مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2049|ئىنكاس: 11

ئىسلامنىڭ ئەركانلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88370
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1553
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 292 سائەت
تىزىم: 2012-12-9
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-7 05:01:23 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىسلامنىڭ ئەركانلىرى



مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
ئىسلام بەش تۈۋرۈك ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ ، ئۇنى پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) : « ئىسلام بەش ئۈستىگە قۇرۇلغان : ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق ، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىش ، ناماز ئۆتەش ، زاكات بىرىش ، ھەج قىلىش ۋە رامىزاندا روزا تۇتۇش » دىگەن سۆزى بىلەن شەرھىيلەپ بەردى . [ بىرلىككە كىلىنگەن ؛ بۇنى بۇخارىي نەقىل قىلغان ، 8 ]
ئىسلام ھەم ئەقىدە ھەم قانۇن بولۇپ ، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى بىزگە ئۇنىڭدا نىمىنىڭ ھالال ، نىمىنىڭ ھاراملىقىنى ، ئەدەپ-ئەخلاق ۋە گۈزەل پەزىلەتلەرنى ، ئىباەدتلەرنى ، كىشىلەر بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ، ھەق-ھوقۇقلار ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى ، ھەمدە قىيامەت مەنزىرلىرىنى بايان قىلدى . ئاللاھ بۇ دىننى ئەلچىسىنىڭ قولى بىلەن مۇكەممەللەشتۈرۈپ بولغاندا ، ئۇنى قىيامەت قايىم بولغۇچە بارلىق ئىنسانلارنىڭ ھايات يولى بولۇشقا تاللىدى : «بىضىن سعلةرنعث دعنعثلارنع صىتىن قعلدعم،سعلةرضة نئمعتعمنع تاماملعدعم،ظعسلام دعنعنع سعلةرنعث دعنعثلار بولذشقا تاللعدعم .» [ مائىدە(داستىخان): 3 ]
ۋە بۇ ئىسلام ئەركانلىرى ۋە ئۇنىڭ ئاساسى ئۇللىرى :
بىرىنچى ئەركان : ئىككى گۇۋاھلىق سۆز :
يەنى ، ئاللاھ يىگانە ھالدا پەرۋەردىگار ، پادىشاھ ، ئىدارە قىلغۇچى ، ياراتقۇچى ۋە رىزىق بەرگۈچى دەپ ئىشىنىش . ھەمدە ئاللاھ ئۆزىگە مۇقەررەرلەشتۈرگەن ياكى پەيغەمبىرى ئۇنىڭغا مۇقەررەرلەشتۈرگەن بارلىق گۈزەل ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىنى مۇقەررەرلەشتۈرۈش ، ھەمدە ئاللاھ بىردىنبىر ئىبادەت قىلىنىشقا ئەڭ لايىق دەپ ئىشىنىش . ئاللاھ مۇنۇ ئايەتتە دىگەندەك : « الله ظاسمانلارنع ؤة يةرنع ظأرنةكسعز ياراتقذحعدذر،الله نعث خوتذنع يوق تذرسا،قانداقمذ بالعسع بولسذن؟هةممة نةرسعنع الله ياراتقان،هةممة نةرسعنع الله ظوبدان بعلضىحعدذر﴿101﴾.ظةنة شذ الله سعلةرنعث صةرؤةردعضارعثلاردذر،الله دعن بألةك هئح مةبذد(بةرهةق)يوقتذر،ظذهةممة نةرسعنع ياراتقذحعدذر،ظذنعثغا ظعبادةت قعلعثلار ظذ هةر نةرسعضة هامعيدذر .» [ ئەنئام(چاھارپايلار): 101-102 ]
ۋە شۇنىڭدەك ئاللاھ ئەلچىسى مۇھەممەدنى( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) ئەۋەتتى ، ئۇنىڭغا قۇرئاننى چۈشۈردى ھەمدە ئۇنىڭغا بۇ دىننى بارلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈشكە بۇيرىدى دەپ ئىشىنىش . ھەمدە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىنى سۆيۈش ھەمدە ئۇ ئىككىسىگە بويسۇنۇش ھەر بىر شەخىسكە ۋاجىپ ، ئاللاھنى سۆيۈش پەقەت ئۇنىڭ ئەلچىسىگە( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) ئەگىشىش بىلەنلا ئىشقا ئاشىدۇ دەپ ئىشىنىش : « ظئيتقعنكع « ظةضةر سعلةر الله نع سۆيسەڭلار،ماثا ظةضعشعثلاركع،الله سعلةرنع سۆيىدۇ ضذناهعثلارنع مةغصعرةت قعلعدذ .الله ناهايعتع مةغصعرةت قعلغذحعدذر،ناهايعتع مئهرعباندذر .» [ ئال ئىمران ( ئىمران ئائىلىسى) : 31 ]
ئىككىنچى ئەركان ناماز :
يەنى ، ئاللاھ ھەر بىر ئەقلى ھوشى بار ، بالاغەتكە يەتكەن مۇسۇلمانغا بىر كېچە-كۈندۈزدە بەش نامازنى پەرىز قىلدى دەپ ئىشىنىپ ، ئۇنى پاكىز ھالەتتە ئادا قىلىپ ، ھەر كۈنى پەرۋەردىگارى ئالدىدا پاكىز ھالدا تۆۋەنچىلىك ۋە بىچارىلىك بىلەن تۇرۇپ ئۇنىڭ نىئېمەتلىرى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىدۇ ، ئۇنىڭ سېخىيلىقىدىن(پەزلىدىن) سورايدۇ ، گۇناھلىرىدىن كەچۈرۈم سورايدۇ ھەمدە ئۇنىڭدىن جەننەتنى سورايدۇ ، دوزاختىن ساقلىشىنى تىلەيدۇ .
بىر كېچە-كۈندۈزدە پەرىز قىلىنغان نامازلار بولسا بەش ناماز بولۇپ ، ئۇلار بامدات ، پېشىن ، ئەسىر ، شام ۋە خۇپتەندىن ئىبارەت . ۋە يەنە كېچە نامىزى ( تەھەججۇد نامىزى ) ، تەراۋىھ نامىزى ، ئىككى رەكەت چاشگا نامىزى ، ۋە باشقا سۈننەت نامازلار بار .
ناماز مەيلى پەرىز ياكى سۈننەت بولسۇن ، ئۇ بىر كىشىنىڭ بارلىق ئىشلاردا يالغۇز ئاللاھقا يۈزلەنگەنلىكىنىڭ نامايەندىسى بولىدۇ . ئاللاھ بارلىق مۇئىمىنلەرنى ئۇنى جامائەت بولۇپ داۋاملىق ئادا قىلىشقا بۇيرۇپ : « نامازلارنى ، بولۇپمۇ ئەسىر نامىزىنى داۋاملىق ئادا قىلىڭلار ، ھەمدە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئىتائەتمەنلىك بىلەن تۇرۇڭلار ( نامازدا باشقىلارغا سۆز قىلماڭلار ) . » دىدى .
[بەقەرە ( ئىنەك ) : 238 ]
بىر كېچە-كۈندۈزدە بەش ناماز ھەر بىر مۇسۇلمان ئەر ۋە ئايالغا ۋاجىپ : « شىبهعسعزكع،ناماز مأمعنلةرضة ؤاقتع بةلضعلةنضةن صةرز قعلعندع . »
[ نىسا(ئاياللار): 103 ]
كىمكى نامازنى تاشلىۋەتسە ئۇنىڭ ئىسلام دىنىدا نىسىۋىسى يوق ، كىمكى ئۇنى قەستەن تاشلىۋىتىدىكەن ئۇ كاپىر . ئاللاھ ئېيىتقاندەك : « ئاللاھقا تەۋبە بىلەن قايتىڭلار ، ئاللاھتىن قورقۇڭلار ، نامازنى ئادا قىلىڭلار . مۇشرىكلاردىن بولماڭلار . » [ رۇم(رىم) : 31 ]
ئىسلام ئۆزئارا ھەمكارلىق ، قېرىنداشلىق ۋە مۇھەببەت ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ ، ئاللاھ بۇ پەزىلەتلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇ نامازلارغا ۋە باشقىلىرىغا يىغىلىشنى (جامائەت بولۇشنى) بىكىتتى . پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن )مۇنداق دىگەن : « جامامەت بولۇپ ناماز ئوقۇش يالغۇز ئوقۇلغان نامازدىن 27 ھەسسە ئۈستۈن . » [ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 650 ]
ناماز مۇئىمىنلەرگە ئېغىر كۈنلەردە ، بالايى مۇسىبەتلەردە ياردىمى بولىدۇ : «سةؤر قعلعش , ناماز ظوقذش ظارقعلعق(الله دعن)ياردةم تعلةثلار.ناماز الله دعن قورققذحعلار(يةنع كةمتةرلعك بعلةن الله غا بويسذنغذحعلار)دعن باشقعلارغا هةقعقةتةن مذشةققةتلعك ظعشتذر . » [ بەقەرە( ئىنەك ) : 45 ]
بەش ناماز خاتالىقلارنى ئۆچۈرىدۇ . خۇددى پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) دىگەندەك : « ئويلاپ باقمامسىلەر ، ناۋادا سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئىشىكى تۈۋىدە بىر دەريا بولسا ، ئۇنىڭدىن ھەر كۈنى بەش قىتىم يۇيۇنسا ئۇنىڭدا كىر قالامدۇ ؟ » ئۇلار : " ئۇنىڭدا ھىچقانداق كىر قالمايدۇ . " دىدى . ئۇ : « مانا بۇ بەش نامازنىڭ مىسالى . بۇلار ئارقىلىق ئاللاھ خاتالىقلارنى ئۆچۈرىدۇ . » دىدى . [ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 677 ]
مەسچىتتە ناماز ئوقۇش جەننەتكە كىرىشكە سەۋەپ . پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : « كىمكى مەسچىتكە بارسا ۋە كەلسە ، ئاللاھ ھەر قىتىم ئۇنىڭ بىرىپ –كەلگىنىدە ئۇنىڭغا جەننەتتە بىر ئۆي ھازىرلايدۇ . » [ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 669 ]
ناماز بەندە بىلەن ياراتقۇچىنى بىر يەرگە قەملەيدۇ . ھەمدە ئۇ پەيغەمبەرنىڭ خۇشاللىقى ئىدى . قاچانكى ھەرقانداق بىر ئىش ئۇنى قايغۇرتسا ، ئۇ نامازغا يۈزلىنەتتى ۋە پەرۋەردىگارى بىلەن سىردىشاتتى ، ئۇنىڭغا دۇئا قىلاتتى ، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورايىتتى ۋە ئۇنىڭ پەزلىنى(سېخىيلىقىنى) سورايىتتى .
تۆۋەنچىلىك ۋە ئاللاھتىن قورقۇش بىلەن ئوقۇلغان ناماز مۇسۇلماننى پەرۋەردىگارىغا يىقىنلاشتۇرىدۇ ھەمدە ئۇنى گۇناھلاردىن ۋە ئەسكى ئىشلاردىن توسۇپ قويىدۇ . خۇددى ئاللاھ ئېيىتقاندەك : « ئى مۇھەممەد ، ساڭا ۋەھىي قىلىنغان كىتاپنى تىلاۋەت قىلغىن ، نامازنى ئادا قىلغىن . ناماز ھەقىقەتەن ئەسكى ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ . » [ ئەنكەبۇت( ئۆمۈچۈك) : 45 ]
ئۈچۈنچى ئەركان زاكات :
ئاللاھ ئىنسانلارنى ھەر خىل ئىرق ، بىلىم ، ئەخلاق ، كەسىپ ۋە رىزىق بىلەن يارىتىپ ئۇلاردىن باي ۋە كەمبەغەلنى پەيدا قىلدى . چۈنكى باينى شۈكرى قىلامدۇ –يوق ، كەمبەغەلنى بەرداشلىق بىرەمدۇ-يوق دەپ سىنايدۇ .
مۇئمىنلەر – قېرىنداش . قېرىنداشلىق بولسا ھىسداشلىق ، مىھرىبانلىق ، مۇھەببەت ۋە رەھىم-شەپقەت ئۈستىگە قۇرۇلغان بولغاچقا ، ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا ئۇلارنىڭ بايلىرىدىن ئىلىنىپ ، كەمبەغەللىرىگە قايتۇرۇپ بىرىلىدىغان زاكاتنى پەرىز قىلدى . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : « ظذلارنعث ماللعرعنعث بعر قعسمعنع سةدعقة هئسابعدا ظالغعنكع،ظذنعث بعلةن ظذلارنع ضذناهلعرعدعن صاكلعغايسةن ؤة (ياخشعلعقلعرعنع)كأصةيتكةيسةن،ظذلارغا دذظا قعلغعن، شىبهعسعزكع،سئنعث دذظايعث ظذلارغا خاتعرجةملعك ظئلعص كئلعدذ .» [ تەۋبە: 103 ]
زاكات مال-مۈلۈكنى پاكلايدۇ ۋە ئۇنى ئاۋۇتىدۇ ، روھنى بىخىللىقتىن تازلايدۇ . ھەمدە بايلار بىلەن نامراتلار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتنى كۈچەيتىدۇ-دە ئۆچمەنلىكنى يوقىتىدۇ ، بىخەتەرلىكنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىدۇ ۋە ئۈممەتكە بەخىت ئىلىپ كىلىدۇ .
ئاللاھ نىساب( زاكات كىلىدىغان ئەڭ كىچىك مىقدار) قا ئىگە بولغان ۋە ئۇنىڭغا بىر يىل بولغان ھەر بىر كىشىگە زاكاتنى چىقىرىشنى پەرىز قىلدى . ئالتۇن ، كۈمۈش ياكى باشقا مىتاللار ۋە تاۋارلارنىڭ زاكات نىسبىتى40 تىن بىر . يىزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە مىۋە-چىۋىلەرنىڭ بولسا ، ئەگەر سۈنئىي ئۇسۇلدا سۇغۇرۇلمايدىغان بولسا 10دىن بىرى . ئەگەر سۈنئىي ئۇسۇلدا سۇغۇرلىدىغان بولسا 10دىن بىرنىڭ يېرىمى . ئۆي ھايۋانلىرى ( قوي ، ئۆچكە ، كالا ۋە تۆگە ) ھەققىدىكى تەپسىلاتلار فىقھى كىتاپلىرىدا چۈشەندۈرۈلگەن . كىمكى زاكاتنى چىقارسا ئاللاھ ئۇنىڭ ئەسكىلىكلىرىنى ئۆچۈرۋىتىدۇ . ئۇنىڭ مال-مۈلكىگە بەركەت بىرىدۇ ھەندە ئۇنىڭغا كاتتا ئەجىر ھازىرلايدۇ . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : « نامازنع ظادا قعلعثلار ،زاكاتنع بئرعثلار، ظأزةثلارظىحىن ظعشلعضةن هةر قانداق ياخشع ظةمةل بولسا، الله نعث دةرضاهعدا ظذنعث ساؤابعنع تاصعسعلةر، الله هةقعقةتةن قعلغان ظةمةلعثلارنع كأرىص تذرغذحعدذر .» [ بەقەرە(ئىنەك) : 110 ]
زاكاتنى بەرمەسلىك ئۈممەتكە ئاپەتلەر ۋە يامانلىقلارنى ئىلىپ كىلىدۇ . ئاللاھ زاكاتنى بەرمىگەن كىشىلەرنى قىيامەت كۈنىدىكى ئەلەملىك ئازاب بىلەن قورقۇتتى . ئۇ مۇنداق دىگەن : « ظالتذن- كىمىش يعغعص،ظذنع الله نعث يولعداسةرص قعلمايدعغانلارغا(دوزاختا بولعدعغان)قاتتعق ظازاب بعلةن بعشارةت بةرضعن﴿34﴾.ظذ كىندة (يةنع قعيامةت كىنعدة)ظذ ظالتذن-كىمىشلةر جةهةننةمنعث ظوتعدا قعزعتعلعص،ظذنعث بعلةن ظذلارنعث صعشانعلعرع،يانلعرع ؤة دىمبعلعرع داغلعنعدذ. ظذلارغا: « بذ سعلةرنعث ظأزةثلار ظىحىن يعغقان ظالتذن –كىمىشىثلار( سعلةر بذ دذنيايعثلاردعكع الله نعث هةققعنع ظادا قعلمعدعثلار). يعغقان ظالتذن- كىمىشىثلارنعث ؤابالعنع تئتعثلار » دئيعلعدذ. » [ تەۋبە: 34-35 ]
زاكاتنى كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئاشكارا بەرگەندىن يۇشۇرۇن بەرگەن ياخشى . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : « سةدعقعنع ظاشكارا بةرسةثلار،بذياخشعدذر،ظةضةر ظذنع مةخصع بةرسةثلار ؤة يوقسذللارغا بةرسةثلار،تئخعمذ ياخشعدذر.بذ،سعلةرنعث بةزع ضذناهلعرعثلارغا كةففارةت بولعدذ،الله سعلةرنعث قعلغان ظةمةلعثلاردعن خةؤةرداردذر. » [ بەقەرە(ئىنەك): 271 ]
مۇسۇلمان زاكاتنى ئايرىغاندا ، ئۇنى ئاللاھ مۇنۇ ئايەتلەردە تىلغا ئالغان كىشىلەردىن باشقا بىرىگە بىرىشىگە بولمايدۇ : « زاكات صةقةت صئقعرلارغا،معسكعنلةرضة،زاكات خادعملعرعغا،دعللعرعنع ظعسلامغا مايعل قعلعش كأزدة تذتذلغانلارغا،قذللارنع ظازات قعلعشقا،قةرزدارلارغا،الله نعث يولعغا،ظعبن سةبعللةرضة بئرعلعدذ،بذ الله نعث بةلضعلعمعسعدذر،الله(بةندعلعرعنعث مةنصةظةتعنع)ظوبدان بعلضىحعدذر، هئكمةت بعلةن ظعش قعلغذحعدذر. »
[ تەۋبە: 60 ]
تۆتىنچى ئەركان رامىزاندا روزا تۇتۇش :
روزا تۇتۇش بولسا روزا نىيىتى بىلەن روزىنى سۇندۇرىدىغان نەرسىلەر : يىمەكلىك ، ئىچىملىك ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن تاڭ ئاتقاندىن تارتىپ كۈن ئولتۇرغۇچە پەرھىز تۇتۇشنى كۆرسىتىدۇ .
سەۋىر بىلەن ئىيماننىڭ مۇناسىۋىتى باش بىلەن بەدەننىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشايدۇ . ئاللاھ بۇ ئۇممەتكە ئازابىدىن ساقلىنىشى ، ئۇ چەكلىگەن نەرسىلەردىن نىرى تۇرۇشى ۋە چىدامچانلىق-سەۋىرگە ئادەتلىنىشى، نەپسىنى تىزگىنلىشى ، مەردلىك ۋە سېخىيلىق، ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ھىسداشلىق قىلىش ، ھەمدە ئۆزئارا رەھىم-شەپقەت قىلىشتا بەسلىشىشى ئۈچۈن يىلدا بىر ئاي روزا تۇتۇشنى پەرىز قىلدى . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : « ظع مأمعنلةر! (ضذناهلاردعن)ساقلعنعشعثلار ظىحىن،سعلةردعن ظعلضعرعكعلةرضة(يةنع ظعلضعرعكع ظىممةتلةرضة)روزا صةرز قعلعنغاندةك،سعلةرضعمذ(رامعزان روزعسع)صةرز قعلعندع. »
[ بەقەرە(ئىنەك): 183 ]
رامىزان ئىيى كاتتا ئاي بولۇپ ، ئاللاھ ئۇ ئايدا قۇرئاننى چۈشۈرگەن ، ھەمدە ئۇ ئايدا ياخشىلىقلار ، سەدىقىلەر ۋە ئىبادەتلەرنىڭ ئەجرى ھەسسىلىنىدۇ . ئۇنىڭدا قەدرى كېچىسى بار ، ئۇ مىڭ ئايدىن ياخشى . ئۇ ئايدا جەننەت ئىشىكلىرى ئىچىلىدۇ ، دوزاخنىڭ ئىشىكلىرى تاقىلىدۇ ، شەيتانلار باغلىنىدۇ .
ئاللاھ رامىزان ئىيىدا روزا تۇتۇشنى ھەر بىر بالاغەتكە يەتكەن ، ئەقلى ھوشى بار ئەر ۋە ئايال مۇسۇلمانغا ۋاجىپ قىلدى . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : « رامعزان ظئيعدا قذرظان نازعل بولذشقا باشلعدع،قذرظان ظعنسانلارغا يئتةكحعدذر،هعدايةت قعلغذحع ؤة هةق بعلةن ناهةقنع ظايرعغذحع روشةن ظايةتلةردذر،سعلةردعن كعمكع رامعزان ظئيعدا هازعر بولسا رامعزان روزعسعنع تذتسذن؛كعمكع كئسةل ياكع سةصةر ظىستعدة(يةنع مذساصعر)بولذص(تذتمعغان بولسا،تذتمعغان كىنلةر ظىحىن)باشقا كىنلةردة تذتسذن.الله سعلةرضة ظاسانلعقنع خالايدذ،تةسلعكنع خالعمايدذ،(ظاغزعثلار ظوحذق يىرضةن كىنلةرنعث قازاسعنع قعلعش بعلةن رامعزان روزعسعنعث)سانعنع تولدذرذشذثلارنع،سعلةرنع هعدايةت قعلغانلعقعغا الله نع ظذلذغلعشعثلارنع،(ظذنعث ظعنظاملعرعغا)شىكىرقعلعشعثلارنع خالايدذ .» [ بەقەرە(ئىنەك) : 185 ]
روزا تۇتۇشنىڭ ئەجرى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا كاتتىدۇر . پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : « ئادەم بالىسىنىڭ ھەر بىر ئىشى ھەسسىلىنىدۇ ، ھەر بىر ياخشى ئىشقا 10 ھەسسىدىن 100 ھەسسىگىچە ئەجىر بىرىلىدۇ . ئاللاھ ئېيىتتى : « روزا ئۇنىڭ سىرتىدا ، چۈنكى ئۇ مەن ئۈچۈن ، ئۇنىڭ ئەجرىنى ئۆزۈم بىرىمەن . ئۇ ئۆزىنىڭ كۆڭۈل خاھىشىنى ۋە يىمەك-ئىچمىكىنى مەن ئۈچۈن تاشلايدۇ . » [ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، روزا ]
بەشىنچى ئەركان ھەج :
ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا ئۇلار قەيەردە بولمىسۇن ، نامازلىرىدا ۋە دۇئالىرىدا يۈزىنى قىلىدىغان بىر قىبلىنى بىكىتىپ بەردى . ئۇ بولسا مەككە مۇكەررەمەدىكى قەدىمىي ئۆي :« يىزىثنع مةسجعدع هةرام تةرةصكة قعلغعن.(ظع مأمعنلةر!)قةيةردة بولماثلار يىزىثلارنع مةسجعدع هةرام تةرةصكة قعلعثلار.» [ بەقەرە(ئىنەك): 144 ]
مۇسۇلمانلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغاچقا ، ھەمدە ئىسلام كىشىلەرنى بىرلىشىش ۋە ئۆزئارا تونۇشۇش ۋە شۇنىڭدەك ياخشى ئىشلاردا ۋە تەقۋادارلىقتا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ، ئۆز ئارا ھەقىقەتنى تەۋسىيە قىلىش ، ئاللاھ تەرەپكە دەۋەت قىلىش ھەمدە ئاللاھنىڭ دىنى بەلگىلىرىنى ئۇلۇغلاشقا چاقىرىدىغان بولغاچقا ، ئاللاھ ھەر بىر كۈچ-قۇدرىتى بار ، ئەقلى ھوشى جايىدا ، بالاغەتكە يەتكەن ھەر بىر مۇسۇلمانغا ئۆزىنىڭ قەدىمىي ئۆيىنى زىيارەت قىلىش ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىش (تاۋاپ قىلىش) ، ھەمدە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى بايان قىلغاندەك ئادا قىلىشنى ۋاجىپ قىلدى . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : « قادعر بولالعغان كعشعلةرنعث الله ظىحىن ئۆينى)كةبعنع( زعيارةت قعلعشع ظذلارغا صةرز قعلعندع.كعمكع ظعنكار قعلعدعكةن(يةنع هةجنع تةرك ظئتعدعكةن, زعيعنع ظأزعضة)،شىبهعسعزكع،الله ظةهلع جاهاندعن(يةنع ظذلارنعث ظعبادعتعدعن)بعهاجةتتذر. » [ ئال ئىمران(ئىمران ئائىلىسى): 97 ]
ھەج بولسا مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى ، كۈچ-قۇدرىتى ۋە شان-شۆھرىتى گەۋدىلىنىدىغان مەزگىل بولۇپ ، پەرۋەردىگار بىر ، پەيغەمبەر بىر ، ئۇممەت بىر ، ئىبادەت بىر ۋە كىيىم-كېچەكلەر بىر .
ھەجنىڭ ئۆزىگە خاس ئەدەپ-قائىدىلىرى ، ۋە شەرىتلىرى بار بولۇپ ، مۇسۇلمانلار ئۇنىڭغا رىئايە قىلىشى كىرەك . مەسىلەن ، تىلىنى ، قۇلۇقىنى ۋە كۆزىنى ئاللاھ چەكلىگەن بارلىق نەرسىلەردىن ساقلاش ، نىيەتلىرىنى خالىس قىلىش ، پاك پۇللارنى ئىشلىتىش ، ئەڭ ياخشى ئەخلاقلار بىلەن زىننەتلىنىش ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت ، ، گۇناھ ياكى ناھەق جىدەللىشىشتىن ئىبارەت بارلىق ھەجنى بۇزىدىغان نەرسىلەردىن ساقلىنىش . ئاللاھ ئېيىتقاندەك : « هةج ؤاقتع مةلذم بعرقانحة ظايدذر(يةنع شةؤؤال،زذلقةظدة ظايلعرع ؤة زذلهةججة ظئيعنعث ظون كىنعدذر).بذ ظايلاردا هةج قعلعشنع نعيةت قعلغان(يةنع ظئهرام باغلعغان)ظادةمنعث جعنسي ظالاقة قعلعشع،ضذناه قعلعشع ؤة جاثجال قعلعشع مةنظع قعلعنعدذ،سعلةر قانداقلعكع ياخشع ظةمةلنع قعلساثلار،الله ظذنع بعلعص تذرعدذ(ظاخعرةتلعكعثلار ظىحىن)ئوزۇق-تۈلۈك ظئلعؤئلعثلار،ظةث ياخشع ئوزۇق-تۈلۈك تةقؤادارلعقتذر.ظع ظةقعل ظعضعلعرع!ماثا تةقؤادارلعق قعلعثلار. » [ بەقەرە( ئىنەك) : 197 ]
ئەگەر بىر مۇسۇلمان ھەجنى پەرىز قىلىنغان ئۇسۇل بويىچە توغرا ئادا قىلسا ، نىيىتى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن بولسا ، بۇ ئۇنىڭ گۇناھى ئۈچۈن كەففارەت بولىدۇ . پەيغەمبەر( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : « كىمكى ئاللاھ ئۈچۈن ھەج قىلىپ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلمىسا ، ۋە گۇناھ سادىر قىلمىسا ، خۇددى ئانىسىدىن تۇغۇلغان كۈنىدىكىدەك بولۇپ قايتىدۇ . »
[ بۇخارىي نەقىل قىلغان ، 15210 ]
شەيىخ مۇھەممەد بىن ئىبراھىيم تۇۋەيجىرىينىڭ « ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىرى» كىتابىدىن ئىلىندى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88370
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1553
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 292 سائەت
تىزىم: 2012-12-9
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-7 07:01:23 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يارىتىش ۋە بۇيرۇق قىلىش ئۇنىڭدۇر

«جەزمەنكى ، يارىتىش ۋە بۇيرۇق قىلىش ئۇنىڭدۇر»[ئەئىراف:54] دىگەن ئايەتنىڭ مەنىسى نىمە؟


مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن.
ئاللاھ ئاسمانلار ،زىمىن ھەمدە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ۋە ئۇلاردىكى ھەممە نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق نەرسىلەرنى ياراتتى؛ىۇ ئاسمانلارنى بىرىنى يەنە بىرىنىڭ ئۈستىدە قىلىپ، زىمىننى كەڭرى بوشلۇق قىلىپ ياراتتى؛ئۇ نۇرلۇق پلانىتلار ۋە يۇلتۇزلارنى،مۇستەھكەم تاغلارنى، ھەر تۈرلۈك مەدەنلەرنى ۋە دەرەخلەرنى ،پايدىلىق سۇلارنى،ھەرخىل ھايۋانلارنى، دائىم يىڭىلىنىپ تۇرىدىغان شامالنى، كاتتا پەرىشتىلەرنى،ئىنسانلار ،جىنلار، قۇشلار، ھايۋانلار، جانسىز شەيئىلەر ۋە قۇشلارنى ياراتتى:
« ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘﻻﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ (ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ) ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﺎﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯗﺭ، ﻣﺎﯕﺎ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯖﻼﺭﻛﻰ، ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﺑﯘﺩﻟﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺯﺍﺩﻯ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ؟ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺯﺍﻟﯩﻤﻼﺭ ﺋﻮﭘﺌﻮﭼﯘﻕ ﮔﯘﻣﺮﺍﻫﻠﯩﻘﺘﯩﺪﯗﺭ.» [ لۇقمان: 11].
بۇ كاتتا مەخلۇقاتلار ياراتقۇچىنىڭ كاتتىلىقىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ زور سانى ياراتقۇچىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىدۇ؛ئۇلارنىڭ رەڭ ۋە تۈرلىرى ياراتقۇچىنىڭ ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار قىلقىدىغان نەررسىلەرنىڭ ۋە ئۇلارغا كىلىدىغان مەنپەئەتلەرنىڭ ھەر خىللىقى ياراتقۇچىنىڭ دانالىقىنى ، ئۇنىڭ ئۇلارنى قانداق قوغدايدىغانلىقى ۋە تىزگىنلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ياراتقۇچىنىڭ ھاياتىنى،ئۇنىڭ بىلىمىنى،كۈچ-قۇدرىتىنى ھەمدە ئۇنىڭ :« ﺑﯩﺮ ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﯧﭻ ﺋﯩﻼﮪ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ؛ ﺍﻟﻠﻪ ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﺗﯧﺮﯨﻜﺘﯘﺭ، ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺪﯗﺭ؛» [كالا: 255] ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇ بولسا بارلىق نەرسىلەرنى بىلىدىغان، بارلىق نەرسىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ھەمدە بارلىق شەيئىلەرنى ياراتقان پەرۋەردىگارىمىزدۇر :
« ﺷﯜﺑﻬﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯖﻼﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻛﯜﻧﺪﻩ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ) ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ (ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯘﻗﯩﻐﺎ ﻻﻳﯩﻖ ﺭﻩﯞﯨﺸﺘﻪ) ﺋﻪﺭﺵ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﺋﺎﻟﺪﻯ، ﺍﻟﻠﻪ ﻛﯧﭽﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ (ﻳﻪﻧﻰ ﻛﯧﭽﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ) ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﻧﻰ ﻳﺎﭘﯩﺪﯗ، ﻛﯧﭽﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻏﻠﯩﺸﯩﺪﯗ (ﻳﻪﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ)؛ ﺍﻟﻠﻪ ﻗﯘﻳﺎﺵ، ﺋﺎﻱ ﯞﻩ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﺮﯨﮕﻪ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗﻟﻐﯘﭼﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ، ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺶ (ﻳﻪﻧﻰ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﻨﻰ ﺗﻪﺳﻪﺭﺭﯗﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ) ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻼ ﺍﻟﻠﻪﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪﯨﺪﯗﺭ. ﺋﺎﻟﻪﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﻯ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﻛﺎﺗﺘﯩﺪﯗﺭ.» [ئەئىراف : 54].
ئۇ پاكتۇر، گۈزەل ئىسىملار ۋە يۈكسەك سۈپەتلەرگە ئىگىدۇر،ئۇ خالىغان نەرسە بولىدۇ،خالىمىغان نەرسە بولمايدۇ،ئاسمانلار ياكى زىمىندىكى ھىچ قانداق نەرسە ئۇنىڭ باشقۇرشى سىرتىدا ئەمەستۇر :
« ﺍﻟﻠﻪ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺷﻪﻳﯩﻨﻰ (ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺸﻨﻰ) ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ «ﯞﯗﺟﯘﺗﻘﺎ ﻛﻪﻝ» ﺩﻩﻳﺪﯗ-ﺩﻩ، ﺋﯘ ﯞﯗﺟﯘﺗﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.» [ياسىن :82].
پەرۋەردىگارىمىز ھەر قانداق نەرسىگە قادىر ،نىمىنى خالىسا قانداق خالىسا شۇنداق يارىتىدۇ :
«ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻧﺪﺍﺭﻧﻰ ﺳﯘﺩﯨﻦ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﺴﻰ ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ، ﺑﻪﺯﯨﺴﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﯘﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ، ﺑﻪﺯﯨﺴﻰ ﺗﯚﺕ ﭘﯘﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ، ﺍﻟﻠﻪ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯗ، ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻫﻪﺭ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮﺩﯗﺭ.» [نۇر :45].
پەرۋەردىگارىمىز كۈچلۈك،ھەممىدىن غالىپتۇر :
«ﺍﻟﻠﻪ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﯜﯞﺭﯛﻛﺴﯩﺰ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﯩﻜﻰ، ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﯩﺴﯩﻠﻪﺭ، ﻳﻪﺭ ﺗﻪﯞﺭﻩﭖ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﺴﯩﺰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﯘﻥ ﺩﻩﭖ، ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﺎﻏﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﺘﻰ، ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﺍ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺟﺎﻧﺪﺍﺭﻻﺭﻧﻰ ﺗﺎﺭﺍﺗﺘﻰ، ﺑﯘﻟﯘﺗﺘﯩﻦ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﺳﯜﻳﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﺍ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﺩﯗﻕ.» [لۇقمان : 10] .
پەرۋەردىگارىمىز ھەممە نەرسىنى بىلىدۇ :
«ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﯞﻩ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻣﺴﻪﻥ؟ ﺋﯜﭺ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﭘﯩﭽﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﯩﺴﯩﺪﯗﺭ، ﺑﻪﺵ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﭘﯩﭽﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺘﯩﻨﭽﯩﺴﯩﺪﯗﺭ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺯ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﭘﯩﭽﯩﺮﻻﺷﺴﯘﻥ، ﺋﯘﻻﺭ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ، ﺍﻟﻠﻪ ﻫﺎﻣﺎﻥ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﯩﺪﯗﺭ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ، ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺑﯩﻠﮕﯜﭼﯩﺪﯗﺭ.» [ مۇجادىلە : 7].
پەرۋەردىگارىمىز بىزنى ۋە رىزىقلىرىمىزنى ياراتقان زاتتۇر :
«ﺋﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ! ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻧﯧﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺩ ﺋﯧﺘﯩﯖﻼﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﯨﻦ ﯞﻩ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﯨﻦ ﺭﯨﺰﯨﻖ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟ ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻫﯧﭻ ﻣﻪﺑﯘﺩ (ﺑﻪﺭﻫﻪﻕ) ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ، (ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﯩﺒﺎﺩﯨﺘﯩﺪﯨﻦ) ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﺑﺎﺵ ﺗﺎﺭﺗﯩﺴﯩﻠﻪﺭ؟».
[ فاتىر : 3].
پەرۋەردىگارىمىز ئىنچىكە ،ھەممىدىن خەۋەرداردۇر :
« (ﻟﻮﻗﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ) «ﺋﻰ ﺋﻮﻏﯘﻟﭽﯩﻘﯩﻢ! ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﯔ ﻗﯩﭽﺎ ﭼﺎﻏﻠﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺋﯘﻳﯘﻝ ﺗﺎﺷﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻪﯓ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺟﺎﻳﺪﺍ) ﻳﺎ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯧﺘﯩﺪﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻧﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ (ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻫﯧﺴﺎﺑﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ). ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﻛﯜﺯﻩﺗﻜﯜﭼﯩﺪﯗﺭ، ﻫﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﺍﺭﺩﯗﺭ .» [ لوقمان : 16].
پەرۋەردىگارىمىز ھەممىنى بىلگۈچى، ھەممىگە قادىردۇر :
« ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻠﯩﻘﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺧﺎﺳﺘﯘﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎ ﺷﯘﻧﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯗ، ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﻗﯩﺰ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ (49). ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﻮﻏﯘﻝ، ﻗﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﺭﯨﻼﺵ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ، ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺗﯘﻏﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻫﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯜﭼﯩﺪﯗﺭ، ﻫﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮﺩﯗﺭ.» [كىڭىشىش : 49-50]
پەرۋەردىگارىمىز - ئەڭ سېخىي، ئەڭ مىھرىباندۇر :
« ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﻰ ﺗﯘﺭﺍﻟﻐﯘ، ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﻰ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﯜﺭﻩﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﺩﻯ. ﺳﯜﺭﯨﺘﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ (ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ) ﭘﺎﻙ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺭﯨﺰﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯖﻼﺭﺩﯗﺭ، ﺋﺎﻟﻪﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﻯ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺑﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺑﯜﻳﯜﻛﺘﯘﺭ. » [ غافىر : 64].
پەرۋەردىگارىمىز -ھەممىگە دانا ،ھەممىنى بىلگۈچى :
« ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﭽﯩﻨﻰ ﻟﯩﺒﺎﺱ، ﺋﯘﻳﻘﯘﻧﻰ (ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﯖﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ) ﺭﺍﻫﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﻧﻰ (ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﺍ) ﻳﯧﻴﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻗﯩﻠﺪﻯ (47). ﺍﻟﻠﻪ ﺭﻩﻫﻤﯩﺘﯩﻨﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭﻧﻰ) ﻳﺎﻏﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺷﺎﻣﺎﻟﻨﻰ ﺧﯘﺵ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﯞﻩﺗﺘﻰ،ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﯜﻙ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﻰ ﺗﯩﺮﯨﻠﺪﯛﺭﯛﺵ ﯞﻩ ﺑﯩﺰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻧﻰ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺳﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺑﯘﻟﯘﺗﺘﯩﻦ ﭘﺎﻙ ﺳﯘﻧﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ﺑﻪﺭﺩﯗﻕ. » [ فۇرقان : 47-49].
پەرۋەردىگارىمىز - بارلىق ئىنسانلارنى بىر جاندىن ياراتقان زاتتۇر :
« ﺋﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ! ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺪﯨﻦ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﺪﯨﻦ) ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ، ﺷﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺪﯨﻦ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺟﯩﻨﺴﯩﺪﯨﻦ) ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺟﯜﭘﺘﯩﻨﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﻫﻪﯞﯞﺍﻧﻰ) ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﻪﯞﯞﺍﺩﯨﻦ) ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻪﺭ - ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﯕﻼﺭ، ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﯕﻼﺭ، ﺳﯩﻠﻪ - ﺭﻩﻫﯩﻤﻨﻰ ﺋﯜﺯﯛﭖ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯖﻼﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﯖﻼﺭﻧﻰ) ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺪﯗﺭ. » [ ئاياللار : 1] .
پەرۋەردىگارىمىز - كۈچلۈك ، ھەممە نەرسىگە قادىردۇر :
« ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﻰ (ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﻰ ﯞﻩ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻫﯧﻜﻤﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ) ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻫﯧﭻ ﺋﻪﻫﻪﺩﻯ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻫﻪﻟﯩﻤﺪﯗﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﻛﯘﻓﻔﺎﺭﻻﺭ ﺋﺎﺯﺍﺑﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺟﺎﺯﺍﻻﺷﻘﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ)، ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ .» [ فاتىر : 41].
پەرۋەردىگارىمىز ھەممە نەرسىنى ياراتتى :
« ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﯩﺪﯗﺭ، ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﻫﺎﻣﯩﻴﺪﯗﺭ (ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺗﻪﺳﻪﺭﺭﯗﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .» [ زۇمەر : 62].
پەرۋەردىگارىمىز ھەممە نەرسىلەرنى ئوراپ تۇرىدۇ :
« ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ، ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯖﺪﯗﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﻣﯜﻟﻜﯩﺪﯗﺭ، ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯗ، ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﺎﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯗﺭ). ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰئوﺭاپ تۇرغۇچىدۇر.»
[ ئاياللار : 126] .
بارلىق ئىشلارنىڭ قارارى ئاللاھ تەرىپىدىن بولىدۇ :
« ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﺪﯗر .» [ رىم : 4] .
بارلىق ئىشلارنىڭ تىزگىنى ئاللاھنىڭ قولىدا :
« ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﯞﻩ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﯨﻜﻰ ﻏﻪﻳﺒﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺧﺎﺳﺘﯘﺭ، ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯗ، ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ ﯞﻩ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯜﻝ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ (ﻳﻪﻧﻰ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﯩﯖﻨﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻏﯩﻦ). ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯔ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﻏﺎﭘﯩﻞ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘﺭ . »
[ ھۇد : 123 ] .
ئاللاھ بىزنى پەقەت ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىشقا ، پەقەت ئۇنىڭدىنلا ھۆكۈم تەلەپ قىلىشقا بۇيرىدى :
« ﺑﺎﺭﭼﻪ ﻫﯚﻛﯜﻣﻠﻪﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﯩﻼ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ، ﺋﯘ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﺯﯨﮕﯩﻼ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻏﺎﻥ، ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺩﯨﻨﺪﯗﺭ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻟﯩﺴﻰ (ﺑﯘﻧﻰ) ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ .»
[ يۇسۇف : 40 ] .
ئاللاھ بىزنى ئۆزىگە ۋە ئەلچىسىگە ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) بويسۇنۇشقا بۇيرىدى :
« ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺭﻩﻫﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﯞﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ.»
[ ئىمران ئائىلىسى : 132 ] .
ئاللاھ بىزنى ياخشى ئەخلاققا بۇيرىدى ، ناچار ئەخلاقتىن توسىدى ، ئۇ دەيدۇ :
« ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ (ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ) ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ، (ﺟﯩﻤﻰ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ) ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ، ﺧﯩﺶ - ﺋﻪﻗﺮﯨﺒﺎﻻﺭﻏﺎ ﺳﯩﻠﻪ - ﺭﻩﻫﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻳﺪﯗ، ﻗﻪﺑﯩﻬ (ﺳﯚﺯ - ﻫﻪﺭﻛﻪﺗﻠﻪﺭ) ﺩﯨﻦ، ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﯞﻩ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺗﻮﺳﯩﺪﯗ. ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺗﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ ﺩﻩﭖ، ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﭘﻪﻧﺪ - ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. » [ ھەسەل ھەرىسى : 90 ] .
ئاللاھ بىزنى ياخشىلىقلاردا ھەمكارلىشىشقا بۇيرىيدۇ، بارلىق ئەسكىلىكلەردىن چەكلەيدۇ ، ئۇ دەيدۇ :
« ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﯞﻩ ﺗﻪﻗﯟﺍﺩﺍﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﯩﺸﯩﯖﻼﺭ، ﮔﯘﻧﺎﻫﻘﺎ ﯞﻩ ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﻪﺷﻤﻪﯕﻼﺭ ».
[ داستىخان : 2] .
يارىتىش ، بۇيرۇق قىلىش ھەمدە پادىشاھلىق ئاللاھقىلا مەنسۇپتۇر :
« ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ، ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﺍﺗﻨﯩﯔ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻠﯩﻘﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘﭘﺘﯘﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﺭ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮﺩﯗﺭ .» [ داستىخان : 120 ].
بىزنىڭ يۈرەكلىرىمىز پادىشاھلىق ۋە يارىتىش باشقا بىرىگە ئەمەس ، پەقەت ئاللاھقىلا مەنسۇپ ئىكەنلىكنى ئىتراپ قىلىشقا تەبىئىي مايىللىق بىلەن يارىتىلغان :
« ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﻜﻰ، «ﺯﯦﻤﯩﻦ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﺎﺗﻼﺭ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ؟ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﺴﻪﯕﻼﺭ (ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯖﻼﺭ)» (84). ﺋﯘﻻﺭ: ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ» ﺩﻩﻳﺪﯗ. (ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ) ﭘﻪﻧﺪ- ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ ﺋﺎﻟﻤﺎﻣﺴﯩﻠﻪﺭ؟ (85) ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﻜﻰ، «ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﻪﺭﺷﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﻯ ﻛﯩﻢ؟» (86) ﺋﯘﻻﺭ «ﺍﻟﻠﻪ» ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺋﯧﻴﯩﺘﻘﯩﻨﻜﻰ، «ﺋﯘﻧﯩﯔ (ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﺪﯨﻦ) ﻗﻮﺭﻗﻤﺎﻣﺴﯩﻠﻪﺭ؟» (87) ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﻜﻰ، «ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺷﻪﻳﺌﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻠﯩﻘﻰ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ؟ (ﺋﯩﻠﺘﯩﺠﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ) ﭘﺎﻧﺎﻫ ﺑﻮﻻﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻫﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﭘﺎﻧﺎﻫ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﻢ؟ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﺴﻪﯕﻼﺭ (ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯖﻼﺭ)» (88). ﺋﯘﻻﺭ: «ﺍﻟﻠﻪ» ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﻜﻰ، «ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﻗﺎﻳﻤﯘﻗﺘﯘﺭﯗﻟﯩﺴﯩﻠﻪﺭ؟» (89). ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺑﯩﺰ ﻫﻪﻕ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ، ﺋﯘﻻﺭ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﯩﻼﺭﺩﯗﺭ .» [ مۇئىمىنلەر : 84-90 ] .
ئى ئىنسانلار جاۋاپ قايتۇرمامسىلەر ؟
« (ﺋﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ!) ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﻜﻰ، «ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﯖﻼﺭﭼﯘ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﮔﺎﺱ، ﻛﯚﺯﯛﯕﻼﺭﻧﻰ ﻛﻮﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﺴﺎ، ﺩﯨﻠﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﻰ ﭘﯧﭽﻪﺗﻠﯩﯟﻩﺗﺴﻪ (ﻳﻪﻧﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻫﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﺴﺎ)، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﯩﻼﻫ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻩﻟﻪﻳﺪﯗ؟» ﻗﺎﺭﯨﻐﯩﻨﻜﻰ، ﺑﯩﺰ (ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ) ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻤﯩﺰﻏﺎ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻻﺭ (ﺷﯘ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ) ﻳﯜﺯ ﺋﯚﺭﯛﻳﺪﯗ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻤﺎﻳﺪﯗ) .» [ نىئىمەتلەر : 46 ] .
سىلەر چۈشەنمەمسىلەر ؟
«ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﯖﻼﺭﭼﯘ!ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﻛﯧﭽﯩﻨﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﭽﻪ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺳﻮﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﺑﯚﻟﻪﻙ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﯩﻼﻫ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﻪﻟﻪﻳﺪﯗ، ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﺎﻣﺴﯩﻠﻪﺭ؟» ﺩﯦﮕﯩﻦ (71). «ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﯖﻼﺭﭼﯘ؟ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﻧﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﭽﻪ ﺳﻮﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﺑﯚﻟﻪﻙ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﯩﻼﻫ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﯖﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯧﭽﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﻪﻟﻪﻳﺪﯗ؟ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﻣﻪﻣﺴﯩﻠﻪﺭ؟» ﺩﯦﮕﯩﻦ .»
[ ھىكايىلەر : 71-72 ] .
ئويلانمامسىلەر ؟
« ﺳﯩﻠﻪﺭ (ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﭼﭽﯩﺪﺍﻧﯩﻐﺎ ﺗﯚﻛﯜﻟﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﯧﻘﯩﯖﻼﺭﭼﯘ (58). ﺋﯘﻧﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭ (ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ) ﻳﺎﺭﯨﺘﺎﻣﺴﯩﻠﻪﺭ؟ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺰ (ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ) ﻳﺎﺭﯨﺘﺎﻣﺪﯗﻕ .»
[ ۋاقىئە : 58-59 ] .
كۆرمەمسىلەر ؟
« ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺗﯧﺮﯨﻐﺎﻥ ﺯﯨﺮﺍﺋﻪﺗﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﯧﻘﯩﯖﻼﺭﭼﯘ (63). ﺋﯘﻧﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﻧﺪﯛﺭﺩﯛﯕﻼﺭﻣﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺰ ﺋﯜﻧﺪﯛﺭﯛﭖ (ﺩﺍﻥ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﯨﺮﺍﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ) ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﺩﯗﻗﻤﯘ؟. » [ ۋاقىئە : 63-64 ] .
قارىمامسىلەر ؟
« ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﯘﻧﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﯧﻘﯩﯖﻼﺭﭼﯘ (68). ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯘﻟﯘﺗﺘﯩﻦ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﭼﯜﺷﯜﺭﺩﯛﯕﻼﺭﻣﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺰ ﭼﯜﺷﯜﺭﺩﯗﻗﻤﯘ؟ (69). ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺰ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎﻕ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯘﺯﻟﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﯘﻕ (ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﺯﻭﺭ ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ) ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺷﯜﻛﯜﺭ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺴﯩﻠﻪﺭ؟ (70). ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﺗﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﯧﻘﯩﯖﻼﺭﭼﯘ (71). ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﯨﺨﯩﻨﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯘﺭﺧﯘ، ﺋﯘﺑﺎﺭ ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯧﺨﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﯜﺭﻛﯩﺴﻪ ﻫﯚﻝ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﺋﻮﺕ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﻩﺧﻨﻰ) ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﺩﯛﯕﻼﺭﻣﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﺩﯗﻗﻤﯘ؟ (72). ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﺰ ﺋﯩﺒﺮﻩﺕ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﯘﭼﯩﻼﺭ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ (73). ﺋﯘﻟﯘﻍ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯖﻨﻰ (ﻣﯘﺷﺮﯨﻜﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭙﺘﯩﺮﺍﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ) ﭘﺎﻙ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ .» [ ۋاقىئە : 68-74 ] .
چۈشەنمەمسىلەر ؟ كىم كېچە بىلەن كۈندۈزنى ، قۇياش، ئاي ، پىلانىتلار ۋە يۇلتۇزلارنى بويسۇندۇردى، ئۇ - بىر ئاللاھتۇر ، خۇددى ئۇ ئىيىتقاندەك :
« ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﭽﯩﻨﻰ، ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﻧﻰ، ﻛﯜﻧﻨﻰ، ﺋﺎﻳﻨﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ، ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻣﯘ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯗﺭ؛ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﯞﻡ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ .» [ ھەسەل ھەرىسى : 12] .
ئاللاھ -ياراتقۇچى بولسا، ئۇ رىزىق بەرگۈچى بولسا ، ئۇ ھەممە ئىشلارنى باشقۇرغۇچى بولسا ، ھەمدە ئۇ بارلىق نەرسىلەرنى بىلگۈچى بولسا ، ئۇنداقتا ئۇ بىردىنبىر ئىبادەت قىلىنىشقا تىگىشلىك زاتتۇر، چۈنكى ئۇ ھەمىشە ھايات، ھەممىدىن بىھاجەت، ياراتقۇچى ، رىزىق بەرگۈچى ، ھەممىنى بىلگۈچى ، ھەممىدىن كۈچلۈكتۇر، ئۇنىڭدىن باشقىسى بولسا ئاجىز ، ئىقتىدارسىز بولۇپ ، يارىتالمايدۇ ،رىزىق بىرەلمەيدۇ، پايدا ئەكىلىش ياكى زىيان سىلىشقا كۈچى يەتمەيدۇ :
« ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻳﻮﺷﯘﺭﻏﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ (19). ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ (ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯘﺗﻠﯩﺮﻯ) ﻫﯧﭻ ﺷﻪﻳﺌﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯗﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯗﺭ) (20). ﺋﯘﻻﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯘﺗﻼﺭ) ﺗﯩﺮﯨﻚ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﯚﻟﯜﻛﺘﯜﺭ، ﺋﯘﻻﺭ (ﭼﻮﻗﯘﻧﻐﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ) ﻗﺎﭼﺎﻥ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﯩﺮﯨﻠﺪﯛﺭﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻗﻤﺎﻳﺪﯗ (21). ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ (ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻻﻳﯩﻖ) ﺋﯩﻼﻫﯩﯖﻼﺭ ﺑﯩﺮﺩﯗﺭ، ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﻜﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻠﻠﯩﺮﻯ (ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﻰ) ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭ ﭼﻮﯕﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، (ﻫﻪﻗﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ) ﺑﺎﺵ ﺗﺎﺭﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯗﺭ. » .
[ ھەسەلھەرىسى : 19-22 ].

شەيىخ مۇھەممەد بىن ئىبراھىم تۇۋەيجىرىي نىڭ ئسلام دىنىنىڭ ئاساسلىرىدىن ئىلىندى .
 

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پىنھان00 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-7 07:22 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32150
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3363 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-7 09:03:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسلام ھەم ئەقىدە ھەم قانۇن بولۇپ ، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى بىزگە ئۇنىڭدا نىمىنىڭ ھالال ، نىمىنىڭ ھاراملىقىنى ، ئەدەپ-ئەخلاق ۋە گۈزەل پەزىلەتلەرنى ، ئىباەدتلەرنى ، كىشىلەر بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ، ھەق-ھوقۇقلار ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى ، ھەمدە قىيامەت مەنزىرلىرىنى بايان قىلدى .

  يۇقارقى بايانلاردىكى مەزمۇنلار ئادەمنى ھەقىقىتەن تەسىرلەندۈرىدۇ،شۇنداقلا مۇقەددەس تەربىيگە ئىگە قىلىدۇ.
    رەھمەت ،مۇشۇنداق ياخشى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىللىگىنىڭىزگە.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32150
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3363 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-7 09:04:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسلام ھەم ئەقىدە ھەم قانۇن بولۇپ ، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى بىزگە ئۇنىڭدا نىمىنىڭ ھالال ، نىمىنىڭ ھاراملىقىنى ، ئەدەپ-ئەخلاق ۋە گۈزەل پەزىلەتلەرنى ، ئىباەدتلەرنى ، كىشىلەر بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ، ھەق-ھوقۇقلار ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى ، ھەمدە قىيامەت مەنزىرلىرىنى بايان قىلدى .

  يۇقارقى بايانلاردىكى مەزمۇنلار ئادەمنى ھەقىقىتەن تەسىرلەندۈرىدۇ،شۇنداقلا مۇقەددەس تەربىيگە ئىگە قىلىدۇ.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98236
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1283
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 307 سائەت
تىزىم: 2013-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-7 09:11:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھتىن ئەجىرىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20122
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-7 09:26:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6019
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1010 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-7 09:50:54 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.مۇمكىن بولسا قايتا بىر تەھرىرلىۋەتسىڭىز.نۇرغۇن يەرلىرى ئۇيغۇرچە بولماي قاپتۇ.ئەسلى ئەرەبچىسىمىكى دەپ ئوقۇپ باقسام تەرجىمىسى ئىكەن.
كەمىنە قۇسۇرچىنى ئەپۇ قىلىۋىتەرسىز.ئۆزۈم تېخى قىلماي.قىلسىڭىز......

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئوتتۇرھال ئەزا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89341
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 300
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 123 سائەت
تىزىم: 2012-12-30
ئاخىرقى: 2014-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-7 09:58:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا ئەجىرىڭىزنىڭ ساۋابىنى بەرسۇن ئامىن!

شۇكىرى اللاھ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95848
يازما سانى: 600
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 340 سائەت
تىزىم: 2013-6-6
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-7 10:23:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن قېرىندىشىم، ئىسلامدىكى بەش پەرزنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپسىز، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن....
بەزى قېرىنداشلىرىمىز، نامازدىن ئىبارەت بۇ پەرزگە بەك سەل قارايدۇ،« ھازىر زامان مۇشۇنداق، ئامال يوق، قەلبىمىزدە بىلسەك بولدى، ئاللا كەچۈرەر....» دىگەندەك پەتىۋالارنى بېرىپ ،ئۆزىگە، ناماز ئوقۇمىغانلىقنىڭ بانىسىنى ئىزدەيدىكەن! بىز مەشھەر كۈنى بىرىنچى بولۇپ نامازدىن سورىلىمىز، ناماز ئۆتكىلىدىن ئۆتەلىسەك ئاندىن، ئاللاھ خالىسا، ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن باشقا ئۆتكەللەردىن ئۆتەلەيمىز!  شۇڭا، چۆيلىدە توختىمايدىغان بانا-سەۋەپلەرنى كۆرسەتمەي، نامازنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ۋاختىدا ئوقۇيلى! ناماز ئوقۇماي تۇرۇپ قىلغان ھەر قانداق ئەمەل، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قوبۇل بولمايدۇ! شۇڭا نامازغا، نامازنىڭ ۋاختىغا ئەھمىيەت بېرەيلى!  ئاللاھ، ھەممىمىزنى ھىدايەت قىلسۇن، ئاللاھ بىزنى ناماز ئوقۇپ تۇرۇپ، دوزاققا كىرگۈچىلەر قاتارىدىن قىلمىسۇن.......ئامىن!

ياخشىلارغا ئاچىمەن قۇچاق،
يامانلارغا تەڭلەيمەن پىچاق.
يىقىلغاننى قويىمەن يۆلەپ،
مېنىڭ ياشاش لوگىكام شۇنداق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 952
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10788
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2007 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-7 10:30:25 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  




  ئاللاھ نىڭ بارلىقىغا ئىسپات دەلىللەر

ئاللاھنىڭ بارلىقىغا بولغان ئىسپات دەلىللەر سەل- پەل ئەقلى بار ئادەملەر ئۈچۈن ئەتراپىمىزدا تولۇپ ياتىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇغ دانىشمىنى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ؛ ،(ھەرقانداق بىر يارالغۇچى ،ئۆزىنى  يارتقان بىرياراتقۇچىنىڭ بارلىقنى  ئىسپاتلاپ بىرىدۇ). دەيدۇ. دىمىسىمۇ راست ، بۇ ئالەمنىڭ ھېچقانداق بىرنەرسە ، بىرسى يارتمىسا ئۆزلىكىدىن يارىتىلىپ قالمايدىغانلىقىدەك  يەنى( سەۋەپلىك ئالەم) ئىكەنلىكىدەك قانۇنىيتى بۇنۇقتىنى شەرتسىز ئىسپاتلايدۇ.
سەل ئەقلى بار كىشى مۇشۇنىڭغا قاراپلا ئاللانى كۆرمىسىمۇ بىرئاللانىڭ بارلىقغا شەكسىز ئىشىنىدۇ. چۈنكى نورمال كىشىلەر تام كەينىدىن چىققان تۈتۈننى كۆرۈپ ،تام كەينىدە ئوت بارلىقىغا ئىشىنىدۇ. بىر ئۆينى كۆرگەن ئادەم ، بۇ ئۆينى سېلىۋاتقانلىقىنى ۋە سالغان ئادەمنى كۆرمىسىمۇ ، بۇ ئۆينى ھەرگىز (ئۆزلىكىدىن ياسىلىپ قالدى) دىمەيدۇ. ئەكسىچە چوقۇم بۇ ئۆينى بىرسىنىڭ ياسىغانلىقىغا ئىككىلەنمەي شەكسىز ئىشىنىدۇ. چۈنكى بۇ سەۋەپلىك ئالەم ھېچقانداق بىر نەرسە سەۋەپسىز بارلىققا كەلمەيدۇ- دە!  مانا بۇ ئالەم قانۇنىيتى.  ئۇنداق بولغانكەن قۇياش ،يەرشارى ...قاتارلىق ئىنسان ياساشقا قۇربى يەتمەيدىغان نەرسىلەرنى ياسىغان ئىنسانىيەتتىن تاشقىرى بىر ئىلاھى كۈچ بارلىقى دەرھال مەلۇم بولمامدۇ ؟. نىمىشقا تەپەككۇر قىلمايمىز ؟. شۇڭا ھەدىستە: ( بىرمىنۇتلۇق تەپەككۇر مىڭ يىللىق ئىبادەتتىن ئەۋزەل) دىيىلگەن.
قۇتادغۇ بىلىكتە ئاللاھنىڭ بارلىقنى ئىسپاتلاپ،  ئاللاھقا مەدھىيە ئوقۇۋىتىپ ( ئاللاھنىڭ ئورنى يوق) دىيىلگەن. بىراق قۇرئان كەرىم سۈرە ھەدىدنىڭ 3-4- ئايەتلىرىدە مۇنداق دىيىلگەن '( ئاللاھنىڭ ئىپتىداسى يوقتۇر، ئىنتىھاسى يوقتۇر، <ئاللاھ> ئاشكارىدۇر، <يەنى مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسەتكۈچى دەلىللەر بىلەن ئەقىللەرگە ئاشكارىدۇر، > مەخپىيدۇر < يەنى ئۇنى كۆزبىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ زاتىنىڭ ماھىيتىنى تونۇشقا كەم ئەقىللەر ئىرىشەلمەيدۇ>،  ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.(3) ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زىمىننى ئالتە كۈندە يارتتى، < ئاندىن ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە> ئەرشى ئۈستىدە قارار ئالدى، ئاللاھ زىمىنغا كىرىپ كىتىدىغان نەرسىلەرنى، زىمىندىن چىقىدىغان نەرسىلەرنى، ئاسماندىن چۈشىدىغان نەرسىلەرنى، ئاسمانغا ئۆرلەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، سىلەردە قەيەردە بولساڭلار، ئاللاھ سىلەر بىلەن بىرگە، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.(4) دىيىلگەن.  دىمەك يۇقارقى ئايەتتە ئاللاھنىڭ ئورنى يوق ئەمەس بەلكى ئەرشىنىڭ ئۈستىدە بارئىكەنلىكى، تەكىتلەنگەن، شۇنداقلا بىرنەرسىنى ئىجاد قىلغان ئادەم، شۇنەرسىسىنىڭ بارلىق خۇي پەيلى خاراكتىرى،  ھەم ئىشلەش جەريانىنى بىلىپ تۇرغاندەك،  ئاللاھمۇ ھەربىر ئىنساننىڭ خاراكتىرى، ئوي خىيالى، شۇنداقلا نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى مەيلى ئۇ جاھاننىڭ قەيىرىدە بولسۇن كۆرۈپ  بىلىپ تۇرىدۇ،  ھەتتا ئاللاھ قارا كىچىدە، قارا تاشنىڭ ئۈستىدە، ھەركەت قىلىۋاتقان قارا چۈمۈلە ھەركىتىنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ. دىگەنلىكتىن ئىبارەت!  شۇڭا ئاللاھنىڭ ئورنى يوق دىيىشكە بولمايدۇ. ئاللاھنىڭ ئورنى ئەرشى ئۈستىدە بار.  ئۇ شۇيەردە تۇرۇپ ئۆز قۇدرەت كامالى بىلەن ئالەمدىكى ئۆزى ياراتقان بارلىق شەيئىلەرنىڭ، ئوي- خىيالى، ۋە ئىش ھەركىتىنى بىلىپ تۇرىدۇ. (ئاللاھ قەلبىمدە بار) دىمەي،( ئاللاھ بارلىق ئوي خىياللىرىمىزنى، ھەركەتلىرىمىزنى بىلىپ تۇرىدۇ)  دىيىش كىرەك! ....
ياراتقۇچى بار دېيىش ئۈچۈنمۇ ئىسپات لازىم بولغىنىدەك، يوق دېيىش ئۈچۈنمۇ ئىسپات لازىم.
ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ يۇقلۇقىنى ئىسپاتلاش بارلىقىنى ئىسپاتلاشتىنمۇ قىيىن.
مەسىلەن: بىر ئايال ھامىلدار بولدى دەيلى، ئۇ ئايال ۋاقتى سائىتى كېلىپ توغدى. بالا توغۇلۇشى بىلەنلا ئۇنىڭدا سۈت پەيدا بولىدۇ. بوۋاقنىڭ قورسىقى ئېچىپ يىغلىغان ھامان ئانىسىنىڭ كۆكسىدىنمۇ بالىنى ئەمگۈزۈش ئۈچۈن سۈت تەييار تۇرغان بولىدۇ. بۇ ئىشنى ئۇ ئايال ئۆز ئىختىيارى، ئۆز ئىرادىسى بىلەن قىلالامدۇ؟ ئانا سۈتىنىڭ تەركىۋىنى، ئىچىدە قانداق ماددىلار بارلىقىنى ئانىسى بىلەمدۇ؟ ئانا شۇ سۈتنى ئۆزى تەڭشىيەلەمدۇ؟ بوۋاق بالىنىڭمۇ شۇ سۈت مۇنداق بولسۇن دەپ سۈتكە تەسىر كۆرسىتىش ياكى باشقۇرۇش كۈچى بارمۇ؟ بۇ يەردىكى شۇنداق مېھرىبانلىق بىلەن مۇكەممەل ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان بىر قانۇنىيەتنى يوق دېگىلى بولامدۇ؟ شۇنداق ئاجىز بوۋاقنى ئانىسى نېمىشقا مېھرىبانلىق بىلەن، ئەڭ ياخشى غىزا بىلەن باقىدۇ؟ بۇ يەردە تاساددىپيلىق بارمۇ؟ ئەگەر بىر ئانىنىڭ شۇنداق قىلىشىنى تاساددىپىيلىق دېسىڭىز، ئۇنداقتا پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان بۇ قانۇنىيەتنى يەنە تاساددىپىيلىق دەپلا ئىنكار قىلغىلى بولامدۇ؟
ئەگەر بۇلارنى تاساددىپىي ھالدا شۇنداق توغرا كېلىپ قېلىش دەپ قارىساق، بۇنىڭدا بىرەر قانۇنىيەت بارلىقىنى ئىنكار قىلساق، ئۇ چاغدا ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان نۇرغۇن قانۇنىيەتلەر، مەسىلەن، پالانى كېسەلگە پۇستانى دورىنىڭ پايدا قىلىشى، كېچە-كۈندۈزنىڭ قانۇنىيەتلىك ئالمىشىشى قاتارلىق كائىناتتىكى مۇكەممەل قانۇنىيەتلەرنى ھەممىنى ئىنكار قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىنكار قىلىش بىلەن ئۇ قانۇنىيەتلەرنى يوق قىلىۋەتكىلى بولمايدۇ.
ئاللاھنى يوق دېيىش ئۈچۈنمۇ ئىسپات لازىم. كائىناتتا ھېچبىر ئىنتىزام ياكى قانۇنىيەت يوقلۇقىنى ئىسپاتلاش لازىم. ھالبۇكى بۇنى ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ. ئاددىيسى كائىناتتىكى ھېچبىر نەرسە سەۋەبسىز، مەنبەسىز مەيدانغا كەلمەيدۇ.
مەسىلەن: تەشتەكتىكى گۈلنى سۇ ياكى تۇپا ياراتقان دېگىلى بولامدۇ؟ سۇ ئۆسۈملۈك يارىتالامدۇ؟ تۇپا يارىتالامدۇ؟ تۇپراقنىڭ مۇشۇنداق قابىلىيىتى بارمۇ؟ گۈل ئۇرۇغى ئۆزلىگىدىن گۈل بولۇپ شەكىللىنەلەمدۇ؟ ئۇنىڭغا مەلۇم كۈچ تەسىر قىلمىسا، تۇپىدا، مۇۋاپىق ھاۋارايى ۋە نەملىكت  قانداقمۇ ئۆزلىگىدىن بىخ تارتىپ ياشىرىپ چىقالىسۇن؟ ئىنسانلارمۇ مۇشۇ قانۇنىيەتكە رىئايە قىلغان ئاساستا گۈل يېتىشتۈرەلىسۇن؟ گۈل ئۇرۇغىدىكى گېندا مۇشۇ قانۇنىيەت ياكى پروگرامما بېكىتىلگەن، ئوخشاش كۆرۈنۈشتىكى ئۇرۇغدىن ئۆنۈپ چىقىدىغان گۈلنىڭ رەڭگى، پۇرىقى، شەكلى پەرقلىق بولىدۇ، بۇ پەرق ئۇرۇغدىكى گېن تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن دېسىڭىز، بۇ گېننى كىم ياراتقان؟ ئۇنىڭدىكى ئىنچىكە ماتېماتىكىلىق ھېسابنى، فورمۇلانى كىم يازغان؟ ياق، بۇ تاساددىپىي بولغان دېسىڭىز، ھازىرقى زاماندا بىرەر ئادەم كومپىيوتېر پروگراممىلىرىنى تاساددىپىي تۈزەمدۇ؟ ئۇنىڭدا ماتېماتىكىلىق ھېساب، لوگىكىلىق فورمۇلا، مەلۇم بىر كومپىيوتېر تىلى يوقمۇ؟
ئۆيىڭىزدىكى لامپا يانغاندا سىز ئېلېكتىر سىمىدا توك بارلىقىنى بىلەلەيسىز. ئەگەر توك يوق دېسىڭىز، سىزنىڭ نورمال ئەقلىڭىز يوق دېگەنلىكتۇر.
لامپىنىڭ يانغانلىقى توك سىمىدا توك بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. توكنىڭ شەكلى، رەڭگىنى كۆرەلمەيسىز، ئەمما مەۋجۇتلۇقىنىمۇ ئىنكار قىلالمايسىز. مۇشۇ توك نەدىن كەلگەن؟ گېنىراتوردىن كەلگەن دەڭ. گېنىراتورنى كىم ياسىغان؟ قانداق ياسىغان؟ ئادەم ياسىغان، مەلۇم بىر قانۇنىيەتكە ئاساسەن ياسىغان. توكنىڭ قانداق كۈچى بار؟ يۇرۇقلۇق، ئىسسىقلىق، ھەرىكەت كۈچى بار. ئۇنداقتا توك جانلىق نەرسىمۇ؟ ياق، جانسىز نەرسە. ئۇ بىر ئېنېرگىيە. بۇ ئېنېرگىيە تۈگەمدۇ؟ تۈگەيدۇ! دېمەك، بۇ توك، ئېنېرگىيە بىر يارىتىلغان نەرسە. ئۇنى ئىنسان يوقتىن بارلىققا كەلتۈرەلمەيدۇ. پەقەت بار نەرسىلەردىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلاپ، ئېھتىياجى ئۈچۈن پايدىلىنالايدۇ.
ئىنسان، دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق بىر مەخلۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن جىمى شەيئىلەرنى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. ئىنسانغا نۇرغۇن نېمەت ۋە ئىقتىدار بېرىلگەن. ئاددىيسى، قىشتا ئۈستىڭىزگە لەپىلدەپ چۈشكەن قار ئەگەر ئۇنداق يۇمشاق چۈشمەي، ناندەك چوڭلۇقتا، قاتتىق مۇز ھالىتىدە توروكلاپ ئۈستىڭىزگە چۈشسە، چوقۇم باش كۆزىڭىز يېرىلىپ كېتىدۇ. تاساددىپىيلىق قارىشى بىلەن ئېيتقاندا، قارمۇ ئۇنداق يۇمشاق بولماسلىقى كېرەك.
نەپەس ئېلىۋاتقان ھاۋادىكى ئوكسىگېن، ھېدروگىن قاتارلىق گازلارنىڭ نىسبىتىدە ئازىراق ئۆزگىرىش بولغان ھامان، دەرھال سىزنىڭ ھاياتىڭىزغا خەۋپ يېتىدۇ. گازلارنىڭ تەركىۋىدىكى تەڭپۇڭ نىسبەت دەل سىزنىڭ بەدىنىڭىزدىكى ئېھتىياجىڭىزغا ماس كېلىدىغان نىسبەتتە تەڭشەلگەن. بۇنى كىم تەڭشىگەن؟ بۇنى پەقەت سىزنى ياراتقۇچى ۋە ھاۋانى، دۇنيانى ياراتقۇچى بىر زات تەڭشىگەن، ئورۇنلاشتۇرغان، ئەگەر سىزنى ياراتقۇچى ئايرىم، ھاۋانى تەڭشىگۈچى ئايرىم بولسا، ئۇنداقتا، سىز نەپەسلەنگەن ھاۋا سىزنىڭ ئۆپكىڭىزدىكى سىستېمىغا دەل ماس كېلىشى ناتايىن.  
ئىنسان ھەر قانچە ماھىر ياسىغۇچى بولسىمۇ ھېچقانداق نەرسىنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرەلمەيدۇ. ھەر نەرسىنىڭ بار بولۇشى بىر سەۋەبكە، بىر مەنبەگە باغلانغان. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە مەنبەسى قۇياش دېسىڭىز، قۇياشمۇ كېچىسى كۆرۈنمەيدۇ. ئۇنىڭمۇ مۇئەييەن بىر ئۆمرى بارلىقىنى فىزىكا ئالىملىرى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.
ئەگەر سىز ياراتقۇچى يوق، دۇنيادا قانۇنىيەت يوق دەپ چىڭ تۇرسىڭىز سىزگە باشقا گەپ يوق.
ئەگەر دۇنيادا قانۇنىيەتنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ قانۇنىيەتكە ئاساسەن، دۇنيادا ھېچقانداق نەرسە، سەۋەبسىز، مەنبەسىز مەيدانغا كەلمىگەن ئىكەن، ئۇنداقتا ھەممىسىنىڭ بىر مەنبەسى بار. بۇ مەنبە ياراتقۇچىدۇر.
ياراتقۇچىنىڭ قانداقلىقىغا كەلسەك، ئاددىي مىسال بىلەن چۈشەندۈرگەندە، بىر ناۋاي نان ياققان بولسا، بۇ نان ناۋاينىڭ زاتىنى بىلەلەمدۇ؟ نان ناۋاي ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئىگىمۇ؟ ياكى بىر كىيىم ئۆزىنى تىككۈچى سەيپۇڭنى تولۇق بىلەمدۇ؟ نان ناۋاينى، كىيىم سەيپۇكنى تولۇق بىلەلمىگىنىدەك، ئىنسانمۇ ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسىنى مۇكەممەل رەۋىشتە بىلەلمەيدۇ. لېكىن ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىنى،  مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. دېمەك، يارىتىلغۇچى ئىنسان ئۆزىنىڭ بىر يارالغۇچى ئىكەنلىكىنى، ياراتقۇچىسىنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلمايدۇ.
ياراتقۇچى ھەققىدىكى تەپەككۈر بىلىنگەن نەرسىلەردىكى ئىزنالارغا قاراپ بىلىنمىگەنگە قارىتا يول ئېلىپ ئىلگىرلەش جەريانىدا چوڭقۇرلىشىدۇ. (گېئومېتىرىيە، ئالگېبىرا دەرسىدىكى بەزى ئىسپاتلاش ئۇسۇللىرى ئېسىڭلاردا بارمۇ؟)
ياراتقۇچىنىڭ كىملىكى، سۈپەتلىرى، ئىسىملىرى ھەققىدە ئەڭ تولۇق ۋە توغرا بىلىمنى قۇرئاندىن بىلىمىز.
قۇرئاننى ساۋاتسىز پەيغەمبەر ئۆزى ئىچىدىن چىقىرىپ يازغان دېگەننى ئىسپاتلاش تېخىمۇ قىيىن ئىش. ئەڭ ئاسان بولغىنى ئۇنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ۋەھيى قىلىنغانلىقىنى قوبۇل قىلىش. بۇ مەنتىققە ۋە ئەقىلگە تېخىمۇ ئۇيغۇن.
دېمەك، قۇرئاننىڭ ئىنسان تەرىپىدىن توقۇلغان ھېكايە كىتاپ ئەمەس، ئاللاھ ۋەھيى قىلغان كائىنات قوللانمىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدىڭىز. بۇنى ئېتىراب قىلغانلىقىڭىز، ئاللاھنىڭ قۇرئاندا بايان قىلىنغان 99 ئىسىم سۈپىتىنى قوبۇل قىلغانلىقىڭىز بولىدۇ.؟
ئۇنداقتا، ئاللاھنى كىم ياراتقان دېگەن سوئالغا جاۋاب چىقىدۇ. 112-سۈرە ئىخلاستا جاۋاب بار: «ئاللاھ بىردۇر، ھەممە ئاللاھقا مۇھتاجدۇر، ئاللاھ توغۇلغانمۇ ئەمەس، ئاللاھنىڭ بالىسى بولغانمۇ ئەمەس، ھېچكىم ئاللاھقا تەڭداش بولالمايدۇ.»
يەنە 50-سۈرە قاف 16-ئايەتتىكى «ئاللاھ ئىنسانغا ئۇنىڭ جان تۇمۇرىدىنمۇ يېقىن» دېگەننى ئەستىن چىقارماي، قۇرئاندا 114 يەردە تەكرارلانغان بىسمىللاھىررەھمانىررەھىيىم ئايىتىدىكىدىكى «راھمان»، «رەھىم» سۈپىتىنىڭ مەنىسىنى چوڭقۇر چۈشەنگەندە، كاللىدىكى تۈگۈنلەرگە جاۋاب تاپقىلى بولىدۇ.
مۇشۇ ئالەمگە قارايدىغان بولساق ھېچقانداق بىرنەرسە ئۆزلىكىدىن سەۋەپسىز پەيدا بولۇپ قالمايدىكەن. ئۇلۇغ ئاللاھ بەلكى بەزى دىنسىزلارنىڭ يەرشارى قاتارلىق ئىنسانلار ياساشقا قۇربى يەتمەيدىغان نەرسىلەرنى ( ئۆزلىكىدىن يارالغان) دەپ تۇرىۋالمىسۇن دەپ بۇئالەمنى سەۋەپ ئالىمى يەنە ھېچقانداق بىر نەرسە ئۆزلىكىدىن يارىلىپ پەيدا بولمايدىغان قىلىپ ياراتقان بولىشى مۈمكىن. دىمەك ئاللاھنىڭ قىلغان ھەربىر ئىشىدا ئۆزىگە تۇشلۇق بىر ھىكمەت بار....
  

قۇرئان كەرىم ھەقىقەتەن بىر مۆجىزە

بۇئەسەر قۇرئان كەرىمنىڭ ھەقىقەتەن بىر مۆجىزە،ھەم ﷲ سۆزى ئىكەنلىكىنى تېخمۇ ياخشى دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلايدۇ.

تەتقىقاتچى ئاپتورى
ئۆمەرچېلەك
(تۈركىيە )
قۇرئان كەرىم كومپىيوتىرغا كىرگۈزۈلگەندىن كىيىن بۇ مۆجىزىلەر بايقالدى.
1-سانلار  مەلۇماتى
سانلارنىڭ  تەكرارلىقى  قۇرئان  كەرىمنىڭ  ماتىماتىكىلىق   تۈزۈلۈشكە  ئېگە  ئىكەنلىكىنىڭ  دەلىلى  .
مەسىلەن :قۇرئان كەرىمدە؛
مەلەك  88 قېتىم ، شەيتان 88 قېتىم  تەكرارلانغان .
جەننەت  77 قېتىم ، جەھەننەم  77 قېتىم  تەكرارلانغان .
دۇنيا 115 قېتىم ، ئاخىرەت 115 قېتىم  تەكرارلانغان .
ئۆسۈملۈك 26 قېتىم، دەرەخ 26 قېتىم تەكرارلانغان .
ئايغا  چىقىش  تارىخى؛
قۇرئان كەرىمنىڭ ‹قەمەر›سۈرىسىدە  ئايغا  بارماقنىڭ  مۇمكىنلىكىگە دائىر ئىشارەتلەر  بار . ‹قەمەر ›سۆزى تىلىمىزدا ‹ئاي ›
دىمەكتۇر . سۈرىدە ئاي سۆزى بىرىنچى ئايەتتە  ئورۇن ئالغان . ‹قىيامەت يېقىنلاشتى ، ئاي يېرىلدى . ›(قىيامەت سۈرىسى ، 1- ئايەت ) . مانا بۇ ئايەتتىن قۇرئان كەرىمنىڭ ئاخىرىغىچە 1389 ئايەت بار ، ھېجرىيە كالىندارى بويىچە 1389 – يىلى مىلادى بويىچە 1969– يىلىغا تەڭ كەلمەكتە ، بۇ دەل ئايغا چىقىش تارىخىدۇر .
ئاينىڭ ئوربىتىسى
قۇرئاندا ئالەم جىسمى  سۈپىتىدە  تىلغا  ئېلىنغان ئاي سۆزى تولۇق 27 قېتىم ئۇچرايدۇ  ئوخشاشلا ئاينىڭ يەر شارى ئەتراپىدا ئېللىپىس شەكىللىك ئايلىنىشىمۇ 27 كۈندۈر .
دېڭىز – قۇرۇقلۇق  نىسبىتى
قۇرئاندا قۇرۇقلۇق سۆزى  13 قېتىم ، دېڭىز  سۆزى 32 قېتىم ئۇچرىغان نىسبەتلەشتۈرگەندە  دېڭىز  نىسبىتى  45\32 ، قۇرۇقلۇق  نىسبىتى  45\13 بولۇپ ، بۇنى يۈز نىسبەتكە  ئايلاندۇرغىنىمىزدا  دېڭىز  نىسبىتى يۈزدە %71  ، قۇرۇقلۇق  نىسبىتى يۈزدە %29 ، زامانىۋى بىلىمنىڭ  نەتىجىلىرىمۇ دېڭىز  دۇنيانىڭ % 71 ىنى ، قۇرۇقلۇق  دۇنيانىڭ  %29 ىنى تەشكىل قىلىدۇ دەپ قارىماقتا .
سىرىئوس يۇلتۇزى  ۋە 49
كېچىلىرى  ئاسماندا ئەڭ پارلاق يۇلتۇز بولغان سىرىئۇس يۇلتۇزى قۇرئاندا  نەجىم (يۇلتۇز) سۈرىسىنىڭ  49 – ئايىتىدە ئۇچرايدۇ . ‹ئاللاھ شىئرا يۇلتۇزىنىڭ  پەرۋەردىگارىدۇر › (نەجىم سۈرىسى ، 49 – ئايەت ) ئەرەبچە مەنىسى ‹شىئرا› بولغان سىرىئۇس يۇلتۇزىنىڭ پەقەت 49 – ئايەتتە    ئۇچرىشى  ھەقىقەتەن  قىزىقارلىق  بىر ئەھۋالدۇر . چۈنكى ئالىملار سىرىئۇس  يۇلتۇزىنىڭ ھەركىتىنى كۆزىتىش ئارقىلىق تېلىسكوپسىز كۆرۈنمەيدىغان  سىرىئوس ب يۇلتۇزىنىڭ  سېرىئوس ئا ئەراپىدىكى ئايلىنىش ۋاقتىنىڭمۇ 49 يىل ئىكەنلىكىنى بايقىغان .
تۆمۈرنىڭ  ئاتوم نۇمۇرى
قۇرئاندىكى ھەدىد ناملىق سۈرىدە ناھايىتى قىزىقارلىق بىر چۈشەنچە  بار . بۇ سۈرىدە تۆمۈرنىڭ ئەرشتىن چۈشۈرۈلگەنلىكى تەكىتلىنىدۇ . ئاۋال بۇ ئايەتنى تەھلىل قىلايلى :‹ ... بىز تۆمۈرنىمۇ  چۈشۈردۇقكى ، ئۇنىڭدا بۈيۈك بىر قۇۋۋەت ۋە ئىنسانلار  ئۈچۈن مەنپەئەتلەر  بار ..› ( ھەدىد  سۈرىسى ، 25 – ئايەت ) ، بۇ ئايەتتىكى ‹چۈشۈرمەك › سۆزى تۆمۈرنىڭ دۇنيا سىرتىدىن كەلگەنلىكىنى  تەكىتلەيدۇ . بۈگۈنكى ئاسترونومىيە  بىلىمىمۇ تۆمۈر ماددىلىرىنىڭ ئالەمدىكى  چوڭ يۇلتۇزلاردىن كەلگەنلىكىنى  يەكۈنلىدى .
تۆمۈر  سۆزىنىڭ ئەرەبچىدىكى  سانلىق قىممىتى 26 ، تۆمۈرنىڭ
  ئاتوم نۇمۇرىمۇ  26  .
365 كۈن
قۇرئان كەرىمدە  ‹بىر كۈن › سۆزى 365  قېتىم ئۇچرايدۇ . بىلگىنىمىزدەك ، يەر شارى  قۇياش ئەتراپىدا تولۇ ق  بىر قېتىم ئايلىنىشىغا 365 كۈن كېتىدۇ ، يەر شارى قۇياش ئەتراپىدا ئايلانغاندا ئوخشاشلا ئۆز ئوقىدىمۇ  دەل 365  قېتىم ئايلىنىدۇ .
  نۇھ ئەلەيھىسالام  كېمىسى ۋە 44 – ئۇزۇنلۇق ؛
قۇرئان كەرىمدە نۇھ كېمىسى جايلاشقان  يەر ‹ھۇد› سۈرىسىنىڭ 44- ئايىتىدە ئۇچرايدۇ :‹ ئى زېمىن ، سۈيىڭنى  يۇتقىن ، ئى بۇلۇت ، تارقىغىن ، دىيىلدى ، سۇ سوغۇلدى ، ئاللاھنىڭ ( كاپىرلارنى  غەرق قىلىشتىن ئىبارەت ) ھۆكمى  ئىجرا قىلىندى ، كېمە جۇدى ئۈستىدە توختىدى ، (زالم قەۋم ھالاك بولسۇن ) دېيىلدى › (ھۇد سۈرىسى ، 44- ئايەت )
قۇرئاندا نۇھ كېمىسىنىڭ جايلاشقان يېرىنىڭ 44 – ئايەتتە تىلغا ئېلىنىشى ناھايىتى قىزىقارلىق  بىر ئەھۋال . چۈنكى تەۋراتتا  كېمىنىڭ جايلاشقان يېرى  دەپ كۆرسىتىلگەن ئاغرى تېغى ۋە ئەتراپى 44- ئۇزۇنلۇقتا .
ھەج ۋە 22- كەڭلىك
مۇسۇلمانلارنىڭ  داۋاملىق يۈزلىنىدىغان بۇ مۇھىم مەركەزنىڭ جۇغراپىيلىك ئونى ‹قۇرئان كەرىم › دە ئۆزىنى  يوشۇرماقتا . ھەر يىلى  مىليونلارچە مۇسۇلمانلارنىڭ  ھەج ئىبادىتىنى ئورۇنلىماق ئۈچۈن بارىدىغان يېرى – مەككە  22- كەڭلىكتە ، قۇرئان كەرىمدىكى  ھەج سۈرىسىمۇ دەل  22- سۈرىدۇر .
33- كەڭلىك ۋە 35 – ئۇزۇنلۇق ، ئىسرائىل
قۇرئاندىكى  ئال ئىمران سۈرىسى ئىسرائىل دۆلىتىنىڭ  قايسى كەڭلىك ۋە قايسى ئۇزۇنلۇقتا  قۇرۇلىدىغانلىقىغا بىشارەت بەرمەكتە . ‹ ئال ئىمران › تىلىمىزدا ‹ ئىمران ئائىلىسى › مەنىسىدە .
ئىمران ئائىلىسى ئىسرائىل ئوغۇللىرى نەسلىدىن ، شۇنداقلا ‹ ئال ئىمران › سۈرىسىنىڭ  پەقەت  33- ۋە 35 – ئايەتلىرىدە ‹ ئىمران › سۆزى ئۇچرايدۇ . دىققەت قىلىنسا ، بۈگۈنكى ئىسرائىل دۆلىتىمۇ  33- كەڭلىك ۋە 35- ئۇزۇنلۇقتا .
جىنىس ۋە 23- خروموسوم  جۈپلۇكى
ئىنسانلارنىڭ ۋە باشقا جانلىقلارنىڭ گېن تۈزۈلۈشى خروموسوملار
غا باغلىق ھەمدەDNA لار بۇ خروموسوملارغا  ئورناشقان .
جىنىسنىڭ ئىنىقلىنىشى 23- خروموسوم جۈپلىكىگە باغلىق ، ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ 23- خروموسوم جۈپلىكى شەكىلدە بولسا ايال جىنىسلىق ،  شەكىلدە بولسا ئەر جىنىسلىق بولىدۇ . ماس ھالدا قۇرئان كەرىمدە ‹ ئەر › ھەم ‹ ئايال › سۆزى ئايرىم – ئايرىم  23 قېتىم تەكرارلىنىدۇ .
ھەرىنىڭ  گېن نۇمۇرى
جانلىقلارنىڭ  گېن شىفىرى بولغان  د ن ا لار خروموسوملاردا ئورناشقان ، مەسىلەن ، دۇنيانىڭ  ھەر يېرىدىكى  ھەرىلەرنىڭ خروموسوم  سانى ئوخشاش ھەم ئۆزگەرمەستۇر .
ئومومەن ، ھايۋانلارنىڭ  چىشى ۋە ئەركىكىدە ئوخشاش خروموسوم بولىدۇ ، پەقەت ھەرىنىڭ ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ ، چۈنكى ئەركەك ھەرە 16تاق خروموسومغا ، چىشى ھەرە  16 جۈپ خروموسومغا  ئىگە .
قۇرئاندا  باش ماۋزۇسى ‹ نەھل (ھەرە ) ›  ئىسمىدە  بولغان بىر سۈرە بار ،
بۇ سۈرە دەل 16 – سۈرىدۇر .
ئېشەك  ۋە  31 – 62 – سۈرە
قۇرئان كەرىمنىڭ بىر قانچە  يېرىدە ئېشەك سۆزى ئۇچرايدۇ ، پەقەت ‹لوقمان ›(31- سۈرە ) ۋە  ‹جۇمۇئە › (62- سۈرە )  سۈرىلىرىدە  تىلغا ئېلىنغان بىردىنبىر  ھايۋان ئېشەكتۇر . مانا بۇ نۇقتىدا  يەنە بىر قىزىقارلىق  ئەھۋالغا دۇچ كېلىمىز ، چۈنكى ئېشەكنىڭ  خروموسوم سانى  سۈرە  نۇمۇرى  بىلەن بىرمۇ بىر ئوخشاش .  ئېشەك  تۈرىدە  31 جۈپ ، يە نى 62 تال خروموسوم بار . ئەنە شۇ سۈرىلەرنىڭ  نۇمۇرلىرىمۇ  31 ۋە 62 .
بۇ كىتابتا يەنە نۇرغۇنلىغان زامانىۋى بىلىملەرنى  پەن ۋە دىن نۇختىسىدا تۇرۇپ چۈشەندۈرۈپ ، زامانىۋى پەن - تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنىلەر تەرەققىي قىلىپ ، ئەمدىلەتىن بايقىلىۋاتقان  مەسىسىلەرنىڭ بۇندىن 14 ئەسىر بۇرۇن مەيدانغا كەلگەن  قۇرئان كەرىمدە ئوچۇق  بايان قىلىنغانلىقىنى  بىزلەرگە  بىلدۈرگەن .
بۇ  پەقەت دېڭىزنىڭ بىر تامچىسى خالاس .
يەنە؛
دوكتۇر تارىغئەل سۋائدىن قۇرئان كەرىمدىكى بەزى ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان بىر نەرسە بىلەن يەنە بىر  نەرسە ئوتتۇرسىدا ئوخشاشلىق بارلىقىنى بايقىغان. مەسىلەن،  دوكتۇر بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرلەپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق قۇرئان كەرىمدە كۆرۈلۈش قېتىم سانى ئوخشاش بولغان سۆزلەر ئوتتۇرسىدا ماس كېلىش بارلىقىنى بايقىغان.
   ئەرەب تىلىدىكى قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان بەزى سۆزلەرنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان كۆرۈلۈش قېتىم سانىغا دېھقەت قىلىڭ.
دۇنيا 115 قېتىم ، ئاخىرەت 115 قېتىم
پەرىشتىلەر  88 ، شەيتان 88
ھايات 145 ،ئۆلۈم 145
پايدا 50 ،زىيان 50
ئادەملەر 50 ،پەيغەمبەرلەر 50
ئىبلىس 11 ،ئىبلىسنىڭ شەررىدىن پاناھلىق تىلەش 11
مۇسىبەت 75 ،ئاللاھ غا رەھمەت ئېيتماق 75
سەدىقە 73  ،مەمنۇنلۇق 73
ئازغان بەندىلەر 17 ،ئۆلگەن كىشىلەر 17
مۇسۇلمانلار 41 قېتم ، جىھاد 41 قېتىم
ئالتۇن(بايلىق) 8 ،جاپا-مۇشەققەتسىز تۇرمۇش 8
سېھرىگەرلىك 60 ، پىتنە 60
زاكات 32 ، بەراكات 32
ئەقىل 49 ،نۇر 49
تىل 25 ،ئىلىم ئۆگىتىش 25
ئوچۇق-ئاشكارا (ئىلىم) سۆزلەش 18 ،دەۋەت 18
جاپا-مۇشەققەت 114 ،سەۋىر 114

ئەر 23 ، ئايال 23  
  تۆۋەندىكى  سۆزلەرنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى كۆرۈلۈش قېتىم سانى كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ .
  سالات(ناماز) 5 ،ئاي 12 ، كۈن 365
دېڭىز 32 قېتىم ،قۇرۇقلۇق 13 قېتىم .
يەر شارىنىڭ تاشقى يۈزى دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتىن  تەركىب تاپىدۇ.
(دېڭىز)32 +( قۇرۇقلۇق) 13 =45
دېڭىز= 32 \45 =0.711111111=  %   71.11111111
قۇرۇقلۇق=13\45= 0.288888889= % 28.88888889
ھازىرقى زامان ئىلغار پەن-تېخنىكىسى پەقەت يېقىنقى نەچچە يىلدا سۇ يەر شارىنىڭ 71.111 % نى ،قۇرۇقلۇق بولسا 28.889 % نى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى.
  ئەجىبا بۇلارنىڭ ھەممىسى تەساددىپى توغرا كېلىپ قېلىشمۇ؟ مۇھەممەد پەيغەمبەرگە بۇلارنى زادى   كىم  ئۆگەتكەن؟ ھەر قانداق بىر ئەقىل  ئىگىسى بۇنىڭ جاۋابىنى تەبىئي ھالدىلا ئويلاپ يىتەلەيدۇ. بۇلارنى ھەممىگە قادىر ئاللاھ تائالا ئۆگەتكەن.
  بۇ ماتىريالنى دوستلىرىڭىزغا يەتكۈزۈپ بېرىڭ.
  ئاللاھ ھەممە قېرىنداشلارنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي! ئامىن
...............................................................................     
   
     مەن 1994-يېللېق مېللەتلەر ئېتتپاقلىقى جورنىلىدا ئېلېكتىرونلۇق مېڭە ئاستىدىكى قۇرئان كەرىم دىگەن تېمىدا مۇشۇنداق سان-سىپىرلىق مۆجىزەلەرنى ئوقۇغانتىم  .ئۇنڭدا قۇرئاننىڭ 19بىلەن بولغان ئاجايىپ  مۇناسىۋەتلىك مۆجىزەلەرىنى بايان قىلغان ئىكەن.بۇنى مەن ئېسىمدەقالغىنى بويىچە قىرىنداشلارغا يەتكۇزەي.
            ئىلىكتىرۇنلۇق مىڭە ئاستىدىكى قۇرئەن كەرىم
قۇرئان كەرىم دۇنياغا نازىل بولغىلى 1400-يىلدىن ئاشتى .بۇ جەرياندا نورغۇنلىغان كىشىلەر ئوخشىمىغان نوقتىدىن تۇرۇپ قۇرئان كەرىمنى تەتتىق قىلىپ كەلدى .ئىلىكتىرۇنلۇق پەن تىخنىكىنڭ ئۇچقاندەك راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ،بىر قىسىم كىشىلەر قۇرئان كەرىمنى ئىلىكتىرۇنلۇق مىڭنىڭ شىفىرىگە تەرجىمە قىلىپ چىقتى ۋە بۇئارقىلىق ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئاجايىپ مۆجىزىلىك سان-سفىرلارنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەنقۇرئاندىن ئىبارەت  بۇمۇقەددەس كىتاپنى ئىنساننىڭ يىزىپ چىقىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتى ،تۆۋەندە ئىلىكتىرۇنلۇق مىڭە ئارقىلىق بايقالغان بىر قىسىم مۆجىزىلىك سانلارنى كۆپچىلىككە سۇنىمىز:
1.قۇرئان كەرىمنىڭ بىرىنجى جۇملە ئايىتى <<بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم >>بولۇپ ،بۇ جۇملە ئەرەبچە <<ئىسىم،اللە،رەھمان،رەھىم>>دىن ئىبارەت تۆت سۆزدىن ھەم 19 ھەرپتىن تەركىپ تاپقان.  ،پۇتۇن قۇرئان  كەرىمدە يۇقارقى تۆت سۆزنىڭ ئومۇمى تەكرارلىنىش قىتىم سانى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 19نىڭ ھەسسىسىگە توغرا كىلىدۇ.(يەنى19غا پۇتۇن بۆلىنىدۇ)
2.قۇرئان كەرىمدە جەمئى 114سۈرە بولۇپ ،9-سۈرە  سۈرە تەۋبىدىن باشقىلىرى (بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم )بىلەن باشلانغان .يەنى (بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم )بىلەن باشلانغان 113سۈرە بولۇپ بۇنىڭغا يەنە بىر سۈرىنىڭ ئچىدىكى يەنى سۇلايمەن ئەلەيھىسسالامنىڭ بىلقىسقا
يازغان مەكتۇبى بايان قىلىنغان ئايەتتىكى (بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم)نى قوشقاندا  جەمىئى  (بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم )بىلەن باشلانغان سۈرە 114بولىدۇ.  114بولسا 19نىڭ 6ھەسسىسىدۇر،
3.قۇرئان كەرىمنىڭ ئىككىنچى سۈرىسى سۈرە بەقەرە بولۇپ بۇ سۈرە (ا ل م)(ئەلىف،لام،مىم) دىگەن ئەرەبچە يالغۇز ھەرىپلەر بىلەن باشلان-
غان،بۇ ھەرىپلەرنىڭ مەزكۇر سۈرە ئىچىدىكى ئومۇمى تەكرار لىنىش قىتىم سانى ئايرىم-ئايرىم ھالدا19نىڭ ھەسسىسىگە توغرا كىلىدۇ.(يەنى 19غا پۇتۇن بۆلىنىدۇ)(ھەر بىر ھەرىپنىڭ تەكرارلىنىش قىتىم سانى ۋە 19نىڭ قانچە ھەسسىسى بولىدىغانلىقى ئىنىق ئىسىمدە قالماپتۇ،كەچۇرگەيسىزلەر).
4.قۇرئان كەرىمدە يۇقارقىدەك يالغۇز ھەرىپلەر بىلەن باشلانغان سۈرىلەردىن جەمئى29سۈرە بولۇپ ،شۇ يالغۇز ھەرىپلەرنىڭ شۇ سۇرە ئچىد-
ىكى تەكرارلىنىش قىتىم سانى ئايرىم -ئايرىم ھالدا 19نىڭ ھەسسىسىگە توغرا كىلىدۇ(يەنى 19غا پۇتۇن بۆلىنىدۇ). مەسىلەن قۇرئان كەرىمدىكى قاف سۈرىسى (ق )بىلەن باشلانغان بولۇپ بۇ ھەرىپنىڭ مەزكۇر سۈرە ئچىدىكى تەكرار لىنىش قىتىم سانى 19نىڭ ھەسسىسىگە توغرا كىلىدۇ،يەنى 19غا پۇتۇن بۆلىنىدۇ.ياسىن سۈرىسى ئەرەبچە (يس)(ياسىن)دىگەن ئىككى يالغۇز ھەرىپ بىلەن باشلانغان بولۇپ بۇ ئىككى ھەرىپنىڭ بۇ سۈرە ئىچىدىكى تەكرارلىنىش قىتىم سانى 19غا پۇتۇن بۆلىنىدۇ(19نىڭ ھەسسىسگە توغرا كىلىدۇ).  پۈتۇن قۇرئان كەرىمدە مۇشۇنداق يالغۇز ھەرىپلەردىن 80دىن ئارتۇق بولۇپ،ھەممىسىنىڭ شۇ سۈرىلەر ئچىدىكى سانى19نىڭ ھەسسىسىگە توغرا كىلىدۇ،بۇنىڭ توغرىلىقىغا قىل سىغمايدۇ،ھەرقانداق ئادەم  ھىسابلاپ كۆرسە بولىۋىرىدۇ .
5.قۇرئان كەرىمدە نورغۇنلىغان سان-سفىرلار تىلغا ئىلىنغان .مەسىلەن :1000يىل ،1000ئاي ،40كۇن ،12بۇلاق ،قاتارلىقلار. قۇرئاندا تىلغا ئىلىنغان بارلىق سان-سفىرلارنى قوشقاندا كىلىپ چىققان سان يەنە 19نىڭ ھەسسىسىگە توغرا كىلىدۇ،(يەنى 19غا پۇتۇن بۆلىنىدۇ)
بۇسانلارنىڭ بەزىلىرى بىر قانچە يەردە تىلغا ئىلىنغان بولۇپ تەكرارلانغانلىرىنى چىقىرىۋەتكەندىن كىيىنكى جۇغلانما سان يەنە 19نىڭ  
ھەسسىسگە توغرا كىلىدۇ (يەنى19غا پۇتۇن بۆلىنىدۇ).
6.قۇرئان كەرىمنىڭ ئەڭ دەسلەپكى نازىل بولغان    ئەلەق سۈرىسى سۈرە تەرتىبى بويىچە 96-سۈرە بولۇپ بۇ سۈرە ئاياغدىن سانىغاندا (يەنى 114-سۈرىدىن باشلاپ باشلام تەرەپكە سانىغاندا) 19-سۈرىدۇر. بۇ سۈرىنىڭ بىشىدىكى (ئوقۇ،ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقىغىن،ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى ،ئوقۇ،پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر،ئۇ ئىنسانغا قەلەم بىلەن خەت يىزىشنى ئۇگەتتى،ئىنسانغا بىىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۇردى ) دىگەن بەش ئايەت مۇھەممەد ئەيھىسسالام ھىرا غارىدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقاندا  اللە تەرىپىدىن جىبرىئلنىڭ ۋاستىسى بىلەن چۇشۇرۇلگەن تۇنجى ۋەھىيدۇر،  بۇ بەش ئايەت جەمئى 19 ئەرەبچە سۆزدىن تۈزۇلگەندۇر.
بۇبەش ئايەت قۇرئان كەرىمنىڭ ئوسمانى نۇسخىسى (قۇرئاننىڭ ئەڭ دەسلەپكى نۇسخىسى )بويىچە ھىسابلىغاندا  76ئەرەبچە ھەرىپتىن  تۇزۇلگەن بولۇپ ،76بولسا 19نىڭ 4ھەسسىسىدۇر، بۇ ئەلەق سۈرىسى يەنە 19 ئايەتتىن تۈزۇلگەن سۈرىدۇر ،
قۇرئان كەرىمنىڭ بۇ 19دىن ئىبارەت ئاجايىپ مۆجىزىلىك سان بىلەن نىمە ئۈچۇن  بۇ قەدەر زىچ  مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىگە ۋە بۇ نىڭ سەۋەبىگە ھازىرغىچە ھىچ بىر ئىنسان جاۋاپ بىرەلىگىنى يوق .
ماقالىدە تىلغا ئىلىنغان سان-سفىرلار تۇگىدى .
بىر قىسىم كىشىلەر قۇرئان كەرىمنىڭ 19دىن ئىبارەت بۇ سان-سىفىرلىك مۆجىزىلىرىنى مۇلاھىزە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:قۇرئانى كەرىمدە ؛ <<بىز دەۋزەخ پەرىشتىلىرىنىڭ سانىنى 19 قىلدۇق ،بۇ ئارقىلىق كاپىرلارنى سىنىدۇق ،تاكى ئەھلى كىتاب (يەھۇدى ۋە ناسارالار) بۇ ساننى ئۆزلىرىنىڭ   كىتابلىرىدا كۆرۇپ (ئسلامنىڭ ۋە قۇرئاننىڭ )ھەق ئىكەنلىكىگە ئىمان ئىيتقاي>>.دىگەن مەزمۇندا ئايەت بار ،
ھازىر نەزەر سالىدىغان بولساق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ياشىغان  دەۋەرلەردە كومپىيۇتىر ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس .مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئوقۇمىغان ساۋاتسىز كىشىدۇر .  بىر كىشى ئەسەر يازار بولسا يازماقچى بولغان ئەسىرىگە مەخسەتلىك ھالدا بىر قىسىم سان-سفىرلارنى قوشماقچى بولسا بۇ سان-سىفىرلارنىڭ ئەسەرنىڭ سۈپىتىگە دەخلى يەتكۇزىشىدىن ئەنسىرەيدۇ ،ئەمما 19دىن ئىبارەت بۇ مۆجىزىلىك
سان پۇتۇن قۇرئان كەرىمگە شۇ دەرىجىدە بىرىكىپ كەتكەنكى ئۇ قۇرئاننىڭ پاساھەت ۋە بالاغىتىگە ھىچ قانداق تەسىر يەتكۇزمىگەن .
زامانىمىزدە ھىچ قانداق يازغۇچى كومپىيۇتىردا ھەرىپ تىزىش ئارقىلىقمۇ سان-سىفىرلارنى ئۆز ئەسىرىگە مۇنداق زىچ بىرىكتۇرەلمىگەن
ھەم بىرىكتۇرەلمەيدۇ. يەنە مۇلاھىزە قىلساق كومپىيۇتىرنى كەشىپ قىلغۇچىلار ناسارالار بولۇپ ،بۇگۇنكى كۇندە ئۇلار قۇرئانى كەرىمنىڭ 19بىلەن بولغان مۆجىزىلىك باغلىنىشىنى ئىلىكىتىرۇنلۇق مىڭىدە تەتقىق قىلىپ 19دىن ئىبارەت بۇ مۆجىزىلىك ساننى كۆرگىنىدە ۋە اللەنىڭ يۇقارقى ئايىتىنى ئاڭلىغىنىدا ، ئسلامنىڭ ۋە قۇرئاننىڭ ھەق ئىكىەنلىكىگە ئىشەنمەسلىىگە نىمە پاكىتى بولسۇن؟؟؟؟!!!!!!!!
اللە مۇنداق دەيدۇ:<اللە قۇرئاننى ئۆز ئىلمى بىلەن نازىل قىلدى ،>.
اللە ھەممىمىزنى ئسلامغا ھىدايەت قىلسۇن .
قىرىنداشلىرىمغا قۇرئاننىڭ مەن ئاڭلىغان يەنە بىر مۆجىزىسىنى ئىيتىپ بىرەي:اللە قۇرئاندا << بىز قوياشنى نور چاچقۇچى ،ئاينى يورۇق قىلىپ ياراتتۇق.>>دىگەن .ئايەتتىكى  ئاينى يورۇق قىلىپ ياراتتۇق  دىگەن كەلىمە ئاينىڭ يورۇق قىلىنغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ،بۇگۇنكى كۇندە ئاستورونۇمىيە ئىسپاتلىدىكى ،ئاينىڭ ئۆزىدىن يورۇقلۇق چىقمايدۇ ،ئۇ پەقەت قۇياشتىن قايتقان يورۇقلۇقتۇر،دىمەك ئاي
قۇياش نورى ئارقىلىق يورۇق قىلىنغان .مۇلاھىزە قىلساق ئايەتتە ئىنىق ھالدا ئاينىڭ ئۆزىدىن يورۇقلۇق چىقمايدىغانلىقى ئىيتىلغان ،  
ئويلاپ كۆرگەن كىشىگە قۇرئاننىڭ ھەقىقەتەن اللەنىڭ سۆزى ئىكەنلىكى ئاشكارا بولماسمۇ؟؟    چۇنكى قۇرئان نازىل بولغان چاغدىكى
كىشىلەر ۋە يىقىنىقى زامانغىچە كىشىلەر بۇ ئاستورنومىيلىك بىلىمدىن بىخەۋەر ئىدى .

اللە توغرىسىنى بىلگىچىدۇر.

يۇقارقى ئىلمى دەلىللەر قۇياشتەك پارلاپ تۇرسىمۇ، ئاللاھقا ئىشەنمەي يۈرۈش. قىپقىزىل نادانلىقنىڭ ئالامىتى!؟!؟! ....
.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش