مانا ھازىر كۈتكەن مېنۇتلار يىتىپ كەلدى، نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ئېلان قىلىنىدى:
http://www.nobelprize.org/nobel_prizes/medicine/laureates/2013/
1. جەيمىس روزمىن (James E. Rothman)
2.رەندىي شەكمەن (Randy W. Schekman)
3. توماس سۈدوف (Thomas C. Sudhof)
ئۈچەيلەننىڭ ھۆجەيرە ئىچىدىكى توشۇش سىستىمىلىرىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن نوبېل مۇكاپاتى بىرىلدى.
بۇ ئالىملارنىڭ ئالدىنقى ئىككىسى ئامرىكىدا تۇغۇلغان، ئاخىرقىسى گىرمانىيەدە تۇغۇلغان. ئۇلار ھەممىسى ھازىر ئامرىكىدا بولۇپ، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا يالى ئۇنىۋىرستىتى (Yale University)، كالىغورنىيە ئۇنىۋىرستىتى بىركلىي (University of California Berkeley) ۋە سىتانفورد ئۇنىۋىرستىتى (Stanford University) دا ئىشلەيدۇ.
بۇ ئالىملار ئىچىدىكى ئالدىنقى ئىككىسى ھۆجەيرە ئىچىدىكى توشۇش سىستىمىلىرىنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە گېنتىكىلىق كونتىرول قىلىنىشىنى تەتقىق قىلىپ ھورمۇن، ئاقسىل ۋە باشقا خېمىيىلىك ماددىلارنىڭ ھۆجەيرىگە قانداق كىرىپ چىقىدىغانلىقى ۋە قايسى گېنلارنىڭ بۇ جەرياننى كونتىرول قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۈچىنچى ئالىم بولسا نېرۋ ھۆجەيرىلىرىنىڭ بۇ پائالىيەتنى قانداق كونتىرول قىلىدىغانلىقى ۋە ماسلاشتۇرىدىغانلىقىنى بايقىغان.
بۇ ئالىملارنىڭ ئىلىم-پەن ئۈچۈن قوشقان ئۆچمەس تۆھپىلىرىگە تەشەككۈر ئېيتىمىز ۋە ئۇلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-8 02:04 AM