ئۇيغۇر تويلىرى
مەناسى مول –مەزمۇنلۇق، ئىكەن ئۇيغۇر تويلىرى ،
مىللىي خاسلىق ئىچىدە بىر ، بىركەن ئۇيغۇر تويلىرى ،
شادلىقىدا ئېچىلغان گۈل، گۈلكەن ئۇيغۇر تويلىرى ،
چىمەنلەرنىڭ ئىچىدە بىر ، چىمەن ئۇيغۇر تويلىرى ،
ئۆزگە تىلدا داستان ئىكەن ، پۇركەن ئۇيغۇر تويلىرى .
خاسىيەتلىك كۈز پەسلىنى تاللىۋالدۇق مەقسەتلىك ،
دۇئالاردا رازىمەن ، جامائەتتىن رۇخسەتلىك ،
خانىلەرگە يازدۇق نامە ، دەقىقىلەر قىممەتلىك ،
قەدەملىرى مەرھابا خوش، مېھمانلىرى ئىززەتلىك ،
مىسرالىرى تىزىلغان رەت قۇركەن ئۇيغۇر تويلىرى .
ئۇرۇق –تۇغقان رەستىلەردە تويلۇق كىيىم تاللىشار،
گوڭۇر-مۇڭۇر پاراڭلارغا تال ئۇششاقلار ئارلىشار ،
ئۆزگە يۇرتلار ئۆستەڭلىرى ئىزگۈ كۆڭۈل خالىشار،
قىز – يىگىتلەر خۇپىيانە خۇشپۇراقلىق سىردىشار،
قەسىرلەرگە ئېچىلغان بىر يولكەن ئۇيغۇر تويلىرى .
داشقازاندا پىشماقتا گۆش،ئىشتىھاغا كۆز قىسار ،
ئاشپەز ئۇستام كۆڭۈل قويۇپ بەرىكەتلىك ئاش باسار،
پەتنۇستىكى تاتلىق –تۈرۈم بالىلارنى باغاشلار ،
كۆپنى كۆرگەن پېشقەدەملەر ئاۋانگارت تاغ ئاشار ،
ھەممە ئېيتقان ئەجەپ مۇڭلۇق خوركەن ئۇيغۇر تويلىرى .
ئەر جامائەت كەتسە ئۇزاپ ئايال زاتى قاينىشار ،
خۇشلىقىدا ئەتكەن چاينىڭ شامىسىنى چاينىشار ،
سىم- سىم ساندۇق ئېچىلغاندا تومۇچۇقتەك سايرىشار ،
سېكىلەكلەر كېلىنچەكنىڭ چۆمبىلىنى قايرىشار ،
چىن مۇھەببەت داستانىدا ، سىركەن ئۇيغۇر تويلىرى .
مال –چاي ئارا چىللاقلرى ئۇلىنىدۇ پاھ ، ئۆزگىچە ،
ھەشەمەتلىك رەسمىيەتلەر توختىشىدۇ ئۆزىچە ،
ئايلىنىدۇ مەرىكىلەر توختىماستىن كۈزگىچە ،
ئادەتلىرى ئادىيلىقتا نومور ئالار ئەڭ يۈزگىچە،
ئۆزگە ھەشەم تويلار ئىچىرە ،ئۇزكەن ئۇيغۇر تويلىرى .
قودىلارنى قىلدى تۇغقان ،زورايدى مېھىر زەنجىرى ،
ئەل تىلىدا بولدى ئالتۇن – جاۋاھىراتلار ھەر بىرى ،
ئېتىقادنى ئىسلىمايدۇ قارا نىيەتلەر كەندىرى ،
رەسمىيەتكە قويىدۇ چەك ،ئەخلاقى ئادەت خەنجىرى،
تارىخى قىممەت مىسال ، زوركەن ئۇيغۇر تويلىرى .
ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت باغۋەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-8 11:07 AM