يوقتۇر پۈتۈن دۇنيادا بۇنداق كاتتا يىغىلىش
ئىككى ھېيتنى ئۇلۇغلاپ ئىسلامىيەت دۇنياسى،
ئۇدۇم قىلىپ قەدىرلەپ كەلدۇق بولۇپ پۇقراسى.
ئوقۇلغاندا نامىزى مۇھىم ئىش يوق ئۇنىڭدىن،
ھەر مۇسۇلمان بۇ ھېيتنىڭ مىراسىخورى ھەقداسى.
ۋاختى ناماز ھەركىمگە ئاللابۇرۇن ئاياندۇر،
تارەت ئېلىپ كىرسىڭىز قاتنىشىشمۇ ئاساندۇر.
بىلمىسىڭىز ئوقۇشنى ئالدىن ساۋات بىرىدۇ،
دۇردانىدەك ئايەتنىڭ جان تومۇرى ئىماندۇر.
ئۇلىمپىكتەك ئۇنىڭغا ھېچكىم بېلەت ساتمايدۇ،
كىملىك ،نوپۇس،ئالاقە، قاراۋۇلمۇ كەتمەيدۇ.
ئىخلاس بىلەن ئىقتىدا قىلساق خالىس ئىمامغا،
ئىنتىزامنى ئىتىقات تەبىئىي سىمدەك ساقلايدۇ.
يوقتۇر پۈتۈن دۇنيادا بۇنداق كاتتا يىغىلىش،
تېلىفۇندا، كانايدا بولمىسىمۇ چاقىرىش.
مىليۇنلىغان دىللارنى يورۇتقىنى بىر چىراق،
مۇسۇلماننىڭ قېنىغا سىڭگەن ئۇنى سېغىنىش.
يانغاندىمۇ كولۇپتەك قىيا-چىيا قىستاش يوق.
خۇشچىرايلار نۇرانە قىستاشسىمۇ بۇتناش يوق.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئايەملىرى مۇبارەك،
كۆرىشەيلى ھېيتگاھدا كەلمىسىڭىز ساقلاش يوق.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-11 11:44 AM
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-10-13 08:51 PM):
تۈزىتىش:
تارقىغاندا جامائەت قىيا-چىيا قىستاش يوق،