نېفىت سىياسىيسى دۇنيانىڭ يېڭى تەرتىپىنى بەلگىلەيدۇ
سوغاق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئەزەلدىن ئاخىرلاشقىنى يوق
بۇگۇنكى كۈندە خەلقئارالىق ئىشلارنى كۈزەتكۇچىلەرنىڭ زور كۆپ ساندىكىللىرى بىر مۇھىمھەقىقەتكە سەل قارىدى: ئامېرىكىدىكى ئەمىلى ھوقۇقى بارلار (بەش بۇرجەكلىكبىنا،ئامېرېكا ھەربى ئىشلار سانائىتى ۋە خانېيبۇرتون، ئېكسېن،رۇند تۇگۇ قاتارلىقچوڭ نېفىت سودىگەرلىرى) گە نىسپەتەن سوغاق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى 1989-يىلى بېرلىنتېمىنىڭ ئۆرىلىشى بىلەن ئاخىرلاشقىنى يوق،شۇنداقلا 1991-يىلى سوۋېت ئىتپاقىنىڭپارچىلىنىشى بىلەنمۇ تۈگىگىنى يوق.
ئەمىليەتتەسوغاق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى بۇگۈنگە قەدەر ئاخىرلاشقىنى يوق.
يادروئەۋزەللىكىگە ئېگە بولۇش ئۇچۇن، ۋاشېىنگىتون پۇتۈن كۈچى بىلەن توختىماي ھەربىتەييارلىق مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.شاۋقۇن-سۈرەن ئەۋىج ئالغان پولشا ۋە چېخنىڭباشقۇرىلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سېستىمىسى ئەمىليەتتە مۇداپىئەلىنىش ئۇچۇنئەمەس ئىدى. بۇ پەقەت بىرىنچى يۇرۈش يادرونىڭ زەربە بىرىش ئەۋزەللىكىگە ئېرىشنىڭزورۇز قەدىمى ئىدى.ئەگەر بۇ ئۈرۇنۇش روياپقا چىقىدىغان بولسا،يەر شارنىڭ ئەھۋالى باشقىچە تۈس ئالغان بولاتتى.
ئامېرىكا دائىرلىرىنىڭ سوغاق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنى نىمە ئۇچۇن ئاخىرلاشتۇرمايدىغانلىقىنى چۇشىنىشتە،بۇگۇنكى دۇنيانىڭ مۇھىملىقىنى چۇشىنىش كېرەك.20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭبېشىدا،غەرىپ دۇنياسىى پايدىسىز ۋەزىيەتنى پايدىلىق پايدىلىق ۋەزىيەتكە ئۆزگەرتىپ،غايەتزور ھەربى سانائىتىنى خەلققە قولايلىقلاشتۇرۇپ،رۇسيەنى ئۆزلىرىگە ھەمراقىلىپ،رۇسيەنىڭ يېقىنلىشىپ قالغان ئىقتىسادىي قايتا قۇرىشىغا قاتنىشىش پۇرسىتى بارئىدى.
ئەمما ئامېرىكىنىڭ بېسىمى ئاستىدا يەتتە دۆلەت گوروھى بۇنداق قىلمىدى.ئەكىسچە زوڭتوڭ گىئورگى بوشنىڭ چىڭ تۇرىشى بىلەن،غەرپ دۆلەتلىرى خەلقئارا پۇل-فوندى تەشكىلاتلىرى ئارقىلىق رۇسيە،پولشا،چېخ ۋە بارلىق شەرقى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنى ئەركىن بازار(شوكنىداۋالاش)نى يولغا قويۇشقا مەجبۇرلىدى.نەتىجىدە غەرىپنىڭ دۆلەت ھالقىغان شىركەتلىرىئۇچۇن مول بولغان رۇدا بايلىقلىرىنى تالان-تاراچ قىلىشقا يول ئېچىپ بەردى.رۇسيەمۇشۇ سەۋەپتىن ئېلاجىسىزلىق پاتقىغىغا پېتىپ قالدى.جۇڭگۇمۇ مۇشۇ سەۋەپتىن ھېچنىمىگە قارىماي بەدەل تۆلەشنىڭ زۆرۇر ئىكەنلىكىدەك ساۋاقنى ئېگەللىدى.
1997-يىلى9-ۋە 10-ئايلاردا «دېپلۇماتىيە» ژورنىلىدا برزېزىنىسكې ئەپەندى تەسىر كۈچىگە باي بولغان ماقالە ئېلان قىلىپ،«كىيىنكى سوغوق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشمەزگىلى» دىكى ئامېرىكىنىڭ دېپلۇماتىيە سىياسىتىنى قىسقىچە بايان قىلدى.برزېزىنىسكېبۇگۇنكى زوڭتوڭ سايلىمى رىقابەتچىسى بلاك ئوبامانىڭ تاشقى ئىشلار سىاسىتى مەسلىھەتچىسى بولۇپ،خالفورد مەكىننىڭ جۇغراپىئەلىكسىياسىي تەلىماتىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا قوللىغۇچىسى،ئۇ 1997-يىلى مۇنداق دەپ يازغان:
ياۋرۇ-ئاسىياچوڭ قۇرۇغلۇقىغا دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچ ۋە ھاياتىكۈچكە يولغان دۆلەتلەر مەركەزلەشكەن.دۇنيا تارىخىدا دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ چوڭرايۇن دۆلىتى،مەسىلەن:جۇڭگۇ بىلەن ھېندىستانمۇ ياۋرۇ-ئاسىيا چوڭ قۇرۇغلۇقىدابولۇپ،ئۇلار ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى خىرىسچىسى بولۇشئېھتىماللىقى ئەڭ چوڭ.ئامېرىكىدىن قالسا،ئىقتىسادىي ۋە ھەربى ئىشلار جەھەتتەكۇچلۈك بولغان ئالتە دۆلەت مۇشۇ يەردە بولۇپ،ئۇلار ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن جەھەتتىكىيادرولۇق كۇچ.ياۋرۇ-ئاسىيا چوڭ قۇرۇغلۇقى دۇنيا نوپۇسىنىڭ %75 نى ،GNP نىڭ %60 نى ئېگەللەيدۇ.ئومۇمەنئيىتقاندا،ياۋرۇ-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ھەتتا ئامېرىكىدىن ئېشىپكېتىدۇ.
ياۋرۇ-ئاسىياچوڭ قۇرۇقلىقى يەر شارىىدىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق بولۇپ،دۇنيانىڭ مەركىزىي ئوقىغاجايلاشقان.ئەگەر ياۋرۇ-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىغا ئاساسىي يېتەكچىلىك قىلىشئىقتىدارىغا ئېگە بولسىلا،ئۇھالدا دۇنيادا ئىقتىسادى ئەڭ تارەققى تاپقان ئۈچ رايۇنئىچىدىكى ئىككى رايۇن يەنى: غەربى ياۋرۇپا بىلەن شەرقى ئاسىياغا ھەل قىلغۇچ خاراكتىرلىك تەسىر كۆرستىش رولىنى ئوينايدۇ.خەرىتىگە شۇنداقلا قارايدىغان بولساق،شۇنى بايقايمىزكى،ياۋرۇ-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىغا ئاساسىي يېتەكچىلىك قىلىدىغاندۆلەت تەبئىكى ئوتتۇرا شەرىق بىلەن ئافرىقىغا ھۆكۇمرانلىق قىلىدۇ.ياۋرۇ-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقى جۇغراپىئەلىك سىياسىدا ئاللىقاچان مۇھىم بولغان بىر قول شاھماتقا ئوخشاپقالدى،شۇڭا ياۋرۇپا ۋە ئاسىيانى (سىياسەت بېكىتىش) تە بىر بىرىدىن مۇستەسنا ھالەتتە تەسەۋۋۇر قىلىشنىڭ ئورنى يوق.ياۋرۇ-ئاسىيا چوڭ قۇرۇغلىقىنىڭ ھۆۇقۇقتەخسىملىنىشى ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن يەر شارىدىكى ئەۋزەللىكىگە قارىتا ھەل قىلغۇچخاراكتىرلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇق خەرىتىسىنى تەپسىلى كۈزىتىدىغان بولساق،بۇ رايۇنلارنىڭ جۇڭگۇغا نىسپەتەن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى كۆرەلەيمىز.چۇنكى،ئۇ ۋاشىنگېتۇن كونتىرول قىلىدىغان كەلگۈسى ياۋرۇ-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ كۈچ نۇقتىسى.ئامېرىكا كوسوۋو،پولشا،بۇلغارىيە،چېخ،گىرۇزىيە يەنەئۇكرائىنا قاتارلىق دۆلەتلەردە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بازىسى قۇرۇش ئېھتىماللىقى بار بولۇپ،بۇنىڭدىكى مەخسەت پەقەت رۇسيەنى ئىستىراتتېگىيلىك قورشاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بولۇپلا قالماستىن،يەنە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭمۇ رۇسيە بىلەن ياۋروپا ئىتپاقى ئوتتۇرسىدىكى ئېنىرگېيە مۇناسىۋىتىنى كونترول قىلىشتىن ئىبارەت.
ۋاشىنگېتۇننىڭ ھازىرقى سىياسىتى بەزى«دېمىگىراتىيە» تۇزۇمنىڭ ئۆزگىرىش ياكى سىياسىي ئۆزگىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ،ئۇكرائىنا ۋە گىرۇزىيەدە يۈز بەرگەن «رەڭلىك ئىنقلاپ» قا ئوخشايدۇ.جۇڭگۇنىڭ ئىستىراتتىگىيلىك ئېنىرگىيە ئۆتۇشمە يولىنىڭ مۇداپىئە يوشۇرۇن كۈچىنى خۇرۇتۇش ئۇچۇن ۋاشىنگېتۇنمۇ بېرمىنى مۇھىم نىشان قىلدى.تۈزۇمنى ئۆزگەرتىشنىڭ يەنە بىرئىستىراتتىگىيلىك مەخسىدى جۇڭگۇنىڭ ئىچكى دېڭىز رايۇنلىرىغا كىرىش يولىنى ئۇزىۋېتىپ،قازىغىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىچكى دېىڭىز نېفىتى ۋە تەبئى گاز زاپىسىغائىگە بولۇشتىن ئىبارەت.ئىلگىرى بۇ رايۇن تاغ كۆپ بولۇشتەك جۇغراپىئەلىك سەۋەپ تۈپەيلىدىن،ئۇلۇق يىپەك يولى ئۆزبىگىستاننىڭ تاشكەنىت ۋە قازاغىستاننىڭ ئالمۇتادىن كېسىپ ئۆتەتتى.ئۆزبىگىستان،قىرغىزىستان ۋە قازىغىستانلارغا جۇغراپىئەلىك سىياسىيكونتىروللۇق ئېلىپ بارالىسىلا،جۇڭگۇ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئارىسىدىكى توربا يولى لېنىيەسىنى كونتىرول قىلىشنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇپ،دەل رۇسيەنى قورشاشنى يولغا قويۇپ،نېفىت توربا يولى ۋە ئۇنىڭ غەربى ياۋرۇپا،جۇڭگۇ،ھېندىستان ۋە ئوتتۇرا شەرقبىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كونتىرول قىلىشقا پايدىلىق.
بوش ھۆكۇمىتى سۇداننىڭ جەنۇبىدىكى درافۇردا يۇز بەرگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى جېنىنىڭ بېرىچەئەيىپلىدى.بۇنىڭدىكى مەخسەت شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەكىلاتى ئارمىيسىنى بۇرايۇنغا كىرگۇزىش بولۇپ،ۋاشىنگېتۇننىڭ شۇ يەردىكى كىشلىك ھوقۇقنى قوغداش مەسىلىسى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق.ئېراق بىلەن ئافغانىستانغا قارىساقلا،ۋاشىنگېتۇننىڭ كىشلىك ھوقۇققا قانچىلىك كۆڭۇل بۆلىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز.
بۇ ئېنىقكى جۇڭگۇنىڭكۈنسايىن ئېشىۋاتقان نېفىت ئىكىسپورتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.دەل كسېڭگېر ئېيىتقاندەك،ئەگەر سەن نېفىتنى كونتىرول قىلساڭ،پۇتۇن دۆلەتنى ياكى پۇتۇن دۇنيانى كونتىرول قىلالايسەن.
بېيجىڭدىكى رەھبەرلەرگەنىسپەتەن ئېيىتقاندا،2003-يىلىىدىكى ئامېرىكىنىڭ ئېراققا قىلغان تاق تەرەپلىك تاجاۋۇزىنىڭ ئۆزى بىر سېگىنال.ئامېرىكىنىڭ ھەربى ئىشلار كۇچى ئىستىراتتېگىيلىك نېفىت بازىسى ۋە بايلىقلىرىنى كونتىرول قىلىشقا باشلىدى.مۇشۇنداق قىلغاندا ياۋرۇ-ئاسىيا، بولۇپمۇجۇڭگۇ بىلەن رۇسيەنى كونتىرول قىلالايدۇ.
بېيجىڭنىڭ ئىنكاسىسەزگۇر ھەم دانا بولۇپ،خۇددى جۇڭگۇنىڭ ئۇلۇغ ھەربى ئىشلار ئىستىراتتېگىيچىسى كوڭزى ئېيىتقاندەك،دۇشمەنگە يېقىنلىشىپ ئاجىز ھالقىسىنى تېپىپ چىقىش،ئوچۇق-ئاشكارا قارشىلىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
خەلقئارالىلىق پۇل-فوندى تەشكىلاتىنى مەركەز قىلىش
جۇڭگۇنىڭ ئافرىقىدىكى نېفىت دېپلۇماتىيسى دەل مۇشۇ تەرەپتىكى غەلبىنىڭ مىسالى بولالايدۇ.
20-ئەسىرىنىڭ80-يىللىرىدىكى ئۇچىنچى قېتىملىق دۇنياۋى قەرىز كىرزىسىدىن بۇيان،ئامېرىكاخەلقئارالىق پۇل فوندى تەشكىلاتلىرى بىلەن دۇنيا بانكىسىنى كونتىرول قىلىشتىن پايدىلىنىپ،يەنى چېچىلاڭغۇ «ۋاشىنگېتۇن ئورتاق تونۇشى» نى مۇراجەت قىلىپ،ئۇچىنچى دۇنيانىڭ خام-ئەشيالىرىنى تالان-تاراچ قىلىش،شۇ جايدىكى پۇلىنىڭ كۇرىسىنى چۇشۇرىپ،ئىمپورت قىلىشتا ئامېرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت.1990-يىلدىنكېيىن،بۇنداق تالان-تاراچ قىلىش ئىشلىرى سابىق ۋارشاۋا شەرتنامىسىگە ئەزادۆلەتلەرگىچە كېڭىيىپ،شەرقى ئاسىيا شۇنداقلا ئەينى ۋاقىتتىكى يېراق-يېقىنغا داڭلىقبولغان «ئاسىيادىكى تۆت يولۋاس» قىچە يىتىپ بېرىپ،خۇددى راك ھۇجەيرىسىدەك ساغلامبولغان مېخانىزىملارنى يۇتىۋەتتى.
2001-يىلى بۇتالان-تاراچ قىلىش يۇقۇرى پەللىگە يەتتى.بىردىن-بىر ئېشىپ قالغىنى بىر مىليارتتىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە ئىسلام دۇنياسىدىن ئىبارەت بولدى.تارىخى سەۋەپلەرتۇپەيلىدىن،بۇ رايۇن دەل نېفىت زاپىسى ئەڭ مول بولغان رايۇن ھېساپلىنىدۇ.تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەمىليەتتە ئىسلام دۆلەتلىرىگە قارشى قانات يايدۇرۇلغان بىر مەيدان ئۇرۇش بولۇپ،پۇتكۇل ئىسلام دۇنياسىنى ئامېرىكىنىڭ بىۋاستە باشقۇرىشىدىكى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىردى.دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بۇ نۇقتىنى ناھايتى تېزلا چۇشىنىپ يەتتى.بۇ كىرىش سۆزنى يېزىۋاتقاندا،ئۇرۇش ئاللىقاچان ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولدى،بۇمۇئامېرىكا جاھانگىرلىكىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ ئىنكاسى.
ئامېرىكاجاھانگىرلىكىنىڭ چېكىدىن ئاشقان كېڭەيمىچىلىك ئەھۋالىنى چۇڭقۇر تەكشۇرگەندىن كىيىن،جۇڭگۇ رەھبەرلىرىنىڭ ئافرىقىغا قاراتقاتقان ئىستىراتتىېگيسى ئىنتايىن ئۇتۇغلۇق بولدى.بۇ ئىستىراتتىېگىيە ئۇنۇملىك ھالدا ئامېرىكىنىڭ ئافرىقىدا ئىشلەتكەن خەلقئارالىق پۇل فوندى تەشكىلاتى سىياسىتىنى مەركەز قىلدى،ئافرىقىلىقلار بۇ سىياسەتكە قاتتىق نەپرەتلەندى.جۇڭگۇنىڭ ئىستىراتتىگىيسى ئاللىقاچان ئۇنۇمىنى كۆرسىتىپ،نېفىت ۋە باشقا خام ئەشيالارنى قېزىشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك توختىمىغا ئېگەبولدى.جۇڭگۇ خەلقئارالىق پۇل-فوندى تەشكىلاتىنىڭ شەرتلىك چەكلىمىسنى كېرەك قىلمىدى.ئەكىسچە ئىشلەتكىنى بولسا يۇمشاق قەرز ھەتتا ئىئانە جۇغلاش ئارقىلىق مەكتەپ،دوختۇرخانا ۋە كۆۋرۇك قاتارلىق ئاساسي ئەسلەھەلەرنى ياساپ بىرىپ،كان قېزىش ھۆۇقۇقىغا ئېرىشتى.جۇڭگۇ ئافرېقىنىڭ 40 نەپەر رەھبىرىنى بېيجىڭغا كىلىپ زىيارەتقىلىشقا تەكلىپ قىلدى،دۆلەت رەئىسى،ھۆكۇمەت زوڭلىيسى ۋە كۆپلىگەن يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئافرىقىدا زىيارەتتە بولدى.شۇنداقلا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا زوڭتۇڭى ئافرىقىنى بىرلا قېتىن زىيارەت قىلدى.
جۇڭگۇ رەھبەلىرى شۇنى چۇشىنىپ يەتتىكى،ۋاشىنگېتۇن ھازىر ئىقتىسادى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان خوشنىسى ھېندىستاننى ئۆزىگە قارىتىپ،ئامېرىكىنىڭ جۇڭگۇنى بوشاشتۇرۇشتىكى ۋاكالەتچىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى،بۇمۇ ۋاشىنگېتۇننىڭ كۆڭۇل قۇيۇپ پىلانلىغان يەنە بىر تىپىك «كۇچ تەڭپۇڭلىقى» ھىساپلىنىدۇ.بۇ كىرىش سۆزنى يېزىۋاتقاندا ئامېرىكىنىڭ بۇ ھېلىسى ئاللىبۇرۇن بىچچىت بولۇپ،بېيجىڭ بىلەن نېۋ دېلخ ھەمكارلىق كېلىشىمى توغرىسىدا ئاشكارە سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتتى.
ئامېرىكىنىڭ رۇسيەدىن پايدىلىنىپ جۇڭگۇغا قارشى تۇرۇش ئىستىراتتېگىيسىمۇ غەلبە قىلالمىدى.ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇرشىدىن كېيىن،گەرچە نەچچە ئون يىللىق قارشىلىشىش تارىخى بولۇپ ئۆتكەن بولسىمۇ،ئەمما مۇسكىۋا بىلەن بېيجىڭ شەكىللىك ھەمكارلىشىشنى قاناتيايدۇرۇپ،ۋاشىنگېتۇندىن ئىبارەت تاق تەرەپلىك زومىگەرنىڭ «قورقۇتۇش ۋە چۈچۈتىش»گە قارشى تۇرۇشنىڭ زورۇرلىكىنى تونۇپيەتتى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىپادىسى ناھايتى ياخشى بولدى.شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى2001-يىلى جۇڭگۇ،رۇسيە،قازاقىستان،قىرغىزىستان،تاجىگىستان رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق تەشەببۇسى ئاستىدا قۇرۇلغان كۆپ تەرەپلىك بىخەتەر تەشكىلات.
ۋاشىنگېتۇن ۋە ئۇلارنىڭ دوستى ياپونىيە ياۋرۇ-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ بۆلىنىشى ۋە ھۆكۇمرانلىق قىلىش ئىستىراتتېگىيسىنى كونتىرول قىلىش تەسىرى بارغانچە ئاجىزلىدى.ئامېرىكا ئېراق بىلەن ئافغانىستاننىڭ پاتقىقىغا چوڭقۇر پېتىپ،ئەينى ۋاقتتىكى ۋېتنام ئۇرۇشىغا ئوخشاپ قالدى.پۈتۈن دۇنيا ئامېرىكىغا بارا-بارا ئىشەنمەس بولۇپ قالدى.ۋاشىنگېتۇننىڭ سىياسىتى بارغانسېرى ئۇرۇشخۇمارلشىپ،ئۆزىنى يېتىمسىرتىپ قويدى.خالفورد مەكىنلىد بىلەن بىرزېزىنىسكىنىڭ قاباھەتلىك چۇشى رىئاللىققا ئايلاتماقتا.ياۋرۇ-ئاسىيا چوڭقۇرۇقلىقىدىكى چوڭ دۆلەت رۇسيە،جۇڭگۇ ۋە ھېندىستان ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ كۇچ-قۇدرىتىنى تونۇپ يەتتى، ھەتتا شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكلاتىنىمۇ لازىم قىلمايدىغان ھەربى كۇچ-قۇدرىتى بىلەن ئۆزلىرىنى ۋاشىنگېتۇنغا قارشى تەھدىتكە ئايلاندۇردى.
2008-يىلى يىل بېشىدىكى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە،ئامېرىكىنىڭ غايەت زور ھەربى ئىشلار ئەۋزەللىكىدىن ئېبارەت بۇ تاشقى ئىشلار سىياسىتى قۇرالى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپلا قالماي (بۇ ۋاشىنگېتۇندىكى قۇرغۇيچىلارنىڭ ئېراققا قاراتقان ھۇجۇمىنىڭ غەلبە قىلالامىغانلىقىدا ئىپادىلنىدۇ)،ئەڭ تۈپكى بولغىنى ئامېرىكنىڭ غايەت زور بولغان ئىقتىسادىي ۋە پۇل مۇئامىلە كۈچى ئۆي-مۈلۈك «قەرز كىرزىسى»سەۋەبىدىن پارغا ئايلىنىپ كېتىۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ پۇل مۇئامىلە ئورگىنى يېڭى تەرتىپتىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن كۈچكە ئايلىنىۋاتىدۇ (ئامېرىكا بانكىسى زورمىقداردىكى دوللەر قالدۇق سوممىلىق « ئېگىلىك ھۆقۇقى بايلىق فوندى» غا ئېگە بولغان دۆلەت بۇلۇش سۈپۈتى بىلەن، ئەرەپ دۆلەتلىرى،جۇڭگۇ ۋە رۇسيە قاتارلىق دۆلەتلەر قەرزئالغان مەبلەغكە تايىنىش ئارقلىق بىر دۆۋە مەسىلىلەرنى پەيدا قىلدى).بۇنداق قىلىشنىڭ بەدىلى ناھايتى زور.نىئۇيۈرۈك ھازىر دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى پۇل مۇئامىلە مەركىزى بولۇشتەك ئورنىنى يوقىتىۋاتىدۇ ۋە گاڭگىراپ قېلىۋاتىدۇ.سابىق ۋالستىرېتنىڭ مەبلەغ سالغۇچىسى بانكىر ھېنرى باۋئىرسىن (ئامېرىكنىڭ ھازىرقى مالىيە مېنىستېرى) مۇ بۇ خىل ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز قېلىۋاتىدۇ.ۋاشىنگېتۇن بىلەن نىئۇيۈرۈك بانكىسى مۇدىريىتيىدە قورقۇنۇشلۇق كەيپىيات يامراپ كەتمەكتە. ئامېرىكا ئەسىرى قانداق گۈللىنىپ قانداق قانداق خاراپ بولغانلىقى بىزنىڭ كەلگسىمىز ئۇچۇن نىمىدىن دېرەك بىرىدۇ،مانا بۇ بۇ كىتاپنىڭ ئاساسى تېمىسى.مەن بۇ كىتاپنىڭ بىر ئەسىردىكى قاراڭغۇ تارىخنىڭ مەلۇم بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىنى يورۇتۇپ بىرەلىشىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۇمۈت قىلىمەن، قارايدىغان بولساق،بۇ تارىخ تولىمۇ ئېچىنىشلىق بولغان يۈز يىللىق نېفىت ئۇرۇشى تارىخىدىن ئېبارەت.
ۋىلليام ندائۇر
گېرمانىيە،ۋيېسبادېن
2008-يىلى 2-ئاينىڭ 4كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تىلماچ13 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-8 05:23 PM