ئىككى شېئىر
شۇنداق ياشاپ ئۆتسەم نە ئارمان؟
.
سەزگۈلىرىم ئالدىمىسا،ئۇنى قىلسام رەت،
تاپالمىسا قارا قىسمەت مېنى ھىچيەردىن.
ئازاپلارنىڭ يۈرىكىگە سالسام تالاي دەرت،
مەھكۇملۇقلار پاچاقلانسا مەن كەبىي ئەردىن!
.
مەزمۇت قەددىم بوي بەرمىسە جۇتقا-قۇيۇنغا،
سۆڭەكلىرىم مىسران قىلىچ بولۇپ ياۋ ئۈچۈن.
قىزىقىشتىن بولۇپ يىراق شەيتان ئويۇنغا،
ئادەملىكىم بولسا دەيمەن مۇكەممەل پۈتۈن.
.
ھاياتلىقنىڭ ئازارىغا قىلمىسام پەرۋا،
ئۆرتىنىشتىن تىترىمىسە بېجىرىم بۇ تەن.
ئەگىمىسە ئەتراپىمدا شاياتۇن-ئەرۋاھ،
باياۋاننىڭ كۆكسىدىكى چوغلۇق بولسام مەن.
.
چەكلىكلەردىن ئىزدەپ داۋام چەكسىز بەختىمنى،
ئاخىرىدا ئۆزلۈكۈمنى قىلسام نامايان.
مەۋھۇملۇقنىڭ جۇدۇنىدا ساقلاپ ئەھدىمنى،
قەلبلەرگە بەخش ئەتسەم ئوتلۇق ھاياجان.
.
تاللىغىنىم ھىدايەتنىڭ يولى – بۇ چوقۇم
ئىخلاسىمدىن مەنزىلىمگە يېتىمەن ئاسان.
يۈرىكىمدىن بىخلىنىدۇ يېڭى بىر ئۇقۇم،
شۇنداق ياشاپ ئۆتسەم يەنە مەندە نە ئارمان؟
.
زۇلمەت ئارا تاپتىم يورۇق نۇر
ھېسسىم تۈگەل ئۆلدىمىكىن دەيمەن ئۆزۈمگە،
مۇزلاۋاتقان پۇت-قوللىرىم،روھىمغا قاراپ.
سىڭگەن كەبىي مۇدھىش ئارمان ھەربىر سۆزۈمگە،
قارا زۇلمەت ۋۇجۇدۇمغا كەتمەكتە تاراپ.
يارالمىشىم بىر مۆجىزە ئىدىغۇ ئەسلى،
ئىنتىلىشتە ياراتماقچى بولدۇم نېمىنى؟
باياۋانغا ئوخشار ۋۇجۇد، بۇ جۇدۇن پەسلى،
ئۈششۈك سوقار چىقىپ بوران،قەلبىم بېغىنى.
نەگە باقسام زۇلمەت سايە تاشلايدۇ ھامان،
ئىزدىگەنچە بىر يورۇقلۇق ،ئاقارغان تاڭنى.
ئەقىل كۆزۈم روشەنلىكنى قىلغاچ نامايان،
قىلدىم پەرق روھىم ئىچرە قاراڭغۇ ھاڭنى.
چۆچۈدۈممەن غەپلەت ئىچرە باسقان قەدەمدىن،
سېلىپ نەزەر ئۆتكەن-كۇتكەن،يۈتكەن كۈنلەرگە.
تىترەپ كەتتى بۇ ۋۇجۇدۇم ھەسرەت-ئەلەمدىن،
يەكۈن تاپتىم: قارا يۈزمەن،قاراي كىملەرگە؟
بىر تىنىقتۇر ھايات بىلەن مامات ئارىسى،
شۇ تىنىققا ئالدىرايمەن،ئىختىيارىم يوق.
ئىزدىمەيمەن مەڭگۈلۈككە ياشاش چارىسى،
يوقىلىشتىن يىراق بەلكى تەگسە غايىپ ئوق.
مەن ياشايمەن روھىم ئارا پايانسىز جايدا،
قارا تۇپراق قورقۇتالماس نىمجان تېنىمنى.
بايقىغىنىم ئاجايىپ نۇر،قەلبىمگە ھەمرا
ئايرىپ تۇرار بىر تىنىقلا- ۋىسال تېڭىمنى!
مەنبە: ئىجادىيەت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazaratqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-7 08:20 PM