2013-يىللىق ئالتاي ۋىلايىتى جەمىيەتتىن ئوچۇق ئاشكارا خادىم قۇبۇل قىلىدۇ.
ئاپتونۇم رايۇنلۇق تەكشۈرۈپ بىكىتىش كومىتىتى ، ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش نازارىتى قاتارلىق تارماقلارنىڭ تاستىقلىشى بىلەن ئالتاي ۋىلاياتلىك تەشكىلات بۆلىمى ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ئىدارىسى ئوچۇق ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىش ، باراۋەر رىقابەتلىشىش ، قاتتىق تەكشۈرۈش، ئەلالىرىنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ۋىلايەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى ئەرزىيەت قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسى، ئالتاي ۋىلايەتلىك ئوت ئۈچۈرۈش تارماق ئەترىتى ، قاتناش كەسپى تېخنىكا باھالاش پونكىتى قاتارلىق 113 ئىش ئورنى 235 نەپەر خىزمەتچى قۇبۇل قىلىدۇ.
1.قۇبۇل قىلىش ئوبىكتى ۋە شەرتى
1)ئالتاي ۋىلايىتى نوپۇسى ئىچىدىكى مەخسۇس كۇرس، ئوتتۇرا تېخنىكۇم ئوقۇش تارىخىغا ئىگىلەر.
2)ئالتاي ۋىلايىتى ئۈچۈن مۇلەزىمەت قىلدىغان غەربىي قىسىم پىدائىيلىرى، «ئۈچنى قوللاش بىرنى يۆلەش» خادىملىرى، كەنت باشلىقلىق ئورنىغا نوپۇس چەكلىمىسى قۇيۇلمايدۇ.
3)بىر قىسىم شىتات ئورنىغا پۈتۈن شىنجاڭ مەملىكەت دائىرىسىدە قوبۇل قىلىدۇ.(تەپسلىي كەسىپ جەدۋىلىدىن «باشقا شەرتلەر گە قارالسۇن)
4)ئوقۇش تارىخى چوقۇم دۆلەت ئېتراپ قىلدىغان بولۇشى كېرەك .
2.تۆۋەندىكىلەر بۇ قېتىمقى خىزمەتچى قۇبۇل قىلىش دائىرىسى ئىچىگە كىرمەيدۇ
1)ئىدارىدە رەسمىي ئىش ئورنى بار خىزمەتچىلەر
2)ئاپتونۇم رايون بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرغان شەەرلەرنى يۆلەش تەربىيىسىدىكى تېخى ئوقۇشى تاماملانمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار
3)يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ۋە خىزمەتچى قۇبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا ئىمىھانغا خىلاپلىق قىلىش خاتىرىسى بارلار
4)ئوقۇش ئاشكارا خىزمەتچى قۇبۇك قىلىش دائىرىسى ئىچىگە كىرمەيدىغان باشقا خادىملار
5)جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسان چەت ئەل ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقان ئىمتىھانغا تىزىملاتقۇچىلا ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتىنىڭ مەمورىي خادىملار شىتاتىغا تېزىملىتالمايدۇ.
3.تېزىملىتىش شەرتلىرى
1)جۇڭخۇا خەق جۇمھۇرىيىتى گىرەژدانى بۇلۇش كېرەك.2)ئاساسى قانۇننى ھىمايە قىلىشى ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغدىشى ، مىللى بۆلگۈنچىلىك ۋە قانونسىز دىننىي پائاليەتلەرگە قاتناشماسلىقى كېرەك.
2)ياخشى ئەخلاقى پەزىلەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك.
3)شىتات ئورنى ئىمتىھانغا تىزىملاتقۇچىنىڭ كەسپى ۋە ئوقۇش تارىخى شارائىتىغا ماس كەلگەن بولۇشى كېرەك .
4)ياش چەكلىمىسى :35 ياشتىن تۆۋەن يەنە 1977-يىل 10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار بولۇشى كېرەك.ئايرىم ئورۇنلارنىڭ ياش چەكلىمىس مۇۋاپىق دەرىجىدە قۇيىۋېتىلگەن.
4. باشقا شەرتلەر
2013-يىللىق ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ جەمىيەتتىن ئاشكارا خىزمەتچى قۇبۇل قىلىش ئىش ئورنى ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتى كەسىپ جەدۋىلى دىن كۆرىۋالسا بولىدۇ. كەسىپ جەدۋىلىدە كۆرسىتىلگەن باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر قازاق مىللىتىدىن باشقا ئۇيغۇر ، قىرغىز، شىبە، رۇس، تاتار، ئۆزبەك قاتارلىق باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر كۆزدە تۇتۇلدۇ.
5. تېزىملىتىش ۋاقتى : 2013-يىل 10-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە تېزىملاش ئوسۇلى : بىر تۇتاش ھالدا توردا تېزىملىندۇ، تېزىملاتقۇچىلار شىنجاڭ كادىرلار ئىشلىرى مەركىزىنىڭ تورى
www.xjrsks.com.cn غا چقىپ تېزىملاتسا بولىدۇ.
1)تېزىملاتقۇچىلار پەقەت بىرلا خىزمەت ئورنىغا تېزىملىتالايدۇ.ئىمتىھانغا تېزىملاتقاندىكى كىملىك بىلەن ئىمتىھانغا كىرگەندىكى كىملىك بىردەك بولۇش تەلەپ قىلندۇ.ئىمتىھانغا تېزىملاتقۇچىلار ئۆز ئارزۇسىغا ئاساسەن تەڭشەشكە قوشۇلۇش قۇشۇلماسلىقنى بەلگىلىسە بولىدۇ.
2)پۇل تاپشۇرۇش : پۇل تاپشۇرۇش بىر تۇتاش ھالدا تور بانكىسى ئارىلىق ئېلىپ بېرىلدۇ، پۇل تاپشۇرۇش ئاخىرقى چېكى 2013-يىل 10-ئاينىڭ 22-كۈنى 18 گىچە (بېيجىڭ ۋاقتى ) تېزىملىتىش ھەققى ھەر بىر ئادەم 15يۇەن ، يېزىقچە ئىمتىھان ھەققى 45يۈەن .دۆلەت ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىۋاتقان ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلار ، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت كىنشكىسنىڭ ئەسلى ۋە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى تەييارلاپ ئۆزى تۇرۇشلۇق كادىرلار ئىدارىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ھەقسىز تېزملىتالايدۇ. ئائىلىسىدە ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى بارلار ئۆز تۇرۇشلۇق مىلللىي ئىشلار كومىتىنىڭ قىيىنچىلىق ئىسپاتنىڭ ئەسلى ۋە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى كۆتۈرۈپ ئۆزى تۇرۇشلۇق كادىرلار ئىدارىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ھەقسىز تېزىملىتالايدۇ.
3)ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى چۈشۈرۈپ بېسىپ چىقىرۋېلىش ۋاقتى : ئىمتىھان باشلىنىشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن تىزىملىتىش ئېلىپ بارغان توردىن ( شىنجاڭ كادىرلار ئىشلىرى مەركىزىنىڭ تورى
www.xjrsks.com.cn)دىن چۈشۈرۈپ بېسىپ چىقىرۋالسا بولىدۇ .
6. يېزىقچە ئىمتىھان 2013-يىل 11-ئاينىڭ 9-كۈنى ئېلىنىدۇ
1)يېزىقچە ئمتىان پەن تۈرى كەسپى ئىقتىدارنى سىناش ئىمتىھان ۋاقتى 90مىنۇت تولۇق نۇمۇر 100نۇمۇر
بايان ۋە مۇھاكىمە ئىمتىھان ۋاقتى 120مىنۇت تولۇق نۇمۇر 100نۇمۇر
2)يېزىقچە ئىمتىھانغا نۇمۇر قۇشۇش
دۆلىتىمىزدە ئورتاق قوللىنىدىغان ئۇيغۇر ، قازاق، قىرغىز، مۇڭغۇل ، داغۇر، رۇس ، شىبە قاتارلىق باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە يېزىقچە ئومۇمىي نۇمۇرغا 10نۇمۇر قۇشۇپ بېرىلىدۇ .(ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتىىگە تىزىملاتقانلارغا مۇشۇ تۈردە 5نۇمۇر قۇشۇپ بېرىلىدۇ .)
3)مۇلازىمەت ۋاقتى توشقان شۇنداقلا باھالاشتا لاياقەتلىك بولغان غەربىي قىسىم پىدائىيلىرى،«ئۈچنى قوللاش ، بىرنى يۆلەش» قاتناشقان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، كەنت باشلىقلىق ئىمتىھانى يېزىقچە ئومۇمىي نۇمۇرىغا 5نۇمۇر قۇشۇپ بېرىلدۇ ، ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتىگە تېزىملاتقانلارغا قۇشۇپ بېرىلمەيدۇ.
4)يېزىقچە ئىمتىھان تەلىپى
ئىمتىھانغا قاناشقۇچىلار ئىمتىھانغا قانتنىشىش كىنشكىسىدىكى يېزىلغان دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەلەپلىرىگە ئاساسەن كىملىكى ۋە ئىمتىھانىغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى كۆتۈرۈپ ئىمتىھانغا قاتنىشىدۇ.
7. يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسى 2013-يىل 11-ئاينىڭ 21-كۈنى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى، ئىجتىمائىي كاپالەت تورىدا ئېلان قىلىنىدۇ.
8. يۈز تۇرانە ئىمتىھان ۋە سالاھىيىتىنى بەلگىلەش
يۈز تۇرانە ئىمتىھان ۋاقتى ، سالاھىيەت بېكىتىش ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋاقىتلار ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى، ئىجتىمائىي كاپالەت تورى(http://
www.xjaltrs.gov.cn)دا ئېلان قىلىندۇ . يۈز تۇرانە ئىمتىھان ھەققى 80 يۈەن.
2013-يىللىق ئالتاي ۋىلايىتى جەمىيەتتىن ئوچۇق ئاشكارا خادىم قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى :
چۈشۈرۈش
2013-يىللىق ئالتاي ۋىلايىتى جەمىيەتتىن ئوچۇق ئاشكارا خادىم قۇبۇل قىلىش ئورۇن ۋە كەسىپلەر جەدۋىلى :
چۈشۈرۈش
مەنبە :
http://www.xjaltrs.gov.cn/
تەرجىمە قىلغۇچى :
ئۇيغۇر ستۇدېنتلارمۇنبىرىدىن بىلنۇر