مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5072|ئىنكاس: 22

ئىمان ئاجىزلىقى ۋە ئۇنىڭ ئالامەتلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88370
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1553
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 292 سائەت
تىزىم: 2012-12-9
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 01:12:03 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

 
 
ئىمان ئاجىزلىقى ۋە ئۇنىڭ ئالامەتلىرى
 
 ئىمان ئاجىزلىقىدىن شىكايەتلىنىش دىيانەتلىكلەر ئارىسىدا ئادەتكە ئايلىنىپ قېلىۋاتقان بىر ھادىسىدۇر. ناۋادا بۇ خىل شىكايەتلىنىش ھادىسىسى كېسەللىككە ئايلىنىپ كىشىنىڭ ئەمەلىيتىگە ئاشكارىلانسا ۋە بۇ كېسەللىك داۋالىمىسا بولمايدىغان باسقۇچىغا بېرىپ يەتسە، ئۇ چاغدا بۇ مەنىۋى ساغلاملىق ئۈچۈن ئاپەتكە ئايلىنىدۇ.
 ئىمان، زاھىرى ۋە باتىنى جەھەتتىن سۆز ۋە ئەمەلدىن بىرىككەن ھەقىقەتتۇر. ئەگەر ئۇ قەلبكە ئورنىسا زۆرۈرى ھالدا تاشقى ئەمەللەردە بەدەنگە تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ. ئىمان مانا بۇ قانۇنىيەتكە ئەگەشكەن ئاساستا كۈچىيىدۇ ۋە ئاجىزلايدۇ. ياشنايدۇ ۋە ئۆلىدۇ. مانا بۇ قۇرئان ۋە سۈننەتتە، شۇنداقلا ئەمەلى تەجرىبىلەردە ئىسپاتلانغان بولۇپ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «(قۇرئاندىن) بىرەر سۈرە نازىل قىلىنسا، ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) نىڭ ئارىسىدا (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «بۇ (يەنى سۈرە) قايسىڭلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى» دەيدىغانلار بار، مۆمىنلەرگە كېلىدىغان بولساق، (ھەر سۈرىدە يېڭى دەلىل ـ ئىسپاتلار بولغانلىقى ئۈچۈن) بۇ (يەنى سۈرە) ئۇلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى، ئۇلار (سۈرىنىڭ نازىل بولۇشىدىن) خۇشال بولىدۇ.»[1]
 دېمەك، يۇقىرىقى ئايەت ئىماننىڭ كۈچىيىدىغانلىقىغا ۋە ئۇنىڭ ئورنىنىڭ قەلب ئىكەنلىكىگە ئوچۇق ئىسپاتتۇر. چۈنكى، ئىماننىڭ كۈچىيىشىنىڭ يۈز بېرىشى دېگەنلىك قەلب كېسەللىكى سەۋەبلىك ئىماننىڭ يەنە ئاجىزلايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
 تۆۋەندىكىلەر مۆئمىن كىشىگە ئۇنىڭ ئىمان جەھەتتىن ئاجىز ئىكەنلىكىنى تونۇتۇپ بېرىدىغان بىر قاتار ئىچكى ۋە تاشقى ئالامەتلەر بولۇپ، بۇلار ئىمانلىق كىشىدە كۆرۈلگەن ھامان ئىمانىنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنى ئوزۇقلاندۇرۇش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
 ئەنەشۇ ئالامەتلەردىن:
گۇناھ-مەئسىيەتتىن قول ئۈزەلمەسلىك
 بۇ نۇقتىدا، ئەسلى مەسىلە خاتالىق سادىر قىلىشتا ۋە ياكى خاتالىقتىن ساقلىنالماسلىقتا بولمايدۇ. چۈنكى، خاتالىقتىن ساقلىنالماسلىق ئىنسان ئايرىلالمايدىغان بىر ئەھۋالدۇر. ئىنسان خاتالىشىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا بولسا، ئۇنى كەچۈرىدۇ، مەغپىرەت قىلىدۇ ۋە رەھمىتىگە ئالىدۇ.
 ئەمما مەسىلىنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ئاللاھنىڭ ئەمرى ۋە چەكلىمىلىرىگە قارشى چىقىشنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە بۇنىڭغا ئادەتلىنىپ قىلىش، ھەمدە ھەقتىن بۇرىلىپ كىتىش ۋە گۇناھ ئۆتكۈزۈشكە ئۈگۈنۈپ قىلىش قاتارلىقلارغا يۇشۇرۇنغان بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى قەلب كېسىلىنى مەنبە قىلغان ئىمان ئاجىزلىقىنىڭ دەلىل-ئىسپاتىدۇر.
چۈنكى، كۈچلۈك ئىمان ئىگىسى دېگەن، شەيتان ئۇنى توغرا يولدىن بۇرىۋېتىشكە قانچە ئۇرۇنغانسېرى شۇنچە سەگەكلىكنى ئاشۇرىدۇ ۋە دىننىڭ قوينىغا تەۋبە قىلغان ۋە مەغپىرەت ئىزدىگەن ھالدا قايتىشقا ئالدىرايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «تەقۋادار كىشىلەر شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئۇچرىسا، ئاللاھنى ئەسلەيدۇ ـ دە، ھەقىقەتنى كۆرۈۋېلىپ، (شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن) خالاس تاپىدۇ.»[2]
 ئاللاھ تائالا تەقۋادارلار ھەققىدە ئۇلارنىڭ بىر قىسىم سۈپەتلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «تەقۋادارلار يامان بىر گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، گۇناھنى كەچۈرىدىغان ئاللاھتىن باشقا كىم بار؟ ئۇلار قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرمايدۇ.»[3]
 مىسالەن، پارىخور بولۇشتەك بىر گۇناھ بىلەن شۇغۇللانغان ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىدا بۇخىل گۇناھ بىلەن ياشاپ ئۈگىنىپ قالغان كىشىنى ئېلىپ ئېيتساق، بۇ خىل گۇناھقا كۆنۈكۈپ كەتكەن كىشىلەر پۇشايمانلىق ئەلىمىنىڭ نېمىلىكىنى ۋەياكى گۇناھ تۇيغۇسى سەۋەبلىك يۈرەك سىقىلىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا شۇنداق بىر كېسەل چاپلىشىدۇكى، ئىمانىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئىدراك ئەتتۈرىدىغان ۋە ئىمانىنى كۈچلەندۈرىدىغان نەرسىنىڭ نېمىلەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
 يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار يەنە، ياسانچۇقلۇققا ئۆگۈنۈپ قالغان ھېجابسىز ئاياللاردىمۇ ئوخشاش يۈز بېرىدىغان بولۇپ، بۇخىل ھالەتكە كۆنۈكۈپ قالغۇچىمۇ ھىجابسىز يۈرۈشنىڭ شەرىئەتتە ھارام ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتقان ھالدا يۈرۈۋېرىدۇ.
ئۇنداقتا، يۇقىرىقى ئەھۋالدىكىلەرنىڭ ئوقۇغان نامىزى، تۇتقان روزىسى ۋە قىلغان سەدىقە-ئېھسانلىرى نېمىگە ھېساب بولدى؟
 
ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشتا سۇسلۇق قىلىش
 بىر مۆئمىن بەندىنىڭ رەببى ئۈچۈن ھوزۇرلىنىپ تۇرۇپ ئىبادەت قىلىشى ئۇنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىبادىتىدىن ھۇزۇر ئالغان كىشى ئاللاھ تائالانىڭ تۆۋەندىكى ئەمرىنى ئىشقا ئاشۇرغان ھالدا، قىلىۋاتقان ئىبادىتىنى ھىممەت ۋە قىزغىنلىق بىلەن ئادا قىلىشقا ئالدىرايدۇ: «پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ئالدىراڭلار!»[4] «پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىنى، كەڭلىكى ئاسمان ـ زېمىندەك كېلىدىغان جەننەتنى قولغا كەلتۈرۈڭلار!»[5]
 ئەمما، ئىمانى ئاجىز كىشىگە كەلسەك، ئۇ ئىبادەتنى گويا ئېغىر بىر يۈكنى ئارتىۋالغاندەك تۇيغۇدا ئادا قىلىدۇ: «شۈبھىسىزكى، مۇناپىقلار ئاللاھنى ئالدىماقچى بولۇشىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقىغا يارىشا جازا بېرىدۇ، ئۇلار ناماز ئۈچۈن تۇرغاندا، خۇش ياقماسلىق بىلەن تۇرىدۇ (ساۋاب ئۈمىد قىلمايدۇ)، (نامازنى) كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ (يەنى رىياكارلىق قىلىدۇ)، ئاللاھنى پەقەت ئازغىنا ياد ئېتىدۇ.»[6]
 شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزىدە يۇقىرىقىدەك سۇسلۇقنى ھېس قىلغانلار، ئىمانىدا كىسەللىك بارلىقىنى بىلىشى ۋە بۇنى داۋالاشقا، ئىمانىنى يېڭىلاشقا ئالدىرىشى ئىنتايىن مۇھىم.
 
ئىبادەتلەردىن تەسىر ئالالماسلىق
 ئىبادەتلەرنىڭ ھەرخىل بولىشىغا قارىماي، ئۇلارنىڭ روھى ۋە ئەمەلى جەھەتتىن مۆئمىن كىشىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى چوڭدۇر. چۈنكى، ئىبادەتلەر قەلبكە ھۇزۇر ھېس ئەتتۈرىدۇ ۋە ئاللاھ بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئەڭ ياخشى باسقۇچقا قاراپ ئالغا باستۇرىدۇ.
 ئەمما، ئىمان ئاجىزلىغاندا بولسا، بۇخىل تەسىرلەر تۆۋەنلەپ ماڭىدۇ ۋە بارا-بارا ئىبادەتلەر روھسىز، قۇرۇق، شەكلى پائالىيەتلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
نامازنى ئىلىپ ئېيتساق، ناماز بۇخىل ئەھۋالدىكى كىشىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرالمايدۇ. شۇنداقلا، نامازخانغا نىسبەتەن مۇنۇ ئايەتتە كەلگەن ئىشلار ئەمىللەشمەيدۇ: «(ئاللاھقا) سەجدە قىلغىن (شۇنىڭ بىلەن ئاللاھقا) يېقىنلىق ھاسىل قىلغىن!»[7]
 شۇنداقلا، بۇ خىل ناماز قۇرئان كەرىمدە ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈلگەن ئەمەلى تەسىرىنى يوقاتقانلىقى ئۈچۈن، ناماز ئۇ كىشىنى تۈرلۈك ناچار گۇناھلارغا چۈشۈپ قىلىشتىن توسۇپ قالالمايدۇ.« ناماز ھەقىقەتەن قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ.»[8]
 شۇنىڭدەك، بۇخىل ئاجىز ئىمان ئىگىسى پەرز ۋە نەپلە روزىلارنى تۇتۇپ كەلگەن بىرى بولسىمۇ، ئەمما، روزا تۇتۇشتا كۆزلەنگەن تەقۋالىقتىن ئىبارەت ئەڭ ئاساسى مەقسەت ئۇنىڭغا ھاسىل بولمايدۇ.«ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى.»[9]
دېمەك، بۇخىل ئىمان ئىگىسىنىڭ روزا تۇتۇشتىن ئالىدىغان نېسىۋىسى ئاچلىق ۋە سۇسىز قىلىش بولىدۇ خالاس.
 شۇنىڭدەك، بۇخىل ئىمان ئىگىسى يەنە مال-مۈلۈكىدىن زاكات ئايرىسىمۇ، ئەمما، ئۇنىڭ بۇ ئايرىغان زاكىتى جانسىز ۋە ئاپتۇماتىك شەكىلدە ئادا قىلىنغان بولغاچقا، ئۇ قىلغان بۇ ئىبادىتىدىن پاكلىققا يېتەلمەيدۇ ۋە پاكلىنىشقا ئېرىشەلمەيدۇ. خۇددى ئاللاھ تائالا مۇنۇ سۆزىدە ئىشارەت قىلىپ ئۆتكىنىدەك: «(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ بىر قىسىمىنى سەدىقە ھېسابىدا ئالغىنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىغايسەن ۋە (ياخشىلىقلىرىنى) كۆپەيتكەيسەن.»[10]
 شۇڭىلاشقا، مۇسۇلمان كىشى ئىتائەت بولىدىغان ئەمەللەردىن مەنپەئەت ئېلىشنى بىلىشى ۋە بۇ ئارقىلىق قەلبىدە ھۇزۇر ھاسىل قىلالىشى، ھەمدە ھاياتىنى توغرىلىق ۋە ياخشىلىق تەرەپكە يېتەكلەش ئۈچۈن ئىبادەتلەر ئارقىلىق ئىمانىنى كۈچەيتىش يولىنى تۇتۇشى، شۇنداقلا ئىماننىمۇ، ئىبادەتنىمۇ پائال ھەرىكەتكە ئۆتكۈزىدىغان ئامىللارنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشى ئىنتايىن مۇھىم.
 
قۇرئان كەرىمدىن تەسىر ئالالماسلىق
 ئىمانلىق كىشى ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلغان، ياكى سۈكۈت ئىچىدە قۇرئان ئاڭلىغان ۋاقىتتا، قۇرئان ئايەتلىرى ئۇنىڭ قەلبىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭ قەلبىگە تەقۋادارلىق، رىغبەتلىنىش ۋە قورقۇش قاتارلىق تۈرلۈك ئىمانى تۇيغۇلارنى ھاسىل قىلىدۇ.
 ئەمما، ئىمانى ئاجىز كىشىگە كەلسەك، ئۇ بۇخىل جىددى تۇيغۇلارنى يوقاتقان بولۇپ، ھېكمەتلىك قۇرئان ئايەتلىرى ئۇنىڭغا تەسىر قىلالمايدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلالالمايدۇ. خۇش بېشارەت ۋە تەنبىھ ئايەتلىرىدىن، ئەمىر ۋە نەھى ئايەتلىرىنى ئوقۇغاندا بولسا، بۇ ئايەتلەرگە گويا ئۆزى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقتەكلا مۇئامىلە قىلىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ.
بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئاجىز ئىمان ئۇنىڭ قەلبىگە بىر قات قېلىن پەردىنى توقۇۋەتكەن بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ قەلبىنى جەننەت ۋە دوزاخنىڭ، نېمەت ۋە ئازابنىڭ، بۇيرۇلما ۋە چەكلىمىلەرنىڭ، ئىبرەت ۋە نەسىھەتلەرنىڭ تەسىرىنى ھېس قىلالمايدىغان، گويا قۇرام تاشقا ئوخشاش قىلىپ قويىدۇ.
 ناۋادا ئۇنىڭ ئىمانى كۈچلۈك بولغىنىدا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئايەتلەردە بېشارەت بىرىپ ئۆتكەن رەھمەتلىرىگە ئىنتىلگەن ۋە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ئازاب ئايەتلىرىدىن قورققان ھالدا، تېرىلىرى جۇغۇلدىغان، يۈرىكى دۈپۈلدىگەن، مۇسكۇللىرى تىترىگەن، كۆز ياشلىرى ئاققان ۋە بەدەنلىرى بوشىشىپ كەتكەن بولار ئېدى.
 مانا بۇ، ئىمان سەۋىيسىنى ستاتىستىكا قىلىشتىكى يەنە بىر ئۆلچەمدىن ئىبارەت.
 
ئۆلۈمدىن ۋە ۋەز-نەسىھەت بولىدىغان ئىشلاردىن تەسىرلەنمەسلىك
 ۋەز-نەسىھەتلىنىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى باسقۇچى ئۆلۈم سەپىرىدىكى سەكراتقا چۈشۈش ۋە جان ھەلقۇمغا كېلىش باسقۇچىدىن باشلاپ مېيىتنى يۇيۇش، كىپەنلەش، نامىزىنى چۈشۈرۈش، كۈمۈش ۋە ئۈستىگە توپا تاشلاش قاتارلىق باسقۇچلارغا قەدەر يۇشۇرۇنغان بولۇپ، بۇ باسقۇچلارنىڭ ھەممىسى كۆرگەن ھەر بىر مۆمىننى تىترىتىپ توختۇتۇشقا يېتەرلىك ئىشلاردۇر. چۈنكى، باسقۇچلاردىن ھەر بىرى مۆئمىنگە ئۇنىڭ يېقىن كەلگۈسىدىكى بارار جايىنى ئەسلىتىدۇ ۋە ئۇنىڭ قەلبىنى يۇمشىتىپ ئاللاھقا قايتىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
 ئەمما، ئىمانى ئاجىز كىشىگە كەلسەك، ئۇ يۇقىرىقى باسقۇچلارنىڭ ھېچبىرىگە پەرۋا قىلماي ئۆتۈپ كېتىۋېرىدۇ. بەلكى، بەزى چاغلاردا، يۇقىرىقىدەك ئىشلارغا قارىتا ئېرەنسىزلىك بىلەن، گويا ئۇ ئىشلار ئۆزىگە يىراقتەك پوزىتسىيە تۇتۇپ، كۈلۈپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭىلاشقا، قەدىمكىلەر شۇنداق ئېيتقان: «ئۆلۈمدىن ۋەز-نەسىھەت ئالمىغا كىشىگە، دوزاخ ئۇزۇنغا قالماي ئۇنىڭ ۋەز-نەسىھەت قىلغۇچىسى بولىدۇ.»
 ۋەز-نەسىھەت ئېلىشنىڭ يەنە بىر يولى، قەلبلەرنى ۋە ھېس-تۇيغۇلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدىغان دېنى تەبلىغلەرنى ئاڭلاپ بېرىشتۇر. چۈنكى بۇ، ئىماننى جانلاندۇرۇشقا ۋە كىشىنى سەمىمى تەۋبە قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان ئىشلار جۈملىسىدىن بولۇپ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بۇنىڭدا (ھەقىقەت ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەلبكە ئىگە ئادەم ياكى (ۋەز ـ نەسىھەتكە) ھۇزۇرى قەلب بىلەن قۇلاق سالىدىغان ئادەم ئۈچۈن ئەلۋەتتە ۋەز ـ نەسىھەت بار.»[11]
 ئەگەر مۇسۇلمان كىشى ئۆلۈم ۋە ۋەز-نەسىھەت دەرىسلىرىدىنمۇ تەسىر ئالالمىغان بولسا،- ناۋادا ئۇ يەر ئۈستىدە قىمىرلاۋاتقان بىرى بولىدىكەن؛ ئۆز ئۆزىدىن: «مەن تېرىكمۇ، ياكى ئۆلدۈممۇ؟» دەپ سوراپ بېقىشى لازىم.
 
غەپلەتكە مۇپتىلا بولۇش
 ئىماننى ئاجىزلاشتۇرۋېتىدىغان ۋە ئۇنى بۇزىدىغان ئىشلاردىن بىرى: دۇنيالىق ئىشلارغا زىيادە بېرىلىپ كېتىش، ئاللاھ تائالادىن ۋە ئۇنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىدىن، ھەمدە ئاخىرەت كۈنىدىن غەپلەتتە قالىدىغان دەرىجىدە ماددى مەقسەتلەر ئارقىسىدا پاي-پىتەك بولۇپ يۈرۈش قاتارلىقلاردۇر.
 دۇنياغا قۇللۇق قىلىشتەك بۇخىل ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىر نۇقتىدىن ئىماننىڭ ئاجىزلىشىشىغا سەۋەب بولسا، يەنە بىر نۇقتىدىن ئاللاھقا بەندىلىك قىلىش ئورنىغا، دۇنياغا قۇلچىلىق قىلىشتەك يامان نەتىجىگە ئېلىپ بارىدۇ. «ئۇلار ئاللاھنى ئۇنتۇدى (يەنى ئاللاھنىڭ تائىتىنى تەرك ئەتتى)، ئاللاھمۇ ئۇلارنى ئۇنتۇدى (يەنى ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزىنىڭ پەزلىدىن ۋە رەھمىتىدىن مەھرۇم قىلدى).»[12]
 دۇنيا ئىشلىرىغا پەقەت شۇنىڭ بىلەنلا مەشغۇل بولۇپ كەتمىگەن ئاساستا كۆڭۈل بۆلۈش ئەلۋەتتە شەخس ۋە جەمىيەتنىڭ بۇرچىدۇر. ئەمما، پۈتۈن دېققەتنى دۇنياغىلا بېرىپ، دىن ۋە ئاخىرەت ئىشلىرىدىن غەپلەت ئىچىدە يۈرۈش ئۇ ئايرىم مەسىلە.
 دۇنيا سۆيگۈسى دېگەندە، قەلبنى مەنسەپ-مەرتىۋىلەرگە تەئەللۇق قىلىۋېتىش، تىجارەت ساھەلىرى ۋە پۇتبولچىلىق ساھەلىرىگە ئوخشىغان بىر قاتار ماددى مەنپەئەتلا ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلارغا ھەددىدىن زىيادە كۆڭۈل قويۇپ بېرىلىش قاتارلىقلارنى مىسال قىلىشىمىز مۇمكىن. چۈنكى، بۇ ئىشلار ئىنسانغا رەببىنى ئەسلەتمەيدۇ. ھەم بۇ ئىشلارغا زىيادە كۆڭۈل بۆلگەن كىشىمۇ ئاللاھنى ئەسلىشى ناتايىن. ئەگەر ئەسلىدى دېگەن تەقدىردىمۇ، جۈمە نامىزىغا قاتنىشىشتەك، قىسمەن ئاللاھنى ئەسلىتىدىغان ئىشلار بىلەنلا كۇپايىلىنىشى مۇمكىن. شۇڭىلاشقا، ئاللاھ تائالا بىزنى ئۆزىمىز ۋە دۇنيالىقىمىزغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا تۇرمۇش تەقەززالىرى بىلەن دىنى مەجبۇرىيەتلەر ئارىسدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىشىمىز ئۈچۈن، كۆپلەپ زىكىر ئېيتىشقا بۇيرۇغان ئىدى: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنى كۆپ ياد قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ئەتىگەن ـ ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىڭلار!»[13]
 خۇلاسە كالام، يۇقىرىقىدەك مەسىللەر ھەل قىلىنغاندىلا، ئاندىن قەلبلەردە ئىمان كۈچەيگۈسى ۋە مۇسۇلمان كىشىنىڭ ھاياتى ئىسلاھ بولغىسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى ئۆزىنىڭ مەغپىرىتىگە ئالدىراشقا ئەمر قىلغان بولۇپ، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: «پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان، كەڭلىكى ئاسمان ـ زېمىنچە كېلىدىغان جەننەتكە ئالدىراڭلار!»[14]
 
ئاپتور: ئابدۇلئەزىز كۇھەيل
تەرجىمە قىلغۇچى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
.............................................................
 [1] تەۋبە سۈرىسى 124-ئايەت.
[2] ئەئراف سۈرىسى 201-ئايەت.
[3] ئال ئىمران سۈرىسى 135-ئايەت.
[4] ئال ئىمران سۈرىسى 133-ئايەت.
[5] ھەدىد سۈرىسى 21-ئايەت.
[6] نىسا سۈرىسى 142-ئايەت.
[7] ئەلەق سۈرىسى 19-ئايەت.
[8] ئەنكەبۇت سۈرىسى 45-ئايەت.
[9] بەقەرە سۈرىسى 183-ئايەت.
[10] تەۋبە سۈرىسى 103-ئايەت.
[11] قاف سۈرىسى 37 –ئايەت.
[12] تەۋبە سۈرىسى 67 –ئايەت.
[13] ئەھزاب سۈرىسى 41-42 –ئايەت.
[14] ئال ئىمران سۈرىسى 133-ئايەت.
 

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
mihqi + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
سائەت + 33 ماختاشقا تېگىشلىك
kadir7448 + 10

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 53   باھا خاتىرىسى

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6698
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1833 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 01:52:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا....    مەن مىيتنى   قەبرىگە قويغاننى كۆرگەندە   قىلچە قورقمىدىمم  قارىغاندا   ئىمانىم  سۇسلىشىپ كەتكەنمىدۇ  .   


  ئاللاھ  ساقلىسۇن.....    ئاللاھ  ساقلىسۇن.

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 1221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7413
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 596 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 02:03:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل تېما يوللاپسىز قېرىندىشىم . ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

زامانەم بۇ دىمە ھەرگىز ئۆتەر بولساڭ پاراغەتتە،
دىگىن دائىم:رەببىم مېنى بايقاپ تۇرار بۇ سائەتتە.
قىلار ئاللاھ بىپەرۋالىق دەپ ئويلىما بىرەر لەھزە،
خەۋەرداردۇر ئەسرارىڭدىن بولالمايسەن نە خىلۋەتتە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96441
يازما سانى: 487
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5389
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 259 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 02:22:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم اللە  رەھمەت قىلسۇن ،ئەجىر ئاتا قىلسۇن ئىنشائاللاھ!

مەنپەئىتى يوق ئىلىم خۇددى «اللە» يولىدا سەرپ قىلىنمىغان بايلىققا ئوخشايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96441
يازما سانى: 487
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5389
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 259 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 02:31:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى تېما يوللاپسىز قېرىندىشىم ،بۇ تېمىنى ئوقۇپ تەگسىز خىياللارغا چۆكۇپ بىر ھازا ئولتۇرۇپ كەتتىم .مەندە قايسى ئالامەتلەر باردۇر دەپ ،
اللە  ساقلىسۇن گۇناھكار ھالەتتە ئۆلۇپ كېتىشتىن ....
توۋا مەنمۇ ئۆلۇكتىن پەقەتلا قورقمايمەن دىسە ،مەن ھەممىمىز ھامان اللە نىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز  بۇ ئۆلۇم بىزگىمۇ بار دەپ ئويلايدىكەنمەن
«قۇالۇۋ ئىننە لىللەھى ۋە ئىننە ئىلەيھى راجىئۇن»دىگەن ئايەتنى ئوقۇيمەن

مەنپەئىتى يوق ئىلىم خۇددى «اللە» يولىدا سەرپ قىلىنمىغان بايلىققا ئوخشايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96441
يازما سانى: 487
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5389
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 259 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 02:32:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆلۇكتىن قورىقماسلىقمۇ ئىماننىڭ سۇسلاشقانلىقىنىڭ ئالامىتىمۇ ؟

مەنپەئىتى يوق ئىلىم خۇددى «اللە» يولىدا سەرپ قىلىنمىغان بايلىققا ئوخشايدۇ.

شېۋىتسارىيە OMEGA قول سائىتى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86619
يازما سانى: 1171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2570
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 836 سائەت
تىزىم: 2012-10-30
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 04:24:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى  تېما ئىكەن سىزگە  اللا رەھمەت قىلسۇن. قېرىندىشىم.
مەن بۇرۇن گۇناھ ئىشلارنى قىلىپ سالساممۇ تۆبە قىلىپ اللا دىن گۇناھىمنى كەچۈرۋېتىشىنى تىلىمەپتىكەنمەن ھازىر نەچچە ئاي بولدى دىنغا بۇرۇنقىدىن بەكرەك چوڭقۇرلاپ كىردىم  ۋە بۇرۇنقى گۇناھلىرىمنىڭ بىلىپ بىلمەي قىلىپ سالغان گۇناھلىرىمنى اللا نىڭ كەچۈرۋېتىشىنى تىلەپ دۇئا قىلدىم .مەن ئادەتتە يامان ئىشلارنى قىلمايمەن شۇ كۆنۈپ قالغان بىرلا يامان ئىش بار.ئۇ ئىشنى نەچچە قېتىم تاشلاپ قەسەممۇ قىلغان.لېكىن يەنىلا تاشلىيالمىدىم.نەچچە قېتىم قاتتىق بەل باغلاپ قىلماسلىققا تىرىشتىم.يەنىلا قىلىپ سالدىم مەن ئۇ ئىشتىن ئۆزۈمنى بەك قاچۇردۇم  پەقەت بىر قېتىملا توسۇيالىدىم. ھەي ئىنسان دېگەن بەك ئاجىزكەن.بۈگۈ ن روزا تۇتقانتىم.روزا تۇتقىنىم ئېسىمدە يوق قىلىپ ساپتىمەن قىپ بوغاندىكىن ئېسىمگە كەلدى.




مۇنبەرگە مۇشۇنداق ياخشى تېمىلارنى يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن .


- سائەت

ساڭا تار كەلمەيدىغان قەبرىلەرنى كىملەر قازسۇن؟ كۆمەيلى تارىخقا دېسەم پاتمايسەن.
                                    - مەھمەد ئاكىف ئەرسوي

شېۋىتسارىيە OMEGA قول سائىتى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86619
يازما سانى: 1171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2570
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 836 سائەت
تىزىم: 2012-10-30
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 04:52:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا مۇشۇنداق ياخشى تېمىغا ئېنكاس يازدىغانلار نېمانداق ئاز ھە!!
تېمىنىڭ ئىسمىنىڭ ئورنىغا    (( مۇھەببەت  ھېكايىلىرى شېئىرلىرى .  ئاۋۇ مانىڭ بىلەن توي قىلدى. ئۇ مانداق بۇلدى.   يېڭى كىيىم چىقتى.   يېڭى كىنو چىقتى. ماۋۇ ئەرتىس مانداق كىيىم كەيدى .))   دەپ بولغان بولسا كۆرۈلۈش قېتىم سانى نەچچە سائەتتىلا 1000 ھەتتا نەچچە 1000. بولۇپ كېتەتى.  ئىنكاسلارمۇ نەچچە بەت بولاتتى.




ھەي!!!!

ساڭا تار كەلمەيدىغان قەبرىلەرنى كىملەر قازسۇن؟ كۆمەيلى تارىخقا دېسەم پاتمايسەن.
                                    - مەھمەد ئاكىف ئەرسوي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 1036
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4169
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 407 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 04:56:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تىما ئەكەپسىز
مەنمۇ مۇشۇ  ئىشنى ئويلاۋاتقان ناماز ھەقىقەتەن قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ دەيمىز لېكىن شۇنداق قارايدىغان بولساق جەينامازدا شۇنداق خۇشۇئ خۇدۇ بىلەن نامازنى ئىخلاس بىلەن ئادا قىلۋاتقان كىشى جەينامازدىن چۈشسىلا باشقىچە بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالدكەن بۇنى نىمە دەپ چۈشىنسەك بولا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83992
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3928
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1793 سائەت
تىزىم: 2012-8-16
ئاخىرقى: 2014-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 07:02:33 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alenur يوللىغان ۋاقتى  2013-10-5 04:56 PM
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تى ...

مىنىڭ ھىس قىلغىنىم بىزنىڭ پەرزەت تەربىيلەش ئۇسۇلىمىزدا چوڭ خاتالىق با دەپ قارايمەن.
مەسىلەن: بىز نامازنىڭ ئەھمىتىتىنى توغرا تۇنۇماستىن ناماز ئوقۇشنى ئۆگۈنىمىز.يەنە كۆپىنچىلىرىمىز قۇرئان دىگەن نىمە؟ دىگەننى ئۆگەنمەي، قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگەندۇق. بىز ئاۋال «رەب»نىڭ مەنىسىنى، ئىبادەتنىڭ مەنىسىنى توغراچۈشەنمەسلىك بىلەن ئۆزىمىزنى ئاللاقاچان مۇسۇلمان بوپكەتتۇق دەپ تۇنىۋالىدىكەنم شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ قەلبىمىزدە نىفاق ساقلىنىپ قالىدىكەن. بۇ خېلى شۇنىڭ بىلەن بىردەم اللەھقا بويسۇنساق، بىردەم شەيتانغا بويسىنىمىز.
ئىگىمىز اللە بىزنى قايسى ئىشتىن ئەڭ توسقان ئىدى؟ جاۋاپ «شىرىك» سەمۇد،ئاد، نۇھ قەۋمى نىمە ئۈچۈن ھالەك بولدى. يەھۇدى ناسارالار قانداق بولدى؟

ئالدىڭغا شۇنداق بىر ئېغىر سىناقلار كەلسە، سەن ھەرگىز بوشىشىپ قالمىغىن. چۈنكى بۇ سىناق سەن ئۈچۈن پىلسىرات كۆۋرىكىنىڭ يول خېتىدۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش