|
|
|
|
دوستۇمغا ئاتاپ...
ئاپتۇرى : دىلاۋۇر شۆھرەت ئەلرازى
بىر دوستۇم سۆزىدىن
بەزىدە ئۆزۈمنى چۈش بىلەن رېئاللىق ئوتتۇرىسىدا ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلىپ قالىمەن، خىيال سۈرۈشكە شۇنچىلىك ئامراق ئىدىم، ئاجايىپ خىياللارنى، شېرىن ئارزۇلارنى قىلاتتىم. خۇددى قانچە كۆپ خىيال قىلسام خىياللىرىم رېئاللىققا ئايلىنىدىغاندەك...
مۇشۇنداق خىياللار تۈرتكىسىدە قەيەرلەردىدۇ كۆمۈلۈپ قالغان ئىلھاملىرىم ئەمدىلا كۆزى ئېچىلغان بۇلاققا ئوخشاش ئاستا-ئاستا بۇلدۇقلايتتى-دە، قولۇمغا قەلەم ئېلىپ، شۇ گۈزەل ئارزۇلىرىم، شېرىن خىياللىرىمنى قەغەز يۈزىگە قوندۇراتتىم، لېكىن يازغانلىرىم خۇددى چالا رەسسامنىڭ تېز سىزمىسىغا ئوخشاش، نە رەڭدىن، نە كىشىگە ھوزۇر بېرىدىغان گۈزەللىكتىن ئەسەر يوق، پەقەتلا «رەسىم»دىن ئىبارەت رامكىسىلا بار ئىدى، ئەممە، مۇشۇنىڭدىنمۇ شۇنچىلىك خۇشال بولاتتىم، چۈنكى ئاشۇ تاققا-تۇققا جۈملىلەر ئارقىلىق چىن ھېسسىياتىمنى قانداقلا سۆزلىسەم جىمجىت قۇلاق سېلىپ ئاڭلايدىغان سۆيۈملۈك دوستۇم قەغەزگە ئېيتىۋالالىدىم ئەمەسمۇ؟
نۇرغۇن، نۇرغۇن خىياللارنى قىلغان ئىدىم، لېكىن سىنىڭ ھاياتىمدا پەيدا بولۇپ كىچىككىنە بۇلاق كەبى ئىلھاملىرىمنى دولقۇنلۇق دەرياغا ئايلاندۇرىدىغىنىڭنى ئەسلا خىيال قىلمىغان ئىدىم. سېنىڭ يازغان مۇھەببەتكە تويۇنغان، ھېسسىياتقا باي شېئىرلىرىڭ ماڭا ئىلھام بولدى، سەن ماڭا «رەسىمگە» رەڭ بېرىشنى ئۆگەتتىڭ، بىر ئاددىي ھەۋەسكاردىن چىرايلىق رەڭلەر بىلەن باشقىلارنى تەسىرلەندۈرەلەيدىغان «رەسسام» غا ئايلاندۇردۇڭ. سېنىڭ مەدەتلىرىڭ بىلەن قولۇمغا قايتا قەلەم ئېلىپ، ئۇزۇندىن بۇيان ئۇخلاپ ياتقان ۋولقان كەبى يۈرۈكۈمنىڭ قات-قېتىغا ئورناپ كەتكەن قايغۇ-ھەسرەتنىڭ قېلىن پەردىسىنى يىرتىپ تاشلىدىم، تۇنجى قېتىم چىن كەچۈرمىشلىرىمنى «سىزىپ» چىقتىم-دە، تۇنجى بولۇپ ساڭا كۆرسەتتىم، تۇنجى ئەسىرىمنى ھاياجان ئىچىدە قايتا-قايتا ئوقۇغىنىڭنى ئېيتقان ۋاقتىڭدا، ئىچ-ئىچىمدىن چىقىۋاتقان ئاچچىق بىر يىغا كۆزلىرىمگە ياماشتى، كۆزۈمنىڭ نېمە ئۈچۈن ياشلانغىنىنى ئۆزۈممۇ بىلمىدىم، بۇ ياشلار بەلكىم ئۇنتۇپ كېتىشكە تىرىشقان، يۈرۈكۈمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا كۆمۈۋەتمەكچى بولغان ئازاپلىق كەچۈرمىشلىرىمنى قايتا ئەسكە ئالغىنىم ئۈچۈن كونا يارىلىرىمدىن سىرقىغان قان بولسا كېرەك...
قەلەمنى قايتا قولۇمغا ئېلىشقا، يۈرەك سىرلىرىمنى تۆكۈشكە ئىلھاملاندۇرغان، ئازاپلىق كەچۈرمىشلىرىمنى قەغەز يۈزىگە تۆكۈش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆتمۈشكە ئايلاندۇرۇپ، كەلگۈسى ھاياتىمنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئۈمىد بېغىشلىغان ساڭا ئىككى دۇنيالىق تەشەككۇر...
سەن بولغاچ ئىلھاملىرىم ئۆكسۈمەيدۇ، ئۇ بولغاچ ئۈمىدلىرىم ئۈزۈلمەيدۇ...
غۇلجا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-10 03:58 AM
|
|
|
|
|
|