مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 584|ئىنكاس: 3

تەپەككۇر ۋە پىكىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98236
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1283
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 307 سائەت
تىزىم: 2013-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-10 12:27:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنسان پەلسەپە بىلەن شۇغۇللۇنىشى كېرەكمۇ؟بۇ سۇئالغا شۇغۇللۇنىشى كېرەك ۋە كېرەك ئەمەس دەپ جاۋاپ قايتۇرۇش مۇمكىن. ئىنسان پەلسەپە بىلەن شۇغۇللانمىقى لازىم دىيىلسە ھەممىگە چۈشنەرلىك بۇلىدۇ.بۇنى ئسپاتلاش ئۈچۈنمۇ پەلسەپىۋى پىكىر قىلىشقا توغراكىلىدۇ،بۇنىڭدىن شۇنداق خۇلاسە چىقىدۇكى ئىنسان پەلسەپە بىلەن شۇغۇللۇنىشى كېرەك.
پىكىر قىلىش پەلسەپەنىڭ باشلانمىسىدۇر.تەبئەت ئۆز-ئۈزىنى داۋالىغۇچى ئادەمگە ئوخشايدۇ،ھىچ نەرسە تاساددىبى پەيدا بۇلۇپ قالمىغان،ھەممە نەرسىنىڭ ئۆز سەۋەبى بار .
روھ تەنسىز ئەمەس،تەنمۇ ئەمەس، دىگۈچىلەر توغرا ئېيتىدۇ.چۈنكى روھ تەن ئەمەس،ئەينى ۋاقىتتا تەندە ماكان تاپقان نەرسىدۇر .روھ قورالغا ئوخشايدۇ،قول-قوراللارنىڭ قورالى ،ئەقىل شەكىللەرنىڭ شەكلى ،تۇيغۇ ھىس قىلنىۋاتقان نەرسىنىڭ شەكلىدۇر.روھنى تەندىن ئاجراتقىلى بولمايدۇ.
تەبئەت ئەركىن ئادەملەرنىڭ جىسمانى ئۇيۇشمىسى بىلەن قۇللارنىڭ جىسمانى ئۇيۇشمىسى ئوتتۇرسىدىكى پەرەقنىمۇ ئەكىس ئەتتۈرگەن .قۇللارنىڭ جىسمى قۇۋۋەتلىك بۇلۇپ زۈرۈر جىسمانى ئىشلارنى قىلىشقا ماسلاشقان،ئەركىن ئادەملەر بولسا قەددىنى تىك تۇتۇپ يۈرۈيدۇ.ئەمما ئۇلار ھىيلە-نەيرەڭگە ماھىردۇر.
-ئەگەر ئورمانلىقتا ئوۋ-ئوۋلاپ جان باقىدىغان ئىندىئاننى پالتا بىلەن بىرنى چاپسىڭىز بىر نەچچە ئايدىلا چېپىلغان يەرگە ساپساق ئەت يىملىشىپ چىقىشى مۇمكىن .ئەگەر شەھەردە ياشايدىغان كىشلەرنى بىرنى چاپسا شۇ ھامان جەھەننەمگە يول ئېلىشى مۇمكىن.
شان -شۆھرەتكە بىرىلىشتىمۇ ئۇنىڭدىن قېچىشتمۇ نۇرماللىقنى بىلىش كېرەك.ھۆرمەتلىك ئادەمنىڭ قانداقلىقىغا ئادەتتە ئۇنىڭ ئىشىغا قاراپ باھا بىرىلىدۇ .بۇنىڭسىز ئۇنىڭ مەقسىتىنى بىلگىلى بولمايدۇ .-ئەگەر ئىنساننىڭ ۋىجدانى گۈزەللىككە ئىنتىلىشلىرنى بىۋاستە كۈرۈش مۇمكىن بولسا ئىدى بۇئادەم بېجىرۋاتقان ئىشىسىزمۇ ئالى-جاناپ سانىلىۋەرگەن بۇلاتتى .سۆز بولسا بىزەك ھەركەت بولسا تەرجىمانىدۇر .ئادەتتە ئادەملەر قاتتىق ھاياجانلانغاندا نىقابىنى ئۇنتۇپ ئۈزىنى ئاشكارلايدۇ.ئەگەر بىرنىڭ مەقسىتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئۇنىڭ راسا ئاچچىقىنى كەلتۈرسىڭىز مەقسىتىنى بىلۋېلىشىڭىزدا گەپ يوق.
نامراتلىقتىن ،كېسەللىكتىن ،ئۇمۇمەن ئىللەت سانالمايدىغان ۋە ئىنساننىڭ ئۈزىگە باغلىق بولمىغاننەرسىلەردىن ئەسلا چۈچىمەسلىك كېرەك.
ئۆز نەپسىدىن غالىپ كەلگەنلەر جەسۇرانە مەردانىلەردۇر.مەقسەت ئەمەس بەلكى ئۇنىڭغا يىتىش ۋاستىللىرى ھەل قىلغۇچ ئامىلدۇر .
مەن كۈن بۇيى خىيال سۈردۈم ئەمما ئەڭ قىسقا پۇرسەتتە ئىلىم تەھسىل قىلغانچىلىكمۇ نەپ ئالالمىدىم.ئايىقىمنىڭ ئۇچىدا كۆتۈرۈپ يىراقلارغا كۆز تىكتىم،پەقەت بىرلا يۈكسەكلىكنى ھەقىقەتنى كۆردۈم. چۈنكى ئىگىز جايغا چىقىپ بىر ئادەمنى چاقىرغىنىڭىزدا گەرچە قۇلىڭىز ئۇزراپ كەتمىسىمۇ ئۇ ئادەم شۇنى يىراقتىن كۈرەلەيدۇ .تاۋۇشىڭىزنى شامالنىڭ يۆلنىشىگە ماس قىلىپ چاقىر غىنىڭىزدا بۇنىڭدىن تاۋۇشىڭىز كۈچىيىپ قالمىسمۇ ئەمما ئاڭلىغۇچىلار ئاڭلىيالايدۇ.
ئىنسان كۈچتۈڭگۈرلۈكتە كالىدىن ئاجىز،چاپقۇرلۇقتا ئاتنىڭ ئارقىسىدا قالسىمۇ ئەمما تەپەككۇرغا تاينىپ ئۇلارنى بويسۇندۇرۇپ ئىشلىتەلەيدۇ.بىز ئاتنى ئىگەر جابدۇقى بىلەن ئەمەس بەلكى چاپقۇرلىقى  بىلەن ماختايمىز .نىمە ئۈچۈن بىر ئادەمگە باھابىرشتىمۇ شۇ يولنى تۇتمايمىز ؟
ئۇباي ھۇقۇقدار بۇلىشى ،ھەشەمەتلىك ئۆيدە ياشىشى ،كاتتا ئابروي-ئىتىبار ساھىبى بۇلۇشى مۇمكىن .لىكىن بۇلارنىڭ بارچىسى ئۇلارنىڭ سىرىتقى ھالىتىنى ئوراپ تۇرغان نەرسىلەردۇر .
-ئادەملەر قۇۋلىشىپ كەتتى سۆز باشقا ھەركەت باشقا بولدىغان ئىشلار كۆپ.
ھىچكىم ھەممە پۇلىنى باشقىلارغا ئىلەشتۈرۈپ بەرمەيدۇ ،لىكىن ھەربىر ئادەم ۋاقتىنى باشقىلارغا ئىلەشتۇرپ بىرىدۇ.مىڭلاپ يوللار باركى مەقسەتتىن يىراقلاشتۇردۇ،پەقەت بىرلا يول باركى مەقسەتكە يەتكۈزدۇ..........
جىسمىمىز ئۆز-ئۈزىچە ھىچقانداق ھەركەت قىلمايدۇ ،ئۇپۈتۈن پىكىر لىرمىزنىڭ قۇلىغا ئايلانغان،ئۇنىڭ ساھىبى بولغان پىكىر ھەر دائىم توختاۋسىز ھەركەتتە،ھاياجاندا،ئۇگاھىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزىدۇ،گاھى مەسلەھەت بىرىدۇ،نىمىلەرنىدۇ ئېنىقلايدۇ، نىمىلەرگىدۇ مەجبۇرلايدۇ،شۇنداق قىلىپ جىسمىمىز ئەمەس پىكرىمىز ئىنسانىلىقىمىزنى بەلگۈلەيدۇ. چىھرىمىزنىڭ رەڭگى يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىمىزنى پاش قىلىدۇ .ئەمما ئۇھەرقانداق ۋاقىتتا يالغاننىڭ ئىسپاتى بۇلۇپ خىزمەت قىلىۋەرمەيدۇ.كۆپىنچە بىزنى ئەيىپلەۋاتقان ئادەمنىڭ قوپاللىقىدىنمۇ قىزىرىپ قالىمىز .
ئىنسانمۇ خۇددى دەرەخكە ئوخشايدۇ دەرەخلەر يۈكسەكلىك يۇرۇقلۇققا قانچە ئىنتىلسە يىلتىزى يەر قېتىغا ،قاراڭغۇلۇققا ،تۆۋەنلىك تامان كىرىپ كىتىۋېرىدۇ.
كۈچلۈك ئالى -جاناپ ئادەملەرنىڭ كەيپىياتى خاتىرجەملىك دەملىردىمۇ،كۈلپەتكە ئۇچىرغان ۋاقىتلاردىمۇ ئۆزگەرمەيدۇ.ئەقىللىق بۇلۇشنىڭ ئۈزى يىتەرلىك ئەمەس ،ئەڭ مۇھىمى ئەقىلنى ئەمەلدە قوللىنىش مۇھىمدۇر .
تەپەككۇر پەقەت ئەمەلىي مۇلاھىزلا يۈرگۈزۈش ئەمەس بەلكى ئىنسان چۈشنىشكە قادىر بولغان ئىلىملەرنى مۇكەممەل ئىگەللەش دىمەكتۇر.
قۇلۇڭدىن كەلمەيدىغان ئۆزگىلەرنىڭ ياردىمسىز ئىرشەلمەيدىغان نەرسىلەر ئۈچۈن ئىزتىراپ چەكمە.
ئىنسانغا 20 يېشىدا تۇيغۇلار30 يېشىدائىستىدات40 يېشىدا ئەقىل -ئىدراك ھۈكۈمرانلىق قىلىدۇ.
تەپەككۇر خۇددى كۆزكەبى ئەتراپتىكى نەرسىلەرنى كۈرۈش ۋە تەھلىل قىلىش ئىمكانىيىتى يارتىپ بەرسىمۇئۆزىمىزگە نەزەر تاشلاش ئۈچۈن يۈكسەك مىھنەت تەلەپ قىلىدۇ.
ئادەملەرنىڭ ئۆز نوقسانلىرغا دائىر سۆزلەرنى سەۋىر بىلەن ئاڭلىشى ئۇلارنىڭ بۇ نوقساندىن قۇتۇلۇشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنىڭ سەۋەبىدىندۇر.
ئىنساندىكى ساغلام پىكىرنى ۋە ئەقلى مۇۋاپىقلىقنى ساقلاپ قېلىشنىڭ بردىنبىر يۇلى ئەقىل -ئىدراكقا ئەركىنلىك بىرىشتۇر.ئەگەر ئادەملەرگە بىر نەرسە ھەققىدە سۆزلەش چەكلەنسە ئۇلار بۇنەرسە ئۈستىدە ھەزىل پەردىسى بىلەن سۆزلەش يۇلنى تۇتىدۇ.بۇنداق سۆھبەتنى چۈشىنىش مېغىزنى چېقىش مۈشكۈللىشىدۇ.
شۇنداق قىلىپ مەن ئۆز قاراشلىرىمنى ھەربىر بۆلەكلەرنى بىر پۈتۈن ھىساپلاپ پىكىر قىلىپ بېقىشىڭلارغا سۇندۇم.


پىسخولوگىيە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2281
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 38031
تۆھپە نۇمۇرى: 472
توردا: 1851 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-10 09:37:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ سۇئالغا شۇغۇللۇنىشى كېرەك ۋە كېرەك ئەمەس دەپ جاۋاپ قايتۇرۇش مۇمكىن.
  
بۇ خۇددى تاڭ شۈەنزاڭنىڭ ئاتىسىنىڭ «قۇياش تۇغماي، تۇغمايمۇ بولماس» دىگەن گېپىدەك ئاڭلىنىپ كەتتى.

كېرەكمۇ؟ دىگەن سوئالغا «كېرەك» «كېرەك ئەمەس» دىگەندىن باشقا يەنە قانداق جاۋاپ بېرىش مۇمكىن، «ئۆگەنسىمۇ، ئۆگەنمىسىمۇ بولىدۇ» دىگەن جاۋاپنى بەرگىلى بولارمۇ يا

http://309357575.qzone.qq.com  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32189
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3382 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-12 12:09:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ سۇئالغا توغرا جاۋاپ بىرىش ئۈچۈن توخۇ بۇرۇنمۇ ؟ تۇخۇممۇ؟دىگەنگە توغرا جاۋاپ بىرىپ ،ئاندىن جاۋاپ بەر توغرا بولىدۇ.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32189
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3382 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-12 12:10:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ سۇئالغا توغرا جاۋاپ بىرىش ئۈچۈن توخۇ بۇرۇنمۇ ؟ تۇخۇممۇ؟دىگەنگە توغرا جاۋاپ بىرىپ ،ئاندىن جاۋاپ بەر توغرا بولىدۇ.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش