|
|
|
|
سەئۇدى ئەرەبىستانى
The Kingdon of Saudi Arabia
بەخت قۇملۇقى
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ تولۇق نامى < سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقى بولۇپ> بولۇپ، ئاسىيانىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئەرەب يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان.دۆلەت نامى پادىشاھلىقنىڭ قۇرغۇچىسى ئىبىن سەئۇدى(1880-1953)نىڭ ئىسمىدىن كەلگەن بولۇپ،سەئۇدى جەمەتىنىڭ نامى بىلەن ئەرەب سۆزىنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن. بۇ دۆلەتنىڭ <سەئۇدى> نامىدا ئاتىلىشى سەئۇدى جەمەتىنىڭ پادىشاھلىققا كۆرسەتكەن تارىخىي رولىنى تەغدىرلەش سەۋەبىدىن بولغان،سەئۇدى جەمەتى 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا باش كۆتۈرۈپ چىققان بولۇپ،ئۇلارنىڭ ئەسلى زېمىنى ئۆز ۋاقتىدىكى ناجىددىكى<دىرائىيە> ئىدى. <دىرائىيە> كىچىك بىر يۇرت بولۇپ، خەلىپىسى مۇھەممەت ئىبنى سەئۇدى ۋاھابىلارنىڭ قۇرغۇچىسى ۋاھابى بىلەن ھەمكارلىشىپ ،تۇنجى سەئۇدى پادىشاھلىقىنى قۇرغان ۋە تۇرك ئىمپىرىيىسىگە بېقىنغان. شۇنىڭدىن كىيىن 150 يىل مابەينىدە سەئۇدى دۆلىتىنىڭ زېمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەن .1902-يىلى ئىبىن سەئۇدى رىيادنى ئىشغال قىلغان،1913-يىلى ئۇ ناجىت سۇلتانى بولۇپ،ئۇزۇن يىللىق ئۇرۇشلاردىن كىيىن ھۈسەيىننى مەغلۇپ قىلىپ ،ناجىت ۋە ھىجان قاتارلىق كەڭ زىمىنلارنى بىرلىككە كەلتۈرىدۇ ۋە 1926-يىلى ئۆزىنى پادىشاھ دەپ جاكارلايدۇ .<ئەرەب> سۆزى ئەڭ بۇرۇن مىلادىدىن بۇرۇنقى 853-يىلى ئاسسۇرىيە ئابىدىلىرىدە كۆرۈلگەن،يەنى <ئەرەبىيە>بولۇپ ،سۈرىيە چۆللىرىدىكى كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەر بەدىۋىلەرنى كۆرسىتىدۇ ،بۇنىڭ ئەرەبچىدىكى مەنىسى <قۇملۇق ،چۆللۈك >بولۇپ ، <سەئۇدى>نىڭ مەنىسى <بەخت،بەختلىك> بولىدۇ ، شۇڭا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەنىسى <بەخت قۇملۇقى>دىگەنلىك بولىدۇ . 1932-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى دۆلەت نامى سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقى قىلىپ بېكىتىلگەن بۇلۇپ ،سەئۇدى خان جەمەتىنىڭ ئەرەب دۆلىتى دىگەن مەنىسى بار .
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ يەر مەيدانى 2.24 مىليون كۋادرات كىلومېتىر ،ئاھالىسى 18مىليون ،كۆپچىلىكى ئەرەبلەر بولۇپ،%15 ئەتراپىدا چەتئەل مۇھاجىرلىرى بار ، ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى ھىسابلىنىدۇ .ئەرەب تىلى ھۆكىمەت تىلى ، ئىنگىلىز تىلى ھەم كەڭ قوللىنىلىدۇ . پايتەختى رىياد . پۇل بىرلىكى رىيال .
مەنبە : دۆلەت ۋە رايونلار نامىنىڭ كېلىش تارىخى .( شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشرىياتى نەشىر قىلغان)
كۈندە بىر دۆلەت توغرىسىدا يوللىنىدۇ
|
|
|
|
|
|