رۇسۇلىللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالللام <جەننەت ئانىلارنىڭ تاپىنى ئاستىدا>دىگەن ۋە <مەن كىمگە ياخشىلىق قىلاي دىگەن؟>كىشىگە ئۈچ قىتىم ئاناڭغا دەپ تۆتىنچى قىتىمىدا ئاتاڭغا ۋە يېقىنلىرىڭغا دەپ جاۋاپ بەرگەن،رۇسۇلىللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالللامساھابىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ ئولتۇرغىنىدا ئۆزىنىڭ ئىنىك ئانىسىنىڭ كىرىپ كەلگىنىنى كۆرۈپ ئىنىك ئانىسىنى تۆرگە باشلاپ ئۆزى ساھابىلەر بىلەن بىر سەپتە ، پەگادا ئولتۇرغان ئەنە شۇنداق جاپاكەش مۆھتىرەم ئانىللىرىمىزنىڭ قەدىرىگە يەتمەي ئۇلارنى قاخشىتىۋاتقان پەرزەنت تىلىدا يازغان مۇنۇ ئەسىرىم ئارقىلىق بارلىق ئانىلارغا ئېھتىرام بارلىق پەرزەنتلەرگە ئىنساپ تىلەيمەن.
ئانا
ئاپتورى:تۇرسۇنجان سۇلايمان(شەرارى)
ئانا!ئانا!جاھان مۇھەببىتىنىڭ يۈكسەكلىكىنى چېھرىڭىزگە،مىڭ-مىڭلىغان قۇياشنىڭ ھارارىتىنى مىھرىڭىزگە مۇجەسسەملىگەن جانىجان ئانا!ئاڭلاۋاتامسىز؟مەنكى پەرزەنتىڭىزنىڭ تەۋبە قاچىسىدىكى قانلىق ھىجران تامچىللىرىنى كۆردىڭىزمۇ؟
ئى،گۈزەل ئانا،تەبىئەت گۈزەللىكىنى سىزنىڭ چېھرىڭىزدىن،قۇياش ئۆز ھارارىتىنى مېھرىڭىزدىن،تال چىۋىقلار ئۇز قامىتىنى سىزنىڭ لىۋەن بويلىرىڭىزدىن ئارىيەت ئالغان.چولپان جەۋلان قىلىشنى سىزنىڭ بىر جۈپ كۆزىڭىزدىن ئۆگىنىپتىكەنتۇق.ھالبۇكى پەرزەنتكە بولغان مۇھەببىتىڭىز،پەرزەنتىڭىز ئۈچۈن ئوتقىمۇ،سۇغىمۇ كىرىشلىرىڭىز سىزنىڭ گۈزەل چېھرىڭىزنى يېشىل يوپۇرماقتىن قۇرىغان غازاڭغا،ئىلىپتەك ئۇز قامىتىڭىزنى يادەك مۈكچىيىشكە،چولپان كەبى پىلىلداق كۆزلىرىڭىزنى خىرەلەشتۈرۈپ،نۇرسىزلاندۇرۇپتۇ ، ئانا !!!
ئانا ، بەلكىم سىز گۈل ئەمەس ، چۈنكى گۈل كۈز پەسلى سوغۇقىنىڭ جاپاسىغا چىدىماي سولىدۇ . ھالبۇكى ، سىز مەن ئۈچۈن ، مەنكى ۋاپاسىز ، بىئەقىل پەرزەنتىڭىزنىڭ مىسلى تۈگىگىسىز جاپاسىنى تارتىپ ھارمايدىغان نە جۇت-بوران سوغقان زىمىستاندا بولسۇن ، نە قۇياش ئۆز نۇرىنى زىمىننى ئىرىتكۈدەك چاچقان تۇمۇز ئىسسىقتا بولسۇن مەن ئۈچۈن قارىغاي كەبى <ئەينىڭىز>پېتى تۇرىدىغان سۆيگۈ سەردارىسىز.كىچە كەلسەم قازىنىڭىزدا ئاش تەييار ، پىيىمگە چۈشكەن شەيتان كۆزىگە قولىڭىزدا تاش تەييار ، بەختىم ئۈچۈن كۆزلىرىڭىزدە تىلەككە تولغان ياش تەييار،جان ئانا!
ئانا ، بەلكىم سىز ئاي ئەمەس ! ئاي گەرچە گۈزەللەر شاھىدى بولسىمۇ ، ئۇ بىردە ئورغاق شەكىلدە بىردە توق شەكىلدە ، بىردە ئورغاق شەكىلدە چىقىپ كىشىلەرنى نائۈمۈدتە قويىدۇ ! ھالبۇكى ، سىزنىڭ رۇخسارىڭىز ماڭا ھەمىشە بىرخىل ، يەنى تەبەسسۇم بىلەن باقىدۇ .
ئانا ، بەلكىم سىز پەرۋانە ئەمەس ، گەرچە پەرۋانە ئۆزىنى چىراغ ئوتىغا تاكى ھالەك بولغانغا قەدەر ئۇرغۇچى ئىشىق سەردارى بولسىمۇ ، لىكىن ئۇ كىچە شام نۇرىغا ئۆزىنى ئۇرىدۇ ، ھالبۇكى سىز كىچە - كۈندۈز پەرزەنت ئىشقىدا كۆيگۈچى پىداكارسىز ، مۇھەببەت گۈلزارلىقىدا ئەڭ يۈكسەك تەپەككۇر مەردانىلىقىغا ئىگە سۆيگۈ سەردارىسىز ، ئانا !
ئەپسۇس،ياشاپتىمەن،نەپسىم ئۈچۈن ياشاپتىمەن ! ئۇلۇغلىرىمىز < جەننەت ئانىلارنىڭ تاپىنى ئاستىدا >دىسە ،مەن قارا قاشلىق نازىنىنلارنىڭ ، مال - دۇنيانىڭ ئايىغىغا باش قۇيۇپتىمەن . بايقاپ قالدىم ، ئارىمىزدا شۇنداق كىشىلەر كۆپ ئىكەن ، ساقلىقىدا خارلاپ ئۆلگىنىدە يىغلاپ ، ھاياتلىقىدا تۆت زىخ كاۋاپ ئاپىرالمىغان ساختا مېھرىبانلار ئۆلگەندىن كىيىن قازان - قازاندا ئاش تارتىپ توق قوساقلارغا تارقىتىدىغان ! بۇ يەردە فازىل قارىنىڭ مۇنۇ بىيىتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتۈش مەنچە ئارتۇقچە بولماس...
ساقلىقىدا ئىسسىق نان بىلەن ئاتا-ئاناڭ يوقلىماي،
ئۆلگىنىدە داشقازان ئېسىپ كارامەت ئەيلىمە.
بىر رومال بىرلە چاپاننى ئاتا-ئاناڭغا ئالمىدىڭ،
گۆرىگە مەر-مەر قويۇپ ساختا ساخاۋەت ئەيلىمە.
ئەمدى بىلدىم ، بۇلبۇل گۈلنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس گۈل ئىشقىدا كېچە-كۈندۈز سايرىغانلىقى ئۈچۈن ئەزىز ئىكەنتۇق . ھالبۇكى مەن بۇرۇنمۇ ، بۈگۈنمۇ ھەتتا ھازىرمۇ <ئانا ، ئانا>دەپ ئاغزىمدا شەھەر ئېلىپ يۈرۈپتىمەنۇ ، سىزگە بىرەر قىتىم ئەمىلىي ئىش قىلىپ بىرەلمەپتىمەن . چاچلىرىڭىزنى تاراپ قويالماپتىمەن ، ئۇچىڭىزدىكى توپا - چاڭنى بىرەر قېتىم سۈرتەلمەپتىمەن . ھەقىقى ۋاپادارلىقنىڭ <يوق چاغدا ئانا دىيىش > ئەمەس بەلكى <بار چاغدا مانا> دىيىش ئىكەنلىكىنى كىچىكىپ تۇنۇپتىمەن ، ئانا !
غەمگۇزارىم ، ئانا ! پەرزەنتىڭىزنىڭ پۇشايمانلىق دەرت پىغانلىرىنىڭ چۇقانلىرىنى ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ئوق تەگدى ، يۈرىكىمگە پۇشمان ۋە نادامەتنىڭ ئوقى تەگدى ، پۇشايماننىڭ خەنجىرى باغرىمنى سەكپارە قىلدى . بۇنىڭغا شىپايى لوقمان سىزدۇرسىز ، داۋا ئەيلەرسىزمۇ؟
كىلىڭ ئانىجان كىلىڭ،ئۇچىڭىزدىن توزىغان چاڭنى كۆزۈمگە تۇتىيا ئىتەي . ھاياجانلىق ئىلكىدە ئاققان ياشلىرىڭىزنى قەلب جامىمغا زەم-زەم بىلەي!كۆزلىرىمنىڭ نۇرى يولىڭىزنى يۇرىتىشقا بەخشەندە بولسۇن!غېرىپلىقتا داغ بولغان باغرىڭىزنى ، مەنكى ئوغلىڭىز ئۈچۈن مۈكچەيگەن يادەك قەددىڭىزنى داغ باغرىمغا راسا ياقاي،ئانىجان!
مىنى قۇبۇل ئىتەرسىزمۇ؟تەۋبەمنى قۇبۇل ئىتەرسىزمۇ؟مىنى بۇرۇنقىدەك قۇچاقلىرىڭىزنى كەڭ ئېچىپ باغرىڭىزغا باسارسىزمۇ ئانىجان باسارسىزمۇ؟؟؟
.......................................
< كەل ئوغلۇم كەلگىن >
2010-يىل 22-نويابىر(كورلا)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-11 11:55 AM