|
|
|
|
ئىھ، ئايالىم سالغان ساڭزا
(ھېكايە)
ئېلى ياسىن ئەختەر
-نىغمەت، قۇلۇم بەك ئالدىراش بولۇپ قالدى، ئوتنى پەسلىۋېتىڭ...
-نىغمەت، يەپ بېقىڭە مەن سالغان ساڭزا ئوخشاپتىمۇ!!!
-نىغمەت، ھېيىت كىلىۋاتىدۇ، قۇربانلىققا چوڭراق قويدىن بىرنى ئالساق بۇلاتتى، يەنە يەتمىسە بازارغا سوكىلداپ يۈرمەيلى...
-نىغمەت، قوشنا ئاياللار بىلەن دېيىشىپ قويغان، ئەمىسە مەن نان ياققىلى ماڭدىم، كەپ بولغىچە بالىلارغا قاراپ قويۇڭ ھە!...
ئايالىم بىلەن يېڭى توي قىلغان ۋاقىتلاردا ھەر ھېيىت كەلسە ئەنە شۇنداق ھېيىتنىڭ تەييارلىقىغا ئالدىراش بولۇپ كىتەتتۇق، گەرچە ئەر كېشى بولساممۇ مەن ئەركىشى دەپ تېلىۋۇزۇر كۆرۈپ ئولتۇرۇۋالماي، ئايالىم ئالدىراش بولۇپ كەتسە ئۇنىڭغا ئانچە مۇنچە ياردەملىشەتتىم، ئۇ ئەتكەن ساڭزىلار، تاتلىقلار شۇنچىلىك يىيىشلىك ئىدىكى ئۇ سالغان ساڭزىلار، تاتلىقلار ھېيىت ئۆتۈپ ئۇزاققا قالماي تۈگەپ كىتەتتى، بەزىدە ئىشقا ماڭسام تاماققا ئۈلگىرەلمىگۈدەك بولۇپ قالسام ئايالىم سالغان ساڭزىلاردىن چايغا چۇمىراپ يەۋالاتتىمدە بۇ لەززەتلىك تەم خېلى بىر چاققىچە ئاغىزىمدىن كەتمەيىتتى، تۈگەپ كەتسە خېلى ئۇزاققىچە سېغىنىپ قالاتتىم...
يىللار ئۆتتى، ئايالىم بىلەن توي قىلغاندىن بېرى قانچىلىغان ھېيىتلارنى كۈتىۋالدۇق !بۇنى تۇلۇق ئەسلىيەلمىسەممۇ لېكىن ئەسلىيەلەيدېغىنىم چاغلىقلا... مانا ھازىرئەتە ھېيىت دېگەن ۋاقىتلاردىمۇ ئۆيىمىزدە ھېيىتنىڭ بىشارىتىنى بىلدۈرىدىغان ھېچقانداق ئالامەت يوق...
-ھېيىتقا تەييارلىق قىلمامسىلەر ؟-دېدىم ھېيىتقا ئۈچ كۈن قالغان بىر كۈنى .
-قانداق تەييارلىق ئۇ؟-دېدى ئۇ ھېچنىمىنى بىلمىگەن قىياپەتتە.
-بورۇن ساڭزا سالىدىغان، نان ياقىدىغان،تاتلىق-تۈرۈم سالىدىغان ئىشلىرىڭلار بولىدىغان؟
-ۋاي، سىز زاماننىڭ بەك كەينىدە قالدىڭىزمۇ نىمە؟ ھازىر قايسى دەۋىر؟ ھازىر كىم ئۆيىدە ساڭزا سېلىپ، تۇنۇرغا بېشىنى تىقىپ يۈرىيدۇ؟ قارىغاندا مېنى تىزراق قېرىپ كەتسۇن دەپسىز-ھە؟ قېرىتىۋېتىپ باشقىدىن توي قىلاي دېگەنمۇ-يا؟
ئايالىمنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ نېمە دېيىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ كەتتىم.
-ھازىر ھەممە نەرسە بازاردا تەييار،ئەتە ھېيىت دېگەن كۈنىدە چېقىپ ئەكىرۋەتسەم بولىدۇغۇ، سىز بەك جىددىيلىشىپ كىتىپسىز...ھە راست، بۇ يىل ھېيىتقا قانداق كېيىم ئالسام بۇلار...
ئايالىمنىڭ بۇنچىلىك دەرىجىدە كۆڭلۈمنى چۈشەنمىگەنلىكىگە نىمە دەرمەن؟ قارىغاندا ھېيىت ئالدىدىكى ئاشۇ ئۇنتۇلغۇسىز مىنۇتلار كەلمەسكە كەتكەن ئوخشايدۇ...
ئايالىم ئەتە ھېيىت دېگەن كۈنىسى ئەكىرگەن ساڭزىلار ھېيىت ئۆتۈپ بىرەر ئايدىن كېيىن قارىساممۇ تۇرىدۇ. بىر كۈنى تاماققا ئۈلگۈرەلمەي يەي دەپ ئاغىزىمغا سېلىپ بولۇپ كۆڭلۈم تارىتماي، جايىغا قويۇپ قويۇپ ئىشقا ناشتىسىز مېڭىۋەردىم...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ahter تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-11 12:47 AM
|
|
|
|
|
|