مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2888|ئىنكاس: 19

ھونلارنىڭ يېزىقى توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98523
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 50
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2013-10-7
ئاخىرقى: 2014-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-10 12:22:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھونلارنىڭ يېزىقى توغرىسىدا


      ھونلار ياۋرو-ئاسىيا كەڭ بوزقىر دالالىرىدابىر مەزگىل دەۋىر سۈرگەن كۈچلۈك كۆچمەن قوۋىم.نەچچە يۈز يىللىق ھون تەتقىقاتىدا ھونلارتوغرۇلۇق كۆپ ئىزدىنىشلەر يارىتىلدى.ھەمدە مىلادىيەنىڭ ئالدى كەينىدەياۋرو-ئاسىيادا كەڭرى سىياسى،ھەربي پائالىيەت ئىلىپ بارغان بۇ قوۋىم توغرىسىداخىلى چوڭقۇر چۇشەنىچىلەر پەيدا قىلىندى.بىراق ھونلارنىڭ يېزىقى توغرىسىدىكى ئاخىرقى بايان ئۆز مۇھاكىمىسىنى تاماملىغىنى يوق.تارىخ ئۈستىدىكى زىممەمگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ،ھون يىزىقى توغرىسىدىكى دەسلەپكى تەتقىقاتىمنى باشلىدىم.

ھونلار كىم؟


ھون نامى مىلادىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىرلەردىن باشلاپ جۇڭگو تارىخنامىلىرىدە كۆپلەپ كۆرۇلۇشكە باشلىدى.سىلىشتۇرما تارىخشۇناسلىق ۋە ئارخىئولوگىيىلىك بايانلار بويىچە بىزھونلارنىڭ شىمالدا بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى جەنۇپتا سىرىق ئۆگۈز(دەريا)نىڭ ئەتىراپى،گەنسۇنىڭ چىلىيەنشەن تىغى ،ئىچكى موڭغۇلدىكى چوغاي تاغلىرى ۋە موڭغۇل بوزقىرلىرىنىڭ قەدىمكى ئىگىلىرى ئىكەنلىكى ھەمدە مۇشۇ زىمىنلاردا نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان كەڭرى پائالىيەت قىلىپ كىلىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتمەكتىمىز!تۈركشۇناس لىن گەن ئەپەندى ئۆزىنىڭ ‹ھونلارنىڭ ئومۇمى تارىخى› ناملىق كىتابىدا،ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك تارىخى يازما يادىكارلىقلىرىدىكى بايانلاردىن نەقىل كەلتۈرۈپ شۈنيۇ(荤粥)،شىيەنيۈن(猃允)،شىيوڭنۇ(匈奴)قاتارلىق تارىخى ناملاردىكى شۈن،شىيەن،شىيوڭ قاتارلىق ئۈچ خەتنىڭ ھون نامىنىڭ ئوخشىمىغان دەۋىردىكى قەدىمكى خەنزۇتىلدىكى تەلەپپۇز قىلىنىشىغا باغلاپ،ھونلاردەسلەپكى شۈنيۇ،گۈيفاڭ،شىيەنيۇن قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تەدرىجي ئۆزگىرشى ۋەتەرەققى قىلىشىدىن بارلىققا كەلگەن دەپ قارىغان . خەنزۇ تىل-يىزىقىنىڭ تارىخى خاسلىقى،خاتىرلەش تەلەپپۇز ئالاھىدىلىكىنى ئارخىئولوگىيىلىك ۋە جۇغراپىيىلىك تارىخىيىۋى نۇقتىنەزەردە تۇرۇپ مەلۇم دەرىجىدە لىن گەن ئەپەندىنىڭ بۇ قارشىنى دەلىللەشكە ھەقلىقمىز!

ھونلاركۈچەيگەندىن كىيىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونلىرغا ئىچكىرلەپ ھۇجۇم قىلدى.چىن ۋە خەن دەۋرىدە(1) ھونلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن سەددىچىن سىپىلى سوقۇلدى.لىكىن بۇ مۇقىم چىگرا ئەمەس ئىدى.گاھىدا ھون قەبىلىلىرى سەدىچىننىڭ ئىچىگە ئورۇنلىشاتتى .ئوتتۇراتۈزلەڭلىك ھاكىمىيىتى ھونلارنى قوغلىغان جايلارغا نوپوس كۆچۇرۇپ،جاي ناملىرىنى ئۆزگەرتىپ چىقاتتى .سەددىچىن سىپىلى شۇندىن ئىتىبارەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن شىمالدىكى كۆچمەن قوۋىملارنىڭ مەدەنىي ۋە سىياسى،ھەربىي ئالاقىسىنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالدى.مىلادىيدىن بۇرۇنقى 71-يىلى (2)خەن سۇلالىسى ئۇيسۇنلار بىلەن بىرلىشىپ ھونلارنى قاتتىق مەغلۇب قىلدى.مىلادى 48-يىلى(3) ھونلار جەنۇب ۋە شىمالغا پارچىلاندى .ئىلگىركى سەلتەنەتلىك كۈچى كۆپ ئاجىزلاپ كەتتى.ھونلار كۈچەيگەن ۋاقىتتا تەسىردائىرسى ئوتتۇرا ئاسىياغا ئىچكىرلەپ كىرگەنىدى. مىلادى بىرىنچى ئەسىردىن باشلاپ ھونلاركۆچمەن مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى كۆچۇش يولى بويىچە،غەرىپكە كۆچتى.مىلادىيە 4-ئەسىردىن باشلاپ ياۋروپاغا ھۇجۇم قىلدى.4-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىكى ھون-ئالان ئۇرۇشى ھونلارنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاياغلىشىپ ياۋروپانى ئەندىشىگە سالدى.ھونلارغايىڭىلىپ قاچقان شەرقى ۋە غەربى گوت قەبىلىلىرى ۋە ئالانلار ياۋروپانى مالىمان قىلدى ۋە رىم ئىمپىرىيىسىنى شەرق ۋە غەربكە پارچىلىدى(4). ئاتىللا(453-434)تەخىتتە ئولتۇرغان دەۋىردە ياۋروپا ھون ئىمپىرىيىسى ئەڭ كۈچلۈك دەۋىرگە قەدەم قويدى.لىكىن ئاتىللانىڭ ئۆلۇشى بىلەن تەڭ ياۋروپا ھون ئىمپىرىسى ئاتىللائەۋلادلىرىنىڭ نىزاسى ۋە رىم ئىمپىرىيىسى،گوتلار،جىبۇت ۋە گىرمان قەبىلىلىرى بىلەن ئۇرۇشتا زاۋاللىققا يۈزلەندى. ھەتتا ياۋروپاغا ئىچكىرلەپ ھۇجۇم قىلىشتىن بۇرۇنقى زىمىنلىرى بولغان جەنۇبى روسىيە يايلاقلىرىغا چىكىنىپ چىقتى.


     ھونلارنىڭ دۇنيا تارىخىغا كۆرسەتكەن تەسىرى زور.ھونلار ئاسىيانىڭ شەرىقىگە كۆرسەتكەن تارىخى تەسىرىدىن سىرىت،ياۋروپاغا قەدەركۆچۇش جەريانىدا ياۋرو-ئاسىيادىكى كۆچمەن مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا قوشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.رىم ئىمپىرىيىسىنى پارچىلاپ،گىرمان قەبىلىلىرىنىڭ غەرىپكە كۆچۇشى،ئانگىلو-ساكىسون قەبىلىلىرىنىڭ  بىرتانىيەگە كۆچۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇنداقتا ھونلار زادى قايسى ئىرىققا تەۋە؟ كۆپىنچە ئالىملار تۈرك ئىرىقىغا تەۋە دەپ قارىشىدۇ.ھىچبولمىسا ھۆكۈمرانلىق قەبىلىنىى شۇنداق(5).سالماق ئارخىئولوگىيىلىك بايقاشلار بۇنى دەلىللەيدۇ.لىكىن ئوخشىمىغان قاراشلارمۇ مەۋجۇت(6).

مەسىلنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى


ھونلارنىڭ يىزىقى بارمۇ-يوق؟ دېگەن مەسلە.تارىخشۇناسلارنى ئوڭايلا قايمۇقتۇرىدۇ.سىماچىيەن تارىخنامىدا ‹ھونلارنى يىزىقى  يوق،تىل بىلەنلا ئەھدىلىشىدۇ›(7)، دەپ قالدۇرغانىدى.ئۇنداقتا ھونلارنىڭ تىلىچۇ؟كىشى ناملىرىدىن باشقا ھونلارنىڭ بىزگىچە يىتىپ كەلگەن سۆزلىرى ساناقلىقلا.بۇ مەسىلە ھونتەتقىقاتىغا مەلۇم قىيىنچىلىق تۇغدۇردى.ياپون تارىخچىسى،تىلشۇناسى شىراتورى كۇراكىچى ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىدا(8) ھون سۆزلۇكلىرىنى ئىتمولوگىيىلىك ۋە فونولوگىيىلك نۇقتىدىن تەتقىق قىلىپ موڭغۇلچىگە تەۋەسى2،تۈركى تىلغا تەۋەسى2،توڭگۇس تىلىغاتەۋەسى3،تۈركى ۋە موڭغۇلچىگە تەۋەسى1،موڭغۇل ۋە توڭگۇسچىگە ئورتاق تەۋەسى4،ھەرئۈچىگە ئورتاق تەۋە بولغىنى5 دەپ قارىغان. ھون تىلدىن قالغان سۆزلەر ئاز بولغاچقا،بۇ خىل تەتقىقاتنىڭ يىتەرسىزلىكى كۆپ.بۇنىڭغا تايىنىپلا ھون تىلنى موڭغۇل تىلىغايىقىن دىيىش مىىنڭچە ئانچە توغرا ئەمەس.ئانتىرۇپولوگىيلىك نۇقتىدىن ئىيتقاندا،ھونلار تۈرك ئىرىقغا يىقىن بولغان.يەنى سۈرلۈك ،قامەتلىك،كۆككۆز.ھون ئاقسۆڭەكلىرنىڭ قەبىللىرىدىن بايقالغان قامەت ئالاھىدىلىكلىرىمۇ بۇنى دەلىللەيدۇ(9).

ئىتنىك ھىسيات ۋە ئۆرپ-ئادەت جەھەتتىكى باغلىنىش ۋە ئىزچىللىق موڭغۇللاغا ۋە باشقا توڭگۇس قان سىسىتىمىسىدىكى مىلىلەتلەرگە قارىغاندا تۈركلەر ھونلارغا يىقىنراق بولغان.ھازىرغىچە يىتىپ كەلگەن ھونچە سۆزلەرنىڭ(10) موڭغۇلچىگە يىقىن ئىكەنلىكى توغرىسىداتۆۋەندىكىدەك جاۋاپلارنى تپىش مۇمكىن.

بىرىنچىدىن،قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ ئىتىنىك تەركىبىدىكى ئالاھىدىلىك بويىچە ھۆكۈمران بولغان قەبىلە ئۆزىنىڭ ھەربې،سىياسى تىرتورىيەسى ئىىچدە كۆپلىگەن ئۆز بولمىغان قەبىلىلەرنى بىسىۋالىدۇ.ئۆز-ئارا ئارلىشىش جەريانىدا بىر-بىرىگە ئۆتۈشۈش يۈز بىرىدۇ.ھونلار چوغاي ۋە تەڭرى ‹تىلەن›تاغلىرى ئەتراپىدا يىتىلپ،ھەربى كىڭيىشىش داۋامىدا بەزى توڭگۇس قەبىلىلرىنى بويسۇندۇرغان.بۇ خۇددى ھونلار ياۋرۇپادا گىرمان،جىبۇت،گوت قەبىلىىلرنى ئۆز تىرىتوريىسى ئىچىگە ئالغاندەكلا ئىش.بۇ خىل مۇناسىۋەت ئاستىدا تىل ئارا ئۆتۈشۈشيۈز بەرگەن. بىز تارىختا ىسياسى،ھەربى ئىشلارنىڭ ئاز بولمىغان مەدەنىيەت تەسىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىغا ئائىت مىساللارنى بايقايمىز.

ئككىنچىدىن،ھونلارئاجىزلاشقاندىن كىيىن خىلى كۆپ ساندىكى ھونلار سىيانپىلىشىپ،ئاخىردا ئوتتۇراتۈزلەڭلىكتىكى ئاممىغا سىڭىپ كەتتى.سىيانپىلار،توڭگۇس قان سىستىمىسىدىكى قوۋىم.بۇخىل تەسىر ئاستىدا خىلى كۆپ ساندىكى ھونچە سۆزلەر سىيانپىچىگە ۋە باشقا توڭگۇستىللىرىغا ئۆزلەشكەن،ئىتىنىىك قوشۇلۇش تىل ۋە باشقا مەدەنىيى تەرەپلەرگە تەسىرلىشىپ ئۆز-ئارا سىڭىشكەن.

جىلىن ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ پىروففىسورى جۇخوڭ ئەپەندى ئۆز ئەسىرىدە توبالارنىڭ ھون ۋە سىيانپى قوۋىملىرىنىڭ ئارلاشمىسى ئىكەنلىكىنى ،ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكىلەرنىڭ ئۆزىنى سىيانپى دەپ ئاتىۋالغان ھونلار ئىكەنلىكىنى شەرھىلەپ ئۆتكەنىدى.(11)

ھونلار بىلەن خەن سۇلالىسى ئوتتۇرسىدىكى مەكتۈپلارنىڭ خەنزۇچە نۇسخىلىرى ھازىرغىچە يىتىپ كەلدى(12).لىكىن بۇ مەكتۇپلارنىڭ ھونچە يىزىلىپ خەنزۇچە خاتىرلەنگەنلىكى ۋە ياكى بىۋاستە خەنزۇچە يىزىلغانلىقى توغرسىدا ئىنق بىر نەرسە دىيىلمىگەن.ھونلار يەنە قۇرىغاردىكى ۋە خىشى كارىدۇردىكى قوۋىم ۋە دۆلەتلەرگە يازما خەتلەرنى ئەۋەتكەن(13).بىراق ئوخشاشلا بۇنىڭ قايسى خىل يىزىقتا يىزىلغانلىقى ئىنىق ئەمەس.

ھونلارنىڭ بەزى قوشاقلىرىمۇ ھازىرغىچە ساقلانغان(14).لىكىن بۇ قوشاقلارمۇ خەنزۇچە يىزىقتاخاتىرلەنگەن.قەدىمكى رىم تارىخچىسى پىرىسكۇس رىم ئەلچىلىرى بىلەن ئاتىللانىڭئوردىسىغا بىرىپ ‹سەپەر خاتىرسى› دىگەن ئەسەرنى يازغان. ئەسەردە ئاتىللا ھوزۇرىدائوردا خىزمەتچىلىرنىڭ ئاتىللانى ماختاپ مەدىھىيە ئوقۇغانلىقىنى،قىززىقچىلارنىڭلاتىن،گوت،ۋە ھون تىللىرىدا قىززىقچىلىق قىلغانلىرىنى يازىدۇ.لىكىن، تەپسىلى ھالدا ھونلارنىڭ يىزىق تىلى توغۇرلۇق مەلۇمات قالدۇرمايدۇ(15).

مانابۇلار ھونلارنىڭ يىزىق تەتقىقاتى ۋە تىل تەتقىقاتىدىكى چىگىش مەسىلىلەرنىڭ تارىخى ئاساسىدۇر.

  دەسلەپكى بايان

گەرچە يازما ئسپاتلار يىتەرلىك بولمىسىمۇ،ھونلارنىڭ يىزىقى توغرسىدا تەتقىقات ئىلىپ بىرىش پۈتۈنلەي مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئەمەس.ئارخىئولوگىيىك بايقاشلار بىزنى مەلۇم دەرىجىدىكى تارىخي تەتقىقات قىممىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.سىىلىشتۇرما تارىخشۇناسلىق،ئارخىئولوگىيىلىك بايقاشلار ھەمدە قاتلاملىق تارىخىي لوگىكا بىلەن بۈيۈك ھون تارىخنىڭ يىزىققا مۇناسىۋەتلىك، بۇ مۇھىم بۆلىكىنى مەلۇم دەرىجىدە يورۇتۇش تامامەن مۇمكىن.

     نۆۋەتتە موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيتى،روسىيەفىددراتسىيىسنىڭ بايقال كۆلى ئەتراپى،سايان تاغلىرى،قىرغىزىستان، شىنجاڭ ئىچىدىكى تەڭرىتاغ،ئالتاي تاغلىرى،خىشى كارىدورى،سىرىق ئۆگۈزنىڭ ئەتراپلىرى، ھەتتا شەرقى شىمالدىنمۇ ئىنىق ھالدا ھونلارغا تەئەللۇق دەپ بىكىتىلگەن قەۋىرىلەر بايقالدى.كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ھونلار جايلاشقان جايلارنىڭ تىرتورىيىسى كەڭ ،شەرىقتە قادىرخان تاغلىرىنىڭ شەرق تەرەپلىرىدىن باشلانسا غەربتە جەيھۇن، سەيھۇن دەريالىرىغىچە(ياۋروپاغاكۆچۇشتىن بۇرۇنقى ئەھۋال كۆزدە تۇتۇلىدۇ)، ئىتنىك ئەھۋالى مۇرەككەپ،شەرىقتە توڭگۇس قەبىلىلرى،جەنۇبتا خۇاشىيا قۇۋىمى غەرىبتە توخار،ئۇيسۇنلار،تارىم ۋادىسىدىكىيەرلىك خەلىقلەر شىمالدا دىڭىلىك،ئوغۇز،قىرغىز قەبىلىلىرى ۋە باشقا غەربتىكى تۈركى قەبىلىلەر ۋەھاكازالار...

ھونلارنىڭ ئۇنچە كەڭ جايدىكى ھۆكۈمرانلىق تەبىئي ھالدا ھون مەدەنىيىتى ۋە باشقا قوۋىم مەدەنىيەتلىرى ئارىسىدا ئۆز-ئارا قوبۇل قىلىش،سىڭىشىشىنى بارلىققا كەلتۇرىدۇ.بۇبىر تەبىئي جەريان. مەسىلەن، ھونلارنىڭ ئۇزۇن چاچ قويۇش ئادىتى توڭگۇس قەبىلىلرىگە ئۆتۈشكەن. ھونلاردىكى ئەجدىرىھاغا چوقۇنۇش ئادىتى،پادىشاھنى،تەڭرىنىڭ ئوغلى دەپ ئاتاش،خۇاشىيالاردىمۇ مەۋجۇت.

ھونلارئىسىتلا قىلغان جايلاردىكى بەزى خەلىقلەرنىڭ يىزىقى بارلىقنى بىلىمىز.مەسىلەن،تارىمنىڭ يەرلىك ئاھالىىلرى ۋە جەنۇبتىكى خۇاشىيالار...يەنە كىلىپ ھونلارنىڭ تاشقى ئالاقىسىدە تەبىئىيلا يېزىققا مۇھتاجلىق تۇغۇلىدۇ.بۇ موڭغۇل ئىستىلاسىدىن كىيىنكى يىزىققا بولغان ئىھتىياج.قىتان خانلىقى قۇرۇلغاندىن كىيىنكى قىتان يىزىقىغا بولغان ئىھتىياج بىلەن بىردەك. شۇنچە كەڭ زىمىنلارنى ئگىلەپ،كۆپ مەدەنىي خەلىقلەرنى ئىستىلا قىلغان بىر قوۋمنىڭ ئۆز يىزىقىغا ئىھتىياجى چۈشمەسلىكى ئىھتىمالدىن تولىمۇيىراق.ئەمەلىيەتتە ھون تۇپراقلىرىدا يىزىق يارىتىش قىلمىشلىرى خىلى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىدى.ھەربىر يىزىق باشتىن ئۆتكۇزىدىغان تەسۋىرى يىزىق يارىتىش جەريانىنى ئەمەلىيەتتە ھونلارمۇ باشتىن ئۆتكۇزگەن.

مىنىڭچە تىل-يىزىقنىڭ بىر پۈتۈن تەرەققىيات جەرياندا جۇغراپىيىلىك خاسلىق ۋە تارىخى خاسلىق مۇھىم ئورۇننى ئىگلەيدۇ . ئىنسانلار مەدەنىيىتى يورۇق چاچقان نۇرغۇن زىمىنلاردا ھەقىقى مەنىدىكى يىزىق بارلىققا كىلىشتىن بۇرۇن ھاياتى تۇرمۇش ، دىنى ئىتقات ۋە ياكى تارىخى خاتىرلەش ئىھتىياجى تۈپەيلىدىن يىزىقنىڭ ھامىلىسى سۈپتىدە تەسۋىرى خاتىرلەش بارلىققا كەلگەن.ھون زىمىنلىرىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس . موڭغۇلىيەدىكى ھەرجايلاردىن تىپىلغان تاش سىزمىلاردىكى ھەر خىل بەلگىلەر.مەلۇم دەرىجىدە ھون ئەجداتلىرىنىڭ خىلى بۇرۇنلا يىزىق يارىتىش خائىشىغا ئىگە بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.ھەمدە بۇ خىل خائىشنىڭ مەلۇم دەرىجىدە پىشىپ يىتىلگەنلىكىنى ئىھتىماللىققا سازاۋەر قىلشىمىزنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ

   يىنشەن قىيا تاش رەسىملىرى(16)   

.يىنشەن قىياتاشلىرىدىكى بەزى سىزمىلار مەسىلەن : قاتارلىقلار كىيىنكى قەدىمكى تۈرك يىزىقىنىڭ ھەرىپلىرى بىلەن ئوخشىشىدۇ.قىيا تاش رەسىملىرىگە تارىخى ھىسيات بىلەن ئىنچىكە قارايدىغان بولساق ئۇنىڭ مەلۇم مەنىنى يىزىق ۋاستىسى بىلەن ئىپادىلەۋاتقانلىقىنى بايقايمىز ، گەرچە بىز بۇنى پۈتۈنلەي يىشىپ بىرەلمىسەكمۇ! يەنە كىلىپ قىيا تاشلاردىكى بەزى شەكىللەر بىر قانچە يەردە قايتا تەكرارلانغان.بىزنىڭ مەلۇم دەرىجىدە بۇ خىل ئوخشاشلىققا نىسبەتەن تاساددىبىلىق پىكىرىمىزنى بىرىشمىزگە توسقۇنلۇق يارىتىدۇ. بۇ خىل بەلگىلەر مەلۇممەنىدە خىلى بۇرۇنلا يىزىقتىن ئىبارەت بۇ خاسلىقنى يارىتىشقا باشلىغان.

دەسلەپكى بەلگىلەر مىنىڭچە مۇنداق 3 قاتلامدىكى مەنىنى بىلدۇرۇشكەن.

1-قاتلام، تەبىئەت ھادىسلىرى، ئۇرۇش، دىنې-ئتىقات ، ھاياتى تۇرمۇش قاتارلىقلانى ئىپادىلەش ۋە مەلۇم مۇددئا  بىلەن تاشلارغا سىزىپ قالدۇرۇش

قىيا تاش سىزمىلىرى.جۇغراپىيىلىكجەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ خىل خائىشنى ئوخشىمغان دەۋىرلەر بويىچە موڭغۇل يايلاقلىرىجەنۇبى سىبىرىيە، ئالتاي تاغلىرى ئەتراپى، قىچاق دالاسىدىن كۆپلەپ تىپىش مۇمكىن.

2-قاتلام، ھەر قايسى ىقەبىلىلەرنىڭ تامغىلىرىنى بىلدۇرگەن.

تامغىلار ئارقىلىق شۇ زىمىن ياكى بۇيۇمنىڭ قايسى قەبىلىگە تەۋەلىكىىنى ئىپادىلەشكەن . قەبىلە ناملىرنى تامغا ئارقىلىق ئىپادىلەش قەدىمكى كۆچمەن تۇرمۇشتىكى چوڭ ئىجادىيەت. تاش رەسىملىرى ۋە باشقا ئارخىئولوگىيەلىك ئاسار-ئەتىقىلەردىكى بەلگىلەرمەلۇم دەرىجىدە بۇ خىل خاسلىقنى گەۋدىلەندۇرىدۇ.

3-قاتلام ، يىزىقنىڭ پىېشىپ يىتىلىشىدىن ئىلگىرىكى خام ھالىتى.

قايتا-قايتاتەكرارلانغان بەزى ھەرىپلەرنىڭ جۇغراپىيىۋى ئىتنولوگىيىلىك خاسلىقى ھەمدە كىىينكى سىيانپى، تۈركلەرگە خاس بولغان تارىخى خاسلىقى بىزگە بىر يىزىقنىڭ پىشىپ يىتىلشىدىن ئىگىرىكى سىماسىنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ بەرسە كىرەك.

                                                (  داۋامى بار...)

مەنبەلەرۋە ئىزاھاتلار:

(1)،(2)،(3)  تارىخنامە ،سىماچىيەن،110-جىلىدھونلار. خەننامە،بەنگۇ،94 -جىلىد ھونلار.كىيىنكى خەننامە،فەنيى،89-جىلىد جەنۇبى ھونلار.

(4)قەدىمكى رىم تارىخچىسى ئاممىئانۇس مارسىللىنۇسنىڭ تارىخى بايانلىرىغا قارالسۇن.

(5)伯希和:亚洲杂志(J)1925;193                                                

(6)ھونلارنى تۈرك ئىرقىغا تەۋە دەپ قاراش كۆپرەك ئورۇننى ئىگىلىسە كىرەك.ئايرىم ئالىملار ھونلارنى موڭغۇل ئىرىقىغا تەۋە دەپ قارايدۇ،ھەتتا ھونلارنى موڭغۇللارنىڭ بىۋاستە ئەجدادى دەپ قارايدۇ.بۇ خىل قاراشنىڭ دەلىلى كۆپىنچە ئايرىم-ئايرىم يەرلەردىكى ئارخىئولوگىيىلىك بايقاشلار ۋە خەنچە خاتىرلەنگەن ھونچە سۆزلۇكلەردۇر. جۇڭگودىكى ئاساسلىق ۋەكىللىرى خەن كاڭشىن ،فەن چىفىڭ ئەپەندىملەردۇر.

(7)《毋文书,以言语为约束》                                               

(8) 白鸟库吉:匈奴起源考,亚洲杂志 1925                                    

匈奴史论文选集,中华书局,1983                                                

(9) موڭغۇلىيەنىڭ نويان تاغلىرىدىنتىپىلغان 25-نۇمۇرلۇق ھون ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قەبرىسى توغرىسىدىكى بايانلار:

لىنگەن :ھونلارنىڭ ئومومى تارىخى،ئۇيغۇرچە 1-نەشىرى 274-276بەتلەر

لىنگەن :ھون ،تۇڭگۇس ،تۈرك ئىرىقلىرى توغرىسىدا ئىزدىنىش،ئىچكى موڭغۇل ئۇنىۋىرسىتىتىئىلمى ژۇرنىلى 1997-يىل 5-سان

س.دورجى سۇرۇڭ:شىمالى ھونلار

بەنگۇ:خەننامە،68-جىلىد جىن مىتىنىڭ تەرجىمھالى

(10) ھونلاردىن قالغان خەنچە يىزىلغان سۆزلۇكلەر:

头曼-- 一万 tumen
屠耆--学问 知识 toaci
瓯脱--帐篷 baoto
若鞮--(人称)norgi
居次--女儿 joi ci
且弥--(地名) icini 单于--君主 天子 cagan ni
胭脂(阏氏)--夫人 王后 yuuji
撑犁--天 tenggeri

孤涂--儿子 jute


(11) 朱泓:人种学上的匈奴,鲜卑与契丹,北方文物,19942
(12) بەنگۇ:خەننامە،94-جىلىد ھونلار ھەققىدە قىسسە      فەن يى:كىيىنكى خەننامە،89-جىلىد جەنۇبى ھونلار ھەققىدە قىسسە

(13)بەنگۇ:خەننامە،96-جىلىد غەربى يۇرت تەركىزىسى

(14)تىلەن تىغى قوشىقى:     亡我祁连山,使我六畜不繁息,亡我焉支山,使我妇女无颜色  

(15) 韦尔斯(H.G.WELLS):世界史纲 上卷,梁思成等译                       
(16).盖山林:阴山岩画  1020, 10241                                      

    ئاپتور:ئوغۇزمۇرات


قەلبى يارا بوپكەتكەن ئەبلەخ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97835
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1065
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2013-9-14
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-10 01:19:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ماتىريالدا كۆرۈشۈمچە ھونلار ئايرىم مىللەت بولماستىن بەلكى نۇرغۇن مىللەتتىن تەشكىل تاپقان بىر گەۋدە ،لېكىن قايسى مىللەتنىڭ يادرولۇق رول ئوينىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات يوق دىيلىپتۇ. ياۋرۇپادىن چىكىنگەن ھونلارنىڭ ئەۋلادى توغرۇلۇق مەلۇمات بارمىدۇ؟ئۇغۇزخان رىۋايىتى بىلەن ھونلار ئوتتۇرسىدا بىرەر باغلىنىش بامۇ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   unix212 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-10 01:20 PM  


بەزىى ئادەملەر ئۈزىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى ئاۋازنى ئىنىق ئاڭلىيالايدۇ،ھەم شۇنىڭ بىلەن يول تۇتىدۇ،بۇنداقلارنىڭ بەزىلىرى ساراڭغا ئايلىندۇ،بەزىلىرى  رىۋايەتكە.

قەلبى يارا بوپكەتكەن ئەبلەخ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97835
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1065
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2013-9-14
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-10 01:22:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر يادرولۇق رول ئوينىغان مىللەتنىڭ قايسى مىللەت ئىكەنلىكىنى بىلش مۇمكىن بولسا،ئۇلارنىڭ قايسى خىل يېزىقنى ئىشلەتكەنلىكىنى بىلش مۇمكىن.

بەزىى ئادەملەر ئۈزىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى ئاۋازنى ئىنىق ئاڭلىيالايدۇ،ھەم شۇنىڭ بىلەن يول تۇتىدۇ،بۇنداقلارنىڭ بەزىلىرى ساراڭغا ئايلىندۇ،بەزىلىرى  رىۋايەتكە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96863
يازما سانى: 256
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 878
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 501 سائەت
تىزىم: 2013-8-9
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-10 02:29:48 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھونلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۇچۇن سەددىچىن سىپىلى سوقۇلدى. لىكىن بۇ مۇقۇم چىگرا ئەمەس ئىدى.


بۇ گەپ ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۇردىكەن ھا  ھا  . . . .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98523
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 50
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2013-10-7
ئاخىرقى: 2014-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-10 04:25:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
unix212 يوللىغان ۋاقتى  2013-10-10 01:19 PM
بىر ماتىريالدا كۆرۈشۈمچە ھونلار ئايرىم مىللەت بولماست ...

1.ھونلارنىڭ قەبىلە بىرلىكى ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئوغۇزمۇرات يازمىدا ئىنىق ئىپادە بەرگەن.2. ياۋروپادىن چىكىنگەن ھونلار توغىرۇلۇق ئوغۇزمۇراتنىڭ يەنە بىر يازمىسىنى كۆرگەن ئىدىم . ئۇنىڭدا دىيىلگەنلەردىن ئىسىمدە قىلىشچە ئۇلار ئۇتىغور ۋە قۇتىغور قەبىلىلىرى بولۇپ ئاتىلىپ بۇلغار ۋە ۋىنگىرلارنى تەشكىل قىلغان ،ھەمدە يەنە ياۋروپانىڭ ئىچكىرسىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن. 3. بەزى تارىخچىلار باتۇر تەڭرىقۇت بىلەن ئوغۇزخاننى بىر ئادەم دەپ قارايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98523
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 50
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2013-10-7
ئاخىرقى: 2014-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-10 04:26:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
unix212 يوللىغان ۋاقتى  2013-10-10 01:22 PM
ئەگەر يادرولۇق رول ئوينىغان مىللەتنىڭ قايسى مىللەت ئى ...

يازمىنى ئەستايىدىل ئوقۇسىڭىز بۇنىڭغا جاۋاپ تىپىشىڭىز مۇمكىن.

شېۋىتسارىيە OMEGA قول سائىتى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86619
يازما سانى: 1172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2573
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 836 سائەت
تىزىم: 2012-10-30
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-10 04:34:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى (ۋېنگىرىيە) دۆلىتى   ھونلارنىڭ.
ئەسلى ھونگىرىيە ئىدى ئاستا-ئاستا. ۋېنگىرىيەگە ئۆزگەردى

ساڭا تار كەلمەيدىغان قەبرىلەرنى كىملەر قازسۇن؟ كۆمەيلى تارىخقا دېسەم پاتمايسەن.
                                    - مەھمەد ئاكىف ئەرسوي

شېۋىتسارىيە OMEGA قول سائىتى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86619
يازما سانى: 1172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2573
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 836 سائەت
تىزىم: 2012-10-30
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-10 04:41:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ھونلارغا قىزىقىمەن.   بۇرۇنقىلار ھون دېگەن ئىسىمنى ئاڭلىسا قورقۇپ  قاچىدىكەنتۇق.ھونلارغا ھېچكىم تەڭ كېلەلمەيدىكەنتۇق.    ھونلارغا قىزىقىدىغانلار (خەنۋۇدى)ياكى (جۇيۈەنجىياڭ)دېگەن كىنونى كۆرسەڭلار  بولىدۇ.  بەزى يەرلىرى سەل ئاشۇرۋەتكەن.خەن قوشۇنى نەچچە قېتىم ھونلارغا شىددەتلىك چوڭ ھۇجۇملارنى قىلسىمۇ يېڭلىپ قالغان.

ساڭا تار كەلمەيدىغان قەبرىلەرنى كىملەر قازسۇن؟ كۆمەيلى تارىخقا دېسەم پاتمايسەن.
                                    - مەھمەد ئاكىف ئەرسوي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17575
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7467
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 214 سائەت
تىزىم: 2010-11-14
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-10 04:46:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھونلار پارچىلانغاندىن كىيىن ياۋرۇپادا ھونگىريە(ھازىرقى ۋىنگىريە) دىگەن دۆلەتنى قۇرغانلىق توغۇرسىدا مەلۇمات ئاڭلىغان ئاڭلىغان ئىدىم.ئەمما بۇ بۇگەپنىڭ ئىشەنچىلكمۇ ياكى ئىشەنچىسىزمۇ بىر نىمەدىمەك تەس

شەمشەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98175
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 154
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2013-9-24
ئاخىرقى: 2014-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-10 10:38:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
dawranim يوللىغان ۋاقتى  2013-10-10 04:46 PM
ھونلار پارچىلانغاندىن كىيىن ياۋرۇپادا ھونگىريە(ھازىر ...

ئىشەنچىلىك``

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش