ھىجران تىۋىشلىرى
نەسىر
قەلىپ قەسرىمنىڭ ئىشىكىنى چىكىپ ،دىل خانەمنىڭ شاھ تەختىدىن ئورۇن ئالغان سىردىشىم،
قەيەردە سەن؟ مىنى ھىجران ،ئازاپ دەشتىدە قىيناپ چۆلگە تاشلىدىڭغۇ؟بىر تامچە مىھرى-ۋاپا
سۈيۈڭگە زار ئەيلەتتىڭغۇ؟
سىنىڭ مۇلايىملىقىڭ،غۇبارسىز،كىرسىز سەمىمىي دوسلۇق مىھرىڭنىڭ زەرلىرى ۋۇجۇدۇمنى لەرزىگە سېلىپ مىنى زىمىستاندىكى
باھاردەك ئالەمچە شاتلاندۇرغانىدى.يىقىملىق كۈلۈشلىرىڭ دىل تارەمنى چەكسە،تۇرمۇشتىكى
قەيسەرلىكىڭ مىنى قايىل قىلدۇرۇپ ،ساڭا بولغان ھۆرمىتىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇراتتى.
سەن بىلەن ئۈتكەن تاتلىق خاتىرىلەر،ئاجىزانە يۈرۈكۈمگە مەڭگۈلۈڭ پولات تامغا ئۇرۇپ
پۇچۇلايتتى.ئەپسۇس تۇلىمۇ ئەپسۇس. سەندەك بەرناقىزنى ۋاقىتسىز توزىغان ياپراقتەك
قەدىرلىيەلمىدىم.شۇنچە ۋاقىت يۇمران مايسىلارنى بىرگەپەرۋىش قىلىپ مىۋە بېرىشكە
ئاز قالغاندا رەزىل قوللۇرۇم بىلەن يىلتىزىدىن قۇماردىم.
سەن سۈكۈتتە تۇردۇڭ.بىرجۈپ نۇرسىز كۈزۈڭ مەندىن ۋاپا سوراپ تامچىلايتتى.مەن
ئۆتكۈر خەنجىرىمنى يۈركۈڭگە كۈچەپ تىقتىم.يۈركۈڭدىن سىرغىپ چۈشكەن ئۈكۈنۈش،
نەپرەت قانلىرى پۈتكۈل بەدىنىمگە چاچراپ، ئاتەش كەبى ھارارىتى بىلەن نەپسىمنى
بوغۇشقا،پۈتكۈل جىسمىمنى كۆيدۈرۈشكە باشلىدى.خەنجىرىمنىڭ ئۆتكۈر بىسلىرى
دوسلۇق بەرگىلىرىنى يالماپ بولغان.سەن بۇلالماي قالدىڭ،ئارقاڭغا قاتتىق يىقىلدىڭ.
پەرۋامۇ قىلماي قېچىۋاتىمەن،قېچىۋاتىمەن ۋىجدان سوتىنىڭ ساقچىلىرى پۇتلۇرۇمنى
كىشەنلىدى.تىركەشتىم.قان-زەرداپقا لىق تولغان يۈرىكىڭ ئىسمىمنى چاقىرىپ:
(سەن شۇمۇ،دوستۇم) يىنىككىنە شىۋىرلىدى.كاللام تۇيۇقسىز قاتتىق چاقماق
چاققاندەك تۇرمۇزلاندى.بۇ شىۋىرلاش مىنى شامدەك ئېرىتىپ پۇشايمان ياشلىرى بىلەن
ئارقامغا قايتىشقا مەجبۇرلىدى.
ئەپسۇس،تۇلىمۇ كىچىكتىم،سىنىڭ پۈتكۈل جىسمىڭ ئۆلگەن بۇلۇپ غەزەپ ئوتلىرى
بەدىنىڭنى تىترىتىپ دىل خانەمگە كۈچەپ بىر تەستەك سالدى.ئارقامغا سەنتۈرۈلۈپ
كەتتىم.ھۇشۇمنى يىغىپ بولغۇچە نەلەرگىدۇر غايىپ بولدۇڭ.
سېنى پۈتكۈل ئەتراپتىن ،دۇنيادىن ئىزدىدىم،ئېچىنىشلىق ئاھۇ-پەريادىم بىلەن
ئىسمىڭنى چاقىردىم.مەن ئەمدى قانداق قىلاي؟
دوسلۇق مىھرىمىزنىڭ سىموۋلى سۈپىتىدىكى ھەربىر ئۈزۈندىلەرنى شاتلىق،قايغۇنى تۇللۇق
كىپەنلىۋەتتىم.ھىجران دەشتىدە سېنى ئىزلىدىم.كۈچلۈك بوران مىنى قايتا-قايتا
يىقىتسىمۇ ئۆمىلەپ يۈرۈپ چاقىردىم.ئۆز ۋىجدانىم مېنى سوتقا تارتىپ قايتا-قايتا سوراق
قىلدى.مەڭگۈلۈك داغ قاپلىغان قەلبىمنى پوشايمان ،ئازاپ تۈرمىسىگە قامىۋەتتى.
كويزا-كىشەنلەردىن روھىم پاكلانمىسىمۇ سېنى سېغىندىم،كەل ،دوستۇم.
مېنى باغرىڭغا باس،ماڭا شۇ مىھرىڭنىڭ بىر تامچىسىنى ئابىھايات سۈپىتىدە سەكراتقا
چۈشكەن لەۋلىرىمگە تامچىلاتقىن. قەلىپ بوسۇغاڭنىڭ بورجىكىدە مەن ياشىيالىغۇدەك ئورۇن
بېرىپ ۋىسال شارابى سۇنغىن.كەچۈرگىن ئەزىزەم.
ئاپتۇرى: ئەلناز
ئاخىرقى قۇرلاردا توردىشىمىز شەبنەم نىڭ مۇنۇ يادنامىلىرىنى قۇشۇپ قۇيۇشنى
توغرا تاپتىم.
پۇشايماندا كەتتىم ئەجەپ قىينىلىپ،
تامچىلىرىم مارجان كەبى چېچىلدى
نىسىپ بولغان ئاقىۋەتكە ئامال يوق،
ئاھ! ئەقىدەم قارا يەرگە يىقىلدى.
قانمىغان ئىدۇققۇ تىخى مۇڭدىشىپ،
كۈلەلمىگەن ئىدىڭ تىخى يىتەرلىك،
ئىشەن ماڭا تىرىشىمەن داۋاملىق،
تۇتتۇم ساڭا ئەقىدەمدىن كىپەنلىك.
ماڭىمەن سۈكۈتتە قەلبىمدە پىغان،
يۈرەكنى قاماللاپ مورلىدى ھېجىران.
ھاياتلىق سەھنەمدە بولغانتىڭ ئۇستاز،
گۇلىستان بىغىمدا مەڭگۈ نەۋقىران.