NASA: كائىناتتىكى ھازىرغىچە رەسىمگە تارتىلغان ئەڭ يىراقتىكى جىسىم
4 |5 b' @9 j: m9 E
9 A l ?% H* w% Q4 ~* C+ lبىلىمخۇمار
; j1 @2 Q# `: |& X& D" f7 m
2013-10-5
( a: l* ^( z" t8 O) O
/ n g9 u* r) ~1 b, I) K! F% W/ vبەزى تورداشلار مەندىن كائىناتتىكى ھازىرغىچە رەسىمگە تارتىلغان ئەڭ يىراق يۇلتۇزنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقىنىڭ قانچە نۇر يىلى ئىكەنلىكىنى سوراۋاتىدۇ. بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن، مەن ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى ئىككى ئۇقۇمنى ئازراق چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن. خېلە كۆپ ئوقۇرمەنلەر بۇ ئۇقۇمنى ئوبدان بىلىدىغان بولۇپ، مەنمۇ ئۇلارنى بۇرۇن بىر قانچە قېتىم چۈشەندۈرۈپ بولدۇم. ئەمما، مۇشۇ ئۇقۇملارغا ئائىت سوئاللارنىڭ ئايىغى زادىلا ئۆزۈلمەيۋاتىدۇ.
3 F" b: J& z5 c% r& P
- v; b! }3 e: L' m) G
1.نۇر يىلى
) @; k& q4 T e7 D$ c s# T8 H
' V8 ]5 `1 `2 |$ w! [3 V+ e
نۇر يىلى ئاسترونومىيەدە ئىشلىتىلىدىغان ئارىلىق بىرلىكى بولۇپ، ئۇ نۇرنىڭ بىر يىل ۋاقىت ئىچىدە باسىدىغان مۇساپىسىنى كۆرسىتىدۇ. كائىناتتىكى جىسىملارنىڭ ئارىلىقلىرى بەك يىراق بولغاچقا، ئۇنداق ئارىلىقلارنى بىز ئادەتتە ئىشلىتىدىغان ئۇزۇنلۇق بىرلىكى «كىلومېتىر» بىلەن ئۆلچەپ بولغىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، بىزگە ئاخشىمى ئاسماندا كۆرۈنىدىغان يۇلتۇزلارنىڭ ئىچىدىكى بىزگە ئەڭ يېقىن يۇلتۇزنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى 4.26 نۇر يىلى بولۇپ، بىر نۇر يىلى تۆۋەندىكىدەك ئۇزۇنلۇققا تەڭ:
2 A, Z3 Y# x l# }, e9 A( X
8 O$ O6 l) c% L5 L
بىر نۇر يىلى دېگىنىمىز (365 كۈن) x (24 سائەت) x (60 مىنۇت) x (60 سېكۈنت) x (300000 كىلومېتىر/سېكۇنت) بولۇپ، بۇ يەردىكى ئەڭ ئاخىرقى سان نۇرنىڭ تېزلىكىدىن ئىبارەت. يەنى نۇر بىر سېكۇنتىغا 300 مىڭ كىلومېتىر ئارىلىققا ماڭىدۇ. يۇقارقى سانلارنى ئۆز-ئارا كۆپەيتسەك (يۇقىرىدىكى « x » كۆپەيتىش بەلگىسى):
- P4 u+ H- R! v+ {& d. Q
" \8 u& ^( z/ @3 f
بىر نۇر يىلى = 9،460،730،472،580،800 مېتىر
" \, X8 N- j2 P/ ^, a
Bir nur yili = 9,460,730,472,580,800 métir
4 L% S7 Y/ b0 I9 l0 `# R/ R$ @
) i; x) e* h( R4 A
' m# k7 J9 \2 s/ m) B4 h9 ?
2.يۈز نۇر يىلى يىراقلىقتىكى يۇلتۇزنى كۆرۈش
9 P# w9 J4 m( |; l) f# S9 Y, |" y" f& X% }, r3 v# E# N
بىز ئاسماندىكى بىر يۇلتۇزنى كۆرگەندە، ئاشۇ يۇلتۇزدىن بىزگە كەلگەن نۇرنى كۆرىمىز. ئەگەر بىز بىر 100 نۇر يىلى يىراقلىقتىكى يۇلتۇزنى كۆرگەن بولساق، ئۇ يۇلتۇزدىن چىققان نۇرنىڭ بىزگە يېتىپ كېلىشى ئۈچۈن 100 يىل ۋاقىت كېتىدىغان بولغاچقا، بىزنىڭ كۆرگىنىمىز ئاشۇ يۇلتۇزنىڭ بۇنىڭدىن 100 يىل ئىلگىرىكى ھالىتى بولىدۇ. ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ ئىچىدىكى بىزگە ئەڭ يېقىن يۇلتۇزنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى 4.26 نۇر يىلى بولغاچقا، بىزنىڭ كۆرگىنىمىز ئاشۇ يۇلتۇزنىڭ بۇنىڭدىن 4.26 يىل ئىلگىرىكى ھالىتى بولىدۇ. قالغان يۇلتۇزلار بولسا بىزدىن تېخىمۇ يىراقتا بولۇپ، بىزنىڭ كۆرگىنىمىز ئۇلارنىڭ تېخىمۇ بۇرۇنقى ھالىتى بولىدۇ. شۇڭلاشقا مەن بارلىق قېرىنداشلاردىن بۇ ئۇقۇمنى مۇشۇ يەردىلا ئوبدان چۈشۈنىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
, N- x4 O. f Y t' E
& Y4 D N# n0 c) n7 Qئەمدى ئەسلى تېمىغا كېلەيلى. 2012-يىلى ئاۋغۇست ۋە سىنتەبىر ئايلىرى ناسا «خابۇل ئالەم تېلېسكوپى» (Hubble Space Telescope) بىلەن تۆۋەندىكى رەسىمنى تارتقان بولۇپ، 2012-يىلى دىكابىردا بىر گۇرۇپپا ئالىملار مەزكۇر رەسىمدە يەر شارىدىن 13 مىليارد نۇر يىلى يىراقلىقتىكى يېڭىدىن شەكىللىنىۋاتقان گالاكسىلەرنىڭ بارلىقىنى ئېلان قىلدى. يەنى، بۇ قېتىم كامېراغا چۈشكىنى بىر قانچە گالاكسى (يۇلتۇزلار توپلىمى) لەرنىڭ بۇنىڭدىن 13 مىليارد يىلدىن بۇرۇنقى كۆرۈنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر رەسىمدە بۇ گالاكسىلەرنىڭ ئورنى رەڭلىك تۆت قىرلىق كاتەكچىنىڭ ئىچىدە كۆرسىتىلگەن. چوڭ پارتىلاش بولۇپ، كائىنات پەيدا بولغىلى ھازىر 13.7 مىليارد يىل بولغان بولغاچقا، يۇقىرىدىكى سۆز مۇنداق بىر ئىشتىن دېرەك بېرىدۇ: ناسا چوڭ پارتىلاش يۈز بېرىپ، 700 مىليۇن يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى بىر قىسىم ئەھۋاللارنى رەسىمگە ئېلىپ بولدى.
8 r* ^% G1 ]* L- y( d; j
8 w1 p3 j% y6 T- d& @+ k: I
تۆۋەندىكى 2-رەسىم 2013-يىلى تارتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا 10000 (ئون مىڭ) گالاكسىنىڭ سۈرىتى بار ئىكەن. كائىناتتا جەمى 200 مىليارد گالاكسى بار بولۇپ، بىز تۇرىۋاتقان سامان يولى گالاكسىدە 100 مىلياردتىن 400 مىلياردقىچە بولغان ساندىكى يۇلتۇزلار بار. سامان يولى گالاكسىنىڭ كەڭلىكى 100 مىڭ نۇر يىلى، قېلىنلىقى 3000 نۇر يىلى كېلىدۇ.
2 L' s; r( i( x4 N% s; F
9 t& L- K, Z1 I! n2 k
خۇلاسە: ناسا بىزدىن 13 مىليارد نۇر يىلى يىراقلىقتىكى بىر قىسىم گالاكسىلەرنى رەسىمگە تارتىپ بولدى. ئۇ رەسىمگە چۈشكىنى، ئاشۇ گالاكسىلەرنىڭ چوڭ پارتىلاش يۈز بېرىپ 600-700 مىليون يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى كۆرۈنىشلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
# K% L, i. {8 b3 u! g
5 d T5 A n$ S( ?
پايدىلىنىش ماتېرىيالى:
. \$ l% [) E+ k) y# o" e! A0 p( Nhttp://hubblesite.org/newscenter/archive/releases/2012/48/image/a/
/ j! {. V3 T0 m3 p _( v9 ^+ C% f, r( K9 w
رەسىم ئادرېسى:
6 V1 A% o2 S6 n$ M/ U
6 e' ~$ R' J2 j) f/ O+ ]
) |( b- F' c* r- e. i1 f
& w7 m6 H* a4 t$ L6 [* O* d- D7 p- B! L! X
: c7 Z9 F4 V# T: V& N, ^) A$ X
z/ C8 e, x( S* J1 D: { \
6 ]7 r+ [5 p5 v& S/ F8 Z% s: R) ^' {% u6 S. l {7 y, ~
# [8 o9 p8 h1 W! V6 {/ ^
8 U2 S i9 O: j) h, G: a% n) i8 f; f+ S/ ^( E1 R! _
: c% y) u# ~* z; j
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-6 12:01 PM
% |. f: q# r" \3 \7 ^
8 D Z' {0 _% T! q. n0 l+ e