتتە) ئىمتىھان سوئالى ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە ئىككى خىل تىلدا ئېلىندۇ، ئاز سانلىق مىللەتتىن ئىمتىھاننى خەنزۇچە بەرگەنلەرگە يېزىقچە ئىمتىھان ئومۇمىي نۇمۇرغا 10 نۇمۇر قۇشۇپ بېرىلدۇ.
3)يۈز تۇرانە ئىمتىھان ۋاقتى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ
6.تېزىملىتىش ۋاقتى ۋە ئورنى
2013-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن سائەت 10دىن  10-ئاينىڭ 24-كۈنى 19غىچە (بېيجىڭ ۋاقتى) بايرام دەم ئېلىش كۈنلىر ئارام ئالمايدۇ.
تېزىملىتىش ئۇسۇلى: تېزىملاتقۇچىلار پىچان ناھىيىلىك خىزمەتچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسدا نەق مەيداندا تېزىملاتسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا فاكىش ئارقىلىق، خەت ئارقىلىق، ئېلكترۇنلۇق پوچتا يوللانمىسى ئارقىلىق تېزىملاتسا بولىدۇ .
تېزىملىتىشقا كېرەكلىك ماتىرياللار خىزمەتچى قۇبۇل قىلىش  ئومۇمۇىي ئۇقتۇرۇشقا قارالسۇن .
يالقۇنتاغ تورى :http://tlf.xjkunlun.cn/
پىچان ناھىيىلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى تورى :http://www.xjssdj.com/
پىچان ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تورى :http://www.xjssok.com/
ئالاقلاشقۇچىلار :جو باۋ يو، ۋۇ ۋېن فاڭ ، ما يەن جۈەن
ئالاقلىشىش تېلفونى:(0995)8382475、8381880、8382220
فاكىس:(0995)8384063
پىچان ناھىيىسى2013-يىللىق جەمئىيەتتىن ئاشكارا مەھەللە خىزمەتچى خادىمى قۇبۇل قىلىش تېزىملاش جەدۋىلى
ئۇيغۇر ستۇدېنتلار مۇنبىرىدىن بىلنۇر تەرجىمىسى  تەرجىمىدە خاتالىق بولسا ئەسكەرتىپ قويغايسىز.خەنزۇچىسى بىلەن سېلشتۇرۇپ كۆرۈڭ.
مەنبە:http://www.xjshanshan.gov.cn/html/201310/9/20131009095711.htm


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش