مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2722|ئىنكاس: 22

كېسەللىك تەھدىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21373
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7724
تۆھپە نۇمۇرى: 602
توردا: 1041 سائەت
تىزىم: 2010-12-8
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-8 08:34:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىمىزگە مەلۇمكى تەن ساقلىق زور بايلىق دېمەكتۇر. تەننىڭ ساقلىقى بارلىق ئىشلارنىڭ دەسمايىسى،  سالامەتلىك ئاللاھ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان كاتتا نىمەتتۇر. ئېغىر كېسەللىك ئازابى تارتىپ باققانلار بۇ نۇقتىنى چوڭقۇر ھېس قىلالايدۇ.
ئادەم تۇغۇلغاندىن تارتىپ تا ئۆلۈپ قەبرىگە كىرگۈچە كىچىكى زۇكام، يۆتەلدىن تارتىپ تۈرلۈك تۈمەن كېسەللىكلەردىن خالىي بولالمايدۇ، بىر ئۆمۈر كېسەللىك تەھدىتى ئىچىدە ياشايدۇ. كېسەللىك ئازابى شۇنچىلىك يامانكى ھەر قانداق باتۇر، قەيسەر ئادەممۇ، بايمۇ، پادىشاھمۇ ئۇنىڭغا تەسلىم بولىدۇ. بۇ دۇنيادىكى ئارزۇ ئۈمىدلىرى يامان كېسەللىك ئالدىدا بەربات بولۇپ، بىچارىلىك ئىچىدە كېسەللىك بىلەن تىركىشىپ ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ. ھېچكىممۇ ئۇششاق چۈششەك كېسەللىكلەردىن قۇتۇلالمايدۇ، ھېچ بولمىغاندا بوۋاقلىق، بالىلىق دەۋرىدە كېسەللىك ئادەمنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سالىدۇ. كېسەللىك يېنىك بولسا بەزىدە بەدەننىڭ ئىممۇنىتىت (كېسەللىككە قارشى تۇرۇش كۈچى) بىلەن ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ. بەزىدە دورا، ئوكۇل، يېمەكلىك بىلەنمۇ ساقىيىپ كېتىدۇ. ئېغىرراق بولسا ئوپراتسىيە قىلىشقا ۋە تۈرلۈك تۈمەن داۋالاشلار ئارقىلىق ساقايتىشقا توغرا كېلىدۇ. يامان كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولسا ئادەمنى نەس باسقىنى شۇ، ساقىيىپ كەتسىغۇ بىر گەپ، ساقايماي قالسا ئادەمنىڭ تەن ساپاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، بەزىدە بىمار مىيىپ بولۇپ قېلىپ ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن ئۆزى چىقالماي باشقىلارغا ئۇزاق مۇددەت، ھەتتا مەڭگۈلۈك تەلمۈرۈپ بىچارىلارچە زارلىنىپ ئاھ ئۇرۇپ ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ. كېسەللىك تۈپەيلىدىن نۇرغۇن كىشىلەر ياش تۇرۇپلا ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلىدۇ.
دېمەك كېسەللىك بولۇپمۇ تۈرلۈك ئېغىر كېسەللىكلەر شۇ ئادەمگە، ئائىلىسىدىكىلەرگە ئېغىر روھىي بىسىم، ئىقتىسادىي زىيان، ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ئازابلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

كېسەللىك تەھدىتىدىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:
1. كىچىكىدىن باشلاپلا ئىلمىي، پاكىز، تەرتىپلىك بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
2. ئاكتىپلىق بىلەن ساقلىقنى ساقلاش بىلىملىرىنى ئۆگىنىش كېرەك.
3. ھاراق ئىچىش، تاماكا چېكىش، ئانانىزىم، زىناخورلۇق، زەھەر چېكىشتەك يامان ئىشلارغا يېقىن يولىماسلىق، ئۆگىنىپ قالغان بولسا دەرھال تاشلاش كېرەك. بۇنداق بولغاندا نۇرغۇن ساقايماس يامان كېسەللىكلەردىن ئۈنۈملۈك ساقلانغىلى بولىدۇ.
4. ئەڭ ياخشىسى سوغۇق ئىچىملىك ئىچمەسلىك، تەييار چۆپ، قۇتىلىق تەييار يېمەكلىك، كونسىېرۋا دېگەندەك ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى قەتئىي يېمەسلىك كېرەك. تېجارەتچىلەر نېمىدەپ ماختاپ تەشۋىق قىلىشىدىن قەتئىينەزەر سوغۇق ئىچىملىكلەر ھەر قاندىقىغا ئازدۇر كۆپتۇر خېمىيىلىك ماددىلار، ھېچ بولمىغاندا شېكەر جەۋھىرى (تاڭجىڭ) قوشۇلىدۇ، يۇقارقى ئەخلەت يېمەكلىكلەرگە ھېچ بولمىغاندا چېرىشتىن ساقلاش دورىسى، تەم جەۋھىرى (ۋېيجىڭ) قوشۇلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاق قان كېسەللىكى، راك كېسەللىكى قاتارلىق ساقايماس كېسەللىكلەرنىڭ مەنبەسىدۇر. يۇقارقىلار چوڭلارغا قارىغاندا بالىلارغا بەكرەك تەسىر كۆرسىتىدۇ.
5. تاماق يەپ بولۇپلا ئۇخلايدىغان ئادىتىڭىز بولسا دەرھال ئۆزگەرتىڭ، چۈنكى بۇ دىئابىت كېسەللىكى (قەن سىيىش كېسەللىكى) نىڭ مەنبىيىدۇر. ئەگەر سوغۇق ئىچىملىكلەرگە ئامراق بولسىڭىز ئەڭ ياخشىسى مېۋە سىقىش ماشىنىسىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ مېۋە سىقىپ سۈيىنى ئىچىڭ.
6. تاماقنى بەك كەچ يېمەڭ، ئەتىگىنى ناشتىسىز يۈرمەڭ، چۈنكى بۇلار ئۆت ۋە بۆرەككە تاش چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
7. ئەگەر بازاردا سېتىلىۋاتقان توخۇ، بېلىق گۆشلىرىگە ئىشەنچ قىلالمىسىڭىز ئەڭ ياخشىسى يەنىلا قوي گۆشى ياكى كالا گۆشى يەڭ، بەك يېگۈڭىز كېلىپ كەتسە ئۆيىڭىزدە ئۆزىڭىز توخۇ بېقىپ ئۆلتۈرۈپ يەڭ. چۈنكى ئىشەنچسىز توخۇ، بېلىق گۆشلىرى دەل رېماتىزىم ۋە تۈرلۈك بوغۇم ئاغرىقلىرىنىڭ مەنبەسىدۇر.
8. مايلىق تاماقلارنى زىيادە كۆپ ياكى ئۇزۇن مۇددەت يېمەڭ، بولمىسا يۇقىرى قان بېسىم، قان قويۇقلىشىش كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىڭىز چوڭ بولىدۇ.
9. ئەگەر شارائىتىڭىز يار بەرسە ئەڭ ياخشىسى سىرتتىن تاماق يېمەي ئۆيدىن يەڭ، ئۆي تامىقى نېمىلا دېگەن بىلەن پاكىز، ئىشەنچلىك، ھالال ھەم ئەرزان، بۇنىڭدا تۈرلۈك ئۇششاق كېسەللىكلەردىن ساقلىنالايسىز ھەم پۇل تېجىيەلەيسىز.
10. ئەگەر ئۆيلەنمىگەن بولسىڭىز ئۆيلىنىڭ، ئاجرىشىپ كەتكەن بولسىڭىز قايتا نىكاھلىنىڭ، چۈنكى يالغۇزلۇق ئادەمنى تۈرلۈك پىسخىك، روھىي كېسەللىكلەر، ئۆسمە كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار قىلىدۇ، بويتاق ئادەم ئاسانلا سالامەتلىككە زىيانلىق تۈرلۈك يامان ئادەتلەرنى يۇقتۇرۇۋالىدۇ.
11. تاماقنى بەك تويۇپ يېمەڭ، سەككىز ئۈلۈش تويسىڭىزلا كۇپايە، سەككىز ئۈلۈش دېگىنىمىز قورساق تويمىغان، يەنە ئازراقلا يېسە تويىدىغان ھالەتنى كۆرسىتىدۇ. تويۇپ تاماق يەيدىغان ئادەملەر ئاسانلا يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولىدۇ.
12. ھەر كۈنى ئەتىگەندە ۋە كەچتە بىر قېتىمدىن چىش چوتكىلاڭ، بۇنى قىلالمىسىڭىز ھېچ بولمىغاندا كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر قېتىم چوتكىلاڭ، چىش چوتكىلاش سىزنى ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى ۋە يۈرەك، رېماتىزىم كېسەللىكلىرىدىن ساقلىيالايدۇ.
13...........
داۋامى ئىنكاس شەكلىدە داۋاملىق يوللىنىدۇ.  

ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزمىغان ئادەم ھامان بىر كۈنى زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ.

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4234
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20203
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1684 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-8 09:59:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت...بىلۋېلىشقا تېگىشلىك بىلىملەر ئىكەن

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21373
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7724
تۆھپە نۇمۇرى: 602
توردا: 1041 سائەت
تىزىم: 2010-12-8
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-8 10:11:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى:

13. ئەگەر ئايال كىشى بولسىڭىز ئەڭ ياخشىسى مەيلى دورا بىلەن بولسۇن ياكى ئوپراتسىيە بىلەن بولسۇن قەتئىي بالا چۈشۈرىدىغان ئىشنى قىلماڭ، بولمىسا ئاياللار كېسەللىكلىرى سىزگە بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولىدۇ.

14. ئەگەر سىزنىڭ دائىم كىتاب، ماتېرىيال كۆرىدىغان ئادىتىڭىز بولسا، كومپىيۇتېردا خىزمەت قىلىدىغان بولسىڭىز، ياكى تېلېفون، ئويۇنچۇق ئويناشقا ئامراق بولسىڭىز ئۇدا كۆز ئىشلىتىش ۋاقتىڭىز بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتمىسۇن، ھەر سائەتتە كۆزىڭىزنى 10 مىنۇتتىن ئارام ئالدۇرۇپ داۋاملىق مەشغۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ، قاراڭغۇدا تېلېفون ئوينىماڭ. بۇلارغا دىققەت قىلسىڭىز يىراقنى كۆرەلمەسلىك، گىلائوكۇما قاتارلىق كۆز كېسەللىكلىرىدىن ئۈنۈملۈك ساقلىنالايسىز.

15. يول يۈرگەندە قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، مەيلى پىيادە يۈرۈڭ ياكى موتسېكلىت، ماشىنا ھەيدەڭ، قاتناش قائىدىسىگە ئاڭلىق ھالدا قەتئىي رىئايە قىلىڭ، چۈنكى قاتناش قائىدىسى تۈمەنلىگەن قانلىق ساۋاقلاردىن كېيىن تۈزۈلگەن. قاتناش ھادىسىسىدە ئۆلگەنلەر ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەردىنمۇ كۆپ، ئالدىراڭغۇلۇق، گالۋاڭلىق، نوچىلىق سىزنى ياشلا ھاياتىڭىزدىن ئايرىشى، ياكى مىيىپ قىلىپ قويۇپ باشقىلارنىڭ قولىغا قاراپ ياشاشقا مەجبۇر قىلىپ سىزنى بىر ئۆمۈر پۇشايماندا قالدۇرۇشى مۇمكىن.

16. ئەگەر قىلىۋاتقان كەسپىڭىز خەتەرلىك كەسىپ بولسا بىخەتەرلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ئۇنداق قىلالمىسىڭىز ئەڭ ياخشىسى كەسىپ ئالماشتۇرۇڭ، چۈنكى بىخەستىلىك سىزنى ھەر قاچان مىيىپ قىلىپ قويۇشى مۇمكىن.

17. مەيلى ساق بولۇڭ، كېسەل بولۇڭ يىلدا بىر قېتىم سالامەتلىكىڭىزنى ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرتۈڭ، بۇنىڭغا ئەڭ كۆپ بولغاندا مىڭ يۈەنچە پۇل كېتىدۇ، سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە تۈرلۈك يامان، خەۋپلىك كېسەللىكلەرنى ۋاقتىدا بايقىغىلى بولىدۇ.

18. كېسەللىك بىشارەتلىرىگە ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىڭ، كېسەل بولۇپ قالسىڭىز مەيلى چوڭ كېسەللىك بولسۇن، ياكى ئۇششاق كېسەللىك بولسۇن قانچە پۇل كېتىشىدىن قەتئىينەزەر چوقۇم ۋاقتىدا، ئەڭ ياخشى دوختۇرخانىغا كۆرۈنۈپ داۋالىنىڭ، %80 تىن ئارتۇق يامان خەۋپلىك كېسەللىكلەرنى ۋاقتىدا داۋالاتقاندا ساقىيىپ كېتىدۇ، ئەكسىچە ئۇششاق كېسەللىكلەرنى ۋاقتىدا داۋالاتماي سۆرەپ يۈرسە ساقايماس كېسەللىككە ئايلىنىپ سىزنى بىر ئۆمۈر ئازابلىشى مۇمكىن.

19. ئەگەر پەرزەنتلىرىڭىز بولسا تۈرلۈك ۋاكسىنىلارنى ۋاقتىدا تولۇق ئەملىتىڭ، بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ بىپەرۋالىق قىلماڭ، بولمىسا ئەزىز پەرزەنتىڭىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.

20. روھىڭىز، پىسخىكىڭىز ساغلام بولسۇن، ئورۇنسىز غەم ئەندىشە، تەشۋىش، زىيادە ئاچچىقلىنىش، ئۆزىنى كەمسىتىش، ھەسەتخورلۇقتەك ناچار روھىي ھالەتلەر يۈرەك كېسەللىكلىرى ۋە يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.

21. سوغۇقتا يېلىڭ كېيىنىۋالماڭ، پۇتىڭىزنى، بېلىڭىزنى دۈمبىڭىزنى، بېشىڭىزنى ئىسسىق تۇتۇڭ. ياز پەسلىدە سىرتتا ئۇخلىماڭ. ياز پەسلىدىكى بورانلىق، يامغۇرلۇق ۋاقىتلاردىمۇ چوقۇم قېلىنراق كېيىنىۋېلىڭ. بولمىسا قېرىغاندا رىماتىزىم، بوغۇم ئاغرىقلىرىنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىسىز.

22. ئېشىپ قالغان، تەكرار قىزىتقان تاماقلار تۈرلۈك ئاشقازان كېسەللىكلىرى، ئاشقازان راكىنىڭ مەنبىيىدۇر. ئەڭ ياخشىسى تاماقنى ئاز تەييارلاڭ، ئېشىپ قالمىسۇن.

23. مايدا پۇشۇرۇلغان تاماقلار مەسىلەن قۇيماق، پىلتە قۇيماق، ساڭزا، مايدا پۇشۇرۇلغان بېلىق قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى قانچە ئاز يېسىڭىز شۇنچە ياخشى، چۈنكى بۇ تاماقلار تۈرلۈك ئۆسمە كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.

24. تاماقنى بەك قىززىق، ياكى بەك سوغۇق يېمەڭ. چۈنكى قىززىق تاماقلار قىزىلئۆڭگەچنى كۆيدۈرۈپ زەخمىلەندۈرىدۇ، ئۇزاق ۋاقىت قىززىق تاماق يېگەندە قىزىلئۆڭگەچ راكىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ ئۆلۈش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى، ساقايتىش قېيىن بولغان كېسەللىكتۇر. بەك سوغۇق تاماقلار ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ھەزىم يوللىرى كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.

25. ھەر كۈنى تەخمىنەن 7 سائەتتىن قېنىپ ئۇخلاپ ئادەتلىنىڭ، ئىمكانقەدەر كەچتە تۈنىمەڭ، چۈنكى تۈنەش چاچ چۈشۈش، نېرۋا ئاجىزلىقى، جىنسىي ئاجىزلىق ۋە تۈرلۈك ئۆسمە كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ، ئادەمنىڭ نورمال فېزىئولوگىيىلىك پائالىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ، بۇنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنى ناھايىتى زور. ئەگەر كەچتە ئىسمىنا ئىشلەشكە، تۈنەشكە توغرا كەلسە چوقۇم كۈندۈزى ئۇخلاپ تولۇقلاڭ.

26. ئاچچىق، قىرتاق يېمەكلىكلەرنى ئىمكانقەدەر يېمەڭ، چۈنكى بۇ يېمەكلىكلەر دەسلەپ قاننى قىزىتىدۇ، ئاندىن قاننى شىددەت بىلەن سوۋۇتىدۇ، ئىرادىنى سۇسلاشتۇرۇپ، ئادەمنى بوشاڭ، ھورۇن قىلىپ قويىدۇ. ھەمدە تۈرلۈك تېرە كېسەللىكلىرى، جىنسىي ئاجىزلىق، قەۋزىيەت، گىمروي كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ ۋە ئېغىرلاشتۇرىدۇ.

27. تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئىمكانقەدەر ئاز يەڭ، چۈنكى تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئۇزاق مۇددەت يېگەندە يىراقنى كۆرەلمەسلىك، سېمىزلىك، كالتىسىي كەملىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر بەك يېگۈڭىز كېلىپ كەتسە ساپ ئىشەنچلىك ھەسەللەردىن مۇۋاپىق مىقداردا يېسىڭىز بولىدۇ.

28. تەكرار ئىشلىتىلگەن مايدا پۇشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر، ۋاقتى ئۆتكەن، سۈپىتى ئۆزگەرگەن يېمەكلىكلەرنى قەتئىي يەپ سالماڭ، چۈنكى بۇلار راك پەيدا قىلىدۇ.

29. خام، چالا پۇشۇرۇلغان گۆشلەر، بولۇپمۇ ھايۋاناتلارنىڭ خام، چالا پۇشۇرۇلغان جىگىرى تۈرلۈك پارازىت قۇرۇتلارنىڭ مەنبىيىدۇر. گۆشنى چوقۇم تولۇق پۇشۇرۇپ يېيىش كېرەك، بولمىسا كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىچ ئەزايىڭىزدا نەچچە مېتىرلىق ئاجايىپ غارايىپ پارازىت قۇرۇتلار ماكانلىشىپ قېلىشى مۇمكىن.

30. بازاردىن سېتىۋالغان مېۋىلەرنىڭ پوستىنى يېمەڭ. ئەسلىدە مېۋە پوستىنىڭمۇ بەلگىلىك ئوزۇقلۇق قىممىتى بولىدۇ، بىراق بىر قىسىم ھارامزادە باققاللار مېۋىنى يېڭى پېتى ساقلاش ئۈچۈن مېۋە پوستىغا ھەر قىسما نەرسىلەرنى سۈركەپ ساتىدۇ، مەسىلەن ئالمىنىڭ پوستىغا شام سۈركىلىدۇ، ئىشەنمىسىڭىز بازاردىن سېتىۋالغان ئالمىنىڭ پوستىنى پىچاق بىلەن قىرىپ ئۇنى ئوتقا تۇتۇپ كۆرۈپ بېقىڭ. شام يېسە قانداق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قېيىن.

31. ئەگەر ئۆيىڭىزدە قۇرۇت قوڭغۇز، يىلان، زەھەرلىك ھاشاراتلار پەيدا بولۇپ قالسا ۋاقتىدا دورا چېچىپ، تەدبىر قوللىنىپ يوقىتىڭ. چۈنكى بەزى زەھەرلىك ھاشاراتلار چېقىۋالسا دوختۇرغا ئاپارغىلىمۇ ئۈلگۈرمەيدۇ، بەزىلىرىگە ھازىرغىچە داۋا يوق.

32. ئەگەر ئىت چىشلىۋالغان بولسا مەيلى قانداق ئىت بولۇشىدىن، قانچىلىك بوش چىشلىشىدىن قەتئىينەزەر چوقۇم غالجىرلىق ۋاكسىنىسى ئۇرغۇزۇڭ. بىر قانچە يۈز يۈەنگە ئۇرۇپ قويىدۇ. ۋاكسىنا ئۇرغۇزماي كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئېقىۋاتقان سۇنى كۆرۈپ ئىچىڭىزگە قورقۇنچ چۈشكەندە (سۇدىن قورقۇش كېسەللىكى غالجىر كېسەللىكىنىڭ مۇھىم ئالامىتى) ئاللىقاچان كېچىككەن بولىسىز. غالجىر كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەمنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى %100.

يۇقارقىلار كېسەللىكلەردىن مۇداپىئەلىنىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەردۇر، بىراق يەنە نۇرغۇن كېسەللىكلەر ئېرسىيەت، مۇھىت ئامىلى ۋە تۈرلۈك مۇرەككەپ سەۋەبلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ھېچكىممۇ بىراۋنىڭ كېسەل بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ، ھەر قانداق ئادەم ھەر ۋاقىت كېسەل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. نۇرغۇن كېسەللىكلەر ئالدىدا تىببىي ئىلىم يەنىلا ئامالسىز. شۇنداقتىمۇ يۇقارقى تەدبىرلەر ئارقىلىق مۇتلەق كۆپ قىسىم كېسەللىكلەردىن ساقلىنىش مۇمكىن.

دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان خەلقنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قېيىن بولۇش مەسىلىسىگە ئىزچىل تۈردە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، تۇبىركۇليۇزغا ئوخشاش تۈرلۈك كېسەللىكلەر ھەقسىز داۋالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ بىرلەشمە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە شەھەر بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈملىرى يولغا قويۇلۇپ،  ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكى يېنىكلىتىلىپ كېسەل كۆرسىتىشى قېيىن بولۇش مەسىلىسى بەلگىلىك دەرىجىدە ھەل بولغان بولسىمۇ بىراق ئۈزۈل كېسل ھەل بولغىنى يوق، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشىدە يەنىلا بەلگىلىك قېيىنچىلىق مەۋجۇت.
ئادەم ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغاندا داۋالاش ھەققى ناھايىتى قىممەت، ئىقتىسادىي ئەھۋالى خېلى ياخشى ئائىلىلەرمۇ بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەي ۋەيران بولىدۇ، بىر ئۆمۈر تاپقان تەرگىنى بىر كېسەلنى داۋالىتىشقا يەتمەيدۇ. داۋالىنىشقا قۇربى يەتمەي ياش تۇرۇپ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلار ئاز ئەمەس.
نۇرغۇن تەرەققىي تاپقان ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر (مەسىلەن: ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ھىندىستان) دە پۇقرالار كېسەل بولۇپ قالسا ھەقسىز داۋالىنىدۇ، داۋالاش پۇلىدىن غەم قىلمايدۇ. شۇڭا چەت ئەللىكلەر تاپقان تەرگىنىگە پاي چېكى ئويناپ، باشقا دۆلەتلەردە ساياھەت قىلىپ يايراپ يۈرۈۋېرىدۇ.
لېكىن بىز ئوخشىمايمىز. ئىش كۆرگەن نۇرغۇن كىشىلەر تاپقان پۇللىرىنى خالىغانچە خەجلەپ تۈگىتىۋېتىشكە پېتىنالمايدۇ. چۈنكى بىز كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاغرىق سىلاق بولۇپ قالسا پۇل يوق بولۇش سەۋەبىدىن داۋالىنالماي خارلىنىپ قېلىشتىن قورقىمىز. تەرەققىي قىلىۋاتقان نۇرغۇن دۆلەتلەرمۇ غايەت زور بەدەل تۆلەپ تىببىي ساھەنى بېقىش بەدىلىگە پۇقرالىرىنى ھەقسىز داۋالىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.ھازىر بىز تور، ئۈندىدارلاردا تۈرلۈك ئېغىر كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرگە ئىئانە توپلاپ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش توغرىسىدىكى مۇراجىئەتنامىلەرنى دائىم كۆرۈپ تۇرىمىز. ئۇلارنىڭ قانچىلىك بىچارىلىك ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ تۇرۇپتىمىز. مەن بىر قىسىم ساخاۋەتچىلەرنىڭ ئوقۇشسىز قالغانلارغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن.
بىراق  مەن شۇنداق دېيەلەيمەنكى ئوقۇشسىز قالغان ھېچقانچە چوڭ ئىش ئەمەس، ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنسە بولىدۇ، ھۆنەر كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ.
بىراق كېسەللىك ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغان ئادەم  ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمايدۇ، پۇلى تۈگەپ قالسا دوختۇرلار داۋالاشنى توختىتىپ ئۇنى دوختۇرخانىدىن ھەيدەپ چىقىرىشى، ھاياتى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىشى مۇمكىن.
ئىككىسىنى سېلىشتۇرغاندا كېسەل ئادەمگە ساخاۋەت قولىنى سۇنۇش غايەت زور ساۋابتۇر.
شۇڭا مەن ساخاۋەتچى قېرىنداشلارنىڭ قانداقتۇ ئوقۇشسىز قالغان، ئۆي كونىراپ قالغان، ئۆيلىنەلمىگەنلەرگە ئەمەس، كېسىلىنى داۋالىتىشقا پۇلى يوق ھاياتى خەۋپ ئاستىدا تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا ساخاۋەت قولىنى ئالدىن سۇنۇشىنى مۇراجىئەت قىلىمەن.
ئىشىنىمەنكى دۆلىتىمىزمۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە قۇدرەت تېپىپ راسا باي بولغاندا ھەقسىز داۋالىنىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ پۇقرالارنى غەمدىن ھەقىقىي خالاس قىلغۇسى.

تامام.
مەنبەسى: ئۆگەنگەنلىرىم.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tasawwur138 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-9 12:11 AM  


ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزمىغان ئادەم ھامان بىر كۈنى زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98236
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1283
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 307 سائەت
تىزىم: 2013-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-8 10:23:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىسى بىلمىسە بولمايدىغان ساۋاتلاركەن .كۆپ نەرسىلەرنى بىلۋالدىم رەخمەت سىزگە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93013
يازما سانى: 261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 669
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 246 سائەت
تىزىم: 2013-3-10
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-8 11:09:41 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئىسىل تىما بۇپتۇ رەھمەت سىزگە مۇشۇنداق تىمىلارنى دىمسەم مىسرانىمغا كىرگۆممۇ كەلمەيدۇ ئەخلەت تىمالارنىڭ كۇپلۇكىدە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5577
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32286
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3425 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-8 11:12:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە ئادەم بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك بىلىم ئۇچۇرلىرى ئىكەن،كۆپ ئىزدىنىپسىز،رەھمەت سىزگە.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5577
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32286
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3425 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-8 11:13:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە ئادەم بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك بىلىم ئۇچۇرلىرى ئىكەن،كۆپ ئىزدىنىپسىز،رەھمەت سىزگە.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21373
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7724
تۆھپە نۇمۇرى: 602
توردا: 1041 سائەت
تىزىم: 2010-12-8
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-8 11:40:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇقارقى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار قايتا تەھرىرلىنىپ بىر قىسىم مەزمۇنلار يېڭىدىن قوشۇلدى، ۋاقىپ بولغايسىلەر. مۇنبەرداشلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن!

ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزمىغان ئادەم ھامان بىر كۈنى زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21373
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7724
تۆھپە نۇمۇرى: 602
توردا: 1041 سائەت
تىزىم: 2010-12-8
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-8 11:46:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاللاھ مېنى باي قىلسا چوقۇم ئېغىر كېسەللەرگە ياردەم قىلىش فوندى تەسىس قىلىپ، داۋالانغىلى پۇلى يوق قېينىلىپ قالغان ئەزىز قېرىنداشلىرىمغا ياردەم قىلىپ ئۇلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ ساۋاب تاپقان بولاتتىم.

ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزمىغان ئادەم ھامان بىر كۈنى زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21373
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7724
تۆھپە نۇمۇرى: 602
توردا: 1041 سائەت
تىزىم: 2010-12-8
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-8 11:47:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاللاھ مېنى باي قىلسا چوقۇم ئېغىر كېسەللەرگە ياردەم قىلىش فوندى تەسىس قىلىپ، داۋالانغىلى پۇلى يوق قېينىلىپ قالغان ئەزىز قېرىنداشلىرىمغا ياردەم قىلىپ ئۇلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ ساۋاب تاپقان بولاتتىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tasawwur138 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-8 11:51 PM  


ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزمىغان ئادەم ھامان بىر كۈنى زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش