ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، مەن بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن
windows8 نىڭ ئوغرى نەشرىنى ئىشلىتىشنى چەكلەش، تورىدا ئېلان قىلىنىشنى چەكلەش ھەققىدە بىر تېما ئېلان قىلغان ئىدىم.
Windows 8 نى ھەقسىز ئىشلىتىش ھەققىدىكى تېمىلار قۇبۇل قىلىنمايدۇ
http://www.rohlan.com/thread-25513-1-1.html
بىز تىلىمىزدا ئاھ ئانا تىل، ئۇيغۇرتىلى ئۆلمىسۇن دەپ داۋراڭ سېلىشنى بىلىمىز يۇ، ئالدىمىزغا كەلگەن پۇرسەتنى كىچىككىنە مەنپەئەتنى دەپلا ئۇ گەپلەرنى بىر قۇرۇق شۇئارغا ئايلاندۇرۇپ قويىۋاتىمىز.
تور بېكىتىگە windows 8 ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا windows 8 نى ھەقسىز ئىشلىتىش، windows 8 نى ھەقسىز ئاكتىپلاش ھەققدىكى تېمىلاردىن بىر نەچچىسى يوللانغان بولۇپ، ھەممىسى بىردەك ئۆچۈرۈلگەن ئىدى، مۇشۇ يېقىندا يەنە بىر كىچىككىنە مەنپەئەتنى دەپ ئۆزىنىڭ نەسلىنى ئۇنۇتقان بىرى قوپۇپ، windows 8 نىڭ ghost نۇسخىسىنى ياساپ، تور بېكەتلەردە بولۇشىغا تەشۋىق قىلىپ تارقاتقىلى تۇرۇپتۇ، بۇ تور بېكىتىنى تەشۋىق قىلىپ، زىيارەتچى توپلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس (ئۇ سىستېمىغا تور بېكىتىگە ئائىت رەسىم، ئېلان، ئادرىس،... لارنى قوشۇپ تارقىتىشى ئېنىقلا گەپ)، تور بېكەتنى تەشۋىق قىلغۇلۇق، ئەمما ۋىجدان، غورۇر، كىملىكىنى ئۇنتۇپ، مەنپەئەت قوغلىشىپ، بىزنى قوللاۋاتقانلارنى ئورىغا ئىتتىرىش بەدىلىگە ئۆز پۇتىمىزغا پالتا چېپىش بىر ئەقىل ئېگىسىنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس.
تۆۋەندىكى ئالىم ئەھەت
ئەپەندى بىلەن شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان رادىئو سۆھبىتىنى چۈشۈرۈپ ئاڭلاپ بېقىشىڭىزنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىش ئۈچۈن ئايرىم تېما شەكلىدە يوللىدىم.
سىغىمى 14 مىگابايت كېلىدۇ، بۇنى چوقۇم چۈشۈرۈپ ئاڭلاڭ،
ناخشا تىڭشىغاننىڭ ئورنىدا ئاڭلاڭ، چۈشىنەلمىسىڭىز ياكى ھەزىم قىلالمىسىڭىز قايتا-قايتا ئاڭلاڭ، ھەمدە مۇشۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ساختا نەشىردىكى windows 8 نىڭ ghsot نۇسخىسىنى ئىشلەش، ئىشلىتىش، تارقىتىش قىلمىشىڭىزنى توختىتىڭ.
چۈشۈرۈش ئادرىسى:
http://url.cn/KIRGQ3
يەنە بىر گەپنى ئەسكەرتىپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ ماۋۇ windows 8نىڭ ئوغرىسىنى ئىشلىگەنلەرگە:
ناۋادا ئالىم ئەھەت ئەپەندى ياكى مىكروسوفت شىركىتىدىكىلەر بۇنى بايقاپ، بەلكىم سىزدىن نەچچە مىليۇن زىيان تۆلىمى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن، ئىشلەتكۈچىلەرمۇ ئەلۋەتتە شۇنىڭ ئىچىدە.