|
|
|
|
ئۇيغۇر تەبىئىي پەن ئالىملىرى: تىلىۋالدى مەمەت
تاشپولات روزى
بۈگۈندىن باشلاپ ئۇيغۇر تەببىىي پەن ئالىملىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇشنى باشلايمەن. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتىم ئۇيغۇر مىللىتىدىنمۇ تەبىئىي پەن ئالىملىرىنىڭ بارلىقىنى بەلىش ھەم ئۇلارنى يات ئېتىش ھەم ئۇلاردىن پەخىرلىنىش. مەن چەتئەللەردە يۈرۈپ مېنى ئوقۇتقان ئۆز مىللىتىمدىن چىققان ئوقۇتقۇچىلىرىدەك دەرسنى ۋايىغا چىقىرىپ دەرس ئۆتكەن ئوقۇتقۇچىلارنى تېخى كۆرۈپ باقمىدىم. بەزىدە شۇنداق ئويلايمەن ئەگەر بىزنى ئوقۇتقان ئوقۇتقۇچىلىرىم ئامېرىكادەك بۇ تەرەقى قىلغان دۆلەتتە ماتېماتىكا ياكى فىزىكا دەرسىنى بەرگەن بولسا ئامېرىكانىڭ دەرىسخانىلىرىدىن زېرىكىپ چىقىپ كېتىدىغان بالىلار ئاساسەن بولمايتتى. ئامېرىكادا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا دەرسلىرىدىن زېرىكىپ چىقىپ كېتىشى مېنىڭچە ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى دەپ قارايمەن.
ئۇستازىم تىلىۋالدى 1936-يېلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى كورلا توۋۇرقى يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇ 1942-يىلدىن 1950-يېلىغىچە كورلا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان بولۇپ دىننى ساۋاتىنىمۇ شۇ چاغدا بىرگە چىقارغان. 1950-يېلىدىن 1953-يېلىغىچە ئۇ قاراشەھەر دارىلمۇئەللىمىدا ئوقۇغان. ئۇ ئوقۇشنى تۈگىتىپ 1953-يېلى شىنجاڭ ئىنىستىتۇغا ئوقۇشقا كىرىپ، 1956-يېلى ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملايدۇ. ئۇنۇڭ ئوقۇش نەتىجىسى ئالاھىدە بولغانلىقى ئۈچۈن 1956-يېلى تاشكەنت ئوتتۇرا ئاسىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ فىز-مات كەسپىگە ئوقۇشقا چىقىدۇ. ئۇ 1961-يېلى ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، 1961-يىلدىن 1996-يېلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتتا ماتېماتىكا پروفېسسور بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئۇ 1996-يېلى پېنسىيىگە چىقىدۇ. بەختكە قارشى ئۇستازىم 1999-يېلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى تۇيۇقسىز مېڭىسىگە قان چۈشۈپ بىلەن 63 يېشىدا بۇ ئالامدىن ئۆتتى. ئۇنۇڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي.
ئۇيغۇر ماتېماتىكا ئالىمى تىلىۋالدىكام، 1980-يېلىدىن 1984-يېلىغىچە ماڭا سىنىپ مەسئۇلى بولغان. ئۇ ئالىي مەكتەپتە خۇسۇسى دىففېرېنسىئال تەڭلىمىلەر دەرىسىنى بېرەتتى. ئۇنىۋېرسىتېت ژۇرنىلىدا ئۇنۇڭ يازغان ماقالىلىرى چىقىپ تۇراتتى. ئۇنۇڭ بىلىم دائىرىسى بەكمۇ كەڭ ئىدى. ئۇ ئالىي مەكتەپنىڭ خۇسۇسى دىففېرېنسىئال تەڭلىمىلەر دەرسلىكىنىمۇ يېزىپ چىقىدۇ. ئۇ دوسكىنى بەكمۇ ئىخچام تۇتاتتى. ئۇنىڭ دوسكىغا يازغان خېتىنى كۆرسىڭىز ھەيران قالىسىز خېتى باسمىدا ئۇرۇپ چىققاندەك چىرايلىق ئىدى. ئۇ دىففېرېنسىئال تەڭلىمىلەردىكى مۇرەككەپ تېئورېمىلارنى ئىسپاتلىغاندا مىسالنى ئاساس قىلىپ ئىسپاتلايتتى ھەم تېئورېمىنىڭ قوللىنىش ساھەسىنى بىرمۇ-بىر كۆرسىتىپ بېرەتتى. شۇڭا ئۇنۇڭ دەرس ئۆتۈش مېتودىنى ھەممە ئوقۇغۇچىلار ياخشى كۆرەتتى. ئۇستازىم بەكمۇ سالاپەتلىك ھەم خۇشخۇي بولۇپ ھەرقانداق دەرس ۋاقتىدا گالاستۇق ھەم كاستۇم بۇرۇلكا بىلەن دەرسكە كىرەتتى.
مەن ماتېماتىكا 79-2 سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدىم. بۇ رەسىم 1 بىز ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تارتىلغان.
رەسىم 1 دە، ئالدىنقى قاتار ئوڭدىن 3-ئورۇندا ئولتۇرغان كىشى مېنىڭ ئۇستازىم تىلىۋالدىكام بولىدۇ.
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-10 04:01 AM
|
|
|
|
|
|