يىپەك يولى،تور سودىسى ۋە ئۇيغۇرلار
يىپەك يولى ئىنسانىيەت يىقىنقى زامان سودا تارىخىدىكى ئۇلۇغ بىر نامايەندە ھىساپلىنىدۇ،ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە سودا ئالاقە ئالماشتۇرۇشىنى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىياتلارغا ۋە قولايلىقلارغا ئېرىشتۈرگەن يىپەك يولىنى ياراتقانلار مەركىزى ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت ئاۋانگارتلىرى دەپ ئاتالغان سودا ھۆجەيرىلىرى توغما كىلىدىغان،پاراسەتلىك ئۇيغۇرلاردۇر.
يىپەك يولى گۈللىنىپ تاكى تاشقى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن خارابلاشغۇچە بۇلغان ئۇزۇن ۋاقىتلاردا ،مەرد-مەردانلىكى،سەممىمىي-راستچىللىقى،ھازىرجاۋاپ چاققانلىقى بىلەن ئۇيغۇرلار يىپەك يولىدىكى ئەڭ ئەقىللىق ۋە ئۇستا سودىگەرلەردىن بۇلغان ئىدى.فارىس،ئەرەپ ھەتتاكى ياۋروپا ئەللىرىگىچە،جوڭگۇنىڭ قەدىمكى سەدىچىن ئەتراپىدىكى شەھەرلەرگىچە،سودا كارۋانلىرى بارغانلىكى جايلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزى بارلىقى تارىخىي خاتىرىلەردىن مەلۇم.
ئەلقىسسە زامان چاقلىرى چۆرگىلەپ،ئىنسانىيەت 21-ئەسىردە تۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە،يەرشارلىشىش،ئىتىرنىت،ئۇچۇر-ئالاقە دۇنيانىڭ ئاساسلىق ئېقىمىغا ئايلاندى،
بۇرۇنقى يىپەك يولىمۇ يېڭىچە سودا ئۇسۇلى يېڭىچە قىممەت قارىشى بىلەن تولۇق قۇرالىنىپ،بۈگۈنكى زامان سودا شەكلىنى بارلىققا كەلتۈردى، بۈگۈنكى زامان سودىسىدا تور ۋە ئۇچۇرنىڭ تىزلىكى، توغرىلىقى بىلەن سودىدىكى پايدا-زىيان بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالدى.
تور سودىسى زامان ، ماكان ۋە ئورۇننىڭ چەكلىمىسگە ئۇچرىمايدىغان بىرخىل زامانىۋى سودا شەكلى بۇلۇپ،بۇخىل سودا شەكلىدە ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچى ھەر ئىككىلا تەرەپ ۋاقىت،تەنەرىخنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە تىجەلەيدۇ،پايدا ئىپتىدائىي سودا شەكلىگە قارىغاندا كۆپ يۇقىرى بولىدۇ.
تور سودىسى پۈتۈن دۇنيادىكى ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچىلارغا نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى ئىلىپ كەلدى ، شۇڭىلاشقا بارلىق كىشىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرشىپ ،پۇتۈن يەرشارىغا شىددەت بىلەن كېڭەيمەكتە.
تور سودىسى يۇقىرىقى ئالاھىدىلىكى بىلەن خەلقئارادىكى ھەم يىڭى ، ھەم ئىستىقباللىق سودا شەكلىگە ئايلاندى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر ئىھتىياجىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدى .2009-يىلىدىن باشلاپ دۆلىتىمىزنىڭ تور سودىسى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىپ تور سودىسى قىلىدىغانلارغا يىڭى بىر پۇرسەت ئېلىپ كەلدى.
ئېنقلانغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا دۆلىتىمىزدە 2011-يىلى تور سودا سىتىش ئومۇمى سوممىسى 6 مىليارد 388 مىليون يۈەن بولغان.
2012-يىلى 11 مىلياردنى 960 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ توردا مال سېتىۋالىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ھازىرقى زامان ياشلىرىنى ئاساس قىلىدۇ،دېمەك بۇ كەسىپ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ تەرەققى قىلىدۇ،ئىستىقبالى زور ۋە پارلاق،دۆلىتىمىزدە چوڭ كىچىك بولۇپ نەچچە مىڭدىن ئارتۇق تور سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سودا تور بېكەتلىرى بار، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ تەرەققى قىلغىنى تاۋباۋ سودا تورى ،جىندۇڭ ۋە يىشۇن قاتارلىقلار ،تور سودىسى بىلەن شۇغۇلىنىۋاتقان ئادەم سانى ئۇن مىليونغا يىتىدۇ .،لېكىن ئۇن نەچچە مىليونغا نوپوسقا ئىگە ئۇيغۇرلارنىڭ تور سودىسىدا بىرەر نەتىجە يارىتالمىغانلىقى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ ۋە ئىچىندۇرىدۇ،
مەسىلەن ھازىرقى زامان سودىسىنىڭ سەردارى بۇلغان تور سودىسى بۇرۇنقى يىپەك يولىنىڭ كارۋانلىرى ئاتالغان ئۇيغۇرلاردا تېخى بىخ ھالەتتە تۇرماقتا.ئىنىقسىز مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئۇيغۇرلاردا تورغا چىقىدىغانلار1 مىليون ئەتراپىدا دەپ مۆلچەرلەنمەكتە، لېكىن كەسپىي ياكى مەخسۇس تور سودىسى بىلەن شۇغىلىندىغانلار3000 مىڭغىمۇ يەتمەيدۇ.لېكىن بۇ تۇرغۇن ئەھۋال ئەمەسلىكى ھەممىزگە ئايان، چۈنكى ئۇيغۇرلار
ئىنتېرنېت بىلەن ئۇچراشقان مۇشۇ قىسقىغىنا نەچچە يىل مابەينىدە زور بۆسۈش ۋە تەرەققىياتلارغا ئىرىشتى ، تور بەتلەرنىڭ سانى جەھەتتە بولسۇن ياكى تور بېكەتلەرنىڭ سۈپىتى جەھەتتە بۇلسۇن،جۇڭگودىكى باشقا 54 ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۇمۇمىي يىغىندىسىدىنمۇ كۆپ ھەم سۈپەتلىك.
ئۇيغۇرلارنىڭ تور سودىسىدىمۇ تېرىشىش ۋە ئىزدىنىش ئەھۋاللىرى ئۇچراۋاتىدۇ،مەسلەن
تاۋارىم سودا تورى،شىنجاڭ سودا تورى،ئايغىنىم سودا تورى قاتارلىقلار توختىماي يول ئىچىپ ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، لىكىن يەنىلا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى نەچچە مىڭ ئادەمنى ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرغىدەك،يىللىق سودا سوممىسى مىلياردقا يەتكۈدەك كۆلەم ۋە بازار شەكىللەنمىدى.ئاساسلىق ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر چۈشەنمەسلىك،ئىشەنمەسلىك ئەڭ مۇھىمى
ئۇيغۇر رايۇنىنىڭ تور قاپلىنىشى تۆۋەن ۋە تارقاق بۇلۇشى،ئىھتىياج ئاشالماسلىقىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرسى ھىسابلىنىدۇ، يەنە بىر نۇقتىدىن ئىلىپ ئىيىتقاندا ئۇيغۇر تور سودىسى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ
خېرىدار ھۇقۇقىنى قوغداشقا دائىر تەشۋىقات ۋە چۈشەندۈرۈشلىرى بەك ئاز ۋە يىتەرسىز،
تاۋارىم سودا تورى،شىنجاڭ سودا تورى،ئايغىنىم سودا تورى قاتارلىق ئۇيغۇر سودا تور بېكەتلىرى ئىشەنچىلىك بۇلغان ئۈچىنچى تەرەپ
سودا پۇل كاپالىتى تۈزۈمىنى قوللانغان بۇلسىمۇ،ئۇيغۇرلاردا تور سودىسىنىڭ ئىشەنچىلىك ۋە بىخەتەرلىكىگە بۇلغان گۇمان قىلىش،توردىن پۇل تېپىشقا ئىشەنمەسلىك يەنىلا مەۋجۈت،بۇلار يىڭى يىپەك يولىنىڭ يىڭى ئەسىردە
ئەمدىلەتىن قايتا ئۆزىنى تونۇۋاتقان ئۇيغۇر يىڭى زامان سودىگەرچىلىكىگە قۇيغان قىيىن بىر سۇئالى،تىرىشچان ئۇيغۇرلار يىڭى يىپەك يولىدا قانداق روللارنى ئالىدۇ؟تور سودىسى ۋە خەلىقئارالىق ئىلىكتىرونلۇق سودىلاردا
ئاكتىپلىق بىلەن يىڭى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرالامدۇ-يوق؟ئۇيغۇرلار بۇرۇنقى سودا شەكلى بىلەن يېڭىچە بۇلغان تور سودىسىنى ئىجادىي ھالدا بىرلەشتۈرەلەمدۇ؟ سودا مەدەنىيتىنى قايتا گۈللەندۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەمدۇ-يوق؟
بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر تور سودىسى ئۇچراۋاتقان قىيىنچىلىق ۋە پۇرسەت، يېڭىچە سودا شەكلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي سودا شەكلىگە چەكسىز سوئال ۋە قىيىنچىلىقلارنى سالماقتا.
بۇنداق بۇلىشىمۇ ياخشى ئەھۋال، يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش داۋامىدا ئۇيغۇر تور سودىسى مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرەققىيات ۋە پۇرسەتلەرگە ئېرىشىشى بىلەن بىرگە ھازىرقى زامان يىپەك يولىدىكى يەنە بىر ئۇلۇغ مۆجىزە يارىتىپ قىلىشى مۇمكىن.
مەنبە: