مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2504|ئىنكاس: 17

ھازىركۈلەمسىز ئەتىمۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91357
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 889
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 132 سائەت
تىزىم: 2013-2-8
ئاخىرقى: 2013-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 12:58:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

    باشقا شەھەرلىك بىرسى قەشقەرنىڭ گىلەم بازىرىنى ئارىلاپ قاپتۇ. ئۇ بىر گىلەمنى كۆرۈپ ئۇنىڭ زاۋۇت گىلىمى ياكى قولدا توقۇلغان گىلەم ئىكەنلىگىنى سورىماقچى بولۇپ دەپتۇ:
- بۇ تۇقىغان گىلەممۇ يا ...
- ياق، قۇيغان گىلەم، دەپتۇ گىلەم ساتقۇچى خوجايىن تۇمشۇقىنى ئۆرۈپ.
ئۇ ئادەم( خېرىدار ) يەنە دېمىنى ئىچىگە يۇتۇپ گىلەمنىڭ باھاسىنى سوراپتۇ:
-قانچە پۇل بۇ گىلەم؟
-600 كوي.
- 300 كويغا بېرەملا؟  
-ماۋەگە كەسىلە ئۇكام ، ئى يولدىن ئوڭغا بۇرۇلۇپ شۇندا ئۆتسىلە بورا بازىرى بار، شۇ يەرگە بېرىپ باقسىلا، دەپتۇ گىلەمچى خوجايىن خېرىدارنىڭ قولىدىن يىتىلەپ يولنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.


بىرسى ماشىنىسىنى ھەيدەپ قىزىل چىراققا كەلگەندە توختاپ ، ئۆزىچە ماي تېجەي جۇمۇ دەپ ماتورنى ئۆچۈرىۋېتىپتۇ. يېشىل چىراق يېنىشىغا ئوت ئالدۇرسا ، قېرىشقاندەك ماشىنا ئوت ئالماپتۇ. قىزىل ،سېرىق ،يېشىل چىراقلار ئالمىشىۋېرىپتۇ. بۇنى كۆرگەن قەشقەلىق قاتناش ساقچىسى ماشىنىنىڭ يېنىغا كېلىپ :«ھاجېېېېېم، قايدا چىراق يانسا ماڭىتىلە؟» - دېگىدەك.

   ئىككى قەشقەرلىق ئۈرۈمچىدە «جام» دىگەن ئاشخانىغا كىرىپ ، ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن ئازىراق بۇرۇتۇپ، تاماقنى يەپ بولۇپ: «قانچە پۇل بولدى؟» دىسە، پوكەيدىكى پۇل يىققۇچى:«220 كوي »دىيىشىگە ، يانچۇقىنى كولىغان بىرسى كەينىگە بىر قارىۋىتىپ:«بىز يىگەن تاماقنىڭ پۇلىمۇ يا ئاشخانىدىكى ھەممە ئادەم يىگەن تاماقنىڭ پۇلىمۇ؟» -دىگىدەك.
   
   بىرئاداش تاماقنى يەپ بولۇپ ئاشخانىنىڭ ئالدىدىكى توختۇتۇپ قويغان بىرسىنىڭ ۋەلسپىتىگە ئولتۇرۇپ بىر تال تاماكىنى ئەمدى تۇتاشتۇرىشىغا ۋەلسىپىتنىڭ ئېگىسى كىلىپ:« ئولتۇراپ بوللىما~~، يەنە پىشكى ئولتۇرۇۋالاملىيا؟» - دەپتىكەن ، ھېلىقى ئاداش ئورنىدىن دەرھال تۇرۇپ: «باشقىغۇ ئىش يوقتى، ئۇبۇرنا نەدىدۇ دەپ ئويلاپ، ئولتۇراپ قاپتىمەن» - دەپتىكەن ، ۋەلسىپىتنىڭ ئېگىسى :«ماڭ قايلىسىلا، ئېۋۇ دوقمۇشتىن ئۈتۈپ باغۇ، ئوڭغا قىيسىلا تۈز يول بار، شۇ يولنى بويلاپ، مېڭىۋەسىلە بۇنىلىرىغا پۇرايدا~، شۇ يەر شۇ » - دىگىدەك.

  قەشقەردىكى بىر مېھمانخانىنىڭ ئالدىدا ماشىنىلار قاتار قاتار قويۇلغان ئىكەن .
بىر پاسات ماركىلىق ماشىنىنىڭ ئىگىسى ماشىنىنى قوزغىتاي دېسە ئالدىدا سەل كونىراق سېرىق رەڭلىك ئاددى ماشىنا باركەن شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماشىنا دېرىزىسىدىن بېشىنى چىقىرىپ توۋلاپتۇ :
-ھېيي ، ما سېرىق چۇخەي چىمنىڭ!؟
مىھمانساراي ئىچىدىن تەمبەل سېمىز بىر ئادەم چىقىپ: «ھە، گەپ بامىدى؟» دېيىشىگە:
ـ ھە،غوجام بۇ سانتانا سىلنىڭمىدى؟ خاپومماي پېچكە قوزغاپ بەرگەن بولسىلىرى، دېگىدەك.

    تۆت بۇرادەر قەشقەردە بىر ئاشخانىغا كىرىپتۇ. تاماقنى يەپ بولۇپ، پۇل تۆلەشنى ئۇنتۇپ قېلىپ ئاشخانىدىن سىرتقا مېڭىشىغا ،تاڭجاڭ قوپۇپ ئەڭ ئاخىرىدا قالغان بىرىگە:
- ھاجېېېېېېم، ماۋۇ ئاشقان پۇلنى چىمگە قايتۇرىمەن؟ - دەپتىكەن، شۇئان ئۇلارنىڭ ئېسىگە تاماقنىڭ پۇلىنى تېخى تۆلىمىگەنلىگى كەپتۇ.

قەشقەردە بىر ئاشخانىنىڭ ئالدىدا كونا بىر شىيالى ماشىنا توختىتىلغان ئىكەن. تاڭجاڭ بۇنى كۆرۈپ يۈگرەپ چىقىپ ماششىنىغا بىرنى تىپىۋىتىپ :
- ما ئەسكى داس چىمنىڭ؟- دەپ ۋاقىراپتۇ. ماشىنىدىن ساقاللىق،تەمبەل بىرسى چۈشۈپتۇ. تاڭجاڭ دىگۈدەك:
- ئوتقاشتەك سانتانا ئۆزلىرىنىڭمىتى؟
     
   بازارغا چاپان ئالغىلى چىقىپ بىر چاپاننى ناھايىتى تەستە سودىلىشىپ ئالدىم. ئۆزەم دىگەن باھادىن بىر سىنىتمۇ ئۆرلىمىدىم. سودىگەرمۇ ئاخىرى شۇ باھاغا بەردى. چاپاننى سېتىپ بولۇپ ماڭىدىغان ۋاقتىمدا دىمەسمۇ: - ئۇكام، سىلى خەتنىلىرىنىمۇ ئۆزلىرى قىلغانما؟- ئۇ چاغدا نىمە دىيىشىمنى ئۇقماپتىمەن. ئاپتۇبۇسقا چىقىپ بولغاندا بۇ گەپ ئىچىمگە ئۆتۈپ كەتتى. شۇ گەپنىڭ دەردىدە كىچىچە ئۇخلىيالمىدىم.

  بىر كۈنى بىرەيلەن تاماق يېگىلى بىر ئاشپۇزۇلغا كېرىپ خېلى ساقلىسىمۇ چاي بەرمەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن توۋلاپتۇ: « ئۇستووووم! ما ئاشخانىلىرىدىن ئېغىز نەمدىگىدەك سۇ تېپىلارما؟؟؟»

ئۈرۈمچىدە بىر ئاشخانىدا تاماق يەپ چىققان بىرى پۇل تۆلەۋېتىپ: «بۈگەن سەيماچاڭ(بەيگە مەيدانى)غا چىقامماپسىلە- ھە!؟» دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭقىرىپ بولالماي ھاڭۋېقىپ قالغان خوجايىننىڭ يېنىدىكى بىرسى بۇ گەپنى «تەرجىمە»قىلىپ: «ھەي، ھەي، ئاۋۇلار قەشقەرلىقكەن، قورۇماڭدا گۆش دىدارى يوق، دېگەن گەپ ئاۋۇ» دېيىشىگە، خوجايىننىڭ كاللىسى «تىرىڭ» قىلىپ يىشۇنىڭكىدەك يورۇپ كېتىپتۇ

   ئەتىگەندە شەھەرنىڭ سەي-كۆكتاتلارنى توپ تارقىتىدىغان بىر بازىرى بولىدىغان، بىر كۈنى ئەتىگەندە بىر 20 ياشلار چامىسىدىكى يىگىت ئويدىكى نەزرە-چىراققا ئىشلىتىدىغان سەي-كۆكتات ئالغىلى بازارغا بىرىپ، بىر ئوتتۇرا ياش بىر ئايالنىڭ كۆكتات يايمىسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ سوراپتۇ:  
-شوخلا قانچە پۇل؟
- xx كوي.
- لازا قانچە پۇل؟
- xx كوي...
- بەسەيچۇ؟
- xx كوي xx مو
يىگىت كۆڭلىدە باشقا يەرلەردىنمۇ سوراپ بېقىپ ئاندىن ئالمايمەنمۇ، دەپ ئويلاپ شۇنداق مىڭىشىغا،  ھىلىقى كۆكتاتچى ئايال سورىغۇدەك:
- ئۇكام، ئاچىلىرى ئەتتىگەندە بازارغا چىقىپ سەينىڭ باھاسىنى سوراپ چىي دىگەنمىتى؟  

تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتا ئوقۇيدىغان چېغىمىزدا ، بىز بىر قانچە بۇرادەرلەر داۋاملىق بالىلار باغچىسىنىڭ يېىنىغىراق توغرا كېلىدىغان «دولان تېز تاماقخانىسى» دا تاماق يەيتۇق، بۇ ئاشخانىنىڭ تائاملىرى ياخشى بولغىنى سەۋەبلىك ، بۇ يەرگە كېلىپ غىزالىنىدىغانلار  كۆپ ئىدى. بولۇپمۇ چىڭقى چۈشتە ئورۇن ساقلاش دائىمىي ئىشلار ئىدى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىز بىر قانچەيلەن بۇ تاماقخانىغا كىرىپ كەلدۇق ، ئادەم ناھايىتى كۆپ ، بوش ئورۇن يوق ئىدى . بىز ئامالسىز ئىشىك ئالدىدا بىر ئاز تۇرۇپ قالدۇق. قارىسام يېقىنلا جايدىكى 4 مېھمان ( چىرايىدىن ھاكۇۋۇرلىقى چىقىپ تۇرىدىغان ستۇدېنت خېنىملا ) تاماقلىرىنى يەپ بولۇپ ، ھوزۇر بىلەن چاي ئىچىشىپ ئولتۇرۇپتۇ ... قارىسام بىر - ئىككى پىيالىدىن چاينى بىكارلاپمۇ ھېچ ئورنىلىرىدىن تۇرىشىدىغاندەك ئەمەس ... شۇنىڭ بىلەن تاقەت قىلالماي:
-- ئۇستوووووووووم ! ما مېھمانلارغا دا  قىپ بەرسەك بوپتىكەن ، تاماق يەپ بولغان ئوخشايدۇ ، دىيىشىمگە تاراق-تۇرۇق ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ بىزگە ئالىيىپ قويۇشۇپ چىقىپ كەتتى.

     بىر ئاغىنەم بولىدىغان قىززىقچى، بالىسى سەل ياۋاشراق بالا ئىدى. بىر كۈنى پاراڭلىشىپ ئولتۇرساق، بالىسى سىرتتىن يىغلاپ كىرىپ كەلدى:
- نىمە بولدۇڭ؟*
- تۇراخۇنكامنىڭ بالىسى تىللاۋاتىدۇ.
- ھەي بالام، شۇنىڭغىمۇ يىغلامسەن؟ سىنىڭ ئاغزىڭنى ئىشىك قىسىۋالمىغاندىكىن سەنمۇ تىللىساڭ بولمامدۇ؟
بۇ گەپنى ئاڭلاپ بەكلا كۈلۈپ كەتتىم.

   خالمۇرات ئۆمەرنىڭ قەشقەرگە بارغان كۈنلىرى تاماق يەي دەپ مۇقام تاماقخانىسغا كىرىپ تاماق بۇيرىتاي دەپ تۇرسا تاڭجاڭ كىلىپ: «نىمە تاماق يەيلا ئەيساجووووون» دېسە، «قارا ماۋۇ گۇينىڭ يامانلىقىنى، مېنى تونىۋاپسەندە»دەپتىكەن ، تاڭجاڭ: «ھېلغۇ سېلكەنلا ،بىر يىل بۇرۇن كىرگەن چىۋىننىمۇ تونىۋالمەن» دىگۈدەك .

   بىر كىشى قەشقەرگە بېرىپ ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۆرۈك يىگۈسى كېلىپ قاپتۇ -دە قاتار تىزىلىپ ئۆرۈك سېتىۋاتقان بىر قانچە ئۆرۈكچىلەرنىڭ يېنىغا كېلىپ بىرىنچى ئۆرۈكچىنىڭ ئۆرۈكىدىن بىر تال يەپ بېقىپ قانچە پۇل دەپتىكەن ئۆرۈكچى :بەش كوي دەپتۇ.
ھېلىقى ئادەم بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپلا مېڭىپ ئىككىنچى ئۆرۈكچىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭكىنىمۇ بىر تال يەپ باھاسىنى سوراپ بېقىپلا كېتىپ قاپتۇ.3-ئۆرۈكچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ بىر تال يەپ قانچە پۇل دىيىشىگە باياتىنقى ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرىۋاتقان ئۆرۈكچى باھاسىنىمۇ دىمەيلا:<<مۇشۇنداق يەپ ماڭسىلا ئى باشقا چىققۇچە ئۆرۈك ئالمايمۇ تويۇلا>>دەپتۇ .

   بىر كۇنى دۇستۇم بىلەن بىللە ناشتا قىللى دەپ بىر ئاشخانغا كىردۇق. بۇ ئاشخاننىڭ بۇلاق مانتىسى ئۇخشىغاچقا خىرىدارمۇ كۆپ ئىدى. بىر خىرىدار پول تۇلگەچ ئۇستامغا :  
   -ئۇستام بۇ مانتىنىڭ گۆشى نىمانداق ئاز؟؟دىيىشگىلا، ئۇستاممۇ:
     -بەش موچەنلىك مانتىنىڭ ئىچىدىن پاقلان مەرەپ چىقسا بۇلامتى ئەمسە؟؟دىگۈدەك  

"  بىز 4 بالا قوغۇن ئالماقچى بولۇپ <ئۆستەڭبويى> بازىرىغا چۈشۈپ ، بىر دىھقان ئادەمدىن 3چىلگە قوغۇن سىتىۋالدۇق . بىز بەكلا تۆۋەن باھا قويۇپ تۇرىۋالغاچ ، ئۇ ئادەم رەت قىلدى .شۇنىڭ بىلەن بىز چىلگىلەرنى قويۇپ مىڭىشىمىزغا ، ئۇ بىزنى چاقىرىپ < ماڭ قايلاڭلا ئۇكىلۇرۇم ، ئىلىڭلا بولدى ، ترەكتەك تۆۆۆت .ئوغابالا تۇرۇپ 2تال قۇغۇننى ئالامماي كەتمەڭلا يانا !!!! .....دىگەنىدى  

  بىر كۈنى خەلقئارا چوڭ بازارنىڭ ئالدىدا بىر دوستۇم بىلەن كېتىپ بارسام 6-7 ياشلار چامىسدىكى ئىككى مايلامچى بالا ئۇچراپ قالدى.  
-ئاكا ئاياغلىرىنى مايلىۋەتمەيلىما؟
-بولدى رەھمەت ئۇكام
-نەچچە پۇلغا مايلايسەن دېدى-، مېنىڭ دوستۇم قوپال تېگىپ
-ئاكا، بىژ كويغىلا مايلىۋىتەي (ئەسىلدىنلا بىر كويغۇ شۇ)
بىز بولدىلا مايلاتمايلى دەپ تۇرساق، بىر مايلامچى بالا يەنە بىر ھەمراھىغا:
-ئاداش، قارىسام ما ئاكىلرىم ياخشى ئادەمدەك قىلىدۇ. ىەش موچەنگە باي بولۇپ كەتمەيمىز، ئەتىگەنلىك بازادا ئىككىنى بىر كويغىلا مايلىۋەتمەمدۇق-يا؟ دەپ كۆزنىڭ قۇيرۇقىدا بىزگە قاراپ قويدى.
6-7 ياشلىق بالىلارمۇ بوش ئەمەسكەن.  


بىركۈنى ئۈرۈمچىدىن ئىككى خىزمەتداش قەشقەرگە خىزمەت بىلەن چۈشۈپتۇ، كەچ بولغاندا بازار ئايلىنىپ باقايلى دەپ ،ئۆستەڭبويىغا بىرىپ ، پالەك سېتىۋاتقان بىر ياشنىڭ ئالدىغا بىرىپ سوراپتۇ دە : پالەكنى قانداق ساتتىڭىز ؟  
-بىژكويغا 5باغدىن بەردىم.
-10باغدىن ئالمامدۇق؟دىيىشىگە.
-غوجوووم، تايىنلىق بىكاغىلا بەمەيما ...   

ئەتىسى ھىلىقى ئۈرۈمچىلىك يەنە كەچكە يىقىن بازار ئايلىنىپ ئۆستەڭبويىغا بىرىپ قاپتۇدە ،قارىسا بىر قېرى بوۋاي پالەك سىتىۋاتقان ، شۇنىڭ بىلەن ئويلاپتۇ دە ، قەشقەرلىكنىڭ ياشلىرىغۇ ئاشۇنداق سىسىق گەپ قىلىدىكەن، قىرىلىرىمۇ شۇنداق گەپ قىلامدىغاندۇ؟ دەپ بىر سوراپ باقماقچى بولۇپ :
-تاغا ، پالەكنى قانداق ساتتىڭىز؟  
-بىژكويغا 8دىن بەردىم بالام.
قارىسا بۇ بوۋاي خىلى ئەرزان سىتىۋاتقان ،شۇنىڭ بىلەن بىر باغ پالەكنى ئىلىپ ،ئۇيان ئۆرۈپ ،بۇيان چۆرۈپ سوراپتۇ دە: -تاغا بۇ پالەكنىڭ توپىسى باركەنغۇ؟
ھىلىقى بوۋاي سوراپتۇ دە : بالام سىلە قەشقەرلىك ئەمەس ئوخشىماملا ؟
-شۇنداق ،مەن ئۈرۈمچىدىن .
-سىلىنىڭ ئۈرۈمچىدە پالەكنى يەرگە تىرىماي،گىلەمگە تىرامدا؟؟

ئۆستەڭبويىدا دەككىسىنى يىگەن ھىلىقى ئۈرۈمچىلىك كادىر ،يەكشەنبە كۈنى يىڭى بازارغا چىقىپتۇ دە، شۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچىگە قۇرۇق كەتكۈچە ، بىرەر-ئىككى كىلو بادام ئالغاچ كىتەي دەپ ،بىر قۇرۇق يەل يىمىشچىنىڭ ئالدىغا بىرىپ سوراپتۇ:  
-ئۇستام بادامنى قانداق ساتتىڭىز؟
-ماۋۇ يەكەننىڭ يەرلىك بادىمى ، بادامنىڭ ئەڭ يامىنى مۇشۇ شۇ ،سىلە ئالسىلىرى كىلوسىنى 50كويغىلا بىرەي.
-ئۇستام ئەرزانراق بەرمەمسىز؟ مەن ئۈرۈمچىگە ئالغاچ كىتەي دىگەن، كىلوسىنى 40كويدىنلا ئالمايمۇ دىيىشىگە ،ھىلىقى باققال:
-غوجوووم ،سىلىنىڭ پۇللىرىنىڭ نەچچە تامغىسى بار؟؟؟؟

ئاتۇشنىڭ نۇمۇر تاختىسىنى ئاسقان بىر ماشىناقەشقەردە يولنىڭ ئوتتۇرسىدىكى سېرىق سىزىققا دەسسەپ ساپتۇ.
بۇنى كۆرگەن قاتناش ساقچىسى شوپۇردىن - قەشقەنىڭ سېرىق سىزقى ئاتۇشنىڭكىدىن تومراق ئوخشىمامدا ،دەسسەپباققىللىرى كەپتەھە؟ دىگۈدەك.

ئۆتكەندە قەشقەرگە قۇربان ھېيتنى سۈرەتكە ئالغىلى بارغاندا مۇنداق بىر ئىش يۈز بەرگەن راس شۇنىمۇ دەپ بېرەي.
شۇ ئىش يۈز بىرىشنىڭ ئالدىدا بىز قەشقەرلىكلە يامان سېسسىق گەپ قىلىدۇ سەل ئېھتىيات قىلىلى.دىيىشكەن ئىدۇق. ئەتىگەنلىك ناشتىغا بىزچۈشكەن مېھمانخانىغا يېقىنراق ھېيتگاھنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىر ئاشخانىغا كىردۇق، ئەتىگەندە باشقا تاماق يىمەيلى ،ئىككىدىن مانتا بىلەن بىر تەخسىدىن سەي يەيلى دېيشىپ ،شۇنى بۇيرۇدۇق،بىردەمدىن كىيىن مانتىنى ئەكەلدى ،ئۇنىڭ كەينىدىن سەينى كىچىگرەك چىنىدە قولىدا كۆتۈرۈپلا كەپتۇ،قارىساق چىنىنىڭ گىرۋېكىگە بارمىقىڭ ئىزى چىقىپ قاپتۇ.
بىزمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي-
    -خاپا بولماي قاچىنى تەخسىگە قويۇپ ئەككەلگەن بولسىڭىز،-دېيشىمىزگە ئىشىكنىڭ قېشىدا ئولتۇرغان خوجايىن
   - قايلىسا بەش موچەنلىك مانتىنى پەتنۇستا ئەككەپ بەسەك بولامتى ؟دىمەسما شۇنىڭ بىلەن گەپ قىلماي تاماق يىدۇق .


بىر ئاغىنەم بىلەن ئاياق ئالغىلى چىقتۇق،قولىغا ئىلىۋىلىپ سورىدى دە:«ئاكا قانچە پۇل بۇ؟»دىسە«200» دىۋىدى، ئاغىنەم ئۆرۈپ - چۆرۈپ تۇرۇپ كىتىپ:«100كويغا بەسىلە،ئىلىپ كىتەي» دىيىشىگە قەشقەرلىك ئۇستام دەيدىغۇ:«ئۇكام ،بىژ پېيىنىما؟»

بىر قېتىم ئاتۇشتا مۇنداق بىر ئىش بوپتۇ : جانابىي ئىسمائىل ئەھمەد رەئىس ئاتۇشقا كەلگەندە داڭلىق ئۆلىما رۇستەم قارىھاجىم ئۇنىڭغا بېغىنى كۆرسىتىپتۇ ، رەئىس : !  
- قارىھاجىم ، بۇ يىل ئەنجۈر بەك كۆپ تۇغۇپتۇ - ھە ؟؟ - دەپتۇ .
رۇستەم قارىھاجىم مۇنداق دەپتۇ :  
- ئەمدى ، ھە ، باشلىق ئالىيلىرى ، ئەنجۈرگە پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويمىغاندىن كېيىن ، كۆپ تۇغدى !! ( پىلانلىق تۇغۇت ئىسمائىل ئەھمەد دەۋرىدە يولغا قويۇلۇپتىكەن .

مەدەنىيەت ئىنقىلابىي مەزگىلىدە قەشقەر شەھرى ئەتراپىدىكى بىر يېزىدا بىر زالىم سېكرىتار (كەنت شۇجىسى) ئۆتكەنئىكەن. دائىم دېھقانلارنى قاخشىتىدىكەن. مەلۇم بىر كۈنى كەنت كىشىلىرىگە سياسەت تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن دېھقانلارنى چاقىرغىلى ئۆيمۇ ئۆي كەپتۇ ، ۋە يىغىنغا بارمىسا قاتتىق جازا قوللىنىدىغانلىقىنى دەپتۇ. شۇ ئارىدا بىر ئايال دېھقان دەپتۇ:
-ۋاي سېكرىتار ، سىلى كۈندە بۇنداق ئىتتەك قاۋاپ ، قۇلىقىمىزنى ئاغرىتقىچە ، ھەرەمگە بېرىپ ھەج قىلىپ كەسىلىرىمۇ بوپتىكەن.

بىر ئادەم يېڭى بازادا چويلا ئاماقچى بوپ بىر دۇكانغا كىرىپ چويلىنىڭ پۇلىنى سورىسا ئون كوي بەسىلە دەپتۇ،ئۇ ئادەم ياندىكى دۇكاننى كۆرەپ باقاي دەپ ماڭسا:
-غوجوم!!!ئىلىۋەسە!ئۇ يەدە چۆپىنى قوشاپ ساتمايدا.

ياز پەسلىدىمۇ، دۇككىنىدىن قىشلىق كىيىملەرنى ئايرىمايدىغان بىر تىجارەتچى بالا بولىدىغان، بىر كۈنى دۇككىنىنىڭ يېنىدا ئولتۇرسا ئىككى قىزچاق خۇرۇم پەلتۇلارغا قاراپ قويۇپ ئۆتۈپ كىتىۋاتسا، ھېلىقى بالا يېنىغا بېرىپ : مۇشۇ قىزچاقلارغا بىردىن ئىككى خۇرۇم ساتىمەنغۇ مانا دىسە، ھېلىقى قىزچاق: ۋىيەي ھازىر دىگەن ياز تۇسا خۇرۇم ئالامدا دىدى ، ھېلىقى بالا دەرھاللا جاۋاپ بېرىپ : ماڭ قايسسا خېنىم، ئا چۈمۈلىمۇ باغووو قىشنىڭ غېمىنى يازدا يەپ ئۇۋىسىغا تاماق توپلايدىكەن، ئىشەنمىسلىرى مەنمۇ قىشنىڭ غېمىنى يەپ ئۆيگە 2 توننا كۆمە چۈشۈرۈپ قويدوم ،،، دەپتى ھېلىقى قىزلا نىمە دىيىشىنى بىلمەي چۈشۈپ كىتىشتى .  

رەيھان ئابلىز رول ئالغان "ئانامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى " دىگەن كىنو ھەممىمىزنىڭ ئېسىدە بولسا كىرەك . فىلىم رىژىسورى شىرزات ياقۇپ قەشقەر بۇلاق بىشى كوچىسىنى فىلىم ئىلىش ئورنى قىلىپ بىكىتىپتۇ ، تۇنجى كۈنى بۇلاق بىشى كوچىسىدىكى يەككە تىجارەتچىلەر دۇكانلىرىنى ئىتىپ رىژىسورنىڭ قۇماندانلىقىغا بويسۇنۇپ دىگەندەك شۇنداق ياخشى ماسلىشىپتۇ ، بىر كۈن ئۆتۈپتۇ ، ئىككى كۈن ئۆتۈپتۇ ، ئۇلارمۇ تىجارەت قىلمىسا بولمايدۇ دە ، ئۈچىنجى كۈنى بىر ئادەمنىڭ شۇنداق ئاچچىغى كەپتۇ دە شىرزات ياقۇپقا :
- ماڭا قايلاشسا ، نىمە ئىش قىلىشۋاتىلا ؟
- كىنو ئىشلەۋەتقان.
- نىمە كىنوكەن ئۇ .
- ئانامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى دىگەن كىنو .
- ئانىسى ما كوچىدا تۇغۇلۇپتىكەنما ؟

ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە ساياھەتكە بارغان بىرەيلەن يىڭى بازاردا كىتىپ بارسا بىر باققال ۋاقىراپ تۇرۇپ قوغۇن تىلىپ سىتىۋاتقان ، قوغۇننىڭ يىڭى چىققان ۋاختى بولغاچقىمۇ ئۇ كىشىنىڭ يىگۈسى كەپ كىتىپتۇ .  
بىژ كوي بىژ كوي بىژ كوي بىژ كوي بىژ كوي  
يىقىن بىرىپ دەپتۇ : - بىر تىلىم پىچىۋىتە  
باققال قوغۇننى پىچىۋىتىپ دەپتۇ :- ما ئاكىمىز باشقا يەدىن كەلگەن ئوخشىمامدا  
- ھە ، ئۈرۈمچىدىن كەلدىم .
قوغۇننى يەپ بولۇپ بىژ كوي تەڭلەپتىكەن ، باققال دەپتۇ :- بىژ تىلىمى ئىككى كوي .
- بايا بىر كوي دەۋاتمامتىڭ .
- سىلىگە ئىككى كويلۇق پىچىپ بەدىم .
- نەدە ، ئوخشاش پىچتىڭغۇ .
- ئىككى كويلۇق پىچتىم دەيمەن ، سىلنىڭ مۇشۇ سۆلەتلىرىگە بىژ كويلۇق پىچقىلى بولامدا ؟
بەمەي دىسە تىخى ، ئامالسىز ئىككى كوي بىرىپ كىتىپ قاپتۇ .

ياتاقدىشىم بىلەن مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا چىقىپ قوغۇن سىتىۋاتقان باققالنى كۆرۈپ مىنىڭمۇ قوغۇن يىگۈم كەپ قالدى . بىر توپ خەنزۇ ئوقۇزۇچىلار ئورىۋاپتىكەن قىتىلىپ يۈرۈپ سورۇدۇم :  
   - ئاكا قانداق ساتتۇق قوغۇننى .
- تاللىۋىلىڭلا ، بىرسى ئىككى كوي ئۇكام .
- بىزمۇ مۇشۇ باھادا ئالامدۇق .
- ھە بولدى ، ئىككىنى ئۈچ كويغا ئەكىتىڭلا .
ئىككىنى تاللاپ پۇلىنىمۇ بىرىپ بولۇپ باشقىلارنىڭ تىتىپ بىقىشى ئۈچۈن پاچىلاپ قويغان قوغۇنغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى .
- ھەي ئاكا ، ئېنىڭدىن بىژ تىلىم پىچىۋەتسە ، تىتىپ باقاي ، تەمى قانداقراق .
- قوغۇندا سو يوق جۇما ئۇكام ، مەكتىپىڭلىغا ئىچىرىپ خاتىرجەم يەڭلا .
- شۇنداق بوسىمۇ ، پىچسىلا  بىژ تىلىم.
شۇندا يىسەم پەقەت تەمى يوق ، ۋاشاڭغا قالغان قوغۇنكەندە بۇ ..
- ھەي ئاكا ھوي ، نىماداق تەمى يوق قوغۇن بۇ .
- ئۇكاموي ، ناۋاتتا چاي دەملەپ ئىچىپ چىققان ئوخشىماملا ؟


بىزنىڭ قورادا دىلشاد دېگەن ئادەم بولىدىغان ،قەشقەردە قايتا تەربىيە ئالغان، شۇ ئادەم بىركۈنى ئۆز ئۆيىگە تېلىفون قىلىپ قەستەن قەشقەر شېۋىسىدە سۆزلەيدىكەن:  
ۋەي، تېژلىقما؟ دىلشاد بامۇيا؟
ئايالى تېلىفوننى ئېلىپ ، ئۆز ئېرىنى تونۇيالماي قالىدىكەن:
ياق دىلشاد يوق، سىز كىم بولىسىز؟
مەن ئاغىنىسى، ئۆزىڭىزچۇ ؟ ئۆزىڭىز چىم بولىسىز؟
مەن ئايالى بولىمەن.
ھە.... شۇنداما؟ قايسى ئايالى ؟  
ۋۇ بېشىڭنى يەيدىغان! قانچە ئايالى بار ئىدى؟

بىر كۈنى تاغام قەشقەرنىڭ كوچىلىرىدا ئارىلاپ كېتىۋېتىپ بىر تۇماق دۇكىنىغا كىرىپتۇ دە تۇماق سېتىۋالماقچى بولۇپ قوزۇقتىكى بىر تۇماقنى ئېلىپ كىيىپ بېقىپ ئەينەككە قاراپ دۇكاندارغا دەپتۇ : "
- ئۇستام ، ماۋۇ تۇماق ياراشتىما؟"  
شۇنىڭ بىلەن تۇماقچى تاغامغا قاراپ كېتىپ ...
- ھاجىييييييييييم ،ماڭا قايلىسىلا ...ئاۋۇ قوزۇققا ياراشقان تۇماق سىلىگە ياراشماسما ؟!  دەپتۇدەك .

ما ئىككى ئادەم قەشقەردە بىر دوغچى دۇكىنىغا كىرىپ بىر كويلۇق دوغ ئېلىپ ئىچىپ ئولتۇرۇپتۇ . دۇكاندىكى لۇشاڭ بەك قىزىپ كەتكەنمۇ قانداق ئىككىيلەن بىر كويلۇق دوغنى ئۇيان - بۇيان قىلىپ ئولتۇرۇۋېرىپتۇ .كىنو تۈگىشىگە ماڭايلى دەپ تۇرۇشىغا دوغچى دەپتۇ :   
- غوجام .... يەنە بىردەم ئولتاماملا ...ئاخىرىدا << تۈگىدى >> دەپ خېتى چىقىتى ئەمەسما ؟!


بىر ئادەم قەشقەردىكى بىر دۇكانغا پول سېتىۋالماقچى بولۇپ كىرىپتۇ ۋە بىر پولنى كۆرۈپ سوراپتۇ :
-ئۇستام ، ما پولغا چاي ، سۇ دېگەندەك نەرسىلەر تۆكۈلۈپ كەتسە قېيىپ قالمايدىغاندۇ ؟
دۇكاندار :
-خاتىرجەم بولسىلا دەيمەن ، قېيىپ قالمايدۇ ...ھەراست سورىۋالاي ، سىلى ما پولنى كۆلگە سالاملا ئۆيگىمۇ ؟
11
ئۇيغۇر تۇرۇپ پىچاق ئاسمىسام قانداق بولىدۇ دەپ ۋىجدانىم ئۆركەشلەپ ،پىچاق ئېلىش ئۈچۈن پىچاق ساتىدىغان دۇككانغا كىردىم.- -كۆسە ئۇكام ،كۆسە ...
بىرنى تاللاپ بولغاندىن كىين سورىدۇم.ما پىچاق نەچچە پۇل؟
-xx كوي.
-غىلىپى باردۇ-ھە
-بوممامدىغان، مانا كۆسە.
شۇنداق قىلىپ بىرمۇنچە غىلاپلار ئارىسىدىن تاللاپ يۈرۈپ مۇۋاپىق كېلىدىغاندىن بىرنى تاللىدىم.پىچاقنى غىلاپلا سېلىپ،باھاسىنى سۆزلىشىپ ئېلىپ ماڭىدىغاندا سورىدى ، غىلاپنىمۇ ئالامتىلى ؟ غىلاپلا 5 كوي بەسىلە ...!  
-بايا 'غىلىپى بار دەۋاتقانتىلىرغۇ ؟ ئايرىم پۇل تۆلەيمەنما ؟ (غېلىپىنىمۇ قوشۇپ بېرىدۇ،دىيىشكەن باھا غىلاپنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دەپ ئويلغان كالۋادە مەن ... )
- نېمە دەيدىغاندۇ ما ئۇكام، ئى شاڭچاڭغا چىرىپ كەش ئالسىلىرىمۇ پايپاقنى قوشۇپ بەمەيدۇ سىلىگە.  


   مىنىڭ بىژ خوشنام بولىدىغان بىژ كۈنى بازار چۆگىلەۋېتىپ بىژ بېلىقچىنىڭ ئالدىغا كىلىپ بېلىقنى قانداق ساتتىلا دەپ سوراپتىكەن، ئوتتراپ قوپاپ ساتتىم، دەپتىكەن، خوشنام تۇرۇپ كىتىپ ، نەچچە پۇلدىن ساتتىلا دەپ سوراپتىكەن،5كوي ساتتىم دەپتۇ، 2كويدىن بەمەملا دىسە ، بېلىقچى تۇرۇپ كىتىپ ماڭا قايلىسا 2كويلىرغا كۆلدىن تۇتۇپ يېسىلە جۇما دىگىدەك.

  بىر كۇنى كوچا ئاپتۇزىغا بىر دوستۇم بىلەن چىقسام بىرسى دوستۇمنىڭ دولىسغا بىر قولىنى قويىۋالدى ، بىر ئۇزۇنغىچە قويىۋەتمىدىدە دوستۇم سەل ئاچچىقلىغاندەك قىلىپ : ما دولام بەك تىلىپ كەتتى ،ئەمدى قوللىرنى ما دولامغا قويىۋالسىلا . دىمەسمۇ .

ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن بىر ئىشنى دەپ بىرەي:
ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان كۈنلىرىمىزتى. بىژ كۈنى قىلىدىغانغا ئىش يوق بى سەيپۇڭ ئاغىنەمنىڭكىگە چىرىپ پاراڭلىشىپ ئولتاسام بىژ چوكان چىرىپ:
ئۇستااااام، مىنىڭ ئىشتىنىم پۈتتىمۇ يا ؟
ئاز قالدى،بىژدەم ئوتتىراپ تۇماملا خېنىم.
چاققانراق بوسىلا ئەمسە، لۆمشىپ ئوتتىراۋەمەي،مىنىڭ يانا ئىشىم بار..  
ماقا ھازىرلا بولىدا،دەپ ئاغىنەم بىژدەمدە ئىشتاننى پۈتتۈرۈپ بوپ :
كۆرەپ باقاملا خېنىم دىۋىدى ،ھېلىقى چوكان ئۇيان-بۇيان ئۆرۈپ بېقىپ ،
بۇلاپتا،دەزمال ساممىسىلا قاندا كىيىمەن؟دىدى.
شۇ چاغلاردا چوغ دەزمىلى (ئوتنىڭ چوغىدا قىزىتىپ سالىدىغان دەزمال) ئىشلىتەتتى ،ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇكۈنى چوغ دەزمىلىغا چوغ سالماپتىكەن بۇ ئاغىنەم ،ئو ئەمدى بۇ ئاغنەم نىمە دە بۇ چوكانغا دەپ قاراپ تۇرسام  
ئاغىنىمىز چوغ دەزمىلىنى ئېلىپ ئىشتاننى ئۇيان-بۇيانغا ئۆرۈپ چوغى يوق دەزمالدا دەزمال سېلىۋىتىپ بولدىما دىگەنتى ،ھېلىقى چوكان :
ھە ئەمدى بولدى،ئىشتان دىگەننى ماندا دەزمىلى بىلەن كىيىدۇ دەپ چىقىپ كەتتى. ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە قاراپ تازا كۈلۈپتۇق.  

قەشقەرلىك ئۇرۇمچىگە كىلىپ بىر ئاشخانىغا تاماق يىگىلى كىرىپ تاماق بۇيرۇتۇپتۇ.
تاماق سەل-پەل تۇزلۇق بولۇپ قالغان چىغى ھىلىقى قەشقەرلىق:-
ئۇستۇۇۇۇۇم -ئاشخانلىرىدا تۇز بامۇ يا ؟
خوجايىن تاماق تۇزسىز بولۇپ قالغان چىغى دەپ ئويلاپ تۇز بار بار دەپتۇ.   
قەشقەرلىق- مەن تىخى تۇزنىڭ ھەممىنى مىنىڭ ئىشىمغا سىلىۋەتكەنمىكىن دەپتىمەن دىگۇدەك.)  





بىر كۇنى بىر ئادەم قەشقەرنىڭ تازا ئاۋات بازىرىغا كىرىپ ئايلىنىپتۇ، دۇكان ئارىلاپ كېتىۋېتىپ چىرايلىق ئاياققا كۆزى چۈشۈپ قاپتۇ.
--خوجايىن ئاياق نەچچە پۇل ؟ دەپ سوراپتۇ.
--150 سومغا بېرىۋېتەي ئالسىلا غوجام دەپتۇ.
-- 50 سومغا بېرەملا ؟
خوجايىن يېنىدىكى مال كۆرۈپ تۇرغان ئادەمگە:
--ۋاي غوجام ما ئادەمگە دەپ قويسىلا، ئۆزىنىڭ ئايىقىنى كىيىپ يولىغا مېڭىۋەرسۇن!- دەپتۇ.

17
بىز تەييارلىق ئوقۇۋاتقاندا ئۆزى تاماكا ئالماي ئانچە- مۇنچە باشقىلاردىن سوراپ چېكىپ قويىدىغان بىر بالا بولىدىغان . بىركۈنى ئۇ بىزنىڭ ياتاققا تاماكا سوراپ نەچچە قېتىم كىردى ،شۇنىڭ بىلەن قەشقەرلىك ياتاقدىشىمىز يېنىدىن تاماكىسىنى چىقىرىپ قېپى بىلەنلا ئۇنىڭغا تۇتقۇزۇپ: ماڭا قايلاڭلا ئاداش ، سىلىگىمۇ دۇكان ئايرىپ بېرىدىغان چاغ بولدى ئەمدى ،-دېگەنتى . شۇنڭدىن كېيىن ئۇمۇ كەسپىي بەڭگىلەر قاتارىغا ئۆتۈپ كەتكەن .



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90866
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 911
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 254 سائەت
تىزىم: 2013-1-30
ئاخىرقى: 2013-11-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 12:52:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تازا بىر كۇلۇۋالدىم .رەھمەت.

غەيرەت قىل!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4599
يازما سانى: 495
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10374
تۆھپە نۇمۇرى: 891
توردا: 2448 سائەت
تىزىم: 2010-7-23
ئاخىرقى: 2013-10-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 02:45:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەق مەيداندا

http://user.qzone.qq.com/275899228/infocenter

ھەممىڭلارغا تىن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1761
يازما سانى: 513
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10986
تۆھپە نۇمۇرى: 460
توردا: 7416 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-11-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 02:54:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ نەچچىنى كۇلىۋەتتىم .

ئالتۇن ئەزا

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88446
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 353
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2012-12-11
ئاخىرقى: 2013-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 02:55:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۈگۈنلا كۈلۋەتتىم

ئېسىڭدە بولسۇن جېنىم قەلبىمنىڭ ئىشىكىنى چەكسەڭ مەيلى،
                                      لېكىن ئېھتىيات قىل غورۇرۇمنىڭ دەرىزىسىنى چېكىپ سالما ..................... ! ! !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96863
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 502
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 190 سائەت
تىزىم: 2013-8-9
ئاخىرقى: 2013-11-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 03:14:29 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر كۇنى دۇستۇم بىلەن بىلەن قەشقەر دۇستلۇق سودا - ساريىغا كىرىپ چاپان كۆرۇپ بىر چاپاننى كىيىپ باقساق سەل كىچىڭ دۇكانچىدىن ئاكا ماۋۇ چاپاننىڭ چوڭراقى بارمۇدۇ دىسەك  ئۇكام سىللە چاپان ئالامسىلە پەلتۇمۇ دىمەسمۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78756
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5393
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 186 سائەت
تىزىم: 2012-4-13
ئاخىرقى: 2013-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 04:21:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  2000 -يىلى قەشقەرگە بارغىنىمدا شەپكەكىيىش مودىكەن،مەنمۇ بىرنى ئېلىپ كىيەي دەپ شەپكە ساتىدىغان دۇككانغا كىردىم،ۋە ئېسىقلىق شەپكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ :ئاشەپكىنى قانداق ساتتىلادىسەم.
خوجايىن ئورنىدىن مۇ تۇرماي تۇرۇپ:ئاشتا ئېسىپ قويۇپ ساتتىم دەپ ئۇزۇتۇپ قويدى.....ھەي!

تېخى ئوماق بالىمەن!!!!!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9646
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14056
تۆھپە نۇمۇرى: 2147
توردا: 2912 سائەت
تىزىم: 2010-9-8
ئاخىرقى: 2013-10-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 05:17:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭا قايلاشسىلا ، ئېش گەپكە ژۇتتۇق كالاچتەك ھېڭگىيىپ كىتىشلىما

تېخى ئوماق بالىمەن!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26699
يازما سانى: 401
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6504
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 714 سائەت
تىزىم: 2011-1-18
ئاخىرقى: 2013-10-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 06:23:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۈگۈن ئوقۇپ ،ئەتە كۈلىمەن

ئوت بىلەن ئويناشماڭ ،قىز

ياشا ھەم يەشاشقا يول قوي

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29728
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2011-2-9
ئاخىرقى: 2013-11-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 07:31:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ  بۇگۇن ئوقۇپ كينچە ئسمگە كىپ قالسا  كۇلۇپ قوياي  ھە؟
  
چاخچاق جۇمۇ  ئەجرڭىزگە رەخمەت

ئادەم ياشاش ئۇچۇن ئۆلۇشى كىرەكمۇ؟ياكى ئۆلۇش ئۇچۇنلا ياششى كىرەكمۇ؟
ئبادەت ئەسلى خەلىق ئۇچۇن خىزمەت قىلىش مەسچىت جەينامازدا ئەمەستۇر بۇ ئىش
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش