مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 777|ئىنكاس: 13

چوڭلارغىمۇ ھېيىتلىق بېرىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1033
يازما سانى: 543
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10713
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 3453 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 02:53:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىچىگىمدە ھېيىت كەلسە شۇنداق خوشال بولۇپ كېتەتتىم، چۈنكى ھېيىتتا چوڭلاردىن ھېيىتلىق ئالاتتىم ئەمەسمۇ... ھەي بالىلىق...كەينىگە قايىتمايدىغان بالىلىق...

مەنمۇ ھېيىتلىق ئېلىپ ] ياش چوڭىيىپ قالسا چوڭلارمۇ ھېيىتلىق بەرمەيدىكەن،بىزمۇ كىچىكلەرگە ھېيىتلىق بېرىدىكەنمىز  بىراق كۆڭلىمنىڭ بىر يەرلىرى يەنلا  يېرىم،تازا خوشال ئەمەس،ياش چوڭىيىپ قالسىمۇ ھېيىتلىق ئالسا ئادەم ىوشاللىقتىن بالىلىققا قايتقاندەك بوپ قالىدىكەن،ئويلاپ قالدىم ئاتا ئانىلىرىمىزغىمۇ ئاز بولسىمۇ(يېتىشەلىسەك ئۇلارنىڭ ئەجرىگە قانچە قىلساقمۇ ئازلىق قىلىدۇ) ھېيىتلىق بەرسەك شۇلارمۇ بالىلىق تىكى خوشاللىقتىن بەھرىمان بولۇپ  باقسا،،،ھازىر ئەسلەپمۇ قالىمەن مەرھۇم ئانامغاۋاپات تېپىشتىن بىر-ئىككى يىل بۇرۇنقى ھېيىتتا ھېيىتلىق بەرسەم شۇنداق خوشال بولۇپ  خوشاللىقىدىن يىغلاپ كەتكەن ئىدى.شۇ چاغدا ئويلاپمۇ قالغان ئانامنى خوشال قىلىش ئۈچۈن بۇرۇنراق ھېيىتلاردا ھېيىتلىق بەرسەم بوپتىكەن ،بۇندىن كىيىن چوقۇم ھېيىتلاردا ئاللا نىسىپ قىلسا ئەڭ بۇرۇن ئانامغا ھېيىتلىق بېرىمەن دەپ.

ئەپسۇس..مىڭلارچە ئەپسۇس.شۇنى ئويلاپ بىريىل ئۆتۈپلا ئاللا ئانامدىن ئامانەتنى ئالدى. ئانامنىڭ تۈزۈك خىزمىتىنىمۇ قىلالماپتىكەنمەن ،ئەمدى بولسىمۇ يالغۇز قالغان دادامنى رازى قىلىۋالاي،خىزمىتىنى قىلىپ  دۇئاسىنى ئېلىپ ھېيىتلىق بىرىۋالاي......
چوڭلارغىمۇ ھېيىتلىق بېرىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91263
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 892
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 427 سائەت
تىزىم: 2013-2-6
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-6 02:47:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېيت كىلىپ قالدى، ياخشى تىما يوللاپسىز.
توغرا چوڭلارغىمۇ ھيېتلىق بىرىشىمىز كېرەك، مەن رۇزا ھېيتتا دادامغا باشتىن ئاخىر كىيىم ئالغانتىم، ئانامنىڭ قولىغا پۇل بەرگەنتىم. بۇ يىلمۇ شۇنداق قىلىمەن. ئاللا خالىسا

ئى ئاللا، خاتالىق ئۆتكۈزسەم باشقىلاردىن كەچۈرۈم سورىغۇدەك، باشقىلار خاتالىق ئۆتكۈزسە ئۇلارنى كەچۈرگىدەك جۈرئەت ئاتا قىلغىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95848
يازما سانى: 600
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 341 سائەت
تىزىم: 2013-6-6
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-6 02:54:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتىمۇ ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز! گەرگە ئاتا- ئانىمىز بىزنىڭ قولىمىزغا قاراشلىق بولمىسىمۇ، بالىلىرى بەرگەن ئازراق پۇلنى كۆرسە شۇنداق خوشال بولۇپ كېتىدىكەن، بەلكىم، مېنىڭ بالام  پۇل تاپقۇدەك بوپتۇ دەپ پەخىرلەنسە كېرەك!؟  ھەر ھېيتتا دادام-ئاپاملارغا بىرەر نەرسە ئېلىپ بەرسەم، قىزىم ئېلىپ بەردى دەپ شۇنداق خوشال بولۇپ كېتىشەتتى، ۋە تۇققانلارغا كۆرسۈتۈپ كېتەتتى.  بىزنىڭ ئازراق بەرگەن نەرسىمىزگە، ئاتا- ئانىمىز ئالەمچە خوشال بولىدىكەن. ئاتا- ئانىمىز ھايات ۋاختىدا، قەدىرلەيلى، ئۆزىمىز كەيمىسەكمۇ، ئىچمىسەكمۇ ئاتا- ئانىمىزنى رازى قىلايلى!  پۇلنى، مال- مۈلۈكنى تاپقىلى بولىدىكەن، ئاتا ئانىنى تاپقىلى بولمايدىكەن.......
نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا، مەن كاماندىروپكىغا ماڭغاندا دادام تېخى ساق ئىدى، مەن ماڭغان كۈنى ،دادام ئەتە ماڭسىڭىز بولمامدۇ بالام؟  سىزگە گېپىم بار ئىدى، دىگەن ئىدى، مەن، تەييار ماشىنىدا كېتىۋالاي، بولمىسا پويىزدا جاپا تارتىپ قالىدىكەنمەن دەپ ئۇنىماپتىكەنمەن، ئىككى كۈن ئۆتۈپ دادامنىڭ مۇسىبەت خەۋىرى كەلدى، دادامنىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغۇلۇپ قېلىپ ئۇشتۇمتۇت  تۈگەپ كېتىپتۇ. شۇنداق پۇشايمان قىلدىم ، خۇدۇمنى يوقۇتۇپ قويدۇم، دادامغا بەك ئامراق ئىدىم ، گېپىمىز تۈگىمەيتتى، دادام ئالى مەلۇماتلىق زىيالى كىشى ئىدى،  نامازنىمۇ تاشلىماي ئۇقۇيتتى، دائىم مېنى ناماز ئوقۇشقا ئۈندەيتتى،  ھەر رامىزاندا، روزا تۇتۇشقا رىغبەتلەندۈرەتتى، لېكىن مەن ،  ئورۇق بولغاچقا، ئورۇقلاپ كېتىمەن دەپ، رامىزان تۇتمايتتىم ، بېشىڭىزغا ياغلىق چىگىڭ دەپ ھەر دائىم تاپىلايتتى، لېكىن مەن ئۇنىمايتتىم. ھازىر ئويلىسام شۇنداق بىئارام بولىمەن، ھازىر دادام ھايات بولغان بولسا، مېنىڭ ناماز ئوقۇپ ھىجاپلانغانلىغىمنى كۆرسە نەقەدەر خوشال  بولۇپ كېتەتتى ھە؟ دەپ ئويلاپ كېتىمەن.  باشقىلار "دادا" دەپ تىلغا ئالسا، كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياشلار تۆكۈلىدۇ........
شۇڭا پۇشايمان قىلىپ قالماسلىغىمىز ئۈچۈن دادىلاارنى ئانىلارنى ھۆرمەتلەيلى، قەدرىگە يېتەيلى! ناۋادا، دادىنى پۇلغا سېتىۋېلىشقا بولىدىغان ئىش بولغان بولسا، مىليون خەجلەپ بولسىمۇ سېتىۋالار ئىدىم، ئەپسۇس....
ئاتا- ئانىسى بىلەن ھېيت ئۆتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان بەختلىك قېرىنداشلىرىمنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەيمەن! قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن...!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   asma0996 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-6 03:26 PM  


ياخشىلارغا ئاچىمەن قۇچاق،
يامانلارغا تەڭلەيمەن پىچاق.
يىقىلغاننى قويىمەن يۆلەپ،
مېنىڭ ياشاش لوگىكام شۇنداق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 1036
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4169
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 407 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-6 05:51:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
asma0996 يوللىغان ۋاقتى  2013-10-6 02:54 PM
ناھايىتىمۇ ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز! گەرگە ئاتا- ئان ...

كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ ھەمشىرەم ئاخىرەتتەئاللاھ سزنى ئاتىڭىز بىلەن جەننەتتە ئۇچراششىقا  نىسىپ قىلسا  بۇنڭىدىن ئارتۇق خۇشاللىق بولمايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75511
يازما سانى: 317
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4583
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 807 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2014-12-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-6 05:57:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىىزمىتىمى قىغۈۇدەك ،باققۇدەك ،بەرگۈدەك ،بولغادا شۇ ئۇلۇغ ئىنسانلىرىمىىز يىنىمىزدا يوق. ھەي.............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 116
يازما سانى: 525
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10317
تۆھپە نۇمۇرى: 492
توردا: 204 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-6 06:03:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۇڭلار قىرىغانكىن كىچىك بالىدەك بۇلۇپ قالىدۇ، كۈيۈنۈش كىرەك.ھامان بىر كۈنى ئادەم قىرىدىغان گەپ. ئاتا-ئانىسىغا كۈيۈنمىگەن ئادەمنىڭ بالىرىمۇ چۇڭ بۇلغاندا ئاتا-ئانىسىغا كۈيۈنمەيدۇ. بۇ ئەمىلىيەت تۇرمۇشىمىزدا يۈز بىرىۋاتتىدۇ مۇنداق ئىشلار. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   baturjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-6 06:03 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-6 08:07:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن قوي ئىلىپ قۇربانلىق قىلىپ بىرىمەن،خۇدايىم بۇيرىسا.بۇ ھەر قانداق پىلانىمدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93811
يازما سانى: 1969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4627
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 958 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-6 08:51:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا،چوڭلار قېرىغاندا نازۇك بوپ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ باللىرىدىن باشقا شاتلىقى بولمايدۇ، شۇڭا ئۇلارنى دائىم يوقلاپ تۇرىشىمىز،ھالىدىن خەۋەر ئېىلىشىمىز لازىم.
ئەلۋەتتە ئۇلارغىمۇ ھېتلىق بېرىشىمىز لازىم.

سۆيۈشنى بىلمەي تۇرۇپ،سۆيۈلۈشتىن ئۈمۇت كۈتمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89457
يازما سانى: 944
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2272
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 310 سائەت
تىزىم: 2013-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-6 09:33:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھقا شۈكرى !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81718
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4174
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 389 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-6 11:11:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس دەيسىز، چوڭلارغىمۇ چوقۇم ھېيتىلىق سوۋغات بېرىش كېرەك. سوۋغات ئاددى بولسىمۇ چوڭلارنىڭ كۆڭلى شۇنداق يايراپ ياشىرىپ كەتكەندەك بولۇپ كېتىدىكەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش