مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3128|ئىنكاس: 12

غەربنىڭ سۇرىيەدىكى ئىككىنچى پۇرسىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 1140
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 26362
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7856 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 01:26:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

article-0-1BE497C9000005DC-724_634x380.jpg

غەربنىڭ سۇرىيەدىكى ئىككىنچى پۇرسىتى

ئاپتورى: جىن-مارىيە گۇخېننو (فرانسىيە)

تەرجىمىدە: نەپرەت 2009


ئېلكىتابىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ


روسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەيتتە پۈتۈشكەن سۇرىيە خىمىيىۋى قورالىغا خەلقئارانىڭ نازارەتچىلىكىنى يولغا قويۇش كېلىشىمى باشقا تاللىشى قالمىغان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستىراتىگىيىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا (سۇرىيەنىڭ تىنچلىق بىلەن سۇرىيە خەلقىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش) ئىككىنچى قېتىم پۇرسەت بەردى.
روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ غەرب رەھبەرلىرىنىڭ ئېنىق يادرولۇق نىشان تۈزۈپ چىقمىغان يوچۇقتىن پايدىلىنىپ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى. رۇسلار ھەربىي قاتماللىق پەيدا قىلىپ سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرماقچىمۇ ياكى بەشار ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىماقچىمۇ؟ ئۇلار خىمىيىلىك قوراللارنى چەكلەيدىغان خەلقئارا قانۇننى مۇستەھكەملىمەكچىمۇ ياكى ئىرانغا «قىزىل سىزىق» نى قوغدايدىغان قەتئىي تاكتىكىسىنى چۈشەندۈرۈپ قويماقچىمۇ؟
روسىيەنىڭ تەكلىپى غەربنى خىمىيىۋى قورالنى چەكلەشنى ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە نىشانى قىلىشقا مەجبۇرلىدى. بۇنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بىردەكلىككە كېلەلەيدىغان ئاز ساندىكى ساھەلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئويلاشقاندا، بۇ فرانسىيە، روسىيە، جۇڭگو، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى 5 دائىمىي ئەزا دۆلەتنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ياخشى باشلىنىش. ئەۋەتتە، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى كېلىشىمنىڭ رولىنىڭ پەقەت ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى، ھەربىي ھەرىكەتنى پەقەت قىسقا مەزگىللىك توسۇپ قالالايدىغانلىقىنى، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىشى مۇمكىن. كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشى روسىيەنىڭ ئىشەنچىلىك ياكى ئەمەسلىكىنى سىنايدۇ.
غەرب دۆلەتلىرى كېلىشىم چوقۇم لازىم قىلىدىغان جاپالىق سۆھبەت مۇساپىسىدىكى قىلتاقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى، بىرلا ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان ئىستىراتىگىيە مەقسىتىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇشى كېرەك. ئىچكى ئۇرۇش ۋاقتىدا سۇرىيە خىمىيىۋى قوراللىرىنى توپلاش ھەمدە كۆيدۈرۈۋېتىشتەك مۇرەككەپ ۋەزىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوق. مۇۋەپپەقىيەت قازانماقچى بولسا، غەرب رەھبەرلىرى چوقۇم ئۆزىنىڭ كىرىزىس باشلىنىشىدىلا سىياسىتىگە ئىزچىل تەسىر كۆرسىتىۋاتقان پەرەزلىرىدىن ۋاز كېچىپ، سۇرىيەنىڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىنى يىغىشتۇرىدىغان تاكتىكىسىنى قايتىدىن ئويلىشىپ كۆرۈشى كېرەك.
غەربنىڭ تۈپكى خاتالىقى بەشار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئىزچىل تۆۋەن مۆلچەرلەپ كەلدى. بەشار ئەسەد ھۆكۈمىتى گەرچە قەبىھ بولسىمۇ، ئۆلگىچە ئۇرۇش قىلىپ ھۆكۈمەتنى ساقلاپ قېلىشنى خالايدىغان ھىمايە قىلغۇچى ئامما كەم ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن سۇرىيەلىكلەر ئەگەر بەشار ھاكىمىيىتى غۇلاپ چۈشسە ئۆزىنىڭ كېيىنلىكى يوقلىقىغا ئىشىنىدۇ، ئىچكى ئۇرۇش چېگرىسىنىڭ بارغانسېرى مەزھەپلىشىشى بۇ قاراشنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى. چۈنكى ھۆكۈمەتنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقى تەھدىتكە ئۇچرىغاندا، بەشار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ تېزلىكتە غۇلاپ چۈشۈشىنى ئۈمىد قىلىش رېئاللىققا ئەسلا ئۇيغۇن ئەمەس.
تېخىمۇ چوڭ مەسىلە بولسا، گەرچە غەربنىڭ بەشار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى چېكىنىپ چىقىشقا دەۋەت قىلىش سادالىرى تىنجىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆكتىچى قوزغىلاڭچىلارغا بۇ سەۋەبلىك ساختا ئۈمىد بېغىشلىدى، لېكىن روسىيە ئىزچىل «سۇرىيە باشچىلىق قىلغان مۇساپە» دېگەندەك ياغلىما سۆزلەرنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنىۋېلىپ، خەلقئارالىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا. ئەمما خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى دائىمىي ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشچىلىقىدىكى دېپلوماتىيە لايىھىسى ئاندىن تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان بىردىنبىر ئىشەنچىلىك يول. سۇرىيە ھۆكۈمىتى ۋە كۈنسېرى چېچىلىپ كېتىۋاتقان قوزغىلاڭچىلار ئارىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئۇرۇش پەقەت ئۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىدۇ ھەمدە ئۆلۈم-يېتىم سانىنى ئاشۇرىدۇ.
ئوخشاشلا، غەرب دۆلەتلىرى سۈننىي مەزھىپى ۋە شىئە ھاكىمىيىتىنىڭ يارىشىشى بولمىسا، سۇرىيەدە تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى چوقۇم ھېس قىلىپ يېتىشى كېرەك. سۈننىي مەزھىپى ھۆكۈمرانلىقىدىكى بەزى دېڭىز قولتۇقى پادىشاھلىق دۆلەتلىرى ھەتتا سۇرىيە كىرىزىسى ۋە بەشار ئەسەدنىڭ غۇلاپ چۈشىشىنى سادام ھۈسەيىننىڭ سۈننىي ھاكىمىيىتى غۇلاپ چۈشۈشى ھەمدە شىئە مەزھىپىدىكى ھۆكۈمەت ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، ئىران بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پۇرسىتى بىلەن باراۋەر قارىدى.
بىر يىل ئىلگىرى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەيدانىنى قوللاپ، ب د ت نىڭ سابىق باش كاتىپى كوفى ئانناننىڭ ئىراننى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار تۇنجى سۆھبەتكە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى. ئۇلار ئىران رەھبەرلىرىنىڭ سۇرىيە كىرىزىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇش بىلەن ئىران يادرو پىلانى سۆھبىتىنى بىرلەشتۈرۈۋېلىشىدىن ھەمدە بۇ سەۋەبلىك ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى توختىتىشتىكى خەلقئارالىق تەلەپنى رەت قىلىپ ئىجرا قىلماسلىق ئىقتىدارىنىڭ كۈچىيىشىدىن ئەندىشە قىلدى.
ئەمما گەرچە ئىران ئۆزىنىڭ ئىنقىلابىي قوغدىنىش ئارمىيىسى ھەمدە لىۋاندىكى ۋاكالەتچىسى ئاللاھ پارتىيىسى ئارقىلىق سۇرىيە كىرىزىسىغا بىۋاسىتە ئارىلىشىپ، بەشار ئەسەدنى قوللىشى ھەقىقەتەن قىسمەن مەسىلىلەرنىڭ باشلىغۇچىسى بولسىمۇ، ئەمما ئىراننىڭ قاتنىشىشى بولماي تۇرۇپ ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش لايىھىسى ھاسىل قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، ئەگەر ئىراننىڭ سۆھبەتكە قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلمىسا ھەمدە شىئە مەزھىپى بىلەن سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئىختىلاپى چوڭقۇرلاشسا، ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىم ۋەزىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. گەرچە ئىراننىڭ نىسبەتەن مۆتىدىل يېڭى پرېزىدېنتى ھەسەن روھانىي نۆۋەتتە قوزغىغان دېپلوماتىيە سېھرىي كۈچى ھۇجۇمىنىڭ رول ئوينىيالايدىغان ئوينىيالمايدىغانلىقى  ھەمدە قانچىلىك چوڭلۇقتا رول ئوينىيالايدىغانلىقىغا كېسىپ بىر نەرسە دېيىش تېخى بالدۇر بولسىمۇ، ئەمما ئىران سىياسىتىنىڭ زور بۇرۇلىشىدىن ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا رايونلۇق يارىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىنچىلىكىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى چەتكە قېقىشقا بولمايدۇ.
پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئومۇميۈزلۈك بۇرۇلۇش يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋالدا، رايونلۇق خىرىسنى ئۆز ئالدىغان ھەل قىلىشقا ئامالسىز. پەقەت بىرلىككە كەلگەن، ئومۇميۈزلۈك تاكتىكا بولغاندا ئاندىن ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئۆزگۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇۋاتقان ھەر خىل قوزغاتقۇچى ئامىللارنى باشقۇرغىلى، سىرتقى كۈچلەرنىڭ رايون ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىشىنى توسقىلى ھەمدە تىنچ ۋەزىيەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. يېڭىدىن گۈللەنگەن رايونلۇق چوڭ دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى دائىمىي دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىغا خىرىس قىلىشىغا ئەگىشىپ، بىزنىڭ ئىسراپ قىلغۇدەك ۋاقتىمىز قالمىدى.
غەربنىڭ ھاكاۋۇرلۇق بىلەن ئۆز مەنپەئەتىنىلا كۆزلەپ قىلغان ياغلىما سۆزلىرىنىڭ سۇرىيە توقۇنۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ھېچقانداق ياردىمى يوق؛ ھەتتا ۋەزىيەتنىڭ خەتەرلىكلىكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. گەرچە روسىيەنىڭ تەشەببۇسىدا نۇقسان بولسىمۇ، ئەمما سۇرىيە بىلەن (ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن) كەسكىن، ئىجابىي ئۇچرىشىشنىڭ ئاچقۇچلۇق قوزغاتقۇچىسى بولۇپ قالىدۇ.
مەنبە: ئوكيان تورى؛ ئاپتورى جىن-مارىيە گۇخېننو ب د ت-ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ سابىق سۇرىيە مەسىلىسى ئالاھىدە ئەلچىسى، كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا ۋە ئاممىۋى ئىشلار ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى.



غەيرەت قىل!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4599
يازما سانى: 683
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10438
تۆھپە نۇمۇرى: 891
توردا: 2462 سائەت
تىزىم: 2010-7-23
ئاخىرقى: 2014-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 02:16:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تەرجىمىلىرىڭىز توختاپ قالمىسۇن بۇرادەر،رەھمەت

http://user.qzone.qq.com/275899228/infocenter
sikiltar بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 02:42:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

"/ئارتۇق گەپ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15156
يازما سانى: 1895
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13134
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 3900 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2015-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 03:08:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەيلى سۈرىيە خەلقى بولسۇن، مەيلى بەشار ئەسئەت بولسۇن، سادام بىلەن كازافىينىڭ تەغدىرىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى بىزدىنمۇ بەكرەپ بىلىدۇ...

باتۇر بىر ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق مىڭ.....!
hudayar6 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 04:16:04 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98117
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 675
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2013-9-23
ئاخىرقى: 2014-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 08:02:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە ئا ق ش نىڭ بۇ ئىشقا ئارىلاشمىغىنى ياخشى، چۈنكى سوۋىت ئىشغالىيىتى دەۋرىدە ئافغانىستاندىكى  سوۋىتلەرگە قارشى غازاتچىلارغا ياردەم قىلىپ قۇرال ۋە پۇل بەرگەن ئا ق ش ئاخىرى شۇلاردىن 11-سىنتەبىردە نىمىنى كۆرمىدى.
ئاش بەرگەنگە مۇش بىرىدىغان بۇنداق كىشىلەرگە ئەمدى بىكارغا سېلىپ بىرىدىغان جان يوق ئامېرىكىدا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98392
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 217
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 53 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 08:48:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەپرەت بۇرادەر، ھارماڭ،   ھازىر ئۇنۋېرستتىىكى خىلى مەن مەن دىگەن  سىياسى  تارىخچى مالىملارمۇ سىزچىلىك نەپ يەتكۈزمەيدۇ ئۆز خەلقىگە.

www.99uqur.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75434
يازما سانى: 510
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4177
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 407 سائەت
تىزىم: 2012-2-11
ئاخىرقى: 2013-12-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-6 10:26:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھوي   بۇرادەرلەر  ئاغېزېڭلېنې  باشقۇرۇپراق  سۇزلەڭلا   كېمكەن  تېرورچې   بېز  مۇسۇلمان بولغانلېمېز   ئۇچۇن   تېرورچې دەپ  ئاتېلېپ قالدۇق   ئەمېسە  دۇنيا   كاپېرلېرې  ئادەم   ئولتۇرسە  ئۇلار  تېنېچلېقنې   ساقلېغۇچې  دەپ  ئاتېلېدۇ  مۇسۇلمانلار   ئوزېڭ  دېنېنې  ھەم  ئېززەت  غۇرۇرېنې   قوغداش  ئۇچۇن  مەيدانغا  چېقسا   ئۇلارنېڭ  ھەممېسې  بېردەك  تېرورچې  دەپ  ئاتېلېدۇ  شۇنداقمۇ   قېرېنداشلار ھازېر  سېلەرمۇ   كۇرۇپ  تۇرېۋاتېسېلەر   پەلەستن   سۇرېيە  ئېشقېلېپ  كۇندە   نەچچە   يۇزلېگەن  مۇسۇلمان  قېرېنداشلېرېمېزنېڭ   قېنې   ئاقماقتا   شۇڭا  بېزلەرمۇ  كاپېرلارغا  يان  بېسېپ  مۇسۇلمانلارنې  ترورچېغا  چېقېرۋەتسەك   ئاللاھقا   نېمە  دەپ  جاۋاپ بېرېمېز  قېرنداشلار  ئۇلارغا  ياردەمغۇ  قېلالمايمېز  يەنە  ئۇلارنې  تېللامدۇق  ئاللاھ  كېمگە   ياردەم قېلېڭلار  دېگەن  ئەلۋەتتە  مۇسۇلمانلارغا   ئەمدې   جېق  سوزلېمېسەممۇ   بولا   ئۇلۇغ  ئاللاھ   ھەممېمېزنېڭ  كۇڭلېگە  ئوز  قېرنداشلېرېمېزغا   كۇيېنەلەيدېغان  ساپ   ئەقېل   ئېمان  ئاتا  قېلسۇن    ئامېن  

*ئاللاھ گۇناھلىر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33532
يازما سانى: 1448
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8973
تۆھپە نۇمۇرى: 591
توردا: 1943 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-6 10:50:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
norabla يوللىغان ۋاقتى  2013-10-6 10:26 AM
ھوي   بۇرادەرلەر  ئاغېزېڭلېنې  باشقۇرۇپراق  سۇزلەڭلا   ك ...


ئىملاغا دىققەت قىلىڭ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   doppiqe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-6 10:51 AM  


رەنجىمە ئاللاھدىن،ئاللاھ گۇناھسىز. رەنجىمە دۇنيادىن، دۇنيا رە ھىمسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98117
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 675
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2013-9-23
ئاخىرقى: 2014-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-6 10:55:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈرىيە مەسىلىسى ئەمەلىيەتتە ئىسلام دىنىنىڭ مىڭ يىللاردىن بىرى ھەل بولماي كەلگەن مەزھەپ تۇقۇنىشىنىڭ يېڭى دەۋردىكى كۆرىنىشى خالاس. مۇنداقچە دىگەندە كەربالا پاجىئەسى، جەمەل ئۇرۇشى قاتارلىق ئىسلام تارىخىدىكى ئىچكى ئۇرۇشلىرىنىڭ 21-ئەسىر نۇسخىسى دىيىشكە بولىدۇ. بىرلا پەرقى شۇكى ئەينى زاماندا ساھەبە چاھاريالار بىر-بىرىگە پولات تۆمۇردىن ياسالغان قىلىچ، نەيزە ئوقيالار بىلەن تاقابىل تۇرغان بولسا ھازىرقى مۇسۇلمانلار ھەتتا خەلقارادا چەكلەنگەن زەھەرلىك گاز بىلەن بىربىرىنى قىرغىن قىلماقتا خالاس، راست گەپ قىلغاندا بۇ سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئىجادىيىتى ئەمەس بەلكى سادامدىن باشلانغان دىيىشكە بولىدۇ، چۈنكى  ئۇمۇ ئەينى زاماندا شىئە ۋە كۇرد مۇسۇلمانلىرىنغا زەھەرلىك گاز ئىشلىتىپ نەچچەمىڭ ئادەمنى ئۇ دۇنياغا يولغا سالغان ئىدى.
شۇڭا ئامېرىكا باشلىچلىغىدىكى غەرپنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقى ياخشى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارىچىغا ئالتە تاياق دىگەن ئىكەن تەكلىماكانننىڭ ئىچكىرىسىدە ياشىغان كىشىلەرنىڭ ئاتا بوۋىلىرى.......

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش