|
|
|
|
"خەلق ئاۋىئاتسىيىسى''2014-يىلى شىنجاڭدىن 80نەپەر ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىدۇ
29-سېنتەبىر،مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە:2014-يىلى،بېيجىڭ ئاۋىئاتسىيە-ئالەم بوشلۇقى ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچقۇچىلار ئىنستىتۇتى،جۇڭگو خەلق ئاۋىئاتسىيەسى ئۇچقۇچىلار ئىنستىتۇتى شىنجاڭدىن ئۇچقۇچىلىق تېخنىكا كەسپىگە (تولۇق كورس)80 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن،تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقىتى: 2013-يىل 10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە. تىزىمغا ئالدۇرۇش ئورنى ئاساسلىقى ئۈرۈمچى،سانجى،شىخەنزە،كۇيتۇن،قاراماي، بورتالا، غۇلجا،چۆچەك،ئالتاي،كورلا،ئاقسۇ،قۇمۇل قاتارلىق جايلاردا تەسىس قىلىندى.شىنجاڭنىڭ باشقا رايونلىرىدىكى خەلق ئاۋىئاتسىيە ئىشلىرىغا تىزىملىتىشنى ئارزۇ قىلغان ئوقۇغۇچىلار جەنۇبى ئاۋىئاتسىيە شىركىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ئورنى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلاشسا بولىدىكەن. "خەلق ئاۋىئاتسىيىسى"نىڭ ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىشىغا مۇناسۋەتلىك ئىشلىرىنى سۈرۈشتۈرمەكچى بولغان ئۇقۇغۇچىلار ،،3804016،3806952- 0991 ،15199166952 گە تېلېفون قىلىپ،جەنۇبى ئاۋىئاتسىيە شىركىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدىكەن.(تەرجىمە قىلغۇچى:ۋۇ ۋېنشىيا)(تامام) مەنبە:شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى ئۇلىنىش:http://uyghur.news.cn/2013-09/30/c_132764894.htm بۇ يازمىنى ئاخىرىدا compass تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-8 01:13 PM
|
|
|
|
|
|